ئادەتتىكى ئەزا
دادامنى ئەسلەپ … مەمەت ئابلا «قۇملۇق»
ئۆينى دەپ جان دادام غەملەرگە پاتقان، قۇللىرى ئىتىزدا كەتمەندە قاتقان. بالام دەپ پاختىدىن جاي راسلاپ قۇيۇپ، سۇ ساقلاپ ئىتىزدا ئاقتامدا ياتقان. … … مىنى دەپ جان دادام ياسىغان باغنى، يۇتكىگەن ھەم ماڭا پۇتلاشقان تاغنى. غىمىم يۇق ھەر ئىشتا دادام بارغۇ دەپ، سىغىندىم شۇ سەبى بالىلىق چاغنى. … … دادامدىن ئۇگەنگەن ئاتقا مىنىشنى، يىقىلسام دەس تۇرۇپ ئۆزەم مىڭىشنى. قۇرۇقماس باتۇر بۇل ھالال ئىشلە دەپ. ئۇگەتكەن مۇشكۇلنى چىداپ يىڭىشنى. … … دادامدىن ئايرىلىپ باشلىرىم قاتتى، غەملەردە ئۇيقۇسىز تالاي تاڭ ئاتتى. دادامنىڭ ۋارىسى بۇلدۇمغۇ مانا، ئۆينى دەپ قۇللۇرۇم كەتمەندە قاتتى. … مەمەت ئابلا «قۇملۇق»2014.5.1
پاش قىلىش
تىرىشچان ئەزا
يىـڭى ئــەزا
ئاكتىپ ئەزا
tarimboyliri يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 12:34 AM بۇ شىئېر كىمنىڭ شىئېرى،ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ئاتىلار دى ...
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ