بىنۇمۇستىن ئەيلەيمەن ھەزەر
بىنۇمۇستىن ئەيلەيمەن ھەزەر،
پاتقىقىغا پاتمايمەن قەدەر.
ئۇ قوللاردىن ئىچكىچە شەربەت،
يالغۇز چۆلدە يۇتقايمەن زەھەر.
بىنۇمۇستا يوق ۋىجدان پەقەت،
ياخشىلارنى پۇتلايدۇ ھەر رەت.
يۈرسىمۇ گەر مەيدىسنى كىرىپ،
كۆرەلمەيدۇ ھەقنى بىر نۆۋەت.
بىنۇمۇستا بولسىلا ھوقۇق،
يانچۇقلىرى قالمايدۇ قۇرۇق.
ياشىرىپ كۆڭلى يايرار بۆلەكچە،
كۆرمىسىمۇ ھەردە ھەم يورۇق.
بىنۇمۇسقا قىلساڭ ياخشىلىق،
رۇسلانغىچە چىقرار مىڭ قىلىق.
چېقۋالغاندەك«دېھقاننى يىلان»،
ئاياپ قويماس سىنى قىلچىلىك.
مەنبە:ئىجادىيتىم
(چىمەنگۈل مۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چىمەنA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-1 09:12 PM