1.كەسپى مائارىپقا ئەھمىيەت بىرىش
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 O F; }- [2 u9 h* [ رايۇنىمىز شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ يىزا ئىگلىك ھەم قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغىللانغان تارىخى ئۇزۇن قەدىمى يۇرت. دۆلىتىمىز جۈملىدىن رايۇنىمىزنىڭ يىزا ئىگلىك تەرەقىياتىنى تىزلىشىشى بۇرۇنقى قالاق تېرىقچىلىق ئەندىزسىنى ئۆزگەرتىپ ماشىنلىشىش دەۋرىنى ياراتتى. ماشىنلىشىشنىڭ تەرەقىياتى يېزىلاردىكى كۆپلىگەن ئەمگەك كۈچنى ئازات قىلىپ ،ئۇلارغا سىرىتقا چىقىپ ئىشلەش ياكى ھۈنەر ئارقىلىق ئۆزى مۇستەقىل ئىگلىك تىكلەش شارائىتىنى ھازىرلاپ بەردى.شۇ ۋەجدىن ياشلارغا ھۈنەر-كەسىپ ئۆگىتىپ ئۆز ئىگلىكنى يارتىش ئىھتىياجى ئاشتى. ھۈنەر كەسپتىكلەر ئەتۋار بولۇپ كەتتى. بۇرۇن ئىككى قۇلۇمغا تايىنىپ قان-تەرىم بەدىلىگە پۇل تىپىپ ئائلەمدىكىلەرنى ياخشى كۈنگە ئىگە قىلىمەن دەيتۇق،لىكىن ھازىر پەقەت ئىككى قولغىلا تايانغان بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ،بىزيەنە ياراتقۇچىمىز بىزگە ئاتا قىلغان ،ساپ ئەقىلگە تولغان كالىمىزنى ئىشلىتىشىمىز لازىم.بولمىسا ئاخرەتتە ئەقىللىق كالىمىزنى ئىشلەتمىگىنىمىزنىڭ ھىسابىنى بىرىپ بۇلالمايمىز. ھازىر رايۇنىمىز تەۋەسىدە9يىللىق مەجبۇرى مائارىپ ئۇمۇملىشىپ،ساۋاتسىزلىقنى تۇگۇتۇش ئشقا ئاشتى.تۇلۇقسىزباشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەقسىز بۇلغاندىن سىرىت يەنە ياتاق-تاماقلىرى ھەقسىز .لىكىن يىزا-قىشلاقلاردىكى يەنە بەزى كىشلەر ‹جىگدە ياغىچى بادىرا بولماس، دىھقان بالىسى كادىر بۇلماس›دىگەن كونا مۇقامنىڭ تەسىردە ،ئائىلىسىدە ئەمگەك كۇچى يىتىشمەسلىكنى باھانە قىلىپ بالىرنى مەكتەپتېن قالدۇرۋېلۋاتىدۇ.سىنىپ مەسۇلى مەكتەپ رەھبەرلىرنىڭ سۇيلىشى بىلەن شۇنچە ئۇزاق تۇپا يوللارنى بىسىپ بالىلارنى مەكتەپكە ئېلىپ كەلگەن بولسۇمۇ ،لىكىن بۇ ‹يۇگەنسىز› بالىلار چۇشتە بىردىغان بىرۋاخ تاماقلارنى يەپلا يەنە ئۇيۇگە قاچىدۇ.ئەتىسى سىنىپ مەسۇلى ئوخشاشلا يەنە ئۇقۇغۇچى يىغىش ئۇچۇن يولمۇيول قاتىرايدۇ.مۇئەلىلىم ئاتا-ئانىلارغا ئۇقۇشنىڭ ياخشىلىقىنى ،كەلگۇسۇدە ئۇقۇغانلارنىڭ ئىستىقبالىنىڭ پارلاق بۇلدىغانلىقىنى ئېيىتقاندا ،ئۇلار باشقا بالىلىرنى ئۇقۇتقان تۇنۇشلارنىڭ بالىرنىڭ ئالىي مەكتەپنىمۇ پۇتۇرۇپ خىزمەت تاپالمىغانلىقىنى شىپ كەلتۇرۇپ،ئۇقۇغانىڭ پايدىسى يوقلىقىنى‹ئىسپاتلايدۇ›.ئارقىدىنلا ‹ئەگەر بالامنى ئۇقۇتۇپ ئۈزۈڭىزگە ئوخشاش مائاشلىق كادىرقىلالىسىڭز بالامنى ھازىرلا كەينىڭزدىن يولغا سالمەن ›دەپ مۇئەلىمنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قۇيىدۇ.بۇ خىل ئەھۋالدا كىممۇ بۇلارنىڭ بۇنداق ‹يوللۇق›تەلەپلىرگە ماقۇل بۇلالىسۇن. بۇئۇقۇتقۇچى ئامالسىز يەنە مەكتەپ قايتىپ رەھبەرلىرنىڭ تەڭقىتىگە ئۇچۇرايدۇ.مەن تۇلۇقسىزمەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان ۋاقتىمدا بىر ئۇقۇغۇچى مۇشۇ خىل سەۋەپ بىلەن مەكتەپكە كەلمەپتۇ. سىنىپ مەسۇلى ئۇيگە بارسا ئاتا-ئانىسى ئوخشاش سەۋەپ بىلەن مۇئەلىمنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپتۇ. بۇ چاغدا سىنىپ مەسۇلى شۇ كەنىتنىڭ كەنىت مۇدۇرىنى ئزدەپ بېرىپ ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلغاندىن كىيىن،مۇدىر سىنىپ مەسۇلى بىلەن بىللە ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۇيگە بېرىپ ‹ئەگەر بالاڭلارنى مەكتەپكە ئەۋەتمىسەڭلار ھەرئايدا بىردىغان تۇۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى بەرمەيمەن› دىگەندىن كىيىن ،ئايدا بىردىغان نەچچە يۇز يۇئەن پۇل ئۇچۇن بالىسنى مەكتەپكە ئۋەتىپتۇ.لىكىن ئۇلار نەچچەئون يىلدىن بۇيان ئۇزلۇكسىز دۆلەتنىڭ ياردىمىگە ئرىشكەن بولسىمۇ لىكىن تېخىچە يەنەشۇ نامراتلىقىدىن ئۆزگەرمىدى. ئەمدى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشقا تۇلۇق ئوتتۇرامەكتەپلەرنىمۇ مەجبۇرى خاراكتىرلىك مەكتەپكە ئۆزگەرتىپ.ئۇقۇغۇچىلارغا ھەر مەۋسۇندا پۇل تارقىتۋاتىدۇ.بۇ پۇل ئۇلارنىڭ ئۇقۇش پۇلى ۋە كىتاپ ماتىريال پۇلغا تامامەن يىتىدۇ.ئۇقۇغۇچىلار پەقەت تاماق پۇلىنى غەملىسلا بۇلدۇ.بۇ سىياسەت تۇلۇق ئوتتۇردا ئۇقۇش شارائىتى يار بەرمەيدىغان ئائىلەرنى غەمدىن خالاس قىلدى.ھازىرقى تۇلۇق ئوتتۇرغا تىزىمغا ئالدۇرغانلار ھەقلىق ئۇقۇش يىلدىكىگە قارغاندا 2~3ھەسسىگچە كۇپەيدى.مەكتەپلەردەئېغىر دەرىجىدە سىنىپ يىتىشمەسلىك ئەھۋالى يۇز بەردى.بايا ئېيىتقان تۇلۇقسىز مەكتەپتىنزىرىكىپ مەكتەپتىن قاچقانلاردىن كۆپ ياخشى.لىكىن سانىڭ ئاشقىنى ئۇلارنىڭ كەلگۇسىنىڭ چۇقۇم ياخشى بۇپ كىتىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.ئۇلارنىڭ كەلگۇسىنى ئويلىساق ھەمىسى دىگۇدەك كەلگۇسىدە ئالى مەكتەپكە ئۇتۇپ كىيىن بىر كىشلىك خىزمەت تېپىشى مەقسەت قىلغانلار.لىكىن ھازىر جەمىئەتتە ئەڭ كۆپ ئشسىزلار دەل ئالىي مەكتەپلەرنى پۇتۇرگەن سىتودىنتلار.سەۋەبى ئۇلار مەكتەپتە ‹ قەلەم ماھارىتىنى›ئۇگەنگەن بىلەن‹ئەلەمماھارىتى›نى ئۇگۇنۇشكە سەل قارىغان ياكى بۇ جەھەتتە تەربىلەش ئاز بولغان.ئۇنۇڭ ئۇستىگە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇغانلىق ھەرگىزمۇ ياخشى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۇتۇدۇ دىگەنلىك ئەمەس.ئۇنداقتا ئۇتەلمىسە قانداق قىلىش كىرەك؟ھۇنەر ئۇگۇنەي دىسە،ھۇنەر ئۇگۇتۇدىغان ئۇستاملار ئەينى چاغدا مەكتەپتىن چىقىرۋېلىنىپ ھۇنەرگە بىرىلىپ ھۇنەرۋەن بولغان تەڭتۇش بالىلار.ئۇنۇڭ ئۇستىگە ھېچكىم مىڭ تەستە ئۇگەنگەن ھۇنۇرىنى ئۇنداق ئاسانلاباشقىلارغا ئۇگۇتۇپ قويمايدۇ.ئۇگەنگۇچى ئالدى بىلەن قارا ،ئەڭ مەينەت ئىشلارنى قىلدۇ.ئۇزۇدىن كىچىك بالىلارغا ھۇنەرگە كىرىپ ئىشنى ئەپلەشتۇرەلمەي تىل-دەشنام،سىلكىشلەرگە ئۇچىراپ 3~4يىلنى ئۆتكۇزۇش ،ماي ئىچىدىكى بۆرەكتەك ،ھەپتىدە 1~2كۇن تۇپاباسقان ئۇيۇگە قايتىدىغان ،مەكتەپتە كىيىمىگە چاڭ قوندۇرماي،تىلفۇنى قۇلدىن چۇشۇرمەي‹مەردلىكى بىلەن قىزلارنى كەلتۇرۋاتقان›ئۇغۇللارنىڭ،‹ئۆزنى تاش قۇنچاقتەك ياساپ ،يەمچۇك تاشلاپ،بېلىقنېڭ يۇغۇنىنى تۇتۋاتقان›قىزلارنىڭ ‹ئالىي جاناپ،زامانىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان ئىسىل›پەزىلىتىگە ئەسلا ‹ماس كەلمەيدىغان›ئىش.ئۇلارغا يەنلا ‹جان كەتسە كەتسۇن،يۇزكەتمۇسۇن› دىگەن ھىكمەتلەر سايە تاشلايدۇ.مەكتەپتەئالدىغان مەۋسۇملۇق ئىنتاھان ئۇنچۇۋالا تەس ئەمەس.پەقەت ئىنتاھان قەغىزدە 35نۇمۇردىن يۇقۇرى ئالسىلا ، ئۇقۇتقۇچى بىردىغان 40نۇمۇرنىئېلىپ ئۇڭۇشلۇق ئۇتۇپ كىتەلەيدۇ.‹( 35~100)*60%+(0~40)〉60›.بۇنداق ھىساپلىساق 40نۇمۇرلۇقتاللاش،20نۇمۇرلۇق تولدۇرۇش سۇئالىدىن دەرىس ئۇگەنمەي قۇلاق مولىسى بۇپقالغان بالىلارمۇئەنسىرىمەي بۇ نۇمۇرلارنى ئالالايدۇ.شۇنچە كۆپ ئۇقۇغۇچىنىڭ بۇ قېلىپلاشقان مەكتەپتە 35 نۇمۇرغا 3 ئاي ئىشلىسەئەلۋەتە ئادەمنى ئەپسۇسلاندىردىغان ئىش.شۇڭا بىز ‹قەلەم ماھارىتى›نى ئۇگۇتىدىغان بۇمەكتەپتىن باشقا يەنە ‹ئەلەم ماھارىتى›نى ئۇگۇتۇدىغان كەسپى مەكتەپلەرگە بەكرەك ئەھمىيەت بىرىشىمز كىرەك.بۇلۇپمۇ بىزنىڭ رايۇنىمىزدىكى يىزائىگىلىكى بىلىن مۇناسىۋەتلىك تەربىلەش قۇرىلىشىنى كۇچەيتىش كىرەك.ھازىرقى كەسپى مەكتەپلەردىكى كۇپۇنچە ئۇقۇتقۇچىلار ئالى مەلۇماتلىق بولسىمۇ لىكىن تەربىلەش،ئەمەلى نەتىجە يارتىش جەھەتتە ساۋاتسىز ‹رىمۇنىتچى قاسىماق›لارغا يەتمەيدۇ.ئۇلاردا يەنىلا ئۇزى ئىرىشكەن تۇمۇر تاۋاقنىڭ شۆھرىتىدىن مەغرۇرلىنىش مەۋجۇت. ئۇزۇنىڭ ئەقلى مۇلۇكىنى ئازراق قولسېلىپ ھەقىقى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش كەمچىل.كۇپۇنچىسى ھۇكۇمەت كۆپرەك مائاش بەسە،باشقا تۇلۇقلىمىلارنى كۇپەيتسە ئىش قىلىدىغان پاسىپ پوزىتسىيە ھالىتىدە تۇرۋاتىدۇ.مىنىڭچەئۇگەتكۇچىلەرنى ھە دىگەندىلا پۇل-مال ياكى مەنسەپكە باغلاپ،كەلگۇسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان ئۇقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىلەش-تەربىلىمەسلىككە مەجبۇلاش،پۇل-مەنسەپ بىلەن ئەۋلاتلارنىڭ تەقدىرىگە تەسەر كۆرسىتىش ،ئەۋلاتلارنىڭ تەقدىرى بىلەن ئويناشقانلىق.شۇڭا ‹ياخشى قىلساىڭ جىق بىرمەن ئەمەس،ياخشى قىلمىساڭ بەرمەيمەن ›دەپ ئۆزگەرتەش كىرەك. {نەچچە يىل ئاۋالقى قەشقەر ۋىلايىتى يۇپۇرغا ناھىيىسىدىكى بىر ساۋاتسىز دېھقانىڭ 8خىل كەشپىياتنى ياساپ،جۇڭگۇ –ئاسىيا كۆرگزمسىدە يۇقۇرى باھاغا ئىرىشكىنىنى كۆپ كىشلەر بىلدىغۇ دەيمەن.}
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 K. G& ^ `* n3 C# i( d2.تەنتەربىيەدەرسلىكنى موللاشتۇرۇش
‹تەن ساقلىق زور بايلىق›دىگەن بۇ ھىكمەت تارالغىلى نەچچە ئەسەرلەربۇلدى،ئەمدى بۇ سۆزنى بۇ ئۇرۇندا تىلغا ئېلىشتىكى مەخسەت تەن سالامەت بۇلۇش ئۇچۇن ھازىرقى شارائىتتا مۇھىم مەسىلە ياخىشى بەدەن چېنىقتۇرۇشلازىم،بۇرۇن بالىلىق دەۋرىمىزدە بىز ئوينايدىغان ئۇيۇنلار ناھايىتى كۆپتى.بۇ توغرىسىدا قاسى بىر يازغۇچىمىز ‹ئۇيغۇر بالارنىڭ ئەنئەۋى ئۇيۇنلىرى› دىگەن كىتاپنىمۇ يېزىپ بولدى.مىنىڭچە بۇكىتاپنى يېزىشتىكى مەخسەت ھازىرقى زامان بالارنىڭ ھەركەت دائىرىسىنى كىڭەيتىش،.ئۇيۇن ئارقىلىق ئۇلاردا نۇرمال پىسخكىلىق ھالەت ۋە ساغلام بەدەن ئىگە بۇلۇشىغا تۇرۇتكۇلۇك رول ئويناش.ھازىرقىبالىلارغا قارايدىغان بولساق كەچىكىچە ئوينايدىغىنى ئىلىكتۇرولۇق ئۇيۇن.بۇنداق بۇلىۋەسە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىلا كاردىن چىقمايلىقالماي،بەلكى باشقا كىشلىك مۇناسىۋەتىن يىراقلىشىش كەيپىيات شەكلنىپ قالدۇ.بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيۇنلىرمىزنىڭ ئالاھدىلىكى ھەركەتتە چاققان ،تىزلىكنى ئاشۇرۇش.پىسخىكاجەھەتىن باتۇر ،قەيسەر ،چىدامچان بۇلۇش.ئۇمۇمى جەھەتتە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش،ئۆزئاراقوغداش،كۆپرەك پەم ئىشلىتىش قاتارلىق نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.شەكلىھەرخىل،ئوينۇغۇچىنىڭ ھەرخىل ئىقتدارىنى سىنايدىغان،شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ھازىقى ئۇيۇنلىدەك كۆپ ئۇچۇرمايدۇ.ئىشلىتىدىغان قۇراللار ناھايتى ئاددى،تىجەشلىك.ئىلىكتۇرونلۇق ئۇيۇنلاردا تور،توك بولمىسا ئوينىغىلى بولمايدۇ.ۋاسكىتبول،پۇتبوللارنىمۇ ئۆلچەملىك مەيدان ۋە قۇراللار بولمىسا ئوينىغىلى بولماي،چىقىم يەنىلا كۆپ كىتىدۇ.بىزنىڭ قەۋىمىزئۆم ياشاشقا ئاداتلەنگەن،يالغۇزلىقنى ياقتۇرمايدىغان ،مىھىر-شەپقەتنى ئەلا بىلىدىغان خەلىق.ھازىرقى ئۇيۇنلارنى ئوينىغاندىكى كىلىپ چىقىدىغان پىخىكىلىك ئەھۋال بىزنىڭ ياشاش سەنئىتىمىزگە ماس كەلمەيدۇ.بۇ يەردە ئۇيۇنى مائارىپقا چىتىشتىكى مەقسەت يۇقۇرقى ئۇيۇنلارنى ئوينۇغىچىلارنىڭ ھەمىسى ئۇقۇش يېشىدىكى بالىلار بولغاچقا، مەكتەپ بۇ مەزمۇنلارنى تەنتەربىيە دەرىسلىك ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.بۇ تەربىيە دەرىس ئۇگۇنۇپ چارچاپ كەتكەن ئۇقۇغۇچىلىرنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەپلا قالماي،پىسخىكا جەھەتتە زور تەڭشەڭ ئېلىپ باردۇ.مەكتەپتىكىلەرنىڭ پىسخكاجەھەتىكى تەربىلىشىنى ئازايتىدۇ.بۇ ئۇيۇنلار بىلەن بەدەن ساغلاملاشتۇرغىلى ھەمروھىنى ساپلاشتۇرغىلى بۇلۇدۇ.{ئەگەر ئەنئەنۋى ئۇيۇنلارنى ئويناپ باقمقغانلار بولساچوڭلاردىن،بۇلۇپمۇ يىزا –سەھرادا تۇروپ باققانلاردىن سۇراپ بىلسىڭز بۇلۇدۇ.بۇ ئۇيۇنلارمەكتەپتىلا ئەمەس مەھەلەلەردىمۇ ئويناشقا ماس كىلىدۇ.تەپسىلاتلىرنى ‹ئۇيغۇربالىلىرنىڭ ئەنئەنۋى ئۇيۇنلىرى›دىگەن كىتاپتىن بىلۋېلىڭ}
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 B9 V& f' |+ T% l
3.تارىخ دەرىسلىككە رايۇنىمىز دەۋىر تارىخىنى كىرگۇزۈش
رايۇنىمىز شىنجاڭ 2000يىلدىن بۇيان دۆلتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى .شىنجاڭ قەدىمقى يىپەك يۇلدىكى مەرۋايىت ماكان بۇلۇش سۇپۇتى بىلەن ئەرەپ سودىگەرلىرنىڭ باردى-كەلدى سودىسى ئارقىلىق دۇنياغا تۇنۇلدى.يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ساياھەتچى مارك پولو ئۆزنىڭ ساياھەت خاتىرسىدە شىنجاڭنى‹ گۇھەر زىمىن›دەپ تەسۋىرلىگەن.يۇقاردادىيىلگەن مەزمۇنلا بىزنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تارىخ دەرىسلىكىدە بىزگە ئۇگۇتىدىغان مەزمۇنلار.دىيارىمىز تارخىغا مۇناسۋەتلىك مەزمۇنلا پەقەت مۇشۇ نەچچە قۇر مەزمۇنلاربىلەن خۇلاسلىنىدۇ.لىكىن بىز ئويلاپ باقساق شۇنچە قەدىمى ھەم زىمىنى مۇنبەت بۇزىمىندا ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق مۇتەپەككۇر-ئەدىپ، ئالىم مەھمۇت كاشغارى ۋە يۇسۇپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇلارنىڭ بۇيۇك ئەسىرى ‹تۇركى تىللا دىۋانى›بىلەن ‹قۇتاتقۇبىلىك›قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى 6يىل ئىچىدە قايتا قايتا ئۇتىلىدىغان كۇڭزى تەلىماتى ۋە باشقا مۇتەپەككۇرلارنىڭ ھەرخىل تەلىماتىدىن تارتىپ ،ھەرخىل دەۋىردىكى شائىر ، يازغۇچى،ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ،بۇيۇك سۇلالىلەر ،ھەم شۇنۇڭدەك زالىم،پارىخور ،پۇخرالارغا زۇلۇم سالغان پادىشاھلارنى تەسۋىرلەيدىغان دەرىسلىك كىتىاپتا بىرەر قىتىممۇ تىلغا ئېلىنىپ قۇيۇلمايدۇ،سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى قۇرغان خاندانلىقلار ،ئون ئىككى مۇقامنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلارغا مىراس قالدۇرۇشتا زور تۆھپە قوشقان ئامانىساخان، زالىملارغا قارشى قان كىچىپ كۇرەش قىلغان سادىر پالۋان،،قەلمى ئارقىلىق زالىملارنىڭ ‹نادانلىقتا قالدۇرۇپ باشقۇرۇش›سىياسىتىگە جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇپ،خەلىقنى ئىلىم-مەرىپەتبىلەن قۇراللىنىشقا دەۋەت قىلغان ‹بالدۇرئويغانغان ئادەم›،ئوت يۇرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، شائىر مەمتېلى ئەپەندى ۋە ئۇلار يېزىپ قالدۇرغان مەشھۇر شئىرى ئەسەرلەرنى،ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابدە شىنجاڭ تارىخىدىكى دىيارمىزدىكىى ئازسانلىق مىلەتلەرنىڭ تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان مەشھۇر ئىنقىلاپلار ۋە ئۇلارنىڭ مەزمۇنىنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى پەقەت ھەپتىدە 4-5 سائەت ئۇتۇلدىغان تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە، شۇلار ئارسىدىكى بەزى شائىر-ئەدىپلەنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ پارچىلىرچىلىرى ئۇچۇرغاندا ،دەرىس ئۇقۇتقۇچىسنىڭ قىستۇرما قىلىپ چۇشەندۇرشى ئارقىسدائازراق ئاڭلاپ ‹قۇلاق مولىسى› بۇلدۇ.دەرىستىن سىرىتقى ۋاقىتتا ئىچى پۇشقىنى چىقىرىش ئۇچۇن ئازراق ئۇقۇغان تارىخى رۇمانلار ئارقىلىق بىلۋالغانلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا ،كۇپۇنچە ئۇقۇغۇچىلار تارىختىن بىخەۋەر ياكى ئېنىق ھەقىقى ئەھۋالدىن بىخەۋەر.بۇ جەھەتەئاساسەن تىل-ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىسغا تايىنىپ ئەجداد تارىخىنى ئەۋلاتلارغا يەتكۇزۇش ئىشقا ئېشۋاتىدۇ.لىكىن بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇمۇت قىلدىغىنىمىز بۇنداق تۇلۇق بولمىغان تارىخنى يەتكۇزۇش ئەمەس ،بەلكى ھەققىئەجدادلارنىڭ شانلىق ئىش-ئىزلىرنى ئەۋلاتلار پەخىرلەنگىدەك قىلىپ ئۇلارغا مىراس قالدۇرۇش ،ئەۋلاتلار ئۇزنىڭ شۇنداق بۇيۇك ئىزنالارنى قالدۇرغان قەۋىمنىڭ ئەۋلادى بۇلغىنىدىن پەخىلىنىدىغانقىلىش.زامانىمىزدىكى ئەدىپ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ‹ئۇزنى ئىزدەش بۇسۇغىسدا›ناملىق ئەسىردە ‹ئىنسانلار يۇقاپ كەتكىنىگە نەچە مىڭ يىل بولغان دىنازاۋۇرنى بىلدۇ ، لىكىن مەن ئۇيغۇرنى بىلمەيدۇ.شىمالى قۇتۇپتاياشايدىغان ،سانى يۇزمىڭدىن ئاشمايدىغان ئىكىسىموسلارنى بىلدۇ ،لىكىن سانى ئونمىلىيونغا يىتىدىغان ئۇيغۇرنى بىلمەيدۇ.چەتئەلىكلەر يازغان كىتاپلاردا بىر قۇرۇت-قوڭغۇزنىڭ چۇشەندۇرلىشى نەچچە قۇر ھەتتا بىرەر بەت كىلىدۇ ،لىكىن بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئىزاھاتى بىر-ئىككى قۇرلا كىلدۇ› دەپ يازدۇ.2000-يىللادىكى باشقىلار نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلار‹ئوغرى-بۇلاڭچى،ئالدامچى، لەۋزىدە تۇرمايدۇ›غان مىللەت بۇپ قىلۋاتىدۇ .غەرىپتىن ئۇگۇنۇش قىزغىنلىقى قوزغالغان دەۋىردە ،غەرىپنىڭ ئۆزنى ئېچۋىتىش مەدىنيىتى تەسىرگە ئۇچۇرغان ياشلار ئارسىدا ئۆزلىرنىڭ مۇشۇنداق تارىخىمۇ ،ئىجدىمائى ئورنىمۇ يوق ،ئۇسۇل سازدىن باشقىنى بىلمەيدىغان مىللەتتىن بولغىنىدىن نۇمۇس قىلىدىغانلارمۇ بار ئەلۋەتتە.شۇڭابىز مائارىپ ئارقىلىق ئۇزۇمۇزنىڭ تارىخىنى باشقىلارنىڭ يىزىپ بەرگىنىنى ئەمەس ،ئۇزۇمىز يازغان تارىخ ئارقىلىق ئەۋلاتلارنى تەربىلىشىمىز كىرەك. ئەۋلاتلاردا جاپانى كۆرگەندەباتۇر ئەجدادلىرىدەك كۇرەشچان ،پەم پاراسەتلىك ،سالماق بۇلدىغان روھنى ئۇرغۇتۇشىمىزكىرەك.شۇ چاغدا ئەۋلاتلار جاپاغا يۇلۇققاندا بىز بىلەن پىسىخكىسى،ئەخلاق قارىشى تۇپتۇن ئوخشىمەيدىغان چەتئەلىك ئالىم-كەشپىياتچىلانى ئەمەس،بەلكى ئۇزۇمىزنىڭ ئەدىپ يازغۇچلىرى،ئالىم–كەشپىياتچىلىرنى،ئۇزۇنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىرى بىلەن جاھانى تاڭ قالدۇرغان،باتۇرلىقتا دۇشمەنلەرنى غال-غال تىتىرەتكەن قەھرىمانلىرىمىزنى ئەسلىرگە ئالىدۇ.ياتلار سەنكىم؟دەپ سۇرىسا كىملىكى ئارقىلىق چۇشەندۇرمەي،ئۇزۇنىڭ پەخىرلىق نەتىجىلىرى بىلەن تۇنۇشتۇردۇ.
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ مەزمۇنى تېىخى تۇلۇق يېزىپ بۇلالمىدىم.ئامال بار تىزراق يازمەن.تورداشلار كەم قالغان يەرلىرىنى پىكىر قىلىپ ئىۋەتسە كىيىنكى يازمىدا تۇزۇتۇشكە تىرىشىمەن. ئەگەر بۇ مەزمۇننى ياخشى يېزىلىپتۇ دەپ قارىسىڭىز مەنبە ئاپتورنى ئەسكەرتىپ باشقا تور بىكەتكە چىقارسىىڭىز بۇلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-2 11:40 AM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ `) j, E' u& V; O- U- o$ ?
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ r8 n& j: J- W/ p