كىرىش سۆز بايلىق يارىتىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتى
ئەگەردە سىز كەلگۈسىنى پەرەز قىلالىسىڭىز قانداق قىممەت يارىتىشنى ئويلايسىز ؟مۇشۇ قىممەتنى يارىتىش ئۈچۈن قانچلىك كۈچ چىقىرالايسىز ؟ ئەگەر كەلگۈسىنى پەرەز قىلالىسىڭىز قايسى پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇشنى ئويلايسىز ؟پاي چىكى سىتىۋىلىپ قولدىن چىقىرىپ ئىقتىساد يارىتىدىغان ۋاقىتتا قولدىن چىقىرۋەتمەي ئەكىسچە قولدىن چىقىرۋەتمەي ئەكىسچە زىيان تارتقان ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟قولىڭىزدا ياخشى تۇتۇقشقا تىگىشلىك بولغان پۇرسەتنى ئەكىسچە ياخشى تۇتماي ياخشى پۇرسەتنى قولىڭىزدىن كەتتۈرۋىتىپ ئازاپلىنىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟سىز ھاياتىڭىزدا يەنە مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەت يەنە كىلەرمۇ دەپ پۇرسەت كۈتۈپ ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ ئۇيقۇدىن ئويغىنىڭ !بۇ دەۋىر سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا قىممەت يارىتىدىغان ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت بولۇپ قىلىشى مۇمكىن .شۇڭا دوستۇم ،دەرھال ھەركەتلىنىڭ ،پۇرسەتنى قولىڭىزدا چىڭ تۇتۇڭ . ئەلۋەتتە ھەممەيلەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز ،ھەر 10 يىلدا بىر قىتىم زامانغا ماسلىشىدىغان دەۋىر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇلۇغۋار كەشپىياتلار بارلىققا كىلىۋاتىدۇ .70-يىللىرىدا بولسا مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ،80-يىللىرىدابولسا سىنغا ئىلىش ئاپپاراتى ،90-يىللىرىدا بولسا تور تېخنىكىسى بارلىققا كىلىپكىشلەرنىڭ تۇرمۇشىغا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كەلدى .70~80-يىللرىداپۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەن ،تىرىشقان بىر قىسىم كىشلەر ھازىرغا كەلگەندە ئاللىقاچان مىليونىر شەخىسكە ئايلاندى ،ھازىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەن ،تىرىشقان ،ئۆزىنىڭ ھاياتلىق قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلار كەلگۈسىدە چوقۇم ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىششى مۇمكىن . دۇنيادا كۆزگە كۆرۈنگەن ئامىركىلىق ئىقتىسادشۇناس باۋلۇ پىرسى ئىلگىرى مۇنداق پەرەز قىلىپ 2010 –يىلىغا بارغاندائادەمنىڭ تەن ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىىرلىپ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈن ھەر يىلى 100مىلىيارد دوللار قىممەت يارىتىشى مۇمكىن دىگەن .بۇ قىممەت ئاساسلىقى كۆپچىلىكنى تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تېخىمۇ ساغلام ،تېخمۇ يېشىل بولغان ،قىرىشنى كىچىكتۈرىدىغان شۇنداقلا ھەرخىل كىسەللىكتىن ساقلايدىغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن كىلىدىگەن ،شۇنداقلا بۇنداق ئىقتىسادى ئۈنۈم غايەت زور سۈرئەت بىلەن ئىششىقا باشلىغان .بۇنىڭدىكى مەخپىيەتلىك زادى نىمىدۇ ؟نىمىشقا شۇنچە تىز ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتالايدىغاندۇ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەپ شۇكى بۇنداق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتنى قۇرغۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ تاللىشنىڭ توغرا بولىشى ،شۇ ۋاقىتتىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىدىن ئىبارەت .نىمە پۇرسەت دىگەندە ئەينى ۋاقىتتا بۇنداق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچقىرىش تولىمۇ يېڭىلىق بولغاچقا كىشلەرنىڭ بۇ مەھسۇلاتقا بولغان قىزىقىشى تولىمۇ يۇقىرى بولغان ،شۇنداقلا كىشلەرنىڭ بۇنداق مەھسۇلاتقا بولغان ئېھتىياجى كۈنسىرى ئىشىپ بارغان .شۇنداق قىلىپ تەن ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرلىشنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن .بۇ شىركەتنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمىنى ئاشۇرغان . تاللاش تىرىششقا قىرىغاندا تىخمۇ مۇھىم ،سىزنىڭ تاللىشىڭىز توغرا بولسا شۇنداقلا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزلۈكسىز تىرىشسىڭىز ھاياتىڭىزدا تىخمۇ زور ئۇتۇقلارنى قازىنالايسىز پۇرسەت غەنىمەت ،دەرھال ھەركەتلىنىڭ.ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتى قىممىتىڭىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىڭ .
مۇندەرىجە
1.مۇۋاپىقيەت سىزنىڭ تاللىشىڭىز تەرىپىدىن بەلگىلنىدۇ 2.تىرىشش خۇددى قۇدۇق قازغانغا ئوخشايدۇ 3.سىز ئەپكەشتە يىراقلاردىن سۇ ئەكىلىپ ئىچەمسىز ۋە ياكى پۇرسەت بولسا يىنىڭىزدىن قۇدۇق قازامسىز ؟ 4.ئۆزىڭىزنىڭ تاللىشىغا يۈكسەك قىزىقىش پەيدا قىلىڭ . 5.ئەگەر سىزنىڭ تاللىشىڭىز خاتا بولسابارلىق تىرىشچانلىقىڭىز بىكاردۇر . 6.بىر ئىشتا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتا تاللاشنىڭ مۇھىملىق دەرجىسى تىرىششنىڭ دەرىجىستىن مۇھىمدۇر 7.سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە نىمە ؟ 8.كىشلىك ھايات بىر مەيدان تاللاش ئويۇنى 9.پاراسەتلىك ھالدا خىزمەت قىلىش نەتىجە قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى 10.مۇۋاپقىيەت قازىنىشتىكى يۆنىلىشىڭزىنى بەلگىلەڭ 11.ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى قۇتقۇزۋىلىڭ . 12.كىشلىك ھاياتنىڭ تۆت چوڭ كوئوردىناتى 13. بەختلىك تۇرمۇشتىكى 20 پىرىنسىپ 14.رەزىل ئەمىليەتكە قانداق يۈزلىنىسىز ؟ 15.ئەگەر بىر كۈن پۇلدىن غەم قىلمىسىڭز،ئۇنداقتا سىز ..... 16.ئوي پىرىڭىز توغرا بولمىسا ناھايتى زىرەك بوپ كەتسىڭىزمۇ يەنىلا نەتىجە قازىنالمايسىز . 17.تەپەككۇر قىلىش تىرىششقا قارىغانداتىخمۇ مۇھىم 18.تەپەككۇرىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كىشلىك ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ 19.ئۆزىڭىزنىڭ ئەنئەنۋى ئىستىمال كۆزقارىشىڭىزدىن بۆسۈپ چىقىڭ 20.دۇكان ساراي ھەرگىزمۇ سىزنىڭ دوستىڭىز ئەمەس 21.ئىشلەپچىقارغۇچى ئىستىمال قىلغۇچىلار ھەركىتى 22.سىز بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەپچىقارغۇچى ھەم ئىستىمال قىلغۇچى بولالايسىز ،.ئىشىنەمسىز ؟ 23.پۈتۈن دىققەت نەزىرىنى خاتا بولغان نىشانغا توغرلاش ئىنتايىن خەتەرلىك 24.باي دادا ۋە نامرات دادا 25.ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىرىكىش 26.ئۆزىڭىزنىڭ پىشاڭ تىرىكىڭىزنى تېپىۋىلىڭ 27.ئۆيىڭىزگە بايلىق ئەكىلىدىغان كارىزنى قېزىپ چىقىڭ 28.مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئىش ئىزلىرىغا نەزەر 29.ئۆزىڭىزنىڭ ئالاقە تورىنى قۇرۇپ چىقىڭ 30.كىشلىك ھاياتىڭىزنىڭ ھەقىقى قەدىرقىممىتى ۋە ئارزۇ ئارمانلىرڭىزنى تىپىۋىلىڭ 31.ئۆزىڭىزنىڭ نورمال بولغان روھى ھالىتىڭىزنى تىكلەڭ 32.ئۆزىڭىزنىڭ نۇتۇق سۆزلەش قابىليىتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭ 33.ئالاقە قلىش ئىقتىدارىڭىزنى يىتىشتۈرۈپ چىقىڭ 34.پىسىكىلىق ھالىتىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تەغدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ 35.سىز چوقۇم ئارزۇ ئارمانلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز 36.ئىنسانلارنىڭ تارىخى خىيالى چۈش ئەمەليەتكە ئايلىنىدىغان تارىخ 37.مۇۋاپىقيەت ۋە بايلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىڭىز تەرىپىدىن بەلگىلنىدۇ 38.سىزنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىڭىزنى ھەرگىزمۇ باشقىلار ئوغىرلاپ قاچمىسۇن . 39.ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىڭىزنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى بىلمەكچىمۇ ؟ 40.ئۆزىڭىزنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىڭزىنى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تەرتىپلىك تىزىپ چىقىڭ 41.ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ كۈرەش قىلىڭ .
1.مۇۋاپىيەت سىزنىڭ تاللىشىڭىزتەرىپىدىن بەلگىندۇ
بۇرۇن ئۈچەيلەن ئىغىر جىنايەت بىلەن تۈرمىگە كىرىپ قاپتۇ ۋە ھەممىسى ئوخشاشلا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلىپتۇ ،ئۇلارئايرىم–ئايرىم ھالدا ئامېرىكىلىق،فىرانسىيەلىك ،ئېسرائىلىيەلىك ئىكەن .تۈرمە باشلىقى بۇ ئۈچەيلەنگە ھەر بىرنىڭ بىردىن تەلپىنى ئورۇنداپ بىرىدىغانلقىنى ئىيتىپتۇ.بۇ ئۈچەيلەن بۇنى ئاڭلاپ بەكمۇ خۇش بولۇپ كىتىپتۇ.تۈرمە باشلىقى بۇ ئۈچەيلەنگە قانداق تەلىپى بولسا بىردىن تەلىپىنى ئورۇنداپ بىرىدىغانلىقنى ئىيتىپتۇ .ئامېرىكىلق تاماكا چىكىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىكەن ،شۇڭلاشقا ئۈچ يىشىك تاما تەلەپ قىلىپتۇ،تۈرمە باشلىقى ئۇنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداپ ئۇنىڭغا ئۈچ يىشىك سىگارت ئەكىلپ بىرىپتۇ.فىرانسىيەلىك رومانتىك تۇرمۇشنى بەكمۇ ياخشى كۆرگەچكە ، ئۇ چىرايلىق بىرپەرى قىزچاقنىڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىشنى تەلەپ قىپتۇ ،تۈرمە باشلىقى بۇنىڭ تەلىپنىمۇ ئورۇنداپ بېرىپتۇ .تۈرمە باشلىقى يەھۇدىغا قاراپ بىر تەلەپ ئوتتۇرغا قويۇشنى ئىيىتپتۇ ،يەھۇدى دەپتۇكى مىنىڭ تەلىپىم ئىنتايىن ئاددى ،ماڭا پەقەت تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلغىلى بولىدىغان بىر تېلىفۇن بولىسلا بولاتتى دەپتۇ ،تۈرمە باشلىقى بىر ئاز ھەيران بولىسمۇ يەنىلا ئۇنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداپ ئۇنىڭغا بىرتېلىفۇن ئەكىلىپ بىرىپتۇ .ئۈچ يىلمۇ بىردەمدىلا توشۇپتۇ ،بۇ ئۈچەيلەننىڭ تۈرمە ھاياتىمۇ ئاخىرلىشىپتۇ ،تۈرمىدىن بىرىنجى بولۇپ ئىتىلىپ چىققىنى ئامېرىكىلىق ئىكەن،ئۇ بۇرنىنىڭ ئىككى تۆشۈكىگە بىردىن ئىككى سىگارتنى قىستۇرۇپ قاتتىق ئاۋازدا ماڭا چاقماق كىرەك ،چاقماق ......................دەپ توۋلاپ يۈگۈرۈپ چىقىپتۇ ،ئەسلىدە ئۈچ يىل ئالدىدا سىگارت تەلەپ قىلغاندا ئۇنىڭغا ئوت تۇتاشتۇرىدىغان چاقماقنى ئۇنتۇپ قالغانكەن ،بۇ ئۇ ئۈچ يىل جەريانىدا ھەر كۈنى بىچارىلەرچە ماڭا چاقماق كىرەك توۋلاپ چىقىپتۇ .ئىككىنجى بولۇپ چىققىنى فىرانسىيەلىك بۇلۇپ قولىدا بىر بالىنى كۆتۈرگەن ،ئۇنىڭغا ھەمراھ قىلىپ ئەكىرىپ بەرگەن پەرى قىز بىر بالىنى ئەگەشتۈرۈپ ئارقىمۇ- ئارقىدىن چىقىپتۇ .ئەڭ ئاخىردا چىققىنى بولسا يەھۇدى ئىكەن .ئۇتۈرمىدىن ناھايتىمۇ ئاستا قەدەملەر بىلەن چىقىپتۇ ،بەلكىم تۈرمە ھاياتىغا تىخى قانمىغان بولسا كىرەك .بۇ يەھۇدى تۈرمە باشلىقنىڭ ئالدىغا كىلىپ تۈرمە باشلىقنىڭ قولىنى چىڭ سىقمداپ تۇرۇپ ئونىڭغا دەپتۇ :سىزنىڭ ماڭا بەرگەن بۇ تىلفۇنىڭزغا كۆپ رەھمەت ،بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا بىر مىنۇتمۇ قولۇمدى چۈشۈپ باقمىدى ،بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا ھەر كۈنى بۇ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىپ كىلىۋاتىمەن .مىنىڭ سودا ئىشلىرىم بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالغىنى يوق ،ئەكىسچە بۇرۇنقىغا قارىغاندا 200پىرسەنىت ئاشتى ،مەن سىزگە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ئىسىل ماشىندىن بىرنى سوۋغا قىلاي دەپتۇ .ئارقىدىنلا سودا ھەمكارلاشقۇچىسىغا تىلفۇن قىلىپ بىر ئېسل ماشىندىن بىرنى ئەكەلدۈرۈپ ئاچقۇچىنى تۈرمە باشلىقنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ كىتىپ قاپتۇ. توردىشىم بۇ كىچىك ھىكايىدىن نىمىنى ھېس قىلدىڭىز ،ئەلۋەتتە بۇ ھىكايىدىن مۇنداق بىر ھەقىقەتنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ .سىزنىڭ تاللىشىڭىز قانداق بولسا ئىرىشىدىغان نەتىجىڭىز مۇ شۇنداق بولىدۇ ،بىز نىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىمىز دەل بىزنىڭ ئۈچ يىل ئاۋۋالقى تاللىشىمىز تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن .ئەلۋەتتە،ئاللاھ بىزگە ئۆمۈر بەرسە ،بىزنىڭ ھازىرقى تاللىشىمىز بىزنىڭ ئۈچ يىلدىن كىيىنكى تۇرمۇشىزمىنى بەلگىلەپ قويۇشى مۇمكىن .بىز ھازىر تاللاش ئىلىپ بارغاندا ئەڭ يىڭى ئۇچۇرلارغا تايىنىپ تاللىشىمىز ،جەمىئەتنىڭ ئەمەليى ئەھۋالىنى چۈشىنىشمىز لازىم .بىز دەل مۇشۇنداق قىلغاندىلا پارلاق بولغان كەلگۈسىمىزنى يارىتالايمىز .بىلىشىمىزكىرەككى ،بىزنىڭ كىشلىك ھايات پەقەت ئۈچ كۈن .تۈنۈگۈن ،بۈگۈن ،ئەتە ،سىزنىڭ تۈنۈگۈنىڭىز بۈگۈنىڭىزنى بەلگىلدى ،سىزنىڭ بۈگۈنڭىز سىزنىڭ ئەتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ . تورداش دوستۇم ناۋادا سىز بۇئۈچەيلەننىڭ بىرسى بولۇپ قالغان بولسىڭز نىمە تەلەپ قىلغان بولاتتىڭىز ؟نىمە ئۈچۈن؟ ،ئويلىنىش ئۈچۈن بۇ سۇئال يەنىلا سىزگە قالدى.
تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان ۋاقىت :2013–يىل 4-ئاينىڭ 16 –كۈنى
يوللانغان ۋاقتى 2014 –يىل 5-ئاينىڭ1-كۈنى (ئەمگەكچىلەر بايرىمى )
بۇ كىتاپنىڭ داۋامى پات ئارىداتورداشلار بىلەن يەنە يۈز كۆرىشىدۇ .ۋاقىپ بولغايسىلەر . تەرجىمە قىلغۇچى :مەمەتنىياز خۇدابەردى خاربىن
ئەسكەرتىش : بۇ تېما مىسرانىم مۇنبىرىگە تەۋە . ئاپتورنىڭ ۋە مىسرانىم تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ ھەرقانداق مۇنبەر، بىلوگ ، تور بەت ۋە ئۈندىدار سالونلىرىدا تارقىتىشقا بولمايدۇ .ئەگەر شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە ئەسەر ھوقۇقى بويىنچە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-2 04:10 PM
|