مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1372|ئىنكاس: 15

ئەڭ قىممەتلىك ھەم ئىسىل نەرسە ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44546
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15773 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 01:49:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                     ئەڭ قىممەتلىك نەرسە

بىر ئادەم پۈتۈن ئەس-يادى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىنى تېپىشنى ئويلايدىكەن . ئۇ ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى ئادەمدىن :
__ دۇنيادىكى ھەممىدىن قىممەتلىك نەرسە نېمە ؟_دەپ سورايدىكەن .
___ئالتۇن ، ئالماس ، ساھىپجامال ، ھوقۇق، بىلىم ، __ ھەر كىم ئۆزى بىلگەنچە جاۋاپ بېرشىپتۇ.
ئۇ ئادەم زادى نېمىنىڭ قىممەتلىكىنى بىلەلمەي ئۇنى جاھان كىزىپ تېپىش قارارىغا كەپتۇ . نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپتۇ . جاھاننىڭ ھەممە يەرلىرىنى ئايلىنىپ چىقىپتۇ ، قېرىپ مۈكچىيىپ ،كېسەلچان بولۇپ قاپتۇ .
ئەمما ھېلىقى قىممەتلىك نەرسىنى تاپالماپتۇ ، ئامالسىز ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ غەمكىن ھالدا ئۆيگە قايتىپتۇ. قىشنىڭ سوغۇق بىر ئاخشىمى ئۇ ئاخىر ئۆيگە كەپتۇ . ئۆينىڭ دەرىزىسىدىن  غۇۋا چىراغ يورغۇدا ،ئۆيدىكىلەر ئىسسىق تاماق قويۇلغان شىرەنى چۆرىدەپ ،ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ قويغان بوش ئورۇنغا قارىشىپ ، تىنىچ - ئامانلىق گىپىنى قىلىپ ئولتۇرشقىدەك . بۇنى كۆرۈپ ھېلىقى ئادەمنىڭ كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياشلار تاراملاپ تۆكۈلۈپتۇ ، ئۇ ئاخىر ئەسلىدە دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ بىلىپتۇ .

ھاسسىلات : بىز ئائىلىنىڭ مېۋىسى . ئەمما ھامان ئۇنىڭغا سەل قارايمىز . بەخت ، خۇشاللىق ، شان- شەرەپ ، ئامەت ، ھوقۇق- مەرتىۋە ، بايلىق ۋە ئابروينىڭ پەقەت ئائىلىدە ھەقىقىي مەنىگە ئىگە بولدىغانلىقىنى كىچىكىپ ھېس قىلىمىز . ئەگەر ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىسىنى ياخشى قۇرۇپ ئۇنى قىزغىن سۆيسەكلا ھاياتىمىزدا تەم ، ياشىشىمىزدا مەنە بولىدۇ . ئائىلىسىدىن خۇشاللىق تاپالمىغان ئەدەمنىڭ جەمىيەتتىمۇ خۇشاللىقى بولمايدۇ .


               ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە ئېسىل

بىر خوشامەتچى بىر پارچە ئېسىل قاشتېشىنى قولغا چۈشۈرۈپتۇ. ئۇنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەزىرى زىفەنگە سوۋغا قىپتىكەن، رىفەن ئالغىلى ئۇنىماپتۇ . ئۇ ئادەم بۇ بەك ئېسىل قاشتېشى ، بۇنى سىلدەك مۆتىۋەر ئادەم تاقىمىسا ئادەتتىكى ئادەملەرگە ماس كەلمەيدۇ ، ____ دەپتۇ .
بۇنى ئاڭلىغان زىفەن :____ سەن بۇ قاشتېشىنى بەك ئېسىل نەرسە دەۋاپسەن ، بىراق مەندە بۇنىڭدىنمۇ بەك ئېسىل نەرسە بار ، ئۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلگۈڭ بارمۇ ؟ - دەپتۇ .
ئۇ ئادەم كۆزىنى چەكچەيتىپ :
_____ قانداق ئېسىل نەرسىدۇ ئۇ ، ____ دەپ سوراپتىكەن .
زىفەن :
_مەندىكى ئېسىل نەرسە شۇكى سېنىڭ نەرسەڭنى ئالماسلىق ،__ دەپتۇ .

ھاسىلات : بىر ئادەم ئۈچۈن ، بولۇپمۇ ئەمەلدارلار ئۈچۈن پاك- دىيانەتلىك بولۇش بايلىق بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدىغان بىباھا قىممەتتۇر. پاك - دىيانەتلىك كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ گۈزەل پەزىلىتى بىلەن خەزىنىلەرنى سەرپ قىلىپمۇ قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئېسىل نەرسىگە ئېرشىدۇ . ئۇ بولسىمۇ خەلقنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىدىن ئىبارەت . ئەپسۇسكى پۇل ۋە قاشتېشىنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەن كىشىلەر كىشىلىك قەدىر - قىممىتى ۋە ئىززەت- ھۆرمىتىدىن مەھرۇم قالماقتا . پۇشايمان ياشلىرىنى تۆكۈپ ئىبرەت نىدالىرىنى توۋلىماقتا .

مەنبە  : شىنجاڭ مەدەنىيتى

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 02:06:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل------ھەقىقەتەن ئېسىل !

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 04:04:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت  ،يىاخشى   يېزىپسىز

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 04:31:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل تېما !
شى جىنپىڭدەكلا ئەمەلداركەن ئاۋۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105749
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 297
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2014-4-6
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 04:40:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلە  ھەقىقەتەن  قىممەتلىك.....دادامنىڭ بۇرۇندىن دائىم جىكىلەپ قويدىغان بىر گىپى بار ئىدى....ناشتىلىقتا ھەممىمىز بىرداستىخان بوپ ناشتا قىپ ھەرقانداق ئىشىڭلار بولسا ئاندىن  مېڭىڭلار دەپ............شۇچاغلاردا  سىرىتقا مېڭىشقا ئالدىراپتىكەنمىز...       ئەمدىلىكتە قاراپ ئولتۇرۋالايلى دىسەك  ئۇلاريوق......                             
بۇرۇندىنلا قەدرى يوقتۇ رياندا بارى،
ئىنسان دىگەن يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.                          

ھەركىم ئۆزتەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106298
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 233
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2014-4-22
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 05:52:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىتوفىنىڭ شىئرى يادىمغا كېلىپ كالدى

نۆلدىن باشلىنىپ نۆلدە ئاخىرلىش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72283
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 342 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 05:57:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئېغىر كىسەل بولغاندا ساغلاملىق ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئېسىل نەرسە

يوقسىزلىقتا قىينالغاندا پۇل ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەڭ ئېسىل نەرسە

ئۇسساپ چاڭقاپ كەتكەن ۋاقتىڭدا بىر ئىستاكان سۇ ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەڭ ئېسىل نەرسە

قاتتىق سوغۇقتىن جالاقلاپ تىتىرىگەن ۋاقتىڭدا ئىللىق قۇياش نۇرى ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەڭ ئېسىل نەرسە
بەك جىق ... بەك جىق ...


ئەڭ ئېسىل ۋە ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ھەممە يەردە ... ئەتراپىمىزدا ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نــۆل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-1 05:59 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
.tuz. + 33 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 33   باھا خاتىرىسى

بەرىبىر قىلغاندىن كىيىن ، ياخشى قىلىش كېرەك .

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 08:47:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئىسىل يېزىلىپتۇ.

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2971
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 430 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 09:09:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نە ئاغرىسا جان شەدە دەپ،  نىمىگە ھاجىتىمىز چۆشسە شۇ مۇھىم ،ئەمما  مۇھىم نەرسىلەر يەنىلا كۆپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103224
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 744
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2014-2-6
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 10:35:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسل تېمىكەن ،،قەلمىڭىز توختاپ قالمىسۇن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش