ھاياتلىقنى چۈشىنىش
بۇغرام
چىڭخۇا ئۈنۋېرسىتى، بېيجىڭ
(buhram2000@163.com)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 k$ N7 f6 z, D ئوقۇرمەنلەرگە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن.بۇ بىر تونۇشتۇرۇش خاراكترلىق ئەسەر بولۇپ، بىر قانچە قىسىمغا بۆلۈنگەن. مەزكۇرئەسەردە ئاپتۇر يېقىنقى زامان ھاياتلىق ئىلمىدىكى ئاساسى ئۇقۇملارنىشەرھىلەشنى ئەسەرنىڭ مۇھىم نوقتىسى قىلىپ،مەزمۇن چۇڭقۇرلۇقىنىڭ ئوتتۇراھال بولۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا ئۇيغۇر يېزىقىدا ئالاقەئېىلىپ بارالايدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھاياتلىق پەنلىرى ساھەسىدە ئۆزى ئىھتياجىلىق ئۇچۇرلارغا ئىرشىپ، مەزكۇر ساھەسىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىگە قولايلىق يارتىش ئۈچۈن بۇ ئەسەر ئۈستىدە قەلەم تەۋرەتتى. سىز بۇ ئەسەرنى ئوقۇش جەريانىدا ھاياتلىق ئىلمى جۈملىدىن بىيولوگىيەئاتالغۇسى بىلەن ئاتىلىپ كىلىۋاتقان بۇ ساھەدىكى بىر قىسىم ئاساسى بىلىملەر ۋەشۇنداقلا قىزىقارلىق ئىلمى پاكىتلار بىلەن ئۇچرىشىسىز. سىز مەيلى بىر مۇخبىر،ئوقۇتقۇچى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە ياكى باشقىلاربولۇڭ، سىز مەزكۇر ئەسەردە تۆۋەندىكىدەك سۇئاللارغا جاۋاپ تاپالايسىز.
ھاياتلىق ئىلمى دىگەن زادى نېمە؟
ھاياتلىقنىڭ شەكىلى قانداق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسى نېمە؟
ھۆجەيرە دېگەن نېمە ؟
ھۆجەيرىنىڭ ھەققى ماھىتى ۋە ئۇنىڭ فونكىسيسى قانداق؟
.....
مەزكۇر ئەسەردە بايان قىلىش ئۇسلۇبىدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نوقتىغائەھمىيەت بىرىلدى. 1) سىزنىڭ بىۋاستە چۈشىنىشىڭىزگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، ھەربىرمەزمۇن مۇناسىۋەتلىك رەسىم ۋە گىرافىكلەر ئارقىلىق تولۇقلاندى. 2) ماقالىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىمكانقەدەر پايدىلانغانمەنبەلەر ماقالىنىڭ ئاخىرىدا بىرىلىدى. 3) بىر قىسم ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوخشاش بولىمىغان تىل – يېزىق مۇھىتىدا سىلىشتۇرۇپ چىقىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىرشىشىگەپايدىسى بولسۇن ئۈچۈن، بىر قسىم سۆز - ئىبارىلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىنگىلىزچە، خەنچە ۋە ئۇيغۇرچە يېزىلىشىبىرىلىدى. 4) ھازىرقى زامان ئىلىمى يىزىقچىلىق ئەخلاقى بويىچە ئاپتۇر ئۈچىنچى شەخىس كۆپلۈك شەكلىدە تىلغائېلىندى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، بۇ ئەسەر بەلكىم مەزمۇن ۋە بايان ئۇسۇلى جەھەتتە بىرقسىم كەمچىللىكلەردىن خالى بولمىغان بولىشى مۇمكىن، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتۇرتۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايدۇ ۋە ھەرقانداق تەكلىپ- پىكىرنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىدۇ(يۇقاردا تەمىنلىگەن ئىلخەت ئادىرىسقا ھەرقانداق مەزمۇندىكى باھا ۋەتەكىلپ – پىكىرلەرنى يوللىسىڭىز بولىدۇ). ئاپتۇرنىڭ مۇددىئاسى پەقەت ئوقۇرمەنلەرگەكۆپرەك ئۇچۇر تەمىنلەش خالاس. ئەگەر بۇ مەخسەت سىزدە ئىشقا ئاشقان بولسا،باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ. ھەممىز بىللە ئۈگىنەيلى ۋە ئۈگىتەيلى.ئاللاھ زىھنىڭىزنى ئۇچۇق قىلسۇن، ئامىن!
بىرىنچى قىسىم ھاياتلىق پىنى ھەققىدە
1. ئىلىم پەن- سىزنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشىڭىزندىكى ئەڭ ياخشى يولىڭىزدۇر
ئىلىم - پەن (بۇنىدىن كىينكى مەزمۇنلاردا قىسقارتىلىپ پەن دەپ ئېلىندى) دىگەن بۇ سۆز تىلىغا ئېلىنسا بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر مۇرەككەپ بولغان ئۇقۇملار، تەڭلىمىلەر، تىئورمىلار، قانۇنلار،ئۈسكىنىلەر ۋە ھەر خىل تەجىربىلەرنى كۆز ئالىدىغا كەلتۈرىشى ۋە ئۇنى ناھايىتى قىيىن ۋە مۇرەككەپ ۋە ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئەقىللىق ۋە يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشىلەرلاقىلىدىغان بىر ئىش دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتەسىزمۇ بىر پەنچى (ئىنگىلىزتىلىدىكى scientist ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى پەن –تەتقىقاتچى ياكى ئالىم دىگەن ئۇقۇمنى مۇشۇ سۆز بىلەن ئىپادىلەندى) بولالايسىز. ئشەنمەمسىز؟! ئەگەر يەنە ئىشەنمىسىڭىز بىز چۈشەندۈرۈپ قويىمىز. پەنچى بولۇش ئۈچۈن مۇرەككەپ ۋە يۇقىرى سەۋىيدىكى بىلىم تەلەپ قىلمايدۇ.بۇنڭىغا پەقەت بىر تال مىڭە (بۇ ئاللىبۇرۇن سىزدە بار)، دۇنيانى چۈشىنىشكە قىزىقىش ۋە ئۈگىنىش ئىستىكى بولسىلا بولدى. سىزدە بۇ ئۈچىنىڭ بىرسى يەنى مىڭە بار بولىدى،قالغان ئىككىسىنى بىزگە مۇراجەت قىلىڭ. بىزنىڭ مۇشۇ ئەسەرنى يېزىشىمىدىكى مەخسىتىمىز دەل سىزدە قىزىقىش ۋە ئىستەك پەيدا قىلىشتۇر.
ئۇنداقتا بىز ئەڭ ئالىدى بىلەن پەن دىگەن ئۇقۇم بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى. پەن دىگەنبۇ سۆزنى
ئۇيغۇر سوفىت تور لوغىتىدە < تەبئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىپ
بېرىدىغان ھەمدە ئەتراپتىكى مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىلىملەر سىستېمىسى> [1] دەپ ئىزاھالاپتۇ. بىز بۇ يەردە كۆزدەتۇتىدىغان پەن ئاتالغۇسىنى ئىنگىلىز تىلىدىكى science دىگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىسەك ئەڭ توغرا بولىدۇدەپ قارايمىز. ئىنگىلىز تىلىدىكى بۇ ئاتالغۇنى دوكتۇر جەي فىلان (JayPhelan)مۇنداق چۈشەندۈرگەن بولۇپ، مۇشۇ قاراشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. يەنى پەن (science) دىگىنىمىز دۇنيا ھەققىدىكى پاكىتلار ۋە دۇنيانى چۈشىنىش جەريانىدۇر[2].
2. ھاياتلىق ئىلمى
بىزنىڭ بۇ قىسىمدا تۇنۇشتۇرماقچى بولغان مەزمۇن بولسا يۇقارقى پەن دىگەن ئۇقۇمنىڭ ئىچىدىكى ھاياتلىققا دائىرى بىر بۆلىكى بولغان ھاياتلىق پىنى(ئەمەلىيەتتە بۇ ئاتالغۇنى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مەتبۇئات ۋە تارقىتىش ۋاستىللىردە ھاياتلىق ئىلمى دىگەن ئاتالغۇ بىلەن ئالىدۇ، شۇڭا بىزمۇ كىينكى مەزمۇنلاردا مۇشۇنداق ئالىمىز ) دۇر.
ئۇنداقتا ھاياتلىق ئىلمى دىگەن قانداق پەن؟ بۇ سۇئالغا جاۋاب بىرىش بىرقەدەر قىيىن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھاياتلىق ئىلمى دىگەن ئۇقۇمغا ئوخشىمىغان ئېنىقلىما بەرگەن. لىكىن نۇپۇزلۇق بولغان ئېنىقلىمىلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەندىكىدەك بىر كۆز قاراشنى قوللايدۇ. يەنى ھاياتلىق ئىلمى جانلىقلار ۋەئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى، جانلىقلار بىلەن جانلىقلار ۋە جانلىقلار بىلەنجانسىزلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىش ۋە تەتقىقات ئۇسۇلىلىرى ۋە شۇنداقلا شۇ خىل ساھەدىكى تەتقىقات ئەخلاقى توغرىسىدىكى پەندۇر.
يۇقىرىدا بىز ھاياتلىق ئىلمى ھەققىدە ئىنتايىن ئاددىي بولغان بىر چۈشەنچىگە ئىرىشتۇق. ئۇنداقتا بىز نىمە ئۈچۈن ھاياتلىق ئىلمىنى ئۈگىنىشىمىز كىرەك؟ بۇسۇئالغا ئاددىي قىلىپ ئېيىتقاندا مۇنداق جاۋاپ بىرىشكە بولىدۇ. بىز ئىنسانلارجانلىق بولۇش سۈپتىمىز بىلەن يەرشارىدىكى باشقا جانلىقلار بىلەن بىرلىكتەياشايمىز. مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا جانلىقلار توغرىسىدىكى بىلىم ئىنسانلار ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ، ئۆزىمىزنى ۋە بىز بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان باشقا جانلىقلارنى بىلىشتە كەم بولسا بولمايدۇ. ھاياتلىق ئىلمى دەل مۇشۇ ئىھتىياجنى قاندۇرىدۇ. بىز شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتلىق ئىلمىنى ئۈگىنىشىمىز كىرەك.
3. ھاياتلىق ئىلمىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى تەرەقىقىيات ئەھۋالى
ھاياتلىق ئىلمى يېقىنقى زامان پەن – تەتقىقات ساھەسىدىكى ئەڭ تىز تەرەققى قىلغان ۋە كۆپ خىل ساھەلەر بىلەن گىرەلەشكەن بىر پەن تۈرى بولۇش سۈپتى بىلەن ئىنسانلارتۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگىچە كىڭىيىپ ھازىرقى زامان ئىلىم – پەن ساھەسىدىكىئاساسى تىمىغا ئايلانماقتا. يەر شارى خاراكترلىق مۇھىت بولغىنىش، ئىنرگىيە قەھەتچىلىكى، ئاشلىق ۋە سۇ مەسلىسى قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسىدە كىلىپ چىققان ئىنسانلاردىكى ھەر خىل كىسەللىك ئۆزگىرىشلەر كىشلەردىن ھاياتلىق جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىق مەسلىسىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بولۈشنى شەرىت قىلماقتا.مۇشۇنىڭىدەك خىلمۇ – خىل ئىھتىياج ۋە تەققازالار ھاياتلىق ئىلمى ساھاسىدىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ھاياتلىق ئىلمىنىڭ يېقىنقى 50 يىللىق تەرەققىياتى ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ۋە باشقا جانلىقلار توغرىسىدىكى بىلىمىنى يېڭى بىربالداققا كۆتۈردى. بۇ مەزگىل ئىچىدىكى دىئوكسى رىبو نوكلىئك كىسلاتاسى (DNA) نىڭ تۈزلۈش مودىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىنى باشلىنىش نوقتىسى قىلغان بىر مەيدان تېخنىكا ۋە ئىلىم – پەن يېڭىلىقلىرى گىن قۇرۇلۇشى جۈملىدىن گىننى تەن سىرتىدا قايتا قۇراشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ھالقىلىق تېخنىكىلارنىڭ بارلىققا كىلىشىگە سەۋەپ بولدى. ئۆتكەن ئەسىرىنىڭ 90 – يللىرىدىن باشلانغان ئىنسانلار گىن گورۇپىسى پىلانى (Human Genome Project,HGP) نىڭ تاماملىنىشى ئىنسان بەدىنىنىڭ ھەر خىل فىزولوگىيلىك ئۆزگىرىشلىرىنى مولكولاسەۋىيسىدە تۇرۇپ كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. كومپىيوتىرتېخنىكىسىنىڭ ھاياتلىق ئىلمى ساھاسىگە سىڭىپ كىرىشى جانلىقلانىڭ گىنى ۋە گىن گورۇپىسىنىڭ تەرتىپلىنىش ۋە تۈزۈلىشى ۋە شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان گىنلارنىڭ ۋە شۇگىنلاردىن يەتكۈزۈلگەن ئىرسىي ئۇچۇرلارنىڭ كىيىنكى بىكىتى بولغان رىبو نوكلىئك كىسلاتاسى (RNA) ۋە ئاقسىل قاتارلىق بىيومولكۇلىلارنىڭ زامان ۋە ماكان بويىچە پەيدا بولۇش ئۇچۇرى ۋە مىقدارى توغرىسىدىكىغايەت زور سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن قولايلىقلارنىئېلىپ كەلدى. ئۇنڭىدىن باشقا يەنە غولھۆجەيرە تەتقىقاتىدىمۇ ئالامشۇمۇل نەتىجىلەر بارلىققا كىلىپ ئىلگىرى مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارالغان بىر قىسىم كىسەللىك ئۆزگىرىشنى داۋالاش پۇرسىتى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە ۋە بىر قىسىم تەتقىقات نەتىجىللىرى ئاللىقاچان داۋالاش ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. بىز ھەممە نەتجىلەرنى بۇ يەردە بىر – بىرلەپ تۇنۇشتۇرۇپ ئولتۇرمايمىز. كىينكىقىسىملاردا مۇناسىۋەتلك مەزمۇنلار بىلەن بىرلىكتە بىر قىسىم ئابىدە خاراكتىرلىك تەتقىقات نەتجىللىرىنى بىر قەدەر تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئاخىرىقى سۆز
يىغىپ ئېيىتقاندا، ھاياتلىق ئىلمى يېڭى ئەسىر ئىلىم – پەن ساھەسىدىكى ئەڭ نوقتىلىق تەتقىقات تۈرىبولۇپ، بەزى كىشلەرنىڭ ئوبرازلىق تىلى بىلەن ئېيىتقاندا 21- ئەسىر بىيولوگىيە يەنى ھاياتلىق ئىلمى دەۋرىدۇر. بۇ سۆزدىنكۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى بۇنڭىدىن كىين دۇنيا ھاياتلىق ساھەسىگە يۈرۈش قىلغانلارغاتېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى يارتىپ بىرىدۇ. ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئېيىتقاندابۇنڭىدىن كىين بىر دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكاشۇنداق ئۈنۋىرسال دۆلەت كۈچى ۋە تەرەققىياتىنىڭ بەلگىسى بەلكىم ھاياتلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق بىر دەۋىر تەلىپى ۋە پەن – تېخنىكايۈزلىنىشى ئالدىدا بىز ئۇيغۇرلار قانداق قىلىشىمىز دىگەن سۇئال ھەر بىرقېرىندىشىمىزنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىشغا ئەرزىيدۇ. ئەلۋەتتە، بىر قىسىم ئۇيغۇر كىشىلىرىمىزبۇ ساھەدىكى بىر قىسىم خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىللىتىمىزگە بۇساھەدە ئۈلگە تىكلىمەكتە. بۇ يەردە ۋەكىللىك خاراكتىرلىق شەخسلەردىن ئامىرىكاتەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى دوكتۇرشۆھرەت مۇتەللىپنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ يىتەكچىلىك قىلغان تەتقىقات گورۇپىسىنىڭ غول ھۆجەيرە ساھەسىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى شۇ ساھەدىكى نۇپۇزلۇق تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ يۇقرى باھاسى ۋە ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشتى.
ئاخىرىدا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ كەبى كىشىلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ يىتىشىپ چىقىپ خەلىقمىز ۋە شۇنداقلا ئىنسانلارجەمىيتنىڭ تەرەقىقىياتىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىشىنى ئاللاھتىن تىلەيمىز ۋە توغرايولغا يىتەكلىنىشىنى ئىستەيمىز. ئامىن!
پايدىلانما مەنبەسى:
[1] http://www.udict.cn/ug-CN/default.aspx [T][2] Jay Phelan. What is life? Guide tobiology.2010 [B].ئاتالغۇلار
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: D- S) F. N* `
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ r% S0 w9 g( ^: Qئۇيغۇرچە بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: @: c% `/ Q1 i' Q; ^* h
| بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 E8 s% g9 V! v. I( K' l+ l
ئېنگىلىزچە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, C8 R5 \ b' p6 { |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 Q8 d; n6 G6 O* L! C' dخەنچە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% |( W2 S9 {4 q n |
ئىلىم – پەن | Science | 科学 |
ھاياتلىق ئىلمى | Life Science | 生命科学 |
ئىنسانلار گىن گورۇپىسى پىلانى | Human Genome Project, HGP | 人类基因组计划 |
دىئوكسى رىبو نوكلىئك كىسلاتاسى | Deoxyribonucleic acid, DNA | 脱氧核糖核酸 |
رىبو نوكلىئك كىسلاتاسى | Ribonucleic acid, RNA | 核糖核酸 |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' r: ^6 @9 `# E2 T+ g" cئاقسىل
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ I* j' r2 u4 Z( n9 p" [ | بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; L8 P6 O5 \) b& o' M
Protein
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ V! P- t7 J+ q |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, X% |1 G q6 K+ [" K: M蛋白质
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% i7 _# g3 _, P |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. O4 s6 x! m9 f& K, w
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& d/ h. o5 z7 H3 s- w+ a @3 c0 [' V) L
ئىزاھات:
1. مەزكۇر يازمىدىكى بىر قىسىم كەسپى سۆز –ئىبارىلەرنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوخشىمغان تىلمۇھىتىدا تۇرۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن كۆپ قوللىنىدىغان ئۆلچەملىك يېزىلىشى ئۇيغۇرچە،ئىنگىلىزچە ۋە خەنچە ئۈچ خىل تىلدا بىرلىدى.
2. پايدىلانما مەنبەسىى دىگەنقىسىمدىكى ھەر بىر مەنبە ئاخىرىدا [K] بولسا نەشىر قىلىنغان كىتاپنى، [T] بولسا تور بىكەت ئاددرىسىنى،[M] بولسا ئىلان قىلىنغان ماقالىنى كۆرسىتىدۇ.
بايانات:
بۇ يازما شەخسنىڭ قىزىقىشى بويىچە يېزىلىدى.ئىھتىياجى بارلارنىڭ ئەقلى ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تور بىكەتكە چىقىرشتاياكى بېىسپ چىقىرىشتا خالىغانچە ئىشىلەتسە بولىدۇ، لىكىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكەئاپتۇر ئىگە بولمايدۇ. ئاپتۇرنى ۋەمەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 C* a/ s( Z6 `" U6 U/ H, F- X
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' t F0 D* G' l1 ?% J; X0 ` بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۇغرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-30 09:18 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( k* h2 c$ Y/ e: M2 l( ^
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 E$ E& {9 _+ R: K