مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5611|ئىنكاس: 39

[بوزقىر] cctv دىلا ياشىسام دەيمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 40014
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7253 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 06:54:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

CCTVدىلا ياشىسام دەيمەن



دىڭ دوڭ



بوزقىر تەرجىمىسى


   



           بۇ يىل 5-نويابىر CCTVئەقىل ئامبىرى مۇنبىرى ئۇيۇشتۇرۇپ ، پروگرامما ، رىياسەتچى ۋە قاناللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تۈرلەر بويىچە رازىمەنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى .

     بۇدوكلاتنى CCTV نىڭ باش تەھرىر ئىشخانىسى بازار بالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شۈ لىجى ئېلان قىلغان بولۇپ ، دوكلاتتا « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر» ، «قىزىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت » ۋە « نۇرلۇق يول » قاتارلىق ئۈچ پروگرامما رازىمەنلىك دەرىجىسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.

      CCTV نىڭ بۇ خىل ئەل رايىنى سىنىشى ھەقىقى ئەھۋالنى ئۇقمايدىغان ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ ، ئۇلارنى شۇ پىروگراممىلار راستىنلا قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىشى تۇرغانلا گەپ. ئەمەلىيەتتە ، بۇ «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر» نىڭ قاراپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئاتتۇرغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى ، بۇ سىرىتقا قارىتا تەشۋىقاتتىكى ئىزچىللىقتىن پايدىلىنىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشتىن ئېرىشكەن سانلىق ئاساسلارغا تايىنىپلا چىقىرىلغان خۇلاسىدۇر ، خالاس. يولداش ماۋزېدوڭ « تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغان كىشىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ »دېگەن . بۇنداق دېگەنلىك  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئاندىن پىكىر بايان قىلىڭ ، بولمىسا قىلغان پىكرىڭىز چەك باسمايدۇ ،دېگەنلىكتۇر.

  


         كونىلاردا «مۈشۈككە ئويۇن ، چاشقانغا قىيىن  » دېگەن گەپ بار. CCTVنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە جىڭدا توختىمايدىغان تەركىپلەر كۆپ ، شۇڭا ئۇنى ئانچە ئىشەنىچلىك دېگىلى بولمايدۇ. ئاۋام – پۇخرا « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقاراخەۋەرلەر»نى  ئۆزىنىلا ماقتاپ ، ئۆز كۆڭلىنى خوش ئېتىپ ئوينايدىغان پىروگرامما ، دەۋاتقان يەردە يەنە ئۇنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلىۋالغىنى نېمىسى ؟

      ئىجتىمائىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىر تۈرلۈك مەخسۇس ماھارەت ھېساپلىنىدۇ . ئۇنىڭ جەريانى ئىلمىيمۇ –يوق؟ نەتىجىسى ئۈنۈملۈك بولدىمۇ-يوق ؟ئاۋامنىڭ نەزىرىدىكى ئىشەنچلىك دەرىجىسى قانچىلىك ؟ قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارغاباغلىنىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇ نېمىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىپتۇ ؟ كىملەر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىپتۇ ؟ قانداق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىپتۇ ؟ دېگەندەك تەرەپلەرگە بېرىپ تاقىشىدۇ.

  


       كىملەر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىپتۇ ؟ دېگەننىڭ يادروسى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى بولغاندىلا ئاندىن ئىشەنچلىك بولغان ھېساپلىنىدۇ، دېگەنلىكتۇر. CCTVئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان بولسا ئۇنداقتا بۇ ئىچكىي قىسىمدا پايدىلىنىشقا تەۋە ئىش ھېساپلىنىدۇكى ، ئۇنى سىرىتقا ئاشكارە ئېلان قىلغاننىڭ ئانچە قىممىتى بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى ۋە ئانالىز قىلغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ماھارەتنى ئىگىلىگەن ئىگىلىيەلمىگەنلىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئىلمىي ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىنىڭ موھىم كاپالىتىدۇر.

      نېمىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىپتۇ ؟ دېگەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەسىلە كۆزدە تۇتىلىدۇ . CCTVنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىدا خاھىشچانلىق ۋە ئاشكارىلىق قاتارلىق مەسىلىلەر دۆۋىلىنىپ تۇرۇپتۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ئەل-ئاۋامنىڭ پوزىتسىيىسىنى توغر ائىگىلىيەلىشى ناتايىن . شۇنداق ئىكەن ، CCTVنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە چوغ تارتقانلىقى ئۆز-ئۆزىدىن ئايانكى، ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقى بىرەرمەھسۇلات ماركىسىغا خېرىدار ئىزدەش جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان  ئاممىۋى مۇناسىۋەت پائالىيەتلىرىدىن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ.

      قانداق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىپتۇ ؟ دېگەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دائىرسى، ئوبىيېكتى ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىنىڭ تەرتىپلىك ۋە ئاشكارە بولۇشى كۆزدە تۇتىلىدۇ . ئەمما ، cctv بۇقېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنى ئاشكارىلاشتىن بۇرۇن سىرىتتىكىلەر بۇنىڭدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغان . شۇڭا ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەركىتى قائىدىگە چۈشمىگەچكە ھەقىقى ئەھۋالنى ئىگىليەلمىگەن .

قانداق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىپتۇ ؟ دېگەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دائىرسى، ئوبىيېكتى ھەممىدىن موھىم بولۇپ ،ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە . تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دائىرسىنى ئالساق ئۇ يەنە ئوخشىمىغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئوبىيېكىتلىرى ئارىسىدىكى رىقابەتچانلىق ،سېلىشتۇرۇشچانلىق  قاتارلىقلارنى ھازىرلىغان –ھازىرلىمىغانلىقىغىمۇ بېرىپ تاقىشىدۇ. مەسىلەن ، CCTV نىڭ بىرپىروگراممىسى بىلەن خۇنەن تېلېۋىزىيىسىنىڭ مەلۇم بىر پىروگراممىسىنى ئوخشاش نۇقتىدىن چىقىپ سېلىشتۇرسا ئادىللىق بولمايدۇ . چۈنكى ، ئۇلارنىڭ كۆرۈرمەنلىرىنىڭ دائىرسى ئوخشىمايدۇ. يەنە مەسىلەن مەلۇم بىر تارقىتىش ۋاستىسىغا بولغان رازىمەنلىك دەرىجىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا رادىئو ، گېزىت ، توردىن ئىبارەت ئوخشىمىغان تارقىتىش ۋاستىلىرى ئارا ئېلىپ بېرىلسا ئاندىن بىر قەدەر ئوبىيېكتىپ ۋەئىشەنىچلىك بولغان بولىدۇ . ئەمدى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئوبىيېكتىغا كەلسەك ،CCTVدىن ئىبارەت بۇتارقىتىش ۋاستىسىنىڭ  كۆرۈرمەنلىرىگە قارىتا  رازىمەنلىك دەرىجىسى ئۈستىدەتەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق . چۈنكى ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككەئىگە كۆرۈرمەنلەر تاللاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇپ ، پەقەت زورلاپ كۆرۈشكىلا مەجبۇرلانغان ( مەسىلەن ئالتۇن ۋاقىتتا كۆرسىتىلىدىغان  « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر» نى كۆرۈش مەمۇريى بۇيرۇق ئارقىلىق زورلاپ تېڭىلغان ) . ئەمما ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرگۈچىلەردە ئاساسىي ئېتراپ مەۋجۇت. شۇڭا ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئوبىيېكىتلىرى بولغان كۆرۈرمەنلەرنى شۇ يەردىكى « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر» دىن باشقا پروگراممىلارنىمۇ كۆرۈش شارائىتىغا ئىگە كۆرۈرمەنلەر توپىغىچە كېڭەيىتكەندىلا ئاندىن توغرا بولغان رازىمەنلىك ئاساسلىرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ . بىلىشىمچە ، بۇ ھەقتىكى ئىشەنىچلىك دەرىجىسىدىن گۇمانلانغانلارنىڭ ھەممىسىلا  ئەزەلدىن «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر» نى كۆرمەيدىغانلاردۇر.


يۇقۇرقى ئۈچ تەرەپلىك بايانلاردىن ئايانكى ، CCTVنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنىڭ قانداقلىقى ئۆز-ئۆزىدىن ئايان . بۇ ھەقتە قايتا توختۇلۇشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك . ئەمەلىيەتتە ئاۋام –پۇخرانىڭ « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر» نىڭ چىنلىقىغا قارىتا قانداق شۈبھىلىك پوزىتسىيە تۇتىۋاتقانلىقىنى ئەل ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن مۇنۇ سادالاردىن كۆرۈۋالغىلى بولساكېرەك :


« ئەگەر تۇرمۇش تاللىسا مېنى »


ئەگەر تۇرمۇش تاللىسا مېنى ،

مەن تاللايىتتىم « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»نى.

ئۇ يەردىكى كاتتام باشلارنىڭ بارى دەۋىر ئاۋانگارتلىرىدۇر،

ئۇ يەردىكى ئاممىنىڭ ھەممىسى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدۇر.

گەر تۇتۇلسا پارىخور  باشلىقتىن بىرەرسى ،

پەقەت ئېلىپ كېتىشەركەن قىسمەن پۇلىنى ،

شۇڭا قالماسكەن زەررىچە دەردۇ-ئارمىنى.

ئەگەر تۇرمۇش تاللىسا مېنى ،

مەن تاللايىتتىم « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»نى.

ئۇ يەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىن يىلدا ھوسۇل چىقىدۇ .

سانائىتىدىن خۇش خەۋەر ئۈزۈلمەيدۇ.

پۇخرالىرى ئۇچرىسا گەر تەبىئىي ئاپەت

ۋەپۇل-مۇئامىلە كىرزىسىگە ھەتتا،

ھە ميېنى تومپايسا تومپىيىدۇكى ھەرگىز كىچىكلەپ قالمايدۇ.

ئاھ، تەڭرىم مۇبادا مېنى قايتىدىن ياراتماقچى بولساڭ،

پەقەت ۋە پەقەت « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»نىڭ ئىچىگىلا تەۋەللۇت بولسام ،

ئارمىنىم شۇندىلا مەڭگۈ كۆكلەيىتتى.


« ئارزۇيۇم»

   

  بار ئىدى مەندە شۇنداق بىر ئارزۇ كۆپتىن بۇيان،

« مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»نىڭ ،

ئىچىدىلا ياشىسام دەيدىغان .

      ئۇ يەردىكى بالىلار ئوقۇيالايدىكەن ،

    ئۇ يەردىكى كېسەللەر داۋالىنالايدىكەن ،

      ئۇ يەردىكى پۇخرالار ئايلىقى 77 يۇەنلىك ،

ئەرزان باھالىق ئۆيلەردە ئولتۇرالايدىكەن.

ئۇيەردىكىلەرنىڭ ئىش ھەققى %11.2 ئۆسىدىكەن،

ئۇيەردىكى %99.3ستودېنىت ئىشقا ئورۇنلۇشىدىكەن.

ھەتتا ستودېنىتلار ھەرۋاقلىق تاماققا،

ئاران 2-3كويلا خەجلەيدىكەن.

      بار ئىدى مەندە شۇنداق بىر ئارزۇ كۆپتىن بۇيان،

      « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»نىڭ

ئىچىدىلا ياشىسام دەيدىغان .

     ئۇ يەردە مال باھاسى ئۆسمەيدىكەن،

     ئۇ يەردە قاتناش توسۇلمايدىكەن.

     ئۇ يەردە مۇھىت ساپ ئىكەن ،

ئۇ يەرد ەشەھۋانىيلىق يوقكەن،

ئۇ يەردىكى جىنايەتچىلەرنىڭ ھەممىسىلا قولغا چۈشىدىكەن.


« < مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋەخەلقارا خەۋەرلەر> جەننەتتەك ماكان»

     

    ياشىسامكەن « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»دىلا،

          ھەر قېتىم ئاڭلىسام ناخشاڭ ساداسىنى ،

          قەلبىم توختاۋسىز لەرزىگە كېلۇر.

          چۈنكى ، « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»دە

        چوڭاملىرىمىز سەرخىل ، بەردەم،ئىشچانكەن.

       ئەلنىڭ غېمىدا يۈرۈپمۇ  ھارماي-تالمايدىكەن.

       ئەلنىڭ چاكىرى بولىمەن، دەپ ئۆزىنىمۇ ئۇنتۇيدىكەن.

      

      چۈنكى ، « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»دە،

     ۋەتەننىڭ تاغ-دەريالىرى شۇنداق گۈزەلكەن.

بولۇپمۇدېھقان قېرىنداشلىرىمىز ،

كۈندىن كۈنگە بېيىپ تىقىلىپ كەتمەكتىكەن.

ماشىنىلار تىراكتورلارنى سىقىپ چىقىرىپ،

رەت-رەت داچىسىمان ئۆيلەر قەد كۆتەرمەكتىكەن.

ئۇلار خوشاللىقىنى سىغدۇرالماي كامېرا ئالدىدا:

« بىزلەر ئىنتايىن بەك رازى » دېمەكتىكەن.

« مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»دە

ئۆي باھاسى ئاران % 1.5 لا ئۆسۈدىكەن،

بۇ ساننى ئاڭلىغان ھامان ئادەمنىڭ بېشى قېيىپ ،

خوشاللىقتىن ھۇشىدىن كېتىدىكەن.

مۇبادا دۇفۇ ھەزرەت قايتا تىرىلىپ ،

ياشىغان بولسا « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»دە،

بۇرۇن ئۆتكەن كۈنلىرىگە ھەسرەت چېكىپ :

« كۈللىي ئالەمدىكى جەننەت ئىكە بۇ ماكان»دەرلەر ئىكەن.

« مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر»دە،

سىرىتقى دۇنيا زۇلمەت كۆرۈنۈكەن،

جاھانگىرلارنىڭ تۆمۈر تاپىنى ،

جىمى ئالەمنى بېسىپ ياتقاندەك،

ئۇرۇش ، شۇم خەۋەر ، دېلولارنىڭ ئايىغى چىقماستەك،

قانداقمۇ سۆزلەپ بولۇش مۇمكىن بولسۇن ئۇ كۈلپەتلەرنى؟

شۇندىلا ، بىز جەنەتتە تۇرىۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىزكەن.

سىرىتقى دۇنيا نېمىدېگەن دەھشەت-ھە،

ئېزىلىۋاتقان خەلقلەر ، ئۇلارنىڭ ئاچ-زار تۇرمۇشى ،

بۇلارنى ئويلاشقا غايەت زور جۈرئەت كېرەككەن.


بىراۋ يەنە «مەملىكەت خەۋەرلىرى خەلقئارا خەۋەرلەر» دە

كۆرسىتىلگەن ئوخشاش مەزمۇندىكى بىر خەۋەردىكى ئوخشىماسلىقنى مۇنداق خاتىرلىگەن :


30 يىل ئاۋال ئۇلار :

« پىلانلىق تۇغۇت ياخشى ، ياشانغانلارنى ھۆكۈمەت باقىدۇ» دېسە ، بىز ئىشەندۇق .

20يىل ئاۋال ئۇلار :

« پىلانلىق تۇغۇت ياخشى ، ھۆكۈمەت ياشانغانلارنى بېقىشقا ياردەم بېرىدۇ» دېسە ، بىز ئىشەندۇق.

10يىل ئاۋال ئۇلار :


« ياشانغانلارھۆكۈمەتكە تايىنىۋالسا بولمايدۇ ، ئۇلار ئىجتىمائىي بېقىنىش سوغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك » دېسە بىز يەنە ئىشەندۇق.

ئەمدىلىكتە ئۇلار:« كېچىكىپ پىنسىيىگە چىققان ياخشى ، شۇندىلا ياشانغاندا ئۆزىنى ئۆزى باققىلى بولىدۇ» دەۋاتىدۇ.

      


        ئەل ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن بۇ ئىنتايىن ساددا-غەرەزسىزئىنكاسلار جۇڭگو پۇخرالىرىنىڭ ئەن-ئەنىۋى تارقىتىش ۋاستىسىغا بولغان ساداسىنى ئەكىس ئەتتۈرمەي قالمايدۇ. ئەڭ ئاخىردىكى ھۆكۈمەتنىڭ ياشانغاندا كۈتىنىش سېياسىتىگە بولغان ئۈمىتسىزلىك كەيپىياتىدىن باشقىلىرى  ئالدام خالتىغا چۈشۈپ چېلىنىپ كېتىۋاتقان ئاۋام-پۇخرالارنىڭ  « مەملىكەت خەۋەرلىرى خەلقئارا خەۋەرلەر» ۋەكىللىكىدىكى ئەن-ئەنىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ تەشۋىقاتچانلىق، ئويدۇرمىچىلىق ۋە ھاپپازلىقتىن ئىبارەت خەۋەر قىلىش ئۇسۇلىغا بولغان كومىدىيىسى ۋە كىنايىسى ، شۇنداقلا  قەلبىدىكى نارازىلىقلىرىنىڭ مۇرەككەپ يوسۇندا ئىپادىلىنىشىدۇر. شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرمەي بولمايدۇكى، مۇبادا ئاممىنىڭ  « مەملىكەت خەۋەرلىرى خەلقئارا خەۋەرلەر»گە بولغان ھەقىقى چۈشەنچىسى بويىچە نومۇر قويغىلى بولىدىغان ئىش بولسا ئىدى ئۇ ھالدا  cctv نىڭ بۇقېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسى باشقىچە بولغان بولارىدى .

         جۇڭگو تاراتقۇلىرى مۇستەقىللىق مەيدانىنى ھازىرلىمىغان بولغاچقا ئۇلار ئۆز ئورنىنى ، پوزىتسىيىسىنى ، كەسپىي ئەقىدىسى  ۋە قائىدە-پىرىنسىپلىرىنى بېكىتىشكەئامالسىز.شۇنداقتىمۇ، ئۇلار تەڭرى ئاتا قىلغان ئىنسانىي ئەقىدىلەرگە يات زۆرۈرىيىتى يوق ئارتۇق يۈكلەرنى يۈدىۋالمىسا بولاتتى. مۇ نىڭنىڭ سۆزى بويىچە ،ئۇلار سېياسىي ھوقۇقنىڭ كېڭەيگەن قىسمى ، زورلۇق ئىرادىسنىڭ چاپانچىسى ۋەمەنپەئەتدارلار گۇرۇھىنىڭ گۇپپاڭچىلىرىدۇر.

     شۇڭا ، جۇڭگو مۇخبىرلىرىنىڭ قاراپ تۇرۇپ «مۇخبىر » ئەمەس« جالاپ » (خەنزۇ تىلىدا «مۇخبىر» دېگەن سۆز بىلەن  «جالاپ» دېگەن سۆز بەزىدە ئوخشاش تەلەپپۇز   قىلىنىدۇ-تەرجىماندىن ) دېگەن يامان ئاتاققا قېلىشىمۇبىكار ئەمەس . چۈنكى ، «جالاپ» ئۆز تېنىنى سېتىش بەدىلىگە پايدىغا ئېرىشىدۇ. جۇڭگوتاراتقۇلىرىدا مۇشۇنداق كەسىپىي خادىملارمۇ ئاز ئەمەس. خۇسۇسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن كەسپىي ئەخلاقىنىمۇ يوقۇتىدىغان ، ھەتتا ۋىجدانىنىمۇ سېتىشتىن يانمايدىغان ، تېرەتاراقشىتىپ جان باقىدىغان بۇنداق « جالاپ» لار ھوقۇق ئىگىلىرى ئۈچۈنلا كەتمەن چېپىش ، جامائەت پىكرى ساھەسىنى بۇلغاش ئارقىلىق نان تېپىپ يەيدىغان نان كۈچۈكلىرىدۇر، خالاس. يېقىندا بى مەھەل داغ-دۇغا قوزغىغان چېن يوڭجوۋ دېلوسى جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ خىل زەيپانىلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى.



مەنبەسى :

http://blog.sina.com.cn/s/blog_5eab40290102eb11.html?tj


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-30 06:56 PM  


misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 07:16:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 40014
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7253 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 07:19:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
misken.cn يوللىغان ۋاقتى  2014-4-30 07:16 PM
cctv مەركىزى تىلۋىزىيە ئىستانسىسى شۇدۇ...

شۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81862
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3990
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 07:32:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ ‹مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئاراخەۋەرلەر›  ئۆزىنىلا ماختاپ ، ئۆز كۆڭلىنى خوش ئېتىپ ئوينايدىغان پىروگرامما›› راست گەپنى دەپتۇ

بىر مىللەتنى باشقا مىللەت ياكى دۆلەت قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ. بىزنى پەقەت ئاللاھنىڭ مەدىتى ۋە ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچان ...

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 07:46:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەملىكەت خەۋەرلىرى خەلىقئارا خەۋەرلەر پىروگىراممىسىدا، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئىشلىرىنى
بەك كۆرسىتىدۇ، رايونىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئايدا بىرەر قىتىم كۆرسىتىدۇ.

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8674
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1973 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 07:57:29 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىتىمىز ئاخپارات مىدىيە  ساھەسىدە  كەسپىي ئەخلاقتىن سۆز ئىچىش  تەس . (قىسمەن پىروگراممىلاردىن سىرت)
تولىمۇ جايىدا قامچىلاپتۇ .  
ياخشى ماقالىلەرنى داۋاملىق تەرجىمە قىلىپ يوللاپ تۇرغايسىز  .

         بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ .
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 08:09:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 08:39:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسىت جۇما.ئىشىنىمەن مەن.مەركەزنىڭ تاراتقۇسى پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى كۆرسىتىپ بولالمايلا ئاخىرلىشىپ تۈگەيدۇ.مەنمۇ كۆرىمەن تازا قىززىپ كۆرىمەن.تۈگىگەندە كۆزۈم قىيماي تۇرۇپ كىتىمەن.لىكىن بەش مىنۇتتىن كىيىنلا ئەتىرامپىمدىكى ئىشلارغا قاراپ دەنشىدىكى خەۋەرنى سىلىشتۇرۇپ بىرنى تۈكىرىمەن.نىمىشقا دىسەڭلا دەنشىدە پوقرانىڭ ساپاسى ئۇنداق يۇقىرلىدى بۇنداق ئۆستى دەيدۇ.كوچىغا چىققۇچە ئۆينىڭ ئەتىراپىغا يا بىرى چىچىپ ئولتۇرغان يا بىرلىرى كۆزىچە بىر نىمىلەرنى ئىتىۋىتىپپبارغان.

بەخىتلىك ئوخشايمىز دىسەك تولا خەقنىڭ ئۈيى يوق.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 08:48:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوزقىر ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن. ئۇنىڭ مىڭئۆيلەر سېلەرگە يۈز كېلەلمەيمىز دېگەن ئەسىرىنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئۇقىغان ئىدىم

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103728
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 463
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2014-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 09:10:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالمىچى يوللىغان ۋاقتى  2014-4-30 07:46 PM
مەملىكەت خەۋەرلىرى خەلىقئارا خەۋەرلەر پىروگىراممىسىد ...

راس     دەيسىز

ئاللا بەندىللىرىڭنىڭ گۇنايىنى ئوزۇڭ كەچۇر (ئامىن)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش