بەھرام بىدىكنىڭ باپلىنىشى(سانائىل سۆز ئۇيۇنى)
بەھرام بايئېرىق بازىرىدىكى بىدىكلەرنىڭ باشلامچىسى.بازاردىكى بارلىق بىدىكلەر بەھرام بىدىكتىن بىدىكچىلىقنىڭ بىلىملىرىنى بىلىۋېلىپ،بىدىكچىلىكىنى باشلىغان.بازاردا بەھرام بىدىك بولسىلا باشقا بىدىكلەر بىدىك بازىرىغا بارالمايدۇ.بەھرام بىدىكنىڭ بازىرىنىمۇ بۇزالمايدۇ.بەھرام بىدىكنىڭ بىدىكچىلىكتە بەكمۇ بىڭسىسى بار. بەھرام بىدىكنىڭ بەتقىلىق،بولومسىز،بىتۇيۇق باپلاشلىرى بولغاچقا، بازارچىلارمۇ بەھرام بىدىك بار بازاردا بىلىپ-بىلمەي بەھرامغا بوزەك بولىدۇ.
بازاردىكى بازار باشقۇرغۇچىلارمۇ بەھرام بىدىكنى باشقۇرالمايدۇ.باشقۇرۇشقا بىرىلىپ، باغلىۋالسىمۇ بەھرام بىدىك بىشەملىك بىلەن باغلاقتىن بۇشۇنۇپ،بازار باشقۇرغۇچىلارنىمۇ بۇغۇپ،بىدىكلىكى بولمىسا بەش بالىسىنى باقالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىزىرىۋالىدۇ. بازارباشقۇرغۇچىلارمۇ بەھرامنىڭ بازاردىكى بازارچىلارنى بوزەكلىشىدىن بىخەۋەر بولۇۋالىدۇ.بۇنىڭ بىلەن بەھرام بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك بىشەملىشىۋېلىپ،باشقىلارنى باپلاش بىلەن بۇلۇۋىرىدۇ.
بەھرام بىدىك بىربازاردا بىدىكچىلىكىنى بىتۇيۇقلا باشلىدى.بازارنى بىرەر قۇر بايقاۋاتقاندا، بىردىنلا بازارنىڭ بىربۇلۇڭىدابەش بەترەڭ،بەدرەك بۇقنى باغلىۋالغان بىر بىچارە بوۋاينى بايقىدى.بۇقىنى باغلىۋالغان بازارچى بوۋاي بىلىنى باغلىۋالغان بولۇپ،بەكمۇ بىچارە بىلىنەتتى.بەھرام بىدىك بۇبازارچىنى باپلىماقچى بولۇپ،بېرىپ بۇقىلارنى باغلاقتىن بوشۇتۇپ، بۇقىلارنىڭ بىقىنلىرىنى،باش-بويۇنلىرىنى بىدىكچىلىك بىلىملىرى بۇيىچە بېغىرلاپ بېقىپ، بۇقىلارنىڭ باھاسىنى بىلمەكچى بولدى.بىچارە بوۋاي بۇقىلارنىڭ بىرىگە بارلىق بارمىقىدابىشارەت بىرىۋىدى، بەھرام بىدىك بىزەڭلەرچە باز-بازلاپ،بۈگۈن بازارنىڭ باھاسىنىڭ بوشلىقىنى،بۇقىلارنىڭمۇ بەترەڭلىكىنى بوۋايغا بىلدۈرىۋاتقاندا، باشقا بازارچىلارمۇ،بىزەڭ بىدىكلەرمۇ بىر-بىرلەپ بىردەمدىلا بىرىكىپ، بىردە بوۋايغا،بىردە بەھرام بىدىككە بولۇشۇپ،بازلاشتى.بازارچىلار بىچارە بوۋايغا بولۇشسا،بىدىكلەر بەھرام بىدىككە بەلەن بولماققا بەھرام بىدىككە بولۇشاتتى.بۇنداق بازلىشىشلاردابۇقىلارنىڭ بىرىنىڭ باھاسىنى بەشيۈزدىن بىكىتىلدى.بۇۋاي بىردىنلا بۇقۇلدىۋەتتى.بوۋاي بەشيۈزدىن بولسا بولمايدىغانلىقىنى ،بۇقىلاردىن باشقا بىساتى بولمىغاچقا بىقۇللىقتىن بىچارىلىشىپ بۇقىلارنى بازارغا باغلىغانلىقىنى بىلدۈرۋىدى،-باشقا بازارچىلارمۇ بوۋايغا بولۇشتى. بەھرام بىدىك بۇۋاينى بىقىنداپ، باشقا بىدىكچىلەرنىڭ بازلىشىدا،بەشيۈزدىن بولسا بولىدىغانلىقىنى ،باشقا بىدىكلەربولسا بەشيۈزدىنمۇ بەرمەيدىغانلىقىنى،بىخىللاشماي،بۇۋاينىڭ بەخىتسىزلىكىگە بېقىپ ، بەشيۈزدىن بىرىۋەتلىكىنى بىلدۈرۈپ،بىردەم باتناپ،بىردەم بىزىرىپ،بىردەم بوۋاينىڭ بېشىغا بېگىز بارمىقىنى بېسىپ بىڭسىداپ،بىربۇقىغا بەشيۈزدىن بىرىپ،بۇقىلارنىڭ بەشلىسىنى باغلاقتىن بوشىتىپ،بازاردىن بوشىنىپ بۇقىلارنى بايئېرىقتىكى بېغىنىڭ بۇلۇڭىدىكى بوشلۇققا باغلىۋالدى.بەھرام بىدىك بۇقىلارنى بەش بازار بورداپ،باشقا بىربازاردا باشقىلارغا بەش باراۋەر باھادا بىكىتىشكە بەل باغلاپ،بۇقىلارنى بورداشنى باشلىۋەتتى. بەھرام بىدىكنىڭ بۇقىلارنى بوردىشىمۇ باشقىچە.باشقىلاردەك باقمىچىلىق بىلىملىرىنى بىلمەيتى.بىلسىمۇ باقمىچىلىق بىلىملىرى بىلەن باقماي،بۇقىلارنىڭ بۇغۇزىغا بىئوخىميەلىك بىرىكمىلەرنى بىرىپ بوردىدى.بۇقىلارنىڭ بوغۇزلىرىدا بىدە بولماستىن باشقىچە بىئوخىميەلىك بىرىكمىلەربولغاچقا بۇقىلار بىرىكمىلەرنىڭ بورىنىدا بەلگىلىمىدىن بۇرۇن بوردىلىپ،بىقىن-بويۇنلىرى بۆسۈپ،باشقىچە بولدى.بەھرام بىدىك بىڭسىدىن بەھۇزۇر بەدەشقانلىشىپ،باشقا بازارغا بارماقچى بولدى.بەھرام بىدىك بۇقىلارنىڭ بوردىلىشى بىلەنلا بولماي، بوياقلار بىلەن بۇقىلارنىڭ بويىدى،بىقىنلىرىنى بېغىررەڭ،بويۇنلىرىنى بەترەڭ،بىلىنىمۇ باشقىچە بىر بوياقلاردا بولۇت بىلەن بوياپ،بۇقىلارنى بىرازىلىيەنىڭ بۇقىلىرىدەك بىزىۋەتتى.بەش بازار بولوپ بولغاندا بەھرام بىدىك بۇقىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ باغلاپ،بالىسى بىلەن بىرلىكتە بايتۇقايدىكى بۇقا بازىرىغا باردى.بەھرام بىدىكنى بىلمەيدىغان باشقا بازارچىلار بىلەن بىدىكلەر بىر-بىرلەپ بۇقىغا بۇيۇنداپ،بۇقىنى باھالاشتى.بۇقىلاربەكمۇ بەسىتلىك، بەھەيۋەت بولغاچقا بارا-بارابۇقىلارنىڭ باھاسى بەشمىڭدىن بولدى.بەھرام بىدىك باشقىلارنىڭ بازىرىنى بۇزۇشىدىن بىسەرەمجانلىشىپ،بۇقىلارنى بىكىتىلگەن باھاغا بىرىۋەتتى.بەھرام بىدىك بەخىرامان بىر باچكىخانىدابالىسىنى بەھۇزۇر بېقىۋاتقاندا بىردىنلا بازار باشقۇرۇشتىكىلەر باستۇرۇپ بېرىپ،بەھرام بىدىكنى باغلىۋالدى.بەھرام بىدىك بۇنىڭدىكى بىشارەتنى بىلەلمەي،بىشەملىك بىلەن بۇرۇنقىدەك باغلاقتىن بوشانماقچى بولۇۋىدى،بىراق بۇبازار باشقۇرۇشتىكىلەر بىخودلاشمىدى.بەھرام بىدىكنىڭ باغلىنىشىنى بىلمەكچى بولساق؛ بەھرام بىدىكنىڭ بۇقىلىرى بەشمىڭدىن بىكىتىلىپ بولۇپ،بۇقىلار بوغۇزلاش بۆلۈمىدە بىر-بىردىن بوغۇزلانغان. بۇقىلارنىڭ بېغىرلىرىنى باھالايدىغان باھالىغۇچىلار بىردىنلا بۇقىلارنىڭ بېغىرلىرىدىن باشقىچە بىرىكمىلەرنى بايقىغان. بۇنداق بېقىلغان بۇقىلارنىڭ بېغىرلىرى،بۇشاڭ،بەتتام،بۇلغىنىشچان بولغاچقا،باھالىغۇچىلار باش بۆلۈمگە بىشارەت بىرىپ بۇقىلارنى باققان بورداقچىنى باستۇرۇشنى باشلىۋەتكەن.بۆلۈم باشلىقلىرى بىردىنلا بىرىكىپ،بىر-بىرلەپ بازارنى بايقاپ،بورداقچىنىڭ بەھرام بىدىكلىكىنى بىكىتىشكەن.
بەھرام بىدىك بىچارىلەشتى.بەھرام بىدىك بازارنى بولغىغانلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنىڭ بىرىنجى باپ، بەشىنجى بۇيرۇقى بۇيىچە بازاردا بىدىكچىلىكتىن بىكارلىنىپ،بەھرام بىدىكنى باياۋاندىكى بەھرام بىدىكتەك بەدنىيەتلەرنى باشقۇرىدىغان بۆلۈمگە بۈگۈندىن باشلاپ بەش باھارغىچە بەنىتلەش بۇيرىقى بىرىلدى.
بايئېرىق بازىرىمۇ بەھرام بىدىك بولمىغانلىقتىن بوزەكلەنمەي،بۇقىلىرىنى بىمالال باھالىتپ بازارلىدى.
ئاپتۇر:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kirimjanyasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-30 12:45 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 V# s, p2 _' N: a) j( A* ~# c" ?4 \
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ A4 R, a7 a3 h. @ A( s