مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6732|ئىنكاس: 56

[بوزقىر] چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى قوزغاتقۇچ كۈچ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 40014
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7253 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 11:53:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگونىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى يۇقۇرى مۇقام بىلەن تەكىتلەشىنىڭ ئارقىسىدىكى قوزغاتقۇچ كۈچ


بوزقىر تەرجىمىسى



« ۋال-سىترىت گېزىتى تورى» نىڭ 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى سەھىپىسىگە « چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى يۇقۇرى مۇقام بىلەن تەكىتلىشىنىڭ كەينىدىكى قوزغاتقۇچ كۈچ ھەققىدىكى قىياسى » ناملىق بىر ماقالە بېسىلغان بولۇپ ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ :

  جۇڭگونىڭ بۇ قېتىم ئېلىپ بارغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەركىتى ئۇزۇنغا سوزۇلدى ، سالمىقىمۇ ئىلگىرىكىدىن زور بولدى. بەزى چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇنى ئىسلاھات يوللىرىنى تازىلاش ئۈچۈن ، دەپ قارىسا يەنە بەزى چەتئەل تاراتقۇلىرى جۇڭگودىكى ئاۋام-پۇخرالارنىڭ كومپارتىيەگە بولغان ئىشەنچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، دەپ قارىدى.

   ئەنگىلىيە « كۈندىلىك تېلېگرامما گېزىتى» نىڭ 4-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى سانىغا رېتىر ئاگېنتلىقىنىڭ بىر پارچە ماقالىسى بېسىلغان بولۇپ ، ماقالىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر زاتنىڭ ئېيتىشىچە،  جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چىرىكلىككە چېتىلىدىغان بىر تۈركۈم يۇقۇرى دەرىجىىك ئەمەلدارلارنى تازىلاش ئارقىلىق ئىسلاھات ئىدىيىسىگە ئىگە بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارنى كومپارتىيە ئىچىدە ، ھۆكۈمەتتە ۋە ئارمىيىدىكى موھىم ئورۇنلاردا ۋەزىپىگە قويماقچى ئىكەن. جۇڭگونىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىدىغان شۇ زادنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىنىشىچە ، شى جىنپىڭ ئەشۇ چىرىك ئەمەلدارلار ۋە ئىسلاھاتقا قارشى ئېقىمدىكىلەرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق ج ك پ نىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى  تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ ، ئىقتىساد ، ئەدلىيە ۋە ئارمىيە قاتارلىق موھىم ساھەلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. شۇ ماقالىدىكى شى جىنپىڭ بىلەن شەخسىي مۇناسىۋىتى بار يەنە بىر زادنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىنىشىچە ، دۆلەت كارخانىلىرى ھەم پارتىيە ئىچىدىكى تەسىرى زور بىر قىسىم پىشقەدەملەرنىڭ پەرزەنىتلىرىنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىزچىل تۈردە« قىيىن ھالەت » تە تۇرىۋېتىپتۇ.
   
  شۇ خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ، شى جىنپىڭ ھازىر ھەدەپ ئىشەنىچلىك ئادەملەرنى يېنىغا تارتىۋېتىپتۇ. ئۇ نەزىرىنى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەر ، باشقا ئۆلكىلەردىكى ئانا مەكتىپى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەر ۋە ئىسلاھات ئىدىيىسى بار ئەمەلدارلارغا ئاغدۇرىۋېتىپتۇ. ئەمما ، ماقالىدە ئېيتىلىشىچە جىيېجىياڭ ئۆلكىسىلا شى جىنپىڭنىڭ موھىم كادىر مەنبەسى بولالايدىكەن. چۈنكى ، بۇ ئۆلكە ئىدىئولوگىيە جەھەتتىن ئىسلاھاتنى قوللاپلا قالماي يەنە كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىنىڭ ئالدىنقى سېپى بولۇپ ، زور مىقداردىكى پۇخراۋى كارخانىلىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ زاۋۇدىلىق رولىنى ئارىتقۇرۇپ، پىشاڭلىق رول  ئوينىغانكەن. خەۋەردە يەنە ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىككى زادنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىنىپ ، شى جىنپىڭنىڭ كەلگۈسى ئىككى يىلدا تەخمىنەن 200 نەپەر ئىسلاھات ئىدىيىسىگە ئىگە جېجىياڭلىق ئەمەلدارلارنى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيىدە يۇقۇرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرگە قويۇدىغانلىقى ئېيتىلغان.

   ياپونىيىنىڭ « دېپلوماتلار » ژۇرنىلى تورىمۇ 4-ئاينىڭ 17-كۈنى رېتېر ئاگېنىتلىقىنىڭ يۇقۇرىقى قاراشقا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشنى شەرھىلەيدىغان بىر ماقالىسىنى ئېلان قىلغان . ماقالىدە دېيىلىشىچە ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق سېياسىي جەھەتتىكى قوللىغۇچىلىرىنى موھىم ئورۇنغا قويۇش شى جىنپىڭنىڭ بىردىن بىر مەخسىدى ئەمەسكەن. مەخسەت چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق ئاۋام-پۇخرالارنىڭ ج ك پ غا بولغان ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەن. ماقالىدە دېيىلىشىچە ، شەنشىلىك « نەۋرە ئاكا » ياڭ داسەيدەك چىرىك ئەمەلدارلار پۇخرالارنىڭ كومپارتىيەگە بولغان ئىشەنچىسىگە زىيان سالغان ھەم پۇخرالار ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن چىرىكلىكنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك ھادىسىگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن. مۇبادا ئاۋام-پۇخرانىڭ بېسىمى بولمىسا چىرىكلىككە قارشى ھەركەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن ئەمەسكەن.

   ماقالىدە يېزىلىشىچە ، شى جىنپىڭنىڭ بۇ كۆرەشنى ئۇزۇنغىچە داداۋاملاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىرادىسىدىن قارىغاندا ، پەقەت ئۆز ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈنلا ئەمەستەك قىلىدۇ.  مۇبادا نوقۇللا شۇنداق بولغىنىدا  ئۇ چىرىكلىككە قارشى كۆرەش سالمىقىنى پەيدىن پەي بوشىتىپلا قالماي يەنە 2014-يىلدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ 2013-يىلدىكىدىنمۇ كەسكىن بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويمىغان بولارىدى. شى جىنپىڭنىڭ ئىلگىركىلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۈرلۈك موھىم خىزمەت تەركىبىگە كىرگۈزگەنلىكىدە ئىكەن. مۇبادا ئۇ بۇ كۆرەشتىن ۋاز كەچسە ئۇنىڭ شەخسىي ئوبرازىغىمۇ تەسىر يېتىدىكەن.  ماقالىدە يېزىلىشىچە ، شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ « پۇخرالارنىڭ ئۆز ئادىمى » بۇلىشىغا تىرىشىۋېتىپتۇ. شۇڭا ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش شى جىنپىڭنىڭ بۇندىن كېيىنكى كۈندىلىك خىزمەتلىرىدە يەنىلا يادرولۇق ئورۇندا تۇرىدىكەن.



http://www.foundersc.com/cjjp/14/04/18/5K36075025FS.shtml



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-30 05:59 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106019
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 248
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-4-14
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 01:07:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2014-يىلدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ 2013-يىلدىكىدىنمۇ كەسكىن بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم ، كۆڭلۈم سۆيۈندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2880
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2543 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 01:22:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پادىشاھنىڭ ۋەزىرى پارىخور بولسا ھاكىمىيەتنىڭ ھۇلى بوشايدۇ دىگەن بىر گەپ ئېسىمگە كەلدى،رەئىس شى جىن پىڭ چىرىكلىككە قارشى كۈرەشتە چوقۇم زەپەر قۇچقۇسى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96423
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 227
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2013-7-26
ئاخىرقى: 2014-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 01:31:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىجىنپىڭنىڭ  بۇ  چىرىكلىككە قارشى  كۈرىشى  چۇقۇم  جۇڭگۇ دىكى چىرىك   ئەمەلدارلاردىن  باشقىلارنىڭ  قوللىشىغا  ئىرىشەلەيدۇ. ئەلۋەتتە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 02:04:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىجىنپىڭ 18ـقۇرۇلتايدىن كىيىن رەئىسلىك ئورنىغا چىققان يىڭى رەھبەر.يەنى 2013/11/ ئاينىڭ ئاخىرى...بۇ رەھبەرنىڭ چىقىپلا پارخورنى تارتىپ چىقىپ چىرىكلەشكەننى سولاپ ھەددىدىن ئاشقاننى ئاتقۇدەك يۈرىكىنى بىلدۈرىشىدىن مەن مۇنداق ئويلىدىم.يەنى قىسقىچىلا ئىيتسام بۇ شى پامىلىلىك بۇرۇندىن پاك ئۆتكەن.شۇڭا قىلچە قۇرساق ئاغىرىشى يۇق.بىراق ئەنسىرەپمۇ قالىمەن بۇ ئادەممۇ ئەينى ۋاقىتتىكى زوڭلى جورۇڭجىدەك قىسقىلا ۋەزىپە ئۆتەپ قالارمۇ دەپ قالىمەن.نىمىشقا دىسەڭلا جورۇڭجى زوڭلىمۇ ھەقىقى ئىشلەشكە كۈچىۋىدى تەخىتتىن چۈشتى.بولسا تولۇق مۇددەتتە ھۇقۇق تۇتۇپ پارىخور چىرىكلەرنى تارتىپ جازالاپ پۇقرانىڭ كۆڭلىدىكى قارا سايىنى يوقاتسا،پۇقرامۇ ھۆكۈمەتكە ئىشەنسە ھۆكۈمەتمۇ پوقراغا يەنە كىلىپ چەتئەللىككە ئەمەس ئۆز پۇقراسىغا باش پانا بولسا پوقرامۇ ساراڭ ئەمەس تۇخۇمنى تاشقا ئۇرۇپ.خەقمۇ بىر خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلسا ھۆكۈمەتمۇ كونا جەمىيەتتىكى ئۇېۇشقاق بەگلىكلەر زامانىسىدەك قوپال ئارلىشىش خىزمىتىنىڭ ئورنىغا ئىلھام بىېىش مەدەت بىرىش خىزمىتىگە ئۆزگەرتسە قانونسىزلىققا كىرىدىغان ئىشتا قاتتىق  بولسا ھۆكۈمەتمۇ دائىم پوقراسىنىڭ قانداق ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلەپ تۇرسا خەقمۇ ئەسكەرنى ساقچىنى كۆرسە نىرى قاچماستىن بىرىپ مىھىربانلىق كۆرسىتىدىغان ئەھۋال بولىدۇ.شى رەئىس.....غەيرەت قىلىڭ.پارتىيە پارتىيە دەپ ئاڭلىدۇق.جويۇڭكاڭدەك پارتىيە باشلىرىنىمۇ كۆردۇق.بوشىلەينىمۇ كۆردۇق.زادى پارتىيە مەركىزى كومىتىتىدىكى بىر قىسىم مەرەزلەرنى تولۇق تازلاپ بۇنى كىڭەيتىپ مەملىكەت دائىرسىدە ئومۇملاشتۇرۇپ خەلىقنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش كىرەك.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5012
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1830 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 02:09:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىڭى جوڭگۇ تارىخىدا جۇرۇڭجىن ھەقىقىي ھالدا چىرىكلىككە قارشى تۇرغان ئادەم .لىكىن ،جوڭگۇچىلىقتا بۇ ياخشى زۇڭلى پىنسىيىگە چىقىپلا ئۆچكەن شامدەك ،ئۈنتۈنسىز قالدى .ئەمدى پۇتكۇل خەلق شى جىنپىڭنىڭ بۇ قىتىمقى شامالنى كۈچلۈك چىقىرىشنى ئۈمىد بىلەن كۈتمەكتە.ئەپسۇس .بۇ شامال ھەربىي سىستىمىدىكى چىرىكلىككە چىتىلغان دىلولارنى بىسىپ قۇيۇپ ئەگىپ كەتمەكتە .بەلكى ھەربىي ساھەگە تىگىش قىلىش سەل تەس كىيىنكى نۆۋەتلىك ھاكىمىيەت باشقۇرغۇچىلارغا قالدۇرىلىشى مۇمكىن .بۇ قىتىم سىياسىي كاللىسى بار ئازراقلا ئادەم ھىس قىلالايدۇكى .جوڭگۇدىكى چىرىكلىك پارتىيە ئىچىدىلا ئەمەس،يەنە كىلىپ ئەڭ رەزىللەشكىنى بولسا بىرىنچى قىتىملىق يولۋاس يوقاتقۇچى ،ئۈچىنجى نۆۋەتلىك زەربە بىرىش باسقۇچىدا يولۋاس بولۇپ چىقتى .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27519
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6625
تۆھپە نۇمۇرى: 589
توردا: 705 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 02:16:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! قەلىمىڭىزگە باراكاللا. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش پۈتكۈل ئاۋامنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بۇ شۇئار ئۇزاقتىن بۇيان توۋلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئۆز تەسىر كۈچىنى رۇشەن نامايەن قىلالمايۋاتقان ئىدى، چىرىكلىك ھادىسلىرى يۇقۇرىدىن تۆۋانگىچە تۈرلۈك شەكىللەربىلەن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىدى. شىجىنپىڭنىڭ تارىخى بۇرۇلش خاراكتىرلىق بۇ جەڭگە ئاتلىنىشى يۇقارقى قەلىمىڭىزدە ئىپادە قىلغاندەك يېنىشقا بولمايدىغان يۈكسەك مەسئۇلىيەت. ئالدىنقى رەھبەرلىرىمىز «ئۈچككە ۋەكىللىك قىلىش»، «پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش» دېگەندەك بىرقاتار سىياسەت تەدبىرلەرنى مەيدانغا چىقىرىپ ھەركەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى بۈگۈنكىدەك بولمىغان  ئىدى. نۆۋەتتە «ئاممىۋىي لۇشىيەن» تەربىيىسى ئومۇمى يۈزلۈك قانات يېيىپ، تۆۋەندىكى ئاۋام پۇقرالىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئۇزاقتىن بۇيان ئاشكارە بولمايۋاتقان، ئاشكارە قىلالمايۋاتقان، ئاشكارە قىلىدىغان ئورۇننى تاپالمايۋاتقاندەك ناتوغرا ئىستىللارغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى، نۇرغۇنلىغان يۇقۇرى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار ۋەسۋەسىگە چۈشتى ھەم بەزىلىرىگە چارە قوللىنىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئاۋام ئارىسىدىكى ئۆز دۆلەت رەئىسىنىڭ كىم ئىكەنلىگىگىمۇ قىزىقمايدىغانلار جەمئىيەتكە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسى بىلەن ئۆزرەئىسىنى تونۇشقا باشلىدى، چىرىكلىككە قارشى كۆرەشنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ ئاۋامنىڭ خاتىرجەملىك گۈللىرى غۇنچە باغلىدى، غۇنچىلىغان ئىكەن ئېچىلسا بولاتتى، بۇ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئدى. 28-چىسىلا ئېلان قىلىنغان سىتاستىكا مەلۇماتىدا، ھەردەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئېنىقلاپ چىققان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپ 174 پارچە دىلو ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچە شىنجاڭدىكىسى 8 پارچە دىيىلگەن. شۇنىڭىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، رەئىس شىجىنپىڭ نىڭ ئوتتۇرا قويغان سىياسىتى ئۆز تەسىر كۈچىنى كۆرىنەرلىك كۆرىسىتىشكە باشلىغان. بىز بۇ كۆرەشنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا داۋام ئىتىپ، جوڭگو تارىخىدا يېڭىچە بىر بەت ئېچىلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمىز.

Yulghun

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 02:37:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر شى فامىلىلىك بۇ كۈرەشنى دادىل ئاخىرغىچە ئىلىپ بارالىسا جوڭگۇلۇقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئىككىنجى ئادىل رەھبەر ماۋزىدۇڭ بولۇپ قالىدۇ.ھىلىمۇ مۇشۇ پارىخورلۇق پوقرانى بوزەك دىھقاننى قول قىلىپ ئىزىپ شۇنىڭ بەدىلىگە سەمىرگەن ئەمەلدارلارمۇ ئاز ئەمەس.قۇرساق كۆپكەن نەچچە جان شىكايەت داۋامىدا قان بىھۇدە قىنى تۆكۈلمىدى سانسىز جانلار يۇلغۇن قىزارغان دالىلاردا شىھىت بولمىدى دەپ كىم ئىيتالايدۇ.ئىچكىرىغۇ مەيلى.مۇشۇ شىنجاڭ رايۇنىدىكى بەزى ئەمەلدارلار ھازىر تازا يەۋاتارمىكىن.بۇ يەردە چىرىكلىك ئەمەس تىرورلوققا قارشى ھەركەت بولىۋاتقانكىن.شىنجاڭدا بەزى قارا نىيەت ئەمەلدارلارنىڭ تىرۇرلۇقنى قالقان قىلىپ سىياسى نەپ يەۋاتارمىكىن دەيمەن ئەلۋەتتە بۇ كىيىن جەزمەن ئاشكارلىنىدۇ.ئادەتتىكى دادوي شۇجىسىنىڭمۇ قۇڭىدا ماشىنىسى نەچچە ئۈيى بولارمىشقۇ.شۇنچە پۇلنى مەركىزى كومىتىت بەرمىگەندۇ دەيمەن.يىگەنلەر تىقىلىپ كەتكەن.يىمىگەنلەر ئاچ قىپ بۇلۇڭدا خۇدا دەپ ياتقان.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 02:40:34 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىرىكلىك ھەقىقەتەن ئېغىر جۇمۇ ، بولۇپمۇ جەنۇپ تەرەپتە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شرئەلى118 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-30 02:42 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1473
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1129 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 03:03:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىختا بۇرۇن ئۆتكەن نۇرغۇن ھاكىمىيەتلەر چېرىكلىشىش سەۋەبىدىن گۇمران بولغان.
يولداش شى جىنپېڭ يۇقاردىكى جۈملىنى ھەقىقەتەن چۈشىنىپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھازىر جوگگۇ خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.
ئەمدى،خەلقنىڭ ھەقىقىي تۈردە سوتسىيالستىك جەمىئەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلىشى يولداش شى جىنپېڭنىڭ كېيىنكى يۈرگىزىلىدىغان سىياسەتلىرىگە باغلىق.

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش