مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2436|ئىنكاس: 29

زادى كىمگە ئورۇن بوشىتىپ بىرىش كېرەك؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

adam har kaqan ozini soyux kir

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7447
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3088
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 1057 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2014-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 11:14:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار!      ئۇزاقتىن بىرى مەن مۇنداق بىر مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىۋاتىمەن، ھەمدە بۇ مەسىلە بۈگۈنمۇ مىنى شۇنداق بىئارام قىلدى. ئۆزۈم بىر جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ مەسىلىنى زادى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا مۇنبەرداشلار بىلەن پىكىرلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلماق ئۈچۈن مۇنبەرگە سۇندۇم.
     مەن ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىشقا بىرىش يولىدا كوچا ئاپتوبوسىغا ئولتۇرىمەن، بۇ ئاممىۋىي ئاپتوبوس لىنىيەسىدە جەمئىي ئىككى باشلانغۇچ مەكتەپ، ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپ بار. ھەممىمىزگە ئايان بولغىنى، ھازىر مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىدىن سومكىسىنىڭ ئېغىرلىقى ھەممىمىزنى بىئارام قىلىدىغان بىر مەسىلە. بالىلار ئەتتىگەندە سومكىسىنى يۈدۈپ ئاپتوبوسقا چىقىپ بوش ئورۇن بولسا شۇ بوش ئورۇندا ئولتۇرىدۇ، ئەگەر بوش ئورۇن بولمىسا شۇ ئېغىر سومكىسىنى يۈدۈپ دەلدۈگۈنۈپ ئۆرە تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. مىنى ئەڭ بىئارام قىلغىنى، ئارىلىقتىكى يوللاردا ياشقا چوڭراق كىشىلەر ئاپتوبۇسقا چىقىپ قالسا، ئاڭلىق ياشلىرىمىز كۆرۈپلا ئورۇن بىرىدۇ، ئەمما يەنە بەزى كىشىلىرىمىز بولسا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالغان شۇ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى بالىلىرىمىزغا قاراپ «تۇرە ئورنۇڭدىن، ئاۋۇ ئاكىمىزغا ئورۇن بىرە، ساڭا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچۇڭ چوڭلارغا ئورۇن بىرىڭلار دىمەمدۇ؟(مىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق تارىخىم بار بولۇپ باققاچقىمىكىن،بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىسام شۇنداق بىئارام بولىمەن، بۇنداق چاغدا ھەممە مەسئۇلىيەت،ھەممە گەپ ئوقۇتقۇچىغا كىلىپ توقۇلىدۇ.)  ياكى ئەتتىگەندە ئاتا ئاناڭ سىنى ئورۇن بەرمە دەپ يولغا سالامدۇ؟» ئۇفففففففففف.............   بۇنداق گەپلەر بىردە مىنى بەك بىئارام قىلسا بىردە شۇ ئوقوغۇچى كىچىكلىرىمىزنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كىتىدۇ. كىممۇ ئەتتىگەندە ئەيىپلىنىشنى خالىسۇن؟ شۇنداق ئەيىپلەنگەن بالا مەكتەپكە بىرىپ قانداقمۇ خاتىرجەم دەرسىنى ئوقۇيالايدۇ؟ كىچىكلەرنىڭ ئۇ ئوماق چىرايىنىڭ شۇنچىلىك بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنىغا مەن ئوڭايسىزلىنىپ كىتىمەن. مەن ئىچكىرى شەھەرلەردە بىر يىل تۇردۇم. بىراق ئۇيەرلەردە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى ياكى ئاتا ئانىسىنىڭ شەخسىي ماشىنىسى بىلەن ياكى ئاممىۋىي ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ بارىدىكەن، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنى بولسا ئاتا- ئانىلىرى بىر قولىدا بالىنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرگەن، بىر قولىدا بالىنى يىتىلىگەن ھالدا مەكتەپكە بارىدىكەن. ئاپتوبۇسقا چىققاندا بولسا ئاتا- ئانىسى ئولتۇرمىسا مەيلىكى بالا چوقۇم ئولتۇرىدىكەن، بۇ تەرتىپ مۇشۇنداق داۋاملىشىپ بالا ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا چوڭلارغا ئورۇن بىرىشنى ئادەت قىلىدىكەن. مەن بۇ مەسىلىنى مۇنداق ئويلىدىم، باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ جۇغى كىچىك، سومكىسى ئۆزىدىن يوغان، ئاپتوبۇس تۇيۇقسىز تورمۇزلاپ قالسا بالا دەلدۈگۈنۈپ تۇرالمايدۇ، ۋە بىرەر يەرگە ئۈسسۈپ سىلىشى مۇمكىن، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.     زادى كىم تەرەپتە تۇرۇش كېرەك؟ بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلغاندا شۇ بالىلىرىمىز ئەتتىگەندە يات نامەلۇم  تاغا- ھەدىلىرىدىن ئازار يىمەيدىغان، چوڭلارمۇ ھەم كاپالەتكە ئىگە بولىدىغان قىلغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا جەمئىيەتكە توغرا تەشەببۇس قىلغىلى بولىدۇ؟   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1033
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10713
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 12:01:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  1. مەن ئىچكىرى شەھەرلەردە بىر يىل تۇردۇم. بىراق ئۇيەرلەردە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى ياكى ئاتا ئانىسىنىڭ شەخسىي ماشىنىسى بىلەن ياكى ئاممىۋىي ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ بارىدىكەن، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنى بولسا ئاتا- ئانىلىرى بىر قولىدا بالىنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرگەن، بىر قولىدا بالىنى يىتىلىگەن ھالدا مەكتەپكە بارىدىكەن. ئاپتوبۇسقا چىققاندا بولسا ئاتا- ئانىسى ئولتۇرمىسا مەيلىكى بالا چوقۇم ئولتۇرىدىكەن
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
مۇشۇنداق بولغاچقا ھازىر قى بالىلارمۇ (ياشلار)  شۇلاردىن ئۈگۈنۈپ چوۇلارغا ئورۇن بەرمەيدىغان
بولۇپ كەتتى.ئىشقىلىپ سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقىدۇ دەپ  ئەت-ئۆگۈن سىز نىڭ پۇت قولىڭىزدا ماغدۇر ئاز قېلىپ ئۆرە تۇرغىدەك كۆچ قالمىغاندا كىيىنكى بالىلار  يالغان مۈگىدەپ ئولتىرېۋېرىدىغان بولىدۇ شۇ ،
  شۇنىڭ ئۈچۈن ‹‹ئاتا-ئانىسى ئولتۇرماي  بالىسىنى ئولتۇرغۇزىدىكەن ›› دىگەن گەپنى ئەمدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   apchil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-30 12:05 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1033
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10713
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 12:07:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىچكىرى شەھەرلەردە بىر يىل تۇردۇم. بىراق ئۇيەرلەردە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى ياكى ئاتا ئانىسىنىڭ شەخسىي ماشىنىسى بىلەن ياكى ئاممىۋىي ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ بارىدىكەن، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنى بولسا ئاتا- ئانىلىرى بىر قولىدا بالىنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرگەن، بىر قولىدا بالىنى يىتىلىگەن ھالدا مەكتەپكە بارىدىكەن. ئاپتوبۇسقا چىققاندا بولسا ئاتا- ئانىسى ئولتۇرمىسا مەيلىكى بالا چوقۇم ئولتۇرىدىكەن




مۇشۇنداق بولغاچقا ھازىر قى بالىلارمۇ (ياشلار)  شۇلاردىن ئۈگۈنۈپ چوۇلارغا ئورۇن بەرمەيدىغان
بولۇپ كەتتى.ئىشقىلىپ سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقىدۇ دەپ  ئەت-ئۆگۈن سىز نىڭ پۇت قولىڭىزدا ماغدۇر ئاز قېلىپ ئۆرە تۇرغىدەك كۆچ قالمىغاندا كىيىنكى بالىلار  يالغان مۈگىدەپ ئولتىرېۋېرىدىغان بولىدۇ شۇ ،
  شۇنىڭ ئۈچۈن ‹‹ئاتا-ئانىسى ئولتۇرماي  بالىسىنى ئولتۇرغۇزىدىكەن ›› دىگەن گەپنى ئەمدى  



اللە ئېشلىرىمىز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65842
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3741
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2014-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 12:16:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدە باشقىلارنىڭ بالىلىرىمۇ مىنىڭ بالامغا ئوخشاش ،مەنمۇ باشقىلارنىڭ بالىسىنى ئاسرىسام باشقىلارمۇ مىنىڭ بالامنى ئاسرايدۇ دەيدىغان ئاڭ قاچان تىكلەنسە سىز دىگەندەك ئۇنى بۇنى چىشلەپ تارتىپ دۇشكەلەپ ياكى كىچىكلەرنىڭ كوڭلىگە ئازار بىرىپ دىگەندەك ئورۇن بىكارلىتىدىغان ئىش بولماسلىقى مۇمكىن.يەنە بىرسى شۇ كىچىكلەرنىڭ كوڭلىگە ئازار بىرىپ ئورۇن بىكارلاتقان چوڭلىرىمىز نىمىشقا كىچىكلەرگە ئۈلگە بولمايدۇ؟ئاۋال ئوزى بىكارلاپ بىرىپ ئاندىن شۇ كىچىكلەرگە گەپ قىلسىمۇ ئۇلگۇرىدۇ،ئەمەسمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104785
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3612
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2014-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 12:21:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ئۇ كىچىك بالىلارنى تۇر ئورنىڭدىن ئورۇن بۇشتۇپ بەر دىسەك بولمايدۇ ، يازمىدە دىيىلگەندەك ئۇلار ئەتتىگەندە دەكىسىنى يىسە كەچكىچە دەرىس كاللىسىغا چۇشمەيدۇ . ھەممە ئادەم  ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ ئۆز پەرزەتلىرىگە كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى تەربىيە بىرىشى كىرەك . ئۇلارنى چوڭلارنى كۆرسە ھۆرمەت قىلىدىغان ، چوڭلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورۇن بۇشىتىپ بىرىدىغان قىلىپ ياخشى تەربىيلەش كىرەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2125
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 653 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 12:50:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭلارنى ھۆرمەتلەش،كىچىكلەرنى ئىززەتلەش---بىزنىڭ ئىسىل ئەخلاقىمىز!
  8--9 ياش ئەتراپىدىكى بالىنى 40--50 لىق كىشىگە ئورۇن بەر دەپ ئەيىبلەش--مېنىڭچە مۇۋاپىق ئەمەس. بۇ بالىلار تېما ئىگىسى دىگەندەك، ئۆزىدىن يوغان سومكىلارنى كۆتۈرۈپ بارىدۇ مەكتەپكە.
  شۇڭا ئورۇننى ياشلار ، ياشانغانلارغا، كىچىكلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرگىنى مۇۋاپىق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghurbufet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-30 12:51 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20362
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7080
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2014-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 01:13:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق  ئەگەر ئورۇن بىرىشنى خالىمىسا شۇ  كىچىك ئۆسمۈرنىڭ سومكىسىنىمۇ بولسىمۇ قۇچاققا ئىلۋىلىشى كېرەك  

يامان ئادەم بولماق ئاسان، ياخشى ئادەم بولماق تەس !

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44632
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15792 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 01:26:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم !

بىز بالىلارنى كىچىكىدىن قەيسەر قىلىپ تەربىيلىشىمىز كېرەك ! ئەخلاق - پەزىلەتنى كىچىكىدىنلام قىنىغا سىڭدۈرۋېتىشىمىز ، ئۆزىدىن چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ، ياخشى ئىش ( يەنى ساۋاپلىق) ئىشلارنى قىلدىغان ئاق كۆڭۈل ، سۈپەتلىك قىلىپ تەربىيلىشىمىز لازىم .

سىز كۆرگەن ئىچكىردىكى ئەۋاللارنى بىزنىڭ بۇ يەردىكىلەرگە سىلىشتۈرۈپ تەۋسىيە قىلىش ئارتۇقچە ، بالىلارنىڭ روھى ھالىتىگە شەخسىيەتچىلىكنى ئاتا- ئانا باش بولۇپ سىڭدۇرۇپ قويساق بولمايدۇ . سىزدەك تەربىيچى ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئاشۇ رىياللىقنى كۆرگەندە ،نەخ مەيداندا ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىدىن چوڭلارنى كۆرگەندە ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلەپ تەربىيە ئىشلىشىڭىز ناھايتىمۇ ئۈنۈملىك ياخشى ئەخلاق دەرسى بولىدۇ .

پەرزەنتلىرىنى ئەدەپلىك ، ئەخلاقلىق ، سۈپەتلىك ، تەربىيلەپ چىقىشنى چىن ۋىجدان بۇرچى قىلغان ئاتا - ئانىلار ئۇلارنى كىچىكىدىن تارتىپلا ، جاپاغا چىدايدىغان ، چىداملىق ، قەيسەر ، ئەخلاق - پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيلەش كىرەك . ئۇلارغا كۆيۈندۇق ،ئاسرىدۇق دەپ جامائەت سورۇنلۇردا شەخسىيەتچىلىكنى كۆندۈرۈپ قويساق ، كىچىگىدە ئۈگۈنۈپ قالغان خۇيى ،كېيىن چوڭ بولغاندا چىقمىقى تەسكە توختايدۇ .

كەڭ ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئەخلاق تەربىيسىنى چىڭ تۇتۇپ ، بىلىم ساپاسى ، مەدىنىيەت ساپاسى ، ئىددىيە - ئەخلاق ساپاسىنى ئۆلچەم ۋە مىزان قىلىپ ، بالىلارنىڭ كەلگۈستە ياراملىق ئەۋلاتلاردىن بولۇپ چىقىشىغا مەسئۇل بولۇشنى ئوقۇتقۇچىلىق مەجبۇريىتىم دەپ ئادا قىلىشى كېرەك !

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105999
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 01:40:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسى ئوتتۇرغا قويغان مەسلە ھەقىقەتەن ئويلۇنۇپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ، تىما ئىگىسىگە رەھمەت!..............مىنىڭ پىكىرىممۇ «.tuz. » قېرىندىشىمىزنىڭ پىكىرى بىلەن ئوخشاش.

پەرزەنتلىرىنى ئەدەپلىك ، ئەخلاقلىق ، سۈپەتلىك ، تەربىيلەپ چىقىشنى چىن ۋىجدان بۇرچى قىلغان ئاتا - ئانىلار ئۇلارنى كىچىكىدىن تارتىپلا ، جاپاغا چىدايدىغان ، چىداملىق ، قەيسەر ، ئەخلاق - پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيلەش كىرەك . ئۇلارغا كۆيۈندۇق ،ئاسرىدۇق دەپ جامائەت سورۇنلۇردا شەخسىيەتچىلىكنى كۆندۈرۈپ قويساق ، كىچىگىدە ئۈگۈنۈپ قالغان خۇيى ،كېيىن چوڭ بولغاندا چىقمىقى تەسكە توختايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105999
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 01:41:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.tuz. يوللىغان ۋاقتى  2014-4-30 01:26 PM
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم !

بىز بالىلارنى كىچىكىدىن قەيسەر ق ...

ياخشى ئىنكاس بوپتۇ، قوللايمەن.................

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش