سىنا تەنتەربىيە خەۋرى، بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى،2:45ئۆتكەندە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى تالشىش يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭكىيىنكى ئۇچۇرشىش مۇسابىقىسى خان جەمەتى مادىرد كوماندىسى بىلەن بەيرىن مىيۇنخىنكوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلدى. بەيرىن مىيۇنخىن كوماندىسى ساھىپخان مەيداندابولسىمۇ لىكىن بۈگۈنكى مەيداندىكى ئىپادىسى ئالدىنقى مەيدانغا سىلىشتۇرغاندا ياخشىبولمىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خان مادىرىد كوماندىسىدىن تۆمۈر مۇداپىئەچى دەپ نامئالغان رامۇس 20 مىنۇت ئىچىدە ئارقا ئارقىدىن ئىككى كاللا توپ كىرگۈزۈپ كوماندىغازور ئۈمۈد ئاتا قىلدى.
34 مىنۇت بولغاندا دىمارىيانىڭ يىراقتىن تاشلاپ بەرگەنتوپىنى ئىلىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك ماھارىتىدىن پايدىلىنىپ توپنى ئىلىپ مىڭىپ ئاخىرقىپەيىتتە كىرستىيانو رونالدوغا پاس بىرىپ يەنە بىر توپ كىرگۈزۈشكە ياردەمبەردى.شۇنداق قىلىپ ئالدىنقى يىرىم مەيدان 3:0 نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتى. كىيىنكىيىرىم مەيداندا بەيرىن مىيۇنخىن كوماندىسى شۇنچە تىركىشىپ باققان بولسىمۇ لىكىنخان مادىردنىڭ مۇداپىئەسىنى بىتچىت قىلالمىدى.ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەكئاخىرقى 90 مىىنۇت بولغاندا كىرستىيانو رونالدو بىر ئىختىيارى توپ تىپىش پۇرسىتىگەئىرىشىپ بەيرىن كوماندىسى ئەزالىرنىڭ توساق تىمىنىڭ ئاستىدىن يەر بويلىتىپ تىپىپيەنە بىر توپ كىرگۈزدى،
شۇنداق قىلىپ نەتىجە 4:0 نەتىجە بىلەن ئاياغلىشىپ ئومومىينەتىجىدە 5:0 بولۇپ ، 2002 –يىلدىن بىرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغە كىرەلمەسلىككەخاتىمە بەردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى رىكورت يىڭىلاندى ۋە تارىخ يېزىلدى.ئۇ بولسىمۇ تۆمۈر بىك رامۇسنىڭ ئۇرغان 2 توپى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭيىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە تارىخىدا بىر مۇداپىئەچىنىڭ 2 توپ ئۇرۇش تارىخى بولۇپھىساپلىندۇ. يەنە بىرى بولسا كىرىستىيانو رونالدو چىمپىيونلۇق لوڭقىسىمۇسابىقىدە 16 توپ ئۇرۇپ مىسسىنىڭ 14 توپ رىكورتىنى ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقنىڭشاللاش مۇسابىقىسىدە 33 توپ ئۇرۇپ مىسسىنىڭ 31 توپ رىكورتىدىن بىسىپ چۈشتى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شابى ئالوڭسو يەنە بىر سىرىق كارتا بىلەنجازالىنىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن مەھرۇم قالدى. ياۋروپائۇزغۇنلۇقنىڭ يەنە بىر مەيداندىكى مۇسابىقىسى چېلسى كوماندىسى بىلەن مادىرىترىقابەت كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلىدۇ. مۇسابىقە ۋاقتى ئۈرۈمچى ۋاقتى5-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەر سائەت 12:45 ئۆتكەندە ئوينىلدۇ. ئالدىنقى ئۇچۇرشۇشتا مادىرترىقابەت كوماندىسىنىڭ ساھىپخان مەيدانىدا چېلسى كوماندىسىنىڭ تۆمۈر قورغانىنىتارمار قىلالماي نەتىجە 0:0 بولۇپ تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان.بۈگۈنكى مۇسابىقىدەقايسى كوماندا ئۇتۇپ چىقسا خان جەمەتى مادىرد كوماندىسى بىلەن ھەل قىلغۇچمۇسابىقىگە كىرىدۇ. توپ مەستانىسىدوسلارنىڭ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي كۆرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
|