مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 830|ئىنكاس: 2

جان ئارا جانلار تەسەددۇق بىزدە ئىنسانلار ئارا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90242
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 354
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2014-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 02:10:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جان ئارا جانلار تەسەددۇق بىزدە ئىنسانلار ئارا

(ئاخبارات ئوچېرىكى)

مەۋلانجان

بۇ يىل 4- ئاينىڭ 10 –كۈنىدىن بۇيان قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى «ئىللىق دۇنيا» ساخاۋەتچى ئاتىلار، مېھرىبان ئارنىلار جەمئىيىتىدىكى تاغا – ھەدىلەر كەڭ كۆلەملىك ئىئانە توپلاش، جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دېھقان قىزى بۇخلىچىگۈل ئابلىزگە ماددى، مەنىۋىي جەھەتتىن مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈپ، ئىنسانى كۆيۈمنىڭ يېڭى داستانىنى يازدى.

ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن دېھقان قىزى بۇخلىچىگۈل ئابلىز 2013- يىلى 6- ئايدا كۈتمىگەندە ماغدۇرسىزلىنىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى، ئۇ شۇ يېتىپ قالغىنىچە ناھىيە، ۋىلايەت، ئاپتونوم رايۇندىكى چوڭ دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرتىش بىلەن ئىككى ئاينى ئۆتكۈزۋەتتى. ئۇنىڭغا قويۇلغان ئاق قان كېسەللىكى دىئاگنۇزىمۇ مۇقىملىشىپ، يىلىك ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇش جىددى  مەجبۇرىيەتكە ئايلاندى. ئۇنىڭ دادىسى ئابلىز پەيزىللا ۋە ئۇرۇق –تۇغقانلىرىنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشتى. ئۇ قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يېزا خانىقا كەنت 1- مەھەللىدىكى ئوتتۇرىھال تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، تېرىقچىلىق ئىگىلىكى بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايدىغان تىرىشچان دېھقان بولۇپ، يېقىنقى بەش، ئالتە يىل داۋامىدا قىزى بۇخلىچىگۈلنىڭ قەشقەر تېببىي تېخنىكومدا ئوقۇشى، پىراكتىكا قىلىشى، ئىچىكىرىگە بېرىپ قايتا تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن تاپقان –تەرگەنلىرىنى سەرپ قىلىش سەۋەبلىك، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال دېگەندەك،سېستىرالىققا ئىمتىھان بېرىپ ئاغزى ئاشقا تىگەي دېگەن بۇخلىچىگۈلنىڭ ئېغىر كېسەلگە  گىرپتار بولۇشى ئابلىز پەيزىللانى ئېغىر قىيىنچىلىق ۋە ئازابقا دۇچار قىلدى. بېشىنىڭ ئىچىمۇ- تېشىمۇ قاتقان ئابلىز پەيزىللا شۇنداق بولسىمۇ قىزىنى داۋالىتىپ ساقايتىشقا جان – جەھلى بىلەن كىرىشتى. ئۇ ئۆيىدە پۇلغا يارىغۇدەك بىساتىنىڭ ھەممىسىنى ساتتى، ئۇرۇق- تۇغقان، قوشنا – قولۇملىرىدىن قەرز ئالدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ 150 مىڭ يۈەن توپلىدى. ئۇ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن قىزى بۇخلىچىگۈلنى تىيەنجېن قان كېسەللىكلىرى مەخسۇس دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ باردى، بۇ دوختۇرخانا بۇخلىچىگۈلگە ماس كېلىدىغان يىلىك ئالماشتۇرۇشقا دەسلەپكى قەدەمدە 200 مىڭ يۈەن، كېيىنكى داۋالاش، مۇھاپىزەت قىلىشقا 300 مىڭ يۈەن پۇل كېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئېغىر غەمگە چۈمگەن ئابلىز  پەيزۇللا بوشۇشۇپ قالماي، تەرەپ –تەرەپكە چېپىپ، پۇل توپلدى،بىراق تەقدىر ئۇنىڭغا ئوڭ كۆزى بىلەن قارىمىدى. قىزنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇددەت – تۈركۈمگە بۆلۈپ، قان پىلازمىسى بېرىپ تۇرۇش زۈرۈر ئىدى. بۇ يىل 4- ئايغا قەدەر ئابلىز پەيزۇللا 150 مىڭ يۈەن پۇلنى بۇخلىچىگۈلنىڭ قان پىلازمىسى سېلىشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتتى، ئابلىز پەيزۇللا ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىنتايىن قىيىن ھالغا چۈشۈپ قالدى. 4- ئاينىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، بۇخلىچىگۈلنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، ئۇنى دوختۇرخانىغىمۇ ئاپىرالمىدى، ئابلىز پەيزۇللا ئېغىر ئازاپ ۋە ھەسرەتكە چۆمدى. كىمنى كۆرسە، كىمگە گەپ قىلسا، يېشى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلەتتى. ئۇنىڭ شۇ قەدەر جانلىق، تىرىشچان، ئىرادىلىك، سەمىمىي  قىزىدىن ئايرىلىپ قالغۇسى يوق ئىدى، ئۇ: قىزىم ھايات بولمىسا، مېنىڭ ياشىغىنىمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى دېگەنلەرنى تەكرار ئويلاپ، باغرى خۇن بولدى. ئۇ بەزىدە قانداق قىلىمەن، قانداق قىلىمەن ئەمدى دەپ ئۆز-ئۆزىگە زارلايتتى... مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرسىدە ياخشى نىيەتلىك بىرسى ئۇنى بۇ يىل 3- ئايدا قۇرۇلغان يېڭىشەھەر ناھىيەلىك «ئىللىق دۇنيا» ساخاۋەتچى ئاتىلار، مېھرىبان ئانىلار جەمئىيتىنىڭ باشلىقى خەيرىنسا ھۆسۈيىننى ئىزدەپ بېقىشقا دالالەت قىلدى. باغرى يۇمشاق، قەلبى كۆيۈمگە تولغان خەيرىنسا ھۆسۈيىن ئەھۋالىنى ئۇقۇپ، چۇڭقۇر ھېسداشلىق قىلدى ھەمدە بۇخلىچىگۈلنى دەرھال يېڭىشەھەردە تۇرۇشلۇق قۇرۇقلۇق ئارمىيە 12-دوختۇرخانىسىغا ياتاققا ئالدۇرۇپ داۋالاشنى تاپىلىدى. ئۆزى بولسا «ئىللىق دۇنيا» ساخاۋەتچى ئاتىلار، مېھرىبان ئانىلار جەمئىيتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى ئىئانە توپلاش، بۇخلىچىگۈلگە قان پىلازمىسى تەقدىم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. يىغىلغان پۇلنى ئۇدۇللۇق بۇخلىچىگۈلنىڭ دورا، داۋالاش خىراجىتىگە يەتكۈزۈپ بەردى. بۇ جەرياندا خەيرىنسا ھۆسۈيىن بىر قانچە ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ، ناھىيە بازىرىدىكى يەككە – سودا سانئەتچىلەرنىڭ دوكان، ئۆيلىرىگە قەدەر زىرىكمەي بېرىپ، بۇخلىچىگۈل ئۈچۈن پۇل توپلىدى. مېھرىبان ئانىلار سېپىدىكى يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسىدىكى سەككىز نەپەر دوختۇر- سېستىرا خالىس قان پىلازمىسى تەقدىم قىلىشقا ئۆزىنى تىزىملاتتى، 4- ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە ئۇلاردىن تۆت نەپەر ئايال بۇخلىچىگۈلگە بېكىتىلگەن ئۆلچەمدىكى قان پىلازمىسىنى تەقدىم قىلدى، ئۇلار تەقدىم قىلغان قان پىلازمىسىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 18 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بۇخلىچىگۈلنىڭ يېلىكىنى ئالماستۇرۇش ئىشىنى قانچىكى تېز ئېلىپ بارسا شۇنچە ئۈنۈمى ياخشى بولاتتى، بولمىسا، خۇددى تۈشۈك  تاغارغا سۇ ئالغاندەك ئىش بولاتتى. خەيرىنسا ھۆسۈيىن بۇ ئىشقا بەكمۇ ئالدىرىدى. ئۇ 4- ئاينىڭ 25- كۈنى يەنە بىر قېتىم پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئويۇشتۇردى، بۇ كۈنى ھەر ساھە ئاممىسى 37 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى. ناھىيەلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىق داۋالىنىش ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلارمۇ قاراپ تۇرمىدى، ئۇلارمۇ ئىلگىرى – كېيىن 50 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇلنى ھەل قىلىپ بەردى. خەيرىنسا ھۆسۈيىن باشچىلىقىدىكى «ئىللىق دۇنيا» ساخاۋەتچى ئاتىلار، مېھرىبان ئانىلار جەمئىيتى ئەزالىرىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى، ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسىدىكى دوختۇر- سېستىرالارنىڭ ياردىمى بىلەن 4- ئاينىڭ 28- كۈنى ئابلىز پەيزۇللا قىزى بۇخلىچىگۈلنى ئېلىپ، تىيەنجېنگە يېلىك ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا ماڭدى.

   ئابلىز پەيزۇللا يۇم- يۇم ياش تۆكۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن قىزىمنى داۋالىتىش جەريانىدا ئادەملەرنىڭ نەقەدەر كۆيۈملۈك، شاپائەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، دۇنياغا قايتا تۆرەلگەندەك بولدۇم، مەن تونىمايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ قىزىمغا خالىس قان بەردى، ئەمەلىيەتتە بولسا ھەقىقى ئۇلۇق جان بەردى. ھازىرغىچە ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى قوبۇل قىلدىم، بۇ ماڭا ۋە قىزىمغا قىلىنغان چەكسىز غەمخورلۇق. مەن بۇ مېھرىبانلىقنى ھاياتىم بەدىگە قايتۇرۇشقا تەييار مەن! بارلىق ئاقكۆڭۈل كىشىلەرگە مىڭلارچە رەھمەت ئېيتىمەن!

  خەيرىنسا ھۆسۈيىن مۇنداق دېدى: بۇخىلىچىگۈل خەلقنىڭ بالىسى، ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ھەمىمىز تۆت كۆز بىلەن كۈتىمىز، نۆۋەتتە جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئاقكۆڭۈل، ساخاۋەتچى كىشى  بۇخىلىچىگۈل ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلىۋاتىدۇ، بىز ئىئانە توپلاشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ھەم جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى كىشىلەرگە ھېس قىلدۇرىمىز، ھەم كىشىلەرنىڭ ساخاۋەت قىلىش يولىدىكى مايىللىقىنىڭ قانچىلىق ئىكەنلىكىنى سىناشقا تىرىشىمىز. بۇ يولدا بىز بۇخىلىچىگۈل ساقايغانغا قەدەر بوشاشمايمىز.

مۇخبىردىن: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىقى بايانلاردىن بۇخىلىچىگۈلنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندىڭلار، ئۇ يەنىلا بىزنىڭ سېخىي قولىمىزنى ئايىماي سۇنىشىمىزغا مۇختاج، كۆپ تۈكۈرسە كۆل تولىدۇ، بىر ئادەم قىيىنچىلىقتا قالسا، ھەممە ئادەم ياردەم قىلىش روھىنى نامايان قىلىش ياخشى پەلەت، قانچىلىك ياردەم قىلالىساڭلار، ياردىمىڭلارنى ئايىماڭلار. ئۇنىڭغا پۇل ياردەم قىلىڭلار!

ئالاقىلاشقۇچى:  خەيرىنسا ھۆسۈيىن، تېلېفون:  15599864845

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.j.tuprak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-30 02:11 AM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 n' F5 w& d2 ~& K3 h
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: P2 f  A7 [1 f4 r* R" Q

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98174
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 940
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 514 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 10:56:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     شۇنچە   كۆپ    ئادەم    كۆرۇپتۇيۇ    بىرمۇ    ئادەم    ئېنكاس    يازماپتۇ   ،     ئۇللۇغ   ئاللا     شۇ    ئاجىزەگە    شىپالىق    بەرگەي    .    جوڭگۇ    يىزا    ئېگىلىك   بانكا    كارتىسىنىڭ    نومۇرنى    يوللاپ   قويساڭلا    ئاز    بولسىمۇ    يارىدەم    قىلاي   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90242
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 354
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2014-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 11:46:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jim-jit يوللىغان ۋاقتى  2014-4-30 10:56 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- U% J; P6 a3 w2 f& k' G+ O8 p8 [
شۇنچە   كۆپ    ئادەم    كۆرۇپتۇيۇ    بىرمۇ    ئادەم    ئېنك ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; F* T0 t8 M1 e% {2 p3 w- J! ~
ياخشى نىيەت يېرىم دۆلەت دەيدىغان گەپ بار. ھېسداشلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت! سىز سورىغان يېزا ئىگىلىك بانكا كارتا نومورى(مېھرىبان ئانىلار، ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمئىيىتىنىڭ بانكا كارتا نومورى):بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 \) K) n3 i3 c3 z  f0 e
   6228483668216310079

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش