ئازاپ چەكمە
ئازاپ چەكمە، ئۇنۇت تىزراق،بۈگۈندىكى مالامەتنى،
ئاڭا ئويلاپ،ئۆمىدلەنگىن ئەتىدىكى پاراغەتنى.
مالامىتىڭ ساڭا مەڭگۈ،باقىۋەندە ئەمەس دوستۇم،
ئۇلاپ يۈرمە،رەشىك بىرلە قاراتۈنگە قاباھەتنى.
بىراۋلاردىن ئازار يىمە،ھەم بىراۋغا ئازار بەرمە،
ئېلىپ بولماس،ساقايىتماق تەس،كۆڭۈلدىكى جاراھەتنى.
يىراق تۇرغىن تەمەننادىن،ئاۋام-ئەلگە ياراپ ياشا،
ئاڭا سۆزلە،داۋام ياخشى، شىرىن-شىكەر پاساھەتنى.
يارالمىشىڭ ئەزەلدىنلا ساڭا پەلەك تەتۇرئەمەس،
ماراپ يۈرمە،مالامەتتە،كەيىپ-ئىشرەت نىجاسەتنى.
بىكارتەلەت،تىرشماسلىق،ئادىمىيگە راۋائەمەس،
پاراسەتتىن پۆرەكلىگىن،يىراق قوغلاپ نادامەتنى.
ئۇنۇتما ھەم يىراق ئۆتمۈش،مۇشەققەتلىك كۈنۈڭنى ھەم،
سېخى بولغىن ئاياپ يۈرمە،غېرىپلارغا ساخاۋەتنى.
ساڭابايلىق،ساڭابەخت ئەزىز دوستۇم بىلىپ يەتكىن،
غەنىيمەتتۇر،قەدىرلىگىن،ھايات يۈرگەن سالامەتنى.
ئاپتۇر:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kirimjanyasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-29 07:09 PM