يامغۇردىكى تەنھا سىمايىم، سىڭىپ كەتتى تۇمانلار ئارا. ئازابلارنى قايتا بىخلىتىپ، چۈشلىرىمگە كىرمىگىن يانا.
بۇلبۇل بولۇپ ئۇرىمەن خەندان، سەن بېغىمدا بولغىن سېرىنگۈل. توزۇتسا گەر رەھىمسىز جۇدۇن، يۇرەكلىرىم بولغۇسى چۇل-چۇل.
شادلىقىڭنى قىلىمەن خىيال، ئۆزۈم سىنىڭ ماھى تابانىڭ. مىھىر ۋاپا گۈلشىنى ئارا، بوپ قالۇرمەن جانۇ جاھانىڭ.
قونۇپ قالسا كۆزۈڭگە شەبنەم، ھەر قەترىدە كۆرەرسەن مىنى. كەتكەنلەرنى ئەسلەيدۇ كىملەر.... «دىلدىن سۆيدۈم» دىگەنلەر قېنى؟
ھەمراھ بولۇپ يالغۇزلۇقىڭغا، قىزىل گۈلدەك قات-قات پۈكۈلدۈم. ھەسرەتلەرنىڭ باغرىدىن سېنى، تېرىۋېلىپ ئاۋايلاپ سۈزدۈم.
ساداقەتنى بېسىپ باغرىمغا، ھىجرانلارغا ئۇرغۇم بار قېلىچ. پىنھاندىكى بىر تۈپ گىياھتەك، ياشىسامكەن يالغۇز تىپ-تىنىچ.
تامچىپ چۈشسە يۈزۈڭگە يامغۇر، مىنى ھەرگىز ئەسكە ئالمىغىن. يامغۇرنىمۇ قىلمىغىن خىجىل، ئۆزۈڭنىمۇ غەمگە سالمىغىن.
2014.5.8
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Gvlmisal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-8 01:10 AM
|