مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1420|ئىنكاس: 19

ئىسلام ئىدىيىسىدىكى تەپەككۇر ئۆلچىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106141
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1923
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2014-4-17
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 01:09:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسلام ئىدىيىسىدىكى تەپەككۇر ئۆلچىمى

مۇسۇلمانلارھازىر دەۋر بۆلگۈچ قىيىن شارائىتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، بىر ئەسىر مابەينىدىكى مەدەنىيەتئازغۇنلىقى ياتلارنى دوراپ غۇربەتچىلىكتە قالغاندىن كېيىن دىنىغا قايتىشقائۇرۇنۇۋاتىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتقا ئىنتىلىشى ھېسسىياتچانبولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئويغىنىش ھەرىكىتىنى رېئاللىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان،دەلىلنى شەرىئەتنىڭ ئومۇمى مەقسەتلىرى ۋە ھايات ھەقىقەتلىرى ئاساسىدا چۈشىنىدىغانمېتود ئاساسىدىكى قائىدىگە سېلىش لازىم.

بۈگۈنكىمۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىدىكى كۆپلىگەن ئىدىيە كرىزىسى ئۆزگەرمەس پرىنسىپال مەسىلىلەربىلەن ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان مەسىلىلەر خەرىتىسىنىڭ ئوچۇق بولماسلىقىدىنكېلىپ چىققان.

(1)

ئىسلام ئىدىيىسى

ئىسلامئىدىيىسى دېگىنىمىز: مۇسۇلمانلارتەپەككۇر قىلىدىغان مېتود، ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامغا قارىتا چۈشەنچىسىدىنئىبارەت.

ئىسلامئىدىيىسى:مۇتەپەككۇر، شەرئى دەلىل-پاكىت ۋە رېئاللىقنىڭ ماسلىشىش جەۋھىرى. مانا بۇئىسلامنىڭ نەزەرىيە قىسمى.

ئىسلامئىدىيىسى بولسا مۇتەپەككۇرنىڭ تەپەككۇر نەتىجىسى، شۇڭا توغرىلىقى نىسپىلىككە ئىگە.ئىدىيە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ،ئۇ قۇرئان ۋە سۈننەتكە تايىنىپ مەۋجۇت بولىدۇ.

يەنى مۇتەپەككۇرنىڭ ئايەت ۋە ھەدىسكە قارىتاچۈشەنچىسى ئىسلامنىڭ ئۆزى ئەمەس. چۈنكى ئايەتنىڭ ئۇقۇم خاراكېترى، مۇتەپەككۇرنىڭئەقلى خاراكتېرى، مۇتەپەككۇرنىڭ ئاجىزلىق سۈپەتلىرى، ئىقتىدارى ۋە شارائىتىئايەتكە بولغان چۈشەنچىسىنى نىسپى قىلىپ قويىدۇ. يەنى توغرا بولۇش ئىھتېماللىقىبىلەن خاتا بولۇش ئىھتىماللىقى بار. ئىسلام ئىدىيىسى دىيانەتلىك بولۇش دائىرىسىگەتەۋە بولۇپ داۋاملىق تەپەككۇر قىلىش ۋە توغرىلىقى نىسپىلىق بىلەن ئالاھىدە. ئىسلامپىقھىسىمۇ ئىدىيەگە ئوخشاش بولۇپ، ئەقىلگە مۇناسىۋەتلىك. ئىسلام ئىدىيىسىئىسلامنىڭ نەزەرىيە قىسمىنى تەمسىل قىلىپ بېرىدۇ، ئىسلام فىقھىسى ئىسلامنىڭئەمەلىي قىسمىنى تەمسىل قىلىپ بېرىدۇ.

دېمەك،ئىسلام دىنى مۇتلەق توغرا دىن ۋەئۆزگەرمەس دىندۇر. ئىسلام دىنى خەلقئارالىق دىن. ئۇ بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ دىنى،ھاياتقا تەۋە ھەر قانداق ساھەگە ئارىلىشالايدۇ. ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قېلىش بىلەنبىرگە ھەر قانداق يېڭىلىقنى قوبۇل قىلالايدىغان ئەۋرىشىملىك ۋە ئېلاستىك خۇسۇسىيەتبىلەن ئالاھىدە.

ئاللاھئەقىلنىڭ تەپەككۇر قىلىش دائىرىسىنى بەك كەڭرى قىلىپ بەرگەن. ئىسلام ئەقىلدىنھايات ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى دىننىڭ ئاساسلىرى، مەقسەتلىرى ۋە قىممەت قاراشكۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن تۈزۈپ چىقىشى ئۈچۈن ئىجتىھاد قىلىش ۋە ئىزدىنىشكەرىغبەتلەندۈردى.

ئەقىلئىسلام دىنىدا كەڭرى ئورۇنغا ئىگە. ئىسلام ئەقىلدىن شەرىئەتنىڭ بەش تۈرلۈك زۆرۈرمەقسەتلىرى، كائىنات قانۇنىيەتلىرى ۋە بىلىم-مەرىپەتنىڭ كەسكىن ھەقىقەتلىرىنى تونۇش،شۇنداقلا دىننى چۈشىنىش قائىدىلىرىنى بىلىش ئارقىلىق ئىسلام خىتابنامىسىنىڭيوللىرىنى ھېس قىلىشتەك قائىدە پرىنسىپ ئاساسىدا ئەقىل ئەركىن ھەرىكەت قىلسابولىدۇ.

ئىسلامئىدىيىسى ئىسلامنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن بىرگە پەيدا بولغان. ئىسلام دىنىيئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن خاتالاشمايدىغان مۇقەددەسلىككە ئىگە بىر دىن.ئىسلام ئىدىيىسى بولسا ئىنساننىڭ ئىسلامغا قارىتا چۈشەنچىسى بولۇپ، توغرا ياكى خاتابولۇش ئېھتىماللىقى بار نىسپىلىككە ئىگە.

دېمەك،تەپەككۇر قىلىش، ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش شەرىئەت بەلگىلىگەن پەرز ۋەرېئال زۆرۈرۈىيەتتىن ئىبارەت.

(2)

ئىسلام ئىدىيىسىنىڭمەنبەلىرى

ئىسلامئىدىيىسى مۇتەپەككۇرلار ۋە ئالىملارنىڭ ئەقلى يەكۈنى بولسىمۇ، بىراق ئۇ سىستېمىلىقمېتودقا ئىگە بىر پەن. مۇتەپەككۇر ئىسلام بۇلاقلىرىغا تايىنىپ تۇرۇپ تەپەككۇرقىلمىسا ۋە ئىتتىپاقلىققا ئىگە شەرىئەت پرىنسىپلىرىغا ئېسىلىپ ماڭمىسا ئىسلاممۇتەپەككۇرى دەپ قارالمايدۇ. دېمەك، ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ ئاساسلىق ئۈچ مەنبەسى بار:

1.نەقىل: قۇرئان ۋە ھەدىسشەرىپ

نەقىلدېگىنىمىز: ئاللاھنىڭ سۆزى بولغان قۇرئان كىرىم ۋە سەھى ئۆلچىمىگە توشقانرەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى.

2.ئەقىل

3.باشقىلارنىڭ تەجرىبىسى.

(1).قۇرئان كېرىم:رەسۇلۇللاھ ئۈممەتكە قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئىدىيىۋى ۋە پىقھى ئىزدىنىشنىڭمەنبەلىرىنى«قۇرئان، ھەدىس شەرىپ ۋە ئەقىل» دەپ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن. (ئەبۇداۋۇترىۋايىتى).

مەيدان،كەسىپ ياكى ئالىم قانداق بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ئىسلام تەسەۋۋۇرىنى شەكىللەندۈرۈشتە ھەر قانداق بىر تەتقىقاتنىڭ بىرىنچىمەنبەسى قۇرئان بولىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ قۇرئان كىرىمدە ھايات ساھەسىنىڭ ھەممەمەيدانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئاساسى قائىدە، پرىنسىپال تۈزۈم ۋە شەرىئەتنىڭمەقسەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان.

قۇرئانكىرىم ئەقىل، تەپەككۇر، ئىزدىنىش، تەتقىقات... مەسىلىلىرىگە ئالاھىدە ئورۇنئاجراتقان. قۇرئان كىرىمنىڭ قايسى بىر بېتىنى ۋاراقلاپ تەكشۈرسىڭىز تەپەككۇر، ئىزدىنىش،ئەقىل يۈرگۈزۈش ۋە نەزەر تاشلاشقا تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.

قۇرئانتەرەققى قىلىش - ئارقىدا قېلىش، كۈچلۈك بولۇش - ئاجىزلىق، بىرلىك- بۆلۈنۈش،مۇھەببەت- نەپرەت، دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولىشى - زاۋال تېپىشى...غا ئالاقىدار ئىشلاردىمۇ تەپەككۇر قىلىشقا قىزىقتۇرغان.قۇرئان كىرىم نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئەقلى پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلىغان. ئۆزگىرىشچان تارماق مەسىلىلەرنى قۇرئاننىڭمەقسەتلىرى روھى ئاساسىدا ئىجات قىلىدىغان ئىزدىنىش ۋە ئىجتىھادقا چاقىرغان.

(2).ھەدىس شەرىپ ياكى سۈننەت: سەھىھەدىس شەرىپمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئىلاھىي ۋەھىي.  ھەدىس قۇرئاننىڭ ئىخچام تېمىلىرىنى بايانقىلىدۇ، روشەن بولمىغان تەرەپلىرىنى ئىزاھلاپ بېرىدۇ، ئومۇمى كەلگەننى دائىرەئىچىگە ئېلىپ بېرىدۇ. دېمەك، سەھى ھەدىس قۇرئاننى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ بېرىدۇ.ئۇنداقتا ھەدىس شەرىپ ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى.

ئىسلامئىدىيىسىنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى بولغان ھەدىس شەرىپمۇ تەپەككۇر قىلىش، ئەقىليۈرگۈزۈش ۋە ئىزدىنىشكە قىزىقتۇرىدۇ. ھەدىس شەرىپ مۇسۇلمانلارنى «قۇرئان ئايەتلىرىنى» ئويلىنىش ئىچىدە ئوقۇشقا، ئاللاھنىڭ «كائىناتتىكى ۋە ئىجتىمائىي قۇدرەتلىرىنى» تەپەككۇر قىلىشقا تەشەببۇس قىلىدۇ.

ھەدىسشەرىپ قۇرئان ئايەتلىرىنى چۈشىنىش، رېئاللىقنى چۈشىنىش ۋە ئايەتلەرنى رېئاللىققاباغلاشنىڭ ئەمەلىي مېتودى.

(3). ئەقىل:ئىنسانلارنىڭ ھاۋايى-ھەۋسىگە بېرىلىپ ئېزىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاللاھ  ئىنسانلارغا قۇرئان چۈشۈرۈپ بەردى ۋە رەسۇلۇللاھقۇرئاننى ئىزاھلاپ بەردى. ئەمدى ئايەت- ھەدىسلەرنى رېئاللىققا تەتبىقلاشمۇتەپەككۇرلار ۋە ئالىملارنىڭ ۋەزىپىسى بولغانلىقتىن، ئۇلار شەرىئەتنى چۈشەنمىسەتەتبىقلىيالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ دىننى چۈشىنىشنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

مۇتەپەككۇرلارۋە ئالىملار ئايەت- ھەدىسنى رېئاللىقتىكى يېڭى مەسىلىلەرگە تەتبىقلاش ئۈچۈنرېئاللىقنى ياخشى چۈشىنىش لازىم. دەلىل كەلمىگەن مەسىلىلەرگە ھۆكۈم ئېلىشتاشەرىئەتنىڭ پرىنسىپلىرى، ئاساسلىرى ۋە مەقسەتلىرىگە تايىنىشى كېرەك. ئايەت-ھەدىسنى جايىدا چۈشىنىش، رېئاللىقنى ئۆز ماھىيىتىدە تونۇپ يېتىش ۋە دەلىلنىرېئاللىققا تەتبىقلاش مۇتەپەككۇرلارنى دانا قاتارىغا كۆتۈرىدۇ. دانالىق قۇرئاندابايان قىلىنغان بىلىم- مەرىپەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ھېسابلىنىدۇ. مانا بۇئىسلامنىڭ ئەقىلنىڭ ھەرىكىتىگە سىزىپ بەرگەن مىتودىدىن ئىبارەت.

ئىسلامدىنىنىڭ رېئال دىن ئىكەنلىكى مۇجتەھىد مۇتەپەككۇرلەرنىڭ ئارىسىدىكى شەخسىپەرقلەرنى ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنئىسلام بارلىق كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئەقىلنى ئىستىمال قىلىش ۋە ئىزدىنىشكە تەشەببۇسقىلدى. شەرئى ھۆكۈمنى ئېلىش جەريانىدا مۇتەپەككۇرلاردا قىسمەن خاتالىق يۈز بېرىشئەھۋالى مۇمكىن.

مۇتەپەككۇرلارۋە مۇجتەھىدلەر خاتالىشىپ قالامدىمەنكى دەپ ئەنسىرەپ تەتقىقات ئېلىپ بارماسلىقىياكى بىرسى يەنە بىرسىگە ھۇجۇم قىلىشى ۋە باشقىلارنىڭ دىنىغا تۆھمەت نەزەرى بىلەنقارىشى توغرا بولمايدۇ.

ئىسلام دىنى «ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتى»دامۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن ئادەمگە «ئىككى ھەسسە ساۋاب» بولىدۇ، مۇۋەپپەقىيەتكەئېرىشەلمىگەن تەتقىقاتچى مۇتەپەككۇر «بىر ھەسسە ساۋاب» ئالىدۇ، دەپ مۇتەپەككۇر ۋەئالىملارغا دۇنيا تارىخىداكۆرۈلۈپ باقمىغان مىسلىسىز ئەڭ چوڭ مۇكاپاتنى ئېلان قىلغان. مۇتەپەككۇرنىڭ مەيدانى قايسى مەيدان بولۇشتىنقەتئىنەزەر، شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىنى تۇتۇپ ماڭسا، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە رېئايەقىلسا بۇ خىل مۇكاپاتتا ئېرىشەلەيدۇ. دېمەك، ئىجتىھاد ۋە ئىزدىنىش نىسپى ئىشبولۇپ، توغرا ۋە خاتالىق ئېھتىمالى بار. دېمەك. ئىسلام ئىدىيىسى ئىسلامنىڭ ئۆزىئەمەس.

ئىسلامئىدىيىسى مۇتەپەككۇرنىڭ ئەقلىدەئايەتۋە ھەدىسنىڭ رېئاللىق بىلەن ماسلىشىشىدىن ئىبارەت. دېمەك، مۇتەپەككۇرنىڭ ئىنسانلىقتەبىئىيىتى، مەرىپەت سەۋىيىسى، شارائىتى، چۈشىنىش مېتودى ۋە رېئاللىققا قاراشنۇقتىلىرى ئەكىس ئېتىدۇ. مانا بۇ ئىسلام ئىدىيىسى ۋە ئىسلام پىقھىسىنىڭ ئىنساننىڭئەقلى ئەمگەك ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ خاتالىقتىن خاتا بولالمايدىغانلىقىنىچۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

شۇسەۋەبتىن ساھابىلەر ئارىسىدىمۇ بىر قانچە ئىدىيىۋى ۋە پىقھى ئېقىملار شەكىللەنگەن.مەسىلەن، ئابدۇللاھ ئۆمەر ئېھتىيات ئېقىمىنىڭ يېتەكچىسى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسئاسانلاشتۇرۇش ئېقىمىنىڭ يېتەكچىسى، ئابدۇللاھ مەسئۇد ئىككى ئېقىمنىڭ ئارىسىداتۇرۇپ ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان.

(4).باشقىلارنىڭ تەجرىبىسى:ئاللاھ بارلىق ئىنسانلاردا تەجرىبىنىڭ كۆپلۈكى ۋە ھەر بىر جەمئىيەتنىڭ شارائىتى يېتىلدۈرىدىغان ئورتاقتەقسىماتلاردىن بىر قانچىنى پەيدا قىلغان. ھەر بىر جەمئىيەتتە باشقا بىرجەمئىيەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان ئىقتىدار ۋە ئۈستۈنلۈك ئامىللىرىنى ياراتقان. ماناقارايدىغان بولساق، قايسى بىر جەمئىيەتتە ھەزارەت قۇياشى نۇر چاچسا، ئىنسانلارئارىسىدىكى ئورتاق تەقسىماتنى تېخىمۇ يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئىسلامئىدىيىسى خەلقئارالىق ئىدىيە بولۇپ بارلىق ئىنسانىيەتنى ھىدايەت قىلىشنى مەقسەتقىلىدىغانلىقى ئۈچۈن- تەجرىبە تاۋلاپ چىققان ئورتاقلىقتىن ياكى خاس تەجرىبەئوبرازلاشتۇرغان كۈچ قۇۋۋەت نۇقتىلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىدىيە ۋەمەدەنىيەتلەرگە دەرۋازىسىنى كەڭرى ئاچىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىنى تەجرىبىنىڭئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ قۇرئاندا:«تەجرىبىلىكئادەملەردىن سوراڭلار»دەيدۇ،(فۇرقان سۈرىسى، 59-ئايەت). بۇ ئايەت تەجرىبىلىك ۋەبىلىملىك كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى مۇسۇلمان بولمىسۇن مۇتلەق تىلغا ئالغان.مۇتەخەسسىس ۋە كەسىپ ئەھلىنى ھۆرمەتلەشكە يول يورۇق كۆرسىتىپ:«بىلمىسەڭلار، ھەرساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن سوراپ بىلىڭلار»دېگەن(ئەنبىيا سۈرىسى، 7-ئايەت). بۇمەسىلىنى نەھل سۈرىسى، 43- ئايەتتە ئەينەن تەكرارلىغان.

دېمەك،ئىسلام باشقىلاردىن پايدىلىنىشقا قىزىقتۇرىدۇ. شۇڭا مۇسۇلمانلار باشقىلارغائېچىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەزارىتى ۋە ئىدىيىلىرىنى تەتقىق قىلغان، پايدىلىق دەپ قارالغاننەرسىلەر ئۆزلىرىدە بولمىسا ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەزارەت قۇرۇلمىسىدىكى بوشلۇقنىئېتىدۇ دەپ قارىغاندا ئۇلاردىن پايدىلانغان.

باشقىلاردىنقوبۇل قىلىنغان نەرسە ئەمەلىي رېئاللىقتا ھەقىقى مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلىسە،ئىسلامنىڭ پرىنسىپال قاراشلىرى بىلەن زېتلاشمىسا ۋە ئىسلامغا قارىشى دىنىيخاراكتېرىنى بىرگە سۆرەپ كەلمىسە قايسى ئورۇن ۋە قايسى دەۋر بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئېلىشقا ۋە پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

ماناتارىخ ۋە ھەدىس كىتابلىرىغا قارايدىغان بولساق رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر باشقادىندىكى كىشىلەرنىڭ پايدىلىق ئىدىيە ۋە مەدەنىيەتلىرىدىن پايدىلانغان.

ئىسلامپەيغەمبىرى:«ھېكمەت مۇسۇلماننىڭ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسى، مۇسۇلمان ئۇ نەرسىسىنىقەيەردە تاپسا، ئالسا بولىدۇ، دېگەن».( تىرمىزى رىۋايىتى).

دېمەك،ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ مەنبەلىرى ئۈچ: نەقىل، ئەقىل ۋە باشقىلارنىڭ پايدىلىقتەجرىبىسى.

ئىسلامئىدىيىسى ئىسلامنىڭ نەزەرىيە قىسمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئىسلام پىقھىسى ئىسلامنىڭئەمەلىي قىسمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

(3)

ئىسلام ئىدىيىسىنىڭخۇسۇسىيەتلىرى

ئىسلامئىدىيىسى ئىسلامنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ساقلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. مۇشۇ ئاساستا ئىسلام «مەنپەئەتنىقولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش»قا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ تەبىئىيتەلەپلىرىنى رېئاللىققا ئاشۇرۇپ بېرەلەيدۇ، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققانرىقابەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ كېتەلەيدۇ ۋە يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان سوئاللارغا جاۋاببېرەلەيدۇ.

ئەگەرئىسلام دىنىدا ئەۋرىشىملىك بولمىغان بولسا، ئىسلام قورۇلۇپ قالغان بولاتتى ۋەدەۋرنىڭ ئارقىدا قالغان بولاتتى.

ئىسلامنىڭئۆزگىرىشلەرنى سىغدۇرۇپ ئۆزلەشتۈرۈپ كېتىشتىكى كاتتا ئىقتىدارى ۋە ئاجايىپئەۋرىشىملىكى بوشلۇقتىن پەيدا بولۇپ قالمىدى. بەلكى ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ بىرقانچىلىغان خۇسۇسىيەتلىرىدىن ھاسىل بولغان.

ئىسلامئىدىيىسى نەقىل بىلەن ئەقىلنى، ئوتتۇرھاللىق بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى، ئومۇملۇق بىلەنتەڭپۇڭلۇقنى بىرلەشتۈرگەن.

(1).ئىسلام ئىدىيىسى ئىنساننىڭ تەتقىقاتى ۋە ئىجتىھاتى بولسىمۇ، بىراق باشقا ئىدىيىلەردىنپەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئىسلامئىدىيىسى ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشكەن قائىدە- تۈزۈملەر، پرىنسىپلار ۋە مەقسەتلەرنىڭروھى ئاساسىدا ھاسىل بولىدۇ. دېمەك، مۇتەپەككۇر ياكى ئالىم پرىنسىپال مەسىلىنىڭيۆلىنىشى ئاساسىدا تارماق مەسىلىلەرگە ئەقلىنى ئىستىمال قىلىدۇ. مەقسەت ۋە غايەيۆلىنىشدە تۇرۇپ ئۇسۇل-چارىلەردە ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدۇ.

بۇخىل ھالەت يېڭىلىق ۋە تەرەققىيات ئىمكانىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. بولۇپمۇئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ھەر ئەسىردە مۇجەددىد ۋە مۇتەپەككۇرلەرنى ئاتا قىلىپ تۇرىدۇ.رەسۇلۇللاھ:«ئاللاھ ھەر بىر ئەسىرنىڭ بېشىدا بۇ ئۈممەتنىڭ ئىسلام چۈشەنچىسىنىيېڭىلاپ تۇرىدىغان مۇتەپەككۇرلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدۇ، دېگەن».(ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى).

شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەدىستە كۆزلەنگەن يېڭىلىقيارىتىش ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپال تەرەپلىرىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. بەلكىئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان دائىرىلەرگە مۇناسىۋەتلىك، يەنى كىشىلەرنىڭ دىنى چۈشەنچىسىنىيېڭىلاپ ئەسلى ساپ ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ، دېمەكچى.

ئىسلامئىدىيىسىدە نەقىل ۋە ئەقىلنىڭ بىرلىشىشى، ئىسلام ئىدىيىسىگە مۇكەممەللىك ۋەيېڭىلىق قانىتىنى بېرىدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئۈمىد قىلىنىۋاتقان ھەزارەتيۆلىنىشىگە ئۇچۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

(2).ئىسلامنىڭئوتتۇرھاللىقى: ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى. قۇرئان كىرىم بۇنىئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. ئوتتۇرھاللىق تۈرلۈك يەككە پەرقلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپكېتەلەيدىغان كەڭرى دائىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوتتۇرھاللىق ئاسانلىق ۋەقولايلىق سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە. بۇ توغرىدائايرىم توختىلىمىز...

(3).ئومۇمىيلىق:ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ بىرىنچى مەنبەسى ۋەھىي بولۇپ، خۇسۇسىيەتلىرىنى ۋەھىيدىنئالىدۇ. ئىسلامنىڭ خەلقئارالىق دىن ئىكەنلىكى قانچىلىغان ئايەتلەردە زىكىرقىلىنغان. ئىسلام دىنى خەلقئارالىق دىن بولغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلماننىڭ ئەقلى باشقائىدىيە ۋە مەدەنىيەتلەردىكى ئەۋزەل تەرەپلەردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن سىرتقا قارىتائېچىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

ئىسلامدىنىي ھايات ساھەلىرىنىڭ ھەر قانداق ساھەسىگە ئارىلىشالايدىغان دىن بولغانلىقىئۈچۈن ئىسلام ئىدىيىسىمۇ خەلقئارالىق ئىدىيە. يەنى مۇسۇلمان ئالىملار ئىسلامنىڭخۇسۇسىيەتلىرىنى ھاياتنىڭ ھەر ساھەلىرىدە نامايان قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان.

(4).ئىنسان زېمىننىڭ مەھسۇلاتى بولسا، روھ ئاسماننىڭ مىۋىسى. ئۇنداقتائىنسان جىسىم بىلەن روھىنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشى لازىم. ئىسلام قۇرۇلمىسىدىكىئىنساننىڭ تەڭپۇڭلىقى ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ باشقا ئىدىيىلەردىن ئۈستۈن كېلىشىنىڭ ئەڭمۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى. ئىسلام قۇرۇلمىسىدىكى بەدەن ۋە روھنىڭ تەڭپۇڭلىقى روھتەلەپ قىلىۋاتقان نەمۇنىلىك ھايات بىلەن بەدەن تەلەپ قىلىۋاتقان رېئاللىقنىتەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا كېپىل بولىدۇ. شۇنداقلا دۇنيابىلەن ئاخىرەت ئارىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقىمۇ كېپىل بولىدۇ.

ئىسلامئىدىيىسى مەجبۇرىيەت بىلەن ھوقۇق ئارىسىنىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ. ھەر بىر تەرەپكەمەجبۇرىيىتىنى ئورۇنلاشقا تەشەببۇس قىلىدۇ. مەجبۇرىيەت بىر ئادەمگە قارىتامەجبۇرىيەت بولغان بىلەن يەنە بىر ئادەمگە قارىتا ھوقۇقتىن ئىبارەت. دېمەك،مەجبۇرىيەت بىلەن ھوقۇق بىر بىرىنى قوللايدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

ئىسلامئىدىيىسى شەخس بىلەن كولېكتىپ، نەمۇنە بىلەن رېئاللىق، دۇنيا بىلەن ئاخىرەتئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى رېئاللىققا ئاشۇرۇپ نەتىجە قازانغان.

بۈگۈنكىمۇسۇلمانلارغا قارىساق ھەر قايسى تەرەپتىن باشقىلارنىڭ ئارقىغا قالغان. سەۋەبنېمە؟ سەۋەب: ئۇلارنىڭ ئىسلامغا ئەستايىدىللىق بىلەن ئېسىلمىغانلىقىدا، ئىسلامئىدىيىسىنى چوڭقۇر ئەقىل يۈرگۈزمەي خاتا چۈشىنىۋالغانلىقىدا. شۇ سەۋەبتىن سۆزبىلەن ھەرىكەت ئارىلىقىدا ئۈزۈلۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

ئىسلامدىنىدا ئەقىل يۈرگۈزۈش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ئىزدىنىش نەپلە (قوشۇمچە)ئىش ئەمەس، بەلكى شەرىئەتكۆرسەتكەن پەرز ۋە رېئال زۆرۈرىيەت.

ئىسلامئىدىيىسى نەقىل بىلەن ئەقىل، ئوتتۇرھاللىق بىلەن تەڭپۇڭلۇق ۋە ئومۇمىيلىقخۇسۇسىيەتلىرى بىلەن نۇرغۇن خەلقلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ كېتەلىگەن. ئىسلام ئىدىيىسىئومۇمىيلىق خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى بىلەن ئەركىنلىكىنىبىرلەشتۈرگەن ئىدىيە.

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرىي

(دوكتۇر ئاسپىرانتى)

2014-4- 19 –كۈنى. قاھىرە شەھىرى


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) a$ Z8 B; R, x2 Y

ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
banka + 10 نادىر تىما
bambukjan + 20 ماشائاللاھ...
kulak + 15 قالتىس...
tiwep + 10 رەھمەت ئۇستاز

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 55   باھا خاتىرىسى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104917
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2304
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2014-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 02:16:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

"/ئارتۇق گەپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12871
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3839 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 02:59:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىنى مەيلى ئۆزىڭىز يازغان بولۇڭ ياكى تەرجىمە قىلغان بولۇڭ، مەزمۇنى چوڭقۇر، مۇلاھىزىلىرى ئەتىراپلىق بوپتۇ، تور ئەھلىگە ياخشى بىر يېتەكچى بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن...

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58483
يازما سانى: 883
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6646
تۆھپە نۇمۇرى: 589
توردا: 190 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2014-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 03:01:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەھمەت قىلسۇن

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1791
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 551 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 03:02:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىۋى ئەھمىيىتى باكەن، رەھمەت.

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.

جەننەت ئۆتكۈر قىلىچلار ئاستىدا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7432
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8159
تۆھپە نۇمۇرى: 491
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2014-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 05:07:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   يۇقىرىدىكى مۇنبەرداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قاراپ ئەجەبمۇ ئىچىم سېيرىلدى دېسە !!!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 e& ~" m7 |. i, r
ھەي ، بىز تولىمۇ نادان خەلىقمۇ ياكى ... ئۆز ئالىملىرىمىزنىمۇ تونىمىساق - ھە !!!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ \' y) s: y# Y  I, F5 M* p

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 L4 J* j- d/ t" hمىسرانىم مۇنبىرىگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزنى قارشى ئالىمىز پەخىرلىك ئۇستاز !!!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 r& x/ G: C0 I& N+ C0 k8 o/ y7 N# {مىسرانىمدا سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇشال بولدۇم !بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 Q% z3 p  O5 Y% u8 v  }
قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بىزلەرگە يوللىغان ئۇشبۇ تېمىڭىزغا تەشەككۇر !بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 P' a: P: \2 H# L7 M1 i

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 @8 }% ?' e3 T3 {: \
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. B# P6 O6 C' y- v4 ^0 v- O" @ بىرنەچچە قېتىم قايتا-قايتىلاپ ئوقىمىسا ھەزىم قىلىپ بولالمىغۇدەك ۋەزنى ئېغىر بىر تېما بولۇپتۇ !!!  مۇشۇنداق تەپەككۇرنى ئويغاتقىدەك تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي !!!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, ~- P) t3 f9 B) g+ s
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ T* }# K5 f7 Y; c
ئاللاھ  ئالىملىرىمىزغا رەھمەت قىلسۇن ! ئۇلارنى سالامەت ، خاتىرجەم قىلسۇن !!!!!!!!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! l# e. S5 ?4 y. C6 f$ V* k( j1 p

ئىتقاد قىلغىنىڭدەك ياشىمىساڭ ، بىلگىنكى ياشىغىنىڭدەك ئىتقادتىسەن !   __ ئۆمەر ئىبنى خەتتاب

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78017
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9206
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 256 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 05:28:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھ ئەجىر بەرگەي ئۇستاز ،تىنىڭىزگە سالامەتلىك ،ئشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105979
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 345
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 07:44:38 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن  ئىسلام دىنىنى  ئاز خەت بىلەن  ناھايىتى ئۆلچەملىك  تۇنۇشتۇرۇپسىز   بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* ^6 i2 w$ O) Q$ n. `( q

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 882
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9204
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1602 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 08:46:20 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!« بەك. نادىر تىما يوللاپسىز! خەتنى بەك چوڭ قىلىۋىتىپتىكەنسىز ،تېلپوندا خەتلەر بىر بىرىگە كىرىشىۋىلىپ ئوقۇغۇسىز بولۇپ كىتىپتۇ. باشقۇرغۇچىلار ئوڭشىۋەتسەڭلار.......

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4239
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19617
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1543 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 08:59:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Kurxad يوللىغان ۋاقتى  2014-4-29 05:07 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- i1 y. n) P. i! U1 F9 C+ m& vيۇقىرىدىكى مۇنبەرداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قاراپ ئەجە ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# H8 S8 g5 `; S& g: ~) ^ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم خەۋەرسىزكەنمەن، تېما ئىگىسى كىم بولىدۇ؟ چۈشەندۈرۈش بەرسىڭىز

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش