|
|
|
|
سىز ئادەتتە بۇ تور بەت ئارقىلىق ئۆز سالاھىيەت گۇۋاھنامە نومۇرىڭىزغا ئاساسەن داۋالىنىش كارتىڭىزنىڭ ياسىلىش ئەھۋالىدىن ھەرۋاقىت خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز ، داۋالىنىش كارتىسى ئادەتتە 6 باسقۇچنى بىسىپ ئۆتۈپ ياسىلىدۇ ، ئىچىكىرى ئۆلكىدە ياسىلىپ ناھىيە دەرجىلىكتىن يۇقىرى ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسى تەرپىدىن تارقىتىلىدۇ ، ھەرقايسى ئىدارە كاسسىرلىرى ئۆز ئىدارىسىدىكى كادىرلارنىڭ كارتىسىنى ۋاكالەتەن ئىلىپ كادىرلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بىرىدۇ ، ئوخشاش ئىدارىدە بەزى كادىرلارنىڭ كارتىسى ئاللا بۇرۇنلا كىلىپ بولغان بولسىمۇ قىسمەن كادىرلارنىڭ تىخى كەلمىدى ، بۇ كارتىڭىزنىڭ كەلمەيدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ ، بۇ پەقەت كومپيۇتېر تەرپىدىن ئاپتۇماتىك تەرتىپ تۈزگەندە سىزگە نومۇرنىڭ چوڭراقى تىگىپ قاتارنىڭ ئاخىردىراق تۇرۇپ قالغانلىقتىن بولغان .
ھازىر ئاپتۇنۇم رايونىمىز دەل كونا داۋالىنىش كارتىسى بىلەن يىڭى داۋالىنىش كارتىسىنىڭ ئالمىشىش ئۆتكۈنچى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ ، سىز يىڭى تىپتىكى داۋالىنىش كارتىسىنى ئالغاندىن كىيىن ئۇنى قوزغاتسىڭىز (بانكىدا) كونا كارتىدىكى پۇلىنىڭ ھىساباتى يىڭى كارتىڭىزغا ئاغدۇرۇلىدۇ ، چۈشەنمىگەن مەسىلىلەر بولسا سورىساڭلار بولىدۇ .ياكى خەنزۇچە مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەرنى ئاختۇرۇپ كۆرسەڭلارمۇ بولىدۇ .
بۇنىڭدائاپتۇنۇم رويونىمىزدىكى بارلىق ئىدارىلەردە يەنى ئوبلاسىت تەۋەسىدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر ،كارخانا ، شىركەت ، شەھەر نوپۇس تۆۋەن تۇرمۇش ئالىدىغان كىشىلەرقاتارلىقلارنىڭ داۋالىنىش كارتا ئۇچۇرى ، كارتىنىڭ نورمال ئىشلەش جەريانىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ ، 8-ئايدىن باشلاپ ئوبلاستىمىز تەۋەسىدىكى بارلىق يىزىلاردىكى يىزا نۇپۇسلارنىڭنىمۇ كارتىسىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ .
تەكشۈرمەكچى بولسىڭىز مۇشۇ يەرنى بىسىڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-29 12:14 PM
|
|
|
|
|
|