ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، ئوۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى رەسمىيەتلەرنىڭ كۆپلىكىدىن سىزلەرگە
ياخشىراق بىر نەرسە سۇنالمىدىم ، يىققىنىڭ ياقى يازغانلىرىمنى بۆگۈنكى بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ يوللىۋالدىم. ياقتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
بۇنىڭدىن كىيىنكى شىئېلىرىمنى ئۆچمەس دېگەن تەخەللۇس بىلەن يوللايمەن، ئۆچمەسنى ئۆزۈمنىڭ ئەدەبېي تەخەللۇسۇم قىلىپ تاللىدىم(مازاق قىلماڭلا ھە ).
تۇنجى سۆيگۈ
ھاياتىم بىر ساڭا باغلىنىپ قالدى نېچۈن،
ئەجىبا قەلبىمنى قوش قوللاپ بەرگەن ئۈچۈن؟
مۇراتقا يىتەلمەي يۈرەيمۇ چۆللەر كېزىپ،
رەھىمىڭ كىلەرمۇ تەمتىرەپ قالسام ئېزىپ.
ئايدىڭدا ئۇخلىماي ئەسلەيمەن ئوڭدا يېتىپ،
گۇناھىم نىمىدۇر بىلدۈرمەي قالساڭ كېتىپ.
ئۈزۈلمەس خىياللار ئۇيقۇسىز تۈنلەر ئۈچۈن،
لاغىلداپ تىترەيدۇ يۈرەكلەر ئېيتە نېچۈن؟
2014-04-22
ھاماقەت يار
كەت نىگارىم دىگەن چىغىمدا،
كەلدىڭ يەنە تاشلىمىغىن دەپ.
يەنە ئۆزۈڭ كەتمەكچى بولدۇڭ
سەندەكلەرنى يۈرمەيمەن ئەسلەپ.
كەتمىگىنىڭ ھۈر بەختىڭ ئىدى،
نىكاھىمىز تاج تەختىڭ ئىدى.
يالغانمىدى تامغان ياشلىرىڭ
ۋەدىلەرىڭ ئىيت يالغانمىدى.
چىن سۆيگۈنى بىرەلمىسەممۇ،
بىرەر ئىدىم چىن ساداقەتنى،
خاتا باسقان قەدىمىڭ ئۈچۈن
خۇد ئۇرسۇن سەن ھاماقەتنى.
2014-04-04.
رۇبائېيلار
بۇ ئۆلۈم باقمايدۇ قېرى ھەم ياشقا،
بارىڭنى قەدىرلەپ مۆھۈر باس تاشقا.
ئىزىڭدىن ئۈنگەندە خۇشپۇراق گۈللەر
شۇ ئۆلۈم مەڭگۈگە كەلمەيدۇ باشقا…
نىشانسىز يۈرگەندە كۈن ئۆتمەيدىكەن،
بەدەلسىز يىنىغا قۇت كەلمەيدىكەن.
ھەرمىنۇت ئالدىغا ئىنتىلسە كىشى
مانا بۇ ھاياتنىڭ مەنىسى ئىكەن.
ناخشا تېكىستى
سۆيگۈنۈم بار دەمسەن يەنە
سۆرەپ يۈرۈپ ۋىسال بەرمەي،
دىدارىڭدىن خەۋەر كەلمەي،
سۆيگۈنۈم بار دەمسەن يەنە.
ئەلەم يۇتۇپ يۈرسەم نىگار،
كۆرۈشمەككە بەرمەي دىدار،
سۆيگۈنۈم بار دەمسەن يەنە.
(قايتارما)
سۆيگۈ ئۈچۈن سوققان يۈرەكلەر،
سەۋدالىقتا يۈرمىسۇن مەڭگۈ،
ۋىسالىڭدىن شەربەت سۇن ماڭا
دەرت ئازابنى كۆرمىسۇن مەڭگۈ.
بارغىنىمدا ساقلاتقۇزۇپ،
سىنى ساقلاپ تاڭ ئاتقۇزۇپ،
سۆيگۈنۈم بار دەمسەن يەنە.
سورىغاندا ئۈلپەتلىرىڭ،
تونۇشۇم دەپ كۆرسەتكىنىڭ،
سۆيگۈنۈم بار دەمسەن يەنە.
2014-3-20
ئۆچمەس