مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3776|ئىنكاس: 29

ئالدامچىلارنى باپلاش تېخنىكىسى(ئۈگىنىپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99727
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1324
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2013-11-17
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 11:54:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى تېمامدا ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ھەققىدە توختالغان، تېمامنى كۆرگەندىن كىيىن ئالدامچىلارنى قانداق بايقاشنى ئۈگىنىپ قالغانسىز. ئەمدى ئالدامچىلارنى تونۇۋالغاندىن كىيىن قانداق باپلاشنى ئۈگىتەي.
1. تېلفۇن قىلىپ " مەن كىم؟" دەپ سورىغانلارغا:
بۇنداقلار سىز تېلفۇننى قويۇۋەتمىسىڭىز ئۆزى قويۇۋەتمەيدۇ. شۇڭا، ئىچىڭىز پۇشۇپ قالغان بولسا بىردەم ئەخمەق قىلسىڭىز بولىدۇ. مىسال:
_ مەن كىم؟ تونىدىڭىزمۇ؟
_ تازا تونۇيالمىدىمغۇ؟
_ توۋا، تۆت كۈن كۆرۈشمىگەنگە ئۇنتۇپ قالغىنىڭنى قارا، ئوبدان ئەسلەپ باقە!
_ ھە ۋوي سەنمىدىڭ ئاداش، قانداق ئەھۋالىڭ؟
......( بىردەم يالغاندىن خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سوراڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلىماڭ، سوراپ قالسا، بۇرۇنقىدەك دەپلا قويسىڭىز بولىدۇ.) ئەمدى قانداق باپلاشقا كەلدۇق.
_ ھە راس ئاداش، داداڭنىڭ كېسىلى ساقايدىمۇ؟ ( بۇ ۋاقىتتا قارشى تەرەپ دەماللىققا ئىنكار قىلالمايدۇ.)
_ ھە خېلى ئوڭشىلىپ قالدى.
_ ھە ياخشى بوپتۇ، ئاداش، ھازىر تىبابەتمۇ خېلى تەرەققىي قىلىپ قالدى، ئاشقازان راكى دېگەنمۇ ساقايماس كېسەل ئەمەس. ھە راس، ھېلىقى ئاكاڭنى تۈرمىدىن چىقىشقا ئاز قالدى دەپ ئاڭلىدىم، مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىدىغان بولدىما؟
( بۇ ۋاقىتتا ئالدامچى دۇدۇقلاشقا باشلايدۇ.)
_ھەئە، ئاز قالدى. ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا بالدۇر چىقىدىكەن.
(ئەمدى رەسمىي تېمىغا كېلىمىز)
_ ۋاي ئۇ ئاكاڭمۇ زە، قاراپ تۇرۇپ تاغاڭغا پىچاق تىقىپ قويغان. بوپتۇ، بۇرۇنقى شوخلۇقلىرى سەل ئوڭشالغاندۇ. (ئەمدى ئالدامچىنىڭ چېكىسىدىن تەر چىقىدۇ. مەيلى ئالدامچى نېمە دېمىسۇن، گەپنى داۋاملاشتۇرىمىز)
ھە راس ئاداش، ھېلىقى ئايالىڭغا باسقۇنچىلىق قىلغان جىنايەتچى تۇتۇلدىمۇ؟ ئەرز قىلىدىغان بولدۇڭمۇ ياكى يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلاي دەمسەن؟ ( ياكى باشقا ئۆزىڭىز خالىغان گەپلەر بىلەن ئاچچىڭىزنى چىقىرىۋىلىڭ.)
گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە ئالدامچى چوقۇم ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. تېلفۇننى قويۇۋەتسىڭىز بولىدۇ.
2. بانكا كارتىسىنىڭ نۇمۇرىنى سىزگە يوللاپ بەرگەندە:
دەرھال شۇ بانكىنىڭ تور بانكا بېتىگە چىقىپ، ئالدامچىنىڭ كارتا نۇمۇرى ۋە مەخپى نۇمۇرى(خالىغانچە يېزىڭ) نى ئۈچ قېتىم كىرگۈزۈڭ. بۇ ۋاقىتتا ئالدامچىنىڭ كارتىسى قۇلۇپلىنىدۇ ۋە 24 سائەت ئىچىدە ھېساۋات يۆتكىيەلمەيدۇ.
3. " مۇكاپاتقا ئېرىشكەندە" ياكى باشقا ئۇچۇرلاردا:
ئالدامچىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنىلا بىلىسىز، باشقا بانكا كارتا نۇمۇرى دېگەندەك ئۇچۇرلار بولمىسا، مۇنۇ باسقۇچقا كېلىمىز.
سىز دەرھال ئۆزىڭىزگە تونۇشلۇق بولغان مۇنبەرگە تېما يوللاپ پاش قىلىڭ. ئاندىن مۇنبەردىكىلەردىن شۇ تېلفۇنغا تېلفۇن قىلىپ،  تاماق بۇيرۇتۇشنى تەلەپ قىلىڭ. ئاندىن تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالنى كۆرىسىز.
1)_ ياخشىمۇسىز!
_ ياخشىمۇسىز، ماڭا چارەك سۈيقاشنى خالتىغا ئوراپ( داباۋ قىلىپ) ئۇدۇلىڭىزدىكى بېنانىڭ تۆتىنچى قەۋىتىگە ئەكىلىپ بەرسىڭىز.
_ كەچۈرۈڭ بۇ ئاشخانا ئەمەس، خاتا ئۇرۇپسىز.
_ ھە كەچۈرۈڭ.
2)  ياخشىمۇسىز! *** شېركىتى، قانداق ياردەم كېرەك؟
_ ياخشىمۇسىز،  ماڭا چارەك سۈيقاشنى خالتىغا ئوراپ( داباۋ قىلىپ) ئۇدۇلىڭىزدىكى بېنانىڭ تۆتىنچى قەۋىتىگە ئەكىلىپ بەرسىڭىز.
_........
3) ياخشىمۇسىز، ***شېركىتى، قانداق ياردەم كىرەك؟
_ ياخشىمۇسىز، مېنى مۇكاپاتقا ئېرىشتى دەيدۇ، راسما؟
_ھە، ئىسمىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز.
_قادىخان.
_ھە سەل توختاڭ.  شۇنداق ئەپەندى، مانچىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپسىز.
_ ھە ئىنتايىن ياخشى، سىز شۇ پۇلغا  ماڭا چارەك سۈيقاشنى خالتىغا ئوراپ( داباۋ قىلىپ) ئۇدۇلىڭىزدىكى بېنانىڭ تۆتىنچى قەۋىتىگە ئەكىلىپ بەرسىڭىز.
ئەگەر مۇنبەردىكىلەر بىرلىكتە ھەمكارلاشساق، ئالدامچى يېرىم سائەتكە بارماي ساراڭ بولىدۇ. ئاخىرىدا:
_ ياخشىمۇسىز، بۇ ئاشخانا ئەمەس.
_ ھە شۇنداقمۇ، ئۇنداق بولسا ماڭا يېرىم راڭپىزىدىن بىرنى.

مەنبە : مەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-30 07:48 AM  


چالا تىۋىپ ئادەم ئۆلتۈرەر
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 12:28:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1675
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15006
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2790 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 12:36:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسى ،ئالدامچىلارغا كۇرس ئاچساڭلامۇ بولىدىكەن جۇما

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1880
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2266
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3081 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 12:41:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېلىقى ئايالىڭغا باسقۇنچىلىق قىلغان جىنايەتچى تۇتۇلدىمۇ؟ ئەرز قىلىدىغان بولدۇڭمۇ ياكى يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلاي دەمسەن؟
ئۇ گەپنى ئاڭلىغاندا چىرايى قانداق بۇپ كىتەر... قويمىچى دىگەندىغۇ نۇمۇس بولمايدۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-29 12:43 AM  


ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105350
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 204
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2014-3-26
ئاخىرقى: 2014-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 12:47:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2128
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 655 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 01:07:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدامچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام !
بۇ چارىلەر بىلەن خېلى جايلىغىلى بولغۇدەك……!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 01:08:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرقېتىم تونۇمايدىغان بىرى ماڭا كارتا نۇمۇرىنى ئەۋەتىپ، مانچە پۇل سالساڭ بولىدۇ دەيدۇ،
شۇنىڭ بىلەن كېلىشتۈرۈپ مەنمۇ تازا سۆزلىدىم
ئاداش، ئادەمنى سەن ئۆلتۈردۈڭ، مەن ئارلاشمىدىم. ھازىر ساقچىلار سېنى ئىزدەۋاتىدۇ، مەن ئۆزۈمنى مەلۇم قىلدىم، سەنمۇ ئىتتىكرەك ئۆزۈڭنى مەلۇم قىلىپ يېنىكلىتىپ جازالاشقا يول ئىزدە، ماڭا ئۇچۇر ئەۋەتكەن نۇمۇرۇڭنى ساقچىلارغا دەپ بەردىم ئەمىسە.
دەپ يازسام، بىردەمدىن كېيىن، ئاداش خاپا بولما، خاتا ئەۋەتىپ قاپتىمەن، سېنى تونۇمايمەن دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپتۇ

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
katran + 20 ھې ھې ھې ئەمدى بىرسىدى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106410
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2014-4-26
ئاخىرقى: 2014-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 01:26:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بۇ ئالدامچىلارنىزە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1880
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2266
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3081 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 01:38:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرخان1 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-29 01:08 AM
بىرقېتىم تونۇمايدىغان بىرى ماڭا كارتا نۇمۇرىنى ئەۋەتى ...

بەك جايلاپسىز...

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99964
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 366
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2013-11-23
ئاخىرقى: 2014-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 07:26:06 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ قىززىق ئامال كه ن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش