ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق قېرىنداشلار، ئۈچ ھەپتىدىن بېرى " كەشپىياتچى" غا ئوبزور يېزىپ، كۆزۈڭلارنى چارچىتىپ قويدۇم، ئەمدى ئۆزۈمنىڭ كۆرگەن بىلگەنلىرىدىن تەرمىلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇناي. يادىڭلاردا بارمىكىن، ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئابدۇكېرەم ئابلىز ۋە ئىككى پېشقەدەم ئارتىسلىرىمىز قويمىچى توغرىسىدا بىر ئېتوت ئوينىغان. ئون يىل ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈندە، شۇ ئېتوتتا تەسۋىرلەنگەن ئالدامچىلىق ئۇسۇلى ھېلىمۇ ئەل ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. ئالدىنقى يىلى مەكتىپىمدىكى بىر ئوقۇغۇچى 3000 يۈەننى ئالدامچىغا تۇتقۇزۇپ قويغان بىر ۋەقە يۈز بەردى. شۇڭا تۆۋەندىكى تېمىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم، پايدىسى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ئالدامچىلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ
.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئالدامچىلىق دېلولىرىنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئېشىپ بارماقتا. بولۇپمۇ تور ئالدامچىلىقى كىشىنى دەككە- دۈككىگە سالغىدەك دەرىجىدە كۆپىيىپ كەتتى. مەكتىپىمىزنى مىسالغا ئالساق، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ھەر مەۋسۈمدە يۈز بەرگەن ئوغرىلىق ۋە توپلىشىپ جىدەل چىقىرىش دېلولىرىنىڭ سانى خېلى ئازلىغان بولسىمۇ، ئالدامچىلىق دېلوسىنىڭ سانى ۋە چېتىلىدىغان نەق پۇل سوممىسى ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى. بۇ دېلولارنى خۇلاسىلەش ئارقىلىق، تۆۋەندىكى بىر نەچچە يەكۈنگە ئېرىشتىم.
بىرىنچى بۆلۈم: تور ئالدامچىلىقى؛
1. توردىن ئەرزان ئايروپىلان بېلىتى، پويىز بېلىتى قاتارلىقلارنى سېتىۋالغاندا ئالدىنىپ كېتىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.
ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر توردىن ئايرۇپىلان بېلىتى ۋە پويىز بېلىتى سېتىۋالغاندا قولايلىق ھەم ئەرزان بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، توردا سېتىۋىلىشنى تاللايدۇ. لېكىن، بىخەتەرلىك ئېڭى تۆۋەن بولغاچقا، ئالدامچىلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى سىز توردىن بېلەت سېتىۋالغاندا، ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن بېلەت سېتىش تور بېتى ئادرىسىنى ئېسىڭىزدە تۇتالىشىڭىز ناتايىن. بۇ چاغدا چوقۇم بەيدۇ (百度) تورىدىن ئىزدەيسىز. لېكىن بەيدۇ تورىدا ئىزدەپ تاپقان تور بەتلىرىنىڭ ئارىسىغا نۇرغۇنلىغان ساختا تور بەتلەر يوشۇرۇنغان. ھەم نۇرغۇن تور بېكەتلەر تەمىنلىگەن 400 ۋە 800 بىلەن باشلانغان ھەقسىز بېلەت زاكاز قىلىش تېلفۇن نۇمۇرلىرى ئالدامچىلار تەرىپىدىن يوللانغان بولغاچقا، ئەگەر سىز ھۇشيار بولمىسىڭىز ئالدىنىپ كېتىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى.
شۇڭا توردىن پويىز بېلىتى سېتىۋالغاندا چوقۇم
www.12306.cn تورىدىن سېتىۋىلىڭ. ئايروپىلان بېلىتىنى ئۆزىڭىز بىلىدىغان مۇنتىزىم بېلەت سېتىش تورىدىن سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن ئەڭ ياخشىسى يېقىن ئەتراپتىكى بېلەت سېتىش نۇقتىسىدىن سېتىۋالسىڭىز بىخەتەر بولىدۇ.
2. تاۋباۋ قاتارلىق سودا تور بېكەتلىرىدىن مال سېتىۋالغاندا، مال ساتقۇچى ئەۋەتكەن تور ئادرىسى يالغان بولۇشى مۈمكىن.
بەزى توردا مال ساتىدىغانلار، خېرىدارلارغا كىچىك سوۋغاتلارنى سوۋغا قىلىشنى يەمچۈك قىلىپ، سىزگە سوۋغاتنى سېتىۋىلىش ئادرىسىنى ئەۋەتىدۇ. سوۋغاتنىڭ باھاسىغا قارىسىڭىز 1 پۇڭدىن 1 موغىچە يېزىلغان بولىدۇ. سىز بۇ سوۋغاتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئايرىم پۇل تۆلەيسىز. لېكن سىزگە ئەۋەتكەن بۇ ئادرىس يالغان بولۇپ، پۇل تۆلەش جەريانىدا كىرگۈزگەن مەخپى شىفىرلىرىڭىز شۇ ھامان ئالدامچىنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. ئالدامچىلار تور بانكىڭىز دىكى بارلىق پۇللارنى ئۆز ھېساۋاتىغا يۆتكىۋالىدۇ.
3. چ چ ، ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە ۋاستىلىرىدىكى ئالدامچىلىق.
بۇ خىل ئالدامچلىقى شەكىلى خېلى كونىراپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەرنى ئالداپ كېتەلەيدۇ. ئالدامچىلار سىزنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرىڭىزنى ئوغىرلىغاندىن كىيىن، سىزنىڭ نامىڭىزدا دوستلىرىڭىزدىن قەرز سورايدۇ. ياكى دوستلىرىڭىزغا توردىن ئويۇن كارتىسى سېتىۋىلىپ نۇمۇرىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر دوستلىرىڭىز ھۇشيار بولمىسا ياكى سىزگە بەك ئىشەنسە، ئالدامچىنىڭ قاپقىنىغا چۈشىدۇ.
ئەگەر ئۇزۇن ئالاقىلاشمىغان بىر دوستىڭىز تۇيۇقسىز سىزدىن پۇل سورىسا،( مەنغۇ بۇنداق ئىشى بولمىسا ئىزدىمەيدىغانلارغا قەرز بەرمەيمەن) ئالدىراپ كەتمەستىن، مەلۇم باھانە سەۋەبلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا تېلفۇندا ئالاقىلىشىشنى ئېيتىڭ. تېلفۇندا ئالاقىلىشىپ جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن ئاندىن بېرىپ تۇرسىڭىزمۇ مەيلى، لېكىن جەزىملەشتۈرمەي تۇرۇپلا ئالدىنىپ كەتسىڭىز، پۇلىڭىزنى تاپالماي قالىسىز.
4. توردا مال سېتىۋالغاندا سىزنىڭ رەسىمىڭىز ۋە كىملىك گۇۋاھنامىڭىزنىڭ رەسىمىنى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىش.
ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ۋە كىملىك گۇۋاھنامىڭىزنىڭ رەسىمىنى يوللاپ بەرسىڭىز، خۇددى كىملىكىڭىزنى بەرگەن بىلەن ئوخشاش. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار سىزنىڭ رەسىمىڭىزدىن پايدىلىنىپ ئىناۋەت كارتىسى بىجىرىپ ياكى توردا باشقا قانۇنسىز ئىش ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا، ئاخىرىدا زىياننى سىز تارتىسىز.
5. توردا ھەقلىق " يالىڭاچ پاراڭلىشىش" قاتارلىقلار.( 18 گە كىرمىگەن بولسىڭىزمۇ ئوقىۋىرىڭ، تېما مەزمۇنى ساغلام)
توردا ھەق ئېلىپ " يالىڭاچ پاراڭلىشىش"، " ئايرىم مۇڭدىشىش" قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ سانى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى " بەز يېمەيدىغان مۈشۈك يوق" لىقىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ. بۇ خىل ئالدامچىلىقنىڭ ئەڭ قولايلىق يېرى شۇكى، ئەگەر سىز پۇلنى قارشى تەرەپنىڭ ھېساۋاتىغا ئەۋەتسىڭىزلا، ئىش تامام دېگەن گەپ. بۇ خىل ئەھۋالدا ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا يۈزىڭىز چىدىمايدۇ. ساقچىغا مەلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ دېلو تۇرغۇزۇلمايدۇ.
ئىككىنچى بۆلۈم: تېلفۇن ئالدامچىلىقى
1. " سىز قانۇنسىز پۇل يۇيۇش دېلوسىغا چېتىلىپ قالدىڭىز" دىگەندەك ئۇچۇرلار.
ئەگەر بىر كۈنى سىز تېلفۇنىڭىزدا 110دىن كەلگەن تېلفۇننى تاپشۇرۇپ ئالسىڭىز، ۋە "ساقچى تەرەپ" سىزگە مەلۇم دېلوغا چېتىلىپ قالغانلىقىڭىزنى ئېيتسا، ھەرگىز ھودۇقۇپ كەتمەڭ. بۇلار چوقۇم ئالدامچى. چۈنكى، قانۇن ئىجرا قىلىش ئورۇنلىرى ھەرگىزمۇ سىزگە ئالدىن خەۋەر بېرىپ قويۇپ ئاندىن كېلىپ سىزنى تۇتمايدۇ. ھەم دۆلىتىمىزدە تېلفۇندا قانۇن ئىجرا قىلىش تېخى ئەمەلگە ئاشقىنى يوق.
ئەگەر ئالدامچىنىڭ گەپلىرىنى داۋاملىق ئاڭلىسىڭىز، قارشى تەرەپ سىزگە مەلۇم دېلوغا چېتىلىپ قالغانلىقىڭىزنى، ھەم بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى جىككىلەيدۇ. ئاندىن سىزگە ئۆزىڭىزنى ئاقلىماقچى بولسىڭىز بانكا كارتىڭىزدىكى ھەممە پۇلنى ساقچى تەرەپ تەمىنلىگەن بىخەتەر ھېساب نۇمۇرىغا يۆتكەشنى بۇيرۇيدۇ. ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك قىلسىڭىز، نەچچە يىلدىن بېرى يىغىپ ساقلىغان پۇلىڭىز قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىدۇ.
شۇڭا مۇشۇنداق تېلفۇن تاپشۇرۇپ ئالسىڭىز، دەرھال 110غا تېلفۇن قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ.
2. " دادا، مەن ساقچىخانىغا كىرىپ قالدىم، ساقچىنىڭ كارتىسىغا پۇل سېلىۋەت، مەن قايتىپ چىققاندا دىيىشەيلى." ، " مېنىڭ كارتام يۈتۈپ كەتتى، پۇلنى ****** كارتىغا سېلىۋىتىڭ،" دېگەندەك ئۇچۇرلار.
بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلار ئالدامچىلارنىڭ تەلەي سىناپ يوللىغان ئۇچۇرى بولۇپ، ئالدامچىلار بۇ ئوخشاش مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى نەچچە يۈزلىگەن ئادەمگە بىراقلا يوللايدۇ. تەننەرخى نەچچە ئون يۈەن بولغان قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق بىرەر ئادەم قىلتاققا چۈشسە نەچچە مىڭ يۈەن پايدا ئالىدۇ دېگەن گەپ.
شۇڭا، دوستلىرىڭىزغا پۇل سالماقچى بولغاندا تۇيۇقسىز يۇقارقىدەك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالسىڭىز، ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەستىن، دوستىڭىزغا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېقىڭ.
3. " بالىڭىز ھادىسىگە يولۇقتى، ھازىر جىددىي ئوپىراتسىيە قىلماقچى، دەرھال مانچە مىڭ يۈەننى ماۋۇ كارتىغا ئەۋەتىڭ" دېگەندەك ئۇچۇرلار.
بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلار ئۆيدىن ئايرىلىپ يىراقتا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە ئالدىنىپ كېتىش ئىھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئۇچۇر. سەۋەبى ئاتا- ئانا بولغان ئادەم بالىسىدىن ئەلۋەتتە ئەنسىرەيدۇ، ھەم جىددىيچىلىكتە تېلفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشنىمۇ يادىغا كەلتۈرمەيدۇ. ھەم نۇرغۇن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ يانفۇن ئىشلىتىشى چەكلەنگەن بولغاچقا، تېلفۇن قىلغان تەقدىردىمۇ ئالاقىلىشىش قىيىن توختايدۇ.
بۇ خىل ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاتا ئانىلار ۋە پەرزەنتلەر بىرلىكتە تېرىشىش كىرەك.
ئەگەر سىزنىڭ پەرزەنتىڭىز سىرتتا ئوقۇۋاتقان بولسا، يۇقارقىدەك ئۇچۇرلارنى كۆرگەندە جىددىيلىشىپ كەتمەڭ. بىرىنچىدىن، دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى قانۇنىدا، دوختۇرخانىلار پۇل يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇشنى رەت قىلىشىنى چەكلىدى. شۇڭا دوختۇرخانىلار پۇل بولمىغان تەقدىردىمۇ ئاساسىي دورىلار ۋە ئوپىراتسىيە ئارقىلىق بىمارنى قۇتقۇزىدۇ. ئىككىنچىدىن، بالىڭىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، مەكتەپ تەرەپ بالىڭىزنىڭ ھامىيىسى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا داۋالاش پۇلىنى مەكتەپ مالىيەسىدىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بالىڭىز دوختۇرخانىدىن چىققاندا سۇغۇرتا شېركىتى ۋە سىز بۇ پۇللارنى مەكتەپكە قايتۇرىسىز.
ئەگەر سىز سىرتتا ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز، مەسئۇل ئوقۇتقۇچىڭىز، ۋە ياتاقداشلىرىڭىز، يېقىن دوستلىرىڭىزنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئاتا- ئانىڭىزغا قالدۇرۇپ قويۇڭ، ئالاھىدە ئەھۋاللاردا لازىم بولىدۇ. ھەم ئۆيدىكى ۋاقتىڭىزدا ياكى تېلفۇندا ئاتا- ئاتا ئانىڭىزنى خاتېرجەم قىلىپ، يۇقارقىدەك ئۇچۇرلارغا ئالدىنىپ كەتمەسلىكنى جىككىلەڭ.
4. سىزگە تېلفۇن قىلىپ " مەن كىم؟" دەپ سورايدىغانلار.
بۇ تۈردىكى ئالدامچىلار كىشىلەرنىڭ " يېقىن دوستۇڭنىڭ ئاۋازىنىمۇ تونۇيالمىدىڭمۇ؟" دېگەن خىجىلچىلىقتىن قورققانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئالدامچىلىق قىلىدۇ. بۇنداقلارغا سىز كۆزىڭىزنى يۇمۇپلا سەن پالانىمۇ دېسىڭىز ئىككىلەنمەيلا ھەئە دەيدۇ. ئاندىن سىزدىن جىددىي قەرز سورايدۇ.
بۇنداقلارنىڭ دائىم دەيدىغان سۆزى " ئالىيجانابلار ئۇنتۇغاق كېلىدۇ" دېگەن سۆز بولۇپ، بۇ گەپنىڭ ئاڭلىغانلار ئۆزىنى ھەقىقەتەن ئالىيجاناپ ھېس قىلىدۇ ۋە قارشى تەرەپنى ئېسىگە ئالالمىغانلىقىنى دىيىشتىن خىجىل بولىدۇ. قارشى تەرەپ " مەن قادىخان" دېسە، سىز ئۆزىڭىز تونۇيدىغان ھەممە قادىخانلارنى بىر بىرلەپ ئېسىڭىزگە ئالىسىز، ھەم ئاۋازى ئەڭ يېقىن كەلگەن بىرسى يادىڭىزغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالدامچىلىق باشلىنىدۇ.
ئەگەر تېلفۇن قىلغان كىشى "مەن كىم؟" دەپ سورىسا، ئىككىلەنمەيلا ئابدۇكېرەم ئابلىزنى دوراپ " كىملىكىڭىزگە قاراپ بېقىڭ، ياكى بېرىپ ئانىڭىزدىن سوراڭ" دەپ جاۋاب بەرسىڭىز ئارتۇق كەتمەيدۇ. ھەم باشقىلاردىن تىل ئاڭلاشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېلفۇن قىلىپ "مەن كىم" دەپ سورىماڭ.
5. مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك ئۇچۇرى
بەلكىم ھەممەيلەن مۇشۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇشى مۈمكىن. قارشى تەرەپكە تېلفۇن قايتۇرسىڭىز، سىزگە مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن پوچتا ھەققى، ياكى پېرىۋوت ھەققى، بانكا رەسمىيەت ھەققى، باج ھەققى دېگەندەك، ئىشقىلىپ ئاغزىغا كەلگەن بىر ھەقلەرنى ئالدىن تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار دېگەن ھەقلەرنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، يەنە باشقا بىر ھەقلەرنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىشقىلىپ سىز ئالدانغىنىڭىزنى ھېس قىلغىچە، سىزنى توختىماي پۇل تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئالدانغىنىڭىزنى ھېس قىلغاندىن كىيىن تولىمۇ كېچىككەن بولىسىز.
ئۈچىنچى بۆلۈم: قويمىچىلار: قويمىچىلار دېگىنىم، يۈز تۇرانە تۇرۇپ، كۆزىڭىزگە قاراپ تۇرۇپ سىزنى ئالدايدىغانلاردىن ئىبارەت. تونۇش قويمىچىلارنىڭ نامى ھەممە يەرگە پۇر كەتكەن بولىدۇ، بۇلاردىن ساقلىنىشنىڭ ئۇسۇلى يۈزىڭىزنى قېلىن قىلىپ، پۇل سورىسا " يوق" دەپلا جاۋاب بەرسىڭىز بولىدۇ.
ئەمدى ناتونۇش قويمىچى ئالدامچىلارغا كېلەيلى.
1. نەرسە سوراپ ئېلىپ قاچىدىغانلار. بۇ خىلدىكى ئالدامچىلار مەكتەپلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ.
مەكتەپتىكى ۋاقتىڭىزدا ئەتراپىڭىزدىكى ھەممە ئادەم ئوقۇغۇچىدەك كۆرۈنىدۇ. شۇڭا ئىھتىيات قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايسىز، ئالدامچىلار دەل مۇشۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىدۇ. سىز سىنىپتا كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرغاندا، بىرسى كېلىپ سىزدىن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن تېلفۇنىڭىزنى سورايدۇ. بېرىپ تۇرسىڭىز ئىشىكتىن چىقىپلا غايىب بولىدۇ.
بۇنداقلارغا يولۇقسىڭىز، تېلفۇنۇمنىڭ توكى تۈگىگەن دەپلا جاۋاب بېرىڭ. ھېچكىم " ئەكىلە تېلفۇنۇڭنى قاراپ باقاي" دېمەيدۇ.
2. تونۇشىڭىزنىڭ تونۇشى قەرز سورىغاندا:
بەزىدە سىزنىڭ تونۇشىڭىزنىڭ تونۇشى كېلىپ سىزدىن قەرز سورايدۇ. سىز شۇ تونۇشىڭىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ قەرز بەرسىڭىز، پۇلىڭىز قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىدۇ دېگەن گەپ. ئىزدەپ بارسىڭىز، سىز تونۇيدىغان ئادەم بىلەن قەرز ئالغان ئادەممۇ ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا تونۇشقان بولۇپ، تېلفۇن نۇمۇرىمۇ يوق بولۇپ چىقىدۇ.
3. سىزدىن جىددىي ياردەم سورايدىغانلار.
بۇنىڭغا ھەقىقىي ھىكايىدىن بىرنى سۆزلەپ بېرەي.
بىر قىزچاق چۈشلۈك تاماقتىن قايتىپ مەكتەپ قورۇسىدا كېتىپ بارغاندا ئالدىدىن ئوقۇغۇچى سۈپەت بىر يىگىت چىقىپ، ئۇ قىزچاققا" مەن باشقا مەكتەپتىن كەلگەن، مەكتىپىڭىزدە ئېزىپ قالدىم، پالانى يەرگە باشلاپ ئاپىرىپ قويسىڭىز" دەپ ياردەم سورايدۇ. ئاندىن يولدا ماڭغاچ، قىزچاقنىڭ ئىسمى، تېلفۇن نۇمۇرى قاتارلىقلارنى سورايدۇ. باشلاپ ئاپىرىپ قويغاندىن كىيىن، چىرايلىق خوشلىشىدۇ.
كەچلىك تاماق ۋاقتىغا ئاز قالغاندا، ئۇ يىگىت قىزچاققا تېلفۇن قىلىپ، تاماققا تەكلىپ قىلىپ رەھمەت ئېيتماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. قىزچاق ماقۇل بولۇپ ئۇلار بىللە تاماق يەيدۇ. تاماق يەپ بولۇپ، يىگىت پۇلنى تۆلەپ سىرتقا چىقىپ قىزچاقنى ياتىقىغا ئاپىرىپ قويغىچە بولغان يولدا، يىگىتنىڭ پورتمالى "يۈتۈپ كېتىدۇ." ئالدامچىلىق دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.
يىگىت دەرھال بىر دوستىغا تېلفۇن قىلىپ پۇل سورايدۇ. ھەم 4000يۈەن پۇلنى قىزچاقنىڭ كارتىسىغا ئەۋەتىشنى ئېيتىدۇ. قىزچاق ھېچقانچىلىك ئىش ئەمەسقۇ دەپ ماقۇل بولىدۇ. لېكىن يىگىتنىڭ دوستى پۇلنى " ئەۋەتىپ" يېرىم سائەتكچە قىزچاقنىڭ كارتىسىغا پۇل كەلمەيدۇ. يىگىتنىڭ دوستى " بانكىدىن سۈرۈشتۈرۈپ" تور بانكىسىدا ھېساۋات يۆتكىگەندە ئىككى كۈندە ئاندىن قارشى تەرەپكە تېگىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىگىت قىزچاققا" مەن كەچتە جىددىي ئايرۇپىلان بىلەن مەكتىپىمگە قايتمىسام بولمايدۇ. سىز ماڭا 3000 يۈەن بەرسىڭىزلا بولدى، قالغىنى سىزدە قالسۇن، مەكتىپىمگە قايتقاندا ئەۋەتىپ بېرىڭ." دەيدۇ. قىزچاق چاقچاق قىلىپ" ئەگەر قالغىنىنى ئەۋەتىپ بەرمىسەمچۇ؟" دەپ سورىغاندا يىگىت " مەن سىزنىڭ ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن" دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزچاق كارتىسىدىىكى بار- يوق 3000يۈەننى ئېلىپ يىگىتكە بېرىدۇ. يىگىت ئۆزىنىڭ ئالاقىلىشىش نۇمۇرىنى قىزچاققا قالدۇرۇپ، چىرايلىق خوشلىشىپ ئايرۇدۇرۇمغا قاراپ يول ئالىدۇ.
ئۈچ كۈن ئۆتۈپ، كارتىسىغا بىر پۇڭ پۇل كەلمىگەن قىزچاق ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ، ساقچىلار ئالدامچى قالدۇرغان تېلفۇن نۇمۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ.
خۇلاسە كالام:
ئالدامچىلىقنىڭ ۋاستىسى كۆپ، ئۇسۇللىرى ھەر خىل بولسىمۇ، ئەڭ نىگىزلىك ۋاستىسى يەنىلا كىشىلەرنىڭ پايدا مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىشىدىن ئىبارەت.
1. " بىرەر بالاسى بولمىسا، قۇيرۇق ياتامدۇ تاشتا" دېگەن تەمسىل يادىڭىزدا بولسۇن. جاپا چەكمەي ھالاۋەت يوق، شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى سىزگە ئۆزىچە بىر يەرلەردىن مۇكاپات چىقمايدۇ. ھەم تۇيۇقسىز بىر پايدا ئۇچرىمايدۇ. شۇڭا ئازراق پايدىنى كۆزلەپ ئالدىنىپ كېتىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.
2. توردا ۋە تېلفۇندا سورىغان قەرزگە ئالدىراپ جاۋاب قايتۇرۇپ ئالدىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىڭ.
ئەگەر ئالدامچىلارغا يولۇقسىڭىز، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ. لېكىن ساقچىلار سىز ئالدىنىپ كېتىشتىن بۇرۇن ئانچە كارى بولمايدۇ. سىز ئالدىنىپ كەتكەندىن كىيىن، ئالداپ كېتىلگەن پۇلنى قايتۇرۇپ ئالالمايسىز، بۇنىڭغا ساقچىلارمۇ ياردەم قىلالمايدۇ.
ئەگەر ئالدامچىلارنى قانداق باپلاشنى ئۈگەنمەكچى بولسىڭىز، كىيىنكى تېمامغا دىققەت قىلىڭ.
مەنبە : مەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-30 07:49 AM