ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى- پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسى تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئاساسلىق تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان سىياسەت تەدبىر ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بەزى كەنتلەردە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆزىنىڭ مەنىسىنى يوقىتىپ قويغان.نۇرغۇن كىشىلەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى ئېلىشنى بىر خىل ماختىنىش،كۆز-كۆز قىلىشنىڭ ئۇسۇلى قىلىۋالغان،ئۇلار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىلەنسە ئۇنىڭ كەنت بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى شۇنداقلا ئورنىنىڭ ئادەتتىكى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
دۆلەت يولغا قويغان تۆۋەن كاپالەت سىياسىتى ئەسلىدە ئاشۇ نامرات ئائىلىلەرگە ياكى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرگە قارىتىلغان ياخشى سىياسەت بولۇپ،ئۇلار مانا مۇشۇ نەچچە يۈز يۈەن پۇلغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى ھەر ھالدا كاپالەتكە ئىگە قىلالايتتى.ئەمما بەزى جايلاردىكى قىلمىشلار تۈپەيلى نامراتلار بۇ سىياسەتتىن مەھرۇم قالماقتا.ئەكسىچە بۇ سىياسەت يول،مۇناسىۋەت ۋە پۇل ئارقىلىق نەق بارار يېرىنى تاپالماي قېلىۋاتىدۇ.بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى بۇ جايلاردا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى تارقىتىش ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتى ياخشى ئىشلەنمىگەن.
بىزنىڭ كەنىتتە ( پەيزاۋات ناھىيە قىزىلسۇ يىزا ئاياغ ئويتاغ كەنىت ) تۆۋەن تۇرمۇش پۇلىنىڭ تارقىتىلىش ئەھۋالى ئىغىر ، دەسلەپ يىڭى تارقىتىشنى باشلىغان چاغدا بەكلا ئېغىر ئىدى ، كەنىتتىكى كىشىلەر قاقشاپ يۇرۇپ سەل ئوڭشالدى ، ئەمما يەنىلا بىر قىسىم مەسىلىلەر ساقلانغان . كەنتىمىزدىمۇ تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى دەل تەگمىگەن ياكى ئاز تىگىپ قالغان(ئادەم سانى )ئەھۋاللار يەنىلا بار ، بۇ پۇل دەسلەپ تارقىتىلغاندا ئاساسلىقى كەنىتتىكى بايلار ، كەنىت كادىرنىڭ ئۇرۇق - تۇققان ،دوسىت بۇرادەرلىرىگە مەركەزلىشىپ قالغان .ھازىرمۇ شۇنداق ، كىيىن تۇلۇقلاپ كەلگەن ساندا بەزى كىشىلەرگە بەرگەن بۇلۇپ كىشىلەرنىڭ ئاغزىنى ياپتى . مەن ئەقىلىمگە كەلسەم ھازىرقى كەنىت باشلىقى بىزنىڭ كەنىتكە باشلىق كەنتۇق ، ھازىرمۇ ھەم شۇنداق . ھەيران قالىدىغىنىم ئۇ كەنىت باشلىقى يەتتە كىشلىك تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى ئالىدۇ ، يەنە ئويلاپ باقسام ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇققان ،دوسىت بۇرادەرلىرى دۆلەتنىڭ بۇ سىياسىتىدىن مەھرۇم ئەمەس
بىزنىڭ كەنىتتە تۆۋەن تۇرمۇش پۇلىنى تارقاتسا داۋاملىق تۇتىۋالىدۇ ، بىردەم كەنىت ھۆددە يەر پۇلى دەۋاتقان ، بىردەم شودۇيجاڭلىق (گۇرۇپپا بەشلىقى )پۇلى دەپ ھەر مو يەرگە بەش سومدىن تۇتۇپ قىلىۋاتقان، ئىشقىلىپ ئۇنى دەپ بۇنى دەپ دۆلەت مالىيەسىدىن ھەر بىر تۆۋەن تۇرمۇش ئالىدىغان ئوبىكىتقا تىگىدىغان 157سومدىن 90-100سومنى ئاران قىيمىغان ھالدا بىرىدۇ .
ئىككى -ئۈچ كۇن ئىلگىرى كەنىتتە يىغىن ئىچىلىپ بۇ قىتىم كىلىدىغان تۆۋەن تۇرمۇش پۇلىدىن دادۇينىڭ تىمىنى سىلىشقا تۇتۇپ قالىدىغانىقىنى ئۇقتۇردى . بۇنىڭغا ھەممە ئادەم قارشى چىقتى ، توۋا دەيمەن دادۇينىڭ تىمىنى سىلىشقا ھۆكۈمەت پۇل ئاجرىتىدىغان تۇرسا ئۇلار ئۇ پۇلنى نىمىشقا تۇتۇپ قالىدىغاندۇ ؟ بۇنچىۋالا كۆپ پۇلنى تۇلۇق بىرىۋىتىشكە كۆزى قىيمايۋاتقاندىمۇ ؟ بۇ ئەھۋاللارنى كەنىتكە چۇشكەن كادىرلارمۇ ئاڭلاپ تۇرۇپتۇ ، ئۇلار گەپ قىلماپتۇ . دادۇينىڭ تىمىنى سالىمىز دەپ تۆۋەن تۆرمۇش پۇلىدىن تۇتۇپ قالىمىز دىگەن گىپى ئورۇنلۇقمۇ ؟ تۆۋەن تۇرمۇش پۇلىنى خالىغانچە تۇتۇپ قالسا بۇلامدۇ ؟
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-5-1 11:21 PM):
ئالدىنقى يىلى تۆۋەن تۇرمۇش پۇلىدىن 40مىڭ سوم تۇتۇپ قاپتىكەن . توۋا !!!!!!!!!!!!!
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-5-21 12:11 AM):
بۇ قىتىم تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى تارقىتىشتا چىلان پۇلى ، ھۆددە يەر پۇلى ، يەنە شودۇيجاڭ : مەن كەنىتكە سۇ ھەل قىلىمەن دەپ پالانى كادىرغا مانچىلىك پۇل خەجلىگەن دەپ ئۈچ تۇرلۈك سەۋەب بىلەن پۇل تۇتىۋاپتۇ .