كۆڭلۈمگە خىتاپ
پەلەكتىن رەنجىمە كۆڭلۈم،ئۇنىڭ قىسمەتلىرى كۆپتۇر،
بۈگۈن بايمەن،لىكىن ئەتە گاداي بوپ قالمىقىم باردۇر.
باھار پەيزى سۈرۈپ كۆڭلۈم،يوقاتما ئەس-ھۇشۇڭنى بىر،
سىنىباغرىدا يايراتقان،ئۇنىڭ جۇت، يامغۇرى باردۇر.
قايغۇرۇپ ياش تۆكمە كۆڭلۈم،قاچان كىمنىڭ كىمىپۈتكەن؟
تۈنۈمگە نۇرىنى تۆككەن،شۇ ئاي ھۆسنىدە داغ باردۇر.
بىراۋدىن رەنجىمە كۆڭلۈم،«تاما ھارام»دېيىلگەنكەن،
يىقىلسام گەر قىيالاردىن،يۆلەرگە ياخشىلار باردۇر.
بالامدىن باتنىما كۆڭلۈم،گۆدەك تاي كەبىدۇر قوزام،
تومۇز ئىسسىق،جۇدۇنلاردا يىتىلەپ ماڭمىقىم باردۇر.
جورامنى قارلىما كۆڭلۈم،جورام تالقان قىلار تاغنى،
ئەگەر باشىمغا كۈن چۈشسە،بۇلۇت بوپ كەلمىكى باردۇر.
ئەيىپلەپ قاخشىما كۆڭلۈم،بوۋام بىر چاغ باھادىرتى،
ۋاپا قىلمايدۇ بۇ دۇنيا،مىنىڭمۇ قېرمىقىم باردۇر.
جاپادىن زارلىما كۆڭلۈم،بەخىت تەردىن پۈتۈلگندۇر،
ئۇنىڭسىز ئىزلىسەم راھەت،جامائەت نەشتىرى باردۇر.
ئىلىمدىن ياتلىما كۆڭلۈم،قاناتسىز ئۇچمىقىم مۈشكۈل،
قورالسىز جەڭگە كىرسەم،ياۋغا باش ئەگمىكىم باردۇر.
ھەۋەس قىلمىغىن كۆڭلۈم، قاپاقسىز غۇچ باراڭلارغا،
بوران چىقسا ئەگەر بىر كۈن، جاھاندىن يۈتمىكى باردۇر.
ئۇچۇپ كەتمىگىن كۆڭلۈم،كۆرۇپ يات ئەلنى گۈلباغدەك،
ئۆزۈمنىڭ يۇرتىدا چۆلنى، چىمەنزار ئەتمىكىم باردۇر.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن كۆڭلۈم، قونار بولسا دۆلەت قۇشى،
چاكىرى بولمىسام ئەلنىڭ،غەزەپنىڭ تاشمىقى باردۇر.
ناۋادا چاڭقىساڭ كۆڭلۈم،كۆزۈڭنى تىكمە لاي سۇغا،
ئۆزەمنى بۇلغىسام ھەيھات! غۇرۇرنىڭ چاقمىقى باردۇر.
مەنبە:ئىجادىيتىم
(چىمەنگۈل مۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چىمەنA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-28 09:31 PM