|
|
|
|
ئۆزگۈل سودا چەكلىك شىركىتى 2013-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان سۈپەت، ئىشەنچ،ئىناۋەت، ئىلمى باشقۇرۇش ۋە ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ يىتەكچى ئىدىيىسى قىلىپ، كىچىكلىكتىن زورۇيۇپ، مەركىزى شەھەرلىرىمىزدىن تاكى چەت يىراق يېزا-سەھرالارغىچە تەمى بىردەك، مۇلازىمىتى ئەلا بولغان سودا-ھەمكارلىق تورىنى شەكىللەندۈردى.
بۇ شىركەت بۈگۈن(4-ئاينىڭ28-كۈنى) ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ گۈزەل قاشتېشى مېھمانخانىسىنىڭ2-قەۋىتىدە، ۋاقتى ئىككى كۈن بولغان ئىتتىپاقداشلارئىگىلىك تىكلەش تەجىربىسى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى داغ-دۇغۇلۇق باشلىدى. بۇيىغىنغا دۆلەت ئىچى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق ساھەسىدە كۆزگە كۈرۈنگەن، سودا مەسلىھەتچىلىگى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە مەبلەغ سېلىش يوللىرى ئۈستىدە ئۇزۇن مەزگىل ئىزدىنىپ، مول ئەمەلى تەجىربىسى بىلەن جامائەتچىلىككە
تۇنۇلۇپ، سودا ساھەسىدە ئېتراپ قىلىشقا ئىرىشكەن، نۇپۇزلۇق ئوقۇتقۇچىلار رايۇنىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى مەبلەغ سېلىشتىكى قىززىق نوقتا كەسىپلىرى، بۇندىن كىيىنكى سودا ئىستىقپالى زور، جەمىيەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئويغۇن ساھەلەر ھەققىدە تەپسىلى توختۇلۇپ، سىزدە ئىقتىسادى كاللا، ئىقتىسادى ئاڭ ۋە ئىقتىسادى تەپەككۇر شەكىللىنىشكە ياخشى ئاساس سېلىپ، ئىگىلىك تىكلەش ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ،ھاياتىڭىزدا بۇرۇلۇش نوقتىسى بولغۇسى.
بۇ تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆزگۈل ئىتىپاقداشلىرى ئۈچۈنلا بۇلۇپ قالماستىن بەلكى ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار، سودىغا قىزىقىدىغان، شىجائەتلىك، پاراسەتلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. بۇ يىغىندا كەڭ-كۇشادە پىكىرئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا قوللاپ، ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا ئىشەنچ شەكىللەندۈرۈپ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىككىلىنىش ئىچىدەئۆتكۈزىۋاتقان كۈنلىرىگە خاتىمە بىرىپ، ھاياتقا تۇلۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يىتىش يولىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى بېسىشى ئۈچۈن تۈرۈتكە بۇلۇپ ۋە ئاللىقاچان ئۈشبۇ
يولغا چىقىپ بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇگۈللىنىشى ئۈچۈن تاڭ سەھەردىكى شەبنەمنىڭ رولىچىلىك پايدىسى تىگىپ قالسا، بۇ قېتىمقى يىغىنىمىز غەلبىلىك ئېچىلغان ۋە نىشانىغا يەتكەن بولىدۇ.
خەلقىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ گۈلى-ئۆزگۈل!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۆزگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-28 08:45 PM
|
|
|
|
|
|