piku يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 10:24 AM 
ھىلىمۇ ھۆكۈمەت ئەڭ ياخشى تەمىناتنى ئوقۇتقۇچىلارغا بىر ...
بىرەرسىنىڭ يازغان ئەسىرىنىڭ ھەممىسى شۇ ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىش بولىشى بولىشى ناتايىن. بۇ تېمىدا ھېچكىم تەمىناتتىن قاخشىغىنى يوق. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا يېقىندىن بىرى يۈز بېرىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى، بەزى بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ يامان كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئۇلارغا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ ئۇلار ئويلىغىنىدەك ئاددىي كەسپ ئەمەسلىكىنى، شۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىنى، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇنداق ئەخمىقانە يوللار بىلەن بالىلىرىنى مەكتەپ قوينىدىن توسىماسلىقىنى، ئۇنداق ساپاسىز كىشىلەر مۇنبەردە بۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇمىغان تەقدىردىمۇ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئۇلارغا تەربىيە بېرىپ قويىشىنى، ئەمدىلا مائارىپ سېپىگە قەدەم قويغان بىر قىسىم ئىىتىساسلىقلىرىمىزنىڭ ئۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەرزىمەس سۆزلىرى تۈپەيلى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشىنى مەقسەت قىلغان ھالدا بۇ ئەسەر يېزىلغان. گەرچە ۋاقىر كەمچىللىك تۈپەيلى تور بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ۋاقتىم كەمچىل بولۇپ، يازغان ئەسىرىم ئەسەر دىيىشكە يارىمىسىمۇ، بۇ ھەرگىز قاخشاش مەقسىتىدە يېزىلغان تېما ئەمەس. ئەگەر ئەتراپىڭىزدىكى شۇنداق قاخشاپ يۈرگەنلەردىن ئاغرىنماقچى بولسىڭىز تىغ ئۇچىنى ماڭا قاراتماڭ. مەن يېزىدىمۇ ئىشلىمەيمەن. ئوقۇتقۇچىلىقتىن قاخشاپ يۈرگەنلەرنىڭ قاتارىدىمۇ ئەمەس. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن بايقىغانلىرىم.... ھەتتا ئۆزىنىڭ ناھىيەسىدىكى يېزىلاردا ئىشلەپ تۇرۇپمۇ قاخشىغانلار بار. ھەپتىدە بىرەر كۈن، بىرار ئىككى سائەت ۋاقىت چىقىرىپ تور ئاچسام بۇنداق ئادەمنى ھاقارەت قىلىشىڭىز سەل ئېشىپ كېتىپتۇ...