|
|
|
|
نىمىشقا سىنى بۇنچىلىك سۆيدۈم
نىمىشقا سىنى بۇنچىلىك سۆيدۈم، نىمىشقا ساڭا بۇنچىلىك قىلىدىغاندىمەن. نىمىشقا سىنى ئويلاپ كىچىلىرى ئۇيقۇمدىن بىدار بولىمەن. سەن ئۈچۈن تۆككەن ياشلىرىم بىلەن شۇ تاپتا دەريا تولىدۇ. سەن بىلەن تونۇشۇپ قىسقىغىنا بۇ بىر قانچە ئايدا چىھرىمدە خۇشاللىق جىلۋىلەنگەن. بەخىتنى ھىس قىلغان ئىدىم. جۇدۇندەك تىز كەلگەن بۇ بەخىت يەنە تىزلا كىتىپ قالدى. مانا ئەمدى خانەمدە ھىجران چۈشلىرىنى كۆرمەكتىمەن.
نىمىشقا سىنى بۇنچىلىك سۆيدۈم. چۈنكى سەن ماڭا خۇشاللىق ئىلىپ كەلدىڭ. چۈنكى سەن ھاياتىمغا يىڭى نۇر چاچقان ئىللىق قۇياش ئىدىڭ. ھاياتىمدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ئىدىڭ. ئەمدى بۇ ئىزلارنى ئۆزۈڭ ئۆچۈردۈڭغۇ. ئۆزۈڭ بەرگەن بۇ خۇشاللىقنى ئۆزۈڭ بىللە ئىلىپ كەتتىڭ. مانا ئەمدى بۇرۇنقىدىنمۇ چۈشكۈن، بۇرۇنقىدىنمۇ روھسىز بوپ قالدىم. خۇددى ئەتىلا بۇ دۇنيادىن خوشلىشىدىغاندەك. ئەتىلا بۇ دۇنيا ماڭا خوش دەيدىغاندەك. ھەممە نەرسەمدىن، دۇنيالىقتىكى ئەڭ مۇھىم نەرسەمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك بوپ قالدىم. بەلكىم بۇ كۆڭلۈمنى سەن چۈشەنمەيدىغانسەن، ۋە ياكى چۈشىنىدىغانسەن. چۈشەنسەڭمۇ نىمە ئامال. ھەممە ئىش ئاياقلاشتى. مۇھەببىتىمىزگە چىكىت قويۇلدى. سىنى سىغىنغان، ساڭا ئىنتىزار بولغان شۇ ۋاقىتلىرىممۇ بۇنداق مەنىسىز ئەمەس ئىدى. كۈتۈشمۇ بىر خىل بەخىت دەيدىكەنغۇ. ئۇ ۋاقىتلاردىمۇ خىلىلا روھلۇق ئىدىم. مانا ئەمدىلىكتە ھاياتلىق يولۇمغا قارا تۇمان پۈركۈپ ماڭدىڭ. ھىجران چۆلىگە مىنى يالغۇز تاشلاپ خوشمۇ دىمەي كىتىپ قالدىڭ.
سىنى نىمىشقا بۇنچىلىك سۆيدۈم. بۇ سۇئالغا ئۆزۈممۇ قانداق جاۋاپ بىرىشىمنى بىلمەيمەن، بەلكىم بۇ مەڭگۈلۈك سۇئال بوپ قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئاشۇ سۆيۈشلىرىمگە سەن ۋاپا ئۇرۇقىنى چاچساڭ توغرا بولاتتى. لىكىن ھىجران تىكەنلىرىنى ئۆندۈرۈپ قويۇپ كەتتىڭ. ھەر قەدەملىرىمدە مۇنۇ تكەنلەر پۇتلىرىمغا سانجىلماقتا.
گۈلنى سۆيگەن كىشى تىكىننىمۇ بىللە قوشۇپ سۆيىدۇ ئەلۋەتتە. مەنمۇ سىنى شۇنداق سۆيگەن ئىدىم. لىكىن سەن گۈللىرىڭنىمۇ تىكەن قىلدىڭ. ئويلاپ باقسام ھاياتىمدا ھىچقاچان بۇنداق ئازاپلىنىپ باقماپتىكەنمەن. لىكىن مۇشۇ ئازاپنى سەن ماڭا قالدۇرۇپ كەتتىڭ. مۇھەببەت مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن. لىكىن بەكرەك ئويلانغىنىمدا سىنىڭ ماڭا قىلغانلىرىڭنىڭ مۇھەببەت بولماستىن بەلكى ساداقەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتىم. سەن ماڭىلا ئەمەس مۇھەببىتىمىزگە ۋە ئۆزۈڭگە ساداقەتسىزلىك قىپسەن. ئىيتقىنا جىنىم ئۆزۈڭنى كەچۈرەلەمسەن، ماڭا ۋە مۇھەببىتىمىزگە يۈز كىلەلەمسەن. سىنى جىنىم دەۋاتىمەنغۇ؟ سىنى نىمىشقا يەنە جىنىم دەپ چاقىرىمەن. سەن بۇنىڭغا ئەسلا لايىق ئەمەسسەن. ئىلگىرى ھەر قىتىم مىنى جىنىم دەپ چاقىرغىنىڭدا مۇشتۇمدەك كىچىككىنە يۈركۈم خۇشاللىقتا تىنىمگە سىغماي قالاتتى. مەنمۇ سىنى جىنىم دەپ چاقىرىپ ئادەتلەنگەن ئىدىم. ئويلىسام مەن جىنىم دەپ چاقىرغان تۇنجى قىز سەنكەنسەن. بۇندىن بۇرۇن ھىچكىمنى بۇنداق چاقىرىپ باقماپتىكەنمەن.
سىنى نىمىشقا بۇنچىلىك سۆيدۈم، ئەمدى بۇ سۆيۈشلەر تامام بولدى.، ھەممىگە خاتىمە بەردىم. ئەلۋىدا ئۆتمۈشۈم دەپ ئۆتمۈشۈم بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشماق بولدۇم. لىكىن يەنىلا قەلبىمنى ئازاپلاۋاتقان كىملەرنىڭدۇر سىماسى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولماقتا. كۆز ئالدىمدا مۇھەببىتىمىزنىڭ قاتىلى تۇراتتى. كەت، ئەمدى سىنى كۆرگۈم يوق. سەن مۇھەببىتىمىزگە خىيانەت قىلدىڭ، مۇھەببىتىمىزنىڭ يورۇق شامىنى ئۆچۈردۈڭ، يەنە قايسى يۈزۈڭ بىلەن ئالدىمغا كەلدىڭ دىمەكچى بولدۇميۇ يەنىلا تىلىم تۇتۇلۇپ گەپ قىلالمىدىم. نىمىشقا شۇنداق بولىدىغاندىمەن. ئەجىبا سىنى يەنىلا ئۇنتىيالمىغاندىمەنمۇ؟ سەن قەلبىمنى شۇنچىۋالا ئەسىر قىلىۋالغانسەنمۇ؟ بەس، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئەمدى سەن ئۈچۈن ئارتۇقچە ياش تۆكمەيمەن. سەن ئۈچۈن ئازاپلىنىپمۇ يۈرمەيمەن.
كۆزلىرىمدىن تامچىغان ئىسسىم ياشلىرىم كىمنىدۇر ئەسلىگىنىمدىن ئەمەس بەلكى كىمنىڭدۇر مۇھەببىتىمگە ساداقەتسىزلىك قىلغىنىدىن ئىدى. ئۇ سەن ئىدىڭ. مىنىڭ كۆزۈمنى ياشلىدىڭ، مۇھەببىتىمنى خارلىدىڭ. ئىشىنىمەنكى سىنىڭ كۆزۈڭدىنمۇ چوقۇم ياش تامچىيدىغان، باشقىلار سىنىمۇ خارلايدىغان كۈنلەر ھامان كىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئۆتنە ئالەم.
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-28 11:10 AM
|
|
|
|
|
|