مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2088|ئىنكاس: 17

قەبرە ئىزدەش خاتىرىسى 7-باپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97020
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4761
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2013-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 07:39:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

7-باپ  جىن؟

بىرچاغ بولغاندا بىلال بىلەن مەتسىلىم يىنىپ چىقتى.ئاندىن ئەينىدىننىڭ يىنىغا كىلىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈردى.

-بۇ قەبرە ئوچۇق تۇغىنىغا ئۇزۇن بولاپ كىتىپتۇ،ھىچقانداق زەھەرلىك ئىس،خەتەرلىك ئەھۋاللار يوق ئىكەن،لىكىن بۇ قەبرىنىڭ ئەسلى .........

بىلالنىڭ گىپى بارغانسىرى پەسلەپ،پەقەت ئەينىدىن ئاڭلىغۇدەكلا ھالەت پەيدا بولدى،مەتىسىلىممۇ ئۆزىنى سوراپ يىراقراق كەتتى،مىنىڭ ئۇلارنىڭ زادى نىمە دىيىشكەنلىكىنى بەك ئاڭلىغۇم بولسىمۇ لىكىن ئىناۋىتىمنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن،يالغاندىن پەرۋاسىز بولىۋىلىپ،تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ،ئۆزۈم ئىجاد قىلغان مەلۈم ناخشىغا غىڭشىپ قويدۇم.ئۇلار بەك ئۇزۇن پاراڭلاشمايلا بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەلدى.ئاندىن ئەينىدىن ماشىنىدىن ئىلىپ چۈشكەن قولچىراقلارنى ئەلىدىن باشقا ھەممىمىزگە بىردىن تارقاتتى.

-كىرىپ كۆرۈپ بىقىشنى خالايدىغانلار بىز بىلەن كىرسەڭلار بولىدۇ،ئەلىجان سىلە خاپۇمماي نەرسە-كىرەكلەرگە قايلاپ قوياملا؟!

ئەينىدىن سۇئال نەزىرى بىلەن ئەلگە قارىدى.ئەلى تىزلا قوشۇلدى.ئۇنىڭ بايلىق ماكانىنى كۆرگۈسى يوقمىكنتاڭ!

-ئورەك ئېغىزى سەل كىچىككەن،لىكىن ئىچى چوڭ،چۈشكەندە دىققەت قىلىشالا جۇما!

بىلال بۇگەپنى ماڭىلا قارىتىپ دىگەندەك ماڭا تىكىلپ قاراپ قويدى.مەن دىمىقىمنى قىقىپ،چىچىمنى يانغا تاراپ قويدۇم. بۇ مىنىڭ<ئاكاڭ قارىغايدا سو يوق!>دىگىنىم ئىدى.بىلال غەيرى بىر كۈلۈپ قويۇپ،باشلامچىلىق بىلەن ئازگالغا چۈشۈپ كەتتى،ئارقىدىن مەتسىلىم،ئارقىدىن ئەينىدىن،ئەڭ ئاخىرىدا مەن.راسىت گەپ قىلسام،ئىچىمدە قىزىقىشتىن بەكرەك قورقۇنىچ بار ئىدى.كىم بىلىدۇ،ئىچىدە جىن-ئالۋاسىتى بولمىغان تەقدىردىمۇ يىلان-چايانلار بارمۇ تىخى!ئازگالغا چۈشۈش جەريانىنى سۆزلىمەيلا قوياي،ئىشقىلىپ مىنىڭ چۈشۈش قىياپىتىم كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ھەجۋىيغۇ دەيمەن،ھەرنىمە بولسا ئىچى قاراڭغۇ ئىكەن.بولمىسا بۇ ساراڭ-قېتشلارنىڭ كۈلكىسىگە قالاركەنمەن.

ئازگال ئىچى قەبرە شەكلىدە ئەمەس،كىچىك ئۆي شەكلىدە ئىدى،مەن قالايمىقان چىراق تۇتۇپ ھەممە يەرنى كۆزىتىپ باقتىم،سەل دىمىقلىقنى ۋە غەيرى پۇراقنى ھىساپقا ئالمىغاندا ،ئادەمنى قورقۇتقۇدەك باشقا ئالاھىدە ئەھۋال يوق ئىدى.ئەينىدىن ھەربىر تاملارغا-تاش،توپىلارغا قاراپ چىراقنى چىشلەپ،خاتىرىسىگە بىرنىملەرنى يازماقتا،بىلال مەتسىلىمنىڭ باشلىشى بىلەن يەنىمۇ ئىچكىرلەپ مىڭىۋەرمەكتە ئىدى.

-ۋايجان!جىن!

مەتسىلىمنىڭ چاشقاندەك چىقرىراق ئاۋازى مىنى ئوڭدامغا ئۇچىرىۋەتتى.تەستە ئۆمىلەپ قوپۇپ قىچىشقا تەمشەلدىم،لىكىن مەتسىلىم ۋە مەندىن باشقا ھىچكىم قاچىدىغاندەك ئەمەس.بىلال قويۇق قاشلىرىنى يىمىرىپ،مەتسىلىم <جىن!>دەپ قاچقان تەرەپكە قاراپ مىڭىۋاتاتتى.ئەينىدىن مىنىڭ ھالىتىمگە قاراپ،گۆلىيىپ قويۇپ ئۇنىڭ ئارقىدىن ئەگەشتى.مەتسىلىم ماڭا قاراپ-قاراپ قويۇپ،بىشنى تاتلىغىنىچە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭدى.مەنمۇ چۈشەندۈرگۈسىز خجىللىقتا ئۇلارغا ئەگەشتىم.

بىر ئادەم بىشىنىڭ ئىسكىلىتى،چىشلىرى چۈشۈپ كەتكەن ئېغىزىدىن<شارت-شارت>قىلىپ ئۇزۇن تىلىنى چىقىرۋاتاتتى.مىنىڭ پۇتلىرىم تىتىرەشكە باشلىدى،<ياخۇدا!نىمە كارامەت بۇ؟>دەپ ئويلىدىم .بىلال ئىلگىرلەپ بىرىپ،پۇتى بىلەن ئىسكىلىت كاللىنى ئاستا تىپىپ ئۆرىدى.ئىچىدىن  بىر كەسلەنچۈككە ئوخشايدىغان جانلىق،چاشقاندەك قىچىپ چىقىپ كۆزدىن غايىپ بولدى.بىلال ئاۋال مەتسىلىمغا ئاندىن ماڭا قاراپ ھېجىيىپ قويدى.<ھۇ قوتا مازار مۈشىكى،ئاشۇنچىلىك نەرسىدىن قورقۇپ يۈرگەن ھالىڭغا،قانداقمۇ قەبرىمۇقەبرە،خارابىلىقمۇخارابىلىق مارىلاپ يۈرەلەيدىغانسەن؟!سىنى مازار مۈشۈكى ئەمەس،مازار توخىسى دىسە مۇۋاپىق بولغىدەك!ھەجەپمۇ قورقۇتتى مىنى!>ئىچمدە مەتسىلىمنى يۈزمىڭنى تىللىدىم.ئۇ قېلىن ئوغرى يەرگە قاراپ گەدىنىنى قاشلاپ ھىجىيىپ قويۇپ.يەنە سەپنىڭ ئەڭ ئالدىغا ئۆتتى.بۇ قەبرىگە بىرقانچە قەبرە ئۇلاشتەك تۇراتتى.بەلكىم ئەسلى ئايرىم بولسىمۇ،قۇمغا كۆمۈلگەندىن كىيىن،بايلىق ئىزدەيدىغانلار تىشىپ،ئۇلاپ قويغان بولىشمۇ مۇمكىن!شۇلارنى ئويلاۋاتسام،يەنە<ۋايجان!!!>دىگەن چىرقىرىراق ئاۋاز قايتا <سايرىدى>،نىمىلا بولمىسۇن قاچماي ،ئالدىغا بىرىپ بايىقى ئىناۋىتىمنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدۇم.ئەمدى ئىككى قەدەم مىڭىشىمغا،ئاۋال بىلال،ئاندىن مەتسىلىم،ئاخىرىدا ئەينىدىن بوراندەك قىچىپ چىقىش ئىغىزىغا يامشقىلى تۇردى،بەلكىم ئىشتىنىمغا چىقىرۋەتكەن بولىشىممۇ مۇمكىن،قانداق قىچىپ چىققىنىمنى،قانچە قىتىم يىقىلغىنىمنى بىلمەيمەن،ماشىنىغا يۆلىنىپ تىنالماي ئولتۇرۇپ قالدىم.بىزنىڭ ئارقىمىزدىن تەخەيدەك كىلىدىغان بىر ياۋا ئىت،ئازگالدىن چىقتى ۋە بىزگە يىقىنلاشماي تۇرۇپ قاۋاپ خىرىس قىلدى.<ئۇھ!!!ئىتكەنغۇ!گەرچە يۇغانراق بولسىمۇ،ئىشقىلىپ ئىت!ما پوركۆتەك ئەينىدىن قېرى ھەجەپ تىز يۈگۈرەيدىكىنا؟!يىشىغا پەقەت ماس كەلمىگەن ھالەتتە تىخى!ماڭا بىر ئېغىز قاچ!دەپ قويماي ئۆزئالدىغا قىچىۋىرىشىنى بۇ ۋاپاسىزلارنىڭ!>ئۇلارغا نەپرەت بىلەن قاراپ،ئىچمدە بىر-بىرلەپ تىللاپ چىقتىم.بىلال قولچىراقنى يۇقىرى نۇر ھالىتىگە ئەكىلىپ،ئىتنىڭ كۆزىگە تەڭلىدى،ئىت قاۋىغاچ ئارقىغا داجىپ،قاياقلارغىدۇر قىچىپ كەتتى.  

نامازشام ۋاقتى بولاي دەپقالغان ئىدى.ئەينىدىن<ئەتە كىلەيلى!>دەپ ماشىنىغا چىقتى.بىزمۇ ماشىنىغا چىقتۇق.يولدا ماڭغاچ ئۇلارغا قاتتىق كايىپ كەتتىم:

-ئەينىدىن تاغا!سىلىنى ياشانغان،تېنى ئاجىز دىسەم،قاچىدىغان چاغدا مەندەكتىن ئوننى قاتلايدىكەنلىيا؟!تىخى مۆمۇ دەپ قويماي!ماۋۇ بىلال بىگىم ئەپەندىمغۇ،ئولىمپىكقا قاتناشسا چوقۇم مىدال ئالىدىكەن!!!

-مەتسىلىم ئاكا،باشقىلار سىلىنىڭ خىلى تەرەپلىرىنى قىلىۋاتاتتى،لىكىن تەرەتلىرى سەل بوشىراقمۇ بۈگەن،يا ژۈرەكلىرى ئاجىزمۇ؟!

مەتسىلىم ئاغزىنى ئۆمەللەپ بىرنىمە دىمەكچى بولدىيۇ،گىپىنى يۈتىۋەتتى،ئەينىدىن قېرى بولسا گىپىمنى پىسەنتىگە ئالماستىن،كەينىگە قاراپمۇ قويماستىن تەنە جاۋاپ بەردى:

-ئەغزەمجان،بوسىغۇ سىلىنى يۈدۈپ قاچسام بولاتتى،ئەمدى بايام سىلە دىگەندەك ياش چوڭىيىپ قالدى ئەمەسما،ئۆزىمىزنى ئاران كۆتۈرىمىز!سىلىدەك ۋاقتىم بولسا چوقۇم ھەممىڭلارنى يۈدۈپ ئاچىقىپ قويىتىم!

ئەلى قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى،غىققىدە بولۇپ گەپ قىلالماي قالدىم.گەپ چۆگىلەپ يەنە مىنىڭ بىشمغا كىيىلىپ قالدى.ئەگەر ئەلى ئىنىم بولمىغان بولسا بىرمۇش بىلەن 32چىشىنى تولۇق تۆكىۋىتەتتىم سەت ھىجايغىنىغا!

ئەلىنىڭ نوقىشى بىلەن كارىم بولماي ،بارلىق دەردىمنى مەتسىلىمدىن ئالدىم.

-ئاشۇ كەسلەنچۈك جىنمۇ؟!ئاشۇ ئىت جىنمۇ؟!نەدىكى بىنەسىلەردىن قوقاپ،خوتۇن كىشىدەك چىقىرايدىكەنلا!

-خاپا بولمىسىلا،مەن خاتا كۆرۈپتىمەنيا ئەينا،ئەمما راس جىن بار دەيتتۇ باشقىلار!بوۋامنىڭ دىيىشىچە.....

-ئا......قۇرۇق گەپنى تولا قىلمىسىلا!كەيپىمنى ئۇچۇرۇپ!

مەتسىلىم يەنە گەدىنىنى قاشلاپ گەپتىن توختاپ قالدى.






سەن يىغلىغاندا كۈلگەنلەرنىڭ ھالىغا ئەتە قاراپ باق!

بۆرە چېشلىق  007

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9523
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9550
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 759 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 09:07:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاس قاپسىلىدە ئېشتانغا چىقارغىلى،ما بۆلەكنى ئوقۇپ باشتىن-ئاخىر كۈلۈپ چىقتىم.بەك كۈلكىلىك يىزىۋىتىپسىلە،ئېناۋەتنى تىكلەيمەن دەپ ،ئىتقا تالانغىلى تاس قاپسىلە-ھە. داۋامىنى ساقلايمەن.

بىر ئانا ئون بالىنى باقالايدۇ،ئون بالا بىر ئانىنى باقالمايدۇ.    لىكىن نىيەتلا بۇلىدىكەن بىر بالىمۇ ئون ئانىنى باقالايدۇ .  ئەگەر ئۆزەڭ خوشال بولالمىساڭ،ھېچكىمنى خوشال قىلالمايسەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105360
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 397
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2014-3-27
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 09:34:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست ماۋۇ بۆلەك چىنلىقىدىن باشقا بەك كۈلكىلىك چىقىپتۇ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن !!
ئاخىرىنى ساقلايمەن !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78258
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3333
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 09:54:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئەسەرنىڭ مۇشۇ يەرلىرىنى دەيمەن ئەمەسمۇ ،كۈلۈپلا ئۇقۇپ چىقتىم.

قوچقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97733
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1463
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 11:40:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈلۈپ كەتتىمغۇ ما ئەسەرنى ئوقۇپ بولغچە،ياخشى چىقۋاتىدۇ بۇ ئەسەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79895
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3433
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2014-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 11:47:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Rastin la bak yahxi qikip tu kipan ogri sini mu
Bak yahturgan dim apsus ahiri qikmi di bu asiri iri
Gez mu kipan ogri sidin kelix migudak qikiptu
Tohtap kalmay tehi mu tiri xig ahiri ga taxmna man

ئاتاڭ ھايات،ئېتىڭ باغلاقلىق،
ئاناڭ ھايات،چېيىڭ قايناقلىق.
ئاناڭ ھايات،ئالدىڭدا گۈلباغ،
ئاتاڭ ھايات،ئارقاڭدا بىر تاغ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40708
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4133
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 1847 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 12:09:25 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yahxi yizip siz  tihimu  tirxig   

111

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97020
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4761
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2013-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 12:13:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akeram190 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 09:54 PM
مۇشۇنداق ئەسەرنىڭ مۇشۇ يەرلىرىنى دەيمەن ئەمەسمۇ ،كۈلۈ ...

ياخشى يەرلىرى كەينىدىتى!بۇ ئەسلى ھەجىۋى ئەسەر ئەمەس،ۋەھىمىلىك ئەسەر ئىدى.سىلىنىڭ يۇمۇرىستىك تۇيغۇلىرى بەك كۈچلۈككەن ئەمەسمۇ!

سەن يىغلىغاندا كۈلگەنلەرنىڭ ھالىغا ئەتە قاراپ باق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97020
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4761
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2013-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 12:13:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
buraqixi يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 09:07 PM
تاس قاپسىلىدە ئېشتانغا چىقارغىلى،ما بۆلەكنى ئوقۇپ باش ...

تازا زاڭلىق ئىتىۋىلىڭلا!سىلە بولغان بولساڭلار مەندىنمۇ بەتتەر ھالەتكە كىلىپ قالمسىلە تىخى!

سەن يىغلىغاندا كۈلگەنلەرنىڭ ھالىغا ئەتە قاراپ باق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97020
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4761
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2013-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 12:14:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Qaynam1 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 09:34 PM
راست ماۋۇ بۆلەك چىنلىقىدىن باشقا بەك كۈلكىلىك چىقىپتۇ ...

رەھمەت!ۋاقىت چىقسا چوقۇم يوللاپ تۇرىمەن!

سەن يىغلىغاندا كۈلگەنلەرنىڭ ھالىغا ئەتە قاراپ باق!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش