مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7729|ئىنكاس: 38

ئازابلىق سۆيگۈ ( پوۋېست ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78449
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 13735
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1241 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 07:34:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئازابرەڭ سۆيگۈ

(پوۋىست)

« سەمەتنىڭ ئاشنىسى باركەن .»

« ئۇلار بىر-بىرىنى بىردەم كۆرۈشمىسە چىداشمايدىكەن .»

« سەمەت ئورتاق ئەر بولۇپ قاپتۇ .»

« سەمەت ساجىدە شاڭخەينى يوشۇرۇن ئەمرىگە ئاپتۇ. »

« مۇشۇنداق پاسىقلار كۆپۈيىپ كېتىۋاتقاچقا ، يۇرتتىن بەرىكەت ، ئائىلىدىن مېھرى-مۇھەببەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتىدۇ. »

« خوتۇنىغا ئىككى ئېغىز گېپىنى ئۆتكۈزەلمەيدىغان دەيۈزلەرنىڭ كۆپۈيىپ كېتىشى ، ئەركەكلىككە ھاقارەت ، ئەرلىككە زالالەت كەلتۈرىۋاتىدۇ. ئائىلىنى ۋەيران قىلىپ ، خوتۇن-بالىلارنى سورۇقچىلىققا سېلىۋاتىدۇ.»  

يۇقىرقىدەك مىش-مىش گەپلەرنى ھەر قېتىم ئاڭلىغاندا ، مەئىشەتلىك تۇرمۇشتىن يىراق ، چەكسىز ئەقىدە ھەم خاتىرجەملىك ئىچىدە ، مۈشكۈللەرگە باش ئەگمەس ، جەبىر-جاپالاردىن قورقماس جاسارىتى ، چاڭ قونمىغان  ئىتىقاد ھەم ساداقىتى بىلەن پاكىز ياشاۋاتقان سائەتخاننىڭ يۈرىكى پىژىلداپ ئېچىشىپ كېتەتتى. يۈرىكىدە سانسىز چۇمىلە قىمىرلاۋاتقاندەك بىئارام بولاتتى. يېقىندىن بۇيان ئېرىنىڭ نەگە بېرىپ ، نەدە تۇرىۋاتقانلىقىنى تازا بىلەلمەي گاڭگىراپ  يۈرگەن بۇ بىچارە پات-پات  ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىناتتى. ئۇ شۇتاپتا خورلۇق، نۇمۇستىن ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالغانتى. كۆزلىرىدىن چەكسىز ھەسرەت ئۇچقۇندايتى. يۈرىكى چىمىلداپ ئاغرىۋاتاتتى. ئېرىنىڭ باشقا بىرى بىلەن تېپىشىۋالغانلىقنى سىزىپ قالغاندىن بۇيان ، دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ شۇنداق ئازاپلىنىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ ھەر قېتىم ئىرى ئۆيدىن چىقىپ كېتىشى بىلەن تەڭ يۈرىكىنى بىرى سۇغۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ كېتىۋاتقاندەك ، قەلبىنى تۈمەنمىڭلىغان قۇرت-قوڭغۇز تاتىلاۋاتقاندەك تولىمۇ ئازابلىق بىر تۇيغۇ ئىچىدە قىينىلىشقا باشلايتى. ئىرى قايتىپ كىرمىگىچە قويغان-تۇقىنىنى بىلەلمەيتى، ئىچى تىتىلدايتى ، كىملەرگىدۇر  ئاچچىقلىناتتى ،  چېچىلاتتى، تىرىكەتتى. يۈرىكىدە تىنىمسىز قىمىرلاۋاتقان قۇرتلارمۇ ھەركىتىنى توختاتمايتى، ھەر تەرەپكە پىترايتى ، يۈرىكىنى غاجىلايتىغى. مەڭزىنى بويلاپ تۆكۈلىۋاتقان ئىسسىق ياشلارغا ئۇنىڭ تالاي ئارزۇ-ئۈمىد،  قايغۇ-ھەسرەت ، ئارمانلىرى قوشۇلۇپ كەتكەنتى.

بۇ دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن شۇنچىلىك گۈزەل ، مەنىلىك بولسا؛  ئالدامچىلىق ، ۋاپاسىزلىق بىلەن دوزاقنىڭ ئۆزى.  بۇ دۇنيا كۈلگەنلەرگە كۈلۈپ باقىدۇ ، يىغلىغانلارغا يىغلاپ.

1

دۇككان ئارلاپ يۈرۈپ ساجىدەنىڭ دۇككىغا كىرىپ قالغان سەمەت  كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي ھاڭتاڭ قالدى.ئۆزىگە قادالغان ئوتلۇق كۆزلەر ئالدىدا تەمتىرىدى. تىللىرى كالۋالاشتى. تەشنالىق تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلەردىن چاقنىغان ئۇچقۇنلار ئۇنىڭ قەلبىگە بۆسۈپ كىردى. ئەمدى نۇرغۇن ئىشلار ئاستۈن-ئۈستۈن بولۇپ ، يەنە بۇرغۇن ئىشلار  قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان بولدى-دە.؟ ئۇچقۇن بولسىلا ھامان يانغىنغا ئايلىنىپ ، كۈلى كۆكە سورىلىدۇ ئەمەسمۇ ، بۇ ھەقىقەتنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.

-سەمەت بارمۇ سەن؟ كۆرۈشمىگىنى ئۇزاق بولۇپ كېتىپتۇ.- ئارىدىكى جىمجىتلىقنى يەنىلا ساجىدە ئاكتىپلىق بىلەن بىتجىت قىلىۋەتتى.

-ۋوي ، سەنمىدىڭ ، ئاسماندىن چۈشكەندەكلا بۇ يەردە پەيدا بولۇپ قاپسەنغۇ؟

- ياخشى ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار دېگگندەك ، نى-نى چوڭ شەھەرلەرنى كېزىپ يۈرۈپ ئاخىرى يەنە يۇرتۇمغا يېنىپ چىقتىم . خۇدايا توۋا ، سېنىمۇ كۆرىدىكەنمەن –يېۋا ؟

- مېنى ئۆلدى دەپ ئاڭلىغانمىتىڭ؟

-مەن قايىتىپ كەلگىنى خېلى بولدى ، سېنى زادىلا ئۇچراتمىدىم. سۈرۈشتۈرسەم ئىشلەۋاتىدىلا دەيدۇ.

- شۇ ، خىزمەت ئالدىراشچىلىقى.

-قانداراق تۇردۇڭ؟

-يامان ئەمەس.

-خوتۇن-باللىرىڭچۇ؟

-ئۇلارمۇ ياخشى. سەن قانداقراق تۇردىڭ ، باللىرىڭچۇ؟

- مەن ياخشى تۇردۇم ، ئەمما قايتا ئەرگە تەگمىدىم؟- ساجىدىنىڭ شۇنداق دەپلا ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. ئاۋازى تىترىگەندەك چىقتى. كۆزلىرىگە مۆللىدە ياش كەلدى.

-نېمىشقا ئەمدى؟

-سېنى ساقلاپچۇ؟- ساجىدە شۇنداق دەپلا  بۇرۇنقى ۋاقتىللىرىدىكىدەك قاقلاپ كۈلۈشكە باشلىدى. كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان بىر نەچچە تېمىم ياش چىرايلىق مەڭزىنى بويلاپ ئاقنىچە كېلىپ ئاغزىغا كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ كۈلكىسى يا يىغىغا ، يا كۈلكىگە ئوخشىمايتى.  سەمەت تىڭىرقاپ قالدى.

-چاقچاق قىلمىغىنا.

-چاقچاق ئەمەس، راستنى دېسەم تابۈگۈنگىچە سەندىن ئۈمىدىمنى ئۈزەلمەي كېلىۋاتىمەن. لېكىن ماڭا كۆڭلىدە ئوت ساقلاپ كېلىۋاتقانلارمۇ ھېلىھەممۇ بار.-ساجىدە شۇنداق دېدى-دە، خۇمارلاشقان  كۆزلىرى بىلەن سەمەتكە قارىغىنىچە، قاقاقلاپ كۈلۈشكە باشلىدى.ئوڭ مەڭزىدىكى زىنىقى ئۇنى تېخىمۇ نازاكەتلىك كۆرسىتىپ تۇراتتى، ئۇ ئۆزىنى شۇنچە خاتىرجەم ، بەختلىك كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ، چىرايىدىكى تەبەسسۇم ، كۈلكىلەر ئارىسىغا يوشۇرۇنغان قايغۇ-ھەسرەت ،  نادامەت ، مۇڭنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالغانتى.- شۇ چاغدا ئاتا-ئانام مېنى ئەمەتكە مەجبۇرى ياتلىق قىلىپ ، بەختىمنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلىۋەتمىگەن بولسا بۈگۈنكىدەك بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالمىغان بولاتتىم . – ئۇ بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئېغىر بىر ئۇھ تارتىۋىتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، ئاۋازى يىغلىغاندەك چىققاتى.-بىر ئايال  ئوتتۇر ياشتىن ئاشقاندىمۇ بىرەر ئەرنىڭ پىشىدىن  مەھكەم تۇتۇپ ، ماۋۇ مېنىڭ ئېرىم دېيەلمەسلىكتىن ئارتۇق ئازاب يوقكەن دۇنيادا . پۇل بولغان بىلەن قانچە كۆپ بولسىمۇ بەزىدە پوققا ھېسابكەن. يالغۇزلۇقتىكى قايغۇنى يىنىكلىتىپ بېرەلمەيدىكەن ، دەرد-ئەلەمنى تارتىشىپ بېرەلمەيدىكەن. يا شۇ چاغدا سەن قېچىپ كېتەيلى دېسەم ئۇنىمىدڭ ، مېنى ئېلىپلا قاچقان بولساڭ بۈگۈنكىدەك پۇچىلىنىپ يۈرمەيتىم... – ساجىدەنىڭ كۆزلىرى شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئاشكارىلاپ بولغانتى. ۋاختانىۋاق كەلگەندە ئادەمنىڭ كۆزى ئۇنىڭ خوشاللىقى ياكى يامانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ، كۆز ئەنە شۇنداق سىرلىق نېمە . شەيتاننىڭ پەپىلەشلىرىگە مۇلايىملىق بىلەن ئەگىشىشكە كۆنۈپ كەتكەن   كۆڭۈلدىنمۇ مەينەت ، كاسكىنا كۆڭۈل بولمايدىكەن.

-مېنى تەڭلىكتە قويدۇڭغۇ؟

- ئۇنداق دېمە ، بولۇپمۇ سېنى تەڭلىكتە قويۇشنى ھەرگىز خالىمايمەن. سەن راستىنلا شۇتاپتا تەڭلىكتە قالغان بولساڭ مەن مەلئۇن بولۇپ قالمامدىمەن ؟

- نېمىشقا ئۇنداق دەيسەن؟

-  مېنىڭ نەزىرىمدە ، باشقىلارنى تەڭلىكتە ، ئارنومۇستا قۇيۇش ئەڭ پەسكەشلىك.-ساجىدە شۇنداق دەۋاتقاندا كۆزلىرىدىن ئادەمنى بىزار قىلىدىغان بىر خىل سوغۇق نۇر چاقناپ كەتتى. ئەمما ، پۈتۈن ھىس-تۇيغۇلىرى شەيتاننىڭ كونتورۇللىقىغا ئۆتۈپ كەتكەن سەمەت بۇ غەلىتە نۇرنى كۆرەلمىدى.

-شۇنداق قىلىپ سەن راستىنلا قايتا توي قىلمىدىڭمۇ ياكى چاقچاق قىلىۋاتامسەن؟

-چاقچاق قىلمىدىم ، راست . بويتاقلارغا ئۇ ، بۇ ئىشنى قىلىپ ، ئۇ ، بۇ يەرگە بېرىپ كۈندۈزنى ئۆتكۈزمەك ئاسان بولغان بىلەن ، كېچىنى ئۆتكۈزمەك تولىمۇ تەسكەن.ھېلى ئۇيانغا ئۆرىلىۋاتقان ، ھېلى بۇيانغا ئۆرىلىۋاتقان ... ئەمدىلا كۆز ئىلىنىشى بىلەن ئىشىك-دەرىزىلەر چېكىلگەندەك بولۇپ  ئارام بولماۋاتقان...راستنى دېسەم مەن نەدەگە ، باراي ، قەيەردە تۇراي ساڭا بەختتىن بەختلەر تىلەپ تۇردىم... -ساجىدەنىڭ شۇنداق دەۋاتقاندا يۈرىكى چوغ چاپلاشقاندەك پىژژىدە ئېچىشىپ  ، تىلى ئەلەم بىلەن تىترەپ كەتتى. كۆزلىرىدىن چاقنىغان غەلىتە ئۇچقۇن ، سەمەتنىڭ قەلبىدىكى قىيا-چىيالارنى سېغىنغان جىمجىتلىقنى چاراسلاپ كۆيدۈرۈشكە باشلىدى، چوغلار يالقۇنغا ئايلاندى. ئادەمنىڭ تېنىنى يىرگەندۈرىدىغان غەلىتە بىر كۆيۈك ھىدى ئەتراپقا بىر ئالدى. كۆك كۆز ، قارا يۈزلۈك ، مەينەت ، پاسكىنا كۆڭۈللۈك ئادەملەر كۈندىن –كۈنگە كۆپۈيىپ كېتىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ، سەمەتنىڭمۇ قەلبىگە شەيتان سىيمەي قويمىدى؛ ھەتتا چىچىپ پوقىنى ئۇنىڭغا يېگۈرىشكە باشلىغانتى...

- مېنىڭ ئۆيۈم سېنىڭ ئۆيۈڭ؛ ئىشىكىم ھەر دائىم ساڭا ئوچۇق ، خالىغانچە كىرىپ چىقساڭ بولىدۇ. مەيلى كۈندۈزى بولسۇن ، مەيلى كېچىسى بولسۇن دەخلىسىز ، ئەگەر سەن خالىسڭلا .

-  خالىمامدىغان  ، بەك خالايمەن. سەن ئۇنداق داۋاتقان يەردە مەن نېمىمۇ دەيتىم .- ئۇ بىرەر خاتا گەپ قىلىپ قويۇپ ئەمدىلا بېشىغا قونىۋاتقان بەخت قۇشىنى ئۈركۈتۈۋېتىشتىن قورقۇپ ، ھەر بىر ئېغىز گەپنى تولىمۇ ئاۋايلاپ قىلدى.

-مېنىڭ كۈتىدىغىنىممۇ شۇ ، ئەمدى ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي، ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنىڭ ئورنىنى تولدۇرىۋېلىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشايلى! ئەگەر سېى دېمىسەم بۇ دۇنيانىڭ ۋاي دېگۈچىلىكى قالمىغانتى.-ساجىدە شۇنداق دەۋاتقاندا كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان بىر غەلىتە ئۈچقۇن ، سەمەتنىڭ قەلبىگە بۆسۈپ كېرىپ  يۈرىكىدە گۈلخانغا ئايلاندى. ئۇلار ئۈچۈن ئىلگىرى پالاستەك سۆرەلمە كۈنلەر ، ئەمدى يوپۇرماقلارغا تاتلىق پىچىرلاپ ، گۈللەرنى تاتلىق سۆيۈپ ئۆتىدىغان قاناتلىق شاماللارغا ئايلىنىپ قالغانتتى.

- ماشىنىڭىز بارمۇ؟

- ئىنىمنىڭ بار.

-ئۆيۈڭىزچۇ؟

- دادامنىڭ بار .

- زادى نېمىڭىز بار؟

- يۈرىكىم بار.

ساجىدە بىر ھازا قاقاقلاپ كۈلگەندىن كېيىن ،- بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق قىزىقچىتىڭ ، تېخىچىلا ئۆزگەرمەپسەن ، مۇنداق كۈلمىگىنىمگە قانچە ئۇزۇن بولغىنىنى بىلمەيمەن.- دېدى سەمەتنىڭ كۆزلرىگە ئاچكۆزلەرچە تەلمۈرۈپ، ئۇنىڭ بۇ ساختىلىققا تولغان قاراشلارىدا ئادەمنىڭ ئىچىنى بىئارام قىلىدىغان تۇيغۇ بارتى.

-مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟

- ھازىر مېنىڭ خوتۇنۇم بار.

- ئۇنىڭ بىلەن چاتىغىم يوق ، مەن پەقەت سىزنىڭ ھېسياتىڭىزنى بىلمەكچى . سىز مېنى ياخشى كۆرەمسىز ؟. -سەمەت بېشىنى كۆتۈرۈپ قىزنى كۈزىتىشكە باشلىدى .«  ھەممە جەھەتتىن كېلىشكەن ، چىرايلىق ، ھاياتى كۈچكە تولغان سۈزۈك تېرە ، تولغان بەدەن ، گەپ قىلالايدىغان بىر جۈپ سېھىرلىك كۆز . نېمە دېگەن ئېسىل قىز ، ئېسىت . ..» ئۇ ئويلىغانسىرى ئۆزىدىن يىراقلاپ كېتىۋاتاتتى،  ۋىجدان-غورۇرىنى ، كۆيۈم-ۋاپاسىنى ، ئىخلاس-ئەقىدىسىنى، ۋاپا-ساداقىتىنى ، ئىمان ، ئەخلاق-پەزىلىتىنى ، مەردۇ-مەردانىلىقىنى يوقۇتۇپ قويىۋاتاتتى.
-ئەگەر سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرسىىڭىز ،ئاشنىڭىز بولساممۇ بولىدۇ  - ساجىدەم سەمەتنىڭ جاۋابىنى كۈتەلمىدى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ كىرپىكلىرىدىن شەبنەم، لەۋلىرىدىن ھەسرەت ، كۆزلىرىدىن چەكسىز ئازاب ئۇچقۇنلىرى  چاقناشقا باشلىدى. ئۇ ئېغىر بىر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇردى.- ماڭا ئىشىنىڭ سەمەت ، مەن ئەردىن ئاجراشقاندىن كېيىن، نان ، سۇدەك ھالال ياشاشنى ئەھدى قىلىپ ، ئۆزۈمگە ئەركەك چىۋىنمۇ قوندۇرمىدىم. – لېكىن ئۇ شۇنداق دېگەن بىلەن ئويناپلا تۇرىدىغان كۆزلىرى ھەممىنى ئاشكارىلاپ تۇراتتى.

- سەن بۇرۇنقىدىنمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىپسەن . ھۆسۈڭگە تولۇپ  جەلىپكارلىق تېخىمۇ ئېشىپتۇ . ئاۋازىڭمۇ بۆلەكچىلا يېقىملىشىپ ، باھار شامىلىدەك لەرزانلىشىپ كېتىپتۇ .

سەمەتنىڭ داڭلاپ ، ماختاشلىرىدىن ساجىدە ئەقلى –ھۇشىنى يوقۇتۇپ چەكسىز بىر ئوت ئىچىسە پاراسلاپ كۆيۈشكە باشلىدى. سەمەتنىڭ ھەر بىر ئېغىز گېپى ئۇدۇل كېلىپ  ساجىدەنىڭ يۈرىكىگە چوغدەك چاپلىشاتتى . دەقىقە ئىچىدە ئۇنىڭ لەۋلىرىدىكى ھەسرەت كۈلكىگە ، كۆزلىرىدىكى ئازاب چەكسىز ھاياجانغا ئۆزگەردى. ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا سەمەتنىڭ ئالدىغىلا كەلدى. كۆزلىرىدىن چەكسىز تەشنالىق ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى. خۇش بۇي پۇراق ، ئوتتەك ھىد  سەمەتنىڭ سەزگۈلىرىنى قىيناشقا باشلىدى. شۇ تاپتا سەمەتنىڭ ساجىدەنى باغرىغا مەھكەم باسقۇسى ، چاچلىرىنى توختىماي سىلىغۇسى ، لەۋلىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلانغۇسى كېپ كەتتى... شۇ تاپتا ساجىدەنىڭمۇ ئىچىنىڭ ئالىقانداق بىر يەرلىرىدە گۈرۈلدەپ ئوت كۆيۈشكە ، چەكسىز بىر تەشنالىق يۈرىكىدە غەلىيان كۆتۈرۈشكە باشلىدى. شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ھاياسىزلىق بىلەن  قاراشلىرىدىن ئىتىقادلىق ئادەملەردە بولىدىغان ھەر قانداق بىر ئالامەتنى ئۇچراتقىنى بولمايتى.

بارلىق تەتۈرلۈك سەمەت دۇككانغا كىرگەن ئەنە شۇ كۈندىن تارتىپ باشلاندى. ئۇلار تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگىچە بىر سىنىپتا،بىر پارتىدا بىللە ئولتۇرۇپ ئوقىغان ،ياخشى ئۆتكەن ساۋقداشلاردىن ئىدى.ساجىدە چىرايلىق ھەم شوخ بولغاچقا ئوغوللار ئۇنىڭغا بەك ئامراقتى. ساجىدە ھەممىدىن بەكرەك سەمەتكە يېقىنچىلىق قىلاتتى. ساجىدە ئەينى چاغدىلا يامان ئاتىقى چىقىپ كەتكەن چوكان بولۇپ ، چالا-پۇچۇق بىر ئەرگە تېگىپلا ،ئاي توشماي ئاجرىشىپ يۇرتتىن غىپپىدىلا بىر چىقىپ كەتكىنىچە ھىچ خەۋىرى بولمىغان. دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىمۇ ، ئانىسى قاتناش ھىدىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلغاندىمۇ بۇ يەرگە ئاياق باسمىغان . ھەتتا ئۇرۇق-تۇققانلىرىمۇ ئۇنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇشقان . ئۇ ، ئەنە شۇنداق  ئۇزاق بىر مەزگىل يوقۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن ، تۇيۇقسىزلا  پەيدا بولۇپ شەھەرنىڭ ئاۋات يىرىگە كىشلەرنىڭ دىققىتىنى  تارتقىدەك خېلى چوڭ كۆلەمدىكى كىيىم –كېچەك دۇككىنى ئېچىۋالغانتى.ئۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ھۆسسىنىگە تولۇپ ،  چىرايلىقلىشىپ كەتكەنتى. ئەركەكلەرنى كۆرسە ئويناپلا تۇرىدىغان كۆزلىرىدىن ئوت يېنىپ تۇراتتى.ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ كىيىم-كېچەك دۇككىنى ئاۋاتلىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ دۇككىنىدىن مۇدا بولىۋاتقان ئەڭ يېڭى پاسۇندىكى ماللار ئۆكسۈمەيتى. مودا خېىنملار ئۇنىڭ دۇككىنىغا سۇدەك ئاقتى، سودىسى بۆلەكچىلا جانلىنىپ كەتتى.

ساجىدەنىڭ نازلىق بېقىشلىرى، سۈيۈق مىجەزى  شەيتىنىنىڭ ئارقىسىدىن چېپىپ يۈرۈيدىغان ماز پاينەكلەرنى ئەتراپىدا  ئالالمىغان سادەك ئەگىتىشكە باشلىدى .  شەيتان بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ يېتىلىۋالغان يۈندەپۇرۇچلار شاپاققا چىۋىن ئولاشقاندەك ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى؛ ئاخىرى سەمەت شاپاققا تېيىلىپ دۇم چۈشتى. خوتۇن –باللىرىنى ئۇنۇتتى. ‹‹بىر خوتۇن بىلەن بىرگە ئۆتۈۋەرسەڭ تۇرمۇشنىڭ مەنىسى ، ھاياتنىڭ لەززىتى بولمايدىكەن جۇمۇ؟...ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرىمەن دەيدىغان ئادەم خوتۇنىنى پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇرسا تازا پەيزى بولامدۇ نېمە ؟ نېمىش قىلغاندىمەن  مۇشۇ چاققىچە ، بىر خوتۇن بىلەن ئۆزۈمنى ئالداپ ؟ ئىسىت مەزىسىز ئۆتۈپ كەتكەن 10 نەچچە يىللىق ھاياتىم ، مىڭ ، مىڭ ئىسىت!...›› سەمەت ساجىدە بىلەن ئۇچراشقان شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ شالتىقىغا بېشىچىلاپلا كىرىپ كەتتى.ساجىدەنىڭ بىللە بولغان چاغدىكى ئەركىلەشلىرى ، نازلىنىشلىرى ، خۇلق كۆرسىتىشلىرى،باھار شامىلىدەك تاتلىق شىۋىرلاشلىرى ، پۇل غەجلەشتىكى مەرتلىكى ، پات-پات قىممەت باھالىق كېيىم-كېچەلەرنى ئېلىپ بىرىشى ، يانغۇچىقىغا  تۇتاملاپ-تۇتاملاپ پۇل  سېلىپ قويىشلىرى ، سەمەتنىڭ ئەقلىنى بۇلغىۋەتتى.  ئۇلۇغلارنىڭ « يىمەك-ئىچمەكنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ پاكىز بولماسلىقى ، ئادەمنىڭ قەلبىنى پاسكىنىچىلىققا تولدۇرۇپ ، توغرا يولدىنمۇ ئازدۇرىدۇ . پاكىزلىق بولمىغان ئۆيدە بەرىكەت بولمايدۇ دېگەن گېپىنى تاشقا مۆھۈر باسقاندەك توغرىكەن ئەمەسمۇ ؟ » ساجىدەنىڭ پۇل-مېلىغا دۈم چۈشكەن سەمەت خوتۇن-باللىرىنى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇشقا باشلىدى-دە، ئاخىرى بېرىپ ئېسىدىن چىقاردى. ئۇنىڭغا ساجىدە بىلەن ئۆتىۋاتقان كۈنلىرى تولىمۇ شىرىن ، مەنىلىك ؛ خوتۇنى بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرى تولىمۇ مەنىسىز ، تاتلىقى يوق تۇيۇلىشقا باشلىدى.‹‹ ئىسىت ئاشۇ ئىنجى-مەرۇق بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىم ،زايا كەتكەن ئۆمرۈم؟ كور بولمىسام ئاشۇنىمۇ خوتۇنۇم دەپ شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆزۈمنى ئالداپ يۈرەمدىمەن؟... ئەرگە ، ھاياتنىڭ مەنىسىنى ، تۇرمۇشنىڭ لەززىرىنى ھىس قىلدۇرالمىغان خوتۇننى قانداقمۇ خوتۇن دېگىنى بولسۇن؟... ›› ئۇ پات-پات ئاشۇنداق ئويلايتى، ئېچىناتتى، ھەسرەتلىنەتتى. ئىزىدىن چىقىپ كەتكەن سۆيۈلۈش ئۇنىڭ پاك روھىنى چىرىتىپ ،ئەقلىنى بۇلغىۋەتكەنتى.ئۇ توغرا يولدىن قېيىپ ، ئەقلىدىن ئېزىپ ، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتى. خوتۇن –باللىرى كۆزىگە كۆرۈنمىدى ، ئۇلارنىڭ يېلىنىش–يالۋۇرۇشلىرى ، ئۇرۇق-تۇققان ، قان-قېرىنداش، دوستيا- بۇرادەرلىرىنىڭ كۆيۈنىپ قىلغان نەسىھەتلىرى ئۇنىڭغا كىچىككىنە بولسىمۇ تەسىر قىلماي خۇددى  قومۇشقا سۇ يۇقمىغاندەكلا يۇقمىدى.ئۇنىڭغا تولا نەسىھەت قىلىپ ئاڭلىتالمىغانلارنىڭ كۆڭلى غىققىدە بولۇپ ، يۈرىكى تۇز قۇيغاندەك ئېچىشىپ كەتتى. سەمەتنىڭ قىلچىمۇ ئۇيالماستىىن بىزىرىپ تۇرۇپ : « مېنىڭ ئىشىمغا نېمىشقا ئارلىشىۋالىسىلەر ، مەن نېمىنى قىلىش ، نېمىنى قىلماسلىقنى ئوبدان بىلىمەن ، مېنى ئارامىمدا ياشىغىنى قويۇڭلار ، خوتۇن دېگەن ئەرگە تېگىدۇ ، بالىلار ئۆلمىسىلا چوڭ بولىدۇ . » دېگەن سۆزلىرى نەسىھەت قىلغۇچىلارنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردى.

‹‹ سەمەت سارەم شاڭخەي بىلەن تېپىشىپ قاپتۇيەي،سەمەت ئۇنىڭغا ياراپ قاپتۇيەي... سارەم شاڭخەي سەمەتكە گۈللۈك ئولتۇراق رايۇندىكى ھېلىقى كۆركەم بىنانىنىڭ 19-قەۋىتىدىن بىر يۈرۈش ئۆي ئېلىپ بىرىپتۇ يەي...ئۇلار شۇ يەردە بىللە تۇرىدىكىنەي... ›› دېگەندەك كۇسۇر-كۇسۇرلار بارغانچە ئاۋۇشقا باشلىدى. گەپنىڭ ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچكەنسىرى شاخلىنىپ ، تۈگمىدەك ئىشنىڭ تۆگىدەك ، قىلدەك  ئىشنىڭ خادەك بولۇپ كېتىدىغانلىقى بىلگۈچىلىكى بار سائەتخان  باشتا بۇنداق گەپلەرگە ئانچە ئىرەنشىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ، ئېرىنىڭ سىرتتا قونۇپ قالىدىغان  كۈنلىرى كۆپەيگەنسىرى خۇددى بىرى ئىچىنى تاتىلاۋاتقاندەك بىئارام بولىدىغان بولۇپ قالدى. ئاق كۆڭۈل ، ئىشچان ، ئىدىتلىق ، پەم-پاراسەتلىك ، ئۆي ئىشلىرىغا پىششىق ، تۇرمۇشقا پۇختا سائەتخان ، باشقىلارنى بىئارام قىلىشنىڭ بەدىلىگە كۆڭلىنى خۇشال قىلىدىغانلارنىڭ پوق چىۋىنىدەك يامراپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قانداقمۇ ھەسرەتلەنمەي ، تىرىكمەي يۈرەلىسۇن؟   يېقىندىن بۇيان ئۇ ، نېمىشىدۇر تۇرۇپلا ئاچچىقلىنىدىغان ،بېشىغا مىستاۋاقنى قويۇپ ، ئوت يېقىپ قىزىتىۋاتقاندەك ، مىڭىسى پورۇقلاپ قانايۋاتقاندەك بىر خىل تۇيغىدا ئازابلىنىدىغان بولىدىغان بولۇپ قالغانتى. قاراپ تۇرۇپلا  ھەيتنى-ھۇيت دېگىچە ئېرىنى يولدىن چىققان بىر شاپاقچى تارتىۋېلىۋاتسا ئۇ قانداقۇمۇ ئازابلانماي تۇرالىسۇن ؟ ھەر قانداق خوتۇن ئېرىنىڭ باشقا بىرى بىلەن ئىچ پەش تارتىشىپ ، ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ ، ئىچ قۇيۇن- تاش قۇيۇن بولۇپ كېتىشىگە چىدىيالمايدۇ-دە؟. بارلىقىنى  تاپشۇرغان ئېرى-سەمەت ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا باشلىغانتى. ئۇنىڭ تۇزكورلىقى ، سەمىمىيەتسىزلىكى سائەتخاننى گاڭگىرىتىپلا قويغانتى. ناپاكلىقنىڭ ئادەملەرگە كەلتۈرىدىغان جاپا-جەبرىسى ، قايغۇ-ئەلىمى ، سورۇقچىلىقلىرى، مالامەتلىرى بەختىيار بىر ئائىلىگە قاراپ بوراندەك كېلىۋاتاتتى.

تۇرۇپلاسائەتخاننىڭ كۆز ئالدىغا باللىرى كېلىۋالدى.

-ئانا، دادام نەگە كەتتى ؟

- ئانا، دادام بىلەن ئۇرىشىپ قالدىڭلارمۇ؟

- ئانا ، دادام بىزنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟

-ئانا ، دادام نەلەردە يۈرىيدىغاندۇ؟

- ئانا، دادام تالادا ئاچ قالغاندىمۇ؟

-ئانا ، دادام  راستتىنلا بىزنى تاشلىۋېتەرمۇ؟

-...

-...

قوي كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ تۆكىلىشكە باشلىدى. ياشلىرىغا قوشۇلۇپ قەلبىدىكى دەرد-ئەلەملەر سىرتقا ئېقىپ چىقىۋاتاتتى.

2

ھەر كۈنى نامىزىدا  خوشاللىنارلىق ئىشلارنىڭ ئائىلىسىدىن ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغان سائەتخاننىڭ بىركۈنى بىريىلدەك ئۆتىۋاتاتتى. ئۇ ، ئاي چىققان كېچىللىرى ئايغا قاراپ ھەسرەت چېكەتتى؛ ئاي چىقمىغان كېچىللىرى بولسا يۇلتۇزلارغا قاراپ مۇڭلىناتتى؛رەڭلىك دەرد-ھەسرەت ، قايغۇ-ئازابلار ئۇنىڭغا ئازىراقمۇ ئارامچىلىق بەرمەيتى. ئۇ ھەر قېتىم ئوچاقتىكى گۈرۈلدەپ كۆيىۋاتقان ئوتقا ، كۆيۈپ-كۆيۈپ چوغقا ئايلىنىۋاتقان ئوتۇنغا قاراپ ئازابلىق تولغىناتتى؛ قىپقىزىل چوغلارغا قاراپ خۇددى شۇ چوغلار ئۈستىگە تاشلانغان قىلدەك تولغىشىپ تۇرۇپ ئېغىر ئۇھ تارتاتتى، كۇلۇڭغا دۆۋلەنگەن كۈلگە قاراپ  سول كۆكسىنى تۇتقىنىچە ئۇزاقتىن-ئۇزاق جىمىپ كېتەتتى؛ ۋەبەزىدە تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا قەدەر  بىر-بىرىدىن توقۇناق ، قايغۇلۇق خىياللارنى سۈرەتتى... چىن كۆڭلىنى بەرگەن ، بىر ئۆمۈر « تايانچىم بولىدۇ ، بېشىمغا كۈن چۈشكەندە ماڭا يار-يۆلەك بولىدۇ ، چاڭقاقلىقىمنى قاندۇرىدۇ ... » دەپ كۆڭۈل بەرگەن ئېرى ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلىپ ئۇنى تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن  تۇرسا ئۇ دەردىنى كىمگە ئېيتىدۇ ، كىمگە يىغلاپ ئىچىنى بوشۇتىپ ، ئازابىنى يەڭگىللىتىدۇ؟ . ئۇ ھەممىنى ئۇنۇتۇپ كەتمەكچى بولغان بولسىمۇ زادىلا ئۇنۇتۇيالمىدى. ئۇنۇتۇپ كەتمەكچى بولغانلىرى ئۇنىڭ ئېسىدە تېخىمۇ رۇشەنلىشىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ دەردلىرىنى خۇددى چوغ يۇتقاندەك ئىچىگە يۇتۇپ، كۈنلىرىنى مىڭ تەستە ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. بىر يەرلىرىنى قۇرۇت غاجىلاپۋاتقاندەك تىنىمسىز ئازابلىناتتى. چەكسىز خورلۇق ، ئار-نۇمۇس سائەتخاننى تەتۈر قىينايتى. كۆزلىرىدىن دىلىنىڭ سۇنۇقلىقى مانا مەنلا دەپ چىقىپ تۇراتتى .ئۇ پات-پات تولىمۇ چۇڭقۇر نەپەس ئاللاتتى. ئۇ يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ چۈشىدە ياكى ئوڭىدا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي تولىمۇ بىسەرەمچانلىق ئىچىدە بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزدى. بارلىقىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك بىر تۇيغۇ ئۇنىڭغا ئارام بەرمەيتى. ئىنسان قاچان  ئۆزىنىڭ مۇھەببەتكە تەشنا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدىكەن شۇ چاغدىن باشلاپ تەمەسىز بېغىشلاش روھى كۈچلىنىدۇ. ئەگەر تونۇپ يېتەلمەيدىكەن ھەممىگە ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدۇ ، باشقىلارنىڭ بەختىگە كۆزلىرىنى قىزارتىدۇ ، ئۆزىگە ئىشەنمەيدۇ ، ئەتراپىدىكىلەرگە گومانى نەزەردە قارايدۇ، ئۆزىگە كەلگەن پىشكەنلىكلەرنى باشقىلاردىن كۆرىدۇ. يىغىشتۇرۇپ ئېيتقاندا سائەتخان ئېرىنىڭ ھامان بىر كۈنى قايتىپ كېلىشىگە بولغان ئىشەنچىسى چۇڭقۇر ئىدى.

- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تىنچ-ئامانمۇ ؟ - ئاشخانىدا تاۋاق-قۇچىلارنى يۇيىۋاتقان سەئەتخان تېلىفۇننىڭ جىرىڭلىشى بىلەن تەڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى قويۇپ ، ئىتتىك بېرىپ تېلىفۇننى ئالدى.

- سىز سائەتخان بولامسىز؟-قارىشى تەرەپتىن بىر ئايال كىشىنىڭ يېقىمسىز ئاۋازى ئاڭلاندى. كۆزلىرىدىن غەمكىنلىك ، ئىتائەتچانلىق چىقىپ تۇرىدىغان سائەتخاننىڭ قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ يۈرىكى جىغغىدە قىلدى-دە، ئوتتىن ئېلىپ سۇغا تاشلانغاندەك ، سۇدىن ئېلىپ ئوتقا تاشلانغادەك ئازابلىنىشقا باشلىدى.

- ھەئە. بىرەر ئىشىڭىز بارمىتى؟ .

-ئىشىم بولمىسا تىلفۇن قىلىپ يۈرۈشكە ۋاقتىم  يوق مېنىڭ ، بىكاردىن–بىكار باشقىلارغا تېلىفۇن قىلىپ يۈرىيدىغان ساراڭ كۆرىۋاتامسەن مېنى ؟.-شۇملۇقنىڭ شەپىسى كېلىپ تۇرغان قوپال ، يولسىز ئاۋاز سائەتخاننىڭ يۈرىكىنى ئاچ قالغان ئوغرى ئەسەبىيلىك بىلەن تاتىلاپ ،  ئىچىنى لىققىدە ئاچچىققا تولدۇردى.

- سىز كېم؟ تىلفۇننى خاتا ئۇرۇپ قالدىڭىزمۇ نېمە؟

- ياق ، بىلىپ ئۇردۇم ، ئېرىڭىزنىڭ ئىسمى سەمەتقۇ ؟

- شۇنداق ، ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولدىمۇ؟

- ھىچ ئىش بولغىنى يوق ، ئۇ  ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەكتەك بەك ياخشى تۇرىۋاتىدۇ . ئۇ ھازىر مېنىڭ ئېرىم  ، ئەمدىغۇ مېنىڭ كىملىكىمنى بىلگەنسەن ،  دەرھال ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كەت ، قاچانغىچە سەن مەينەت بىلەن بىر ئەرنى ئورتاق ئىشلىتىمەن؟- بۇ گەپلەر سائەتخاننىڭ جان-جېنىدىن ئۆتۈپ ، روھى دۇنياسىنى ، ئوي-خىيالنى ئاستۈن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتتى ،لېكىن سەۋرىچانلىقنى ، ئاددى-ساددىلىقنى ئەڭ گۈزەل پەزىلەت دەپ قارايدىغان بۇ ئايال ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، قارىشى تەرەپتىن سوردى.

- خاتالاشماۋاتقانسىز، پەلىپەتىش سۆزلەپلا كەتتىڭىزغۇ، ئاخشام چۈشىڭىز بۇزۇلۇپ قالمىغان بولغىتى ،  نېمىلەرنى دەپ يۈرىيسىز؟- سائەتخان شۇنداق دېگەن بىلەن شۇتاپتا بېشىغا تاغ ئەمەس ئاسمانمۇ قوشۇلۇپ يىقىلغانتى.باشقىلارنىڭ رىزقىغا كۆزىنى قىزارتىپ ، باشقىلارنىڭ نېسىۋىسىنى تالىشىپ يەيدىغان بىر بۇزۇقنىڭ « قاچانغىچە بىر ئەرنى سەن رەپ-رەپ بىلەن ئورتاق ئەر قىلىمەن، ئۇنىڭدىن خېتىڭنى ئېلىپ كۆزدىن يوقال ، بىزنىڭ ئارىمىزغا قىستۇرىلىۋالما ، رىسىقىمغا چاڭ سالما ، بۇنىڭ ئىلگىرى مېنى داغدا قويغىنىڭمۇ يېتەر...» دەپ تېلىفۇندىلا ۋاقىراپ-جاقىراشلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىنى لەختە-لەختە قىلىۋەتتى. ئۇ ئىچىگە تىنىپ كەتتى .  ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرۇپمۇ تالادا ياشاۋاتقاندەك بىر ئازابلىق تۇيغۇ ئۇنى داۋاملىق قىيناشقا باشلىدى. تۇرمۇشنىڭ خىېلى-خېلى ئاچچىق-چۈچۈكلىرىگە بەرداشلىق بېرىپ ، چىدام بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان سائەتخانغا تەقدىرنىڭ بۇ چاقچىقى بەكمۇ ئېغىر كەلدى،  يۈرىكىنى پارە-پارە قىلىۋەتتى.

- ئۈنۈڭ ئىچىڭگە چۈشۈپ كەتتىغۇ ، ئاڭلاۋاتامسەن ، ئىككىمىزنىڭ ئېرىنى ماڭا قايتۇرۇپ بەر دېمەكچى،ئەمدىغۇ مەقسىتىمنى چۈشەنگەنسەن ، ئۇ قاچانغىچە ، سەن داپشاق بىلەن ماڭا ئورتاق بولىدۇ؟  ئەمدى نۆۋەت مېنىڭكى. بۇپەلەك ئۆرىلىپ-چۆرگىلىپ تۇرىدۇ.– نۇمۇس –ئاھانەت سائەتخاننىڭ  جېنىدىن ئۆتۈپ ، يۈزى ئوت ئېلىپ ، يۈرىكى پۇچىلىنىشقا ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى، ئەلەم بىلەن لەۋلىرىنى چىشلىدى، جاۋغىيىدىن قىپزىل سۈيۈقلۇق ئېقىپ چىقتى. ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسە شۇ سۈيۈقلۇق ئىچىگە غەرق بولدى.

دۇنيادا ھىچكىممۇ ئۆمۈر بويى خوشال-خورام ، كۆڭلى توق ياشىيالمايدۇ. سائەتخان تۇرۇپلا ئۆزىنى تاق لىنىيەلىك رىلىستىكى پويىزدەك ھىس قىلىپ قالدى-دە، ئىچ-ئىچىدىن بۇقۇلداپ كېلىۋاتقان يىغىسىنى مىڭ تەستە بېسىۋالدى.

-قانداقسىگە مېنىڭ ئېرىم ئىككىمىزنىڭ ئېرى بولۇپ قالدى ئەمدى؟  مەن ئېرىمگە ئىشىنىمەن ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەسكى ،مەينەت ئىشنى قىلمايدۇ، ئاغزىڭىزنى چايقىۋىتىپ ، ئويلىنىۋىراق سۆزلىسىڭىز بولارمىكىن ؟ ياكى  سىز  ‹ ئىرىڭنى ماڭا ئارىيەت بىېرىپ تۇر › دېمەكچىمۇ ؟ - ئېرى نەچچە ئايدىن بىرى ئۆيگە كىرمىگەن بولسىمۇ سائەتخان ھىچ ئىش بولمىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ، ئاچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ تۇرۇپ ، شۇندق دېدى. لېكىن يۈرىكى بىرى بىگىز تىقىپ قوچىۋاتقاندەك ئاغرىپ كەتتى. ئىچىدە چايانلا توپى بەس-بەس بىلەن چېپىشىۋاتقاندەك ئازابلاندى، بىر خورلۇق  قەلبىگە خەنجەر بولۇپ قالدالدى ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشقاندەك بولۇپ كەتتى. ئېرىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى روھى ھالىتىدىكى بىنۇرماللىقنى چۈشەنگەندەك بولدى. بىردىنلا  سائەتخاننىڭ قەلبىدە مېھىر بېغىشلىسا ، مېھىر بېغىشلىيالماي سىرتلاردا سۈيدۈك پۇراپ يۈرگەن ئېرىگە بولغان ئۆچمەنلىك باش كۆتۈردى. ھەر كۈنى ئۇنىڭغا تاتلىق كۈلۈمسىرەپ مېھىرلىك نۇرىنى چاچىدىغان قۇياشمۇ قاپاق تۈرۈپ قاراۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى.

- ھەي لۇلا ، تۈلكىلىك قىلما ، سەن ھەممىنى بىلىسەن ،  سەمەتنىڭ ئۆتكەن يىلى قۇربان ھېيتىتتىن باشلاپ سېنى بېشىدىن ئۆرۈ-چۆرىۋىتىپ  مېنىڭ قېشىمدا تۇرىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىسەن. شۇنداق بولغاندىكىن  نېمىشقا ئۇنىڭدىن خېتىڭنى ئالماي ، ئارقىغا تارتىسەن ؟ ئۇ ماڭا تەۋە بولۇپ بولدى...

- گەپ قىلمىسام ئەجەپ ھەددىڭدىن ئاشتىڭغۇ ؟  سەن نېمىنداق يۈزى قېلىن داپشاق خوتۇن دەيمەن  . مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك كەلدىمۇ ئەمدى؟ خوتۇنى بار بىر ئەر بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ يۈرگەن سەندەك كوچا بۇزۇقلىرىنى نېمە دېسە بولار  ؟   قاغىغا ئۆزىنىڭ قارىلىقى كۆرۈنمەس دېگەن مۇشۇكەن-دە.- تاقەت دېگەننىڭمۇ چېكى بولىدۇ ، نەچچە ۋاقىتىن بۇيان ئاران تۇرغان سائەتخان ئاغزىنى قويىۋەتتى. بارلىق غەزەپ-نەپرىتى ، ئۆچمەنلىكى ئۇنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىدە ئىپادىسىنى تاپقانتى.ئۇ بەكمۇ ئاددى-ساددا ، كەم سۆز ئايال بولسىمۇ ، ھازىرنىڭ ئۆزىدە كەم سۆزلىكى نەلەرگىدۇر يوقۇلىپ ، ئۇزاقتىن بىرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سۈكۈتى بۇزۇلغانتى. رەقىبلىرىدىن باللىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئاتلانغان ئانا شىردەك غەزەپكە كەلگەنتى، بىر ئورنىدا تىپىرلاپ تۇرالمايتى، كۆزلىرىدىن دەھشەت بىر ئۆچمەنلىك لاۋۇلداپ ياناتتى.

- سەن نېمىنىداق ئۆزۈڭنى بىلمەيدىغان ئايال دەيمەن،  خەقنىڭ ئېرى بىلەن ئىچ-پەش تارتىشىپ يۈرگىچە ئۆلىۋالساڭچۇ؟ -« تالا مۈشىكى » نىڭ قالايمىقانچىلىق چىقرىپ،ھەددىدىن ئېشىشلىرى، تەھدىت سېلىشلىرى سائەتخاننىڭ زەردىسىنى قاينىتىۋەتكەنتى.

- مەن ئىرىشمەكچى بولغان نەرسەمگە نېمە كېتىشىدىن قەتئىنەزەر  ئىرىشمەي قويمايمەن. پۇل دېگەن مەندە  ئېشىپ-تېشىپ تۇرۇپتۇ ، پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا دەپتىكەن . كۆزۈم چۈشكەن ئەرنى مانا مۇشۇنداق ئالقىنىمدا ئوينىتىمەن ...

-مەقسىدىڭ ئايان بولدى ، ھامان بىر كۈنى ئېرىمنى تاشلىۋېتىسەن شۇنداقمۇ ؟ - غەزىپىنى باسالمىغان سائەتخان ۋاقىراپ تاشلىدى.

- بۇ كېيىنكى ئىشلار ، مېنى جىلى قىلما ھازىر بويىمدا بار  ، بۇ بالىنىڭ كېمنىڭ ئىكەنلىكىنى دېمىسەممۇ بىلىپ بولدۇڭ ھەقىچان؟ ئىش مانا مۇشۇنداق چىدىساڭ ياشا ، چېدىمىساڭ كېتىۋاتقان ماشىنىنىڭ چاقى ئاستىغا ئۆزۈڭنى تاشلاپ ئۆلىۋال. ئۆيۈڭ 5-قەۋەتتە بولغاندىكىن دەرىزىدىن ئۆزۈڭنى ئېتىۋالساڭمۇ جېنىڭ غىققىدە چىقىپ كېتىدۇ. قىينالمايسەن ، كۈندەشلىكنىڭ ئازابىدىن بىراقلا قۇتىلىسەن ، مەنمۇ مەقسىدىمگە يېتىمەن.

-سەندەك ھېلىگەر ، ئىككى يۈزلىمىچى ، شۆپۈك ئېغىز ، سۈيۈق مىجەز مەرەزلەرنىڭ دەستىدىن نى-نى ھايات-ماماتلىق سىناقلاردىن بىمالال ئۆتۈپ كەتكەنلەرمۇ پوق يەپ قېلىۋاتىدۇ.مىڭ بىر جاپادا قۇرغان بەختلىك ئائىلىلەرمۇ بۇزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئوماق بالىلار تىرىك يىتىم بولىۋاتىدۇ . يۈرەكلەر دەرد-ھەسرەتتىن پۇچىلىنىۋاتىدۇ، شاكراپقا چىلانغاندەك ئۆرتىنىۋاتىدۇ.

-«چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە ، ياشلىقىدا تازا ئوينا » دەپتىكەن  ئوينايمەن ، يايرايمەن قانداق.؟-ساجىدەنىڭ نۇمۇس قىلماي دېگەن بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ سائەتخان بىرى تۇيۇقسىز بېشىغا قاتتىق بىر نەرسە بىلەن ئۇرىۋەتكەندەك كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ ، مىڭىسى چىڭقىلىپ ، ئۆي ئوڭمۇ-تەتۈر پىقىراشقا ، پۇت-قولى مۇزلاپ ، نىرۋىللىرى تېخىمۇ جىددىلىشىپ ، دىرىلدەپ تىترەشكە باشلىدى.

- توغرا يولدا مېڭىپ ، پاك ياشىغان بولساڭ ، بۇنداق  باشقىلار بىلەن ئەر تالىشىپ ، ئۇلارنىڭ ھالال نىكاھىغا چاڭ سېلىپ ، پاك رىسىقىغا يامان نىيەتتتە بولۇپ، قېچىرغا ئوخشاش سۈيدۈك چېچىپ يۈرمەيتىڭ، ئۆزۈڭگە تەۋە بەختلىك ئائىلەڭ بولىتى. مال-دۇنيا دېگىنىڭ قۇرۇپ كەتسۇن ، شۇنچە ياشقا كىرىپمۇ ماۋۇ مېنىڭ ئېرىم دەپ پىشىگە ئېسىلالماي ، باشقىلاردىن ئەر تاشلىپ يۈرگەن سەندەك پاسكىنىلارنىڭ جازاسىنى خۇدايىم ھامان بېرىدۇ.

- يۈزى قېلىن داپشاق نېمىلەرنى دەپ يۈرىيسەن ؟

- سەن قارا دېگۈچە مەن قارا دەۋالاي دېدىڭمۇ شاپاقچى ، قانچىلىغان سېسىق ئەرلەر بىلەن ئارلاشقان بولغىتىڭ ، بىزنىڭ سەمەتنىمۇ سېسىتىۋەتتىڭغۇ ئاخىر ؟

- سەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالمىغانكەنسەن ، مەن ئۇتۇۋالدىم قانداق ، چىدىماي قالدىڭمۇ ؟.

-سەندەك خوتۇنلارغا يولۇققان ھەرقاناق ئەرنى نەس باسماي قالمايدۇ . كېرىمنى ئەسلى-ۋەسلىدىن ئايرىدىڭ . داۋۇت ھاجىنى سويغان پىيازدەك قىلىپ قويدۇڭ...

- تولا كاپشىما قانجىق ، ئۇنداقلارنىڭ كۆرىدىغىنى شۇ .-ساجىدە سائەتخاننىڭ گېپىنى بۆلىۋەتتى؛ سائەتخانمۇ بوش كەلمىدى.

-  ئاغزىڭنى يۇم كاسكا ، بىگاجىنىڭ ھالى ھەممىدىن بەتتەر، بۇ يۇرتتا داڭقى چىققان بىر كاتتا باي سەن بىلەن ئارلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي كوچىدا « ۋاي ئىسىت ، مېنىڭ پۇللىرىم ، ئىسىت پۇللىرىم » دېگنىچە بىر ئەسكى سومكىغا لىق قەغەزلەرنى قاچىلىۋېلىپ ، كۆرگەنلىكى ئادەمگە قولىنى تەڭلەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. ياسۇن بۆرە بولسا قاتناش ھادىسىدە ئۆلدى . سەن ئامان قېلىپ مېنىڭ ئېرىمگە چاڭ سالدىڭ  ، مېنىڭ رىسىقىمنى بولاڭ-تالاڭ قىلدىڭ. سەن بىلەن تېپىشىپ قالغانلىكى ئەرنىڭ ھامان بىر كۈنى بىر كېلىشمەسلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ. سەن بۇ يەردە پەيدا بولغاندىن بۇيان نۇرغۇن ئائىلىلەرنى خانۇ-ۋەيران قىلدىڭ.- سائەتخان شۇنداق دېدى-دە ، چۇڭقۇر-چۇڭقۇر نەپەس ئېلىشقا باشلىدى.ئۇنىڭغا ئەتراپىدىكى دۇنيا قۇرۇقدىلىپ كەتكەندەك  تۇيۇلۇشقا باشلاپ ، چىرايىنى چەكسىز قايغۇ-ئەلەم قاپلىۋالغانتى.

-قويە كاسسا تېلىفۇننى ، تولا  مېنىڭ ئىشىمغا ئارلاشماي ! –غەزەپ بىلەن ۋاقىرىدى قارىشى تەرەپ.

-تولا سەتلەشمە ، كىم-كىمنىڭ ئىشىغا ئارلىشىپتۇ ، پىشانەڭنى تازا بىر سىلىۋىتىپ گەپ قىل ، ھارامدىن قورقۇمايدىغان ، تالادىن تىرىپ-تۆشەپ  كۆنۈپ قالغان مىكىجىن!- سائاتخانمۇ بوش كەلمەي غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ ۋاقىرىدى.

ئېرى ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن بۇيان كۈنلىرىنى خۇددى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنى يىتۈرۈپ  قويغاندەك ئۆتكۈزىۋاتقان سائەتخان ئۆزىنى شۇنچە تۇتىۋېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ گەپلىرى بارغانچە قوپالىشىپ كېتىۋاتاتتى. كۈنلىرى تولىمۇ ئەنسىزلىك ئىچىدە ئۆتەتتى، تۇرۇپلا بۇرۇقتۇرما بولاتتى، كىمگىدۇر ئاچچىقلىناتتى.چىرايدىكى مىسكىنلىك ، چۈشكۈنلۈك ، بىچارىلىك ، ئەلەم كۈندىن-كۈنگە قويۇقلىشىپ بېرىۋاتاتتى. خوتۇن خەق خېلى-خېلى جاپا-مۇششەققەت ، ئازابلارغا چىدىغان بىلەن ئېرىنىڭ باشقىلارغا بىلەن تېپىشىپ قېلىشىغا ھەرگىزمۇ چىدىيالمايدۇ . ئېرىنىڭ سىرتتا ئويناپ-كۈلۈپ يۈرگىنىنى ئوقۇپ قالدىمۇ بولدى ، شۇنچە يۇۋاش خوتۇنمۇ بىردىنلا ئېچىرقاپ كەتكەن قاپلاندەك ئەسبىيلىشىپ كېتىدۇ. ئېتمۇ جېنىدا جان تىكىپ يالىقىنى قوغدايدۇ ئەمەسمۇ ، ئادەم دېگەن تېخىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك –تە؟ . ساجىدە بىردىنلا بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدى، يىغا ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتاتتى. ئۇ ئېرىگە ئاللاھتىن ئىنساپ تىلەيتى.

ساجىدەنىڭ تېلىفۇندىكى زەھەردەك گەپلىرىنى ئاڭلاپ سائەتخان جاھاندا بىر بار ، بىر يوق بولۇپ كەتتى.بىر ئەرگە ساداقەتمەن خوتۇن بولغۇچىغا ، ئىككىنچى بىر ئايالنىڭ  « ئىرىڭ مەن بىلەن تېپىشىۋالدى ، ئۇنىڭ سەندىن كۆڭلى قاپتۇ ، ئۆزۈڭنى سوراپ، بىزگە ئۆينى ئوڭىچە قويۇپ ، لاقا-لۇققاڭنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەت ! ...» دەپ پوپۇزا قىلىشىدىنمۇ ئاتۇق ئازاب ، خورلۇق بولامدۇ؟ . شۇتاپتا خورلۇقتىن ئۇنىڭ روھى ، جېنى ، قېنى دەھشەتلىك  لاۋۇلداپ كۆيىۋاتاتتى. ئىچىدىكى پىغان نى پۇختا  توسمىلارنى ۋەيران قىلىپ باستۇرۇپ كەلگەن شىددەتلىك كەلكۈندەك ياشقا ئايلىنىپ ئېتىلىپ چىقتى. سائەتخان ئۆزىنى ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك ھىس قىلدى. دۇنيا ئۇنىڭغا بارغانچە مەزىسىز ھەم  تارلىشىپ كېتىۋاتقاندەك ، ھەممىلا جاينى قاراڭغۇچىلىق قاپلىۋالغاندەك تۇيۇلىشقا باشلىدى. ئۆزىنى سەمەتنىڭ خوتۇنى دەۋالغان ھېلىقى يۈزى قېلىن ، بىشەم ، شەرمەندىنىڭ سۆزلىرى ئارام بەرمەي ئۇنىڭ يۈرىكىنى سىقاتتى، يىرتاتتى. شۇنىڭدىن بۇيان  سائەتخاننىڭ   مەۋجۇدلىقى غەلىتە بىر جىمجىتلىق ، ئازابلىق سۈكۈت ، چەكسىز قايغۇ ئىچىدە داۋاملىشىشۋاتاتتى. سائەتخان ئۆزىگە تەۋە بوشلۇقتىن قۇرۇق قېلىۋاتاتتى، زىمبىسىدىكى يۈك كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاپ ، يۈرىكىنىڭ دەردلىرى ئېشىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ نېمىشقىكىن بىردىنلا چۇچۇپ كەتتى. ئىچ-ئىچىگە پاتمىغان ھەسرەتلىك بىر يىغا كەلكۈندەك يامراپ كۆزلىرىدىن تۆكۈلىشكە باشلىدى، چەكسىز ئازابلانغان ھالدا ۋاقىراپ تاشلىدى.

-ئېست ، ساڭا قىلغان ئەقىدەم ، ئېسىت! ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن ، ئەقىدەمگە يىغلايمەن.-شۇ تاپتا ئۇنىڭ نەزىرىدىكى مەسئۇلىيەتچان ، ياخشى ئەر ، كۆيۈمچان دادا ئۆز قىممىتىنى يوقۇتىپ ، ئېچىنىشلىق ھالدا ۋەيران بولغانتى . قەلبىدىكى ياخشى ئەر ئۇنى ئازاب دېڭىزىغا ، تېگى يوق ھاڭغا ، مەڭگۈ چىققىنى بولمايدىغان قاراڭغۇ زىندانغا ئىتتىرىۋەتكەنتى.

ساجىدە بىلەن تېلىفۇندا سۆزلەشكەندىن بۇيان ، سائەتخاننىڭ كۈنلىرى يىلدەك ئاستا ئۆتۈشكە باشلىدى.

2

ئۆي ئىچىدىن كىملەرنىڭدۇر پىچىرلاشقان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇنىپ پۈتۈن ۋۇجدى قۇلاققا ئايلاندى.ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىكسىز بىر قاراڭغۇلۇق قاپلىۋالدى، ئاۋاز ئۇنىڭغا تونۇشتەك قىلاتتى لېكىن كېمنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى بىر ھازاغىچە پەرق ئېتەلمىدى.

- تۈنۈگۈن نەگە باردىڭ ، ئاخشام نەدە قوندىڭ ؟

- بالىلارنىڭ يېنىغا .

- كىمدىن سوراپ ؟

- بۇنى سوراش كېتەمدۇ؟

-ئاناڭ سەن بويىدا قالغاندا يولۋاسنىڭ يۈرىكىگە سىزىك بولمىغان بولغىتى ، گەپلىرىڭ خېلى يوغانغۇ سېنىڭ  ، چوڭ سۆزلەيسەنغۇ خېلى ، بەدىنىڭنىڭ ھەممەر يېرى يۈرەككە ئايلىنىپ كېتتىمۇ نېمە؟

-سەن نېمە قىل دېسەڭ شۇنى قىلدىم . ھەتتا ئۆي خېتىنىمۇ سېنىڭ نامىڭغا ئۆزگەرتىپ بەردىم ، خوتۇن-باللىرىم چوڭ ئۆيدە تۇرىۋاتىدۇ ھازىر؛ سەن ئۇلارنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقار دېدىڭ شۇنداق قىلدىم، ئۇلارنى ئايدا بىر بولسىمۇ كۆرمەمدىم،  يەنە نېمە قىلىپ بەرسەم بولىدۇ ساڭا ؟

-ئىككى قېيىقققا تەڭ دەسسەپ نېمە پايدا ئالماقچى سەن ؟ بىلىمەن سەن مېنىڭ مال-دۇياسىمنى كۆزلەپ شۇنداق قىلىۋاتىسەن ، مەن سېنى چۈشىنىپ بولدۇم، ماڭا سېنىڭ بىرەر ئىش قىلىپ بىرىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. كۆزۈمدىن يوقالساڭلا ماڭا ئەڭ چوڭ ياردەم قىلغان بولىسەن. ئەمدى سېنىڭ كېرىڭكىڭ قالمىدى .

-ساڭا نېمە بولدى ، چېچىلىپلا كەتتىڭغۇ ؟ ...مەن سېنى رەنجىتكىدەك نېمىش قىلدىم؟....

- نېمىش قىلساڭ بولىتى ، ھېلىمۇ سەن لالمىنى نەچچە يىلدىن بۇيان باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن ،خالىساڭ بۇ يەردە ، خالىمىساڭ ئۇ يەردە... ھېلىمۇ خېلى چىدىدىم. نېمە تارتقۇلۇق بۇ ماڭا ؟ مانا خېتىنى بېرىمەن ، ھېلى خېتىنى بېرىمەن  دەپ مېنى بۈگۈنگىچە ئالداپلا كەلدىڭ. سېنى بۈگۈن ئۆزىنى سورا ، ئەتە ئۆزىنى سورا دېسەم ، پەقەتلا ئۆزۈڭنى سورمىدىڭ، كېتىپ-كېتىپ يېرىم كېچىلەردە ئۆيگە كىرىسەن ، ئۆزۈڭنى ئورۇنغا تاشلايسەن –دە، ھىچ ئىش بىلەن چاتىقىڭ يوق ، جۇۋازغا قاتقان كالىدەك پۇشۇلداپ ئۇخلايسەن ، بۇنداق چاغدا مېنىڭ قانچىلىك ئازابلىنىدىغانلىقىمنى بىلەمسەن ؟  يېقىندىن بۇيان كۆڭلۈمگە قاتتىق ئازار بىرىۋاتىسەن...

-بۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسكەن ...

- بولدى قىل، شاپاق –شالتاقلىرىمدا جېنى بېقىپ كەلگەن يۈندە پۇرۇچ، ئۇنتۇپ قالغان ئوخشىمامسەن ، تالاي قېتىم بۇنداق ئىشنى سادىر قىلمايدىغانلىقىڭ توغرۇلۇق ماڭا قايتا-قايتا ۋەدە بەرگىنىڭنى ؟- شۇتاپتا  سامەتنى تالاي قېتىم ،  دادىسنى پارتىيەگە قوبۇل قىلغاندا  قەسەم ئىچكۈزگەندەك ، قەسەم ئىچىكۈزگەن ساجىدەم ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالغانتى.

- لېكىن شۇ ...ئۈچ بالا...

- بولدى ھېجىقىز، ئالدىمدا تولا تىل چاينىما ، ئۇنداق ئادەم كۆتۈڭنى تۇتۇپ بېقىپ ، مەن بىلەن بىرگە بولساڭ بولمامتى ماز پاينەك، قوساقتىكىنى قانداق قىلىمەن ؟

-كۈچۈكىم – كۈچۈكىم دەپ قويسام نېمە ئادەمنى سەتلەۋىرىسەن ، مەن بىللە بولايلى دەپمىتىم ،  ئۆزەڭ ...

- ۋىيەي ، ۋىيەي ، ما گاچىغا تىل چىققىنى تۇردىغۇ ئەمدى؟ قاغا-قۇزغۇننىڭ ئىچىدىنمۇ ئەنقا چىقىپ قالىدىغان  غەلىتە ئىش بولىدىكىنە ؟.

- گەپ قىلمىسام ئەلەمنى –مالەم قىلىپ ، بېشىڭغا كېيىپ شىللىمگە دەسسىگىنى تۇردىڭغۇ؟؛ جاقلا تويدۇم سەندىن .

- مېنى تويمىدىمىكىن دەۋاتامسەن ، كۆزۈمدىن يوقال سېنى ئۆيگە باشلاپ كىرىپ نۇرغۇنلىغان نېسىۋىلەردىن قۇرۇق قالدىم مەن. – ساجىدەنىڭ ماغا چۈشكەن مۈشۈكنىڭكىدەك يېقىمسىز ، چىقىراق ئاۋازى ئاڭلىغانلىكى ئادەمنىڭ قۇلاق-مېڭىسىنى يەپ  بىئارام  قىلاتتى .

سەمەت تۈنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ خاتا قىلغانلىقىنى ، ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. لېكىن ئۇ تولىمۇ كېچىككەنتى. مىڭ پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيتى. ئورنىنى تولدۇرۇپ بولغىنى بولمايدىغان ئىش بولۇپ بولغانتى. ئەلە-مەھەللە ، ئۇرۇق-تۇققانلار ئىچىدە رەسۋا ، باللىرى ئالدىدا قارا يۈز بولغانتى. قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ، بىر نىيەتكە كېلىپ يۈزنى پاك-پاكىز يۇيىۋەتمىسە بولمايدىغان چاغ يېتىپ كەلگەنتى. تۇرمۇشتا ئاچا يولغا يولۇققاندا توغرا يولنى تېپىپ ماڭماق تولىمۇ تەس. توغرا يولنى تېپىپ ماڭالىغانلار يىراقنى كۆرەلەيدۇ ، ئائىلىسىگە ئاۋارىچىلىق تېرىپ بەرمەيدۇ. غورۇر ، ۋىجدان بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ، پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ، ئۆزىنىڭ شادلىقى ، مەنپەئىتى ئۈچۈنلا ياشايدىغان ، ۋاستە تاللىمايدىغان بۇنداق پەسەندىلەردىن مەيلى قانچىلىك بەدەل تۆلىشىدىن قەتئى نەزەر ۋاقتىدا قۇتۇلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ؛ مېھرى-مۇھەببەت ، پاكلىقنىڭ ئىنسانىيلىقىنى جلالاندۇرىدىغانلىقنى ؛ گۈزەللىك ، ئاق كۆڭۈللۈك ، ۋاپا-ساداقەت ، چىن ئىتىقاد ، يۈكسەك ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ ئادىمىيلىكنى قىممەت تاپقۇزىدىغانلىقنى  سەمەت ئاخىرى  بولسىمۇ تونۇپ يەتكەنتى. ئۇنىڭ قەلبىدە ئائىلىسىگە بولغان مەسئۇلىيەت ، خوتۇن –باللىرىغا بولغان مېھرى مۇھەببەت ۋىلىلداپ يېنىپ ، قەلبىدىكى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە نۇر چاقنىغاندەك ، ئۈمىد پەيدا بولدى. كۆز ئالدىغا خوتۇن-باللىرى كەلدى، يۈرىكى پىژژىدە ئېچىشىپ ، بورۇن تۆشۈكچىللىرى كېڭىيىپ ،  مەڭزى نەملەندى.

- ئالە بۇنىڭدا بىر كۈنلەردە ئەسقېتىپ قالار دەپ يىغىپ قويغان پۇل بار ، ماڭا خەجلىگەن پۇللىرىڭنى قايتۇرىۋېتەي !- چۇچۇپ ئويغانغاندەك ئېسىگە كەلگەن سەمەت يانچۇقىدىن بىر كارتىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا قارىتىپ تاشلىدى.

- ئۇ نېمەڭنى كۆتۈڭگە تىق ، جان قىيناپ ئاۋارە بولما ھېزىلەك ، قانچىلىك نېمەڭنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلىمەن ، ئىككى ، ئۈچ قېتىم ئىشلەتكۈدەك تازلىق قەغىزىمۇ كەلمەيدۇ ماڭا. ھازىرقى ئىلكىمدە بار مال-دۇنيارىمغا سەندەك مازپاينەكتىن  ئۈچ-تۆتتى يېتىپ يىسىمۇ  بىر ئۆمۈر يەتكۈدەك زاكات كېلىدۇ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ساڭا بەرگەنلىرىم شۇنىڭ ئورنىدا بولسۇن .- ساجىدەنىڭ ئاخىرى ئەپتى-بەشىرىسى ئايان بولدى. غورۇرى قاتتىق دەپسەندە قىلىنغان سەمەت شۇتاپتا نېمە قىلارنى بىلەلمەي قالغانتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قىزىللىق تىقىلغانتى ، پۇشايمەن ئوتلىرى ئۇنى كۆيدۈرۈشكە باشلىدى...

- سەندەك نېمىنى بېشىمدىن ئۆرۈپ -چۆرىۋەتتىم.ساڭا خەجلىگەن پۇللۇرۇم باش كۆزۈمنىڭ سەدىغسى.

- ئۆزۈڭ چىرايلىق بولغان بىلەن گېپىڭ پوقتىنمۇ سېسىق ئىكەن، مەن نېمىشقا بۇنى بىلمىگەندىمەن.

-ھازىردىن باشلاپ سەندەك نېمىنى « ئۈچ تالاق »  قىلىۋەتتىم ، كۆزۈمدىن يوقال ،سېنى كۆرەرگە كۆزۈم يوق. ئەمدى سېنىڭ ھاجىتىمدىن چىقىدىغان ھالىڭ قالمىدى.

-تورغىيىڭ بولاي ، پاختىكىڭ بولاي دېسەڭ راستمىكىن دەپتىمەن ، ئېچىرقاپ كەتكەن سانىڭ ئۆزىگەنسەغۇ قانجۇق !... مېنىڭ سېنىڭ قارمىقىڭغا ئىلنىپ ئالدىڭدا  بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىم دۇنيادىكى ئەڭ مۇدىھىش ئىشلارنىڭمۇ ئەڭ مۇدىھىشى.

-  تولا كۆزۈمگە چىرىۋالماي ، لاقا-لۇققاڭنى كۆتۈرۈپ كۆزۈمدىن يوقال ! ئەمدى ماڭا كىرىڭ قالمىدى . ھاجىتىمدىن چىقالايدىغان ، مېنى رازى قالالايدىغان بۇقىدەك بىرىنى تېپىۋالدىم...

-ھۇ رەسۋا ، پەس شالتاق.

- مېنىڭدىن نېمە پەرقىڭ . يۈندەمدە ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتقان پىسەندە. ئالىقاچان مېنىڭ شالتىقىمغا دۇم چۈشكەن تۇرۇپ دەۋاتقان گېپىنى كۆڭلۈمنى ئېلىشتۈرۈپ.

بىردىنلا ئىگىز بىر يەردىن چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ سەمەتنى قىيناشقا باشلىدى. ئۇ پۇت-قوللىرى ھەر تەرەپكە كېرىلگەن ھالدا بەكمۇ ئىگىز بىر يەردىن تېگى يوق بىر قاراڭغۇ غارغا شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىۋاتاتتى ؛  ئۇ پەسلىگەنچى يۈرىكى ئاغزىغا قاپلىشىپ قېلىۋاتاتتى. كۆڭلى قاتتىق ئېلشىپ قۇسقىسى كېلىپ ، غەم باسقان چىرايى تېخىمۇ سارغىيىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ھاياتنىڭ تولىمۇ ئەگرى-توقاي ، زىددىيەت-توقۇنۇشلۇق بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلماقتا ئىدى. روھىنىڭ ئالىقانداق بىر يەرلىرىدىكى نۇمۇس ، ۋىجدان ئاخىرى كۈچىنى كۆرسىتىشكە، قەلبىدىكى پاسكىنىچىلىق ئاستا-ئاستا يۇيۇلۇپ چىقىپ كېتىشكە باشلىدى. ھەر قانداق بىر بۇزۇقچىلىقنىڭ ئىنسانلارنى ھالاكەتكە  ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن سەمەت  ، توغرا يولىنى تېپىۋالمىسا قايتا تىرىلىشىدە قارا يۈز بولۇپ قوپىشىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈپ قالدى. سائەتخان بىلەن ئۆتكەن ھايالىق ، پەدىشەپلىك تۇرمۇشىنى سېغىنىپ يۈرىكى چىممىدە ئاغرىپ ،پىشانىسىدىن پۇررىدە تەر چىقىپ كەتتى، كۆزلىرىگە مۆللىدە ياش كەلدى،بۇرۇن تۆشۈكچىللىرى ئېچىشىشقا، ئۆزىنى خەتەر ئىچىدە قالغاندەك ھىس قىلىپ ، بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدى. ھاياتتىكى ھەقىقى بەخت ، قىممەت سەينالىرىدىن يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى تونۇپ يىتىپ ، ۋۇجدىدا ئۆرىدىگەن مەنمەنچىلىك ، شالاللىق ، شۆھرەتپەرسلىك تۇيغۇللىرى ئىچىدە ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرى ئۈچۈن قاتتىق ئۆكۈندى ، ئازابلاندى. تۇرمۇشنى ئۆز خاھىشى بويۇنچە ئۆزگرتمەكچى بولغانلىقنىڭ بىر قورقۇنچلۇق چۈش ئىكەنلىكىنى ، ئەگەر ئەمىلىيەتتە راستىنلا ئۆزگەرتمەكچى بولسا ھەممىلا ئىشنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ ، ئۆزىگە جەبرى-جاپا تېپىۋالىدىغانلىقىنى ئاخىرى تۇنۇپ يەتكەن سەمەت، خوتۇن –باللىرىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ ، باغرىغا مەھكەم بېسىپ ، خوتۇنىغا خوتۇنچە ، باللىرىغا باللىچە مۇئامىلەپ قىلىپ ، مېھرى-ۋاپا يەتكۈزۈپ ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ ، مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەش قارارىغا كەلدى-دە، ئۆيىنى نىشانلاپ  قەدەملىرىنى يۆتكىدى. ئۇ ئۆيىگە يېقىنلاشقانچە يۈرىكى بۆلەكچىلا سوقۇشقا باشلىدى...

3

سائەتخان بارلىق خورلۇقلارغا چىداشلىق بىرىپ ، ئىرىنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىشىنى كۈتىۋاتاتتى. چۈنكى ئۇ ئىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى يېنىغا يېنىپ كېلىشىگە، باللىرىنى ئۆزى بىلەن دەرقەمتە بېقىشقا ئىشىنەتتى. ساجىدە ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ۋاپا قىلمايتى.ئۇ كۆڭلىنى پۈتۈنلەي قارىلىق قاپلاپ كەتكەن ئايال بولۇپ،قول ئىلكىدە بار ئەرلەرنى بىر ئاماللار بىلەن قارماققا ئىلىندۇراتتى –دە ، بىر مەزگىل ئاپاق-جاپاق بولغاندىن كېيىن ئەسلى مايىتىنى ، مۇداسىنى ئاشكارىلاشقا باشلايتى. ئۇنىڭغا يېقىنلاشقانلار ئاخىرى بېرىپ ئۇنىڭدىن يىراقلىشىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەيتى. بەزىللىرى ئۇنىڭغا بىر يۈرۈش ئۆي بېرىپ قۇتۇلسا ، بەزىللىرى نۇرغۇن پۇل بېرىپ ئاران قۇتۇلاتتى، يەنە بەزىللىرى بولسا سوتلىشىپ خەلق ئالەم ئالدىدا يەر بىلەن يەكسان بولاتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ  نۇرغۇنلىغان ئەرلەرنى يالىڭاچلاپ ،سويغان پىيازدەك قىلىپ قويغانتى. نۇرغۇن نەرسىسىدىن ئايرىلغان سەمەت سەھەردىكى قۇياش بىلەن تەڭ يىلى چىققان كامىردەك سولاشقىنىچە ، قولتۇق تايىقىغا تايىنىپ  دىڭگوسلاپ ماڭغىنىچە دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدى ، خىيالىدا گۈللەر پۈرەكلەپ ئېچىلىشقا ، بەرگىدە شەبنەملەر يالتىراشقا ، كېپىنەكلەر غۇنچىلارغا قونۇشقا باشلىدى. ئالتۇندەك يوپۇرماقلىرى پىچىرلاپ تۇرغان ياپيېشىل جىگدىلەر ، چەكسىز كەتكەن يايلاق ، قارغايلارغا كۆككە تاقاشقان تاغلار ، كىيىك ، توشقان ، بۆدۈنە ، بۇغا ، توشقان ، قىرغاۋۇللار...ئۇ پىسىڭڭىدە كۈلدى، پۇتىنىڭ ئاغرىقى ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنتى.

سەمەت يۈزىنى داپتەك قىلىپ ، ئۇچىسى تولىمۇ ئاۋارە ، رەپ-رەپ ھالدا بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە خوتۇن –باللىرىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. ئۇ ئۆزىنى خاتىرجەم كۆرسىتىشكە ھەرقانچە تىرىشسىمۇ ، كۆڭلىدىكى پاراكەندىچىلىكنى يوشۇرۇپ قالالمىغانتى، بىر-بىرىدىن زىددىيەتلىك ئوي-خىياللار ئۇنىڭغا ئارام بەرمەۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۆيدىكىلەرگە تىكىلىپ قارىلمايتى. قەلبىگە يوشۇرۇنغان ئامالسىزلىق ، خىجالەتچىلىكنى مىسكىن چىرايى ئاشكارىلاپ تۇراتتى.

- جېنىم خوتۇن  ، يۈرىكىمنىڭ پارىسى باللىرىم  مەن قارا يۈزنى كەچۈرۈڭلار ، مەن كەم ئەقىلنى نېمە قىلساڭلار قىلىڭلار ، مەن ئېزىپتىمەن . بۇ ئاي ، بۇ كۈنلەردە سىلەرگە قارىغۇدەك يۈزۈممۇ قالمىدى.

- ھەقىقەتتىن بۇرۇلۇپ كەتكەنلەرنىڭ ھالى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ ؟ ئۆيدىن چىقىپ كېتىڭ ، سىزگە بۇ يەردە ئورۇن يوق. سىزنى كۆرەرگە كۆزمۇ يوق.

سائەتخاننىڭ كۆزلىرىدىكى رەت قىلىش،ۋاقىتلىق دۇنياغا،ئويۇن- تاماشاغا بىرىلىپ كەتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەيرلىك بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن سەمەتنى تەمتىرىتىپ قويدى؛ ئۇ چۇڭقۇر ئۇھسىندى . تونۇش كۆزلەر ئۇنىڭغا شۇتاپتا يات ئادەمنىڭ كۆزلىرىدەك تۇيۇلۇپ كەتتى. قانداقلا بولمىسۇن سەمەتنىڭ يۈرىكى يېقىندىن بۇيان ئائىلىسى ئۈچۈنلا سوقۇۋاتاتتى.

- ئۇنداق دېمىگىن خوتۇن ، مەن بەك پۇشايمان قىلدىم.

-خوتۇن-باللىرى بىلەن كارى بولماي تاشلاپ قويۇپ،ئايلاپ– يىللاپ ئۆيگە كىرمەي سىرتلاردا يۈرۈش ئەھلى مۇسۇلماننىڭ ، مەيدىسىدە تۈكى بار ئەركەكنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس ، سىز بۇنى بىلدىڭىزمۇ؟-سەمەت بېشىنى تۆۋەن سالغانغىنىچە  خۇددى تىلى كېسىپ تاشلانغان ئادەمدەك بىزۇۋان تۇراتتى.- ئەمىلىيەتچىل ، ئائىلىگە ، خوتۇن-باللىرىغا سادىق، ئەقىدىسى ، ھېسسىياتى كۈچلۈك ، روھى پاك دادا مۇھەببەتلىك ، بەختىيار ئائىلىنىڭ ئاساسچىسى ئەمەسمىدى ، سىز نېمىشقا مۈشۇلارنى بىلمەيسىز دەيمەن؟.

ساجىدەنىڭ « قىيامەتنىڭ مۈشۈكىدەك كۆزۈڭنى يۇمىۋالماي ئۆينى بوشات  ! » دېگەن سۆزلىرى سائەتخاننىڭ قۇلاق تۈۋىدىن كەتمەي ، ئۇنى داۋاملىق ئازابلايتى، تەتۈر قىينايتى. ئۇ تۇيدۇرماستىن ئىرىگە زەن سالدى، ئۇنىڭ ئۇچىسى تولىمۇ ئاۋارە بولۇپ ، قولتۇق تايىقىغا تايىنىپ ،بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە  تۇراتتى. ساڭگىلىتىپ تۇرغان ئوڭ پۇتى بىرەر كېلىشمەسلىك تۈپەيلىدىن زىيانلانغاندەك قىلاتتى ، سائەتخان نېمە بولغانلىقىنى سورغىسى كەلگەن بولسىمۇ سورمىدى.

- تۆبە قىلدىم ، مىڭ پۇشايمان قىلدىم ، مېنى كەچۈرۈڭلار جېنىم خوتۇن – باللىرىم ، مانا سىلەرنى سېغىنىپ كەلدىمغۇ ، دەيمەن .

-سىز ئۆزىڭىزنىڭ ، مېنىڭ ، باللارنىڭ ھەم ئائىلىمىزنىڭ شەنىنى بۇلغىدىڭىز- ئۇنىڭ چىرايى بەكمۇ خاپىغان ، كۆڭلى بەكمۇ يېرىم ئىدى. ھەر ئىككىلىسى تەڭلە چۇڭقۇر بىر تىندى.

- مەن بۇنداق بولارنى بىلمەپتىمەن.

- ماۋۇ گەپنىڭ قاملاشمىغىنىنى .

- سېنىڭ ئالدىڭدا ئەمدى مەن نېمە گەپ قىلسام قاملاشمايدىغانلىقىنى بىلىمەن ، لېكىن نېمە بولىشىدىن قەتئى نەزەر سىللەردىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايمەن.

-بىلەمسىز ، بىر ئۆي قانچىلىك قان –تەر ، كۆز ياشلار  بىلەن  پۈتىدۇ؟ سىز مىڭ تەستە ئاران بەرپا قىلغان ئۆيىمىزنى سورىۋەتتىڭىز ئەمەسمۇ؟

-مەن قارا يۈز ، مەن تۇز كور ، مەن ئۆلەي ...

- موزاينىڭ يۈگۈرىشى ساماللىققىچە بولىدىكەن دېمەكچىمۇ ؟

- ئات ئايلىنىپ ئوقۇرنى تاپىدۇ ئەمەسمۇ جېنىم خوتۇن ؟

-ئۈستىبېشى مەينەتچىلىك بىلەن بۇلغىنىپ كەتكەن ئاتنىڭ ئوقۇرىنى تاپقىنىدىن تاپمىغىنى ياخشى. يېقىندىن بۇيان بىزگە كۆڭۈل ئاغرىقىدىن باشقا نېمە بەردىڭىز ، سىزنى كۆرەر كۆزۈمىز يوق ، چىقىپ كېتىڭ دېگەندىكىن چىقىپ كېتىڭ بۇ يەردە سەتلەشمەي.

- شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئىللىق ئائىلىمىزنى سوغاقچىلىققا تولدۇرۇپ،باللىرىمنى قان-قان يىغلىتىپ، سېنى قاڭقىر قاخشىتىپتىمەن ماڭا بىر قېتىم بۇرسەت بەرگىن،بالىلارنىڭ يۈزىنى قىلغىن،ئۇلار يىتىمچىلىك كوچىسىدا تەمتىرەپ،زارلىنىپ يۈرمىسۇن خوتۇن! مەن ھازىر بالىلار ھەم سەن يادىمغا كەلگەن ھامان كاللام پىررىدە قېيىپ ، قۇرۇقدىلىپ ، ئەنسىز بولۇپ قالىمەن.

-ئەجىبا بۇرۇن بۇلارنى ئويلىمىغانمىتىڭىز؟ بۇرنىڭىزغا سۇ كىرگەندە بۇنى تونۇپ يەتتىڭىزمۇ ؟ مەنمۇ سىزگە شۇنداق يېلىنغانغۇ؟ پۇت-قوللۇرۇڭىزغا ئېسىلىپ يالۋۇرغانغۇ؟ بالىلارنىڭ نالىسىگىمۇ قۇلاق سالمىغانتىڭىزغۇ؟...ئۇلار يولىڭىزنى توسىۋالسىمۇ ئىتتىرىۋىتىپ  ئۆيدىن چىقپ كەتكەنتىڭىزغۇ، ئۇ ۋاقىتتا بالىلارنى ئويلىمىغانمىتىڭىز ،  ئائىلىمىزنىڭ بەختىنى ۋەيران قىلىپ بولۇپ ئەمدى نېمىشقا كىردىڭىز؟ سىزنى كىم باشلاپ كىردى ، نۇمۇس قىلماي قانداق بوسۇغا ئاتلىدىڭىز؟ مېنىڭ خۇشاللىقىمنى ۋەيران قىلىپ بولغان تۇرۇپ ، مېنى يەنە قاندق قىيناي دەيسىز؟...

-بولدى خوتۇن ، بولدى... مېنى سېنىڭ ھەم بالىلارنىڭ مۇھەببىتى مەينەت يولدىن قايتۇرۇپ كەلدى. ئەمدى بىلدىم دادىنىڭ مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قالغان بالىلار روھى سۇنۇق ، قورقۇنچاق چوڭ بولغاندىن سىرت بالىلىقىغا قانالمايدىكەن ، بالىلىقىغا قانالمىغان بالىلار ساغلام چوڭ بولمايدىكەن ، خوتۇن . ئۆتكەن ئىش ئۆتۈپ كەتتى ، دۇنيادا ئازمايدىغان بەندە يوقكەن ، ئېزىپتىمەن ، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپتىمەن،بالىلارنىڭ دەرقەمتە باقايلى . گۇناھىمنى تونىدىم ،  ئەر-خوتۇنلار ئوتتىرىسىدا ساداقەتنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى ئەمدى بىلدىم. گۇناھلىرىمنى يۇيۇۋېلىشىم ئۈچۈن ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بەرگىن ... مېنى بۇنچە تەتۈر قىينىما ،ئۆتۈنۈپ قالاي!...

-ئەر دېگەن خوتۇن- بالىلارنىڭ كۈندۈزدىكى ئاپتىپى ، كېچىدىكى چىرىقى!. كۈندۈزدىكى ئاپتىپى ، كېچىدىكى چىرىقىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنىڭ دەردىنى سىز بىر ئۆمۈر چۈشەنمەيسىز. ئۇلارنىڭ قانداق قىسمەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتەلمەيسىز.

-ئادەمنى خىجالەتچىلىكتىن ئۆلتۈرىدىغان بولدىڭغۇ؟- سەمەت تىكەننىڭ ئۈستىدە يالاڭئاياق مېڭىۋاتقاندەك ئازابلىنىشقا باشلىدى.نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئارزۇ-ئارمان ، ئوتلۇق تىلەكلىرىنىڭ ، قەدىر-قىممىتىنىڭ ساجىدە بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ خانۇ-ۋەيران بولۇپ، قومۇش پۈپۈكىدەك توزۇپ كەتكەنلىكىنى ئويلاپ ئوت ئۈستىدىكى قىلدەك تولغىنىپ كەتتى. ئۇ شۇ تاپتا مېھرى-مۇھەببەت ، كۆيۈنىشكە تولىمۇ مۇھتاج ئىدى.دىلىغا ئازارلىق يەتكەن ، كۆڭلى كۆڭۈلدىن سۇ ئىچمىگەن خوتۇن-باللىرى ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسىتەرمۇ؟... ئۆزلىرىنى ھەم بىر ئوبدان مۇھەببەتلىك ، ئىللىق ئائىلىنى سورۇقچىلىققا سالغان ئادەمگە بۇرۇنقىدەك سۈيۈنىش ، ئىپتىخار بىلەن قايلارمۇ ؟!...

- مېنى بۇنچە تەتۈر قىينىما خوتۇن ...

-كىمنى-كىم تەتۈر قىيناۋاتىدۇ؟

-مەن... كەچۈر دېدىمغۇ؟

-كەچۈر دېسىلا ھەممىسى تۈگەمدىكەن ؟ بىر كەچۈر بىلەنلا يۈرەكنىڭ يارىسىنى ساقايتقىنى؛ دەز كەتكەن كۆڭۈلنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولامدۇ؟- سائەتخاننىڭ كۆزلىرىدىن قۇيىلىۋاتقان ياشلار ئۇنىڭ  نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان تارتقان ، ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە گۇۋاھ ئىدى.- سىز ئاشۇ پاسكىنا بۇزۇق بىلەن بىللە بولغان چاغلىرىڭىزدا بىزنى ئويلاپ قويغان چېغىڭىز بارمۇ زادى؟- ئۇ ئىسەدەشلىرىنى زادىلا باسالمىدى.

-ئەمىسە قانداق قىلسام بولىدۇ؟...-سائەتخاننىڭ كۆزلىرىدىن چاقناۋاتقان ئۇچقۇنغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن سەمەت گېپىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى.

- قانداق قىلىشىڭىزنى مەن نەدىن بىلەي ، يا مەن سىزنى تاپتىن چىقارغان بولمىسام. يات جىنىسلىقلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا ئىلىمان مۇناسىۋەتتە بولىسا كۈتۈلمىگەن ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىنى بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەن ، يات جىنىسلىقلارنى كۆرسە ئۆچكە يېغىدىن ئىرىپ كېتىدىغان سىزدەك ئەرنى...

- مەن ساڭا ئىشىنىپ ئالدىڭغا كەلسەم ، ماڭا بەرگەن جاۋابىڭ مۇشۇمۇ؟ مېنىڭ يۈزۈمنى قىلمىساڭمۇ ، بالىلارنىڭ يۈزىنى قىل !...-كۆزلىرى خوتۇنىنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان سەمەت گېپىنىڭ داۋامىنى تاپالماي ، لەۋلىرىنى ئۆمەللىگىنىچە بىردەم تورۇسقا ، بىردەم ئۆينىڭ بۇلىڭىغا قارىغان بولۇپ  بىر ھازا تۇرىۋالدى .گېلىنى قىرىپ قەستەنگە بىر نەچچە قېتىم كالتە ھۆتەلگەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى؛  -ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇش ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلسا، ئۇلىنىڭ مۇستەھكەم بولىدىغانلىقىنى ئەمدى بىلدىم خوتۇن !

- سىز بالىلارنىڭ يۈزىنى قانچىلىك قىلغان ؟ ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ سىزگە قاتتىق ئىشەنگەن. سىزگە شۇنداق دەپ يالۋۇرغان ، ئەي ئىسىت ، ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتمىدى .باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويۇشنىڭ پەسكەشلىك بولىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسىڭىز ئائىلىمىز بۈگۈنكىدەك خانۇ-ۋەيران بولمايتى، باللىرىمىز بويۇن قىسىپ يولغا تەلمۈرمەيتى.-سائەتخاننىڭ ئەلپازىغا قاراپ سەمەتنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن سېغىنىش سۆزلىرى تىلىغا كەلمەي قالدى. چوڭلارنىڭ  سالامەتلىك ئەھۋالىنى ، بالىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالىنى سوراشقا تەمشىلگەن تىلى تۇۋاقلىنىپلا قالدى.-قاغا بىلەن دوستلاشساڭ يىشىڭ پوق دېگەن مانا مۇشۇ-دە. سىزنى نەچچە قېتىم ئەسقەر بىلەن تولا باردى قىلماڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ دېسەم ئۇنىمىدىڭىز مانا ئەمدى خوپ بولىدىمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن ئارلاشمىغان بولسىڭىز بۇنىڭ بىلەن تېپىشىپ قالمايتىڭىز.

-خاتالاشقانلارنىڭ خاتالىقىنى تونۇشى ئۈچۈن ئۇنى رىياللىققا بوي سۇندۇرۇش كېرەك. ئۆتۈنەي سەن ماڭا بىر پۇرسەت بەر . بۇ دۇنيادا ئادەم كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئىشلار ھامان يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن. بۇنىڭغا نېمە ئامال دەيسەن ؟ . ئىرى ھەم بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان ئايالنىڭ ئەڭ مېھرىبان ، كۆيۈمچان ئايال ئىكەنلىكىنى كېچىكىپ بولسىمۇ تونۇپ يەتتىم.

-شىرىن-شىكەر سۆزلىرىڭىز بىلەن مېنى ئالدىماقچىمۇ ئاخىر؟

- مەن كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ بىر يىلاننى قوينۇمغا ساپتىمەن ، سەندىن ئۆتۈنەي ، ئائىلىمىزنىڭ سائادىتى گۇمران بولمىسۇن  ، جېنىم خوتۇن .

- سىز ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكىنى ، بالىلارنىڭ بەختىنى ئويلىغان بولسىڭىز سىرتلاردا پاسكىنىچىلىق قىلىپ يۈرمەيتىڭىز، قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىڭىزدىن نۇمۇس قىلغان بولاتتىڭىز.

- راستىنلا ماڭا ئىشەنگىن ، بۇرنۇمغا سۇ كىردى ، خاتالىقىمنى تونۇدىم. ھەممىنى باشقىدىن باشلايلى. ئائىلىگە  ، سىللەرگە  ئاخىرىغىچە مەسئۇل بولۇپ ، مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيەتلىرىمنى تولۇق ئادا قىلىشىمغا پۈرسەت بەرگىن ، مەن شۇنداق قىلالىساملا ئاندىن بىر ھەقىقى ئەر بولالايدىكەنمەن ؛ ھەر ئىككىلىمىز بۇ ئازابلىق تۇرمۇشنى ئۇنتۇپ كېتەيلى ، قايغۇ-ھەسرەتتىن قۇتۇلايلى. ئۆتكەن ئىشلارنى بىر چۈش دەپ بىلەيلى .

- نېمە ، نېمە ماڭا ھېكايە ئۇقۇپ بەرمەۋاتقانسىز؟ نەچچە يىلدىن بىرى كوچىدا يۈرگەن بىر مەينەتنىڭ كەينىدىن كۇسۇككا چۈشكەن قانجۇقتەك سوكۇلداپ ، ئۆيگە كىرمەي سەتلىشىپ يۈرۈپ ، ئۆزىڭىزنىڭ يۈزىنى تۆكۈۋالغىنىڭىز يەتمەيدىغاندەك بىر ئائىلىنى....- سائەتخاننىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ تۆكۈلىۋاتقان ياشلارنى كۆرۈپ سەمەت يۈرىكىگە بىرى تۇيۇقسىز بىگىز سانجىۋەتكەندەك ئازابلىنىپ ، تولغىنىپ كەتتى.

- بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ئازابلىق تۇرمۇش مېنىڭ بىر قىسمىمغا ئايلىنىپ ، يۈرىكىمنى يارا قىلىۋەتكەن تۇرسا ،مەن قانداقمۇ ئۇنتۇپ كېتەي؟.

-مەن قىلغانلىرىم ئۈچۈن قاتتىق پۇشايمان قىلدىم. سەن ئەسلىدە مېنىڭ ھەم ئائىلىمىزنىڭ بەختى ئىكەنسەن ، بۇنى نېمىشقا بۇرۇن ھىس قىلمىغان بولغىتىم دەيمەن؟ قەلب ياراڭنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن.

- بۇنداق ياغلىما گەپلىرىڭىز بىلەن مېنى ئالدىيالمايسىز ، مەن ھازىر بۇرۇنقى سائەتخان ئەمەس ، بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغاق ئۆتكەن ، تۇرمۇشنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرى تاۋلىغان بىر ئايال .

- توغرا دەيسەن ، سەن مەسئۇلىيەت – مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇنۇتۇپ قالمىغان ، كۆڭلى –كۆكسى كەڭرى ، مېھرى-مۇھەببىتى دەريادەك بىر كۆيۈمچان ئانا! باللىرىمنىڭ يۆلەنگەن تېغى !

-بولدى تولا ياسالمىلىق قىلماي ، چىقىپ كېتىڭ  ، سىزگە بۇيەردە ئورۇن يوق.

- ئۆتۈنۈپ قالاي خوتۇن ، مېنى چۈشەنگىن .

-سىزنى قانداق چۈشىنىمەن ، يۈرىكىمنى يارا قىلىپ ، خاتىرجەم تۇرمۇشۇمغا دەز كەتكۈزىۋەتكەن تۇرسىڭىز.- سائەتخان شۇنداق دېگىنىچە غەزەپ بىلەن ئېرىگە قارىدى.

-سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي ،  ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى يۇيىشىمغا پۇرسەت بەرگىن ، خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەرگە ، خاتالىقىنى تۈزىتىۋېلىشىغا پۇرسەت بىرىشنى ئەقىللىق كىشلەرلا قىلالايدۇ ،جېنىم خوتۇن !... سەن چوقۇم شۇنداق قىلالايسەن. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە سېنىڭ دىلىڭنى ئاغرىتسام نامەردلەرنىڭ نامەردتى بولۇپ كېتەي.- سەمەت بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئېغىر بىر ئۇھ تارتىۋېلىپ يەنە سۆزلەشكە باشلىدى .-بىز بالىلارغا نۇرلۇق يۇلتۇزدەك ، ئوتلۇق قۇياشتەك بىر ئۆمۈر قەلبىدىن كەتمەيدىغان تەسىر بېرەلەيدىغان ئاتا-ئانىلاردىن بولىشىمىز كېرەك.

- ماناشىلى ، يولۋاس مۈشۈككە ئايلىنىپ قالغاندەكلا بىر ئىش بولىۋاتىدىغۇ بۇ يەردە؟  جاھان  ئاستۈن - ئۈستۈن بولۇپ كەتمىگەندۇ ، مەن بىلەلمەي؟ .مېنى پاراكەندە قىلمىسىڭىز ئارام تاپمامسىز زادى؟.- سائەتخان پىسىڭدە كۈلۈپ تاشلىدى . لېكىن ئۇ كۈلىۋاتقاندەك قىلسىمۇ چىرايىدىن قاتتىق ئازابلىنىۋاتقانلىقى، يۈرىكىنىڭ بۇقۇلداپ يىغلاۋاتقانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. سائەتخان بىر چەتتە خىجالەتچىلىك ئىچىدە ئۆزلىرىگە قاراپ تۇرغان باللىرىغا قاراپ ، بېشىنى يىنىكنە لىڭشىتىپ ، ئوڭ كۆزىنى قىسىپ قويدى. لېكىن ئۇنىڭ قاراشلىرىدا چەكسىز بىر ئۈمىدسىزلىك بارتى.

- دادام ئۆيگە قايىتىپ كەلدى ، ئەجەپ ئوبدان بولدى.

- جېنىم دادا  ! سىزنى بەك كۆرگىمىز كېلىپ كەتكەن.

- دادا قايتىپ كەلگىنىڭىز بەك ياخشى بولدى.

- بىز سىزگە ئىشىنەتتۇق ، چوقۇم يېنىمىزغا قايىتىپ كېلەتتىڭىز.

- بىر ئائىلە كىشلىرى ئاخىرى جەم بولىدىغان بولدۇق.

ئۇنىڭ ھەسرەتتىن نېرى بولالمىغان چىرايىدا سۇس كۈلكە پەيدا بولدى ئەمما ،  كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلەتتى. ئۇ خوتۇن-باللىرىغا نېمىمۇ دېيېشنى بىلەلمەي قالغانتى. نەچچە قېتىم گەپ قىلىشقا تەمشىلگەن بولسىمۇ تىلى تامغىقىغا چاپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ گەپ قالالمىدى-دە، ئۈچ بالىسىنى بويۇنلىرىدىن قۇچاقلاپ باغرىغا باستى، مەڭزىنى ئۇلارنىڭ مەڭزىگە ياقتى ، توخىماي تۆكۈلىۋاتقان كۆز ياشلار بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كەتتى. ئارىدىكى مىشلداش ، ئېسەدەشلەر خېلى بىرۋاقلارغىچە داۋاملاشتى. كۆزلەردىن تۆۈلىۋاتقان ياشلار ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس...

4

تۈن تەڭلەشكەن چاغ.

-كوچىدا بىز توغرۇلۇق ھەر خىل  گەپ-سۆزلەر بەك ئاۋۇپ كېتىپتۇ ، مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ نۇمۇس قىلدىم. ھايات ئىسراپچىلىقى قىلىپ كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ تولىمۇ ھاماقەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. « بۇرۇن قىلىپ قويغان يامان ئىشلىرىمنى يوققا چىقىرىپ ، قىلغان ياخشى ئىشلىرىمغا ساۋان بەرگىن ،  مېنىڭ ئېزىپ كەتمەسلىكىم ، ئازدۇرۇپ كەتمەسلىكىم ، ئۈچۈن مېنى ھېدايىتىڭنىڭ سايىسى ئاستىدا قىلغىن ! » دەپ خۇدادىن قايتا-قايتا ئۆتۈندىم.

-  مەن شۇتاپتا چۇش كۆرمەۋاتقاندىمەن – سائەتخان شۇنداق دېگىنىچە ئىككى مەڭزىنى چىمدىپ ، ئوڭ قولىنىڭ بىگىز بارمىقىنى چىشلەپ باقتى.-خۇداغا مىڭ شۈكرى ، چۈش كۆرمەۋېتىپتىمەن. ھەر قانداق غەيۋەتلەرگە پەرۋايىم پەلەك ، قورسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا تاۋۇز يىشتىن قورقىما دەپتىكەن ، سىز ئاخىرى يېنىمىزغا قايىتىپ كەلدىڭىز ، بالىلار ئەمدى ئورتاق ئەرنىڭ باللىرى بولمايدىغان بولدى.  سىزمۇ ئورتاق ئەر بولمايسىز ، يۈزى قېلىنلار مەندىن ئەر تالىشالمايدۇ . بۇنىڭدىن كېيىن بىر-بىرىمىزگە ۋاپادار بولۇپ ، قارا ساناشماي ، ئوماقلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىر ياقىدىن باش ، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەخلاقىي-پەزىلەت ، ئۆرپى-ئادەتلەرنى قەدىرلەپ  تۇرمۇشنىڭ جاپا-مۇشەققىتىنى بىرلىكتە يېڭىيلى ،    ئۆتكەنگە سالىۋات !.- بۇ سۆزلەر سائەتخاننىڭ ئاغزىدىن شۇنچە ئەركىن ، شۇنچە تەبئي ، شۇنچە يېقىملىق چىقتى. سەمەتنىڭ يۈرىكى شۇررىدە ئېرىپ كەتكەندەك بولۇپ ، تىلى گەپكە كەلمەي قالدى . لېكىن  ئۇنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇپ ، چۇڭقۇر مېرى بىلەن  ئالدىغا تارتتى . چوغدەك تىنىقلار بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كەتتى... سەمەت پۇشايمان ئوتىدا قىلدەك تولغاندى. ئۇ خوتۇنىنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە ئىچ-ئىچىدىن بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ شۇ تاپتا توغرا يولدىن ئېزىپ كەتمەيدىغانلارنىڭ ھەقىقىتەنمۇ توغرا ياشايدىغانلىقىنى ، توغرا ئىش قىلىدىغانلىقىنى ، ھالاللىقتا تۈگىمەس بەرىكەتلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنتى.

- بولدى ، ئادەمنى نۇمۇس قىلدۇرمىڭە ،  ئەركىشىنىڭ يىغلىغىنى نەدە بار ؟ - سائەتخان شۇنداق دېگىنىچە ئالقانلىرى بىلەن ئۇنىڭ تاراملاپ تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتىشكە باشلىدى ۋە قۇلىقىغا لەۋلىرىنى تەككۈزۈپ تۇرۇپ پىچىرلىدى:

- مەسئۇلىيەتچان ئايال كىشى ئۈچۈن ئەردىنمۇ مۇھىم نەرسە يوق ، مال-دۇنيامۇ بەرىبىر. ئەرسىز ئۆينىڭ ھاياتلىق دۇنياسىدىكى دوزاق ئىكەنلىكىنى خوتۇن كىشىلەر بېشىغا كەلمىگۈچە بىلمەيدىكەن. ئاللاھقا مىڭلارچە ھەمدۇسانا ! بىز قاباھەتلىك بىر چۈشنى كۆرىۋىتىپ ئويغىنىپ كەتتۇق. بىزدە ساداقەتمەنلىكتىن ئىبارەت بىر ئورتاقلىق بولسىلا شەيتانلارنىڭ بوۋىسى ئىبلىسمۇ ئېزىقتۇرالمايدۇ. - ئۇ شۇتاپتا  ئازاب بىلەن  مىڭ تولغىنىپ تۈننى تاڭغا ئۇلىغان ،  كۈندۈزلەرنى چىشىنى چىشىغا چىشلەپ ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان چاغلىرىنى  ئۇنتۇپ كەتكەن بولۇپ ، يۈرىكىگە زىخ سانجىپ ، كۆڭلىگە قاتتىق ئازار بېرىپ ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىپ يۈرگەن ئېرىنىڭ بوينىغا مەھكەم گېرە سېلىۋالغانتى...! تۇرمۇش دېگەن مانا مۇشۇنداق  مۇرەككەپ ، ئازابلىق ، ھەسرەتلىك ، ھايات دېگەن مانا مۇشۇنداق  قىززىق ، شىرىن ھەم تاتلىق. مەيلى ئەر بولسۇن ، ياكى ئايال بولسۇن  بىر-بىرىگە قارا ساناشماي ، بىر-بىرىنى ھۆل قىشقا دەسسىتىشمەي ؛ ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە سادىق بولۇپ ، ئائىلىسىگە ، باللىرىغا چوغدەك مېھرىنى بېرىپ ، ئوتلۇق سۆيگۈ ئاتا قىلالىسىلا كۈتكىنىدىنمۇ ئارتۇق بەختكە ، خوشاللىققا ، خاتىرجەملىككە ئېرىشىدۇ؛ دۈشمەنلىرى ئالدىدا تىلى تۇتۇق ، ياغلىق قاپاق بولمايدۇ ، بېشىنى تىك تۇتۇپ مەغرۇر يۈرەلەيدۇ. تەتۈرىسىچە بولىدىكەن ھامان خانۇ-ۋەيرانچىلىق ئىچىدە دات-پەريات چېكىدۇ ، بۇنداق چاغدا مىڭ پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ.

- ئۆزۈڭىزنى ھەم سىزنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدىغانلارنى قىيناپ قانچىلىك نەپكە ئىرىشكەنسىز؟

-...

- تۈكى يوق ئىشلارنى باھانە قىلىپ ، سىرتلاردا قونۇپ يۈرمەسسىز يەنە؟-سائەتخان شۇنداق دەۋاتقاندا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئەتراپقا كۈندەشلىكنىڭ چوغلىرى چاچراپ كەتتى. لېكىن بۇنى سەمەت كۆرەلمىدى.

- خۇدايا توۋا دېگىنە خوتۇن ، بىلىسەنغۇ ،  ئىشەكمۇ پۈتى كىرىپ كەتكەن كۆۋرۈكتىن قايتا ئۆتمەيدۇ ئەمەسمۇ؟...- سادىق شۇنداق-دە، تۈنجى قېتىم خۇددى قوقاستا ئولتۇرۇپ سالغاندەك ئازابلىنىشقا باشلىدى.

- خاتا بېسىلغان قەدەمنىڭ ئادەمنى ئۆمۈر بويى پۇشايماندا قويۇدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىسىڭىزلا بولاتتىغۇ ، ئاخىر ؟- سەن تېخىچىلا ماڭا ئىشىنەلمەۋاتىسەن ، شۇنداقمۇ ؟

- كوچىدا ئۇچراپ قالغان بىر بۇزۇقنى دەپ خوتۇن ، باللىرىنى تاشلىۋېتىپ ،ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئادەمگە قانداقمۇ ئىشەنگىنى بولسۇن؟

-قاراپ تۇر قايتا سېنىڭ ئىشەنچىڭگە ئىرىشمەيدىغان بولسام ...

- بولدى ، بولدى قەسەم ئىچىدىغاندەك تۇرىسىز ، بۇنداق قىلىش ياخشى ئەمەس ، نىيىتىڭىزدىن يېنىڭ.

--ئۇنداق بولسا ماڭا چوقۇم ئىشەنگىن !

-  جاھاننىڭ مىرادى ئۇزۇن كۆرىرىشىمىزغۇ ئۆلمىسەك قېنى.

- ماۋۇ گېپىڭ مېنى خوش قىلىۋەتتى ، ئۈمىد بېغىشلىدى.

-تايىقىڭىز كەم قالدىغۇ سىزنىڭ .

- نېمە تاياق ؟

- بىزنىڭ ئۆرپى-ئادىتىمىزدە خوتۇنى تۇرۇپ باشقا ئايال بىلەن زىنا قىلغان ئەرنى يۈز دەرە ئۇرىدۇ ... ھەم يەنە چالما-كېسەك قىلىپ... بەكمۇ نۇمۇسىزلىق ھېسابلىنىدۇ .

- ئەمدى سەن گەپ بىلەن جېنىمنى ئالىدىغان بولدىڭغۇ ؟...- سەمەتنىڭ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولغانتى. نۇمۇس كۈچىدىن چىقىپ كېتەي دېسە ئاسمان يىراق ، كىرىپ كېتەي دېسە يەر قاتتىق كېلىۋاتاتتى. ئۇ تولىمۇ ئازابلانغان ھالدا ساجىدەنىڭ كۆزلىرىگە قارىدى، قوللىرىنى بوينىدىن ئۆتكۈزدى،شۇئانلا ساجىدەنىڭ يۈرىكى شۇررىدە ئېرىدى . بۇ چاغدا ھەر ئىككىلىسىنىڭ قەلبىگە پاتمىغان يالقۇن كەبى ئەسەبى ئىستەك كۆزلىرىدىن ئۇقچۇپ چىقىپ ، يۈرەكلىرى رىتىمسىز سوقۇپ كەتتى.

- نېمىلا بولسۇن قايتىپ كەلگىنىڭزدىن مەن بەك خوشال ، مەن سىزنى ئۇزۇن كۈنلەر بەكمۇ ئۇزۇن كۈنلەر كۈتتۈم...بالىلارچۇ ؟ ئۇلار يولۇڭىزغا مەندىنمۇ بىئالا تەشنا بولۇپ كەتتى. بىچارە باللىرىممۇ سىزنى بەك ئۇزۇن ساقلاپ كەتتى. ھەر قېتىم ئۇلارغا « ئىشىك ئالدىدا نېمىشقا بۇنچە ئۇزۇن تۇرىسىلەر؟ » دېسەم ، ئۇلار مەسلەھەتلىشىۋالغاندەكلا « دادامنى ساقلاۋاتىمىز. » دەپ تەڭلا جاۋاب بېرىشەتتى . بۇنداق چاغدا مېنىڭ قانچىلىك ئازابلانغانلىقىمنى سىز بىلمەيسىز...راستنى دېسەم مېنىڭ سىزنى ئويلىمىغان بىرمۇ كۈنۈم يوق... خۇداغا مىڭ شۈكرى ! ئاخىرى سىز قايتىپ كەلدىڭىز. سىز بەك تەلەيلىككەنسىز، نۇرغۇن نەرسىللىرىڭىزدىن ئايرىلغان بولسىڭىزمۇ ، باشقىلارغا ئوخشاش ساراڭ بولۇپ كوچىغا چىقىپ كەتمىدىڭىز ، يا ئۇنداق، يا مۇنداق ھادىسىلەرگە ئوچراپ مېيىپ بولۇپ قالمىدىڭىز ،جېنىڭىزدىن ئايرىلمىدىڭىز...بالىلار سىزنى كەچۈرىۋىتىدۇ .  ئاتىسىغا ئاداۋەت ساقلايدىغان بالىلار نېمىش قىلسۇن ؟ بالىلارنىڭ رايىغا بارمايدىغان ئانا نېمىش قىلسۇن؟!...

- بولدى قىلە باللىرىمنىڭ تاتلىق  ئانىسى ! سەندىن خوش بولاي جېنىم خوتۇن ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكەن ئىشلارنى قايتا يۈزۈمگە سالمىغىن ، ئۇ بىر قاباھەتلىك چۈش ، مەن ئويغاندىم ، ئويغنىپ كەتتىم . قاراپ تۇر ، سۈپەتلىك ھەم لاياقەتلىك ياشاپ ، سەن بىلەن بالىلارغا قىلغانلىرىمنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ ، بۇنىڭ ئىلگىرىسىدە بېرەلمىگەن گۈزەل ۋە قىممەتلىك نەرسىلەرنى بېرىمەن. مەن سېنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ياخشى كۆرۈپ قالدىم.-سەمەت شۇنداق دەۋاتقاندا كۆڭلى قاتتىق يېرىم بولدى ، كۆزلىرى لىققىدە پۇشايمان ياشلىرىغا تولدى. ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلاپ چىدىغۇسىز ئازابلاندى. ئۇنىڭ قەلبىدىكى مەينەتچىلىك تاراملاپ تۆكۈلىۋاتقان كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيۇلۇپ چىقىپ كەتمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ « بولدى قىلە باللىرىمنىڭ تاتلىق  ئانىسى ! » دېگەن چاغدىكى ئاۋازى تولىمۇ مۇڭلۇق ، ھەسرەتلىك ، قايغۇلۇق ، ئارمانلىق ، نادامەتلىك ھەم ئادەمنىڭ ئىچىنى سىرىلدۇرغىدەك ئازابلىق بولۇپ ئادەمنىڭ يۈرەكلىرىنى ئىزەتتى.

- ئا ، ئادەمنى تولا ئالدىمىڭە ، مەن كىچىك بالا ئەمەس.

- سەن ھەر نېمە دېيىشكە ھەقلىق ، سېنىڭ ئالدىڭدا ياغلىق قاپاق بولدۇم. گۈل دېگەن مۇھەببەت ئۈچۈن ئېچىلىپ ، مۇھەببەت ئۈچۈن توزۇيدىكەن شۇڭا شۇڭا ئۇنى ھەممە قەدىرلەيدىكەن ھويلا-ئاراملىرىغا تېرىپ  پەرۋىشلەيدىكەن ، ئۆيلىرىدە كۆڭۈل قويۇپ باقىدىكەن ئەمسمۇ ، مەن بۇنى تولىمۇ كېچىكىپ چۈشۈنىپتىمەن  ھەي ئىست ! ۋاي ئېسىت ! !...

- سىز ئەزەلدىنلا ھارامزەدىلىكنى بەك قاملاشتۇرىسىز جۇمۇ؟

-مەن تونۇپ يەتتىم ، ئەقلى ئويغاق ، نىيىتى دۇرۇس ، لەۋزى ھالال ، قەلبى مېھرى-مۇھەببەتكە تولغان ، ئۆز ئائىلىسىنى جان تىكىپ قوغدايدىغان ئەركەك ، شەرم-ھايالىق ، مېھرى ۋاپالىق ، پەزىلەتلىك ، قانائەتچان خوتۇن بىلەن ئائىلىنىڭ ئىللىق بولىدىغانلىقىنى. مەن خوتۇنۇمنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتىمەن.

- مەنمۇ ، نەچچە قېتىم بۇرنى قاناپ ، ئاخىرى ئۆيگە قايىتىپ كەلگەن ئېرىمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتىمەن.

سائەتخان ئۆزىمۇ بىلەلمەي ئېرىگە تۈنجى تۇنۇشقان چاغدىكىدەك شۇنداق بىر تاتلىق تەبەسسۇم قىلدۇكى ، ئۆي ئىچى شۇئان يورۇپ كەتكەندەك بولۇپ ، كۆڭۈللەردىكى غەشلىك ئالىقاياقلارغىدۇر غايىپ بولدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئادەمنىڭ يۈرىكىنى چەكسىز ھاياجانغا سالىدىغان ئىللىق نۇر چاقناۋاتاتتى.

-بىر ئائىلە كىشلىرى جەم بولۇپ ياشىغاندىكى بەختىيارلىققا، خاتىرجەملىككە نېمە يېتەتتى.

قاراڭغۇ ئۆڭكۈردىن نۇرلار چاراقلاپ تۇرغان چەكسىزلىككە چىقىپ قالغاندەك بىر تۇيغۇ ئۇلارنى ئىچ-ئىچىدىن سۆيىندۈرىۋەتتى .قەلبىدىكى ئۇزاقتىن بىرى تاقىلىپ قالغان ئىشىكلەر بىر-بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ كەتتى، ئەمدى بۇ ئىشىكلەرنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنى ئۇلار ھەرگىزمۇ خالىمايتى...سائەتخان ئىرىگە :« راستنى دېسەم سىز ئالداپ كېتىلگەن تولىمۇ بىچارە ، ئىرادىسى ئاجىز  بىر ئەر ئىدىڭىز ، ئاخىرى قايىتىپ كەلدىڭىز ، ئەمدى ئائىلىمىز ئايرىلىپ قالغان پۈتۈنلىكىنى تېپىۋالىدىغان بولدى .» دېمەكچى بولدىيۇ ئۇنى داۋاملىق تەڭقىسلىقتا قويۇشنى خالىماي ،دېمەكچى بولغانلىرىنى ئىچىگە يۈتىۋەتتى.

- پۇتىڭىزنى يەنە ئاغرىتىۋالماڭ !

- ئېسىمگە سېلىپ قويغىنىڭغا رەخمەت .

- ئاخىرى قايىتىپ كەلدىڭىز ! ھەممىگە قادىر خۇداغا مىڭ، مىڭ شۈكرى!!...- سائەتخان شۇنداق دېگىنىچە ئېرىنىڭ كۆزىلىرىگە ئىچ ئاغرىتىش بىلەن قارىدى.  ئۆي ئىچى قاراڭغۇ بولسىمۇ سەمەت ئالاقىزادە بولۇپ كۆزلىرىنى ئېلىپ قاچتى. مۇنىكى بارنىڭ خۇدىكى بار دېگەن مانا مۇشۇ –دە؟!.

سائەتخاننىڭ گەپلىرىدىن شۇتاپتا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر تۈرلۈك ھوزۇرلىنىش ئىچىدە ھاياجانلىنىۋاتقىنى چىقىپ تۇراتتى. ئۆتۈپ كەتكەن بىر نەچچە يىلدىن بىرى پەقەتلا ھىس قىلىپ باقمىغان بىر خىل خوشاللىق تۇيغۇسى ئۇنىڭ پۈتۈن جىسمىغا يامرىغانىدى. ئۇ ئىرىگە شۇنداق بىر خىل تۇيغۇدا يېقىنلاشتى ، بۇ يېقىنلىشىشتىن سەمەتنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىغا گۈررىدە ئوت تۇتاشتى. يۈرىكىدىكى قايغۇ-ھەسرەت ئورنىنى چەكسىز بىر خوشاللىق ، خاتىرجەملىك ئىگىلىۋالغانتى. ئۆزىنى تولىمۇ تەلەيلىك ھىس قىلىۋاتاتتى.سەمەت خوتۇنى باغرىغا مەھكەم باسقىنىچە كۈلدى . ئۇنىڭ كۈلكىسىدە يالۋۇرۇش ، كەچۈرۈم سوراش، دېلىغۇللۇق ، خىجىللىق ، ئوڭايسىزلىق بار ئىدى. سائەتخانمۇ ئىرىگە قاراپ كۈلدى . ئۇنىڭ كۈلكىسىدىن ئارسالدىلىق ، سېغىنىش ، غالىپلىق ، رازىمەنلىك تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئەمما كۆڭۈللىرىدە نېمە بار بىر ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ.دۇنيا ئۇلارغا بۇرۇنقىدىنمۇ گۈزەل ، يېقىملىق تۇيۇلۇشقا باشلىدى.

بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كەتكەن ئىككى يۈرەك توختىماي شىۋىرلىشاتتى. نەچچە ۋاقىتتىن بىرى سېغىنغان ئائىلە ئىللىقلىقى ئۇلارغا چەكسىز بەختىيارلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلغانتى. سائەتخاننىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئازابتىن پۇچۇلىنىپ كەلگەن يۈرىكى شۇررىدە ئىرىشكە باشلىدى. شۇنداق، ئائىلىدىن ئالغام مېھرى-مۇھەببەت ھەر قانداق مېھرى-مۇھەببەتتىن ئۈستۈن ، ساپ ، غەرەزسىز بولىدۇ.

- ھەي ي ي ! رەزىللىككە تولغان مېھىرلىك دۇنيا !!...- ئەرـ خوتۇن  ئالدىن كېلىشىۋالغاندەك تەڭلا شۇنداق دېدى-دە، بىر-بىرىگە قارىشىپ تەڭلا كۈلۈشتى. سائەتخان ئاللاھنىڭ ئۆزىگە قىلغان شاپائىتىدىن بەكمۇ خوشال بولدى. ئۆزىنى تولىمۇ بەخت-سائادەتلىك ھىس قىلىشقا باشلىدى. ئۇ بولۇپ ئۆتكەم كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلاتتى.

- ئەدەپ -ئەخلاق، شەرمى- ھايا، ئىپپەت -نۇمۇس، ۋىجدان - غورۇرنى، بىر-بىرىمىزگە بولغان مىھىر-مۇھەبىتمىزنى ئەمدى بىزدىن يىراق قىلمىغىن  ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئاللاھ !- سائەتخان  پىچىرلىدى. سەمەت ئۇنى باغرىغا تېخىمۇ مەھكەم باستى.

ىرىدىن شىرىن ، تاتلىق كۈلكە ئاۋازى يانتۇ ئېچىلغان دەرىزە يوچۇقلىرىدىن ئۇچۇپ چىقىپ، چەكسىز بوشلۇقنى كۈندۈزدەك يورۇتىپ تۇرغان تۇلۇنئاينىڭ نۇرلىرى بىلەن مەھكەم قۇچاقلاشتى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-28 12:10 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24430
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5880
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 1047 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 10:16:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز  ..جەمىيىتىمىزدە  ھازىرمۇ  بارغۇ  بۇنداق  ئىشلار،، خۇدا  ساقلىسۇن

ئادەم چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈملۈك بولمايدۇ، بەلكى سۆيۈملۈك بولغاچقا چىرايلىق بۇلىدۇ.سۆيۈملۈك بولۇش ئۈچۈن  بىرلا يول بار ،ئۇ بولسىمۇ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش.باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۇنچىۋالا ئۇڭاي ئەمەس ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105031
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 304
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 11:18:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر   دىگەننى  مۇشۇنداق  بىر  يازغانچە  ھەممىنى  يېزىپ  يۇللىۋەتسە   بىزمۇ  باشتىن   -

ئاخىر  بىر  يۇلى  ئۇقۇپ  چىقساق  ياخشى  چۇشەنگىلى  بۇلىدىكە ن .

ئەسەردىكى  ۋەقەلىك  ھازىرمۇ  جەمىيىتىمىزدە   نۇرغۇن   ،مەن  شۇ  يۇلغا  كىرىپ  قالغان

ئەرلەرنىڭ    بالدۇرراق   تۇغرا  يۇلنى  تېپىشىنى ،ئۇز  ئائىلىسىنى ،باللىرنى دادىلىق مىھرىدىن

مەھرۇم قىلماسلىقنى  ئۇمۇت  قىلىمەن  .

ئاپتۇرغا ؛  شۇنداق   ياخشى  ئەسەر  بىلەن  بىزنى  تەمىنلىگىنىڭىزگە   رەھمەت ...

  

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4466
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84600
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9973 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 12:56:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹ئازاپلىق سۆيگۈ› سەرلەۋەلىك پوۋېسىت(ھېكايە) توغىرىسىدا ئىككىلىك سۆز

ئومۇمەن ھېكايە ناھايىتى ياخشى يېزىلغان بولۇپ بەدئىيلىكى كىشىنى رام قىلىدۇ ئەلۋەتتە. ئەسەردە ئىپادىلەنگەن ئاياللىق ئەرنىڭ بۇزۇلۇشتىن تارتىپ تۈزۈلۈشكىچە بولغان جەرىيانلىرى يۇشۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئەخلاق-پەزىلەت سۆزلەنگەن. ئايالنىڭ ساداقىتى بىلەن پەسكەشلەرنىڭ رىيازىتى جىپىسلەشتۈرۈلگەن. پۇل-دۇنياغا بىرىلگەنلەرنىڭ ئاقىۋېتى، نەپسىنىڭ كەينىگە كىرگەنلەرنىڭ ئوسال قىسمىتى نامايان قىلىنغان. بۇ ئەسەرنىڭ مۇۋاپىقىيىتى.

ئەسەرنىڭ مەغلۇبىيىتى ھەم ئاپتۇرنىڭ كەمچىلىكى.
ئەسەردە ئىملا خاتالىقلىرى ھەم دىيالوگلارنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشلىرى، ئىشلىتىلگەن ماقال-تەمسىللەرنىڭ خاتالىقى، سارام (ساجىدەم)شاڭخەينىڭ پەيدا بولىشى. يەكۈن(خۇلاسە) باسقۇچىنىڭ ئۇزىراپ كىتىشى. بۇ شاڭخەيلىككە نۇرغۇن بايلارنىڭ ۋەيران بولغان قىسمەتلىرىنى (مەجبۇرىي)چاپلىشى(ئوقۇرمەنلەرنى ئۇنىڭ پەسكەشلىكىگە ئىشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىلەن پىرسىناژنى يالغان قايمۇقتۇرغان بولىدۇ)

ئاپتۇرنىڭ ئىددىيسىدىكى مەزمۇننىڭ ئەمىلىيەتتە تولۇق گەۋدىلەنمەسلىكى، شەرمىي -ھايالىق ساجىدەمنى شۇ قەدەر ساداقەتمەن مۇسۇلمان پەزىلىدە تەسۋىرلەپ كېلىپ، بىر پەسكەش ئايالنىڭ يېنىدىن قايتىپ كەلگەن ئەرنى نىكاھلاتماي تۇرۇپ ئايالنىڭ قوينىغا سولىشى. بالىلارنى قۇچاقلىتىشى...

ئەسەر توغرىلىق كۆپ سكزلەپ قويغىنىم بىلەن مېنىڭ ئىپىك ئەسەرلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىم ئىككى گەپ. ئىمكان يەتسە ئاپتۇرنىڭ ئەسەر يازغاندا مەيدانىنى مۇستەھھكەملىشىنى، پىرسىناژلارنىڭ قىياپىتى ھەم ئۆزگىرىشىنى سېڭىپ تۇرۇپ ئىپادىلىشىنى، كۆپىرەك ئەسەر ئوقۇپ مەزمۇنلۇق ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ ئوقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

ئاخىرىدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئاپتۇرنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن! ئامان بولايلى!!

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
شورلۇق + 451 يوچۇن ئادەمنىڭ تەكلىپ.
پىروزە + 155 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 606   باھا خاتىرىسى

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4466
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84600
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9973 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 12:57:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nilupar1 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-28 11:18 AM
ئەسەر   دىگەننى  مۇشۇنداق  بىر  يازغانچە  ھەممىنى  يېزىپ  ...

بەزى ئەسەرلەرنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىدى-پىكىرلىرىنى ئېلىپ تۇرۇپ تۈزىتىپ ماڭغاچ يازسىمۇ بولىدۇ. كۆپنىڭ كۈچى كۆپ، ئەقلىمۇ...

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97733
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1559
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 662 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 01:49:08 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسز ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106379
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 329
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2014-4-25
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 03:56:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى يوقمۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 495 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 05:24:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ئات ئايلىنىپ ئۇقۇرىنى تاپىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92986
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 762
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 07:03:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ۋەقەلىكنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كېتىپتىمەن ، تۇرمۇش ھەقىقەتەن ئاچچىق بولىدىكەن ھەي .......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1577
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 08:31:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە ئەسەرنى تولۇق ئوقۇمىغان بولسىمۇ ماۋزۇنى كۆرۈپلا مەندەك بىر بويتاقنىڭ قەلبى لەرزىگە كەلدىئازاپرەڭ سۆيگۈ بۇ تىما راسلا يىڭىلىق يارىتىش روھىغا بايكەن.

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش