|
|
|
|
تۈركمەنىستان خەلقى گىلەم ئۈستىدە تۇغۇلغاندىن تارتىپ ،گىلەم بىلەن مەڭگۈلۈك مۇھەببەت رىشتىسى باغلىنىدۇ .تۈركمەنىستاننىڭ ئۈچ گۆھىرى بولغان دۇلدۇل ئات ،گىلەم ۋە ئوۋ مىلتىقىغا قارىساقلا گىلەمنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ھېىس قىلالايمىز .
تۈركمەنىستان دۆلەتلىك گىلەم مۇزىيىغا ئېسلىغان ئالتۇن دەۋىر دىگەن گىلەمنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 301 كىۋادىرات مىتىر بولۇپ ،40 گىلەمچى 7يېرىم ئايدا تۇقۇپ پۈتتۈرۇپ ،2001-يىلى تۈركمەنىستان مۇستەقىللىقنىڭ 10 يىللىقىغا تەقدىم قىلغان ،بۇ گىلەم كېيىن دۇنيا جىنىس رىكوتىغا كىرگۈزۈلگەن.
2001-يىلى سەپەرمۇرات نىيازوف زوڭتۇڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن "تۈركمەنىستان گىلەم ھەۋەسكارلىرى خەلىقئارالىق بىرلەشمىسى "قۇرۇلغان بۇلۇپ ،ھەر يىلى ئاشىخئابادتا خەلىقئارالىق يىغىن ئېچىلىپ ،دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى ھەۋەسكار ھۈنەرۋەنلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلماقتا.1992-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان گىلەم بايرىمىمۇ تۈركمەن خەلقىنىڭ مۇھىم خاتىرە كۈنلىرىگە ئايلاندى.
يېقىندا بىر قۇرۇلۇش لايىھەلەش ئورنى لايىھەلىگەن ئاشىخئاباد ئايروپورتىنىڭ ئىلھامى تۈركمەنىستان ئەنئەنىۋى گىلىمىدىن كەلگەن بۇلۇپ ،غايەت زور بىر "گىلەم " ئايروپورت بىناسىنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان.
|
|
|
|
|
|