ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 26-ئاپرېل خەۋىرى؛ ئۈرۈمچى ۋاختى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، 2014-يىللىق مەملىكەتلىك ياشلار ۋاسكىتبول بىرلەشمىسىنىڭ (سانجى مۇسابىقە رايۇنى) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە، شىنجاڭ گۈاڭخۈي ياشلار ۋاسكىتبول كوماندىسى ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئابدىسالام ئابدىرىشىتنىڭ پۈتۈن مەيدان بۇيىچە ئەڭ يۇقۇرى بولغان 29 نۇمۇر ئىلىشى بىلەن ئاخىرى 107-91 نەتىجە بىلەن رەقىبى 1-ئاۋغۇست ياشلار ۋاسكىتبول كۇماندىسىنى زور نۇمۇر پەرىق بىلەن مەغلۇپ قىلىپ چىمپىيۇنلۇقىنى قۇلغا كەلتۇردى.
بۇمەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئابدىسالام ئابدىرىشىت پۈتۈن مەيدان بۇيىچە ئەڭ يۇقۇرى بولغان 29 نۇمۇر ئالدى؛ جۇچى بىلەن لوزۇڭسېن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 17 نۇمۇر ئالدى؛ دىڭ خاۋرەن 14 نۇمۇ، شى يى 12 نۇمۇر ئالدى. 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىدىن جاڭ زۇمىڭ 29 نۇمۇر، خەندېلۇڭ بىلەن ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئارىسلان ئادىلجان 8 نۇمۇرغا ئىرىشتى.
بىرىنچى چارەك مۇسابىقە باشلىنىپلا 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسى ئۈستۈنلىككە ئىرىشتى، ئالدىنقى ئىككى چارەكلىك مۇسابىقىدە 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسى 37-40 نەتىجە بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئالدىدا تۇردى. كىيىنكى يىرىم مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئىچكى سەپ ھۇجۇمىنى ئاساس قىلىپ ئوينىدى، نەتىجىدە ئىچكى سەپتىكى ئابدىسالام ئابدىرىشىت، جۇچى ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاخىرى شىنجاڭ گۈاڭخۈي ياشلار كوماندىسى 107-91 نەتىجە بىلەن 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىنى مەغلپ قىلىپ چمپىيۇنلقنى قولغا كەلتۇردى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يەنە تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى شىنجاڭ گۇاڭخۇي ياشلار كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئابدۇسالام ئابدىرىشىت مەيدانغا چىقىپ ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ پۈتۈن مەيدان بۇيىچە ئەڭ يۇقۇرى بولغان 29 نۇمۇر ئالدى.
ئابدىسالام ئابدىرىشىت ئۇيغۇر، 1996-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇغۇلغان، بەدەن ئىغىرلىقى 83 كىلوگىرام، بوي ئىگىزلىگى 2 مىتىر، ئالدى سەپ ھۇجۇمچى، 14-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
سۈرەتتە؛ شىنجاڭ گۇاڭخۇي ياشلار كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئابدۇسالام ئابدىرىشىت ( 14-نۇمۇر )