مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 12167|ئىنكاس: 114

ئېرىم،سىزگە ئاشنا بولايچۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3120
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 06:12:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭدا سۆزلەنگەن ۋەقەلىك يېقىن بىر خىزمەتدىشىمنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسىنىڭ كىچىككىنە بىر كارتىنىسى،خىزمەتدىشىمنىڭ رازىلىقى بويىچە يېزىپ يوللىدىم
  سەن بىلەن تونۇشقان شۇ چاغلىرىم ھېلىمۇ ئېسىمدە،،كۆزلىرىمگە ئوتلۇق تىكىلىپ تۇرۇپ،سىز بەك چىرايلىق،بەك سۆيۈملۈك،ئاللانىڭ ماڭا بەرگەن ئەڭ چوڭ سوۋغىتىسىز،دەپ باغرىڭغا چىڭ باسقىنىڭدا ئېرىپ شام بولغان ئىدىم،مېنى بىردەم كۆرمىسەڭ چىدىمايىتتىڭ ،ئەتىگەندە مەھەللەمدە پەيدا بولساڭ،چۈش ۋە كەچلەردە ئىدارەمنىڭ ئالدىدا ساقلايىتتىڭ ،مېنى كۆرۈپ خۇددى كىچىك بالا ئانىسىنى كۆرگەندەك قىن-قىنىڭغا پاتماي كېتەتتىڭ،ئۇ چاغلاردا بۇ دۇنيا ۋە مۇھاببەت ئىككىمىز ئۈچۈنلا يارالغاندەك،خۇددى جاھان ئىككىمىز ئۈچۈنلا پىرقىرايدىغاندەك ،سەن مەن ئۈچۈن،مەن سەن ئۈچۈن يارالغاندەك بىر بىرىمىزگە قېنىشمايىتتۇق،كۆل بويىدا  گوياكى بىر تەن بولۇپ ئۇزاق ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەلگۈسىمىز ئۈستىدە ئويلىناتتۇق،تۈگىمەس پۈتمەس ۋەدىلەرنى بېرىشەتتۇق،ئاخىرى بىز مۇھاببىتىمىنىڭ نەتىجىسىنى چىقىرىپ توي قىلدۇق،ئاھ،شۇ چاغلار،،،،نېمە دېگەن بەخىتلىك ،مەن گوياكى سېنىڭ كۆز قارچۇغۇڭ ئىدىم،يۈرىگىڭدىكى بىر پارچە ئوت ئىدىم،ھاياتىڭنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىدىم،مەن بولمىسام سەن خۇددى سۇسىز قالغان بېلىقتەك تىپىرلايىتتىڭ،،شۇ سەۋەپ يېنىڭدىن ئايرىلمايىتتىم،ئەڭ يېقىن دوسلىرىم خىزمەتداشلىرىمدىنمۇ سېنى دەپ بارا-بارا يىراقلىشىۋاتاتتىم،،قوينىڭغا شۇنچە سىڭىپ كەتكەن ئىدىم،ئەلۋەتتە مۇھاببىتىمىزنىڭ مېۋىسىنى كۆردۇق،ئوماق قىزىمىز شەكىلە تۇغۇلدى،خوشاللىقىمىزغا خوشاللىق قوشۇلدى،ھەممە بىزگە ھەۋەس بىلەن قارايىتتى،بۇ دۇنيادا بىزدىن بەخىتلىك ئادەم يوق ئىدى،،تولىمۇ ئەپسۇس قارا بوراننىڭ ئائىلىمىزگە قول سۇنۇپ كېلىۋاتقىنىدىن ئەسلا خەۋەرسىز ئىدۇق،قىزىمىز 1ياشقا كىرگەندە ئائىلىمىزگە قوش خوشاللىق بولۇپ ئىدارىدە سەن مۇنەۋەر ئەزا بولۇپ ئۆستۈرۈلدۈڭ،شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بارىدىغان سورۇنىڭ،مېھماندارچىلىقىڭ،تۈگىمەس يىغىلىشلىرىڭ كۆپىيىپ كەتتى،ئۆيگە تولىمۇ كەچ كېلەتتىڭ،كەلسەڭمۇ مەس-ئەلەس قايتىپ كېلەتتىڭ،يا مەن بىلەن يا قىزىمىز بىلە كارىڭ بولمايىتتى،شۇ چاغلاردا مەن سېنىڭ ئىشقىڭدا چاڭقىغان ئىدىم،لېكىن چاندۇرمايىتتم،خىزمىتىڭنى قوللايىتتىم،،لېكىن سەن تېخىمۇ ھەددىڭدىن ئاشقىلى تۇردۇڭ،كوماندۇرۇپكىنى باھانە قىلىپ ھەپتىلەپ ئۆيگە قايىتمايىتتىڭ،مەن بىچارە ساڭا ئىشىنىپ ،سەندىن ئەنسىرەپ يۈرۈپتىمەن،ئەمدى بىلسەم ئۇ چاغلار سېنىڭ ئۇ گۈزەل نازنىن بىلەن كۆڭۈل ئېچىپ مۇھاببەت دۇنياسىغا غەرىق بولغان چاغلىرىڭ ئىكەن،مەن ئۆيدە بالابىلەن يالغۇز مۇڭسىراپ ئولتۇرغان چاغلىرىم سېنىڭ ئۇ ئاشىقىڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ساياھەت قىلىپ يۈرگەن چاغلىرىڭ ئىكەن،كېچىلىرى ئىشقىڭدا ئۆرتەنگەن چاغلىرىم سېنىڭ ئۇ گۈلۈڭ بىلەن مېھمانخانىلاردا ،ئۇنىڭ قوينىدا تاتلىق ھېسلارغا تولغان چاغلىرىڭ ئىكەن،،،،،،
ماڭا ھەممىدىن نېمە ئېغىر كەلدى بىلەمسەن؟سەن دەل 30ياشقا كىرگەن كۈنۈڭ يېقىن دوستلىرىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ئۆتكۈزدۈڭ،مەن قىزىمىزنى ئېلىپ تورت ئېىپ رېستۇرانغا كەلدىم،مەن بارغانداھەممەيلەن كېلىپ بوپتىكەن،ئۇلار بىلەن كۆرۈشۋېتىپ ناتۇنۇش بىر چىراينى ئۇچىرتىپ قالدىم،24-25ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان،زىلۋا بويلۇق،چىرايلىق بىر قىز سېنىڭ ئوڭ تەرىپىڭدە نازلىنىپ ئولتۇراتتى،سەن مەندىكى ئۆزگىرىشنى سەزدىڭ ۋە تېزلا يېقىن ئاغىنەمنىڭ سىڭلىسى ئىدى،خىزمەت ئىشى بىلەن كەپتىكەن،شۇڭا بۇ يەرگە تەكلىپ قىلدىم دېدىڭ،مەن ئارتۇق ئويلىماي ئۇنىڭدىن قىزغىن ئەھۋال سوراپ كېتەپتىمەن،لېكىن ئۇ بىر خىل مەنسىتمىگەن قىياپەتتە سوئاللىرىمغا ناز بىلەن كۈلۈپ جاۋاپ قايتۇرۋاتاتتى،مەن يەنىلا  ئارتۇق ئويلىمىدىم،ئىككىمىز ئىككى تەرىپىڭدە ئولتاردۇق،ئەمدى بىلسەم ئايالىڭ بىلەن ئاشىقىڭنى ئىككى تەرىپىڭگە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئېچىلىپ ئولتۇرالىغان<< ئوغۇل بالا>> ئىكەنسەن ،تورت كېسىدىغان چاغدا سەن مەن ئاپارغان تورتنى بىر تەرەپكە تاشلاپ قويۇپ ئۈستىگە قىز يىگىتنىڭ رەسىم چۈشۈرۈلگەن تورتنى كەستىڭ،نېمەئۈچۈن دەپ سورىسام،قۇلىقىمغا پىچىرلاپ تۇرۇپ،بۇ دوستلىرىمنىڭ كۆڭلىكەن،بولدى ،ماڭا يۈز بېرىڭ دېدىڭ،ئارتۇق ئويلىماي ماقۇل بولدۇم،ئەمد ى بىلسەم ئۇ تورىتنى ئەسلى ئۇ ساڭا سوۋغا قىلغان ئىكەن،،شۇ كۈنى كەچتە سەن مېنى ۋە بالىنى ئۆيگە ئاپىرۋتىپ ،سىز ئۇخلاۋېرىڭ ،مەن ئاغىنلەر بىلەن يەنە بىردەم ئولتۇرۇپ قايتىمەن دېدىڭ،مەن ماقۇل بولۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم،بالىنى ئۇخلىتىۋېتىپ سېنىڭ بۈگۈن ھاراق ئىچىپ كېلىدىغىنىڭنى ئويلاپ ئاچچىق قىلىپ سۇيۇقئاش ئېتىپ يولۇڭغا قاراپ كىرپىك قاقمىدىم،لېكىن سەن كەلمىدىڭ،كېچىچە ساڭا تېلفۇن ئۇرۇپ چىقتىم،لېكىن سەن ئاللىبۇرۇن تېلفۇننى ئېتىۋالغان ئىكەنسەن،شۇ كۈنى بىر كېچە كەلمىدىڭ،ئەمدى بىلسەم ئۇ كۈنى مېنى ئۆيگە ئەكىلۋېتىپ ئۇنىڭ بىلەن پىنھان جايلاردا قالغان تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزۈپسەن،مەن سېنى ساقلاپ كىرپىك قاقمىغان شۇ دەملەردە سەن ئۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ھاياتنى ئۇنتۇپ مۇھاببەت پەيزىنى سۈرۈپسەن،،،
خەيىر بۇنداق ئىشلارنى دەپ كەلسەم،پۈتۈن بىر كىتاپ پۈتىدۇ،ئاخىردا سەندىن شۇنى سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ،ھالاللاپ ئالغان خوتۇن ئاچچىق،ئاشنا شۇنچە تاتلىقمۇ،،ئۇنداق بولسا مەنمۇ ساڭا ئاشنا بولايچۇ جېنىم،شۇنداق قىلاي ئايالىڭ ئەمەس ئاشناڭ بولايچۇ ؟؟؟؟؟!!!!!!!!!
مەنبە:ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilnaz911 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-26 06:39 PM  


دۇنيادا ھەممە ئازاپقا چىدايمەن،لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشقا ھەرگىز چىدىمايمەن

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1890
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5095
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1285 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 06:37:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەقتىن ئاشقان ئاش .دەيدۇ .ئاشنا دىگەن ئەزەلدىن .
ئىزدەپ تېپىپ بەزىلەر ئىچىدىكەن .ۋاي توۋا..



  ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى.......

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
axek13999649893 + 11 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11   باھا خاتىرىسى

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105419
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 805
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 08:02:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي،مۇشۇنداق ئىشلارنى ئاڭلىساملا توي قىلغۇم كەلمەيدۇ. توي قىلىپ ئۇزۇنمۇ بولماپتىكەن بوممىسا بۇلارغا، خۇدايىم كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن يىگىتلىرمىزنىڭ.كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ،ئوڭشىلىپ قالار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 08:04:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمانى يوق ئەرلەردىن ئاللا رىزالىقى ئۈچۈن ئىمانغا چاقىرىش ،قەتئىي مۇمكىن بولمىسا ۋاز كېچېش كېرەك ،شۇ سەۋەپ تۈپەيلى ۋاز كەچكەننى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئەرلەرگە ئۇچىراشتۇرشىدا گەپ يوق،ھەمىمىزگە ئىمان ئىنساپ ئاتا قىلسۇن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
رۇقىيە90 + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 08:12:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىڭ تېتىقسىزكەن ئاۋۇ

ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3540
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 455 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 08:13:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدا    ساقلىسۇن      ...........

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105932
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2014-4-11
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 08:18:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tuntaxvixi يوللىغان ۋاقتى  2014-4-26 08:04 PM
ئىمانى يوق ئەرلەردىن ئاللا رىزالىقى ئۈچۈن ئىمانغا چاق ...

بەك ئېسىل ئىنكاس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1678
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15013
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2790 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 08:21:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېرىنىڭ ھاراق ئېچىپ كىلىشىگە ئۈلگۈرتۈپ ئاچچىق -چۈچۈك سۇيقاش تەييار قىلىپ تۇردىغان «ئاڭلىق »ئايال ...
خوتۇن بىلەن ئاشنىنى ئىككى يانغا ئېلىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزىدىغان «مەيدىسىدە تۈكى بار »ئەركەك
«ھاپىتىغا -شاپىتى ،مەرەزدارغا توڭرۇلۇق »دىگەندەك جىڭ تېپىشقان  «خۇدا قوشقان »ئەر-خوتۇنلاركەن ،شۇڭا بۇ نىكاھنىڭ ئاقىۋىتدىن ھەيران قالمىدىم .
تىما ئىگىسى خانىم ،مەن پەقەت ھىكايىڭىزدىكى پىرسۇناژلار توغرىسىدا ئويلىغنىمنى يازدىم ،سىزنىڭ تىمىڭزىنى ئاق -كۆك دىگەن يېرىم يوق جۇمۇ ، خاتاچۈشىنىپ كۆڭلىزگە ئېلۋىلپ يۈمەسسسىز.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
رۇقىيە90 + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
گازا + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 08:25:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خىزمەتتىشىڭىز مىسىرانىم مۇنبىرىدىكى «ئېرىمنىڭ ئاشنىسى» دېگەن تېمىنى ئوقۇپ باقسا بولغىدەك. چوقۇم پايدىسى بولىدۇ.

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 08:28:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
babur99 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-26 08:21 PM
ئېرىنىڭ ھاراق ئېچىپ كىلىشىگە ئۈلگۈرتۈپ ئاچچىق -چۈچۈك س ...

گەپ سۆز قوپال بولغان بىلەن توغرا ئىنكاس بوپتۇ

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش