ئاماننىساخاندىن مىراس كۈي-ناۋا
(ناخشا تېكىستى)
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
كۈي-ناۋا تەڭداشسىز بىر روھىي غىزا،
بۇندا بىلگىن ئىنساندۇر ئاماننىسا.
چۈن بەرگەچ دەرس ئاڭا تۇنجى غەزەلخان-
ئەللەي ناخشىسىنى ياڭراتقان ئانا.
مەھمۇد ئات قويغاندا «ئاماننىسا» دەپ،
ئەۋۋەلەن ئوقۇغان تەكبىرى ئەزان.
ئۇ ئەزان ئاھاڭى يارقىن كۈي بولۇپ،
يۈرەككە ئورنىغان، چىقماس ھېچ زامان.
بامدادنىڭ زامانى كەلگەن ھەر سەھەر،
جامەدىن ياڭرىسا گۇلباڭگى سەمەد.(1)
سايرايدۇ بۇلبۇلمۇ شوخ خەندان ئۇرۇپ،
روھ بەرگۈچ ئەزاندىن ئالغاچقا مەدەت.
ئاتانىڭ قىرائەت كۈيى ناۋاسى،
ئانانىڭ تىلاۋەت قۇرئان ساداسى.
نەفىسىي ئۇستازغا بولغان خەزىنە،
كۈي- مۇقام تۈزۈشتە ئىلھام ئاساسى.
ئۇيغۇرنىڭ مۇقامى ياڭرىغان چاغدا،
ئېزىتقۇ جىن-شەيتان قاچارمىش يىراق.
شۇڭلاشقا ھەجچىلەر غەزەل- كۈي تۈزۈپ،
ئاتاپتۇ ئىسمىنى مۇقام چۆلئىراق.(2)
نەقرات:
ئاماننىساخاندىن مىراس كۈي-ناۋا،
ئۇيغۇرنىڭ روھىنى ئۇرغۇتقۇچ غىزا.
2014-يىل 25-ئاپرىل، بېيجىڭ.
ئىزاھلار:
(1) گۇلباڭگى سەمەد: نامازغا چىللاپ قىلىنغان ئەزان ساداسى.
(2) ھەج سەفەرىگە بارغاندا، ئىراق چۆلىدىن ئۆتۈپ كەتىپ بارىپ ئىجاد قىلىپ، «چۆل ئىراق» ئات قويدىلار. (قاراڭ: «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن» قوليازما قىسمى، 13-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىل نەشرى)