مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1236|ئىنكاس: 4

ئاتا – ئانا، بالا – چاقا توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10196
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1341 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 05:08:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان ئابدۇلئەھەد ئەمىر قۇتلۇق تۈزگەن <<ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە 500 جۈملە>> ناملىق كىتابچىدىن ئېلىندى.

[بىز ئىنساننى ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى ئوتتۇز ئايدۇر.] (سۈرە ئەھقاف: 15- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، بالاڭلار سىلەرگە ياخشىلىق قىلىدۇ. ئاياللارغا ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار، ئاياللىرىڭلار ئىپپەتلىك (ھايالىق) بولۇر. (تەبەرانىي، ھاكىم توپلىغان)

دادا بولغۇچى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئوتتۇرىسىدا، خالىساڭ ئۇ ئىشىكنى زايە قىلىسەن، خالىساڭ ئاسرايسەن. (تىرمىزىي توپلىغان)

بىر ئادەمنىڭ دادىسىنىڭ دوستلىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە ياخشىلىق قىلىشى ۋاپادارلىق ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىدۇر. (بۇخارىي، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىي توپلىغان)

پەرزەنت پەقەت دادىسىنى قۇل ھالىتىدە ئۇچرىتىپ ئازاد قىلغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. (تىرمىزىي توپلىغان)

سىلەر جەمەتىڭلارغا مۇناسىۋەتلىك نەسەبلەرنى ئۆگىنىڭلار، چۈنكى ئۇرۇق – تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدۇ، ئائىلىدە مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ، ئىقتىسادتا راۋاجلىنىش بولىدۇ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ. (تىرمىزىي، ئەھمەد، ھاكىم توپلىغان)

ئاتا – ئانىنىڭ ئورۇندىيالمىغان ئارزۇ – ئارمانلىرىنى (ئۇ ئارزۇ – ئارمان شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولسا) ئورۇنلاش، ئۇ ئىككىسى بولمىسا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالىدىغان ئۇرۇق – تۇققانلار بىلەن ئالاقىنى ياخشىلاش ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ دوستلىرىنى ھۆرمەتلەش كېرەك. (بۇخارىي، ئىبنى ماجە، ھاكىم، ئەبۇ داۋۇد توپلىغان)

بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنىڭ بالام ۋە ئىقتىسادىم بار ئىدى، دادام ئۇ ئىقتىسادقا قول ئۇزاتماقچى بولۇۋاتىدۇ، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سەن ۋە سېنىڭ مېلىڭ (ئىقتىسادىڭ) داداڭنىڭكىدۇر، دېدى. (ئىبنى ماجە توپلىغان)

ئەڭ ھالال يېگىنىڭلار كەسىپ قىلىپ يېگىنىڭلاردۇر، پەرزەنتىڭلارمۇ سىلەرنىڭ كەسپىڭلاردىن (ئۇلارنىڭ مال – مۈلكىدىن يەڭلار). (بۇخارىي، تىرمىزىي، نەسەئىي، ئىبنى ماجە توپلىغان)

پەرزەنتىڭلارنىڭ (ئون ياشتا) ياتىغان يېرىنى ئايرىپ بېرىڭلار. (ئەبۇ داۋۇد توپلىغان)

ئاللاھتىن قورقۇڭلار! پەرزەنتىڭلار ئارىسىدا ئادىل بولۇڭلار. (بۇخارىي توپلىغان)

پەرزەنتىڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار ۋە ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلەڭلار. (ئىبنى ماجە توپلىغان)

دادا بالىغا گۈزەل ئەدەب – ئەخلاقتىن ياخشى نەرسە بەرمىدى. (تىرمىزىي، بەيھەقىي، ھاكىم توپلىغان)

بىر ئادەم قىزلىرى تۈپەيلى بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇقسا (قىيامەت كۈنى) ئۇ قىزلار ئۇ ئادەمگە دوزاختىن پەردە بولىدۇ. (بۇخارىي توپلىغان)

قىزلارنى يامان كۆرمەڭلار! ئۇلار كۆيۈمچان ۋە قەدىرلىكتۇر. (ئەھمەد، تەبەرانىي توپلىغان)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن سىلەرگە ئەڭ ياخشى سەدىقىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ئۇ- ئۆيۈڭگە قايتۇرۇلغان (ئېرى قويۇۋەتكەن)، سەندىن باشقا يۆلەنچۈكى يوق قىزىڭغا قىلغان ياخشىلىقىڭدۇر. (ئىبنى ماجە توپلىغان)

بىر ئايال ئىككى قىزىنى ئېلىپ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىردى. ئائىشە ئۇ ئايالغا ئۈچ دانە خورما بەردى. ئۇ ئايال ئىككى قىزىغا بىردىن خورمىنى بەرگەندىن كېيىن قالغان بىر دانە خورمىنى ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ يەنە يېرىمىدىن بەردى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلگەندە بۇ ۋەقەنى سۆزلەپ بەرسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: نېمىگە ھەيران قالىسىز؟ ئاشۇ يېرىم تال خورما سەۋەبى بىلەن ئۇ ئايال جەننەتكە كىرىپ كېتىدۇ، دېدى. (ئىبنى ماجە توپلىغان)

كىچىك ئۆلۈپ كەتكەنلەر جەننەتنىڭ (قەيەرگە بارسا ھېچكىم توسمايدىغان) ئەركىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ بىرى دادىسى ياكى ئانىسىغا ئۇچرىسا، ئۇلارنىڭ پېشىگە ئېسىلىۋېلىپ، ئۇلارنى (يەنى ئاتا – ئانىسىنى) ئاللاھ جەننەتكە كىرگۈزمىگۈچى ئۇلارنىڭ پېشىنى قويىۋەتمەيدۇ. (مۇسلىم توپلىغان)

بىر ئادەمنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ قىزىنى تىرىك كۆمۈۋەتمىسە، ئۇنى خورلىمىسا، ئۇنى ئوغلىدىن تۆۋەن كۆرمىسە ئاللاھ تائالا ئۇ ئادەمنى جەننەتكە كىرگۈزۈۋېتىدۇ. (ئەبۇ داۋۇد توپلىغان)

ئىككى قىزنى بېقىپ قاتارغا قوشقان ئادەم بىلەن مەن قىيامەت كۈنى مانا شۇنداق بىرگە بولىمەن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارماقلىرىنى بىر – بىرىگە قوشقان). (مۇسلىم توپلىغان)

ئەگەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئىككى قىزى بولۇپ ئۇلار بىلەن بىرگە چاغلاردا ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالسا ئۇ ئىككى قىز ئۇ ئادەمنى جەننەتكە كىرگۈزۈۋېتىدۇ. (ئەھمەد توپلىغان)

ئەگەر بىرىڭلارنىڭ ئۈچ قىزى ياكى ئۈچ ھەدە – سىڭىللىرى بولسا، ئۇلاردىن ياخشىلىقنى ئايىمىسا ئۇ ئادەم جەننەتكە كىرىدۇ. (تىرمىزىي توپلىغان)

بىر ئادەمنىڭ ئۈچ قىزى بولۇپ، ئۇلارنىڭ جاپا – مۇشەققەتلىرىگە سەۋر قىلسا، ئۇلارغا ئۆز يېنىدىن ئاش – تائام، كىيىم – كېچەك بېرىپ چوڭ قىلسا، ئۇلار قىيامەت كۈنى بۇ ئادەم ئۈچۈن دوزاختىن پەردە بولىدۇ. (ئىبنى ماجە توپلىغان)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر ئادەمنىڭ ئۈچ قىزى بولۇپ، ئۇلارنى ياخشى قوغدىسا، ئۇلارغا مېھىر – شەپقەت قىلسا، ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشىغا ئىگە بولسا ئەلۋەتتە ئۇ ئادەمگە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ. بىرەيلەن: ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئىككى قىزى بولسىچۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى قىزى بولسىمۇ، دېدى. (ئەھمەد توپلىغان)


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 j. [+ [0 p. K% s, n- Y: t  vبىلدۈر تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-26 05:09 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) `9 u' b' d2 d5 |7 v
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, I- i# k- ^0 E" o

ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1613
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7961
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 287 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 11:17:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قىممەتلىك ئۈنچىلىرىڭىزگە

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4239
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19617
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1543 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 12:22:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 407
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1045
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 09:57:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سېزگە، اللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئۇ.ۇتۇقلۇق قىلغاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106090
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 356
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 01:19:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە ،كوپ تەشەككۈر

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش