|
|
|
|
ئالىمنىڭ ئاشىقلىقى(سانائىل سۆز ئۇيۇنى) ئالىمجان ئاقئېرىقتىكى ئاقنانچى ئادەم،ئاقئېرىقتىكى ئادەملەر ئالىمجانغا ئانچە ئارلاشمايدۇ.ئارلاشماسلىقنى ئايانلىساق؛ ئالىمجان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارزۇسىنى ئاقلىيالمىغان،ئاقماس،ئالىقاپ ئادەملەرگە ئارلىشىدىغان، ئاياللارنى ئالداپ ئازاپلايدىغان ئادەتلىرى ئاۋۇغاچقا،ئاقئېرىقتىكلەر ئالىمجاننى ئالىجوقا ئاتاپ ئارلاشمايدۇ. ئاتالمىش ئالا-جوقا ئالىمجانمۇ ئادەملەرنىڭ ئارىغا ئالماسلىقىغا ئازاپلانماي،ئارامخۇدا ئاللىقانداق ئاغىينىلىرىگە ئارلىشىۋەردى.ئالىمجان ئاشۇنداق ئادەتلىرىدە ئاقسالىشىۋاتقان ئالتىنجى ئاينىڭ ئالتىلىرىدە ئالىمجان ئاقئېرىقتىكى ئامۇتزارلىقنىڭ ئالدىدىكى ئارچىنىڭ ئاچمىقىغا ئارتىلىپ،ئاپتاپقا ئارقىچىلاپ،ئارچىنىڭ ئاچمىقىدا ئاراملىنىۋاتقاندا،ئاقئېرىقتىكى ئاۋۇت ئاخۇننىڭ ئايالى ئانارخان ئاچىسى ئاسىمگۈلنىڭ ئائىلىسىگە ئازنىغا ئالدىرغانلىقتىن،ئالىمجان ئاراملىنىۋاتقان ئارچىنىڭ ئالدىدىكى ئازگالدىن ئاتلىغىچە،ئايىغى ئاجراپ،ئانارخان ئارقىسىچە ئازگالغا ئاغدۇرۇلدى.ئاجايىپ ئاغرىق ئازابىدىن ئازاپلانغان ئانارخان،ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ ئاللىكىملەرنى ئاتاپ ئادەم ئاختۇردى.ئانارخاننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئالىمجان ئارچىنىڭ ئاچىمىقىدىن ئالدىراپ ئايرلىپ،ئازگالنىڭ ئالدىغا ئاتلاندى.ئارىدەك ئالقانلىرىنى ئانارخانغا ئاپاردى.ئالىمجاننىڭ ئالىقاپلىقى ئانارخانغىمۇ ئايان.ئانارخان ئاغرىق ئازابىدا ئاقىۋەتنى ئايانلىماي،ئازگالدىن ئازاتلىنىشقا ئالدىراپ،ئاق ئالقانلىرىنى ئالىمجاننىڭ ئالقانلىرىغا ئاپاردى.ئالىمجان ئاخىرى ئانارخاننى ئازگالدىن ئاجىرتىۋالدى. ئانارخاننىڭ ئالقانلىرىدىكى ئاتەشتىن ئاجايىپ ئارامسىزلانغان ئالىمجان ئانارخانغا ئالچاڭلىدى.ئانارخانمۇ ئالىمجانغا ئانچە ئارلاشمىغاچقا،ئازگالدىن ئازاتلىغىنىغا ئاساسلىنىپ،ئادەمگەرچىلىكتىن ئانچىكىملا ئالىمجانغا ئامراقلىقىنى ئاشكارلىدى.ئارقىدىنلا ئاچسى ئاسىمگۈلنىڭ ئائىلىسىگە ئالدىراپ،ئاقسىغىنىچە ئاۋايلاپ ئاتلاندى.ئالىمجان ئاخىرى ئانارخانغا ئاشىقلىنىپ،ئاماللاپ ئانارخاننىڭ ئائىلىسىنىڭ ئالدىدا ئانارخاننى ئارلاشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۋالدى.ئانارخان ئالىمجاننىڭ ئارائايدا ئالتە ئارلىشىدىن ئاچچىقلاپ،ئالىمجانغا ئاسماقچىلاپ ئالايدى.ئاشىقلىقتا ئازاپلانغان ئالىمجان ئانارخاننىڭ ئالىيىشىنى ئاشىقلىق ئاتاپ،ئاۋۇت ئاخۇن ئاقئېرىقنىڭ ئاخىرىدىكى ئاتخانىسىدا ئاتلىرىنى ئايلاندۇرۋاتقاندا،ئالىمجان ئاتايىن ئانارخاننىڭ ئائىلىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ئامبىرىدىن ئارتىلىپ،ئاستاغىنە ئانارخاننى ئاختۇردى.ئايۋاندا ئالما ئاقلاۋاتقان ئانارخان ئالىمجاندىن ئالاقىزادىلىشىپ،ئايۋاننىڭ ئالدىدىكى ئايپالتىنى ئالىمجانغا ئاتتى،ئايپالتا ئاجايىپ ئايلىنىپ،ئالىمجاننىڭ ئاغزىنى ئاجىرتىۋەتتى.ئالىمجان ئاغرىق ئازابىدىن ئاغزىنى ئاچالمىدى.ئاخىرى ئازاپتىن ئايلاندى.ئانارخاننىڭ ئائىلىسىدىن ئاڭلانغان ئالا-تاغىل ئاۋازلادىن ئاقئېرىق ئاممىسى ئانارخاننىڭ ئائىلىسىگە ئاغدۇرۇلدى.ئامما ئالىمجاننىڭ ئاغزىنىڭ ئاجىراپ ئايلانغانلىق ئامىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ،ئالىمجاننى ئامبولاتورىيە ئاپاردى.ئامبولاتورىيەمۇ ئاماللىيالماي،ئالىمجان ئاخىرى ئاغرىق ئازابىدا ئاخىرەتكە ئاتلاندى. ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ئالىمجاننىڭ ئاشىقلىقىنى! ئانچىكىم ئاشىقلىققا ئاساسلىنىپ،ئاقنانچى،ئاقماس ئادەملەرگە ئارلاشسىڭىزئابرۇيڭىزدىنمۇ ئايرىلىىسز.. ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن(زەپەر) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kirimjanyasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-26 03:34 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# J( D' s3 ^" w6 i
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* J0 }0 C9 c* i7 w, M) _
|
|
|
|
|
|