ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اللە نىڭ ئىسمى بىلەن ‹ باشلايمەن ›
ئىمام بۇخارىىينڭ ھاياتى ۋە سەھىيھۇلبۇخارىي ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات
ھەدىس ئاتالغۇ نۇقتىسىدىن-پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد(صلى الله عليه وسلم) نىڭ سۆزى ، ھەركەتلىرى ، سۈپەتلىرى ۋە ئۇ بېكىتكەن ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇ دىنىمىزدا 2.قانۇن چىقىرىش مەنبەسى.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ دەۋرىدىن تارتىپلا ئۇنى يادلاش ، ساقلاش ۋە باشقىلارغا يەتكۈزۈش ئىشلىرى باشلانغان.
تارىختىن بۇيان نۇرغۇن ئالىملار بۇ ساھەدە كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن.
بۇ ئالىملارنىڭ ئىچىدە ئىمام بۇخارىي ئەڭ كاتتىسىدۇر.
ئىمام بۇخارىينىڭ تولۇق ئىسمى ( ‹ أبو عبدالله محمد بن إسماعيل بن المغيرة بن بردزبة البخارى الجعفى ›-ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ئەلمۇغىيرە ئىبنى بەردىزبە ئەلبۇخارىي ئەلجۇئفىي ) بولۇپ ھىجرىيە 194.يىل شەۋۋالنىڭ 13.كۈنى ‹ مىلادىيە 810.يىل20.ئىيۇنغا توغرا كېلىدۇ › جۇمۇئە كۈنى ئۆز ۋاقتىدىكى خۇراسانغا تەۋە بۇخارادا تۇغۇلغان.
ئۇنىڭ ئاتىسى ئىسمائىل ئىبنى ئىبراھىيم-‹اللە ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن ! › بولسا زامانىسىدىكى كاتتا ھەدىسشۇناس ئىدى .
ئۇ ئۆزدەۋرىدىكى ھەدىسشۇناسلىق ساھەسىدە مۇھىم ۋە يۇقىرى ئورۇن تۇتىدىغان ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس ۋە ھەمماد ئىبنى زەيىد‹اللە ئۇ ئىككىسىگە رەھمەت قلسۇن ! › نىڭ شاگىرتىدۇر.
ئىمام بۇخارىي كىچىك چېغىدىلا ئاتىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئىدى.
ئىمام بۇخارىينىڭ ئانىسى بولسا تەقۋادار ، ئىبادەتتە مۇستەھكەم ، دۇئالىرى ئىجابەت بولىدىغان زاھىدە ئايال ئىدى.
شۇ سەۋەبلىك ، ئىمام بۇخارىي كىچىك چېغىدا كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغاندا، ئانىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ يىغلاپ دۇئا قىلىپ ، اللە تائالانىڭ شىفالىق بېرىشى بىلەن ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلغان.
بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ۋەقەلىك بار-
( ئانا ئۆز ئوغلى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، چۈشىدە ئىبراھىيم‹ اللە ئۇنىڭغا ئامانلىق نىسىب قىلسۇن ! ›نى كۆرىدۇ.
ئىبراھىيم‹ اللە ئۇنىڭغا ئامانلىق نىسىب قىلسۇن ! › ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ-ئەي ئانا ! ھەقىقەتەن اللە تائالا دۇئالىرىڭنىڭ كۆپلىكى سەۋەبلىك پەرزەنتىڭنىڭ كۆزىگە شىفالىق بەردى.
ئەتىسى ئەتىگىنى ئىمام بۇخارىينىڭ كۆزى ساقىيىدۇ. )
ئىمام بۇخارىي كىچىكىدىنلا تىرىشچان ، ئۆتكۈر ، چېچەن بولۇپ ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە يۇقىرى ئىدى.
ئۇ 10 ياش ۋاقىتلىرىدا قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلىغاندىن باشقا ، يەنە ئۆز زامانىسىدىكى كاتتا ئالىملارنىڭ مەشھۇر كىتابلىرنى يادلىغان ئىدى.
ئۇ يۇرتىدىكى كاتتا ئالىملاردىن نۇرغۇن ئىلىملەرنى ئۆگەندى .
18 ياش ۋاقىتلىرىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككە مۇكەررەمە شەھرىگە باردى .
ھەجنى ئادا قىلغاندىن كېيىن مەككە مۇكەررەمەدە قېلىپ ھەدىس ۋە باشقا ئىلىملەرنى ئۆگەندى .
ئۇ ئۇستازى ئىسھاق ئىبنى رەھۇۋىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئۆزدەۋرىنىڭ ئىلمىي ئېھتىياجى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ‹ صلى الله عليه وسلم › نىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرىنى توپلاشقا كىرىشتى ۋە شۇمەقسەددە نۇرغۇن ئىلمىي سەفەرلەرنى قىلدى.
ئۇ ھەدىس توپلاش ئۈچۈن مەدىينە مۇنەۋۋەرە ، ھىجاز ، يەمەن ، باغداد ، شام ، نەيسابۇر ، كۇفە قاتارلىق شۇدەۋىردىكى ئىلىم-مەئرىيفەت مەركەزلىرىگە باردى ۋە ئۇجايلاردىكى كاتتا ئالىملاردىن ئىلىم ئۆگەندى .
ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق ئۇزۇن ئىلمىي سەفەرلىرى سەۋەبلىك ئۇستازلىرى ۋە شاگىرىتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولدى .
بۇ ھەقتە مۇھەممەد ئىبنى ئەبىي ھاتىم مۇنداق دەيدۇ-(ئىمام بۇخارىي 1080 دىن ئارتۇق ئالىمدىن ھەدىس توپلىغان . )
‹‹ئۇلارنىڭ ھەممىسى تابىئىين ، ئەتبائۇتتابىئىين ‹ تابىئىنلاربىلەن ئۇچراشقان مۇسۇلمانلار › نىڭ ئىچىدىكى ئەھلى سۇننەت ۋەلجامائە ئەقىدىسىدىكى ھەدىسشۇناسلارئىدى . ››
كاتتا ھەدىسشۇناس ئالىم ھافىز ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىي ئىمام بۇخارىينىڭ ئۇستازلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ-
((ئىمام بۇخارىينىڭ ئۇستازلىرى بەش قاتلامدا چەكلىنىدۇ :
1. قاتلام
بۇ تابىئىنلار قاتلىمى بولۇپ ئىمام بۇخارىي بۇلاردىن :
‹1.›مەككىي ئىبنى ئىبراھىيم . ‹ ئۇنىڭدىن يەزىد ئىبنى ئۇبەيدە ھەدىس بايان قىلغان › ۋە باشقا كاتتا تابىئىنلاردىن ھەدىس بايان قىلغان .
2. قاتلام
بۇ قاتلامدىكى ئالىملار تابىئىنلار بىلەن بىردەۋىردە بولغان ئەمما ئىشەنچىلىك تابىئىنلاردىن ھەدىس ئاڭلىمىغانلاردۇر .
بۇلاردىن:
ئادەم ئىبنى ئەبىي ئىياس ، ئەبۇ مۇسھەر ئەبدۇلئەئلا ئىبنى مۇسھەر ، سەئىيد ئىبنى ئەبىي مەريەم ، قۇتەيبە ئىبنى سەئد ، ئەبۇلۋەلىيد ھىشام ئىبنى تەيالىسىي قاتارلىقلار بار.
بۇلاردىن ئىمام بۇخارىي 50 دىن يۇقىرى 100 دىن تۆۋەن ھەدىس توپلىغانلىرى :
ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر ئەلھۇمەيدىي ، مۇھەممەد ئىبنى يۇسۇف ئەل فەريەبانىي ، ھەفس ئىبنى ئۇمەر قاتارلىقلادۇر .
بۇ قاتلامدا يەنە ئىمام بۇخارىينىڭ ئىلىم ۋە تەقۋالىقتا ‹‹ ئىمام ›› لىق دەرىجىسىگە يەتكەن ئۇستازلىرىدىن :
‹1.› ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ‹ اللە ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن ! › بار بولۇپ ،
ئىمام بۇخارىي بۇ ئىمامدىن پەقەت سەھىھ ‹ يەنى ئىشەنچىلىك ›ھەدىسلەرنىلا يەتكۈزگەن .
‹2.› ئىسھاق ئىبنى رەھۇۋىيە-ئىمام بۇخارىي بۇ ئىمامدىن 30 دەك ھەدىس يەتكۈزگەن
‹3.› ئەھمەد ئىبنى سالىھ ئەلمۇسەيرىي .
‹4.› ئەبۇ نەئىيم فەزل ئىبنى دەكىين ۋە ئۇلاردىن باشقا ئىماملار .
3. قاتلام
بۇ قاتلام ئىمام بۇخارىينىڭ ئوتتۇرھال ئۇستازلىرى بولۇپ ، ئۇلار تابىئىنلار بىلەن ئۇچراشمىغان بولۇپ بەلكى ئەتبائۇتتابىئىنلارنىڭ كاتتىلىرىدىن ھەدىس بايان قىلغان .
ئۇلاردىن :
سۇلەيمان ئىبنى ھەرىب ، قۇتەيبە ئىبنى سەئد ، نەئىيم ئىبنى ھەمماد ، ئەلىي ئىبنى ئەلمەدىينىي ، يەھيا ئىبنى مەئىين ۋە باشقىلار بار .
بۇ قاتلامدا يەنە ئىمام مۇسلىم يۇقارقى ئالىملاردىن ئىلىم ئالغان .
4.قاتلام
بۇ قاتلامدىكى ئالىملار ئىلىم ئۆگىنىشتە ئىمام بۇخارىيغا ساۋاقداش بولغانلار بولۇپ ، لېكىن ئۇلار بىرقىسىم ھەدىسلەرنى ئىمام بۇخارىيدىن ئىلگىرى ئاڭلىغان .
ئۇلاردىن :
مۇھەممەد ئىبنى يەھيا ئەززۇھەيلىي ، ئەبۇ ھاتەم ئەررازىي ۋە باشقىلاربار .
شۈبھىسىزكى يۇقارقىلاردىن ئىمام بۇخارىي ئۆز كىتابلىرىدا ئۇستازلىرىدىن ئاڭلىيالمىغان ھەدىسلەرنى ياكى باشقىلاردىن ئاڭلىمىغان ھەدىسلەرنى ئاڭلاپ بايان قىلغان .
4. قاتلام
بۇ ھەدىس ئۇستازلىرىنىڭ ياش قۇرامى ۋە ھەدىس يوللىرى باراۋەر بولغان قاتلام بولۇپ ، بۇنىڭدا ئىمام بۇخارىي -
ئابدۇللاھ ئىبنى ھەمماد ئەلئامىلىي ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇلئاس ئەلخارازەمىي ، ھۇسەين ئىبنى مۇھەممەد ئەلقەببانىي ۋە باشقىلاردىن ھەدىس بايان قىلغان . ))
ئىمام بۇخارىينىڭ ئۇستازلىرى ئىچىدە ئۇنىڭغا ئەڭ تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئەڭ يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە ئالىم-ئەلىي ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلمەدىينى ھېسابلىنىدۇ .
بۇ توغرىسىدا ئىمام بۇخارىي مۇنداق دەيدۇ-
‹‹ مەن ئەلىي ئىبنى ئەلمەدىينىينىڭ ھوزۇرىدىن باشقا، ھېچبىر كىشىنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمگە سەل قارىمايمەن . ››
‹‹ھافىزلارخاتىرىسى 2/428››
يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك ئىمام بۇخارىينىڭ ئۇستازلىرى كۆپ بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئۇنىڭدىن ھەدىس ئاڭلىغانلار ،شاگىرىتلار ھەم ناھايىتى كۆپدۇر .
بۇ ھەقتە مەشھۇر ئالىم خەتىيب ئەلبەغدادىي فەربىيدىن بۇ سۆزنى نەقىل قىلىدۇ-
فەربىي مۇنداق دەيدۇ-مەن بىلەن بىرگە 70مىڭدەك كىشى ئىمام بۇخارىيدىن سەھىھ ھەدىسلەرنى ئاڭلىدى .
ئۇنىڭ شاگىرىتلىرىدىن-ئىمام مۇسلىم ئىبنى ھەججاج ئەلقۇشەيرىي- بار بولۇپ ، ئۇ ئىمام بۇخارىينى بەك كاتتا بىلەتتى .
ئىمام مۇسلىم ئىمام بۇخارىيدىن سەھىھ بولمىغان ھەدىسلەرنىمۇ ئاڭلىغان .
ئۇنىڭدىن باشقا تىرمىزىي ، نەسەئىي ، ئەبۇداۋۇد قاتارلىقلار
‹ سۇنەن › كىتابلىرىدا ، ئىبنى ئەبىيددۇنيا ، نەسەفىي ، ئىبنى خۇزەيمە قاتارلىق نۇرغۇن ھەدىسىشۇناسلار ئىمام بۇخارىيدىن ئىلىم ئۆگەنگەن ۋە ھەدىس بايان قىلغان .
ئىمام بۇخارىي ئەخلاق ۋە تەقۋادارلىقتا ئىنتايىن كامالەتكە يەتكەن بولۇپ ، باشقىلارغا كۆپ سەدىيقە قىلاتتى ، ئاددىي-ساددا ، قانائەتچان ئىدى .
ئۇنىڭ ئىسلامىي ئىلىملەردە بولۇپمۇ ھەدىسشۇناسلىق ساھەسىدە بىلىمى ناھايىتى مول ۋە زور ئىدى .
ئۇ ھەدىسشۇناسلىق ساھەسىدە ئىلگىركىلەرنىڭ كەم كەتكەن تەرەپلىرىنى تولۇقلىغان .
نۇرغۇن جەھەتلەردە ئۆزى مۇستەقىل ئىزدىنىپ ، ئۆزگىچە ئۇسلۇب ۋە پىرىنسىپلارنى بېكىتكەن .
ئۇ 600مىڭدىن ئارتۇق ھەدىس توپلىغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن 300مىڭنى يادقا ئالغان .
ئىمام بۇخارىي بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ- ‹‹ مەن 100 مىڭ سەھىھ ھەدىس ۋە 200 مىڭ سەھىھ بولمىغان ھەدىسنى يادقا بىلىمەن . ››
ئۇ نىڭ مانا مۇشۇنداق كاتتا ئىلىمىي سەۋىيەسى سەۋەبلىك ئالىملار ئۇنىڭغا ( أميرالمؤمنين في الحديث-ھەدىسدە مۇئمىنلەرنىڭ پېشىۋاسى ) دېگەن ئالىي ئىلمىي دەرىجە نامىنى بەرگەن .
‹ سەھىيھۇلبۇخارىي › ھەققىدە
كىتابنىڭ تولۇق ئىسمى (الجامع المسند الصحيح المختصر من أمور رسول الله صلى الله عليه وسلم و سننه و أيامه - ‹ صحيح البخارى › - رەسۇلۇللاھنىڭ ئىشلىرى ، سۇننەتلىرى ۋە كۈنلىرى ھەققىدىكى ئىخچام ، سەھىھ ، مۇسنەد ھەدىسلەر توپلىمى . )
بۇ كىتاب ئەھلى سۇننەت ۋەلجامائە ئەقىدىسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە ھەدىس كىتابلىرىنىڭ ئەڭ سەھىيھسى بولۇپ ، قۇرئان كەرىيمدىن قالسا 2.ئورۇندا تۇرىدۇ .
بۇ مەخسۇس‹سەھىھ ھەدىسلەر›لا توپلانغان تۇنجى كىتابدۇر .
ئىمام بۇخارىينىڭ بۇ كىتابنى تۈزۈشتىكى سەۋەبلىرى ئاساسلىق تۆۋەندىكىچە :
‹1.› ئۇستازى ئىسھاق ئىبنى رەھۇۋىيەنىڭ تەشەببۇسى .
بۇھەقتە ئىمام بۇخارىي مۇنداق دەيدۇ-: بىز ئىسھاق ئىبنى رەھەۋىيەنىڭ ھوزۇرىدا ئولتۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ-
‹ سىلەر رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم-نىڭ سۇننەتلىرى ھەققىدىكى ئىشەنچىلىك،قىسقا بىر كىتابى توپلىغان بولساڭلار بوپتىكەن ›-دېدى .
شۇ سەۋەبلىك بۇ ئىش مېنىڭ قەلبىمگە چۈشتى .
شۇندىن كېيىن مەن سەھىھ ھەدىسلارنى توپلاشقا باشلىدىم .
‹2.› ئۆزدەۋرىدىكى مۇسۇلمانلار جەمئيىتىدە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەقىدىلەرنىڭ بۇزۇلۇشى خاۋارىجلارنىڭ چىقىشى ، شىيئەلىشىش ، مۇئتەزىلىييە ، قەدەرىييە ، جەبرىييە ، مۇرجئييە ، بۇزۇلغان سوفىلار قاتارلىق خىلمۇ-خىل خاتا ئېقىملارنىڭ پەيدا بولۇپ تارىلىپ كېتىشى ؛
‹3.› مەزھەب تەرەببازلىقى ، رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم- نىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى تىللايدىغان ‹‹ناسىبىييە›› ئېقىمىنىڭ تارىلىشى ؛
‹4.› خاۋارىجلارنىڭ ئەقىدە ، ئىبادەتدە چېكىدىن ئاشۇرۇپ ، باشقىلارنى كافىرغا چىقىرىپ توغرا يولدىن چەتنىشى ؛
‹5.› خاۋارىجلار ، مۇئتەزىلىيلەرنىڭ ئۆزىچە ‹خەبەرۇلئاھاد› ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلماسلىقى ؛
يۇقارقىدەك نۇرغۇن ئامىللار ئىمام بۇخارىينىڭ بۇ كىتابنى توپلىشىغا سەۋەب بولغان .
ئىمام بۇخارىي ھەدىسلەرنى توپلاش ، قوبۇل قىلىش ، رەتلەش ، توغۇرلاش ، ھەدىس يەتكۈزگىچىلەرنىڭ ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئۇزۇن سەفەرلەرنى قىلغان ۋە نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن .
ئىمام بۇخارىي بۇ كىتابنى توپلاش ئۈچۈن 16 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرىپ قىلغان .
ئۇ ئۆزى تاللىغان ھەربىر ھەدىسنى كىتابىغا كىرگۈزىشتىن ئىلگىرى غۇسلى قىلىپ ، ئىككى رەكئەت ئىستىغفار نامىزى ئوقۇپ ، تاللىغان ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشەنچ قىلغاندىن كېيىن ئاندىن كىتابىغا كىرگۈزگەن .
ئۇ ھەدىس يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىدە ئازراق گۇمان بولغان ۋە ھەدىس مەتنىسىدە ‹ يەنى ھەدىس تېكىستىدە› ئازراق شەك-شۈبھى بولغان ھەدىسلەرنى كىرگۈزمىگەن .
كىتابنى تۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ھەدىسلەرنى قايتا-قايتا تەكشۈرگەن .
ئاندىن كىتابىنى ئۆزدەۋرىدىكى كاتتا ئىماملاردىن ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ، ئەلىي ئىبنى ئەلمەدىينىي ، يەھيا ئىبنى مەئىين قاتارلىق ھەدىسشۇناس ئالىملارنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنغان .
ئۇلار ‹ سەھىيھۇلبۇخارىي › دىكى ھەدىسلەرنىڭ سەھىيھلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن .
‹سەھىيھۇلبۇخارىي› نىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولۇپ ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە-
1. بىر قىسىم ھەدىسلەر تەكرار بايان قىلىنىدۇ ۋە ھەدىس يوللىرىدىكى ھەدىس يەتكۈزگىچىلەر ۋە ھەدىس يولى تاشلىنىدۇ ؛
2. ھەر تېمىدىن مۇئەييەن فىقھىي ھۆكۈم يەكۈنلەپ چىقىرىلىنىدۇ ؛
3. بابلار تېمىسىنىڭ شۇ بابتىكى ھەدىسلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ؛
بۇ ھەقتە ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ-
باب تېمىسى بىلەن شۇ بابتىكى ھەدىسلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئاساسلىق 2 خىل بولۇپ -
‹1.› ئاشكارە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .
بۇ خىل مۇناسىۋەتنى ھەرقانداق بىر ئوقۇرمەن ھېس قىلالايدۇ .
‹2.› يوشۇرۇن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .
بۇخىل مۇناسىۋەتنى بىر قاراشقىلا بىلگىلى بولمايدۇ .
بەلكى تەكشۈرۈش ۋە ئىنچىكە تەفەككۇر نەزىرى بىلەن بىلەنلا بىلگىلى بولىدۇ .
مەزكۇر كىتابتىكى زور كۆپ ساندىكى بابلار مۇشۇ ئۇسلۇبتا .
بۇ خىل ئۇسلۇب كۆپ قىسىم ئالىملارنىڭ ئارىسىدا تونۇشلۇق ئىشدۇر .
4.بابلارنىڭ تۈرلىرى
ئالىم كىتابىنى فىقھىي تەرتىب بويىچە يازغان بولۇپ ، گاھىدا بىر ھەدىىس باشقا بىر يولدىن بايان قىلىنىش ئارقىلىق قارىماققا ھەدىسنىڭ ئاشكارە مەنىسىدە ئوخشىماسلىق كۆرۈنىدۇ .
ئىمام بۇخارىي تىلغا ئالغان بابلارنىڭ تېمىلىرى ئايەت-ھەدىسلەر ، ساھابە-تابىئىنلارنىڭ فەتىۋالىرى قاتارلىق نۇغۇن مول مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .
ئالىمنىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىدى ، تېمىنى روشەنلەشۈرۈش ۋە بۇ مەزمۇنلارنى تېمىغا دەلىل سۈپىتىدە بايان قىلىش ئۈچۈندۇر .
مانا بۇ سەۋەبلىك ئالىملار ئارىسىدا ‹‹ سەھىيھۇلبۇخارىينىڭ مەزمۇنلىرى - ئۇنىڭ تېمىلىرىدا ›› دېگەن سۆز مەشھۇر بولغان .
دېمەك ، ھەربىر باب تېمىسى ھەربىر خاتا ئەقىدە ۋە ئېقىملارغا رەددىيەدۇر .
‹ سەھىيھۇلبۇخارىي › دىكى ھەدىسلەرنىڭ سانىدا قاراش ھەرخىل بولۇپ ، ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ-
(( كىتابتىكى تەكرار ھەدىسلەرنى قوشقاندا مەزكۇر كىتابتا 9082 ھەدىس بار ، بۇ ساھابە-تابىئىنلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالمايدۇ .
تەكرار ھەدىسلەرنى چىقىرۋەتكەندە كىتابتىكى سەنەدى ‹ يەنى ھەدىس يولى ؛ لىنىيەسى › ئۇلانغان ھەدىسلەردىن جەمئىي 2601 ھەدىس بار .
باشقا ئورۇندا سەنەدى ئۇلانمىغان ‹ مەرفۇئـ › ، ‹ مۇئەللـەق › ھەدىسلەردىن 159 ھەدىس بار .
ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشقاندا جەمئىي 2761 ھەدىس بار .
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەبۇ ھۇرەيرە ‹ اللە ئۇنىڭدىن رازىي بولسۇن ! › دىن يەتكۈزىلگىنى 270 ، ئائىشە ‹ اللە ئۇنىڭدىن رازىي بولسۇن ! › دىن 242 ، فاتىيمە زەھرائـ ‹ اللە ئۇنىڭدىن رازىي بولسۇن ! › دىن 1 ھەدىس يەتكۈزىلگەن . ))
كىتابنىڭ دىنىمىزدىكى ئىلمىي ئورنى شۇنچە مۇھىم ۋە قىممەتلىك بولغاچقا ، تارىختىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئالىملار ھەرخىل ئۇسلۇبتا كۆپ خىل شەرھىي ، ھاشىيەلەرنى ۋە ئاز ئۇچرايدىغان سۆز مەنىلىرى ، ھەدىس يەتكۈزگىچىلەرنىڭ ئىسىملىرى ۋە كىتابقا مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇن تېمىلاردا مەخسۇس كىتابلارنى يازغان .
بۇ كىتابلارنىڭ ئومۇمىي سانى140 غا يېتىدۇ .
ئۇنىڭ ھەرخىل شەرھىيلىرى بولسا 80دىن ئاشىدۇ .
ئۇنىڭ ئاساسلىق كىتابلىرىدىن تۆۋەندىكى كىتابلار بار –
1. فتح البارى بشرح صحيح البخارى – فەتھۇلبارىي - بۇ شەرھىينى ئىمام ئىبى ھەجەر ئەسقەلانىي 20 نەچچە يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يازغان .
2. عمدة القارىء- ئۇمدەتۇل قارىي - بۇ شەرھىينى ئىمام ئەينىي يازغان .
3. شرح القسطلاني—شەرھۇل قەستەلانىي - بۇ شەرھىينى ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئەلقەستەلانىي يازغان .
4. شرح صحيح البخارى- لإبن بطال القرطبي-شەرھۇل سەھىيھۇلبۇخارىي-بۇ شەرھىينى قۇرتۇبەلىك ئبنى بەتتال يازغان .
5. شرح البخارى-للإمام النووي-شەرھۇل بۇخارىي- بۇ شەرھىينى كاتتا فىقھىيشۇناس،ھەدىسشۇناس ئالىم-ئىمام نەۋەۋىي يازغان .
6. التوشيح - للإمام السيوطي – ئەتتەۋشىيھ -بۇ شەرھىينى كاتتا ئالىم جالالۇددىين سۇيۇتىي يازغان .
يۇقارقىلاردىن باشقا نۇرغۇن شەرھىيلەر بار .
ئىمام بۇخارىي ھاياتىدا كۆپلىگەن كىتابلارنى يازغان بولۇپ ، ئۇلاردىن التاريخ الكبير ، خلق أفعال العباد ، كتاب الضعفاء ، رفع اليدين في الصلاة قاتارلىقلار بار بولۇپ ،
بىراق بۇلاردىن ئاز بىرقىسمىلا بىزگە يېتىپ كەلگەن .
ئىمام بۇخارىي ئىلىم ئۆگىتىش جەريانىدا ھەرخىل ئەرزىيەتلەرگە ، دۈشمەنلىكلەرگە ئۇچرىغان .
مەسلەن- ئۇنىڭ نەيسابۇردىن مەجبۇرىي چىقىرۋېتىلىشى ، ‹‹ قۇرئان مەخلۇقمۇ ئەمەسمۇ ؟ ›› دېگەن فىتنىلەرگە ئۇچرىشى...... قاتارلىق نۇرغۇن ئەرزىيەتلەر .
ئىمام بۇ خارىي ھاياتىنىڭ ئاخرلىرىدا يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ .
بىراق بۇخارا ۋالىيسىنىڭ توغرا بولمىغان تەلىبىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ، ئانا يۇرتى بۇخارانى تاشلاپ ‹ خەرتەڭ › دېگەن يۇرىتقا چىقىشقا مەجبۇر بولىدۇ .
ئۇ ھىجرىيە 256.يىل شەۋۋالنىڭ 1.كۈنى ‹ مىلادىيە870.يىل 1.سېنتەبىر › شەنبە كۈنى روزا ھېيىتنىڭ كېچىسى خۇپتەن نامىزى ۋاقتىدا ۋاپات بولىدۇ .
ئەتىسى روزا ھېيىت نامىزىدىن كېيىن ئۇنىڭغا جىنازە نامىزى ئوقۇلىدۇ .
ئۇ ئۆز ۋەسىيىتى بويىچە كۆڭلەك ۋە سەللىسى بولمىغان ئاق رەڭلىك ئۈچ قۇر رەخىت بىلەن كېپەنلىنىدۇ .
ئۇ ۋاپات بولغاندا ‹ھىجرىيە ھېسابى بويىچە ›62 ياش ئىدى .
اللە تائالا ئىمام بۇخارىيغا رەھمەت قىلسۇن !
ئۇنى فىردەۋىس جەننىتىگە نىسىب قىلسۇن !
2014/4/26.شەنبە مۇسلىم ئابدۇللاھ
- ۋېكىيپىدىيە تورىدىن تەرجىمە قىلىندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alafasy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-26 06:51 PM