سېستىرا
ئاپئاق رەڭدە غۇنچىلاپ ئېچىلىدۇ سېستىرا ،
كارىدۇرغا ئەتتىر بوپ چېچىلىدۇ سېستىرا ،
ئەڭ مۇلايىم ئاۋازى تېشىلىدۇ سېستىرا ،
شۇڭا قايغۇ ئىشكى ئېتىلىدۇ سېستىرا ،
كارۋىنىغا ھاياتنىڭ قېتىلىدۇ سېستىرا ،
مۇزىكىدەك يىقىنلار تاقىلدىغان تىۋىشىڭ ،
بەكمۇ يەڭگىل ھالەتتە شامال گويا يېنىشىڭ ،
بەكمۇ چەبدەس بەك قىزغىن دورا -ئوكۇل بېرىشىڭ ،
توختىتىدۇ يۈرەكنى يەڭگىل -يەڭگىل تىنىشىڭ ،
مەشغۇلاتى ئەمەلىي يېتىلىدۇ سېستىرا .
نازۇككىنە قولۇڭغا ئەسۋاپلىرىڭ چاپلىشار ،
كەسپى كېسەل ئامال يوق ماسكا، قولقاپ قاپلىشار ،
كەسپ يېتەر ۋايىغا مىللىي غورۇر ساپلىشار ،
شۇڭا بىمار سىلەرگە تىلىكىنى تاپلىشار ،
تۇلۇقىدا كەسىپنىڭ مىجىلىدۇ سېستىرا.
تۈتۈنى بار مورىنىڭ قايناقسۈيى مۇزلىماس ،
مەينەت كۆلگە ئاقۇلار دىقەت قىلار ھەم قونماس،
ئېرىسىمۇ مول كۆڭۈل تاز تىرناققا قول سۇنماس ،
چىن نىيەتتە يېزىلغان ئەقىدىلەر بۇزۇلماس ،
نازۇك كۆڭلى بىمەھەل جىجىلىدۇ سېستىرا ،
ساغلاملىققا كاپالەت دوختۇرخانا تازلىقى ،
پارقىرايدۇ ئشخانا ئەتىياز ،قىش، يازلىقى ،
قىزىقتۇرماس روھىڭنى جادۇ كۆزلەر مازلىقى ،
قوۋۇرغاڭنى سۇندۇرماس ئىش ھەققىڭنىڭ ئازلىقى ،
بىر بۇلۇڭدا چاندۇرماي ئۈمچىيىدۇ سېستىرا .
تەقسىم قىلار خىزمەتنى سېستىرالار باشلىقى ،
ئالىي ھالەت ھوشيارلىق ،ئەسقاتمايدۇ شاشلىقى ،
نورمىسىدا كاپالەت چارەك تېگەر ئاشلىقى ،
خىزمەت شۇنداق ئالدىراش ئۆتەر گۈل -گۈل ياشلىقى ،
ساناق ساندا جاۋابى يېشىلىدۇ سېستىرا .
پىشىپ كېتەر ئارلىشىپ قوشنا مىللەت تىلىغا ،
پۈتۈنسۈرۈك بىمارنىڭ يىقىنلىشار يېنىغا ،
گۇۋاھ بولۇر ھەر دائىم ئەل ھېكايەت سىرىغا ،
قىززىقتۇرماس خوشامەت ھارام ئۇرماس گېلىغا ،
شۇڭا بىمار ھۆرمەتلەپ ئىگىلىدۇ سېستىرا .
ئوكۇل ئۇرار پىلىكتەك بارمىقىدا پىس قىلىپ ،
ياشانغاننى پەپىلەر مۇھىتلارنى تىچ قىلىپ ،
يىغىسىنى توختىتار بالىلارنىڭ ئىشقىلىپ ،
ھايات ئۆيەر مۇشۇنداق باھار يازنى قىش قىلىپ ،
داستان بولۇپ شەرىپىڭ يېزىلىدۇ سېستىرا .
ئەل باھاسى ئوڭ باھا ،يەلپۈگۈچتەك يېيىلسۇن ،
دىئاگىنۇز جايىدا ئەڭ تەپسىلى يېزىلسۇن ،
ئاپتاپ يىگەچ بىمارلار ساپ ھاۋادا كېرىلسۇن ،
بەخت تىلەپ ھاياتقا تاڭ گۈدۈكى چېلىنسۇن !
ساڭا دەستە قىزىلگۈل تىزىلىدۇ سېستىرا .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bahwanbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-26 02:30 AM