XERHAN يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 01:51 AM
چوڭقۇرچاق دىگەننى تەخەللۇس قىلغىنىڭىزغا قارىغاندا يۇ ...
شۇنداق قېرىندىشم يۇرتۇمغا ھېچقانداق بىر جاينى تەڭ قىلمايمەن .
چۈنكى ئۇلۇغ رەببىم مىنى ئاپىرىدە قىلىشقا تاللىغان زىمىن ئەشۇ كىندىك قېنىم تۈكۈلگەن ئانا يۇرتۇم گۈزەل ‹‹چۇڭقۇرچاق››تۇر . شېئىرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت .
سۇئالىڭىزغا كەلسەم مەنمۇ ئۇ توغرىسىدا ئىنىق بىلمەيدىكەنمەن .
مەنغۇ ھازىرغىچە مىنىڭ ئەسەرلىرىمنى ئوغۇرلاپ ئىلان قىلغانلارنى ئۇچرۇتۇپ باقمىدىم .
مىنىڭ ئاشۇنداق ئەقلىي ئەمگەك ئوغرىللىرىغا دەيدىغىنىم : دۇنيادىكى ئەڭ رەسۋا ئوغۇرلۇق قىلمىشى باشقىلارنىڭ ئەقلىي ئەمگەك مېۋىسىنى ئوغۇرلاش قىلمىشىدۇر ، بۇنداق كىشىلەر جاھاندىكى ئەڭ نومۇسسىز كىشلەردۇر !
******************************************************************************************
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رۇبائىللىرىدىن ئۈزۈندە :
ئۆتنە يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش ،
بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش .
بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دىيىش ،
ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ھار ئىش .
****************************************
بىلىشتىن مەقسەت نام - شۆھرەت ئەمەستۇر ،
شۆھرەتكە ئىنتىلىش رەزىل ھەۋەستۇر .
بىلگەننى دان قىلىپ ئېتىزغا چاچساڭ ،
ھوسۇلى ئەلگە بولسا ئۇشبۇ بەستۇر !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا barquk8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-26 06:39 AM