ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار!
بۈگۈن تورداشلارغا مۇرادىلسوفت يۇمشاق دېتال پەن-تېخنىكا شىركىتىدە تەتقىق قىلىنىپ تېخى تۈنۈگۈنلا بارلىققا كەلگەن يېڭى بىر تېخنىكىنى سۇنماقچى.
بۇ تېخنىكا بولسا رەسىم ئىچىگە رەسىم قىستۇرۇش تېخنىكىسى بولۇپ، بۇرۇنمۇ بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان تېخنىكىلار بار بولۇپ، بىزنىڭ تېخنىكىمىز بىلەن پەرقى بار ئىدى.
ئاۋال matlab دە رەسىم ئىچىگە رەسىم قىستۇرۇش تېخنىكىسىنى سۆزلەپ ئۆتەي.
مانا بۇ يۇمشاق دېتال مەتلەب دىكى رەسىملەرگە يوشۇرۇلغان رەسىملەر،
بۇرەسىملەرنىڭ رەڭ قىممىتى پۈتۈن قىممەت بولماي بەلكى قوش ئېنىقلىق ئونلۇق كەسىر بىلەن ئىپادىلەنگەن،
دەل مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بىر رەسىمنىڭ ئىچىگە يەنە بىر رەسىمنى قوشغان، لېكىن قۇشۇلغان رەسىم ئەسلىدىكى رەسىمدىن كۆپ كىچىك بولىدۇ.
رەسىمنىڭ ئىچىگە يەنە بىر رەسىمنى قوشقاندا ئەسلىدىكى رەسىمدە ئۆزگىرىش قانچە ئاز بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
ئەمدى مۇرادىلسوفت يازغان ھېسابلاش ئۇسۇلى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان رەسىملەرنى كۆرۈپ باقايلى، بىزنىڭ بۇ تېخنىكىمىز ئارقىلىق تەڭ چوڭلۇقتىكى رەسىمنى يەنە بىر رەسىمنىڭ ئىچىگە يوشۇرماقچى. يوشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى رەسىمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلمەيدۇ.
تۆۋەندىكىلەر بىزنىڭ تېخنىكىمىز ئارقىلىق قوشۇلغان رەسىملەر
مەنزىرە رەسىمى ئىچىگە يوشۇرۇلغان ۋاشىنگوتوننىڭ رەسىمى
دۇبەي ئىچىگە يوشۇرۇلغان ئىككىلىك كود
ئاپتور رەسىمى ئىچىدىكى مۇرادىلسوفت شىركىتى لوگوسى
رەسىم قوشۇشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى رەسىم
تېخنىكىدىن پۈتكەندىن كېيىنكى ئوي:
بىزنىڭ شىركەتتىكى كۆپ ساندىكى ئەزالار ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن يېڭى نەرسىلەرگە بولغان تەتقىقات قىزغىنلىقىمىز بەك يوقۇرى بولسا كېرەك، دائىم ئۆزىمىز تېخنىكىلارنى چىقىرىپ تۇرىمىز، ۋە ئۆزىمىزنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىغا ئىشلىتىپ كەلدۇق.
بۇ تېخنىكا پۈتكەندىن كېيىن رەسىمنىڭ ئۈستىگە چېسلا ۋە باشقا ھوقوق ئۇچۇرلىرىنى يېزىپ رەسىمنىڭ سۈپىتىگە دەخلى يەتكۈزمەي، كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى بۇشۇنداق قىلىپ كىرگۈزۈپ ساقلاش ئويىمىزغا كەلدى.
ئەگەر بىر رەسىم كۆرگۈچ لايھىلەپ رەسىملىرىمىزگە قول يازما ھالەتتىكى چېسلا ۋە سۆزلەرنى قالدۇرۇپ ساقلاپ قويساق، رەسىمنى ئاچقان ۋاقتىمىزدا يېنىدا كىچىك ئەسكەرتىش كۆزنىكىنى ئاچسا ئىىككىنجى قات رەسىمى كۆرۈنسە، توربەت ۋە تېلىفونلاردىمۇ بۇ ھېسابلاش ئۇسۇلىنى قوللانسا، رەسىمنىڭ كىمگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى بىر قاراپكا كۆرگىلى بولىدۇ ۋە ئوخشاش سىغىم بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرنى ساقلىغىلى بولىدۇ،
تېلىفوندا ئېقىم ئارقىلىق كۆرگەندە تېخىمۇ ئاز ئېقىم بىلەن كۆپ ئۇچۇرنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن.
تېخنىكا تىزىمغا ئالدۇرۇش مەزگىلىدە بولغاچقا ھېسابلاش ئۇسۇلىغان ئائىت مەزمۇنلار ۋاقتىنچە ئېلان قىلىنمىدى، قىزىقىدىغان پروگراممىرلارنىڭ بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ تەڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەنبە:
http://muradilsoft.com/munber/forum.php?mod=viewthread&tid=376
-مۇرادىلسوفت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-25 10:29 PM