بۇئاتالغۇنى قانداق تەرجىمە قىلساق بولار؟
Sterile neutrino__ مانا بۇنى
ئەلۋەتتە "
نېتىرونۇ"ئاتالغۇسى شۇ پېتى ئومۇمىلىشىپ بولغاچقا ئۇنى تەرجىمە قىلىپ يۆرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.تەرجىمە قىلىپ بىرلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك بولغىنى "
Sterile"ئاتالغۇسى.
«يالاڭتۈش نېتىرونۇ»دېسەك بولۇرمۇ؟.تورداشلار مەنبەدىكى تونۇشتۇرۇش-بايانلارنى كۇرۆپ چىقىپ مۇۋاپىق ئاتالغۇ نامزاتى كۇرسەتسە.
مەن تور ئارىلاپ يۆرۈپ بۇ"
Sterile neutrino "نىڭ "قاراڭغۇ ماددا بۇلۇش مۆمكىنچىلىكى بارلىغى ھەققىدىكى ماۋۇ"
Sterile Neutrino as Dark Matter Candidate "دىگەن بۈگۈن ئېلان قىلىنغان يېڭى تېمىنى ئۇچراتتىم.بۇ ماۋزۇنى مەن ھازىرچە تەشەببۇس قىلغان"يالاڭتۈش نېتىرونۇ"ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلساق"يالاڭتۈش نېتىرونۇ _ قاراڭغۇ ماددىنىڭ نامزاتى"دەپ تەرجىمە قىلىنىشى كىرەك.قاراڭغۇ ماددا نۇۋەتتە ئىلىم-پەن ساھاسىدا قىززىق نۇقتا بولغانلىغى ۋەجىدىن "
Sterile neutrino "نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالمىسىنى مەيدانغا كەلتۆرۈش زۆرۆر دەپ قارىدىم.
ئەسلى مەنبەدە ۋە باشقا ئالاقىدار ماتىرياللاردىكى چۈشەندۆرۈشلەرگە ئاساسەن"
Sterile neutrino "دىگەن بۇ ئاتالغۇنى ئەينەن تەرجىمە قىلساق"باكتىرىيىسىز..مىكىروپسىز نېتىرونۇ"دەپ ئالساق بولار ئېكەن.لېكىن بۇنداق ئېلىش ئۇيغۇر تىلى ۋە ئىستىلىستىكىسى ئادەتلىرىگە كۇرە مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىدىم.بۇنداق نېتىرونۇلار تارتىش كۈچىدىن باشقا قالغان ئۈچ چوڭ ئۇز ئارا تەسىرگە قاتناشمايدىغانلىغى ئۈچۈن شۇنداق نام بېرىلگەن ئىكەن. يەنە بۇ نداق نېترۇنۇلار بىلەن باشقا نېترۇنۇلارنى پەرىقلەندۇرۈش ئۈچۈن بۇنداق نېتىرونۇلار "جانسىز"،باشقىلىرى"جانلىق"دەپ سۈپەتلەنگەن ئېكەن.بۇنداق نېتىرونۇلاردا تارتىش كۈچىدىن باشقا ئۈچ خىل ئاساسى تەسىرگە قاتنىشىشتا ئالماشتۇرىدىغان زەررىچىسى بولمىغاچقا مەن بۇنداق نېتىرۇنۇلارنى ئۇيغۇر تىلى ئادىتى بۇيىچە "يوقسۇل،يالاڭتۈش"دەپ سۈپەتلەشنى مۇۋاپىقراق دەپ قارىدىم.
"يالاڭتۈش نېتىرۇنۇ"_پەقەت بىر نامزات.تورداشلارنىڭ،كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق ئاتالغۇ نامزاتلىرىنى بايقىسا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
___ قاسىم سىدىق
2014.425
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-25 09:45 AM