مەن ھازىدار
بېشىمدا ئاق رومال،ئۈستۈمدە ئاق كىيىم.....چۈنكى مەن ھازىدار.......
ئىشق دەشتىدىكى سەرسانلىقىمدا يۈرىكىمنى يوقاتتىم.نۇرغۇن سىرلىرىم بار ئىدى ئۇنىڭغا يېزىپ قويغان.ھېچكىمگە ئېيتماس ئىدى،ئۈستۈمدىن كۈلمەس ئىدى.ھەممىنى ئېلىپ يوقاپ كەتتى مىنىڭ يۈرىكىم ..كۆز ياشلىرىم مەڭزىمدىكى تۇنۇش ۋە ناتۇنۇش ئىزلارنى بويلاپ غەلىيان كۆتۈرمەكت.كۆز ئالدىمدىكى سەن كۆزلىرىم كۆرۈپ ئۆگەنگەن سەن ئەمەس ئىدىڭ.
كۆزلىرىم سىنى يۈتتۈرۈپ ھازىدار.
ئاق قەغىزىم ئىدىڭ سەن.ساددا ئىدىڭ ،كۆيۈنۈشكە ،ئاسىرىلىشقا مۇھتاج ئىدىڭ.....ھەم ساڭا كۆيۈنۈشنى ،ئاسراشنى بۇرچۇم دەپ بىلەتتىم.سەندىن ھېچنەرسىنى يۇشۇرغان ئەمەسمەن.سىنىڭ ئالدىڭدا بۇرۇن قانداق بولسام ھېلىھەم شۇنداقمەن.
بىلەتتىڭ ..تۇلۇقى بىلەن.بىلىپ تۇرۇپ شۇ كۈنلەرنى ماڭا راۋا كۆردۈڭ.يۈرىكىمنى ئۆلتۈردۈڭ سەن.سەن ئۈچۈن سوقاتتى،سىنى دەپ ..بىرلا سىنى...........
ئۆلگەن يۈرىكىم ئۈچۈن مەن ھازىدار......
بىلمىدىم قەلبىڭدە باشقا بىرى تۇرۇپ يەنە بىراۋلارغا "سىنى سۆيىمەن جېنىم..."دىگەن خەتنى يازغانلىرىڭدا قوللىرىڭ تىترىمىدىمۇ؟يۈرىكىڭ ئەنسىز سوقمىدىمۇ؟ئۆزۈڭنىڭ شۇ ئاتالمىش سۆيگۈڭگە يۈز كىلەلمەسلكىڭنى ئويلىمىدىڭمۇ؟
توۋا دەيمەن ئۆز ئۆزۈمگە....سىنى شۇنچىلىك ھۈرمەتلەيتتىم.سىنىڭ سۆيگۈگە بولغان ساداقىتىڭگە قول قوياتتىم.
شۇ دەقىقە بىر جۈملە سۆز يادىمغا يەتتى: "جېنىم دىگەن جانلىرىڭدا ۋاپا يوق"
قەلبىڭدىن سۆيگىنىڭنىمۇ شۇنداق "جېنىم..."دەپ دەپ ئاتىغان بولغىيدىڭ؟يەنە بىراۋلارنى شۇنداق دەپ ئاتاشنى راۋا كۆرۈپسەن."جېنىم.."دىگەن سۆزلىرىڭگە لەنەت بولسۇن! بەلكىم يەنە كىم -كىملەرگە دەرسەن بۇ سەن ئۈچۈن كۇرسى چۈشكەن "جېنىم.."نى
ئەمدى مىنىڭ لۇغىتىمدە بۇ سۆز يوق.
يوقاتقان جېنىم ئۈچۈن مەن ھازىدار..........
سىنىڭ ئالدىڭدا ئۆزەمنىىڭ كىملىكىنى ناھايىتىمۇ ئوبدان بىلەتتىم.سەندىن ئارتۇقنى تەلەپ قىلمايتتىم.مىنىڭ كۆڭلۈمگە ئازار بەرمىسىكەن دەيتتىم.لىكىن نىمىدىن قاچسام شۇ مىنى قوغلىشىپلا يۈردى.قېچىپمۇ ئۈلگۈرەلمىدىم.قاتتىق مۇدۈرۈپ كەتتىم....
سېنىڭ ئالدىڭدا پايخان بولغان غورۇرۇم ئۈچۈن مەن ھازىدار......
قەلىب قەسىرىمدىكى پىنھانلىرىمدا مىھىر بۇلاقلىرىم بىلەن ئاۋايلاپ ئۆستۈرگەن گۈلۈم جۇدۇندا قالدى.ھېچكىمگە كۆرسەتمەس ئىدىم سېرىنگۈلۈمنى ...شۇنچە نازۇك ئىدى.تىترەپ تۇرار ئىدى.ھەر بەرگىدە بىر ھېكايە بار ئىدى.سەن كۆزلىرمنى توسۇۋالغان ياشلارنى سۈرتكەن،"مەن بار جېنىم.."دەپ چاچلىرىمنى سيلىغان قوللىرىڭ بىلەن يۇلىۋەتمەك بولدۇڭ بىچارە سېرىنگۈلۈمنى.يەنە شۇ قوللىرىڭنى باشقىلارغا ئۇزاتماق بوپسەن ئاڭلىسام .
قارا....قوللىرىڭدىن قان تېمىۋاتىدۇ.سېرىنگۈلۈمنىڭ قېنى...
چەيلەنگەن گۈلۈم ئۈچۈن مەن ھازىدار.....
مەن ئۈچۈن باھار رەڭگىنى يوقاتقان ھاياتىمدىكى يىقلماس ئابىدەم دەر ئىدىم سىنى...سەن كۈلسەڭ يۈرىكىم كۈلەر ئىدى.سىنىڭ يىغاڭ ئۈچۈن تەڭ يىغلايتتىم.سەندىن گۇمان قىلىشنى خىيال قىلمىغان ئىدىم.نە كۈنكى ئىشەنچ دەرىخىمگە ئۆز قولۇڭ بىلەن پالتا چاپتىڭ گوياكى كۆز ئالدىمدىكى يىقىلماس توغراق "غاراسسىدە..." سۇندى.
يوقاتقان ئىشەنچىم ئۈچۈن مەن ھازىدار....
ماڭا قارىغان كۆزلىرىڭ بىلەن بىراۋلارغا قارىماق بولغىنىڭدا كۆز قارچۇقلىرىڭغا سىڭىپ كەتكەن سىمايىم خىجىللىقتىن كىرپىكلىرىڭ ئارىسىغا يۇشۇرۇندى.
مۇمكىن بولسا ئۆزەممۇ بىراقلا يۈرىكىڭگە سىڭىپ كىتىشنى ئىستەيتتىم....
مۇشۇ تاپتا قولۇمدا سىنىڭ سۈرىتىڭ،يېنىڭدىكى مۈرەڭگە قولىنى ئېلىپ كۈلۈپ تۇرغان كىمدۇ ؟كۈلۈشلىرى نىمانچە تاتلىق؟...
ھەيھات.....ئۆزۈمنى تۇنۇمىغىنىم نىمىسى؟يېنىڭدىكى كۈلۈپ تۇرغان مەن ئىدىم.كۆزلىرىدىن مىھىر تۆكۈلۈپ تۇرغان سەن ئىدىڭ.كۆزلىرىڭنىڭ تېگىدە يەنە كۆزلەر بارلىقىنى بىلمەپتىمەن مىنىڭ يىگانەم.....
ئەمدى بۇ كۆزلەردىن ئۆزۈمنى ئىزدىمەسمەن...
يوقاتقان كۆزلەر ئۈچۈن مەن ھازىدار..........
كۈلكىدىن خۇشاللىق ياغىدۇ،ھەسرەت ياغىدۇ.كۈلكىدىن ئەلەم تامىدۇ.كۆز ياش تامىدۇ.
ئەمدى ئىچ-ئىچىمدىن ئېچىلىپ كۈلەلمەسمەن.ھەممىنى ساڭا قالدۇردۇم.مېنى "كەتمە جېنىم،سەندىن ئايرىلالمايمەن..."دىيىشلىرىڭ ئەجىبا ماڭا تەۋە بارلىق خۇشاللىق مەنبەسىنى يوق قىلىش ئۈچۈن بولسا ھە؟
قۇرۇغان كۈلكە بۇلاقلىرىم ئۈچۈن مەن ھازىدار.........
ئەسلەپ قالارسەن مەن يىراق كەتكەندە،
لىكىن مەن يوق،قەدىرىم يەتكەندە.
"كىتىمەن.."دەپ كىتەلمىگەن ئىدىم.سېنىڭ ئىشلىرىڭغا تەسىر يېتىشىنى خالىمايتتىم.ساڭ سھەم قىيىدىمايتتىم.ھېلىھەم "كەتمە.."دىدىڭ.ئەمما بۇ قېتىم ئۇنداق قىلالمايمەن.سەن يوق دۇنياغا كىتىمەن.ئەمدى مىنىڭ ماڭىلا تەۋە بولغا نازۇك ھىس تۇيغۇلىرىم بۇ دۇنيادا يوق.سىنىڭ ياردىمىڭدە مەن ئۆز قولۇم بىلەن ئۇلارنى كۆز ياشلىرىم بىلەن يۇيۇپ ،توزۇغان سېرىن گۈلۈمنىڭ بەرگىلىرىگە ئوراپ سىنىڭ قەلبىڭگە كۆمۈپ قويدۇم.مىنىڭ ئالدانغان ھېسسىياتىمغا بىر ئۆمۈر قەرزدارسەن.......
بالدۇر دەپنە قىلىنغان تۇيغۇلىرىم ئۈچۈن مەن ھازىدار....
گۈلمىسال يازمىسى
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-4-25 07:47 PM):
بەلكىم بۇرۇنلاردا مىنى سېغىنساڭ گۈل گۈلىسىتاننى ئەسلەر بولغىيدىڭ ؟
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-4-25 07:47 PM):
چۈنكى ئىسممىمۇ ،ساڭا تۇنۇش يۈزۈممۇ گۈل سىياق ئىدى مىنىڭ.
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-4-25 07:48 PM):
ئەمدى يالپۇز قاپلىغان قارا تۇپراق قەبرىستاننى كۆرگەندە مىنى ئويلا
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-4-25 07:49 PM):
ئۈستىگە ئاق رەخت يېپىلغانلارنى كۆرگەندە،ئاق رومال ئارتقانلارنى كۆرگەندە
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-4-25 07:49 PM):
مىنى ئويلا..مەن ھازىدار............
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-2 11:38 PM