مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3077|ئىنكاس: 20

ئىبرەتلىك بىر ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27519
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6623
تۆھپە نۇمۇرى: 589
توردا: 705 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2014-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 07:33:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  • ئىبرەتلىك بىر ھېكايە


ياش بىر ئادەم كەبىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: ئى توغرىلارنىڭ ياردەمچىسى بولغان رەببىم!ئى ھارامدىن قاچقانلارنىڭ ياردەمچىسى بولغان ئاللاھىم! دەپ دۇا قىلىپتۇ. بۇ دۇئانى تەكرارلاۋەرگەچكە ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەيران بولۇشۇپ: بۇ ئەينى دۇئانى تەكرارلاپ تۇرىۋېرىشىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟ دەپ سوراپتۇ. ئۇ ياش بۇنىڭ سەۋەبىنى سۆزلەشكە باشلاپ:

بۇنڭىدىن يەتتە سەككىز يىل بۇرۇن مەن كەبە ئەتراپىدا تۇرغىنىمدا ئىچىگە ئالتۇن قاچىلانغان بىر بۇخچا تېپىۋالدىم. ئۇنىڭ ئىچىدە تام مىڭ ئالتۇن بار ئىدى. ئىچىمدىن بىر ۋەسۋەسە:

بۇ ئالتۇنلار بىلەن شۇ، شۇ ئىشلارنى قىلالايسەن، دەپ پىچىرلىغىلى تۇردى. مەن ئۆز- ئۆزەمگە: ياق، بۇ مېنىڭ ئەمەس، باشقىسىنىڭ مېلى، مېنىڭ ئىشلىتىشىم ھارامدۇر، دېدىم. دەل شۇ چاغدا بىرى: بىر بوخچا تېپىۋالغان بارمۇ؟ دەپ سورىدى. مەن ئۇنى يېنىمغا چاقىردىم ۋە: قانداق بىر بوخچا ئىدى؟ ئىچىدە نېمىلەر باتتى؟ دەپ سورىدىم. ئۇ ئادەم ئۇ بوخچىنى تەرىپلەپ بەردى ۋە ئىچىدە مىڭ ئالتۇن باتتى، دېدى. مەن: بوخچاڭ بۇ يەردە¸دەپ ئۇنىڭغا قايتۇردۇم. ئۇ ئادەم بوخچىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ماڭا ئۇنىڭ ئىچىدىن 30 ئالتۇن بەردى.

مەن بازارغا باردىم. قۇل بازىرىدا بىر كىشى يۈز- كۆزى ناھايىتى پاكىز، بىر ياشنى ماختاپ سېتىۋاتاتتى. مەن: بۇ قۇلنى قانچىگە ساتىسەن؟دېدىم. 30 ئالتۇنغا دېدى. مەن دەرھال 30 ئالتۇننى بېرىپ ئۇ ياشنى سېتىۋالدىم. ئارىدىن بىر، ئىككى يىل ئۆتتى. بۇ ياش ناھايىتىمۇ چېۋەر بىرى ئىدى. ھەم ئەدەپلىك ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن بەكلا رازى ئىدىم. بىر كۈنى يولدا ئۇنىڭ بىلەن كېتىۋاتقىنىمدا ئالدى تەرەپتىن ئىككى ۋە ياكى ئۈچ كىشى چىقىپ كەلدى. يېنىمدىكى ياش ماڭا: ئى خوجايىنىم! مەن بولسام ماراكاشنىڭ ئەمرىنىڭ ئوغلى ئىدىم. بۇ كېلىۋاتقانلار بولسا دادامنىڭ ئادەملىرى. ئۇلار مېنى تېپىۋالدى. ئۇلار مېنى سەندىن سېتىپ ئالماقچى بولۇشىدۇ. سەن بولساڭ ياخشى ئادەمسەن. ئۇلارغا مېنى 30 مىڭ ئاتۇندىن تۆۋەن ساتمىغىن، دېدى. بۇ ۋاقىتقىچە ئۇلار مېنىڭ يېنىمغا يېتىپ كېلىشتى ۋە: بۇ قۇلنى بىزگە سېتىپ بېرەمسەن؟ دېدى. مەن: ساتاي، دېدىم. ئۇلار: ساڭا 60 ئالتۇن بېرەيلىمۇ؟ دېدى. مەن:

بولمايدۇ، دېدىم. ئۇلار: سەن ئۇنى بازاردىن 30 ئالتۇنغا ئالمىغانمىدىڭ؟ بىز ساڭا بىر ھەسسە ئارتۇق بېرەيلى دەۋاتىمىز، دېدى. مەن: ئۇنداق بولسا بازارغا بېرىپ ئېلىڭلار، دېدىم.

باھاسىنى ئۈستىرە- ئۆستىرە 20 مىڭ ئالتۇنغا چىقتى. مەن؛ 30 مىڭنىڭ ئاستىغا چۈشمەيمەن، دېدىم. ئۇلار ئامالسىزلىقتىن ماقۇل بولۇشتى.

مەن بۇ 30 مىڭ ئالتۇن بىلەن ئىش يەرلىرى ئاچتىم. تېخىمۇ باي بولۇپ كەتتىم. بىر كۈنى دوستلىرىم ماڭا:

ناھايىتى باي بىر ئائىلىنىڭ ياخشى بىر قىزى بار، دادىسى يېقىندا ۋاپات بولۇپ كەتتى. سېنى شۇ قىز غا ئۆيلەپ قويايلى ، دېدى. مەنمۇ: بولۇدۇ، دېدىم. شۇنداق قىلىپ نىكاھ ئوقۇلدى. قىز تۈگىلەرگە ئارتىلغان نۇرغۇن تويلۇقلار بىلەن كەلدى. تويلۇق ماللىرى ئىچىدىكى بىر بوخچا دىققىتىمنى تارتتى. قىزدىن: بۇ نېمە ؟ دەپ سورىدىم. قىز:بۇنىڭ ئىچىدە 970 ئالتۇن بار، دادام رەھمەتلىك بۇنى كەبىدە يۈتۈرۈپ قويغاندا بۇنى تېپىۋېلىپ قايتۇرۇپ بەرگەن ياشقا 30 ئالتۇننى بەرگەنكەن، قالغىنىنى بولسا : تويلىقىڭنىڭ ئىچىگە قويۇپ قويغىن، دەپ ماڭا  ھەدىيە قىلغانىدى، دېدى.

مەن بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن شۇنى بىلدىمكى، ئەسلىدە ئۇ مىڭ ئالتۇن مېنىڭ رىزقىم بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۇنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن بولسام ھارام يولدىن كەلگەن بولاتتىكەن. ئەمدى بولسا ھالال يوللار ئارقىلىق ماڭا تەكرار كەلدى. ماڭا ياردەم بېرىپ ھاراملاردىن ساقلىغان، نۇرغۇن نېمەتلىرىنى ماڭا ئىھسان قىلغان ئۇلۇغ ئاللاھقا ھەمدۇ سانالار بولسۇن، دېدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

مەنبە: خاتىرەمدىن




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-24 08:15 PM  


Yulghun

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 08:22:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارامدىن قاچ دىگەن گەپكە ياخشى بىر مىسال بوپتۇ. ئاپتورغا رەھمەت

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگەhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102807
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 253
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 09:51:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ چاپاق چىقىۋالدىغو ما خەتلەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 10:06:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلار خەت نۇسخىسىنى تەڭشەپ قويساڭلار بوپتىكەن.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2123
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 653 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 10:44:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نورمالغۇ خەت!

نىيەت ھەممىدىن ئەلا!بۇنى ھەر ۋاقىت ئۇنۇتماسلىق كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99236
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 523
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-11-4
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 11:01:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بۇ ھېكايە ئادەمنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان بەكمۇ ياخشى بىر ھېكايە ئىكەن.
    تەرجىمە قىلغۇچىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن.
    بۇ تېمىنى تور باشقۇرغۇچىلار بىر تەھرىرلەپ قويغان بولساڭلار. خېتى ياخشى چىقماي قېپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95977
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 454
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2013-7-16
ئاخىرقى: 2014-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 11:13:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  تىمىنى  ئۇقۇغىلى  بۇلمايدىغۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95977
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 454
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2013-7-16
ئاخىرقى: 2014-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 11:13:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  تىمىنى  ئۇقۇغىلى  بۇلمايدىغۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106008
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 75
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2014-4-14
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 03:58:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى يەرلەرنى ئۇقۇغىلى بولمىدى        قايتا تەھرىرلەپ باقساڭلار  بوپتىكەن     

پىچاقنىڭ تىغى بولغىنى بىلەن سېپىمۇ بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105857
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2014-4-9
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 10:56:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلار خەت نۇسخىسىنى تەڭشەپ قويساڭلار بوپتىكەن  ، ئۇقۇغىلى  بۇلمايدىغۇ



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش