مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 348|ئىنكاس: 2

مېھرىبان چوڭ ئانامنى ئەسلەپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106129
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 254
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2014-4-17
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 06:52:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   مىنىڭ چوڭ ئانام بەكمۇ پەرىشتە سۈپەت بىر مەزلۇم ئىدى. بىزنىڭ مەھەللىدىكى ھەممە چوڭ ئانامنى بەكمۇ ھۆرمەتلەيدىغان. دائىم باشقىلارنىڭ مىنى بۇ ئانار يۈزلۈك ئايتۇرسۇنخاننىڭ نەۋرىسىكەن دەپ ئەركىلەتكەندە چوڭ ئانامدىن بەكمۇ پەخىرلىنىپ كىتەتتىم. چوڭ ئانام يولدىن ئۆتكەن يولۇچىلارغا ئاش تاماق بىرەتتى. ئېنىق ئىسىمدە، كىچىك ۋاقتىمدا چوڭ ئانام بىزنىڭ ئۆيگە بىڭگۇر(چوكا مۇز)ساتقىلى كىرىپ ھارۋىسىنىڭ چاقى ئېتىلىپ كەتكەن لاۋخەنگىمۇ نان ۋە تاۋۇزمۇ ئىش قىلىپ يەنە بىر نەرسە بەرگەندە، مەن ھەيران بولۇپ،-چوڭئانا، ئۇ دىگەن كاپىر تۇسا دىگىنىمدە ماڭا بالام ئۇمۇ ئاللانىڭ بەندىسى دىگىنى ھېلىمۇ ئىسىمدە. ئۇ چاغلاردا ئاللاھ دىگىنى كىم ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان چاغلىرىم. ھەركۈنى بەش ۋاخ نامازغا تۇرغاندا كەينىدە دوراپ سەجدىن باش كۆتۈرگەندە چوڭ ئانامغا ئۈسۈۋالاتتىم. خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن جايناماز ئۈستىدە ئولتۇرۇپ نۇرغۇن چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بىرەتتى. گولچامغۇر چۆچىكى،پ اتىمەنىڭ كۆينىكى، چىن تۆمۈر باتۇر ،پەيغەمبەر قىسسىلىرىنى ئېيتىپ بەرسە چوڭ ئانامنىڭ بوينىغا گۈرە سالغىنىمچە ئۇخلاپ قالاتتىم.تاڭ ئاتقاندا چوڭ ئانامنىڭ بامدات نامىزىدا بىز ئۈچۈن قىلغان دۇئا تىلاۋەتلىرى ۋە كۆزياشلىرى بىلەن ئېيتقان بېيىتلىرىنى ئاڭلاپ ئويغىنىپ كىتەتتىم.ئىسىمدە قالغانلىرىنى چوڭ ئانامنىڭ ئاھاڭىنى دوراپ كىچىك باللانى يىغىۋىلىپ ئېيتىپ بىرەتتىم.دوسلىرىم ساڭا بۇنداق جىق ھىكايىنى كىم ئېيتىپ بەردى دىسە بوينۇمنى سوزۇپ گىلىمنى قىرىۋىلىپ چوڭ ئانام دەپ شۇنداق ماختىنىۋالاتتىم.دوسلىرىم بىلەن ئۆزئارا چوڭ ئانىمىزنى سېلىشتۇرۇپ دائىم ماختىناتتىم.

   مەن ئىسىمنى بىلسەم چوڭ ئانامنىڭ بەكمۇ چوڭ بىر بېغى باركەن.بۇ باغدا مۇشۇ يىزىدىكى ھەممە خىل مىۋىلەر بار ئىدى.چوڭ دادم بولسا توخۇ سوقۇشتۇرۇپ ئويناشقا ئامراق بولۇپ تاڭ ئېتىپ خوراز قىچارغاندىن كىيىن توخۇسىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ چىقىپ كەتسە كەچتە قايتىپ كىلەتتى.لىكىن قانداق كۈن بولسۇن ئۆيگە قۇرۇق قول قايتىپ كەلمەيتى.شۇڭلاشقىمىكى چوڭ ئانام باشقىلار چوڭ دادامنى قانداقلا دەپ كەتسۇن ئەزەلدىن ئۇرۇشمايدىغان.ئاشۇ يوغان باغنىڭ ئېغىر يېنىك ئىشلىرىنى ئۆزى تۈگىتىپ، توققۇز بالىنى قاتارغا قوشقانىدى. مىنىڭ نەزىرىمدە چوڭ ئانام بەكمۇ چىچەن، چاققان ئايال ئىدى. ئۆزى قولىدا ماڭا كىچىك بالا قونچاقلارنى تىكىپ بىرەتتى. ھەر قېتىم چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كەلگەندە قولۇمدا يېڭى قونچاق پەيدا بولاتتى.ھەريىلىدىكى بالىلار بايرىمى،قۇربان ھېيىت روزا ھېيىتلاردا ئۇچامدا كىچىك مەلىكىلەرنىڭكىدەك چرايلىق كىيىملەر پەيدا بولاتتى.كىيىن بىلىشمچە،مەن تۇغۇلغاندا دادام بىلەن ئانام ئۇرۇشۇپ قېلىپ ئاجرىشىپ كەتمەكچى بولۇپتىكەن،لىكىن مىنىڭ تۇغۇلغانلىقىم،ئاشۇ قارا قۇمچاقتەك كۆزلىرىم تەسىرلەندۈرگەن بولسا كىرەك،مىنى ئانامنىڭ قورسىقىدىكى چېغىمدىلا چۈشۈپ كەتسۇن دەپ ئانامغا ئېغىر چىلەكلەردە سۇ توشىغىنى،ئېغىر ئىشلارغا سالسىمۇ مەن يەنىلا بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇپتىمەن،لىكىن مەن شۇنداق كىچىك تۇغۇلۇپتىمەنكى مىنى بۇ بالا چوقۇم ئەي بولمايدۇ دەپ ئويلاپ مىنى دادامغا بىرىۋىتىپ ئانام بىلەن دادامنى ئاجراشتۇرىۋەتمەكچى بوپتىكەن.تەغدىر شۇنداق بولسا كىرەك، مەن تۇغۇلغاندىن كىيىن ئانام بىلەن دادام ئۇنداق دائىم ئۇرۇشمايدىغان بوپتۇ.مۇشۇ تەرىقىدە مەنمۇ كۈندىن كۈنگە چوڭ بوپتىمەن. ھەرھالدا بۇ دۇنيادا يەيدىغان رىسىقىم بولسا كىرەك.ئۈچ تۆت ياش ۋاقتىمدا ئوما ۋاقتىدا ئىسسىق ئۆتۈپ ئاغرىپ قالغىنىمنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئاغرىپمۇ قالماپتىمەن. ھەرقېتىم چوڭ ئانامنىڭ ئۆيگە كەلسەك شۇنداق خۇش بولۇپ كىتەتتىم. چوڭ ئانامنىڭ ئاشۇ كەڭرى باغلىرىنى بېشىمىزغا كىيىپ،مەن يامىشىپ ئوينىمىغان مىۋىلەر،مەن كىچىپ ئوينىمىغان ئېرىقلار يوق ئىدى.چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىدە ئۆزۈمنى خۇددى چۆچەك كىتاپلاردىكى گۈزەل باغلاردىكىدەك ھىس قىلاتتىم.باغلاردا چۆچەك كىتاپلاردا ئوقۇغان مەلىكىلەرنى دوراپ،باغدىكى قىزىل گۈللەردىن چەمبىرەك ياسايتىم.سۆگەت تاللىرىدىن يالغان چاچلارنى ياسايتىم.تال چىۋىقنى ئات قىلىپ بۇغداي ئېتىزلىرىدا چاپاتتىم.چۈش بولغاندا يەنە چوڭ ئانام قېشىمدا بولمىسا ئۇخلىمايتىم.قېشىمغا ئوسمىنى چوڭ ئانام قويۇپ قويمىسا ئۇنىمايتىم.مىنى گوللاپ يۈرۈپ قۇلقىمنىمۇ كىچىكلا چوڭ ئانام ئۆز قولى بىلەن تىشىپ قويغاندى.چوڭ ئانامنىڭ ساندۇقى مەن ئۈچۈن شۇنداق بىر سىھىرلىك ساندۇق ئىدىكى مەن ئامراق نەسىلەرنىڭ ھەممىنى پەيدا قىلالايتى.ئاغرىپ قالسام ئەزەلدىن دوختۇرغا ئاپارمايدىغان،ئېرىق بويلىرىغا ئۈنۈپ چىققان ھەرخىل ياۋا ئوت چۆپلەردىن ياسىغان دورىلار بىلەن دورا يىمەي ئاسما ئۇكۇل ئۇدۇرماي ساقىياتتىم.شۇڭلاشقىمۇ ھەرقېتىم ۋاكسىنا ئۇرغىلى كەلسە بېغىمىزنىڭ كەينىدىكى ئېرىقتىن ئۆمىلەپ قاچاتتىم،لىكىن ھەرقېتىم تاغام ئۆمىلەپ قېچىۋاتقان يېرىمدىن تۇتىۋىلىپ ۋارقىرىغىمنغا ئۇنىماي ۋاكسىنا ئۇردۇراتتى.ئۇكۇل يىڭنىسىنى كۆرسەم ئاغرىمىسىمۇ يالغاندىن ۋارقىراپ يىغلاپ خاپا سالاتتىم.يەنە ئاشۇ مىھرىبان پەرىشتە چوڭ ئانامنىڭ سىھىرلىك ساندۇقى مىنى يىغىدىن توختىتاتتى.دادام تەرەپ ئىقتىسادى چوڭ ئاناملارغا قارىغاندا بىر قەدەر ياخشى ئىدى،لىكىن مەن چوڭ ئاناملانىڭكىگە بارىدىغاندا دائىم باي دادامنىڭ ئۆيىگە بارىمىز دەيتىم.چوڭ ئانام ئۆيدىكى ھەممە ياخشى نەرسىلىرىنى بىزگىلا ئېپ قويىدىغان ئوخشايدۇ دەيتىم،لىكىن باشقا نەۋرىلەر كەلسىمۇ چوڭ ئانامنىڭ سىھرلىك ساندۇقى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتەتتى.مىنىڭ بالىلىق دەۋرىم چوڭ ئانامنىڭ كەڭرى كەتكەن باغلىرىدا خۇددى چۆچەكلەردىكىدەك گۈزەل ئەسلىملەر بىلەن ئۆتتى.

   مانا مۇشۇنداق گۈزەل غۇبارسىز باللىقىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەكتەپ يېشىغىمۇ توشتۇم.مەكتەپ يېشىغا توشاي دەپ قالغان چاغلىرىم بولسا كىرەك مەن چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇرغان ئىدىم،مىنى ئاپاق قىزىم سىزنى مەكتەپكە بىرىدىكەن،دادىڭىز بىلەن بىللە كىتىڭ دىسە ياق كەتمەيمەن دەپ يەرنى تېپىپ،تۇرىۋالغىنىمدا،ئوماق مەلىكەم،ئوقۇپ چوڭ بولغاندا دوختۇر بولۇپ مىنى داۋالاپ قويىسىز،ماڭا ئاسما ئۇكۇل ئېسىپ قويىسىز دەپ كۈندە قولۇمدىن چۈشۈرمەي كۆتۈرۈپ ئوينايدىغان ئاسما ئۇكۇل شىلىنكىسىنى كۆرسەتكەنىدى.مەكتەپكىمۇ كىردىم،مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن دائىم چوڭ ئانامنىڭكىگە بارىدىغاندا مەن بالىنىڭ چوڭى بولغاچقا ئۆيدە كالا قويلارغا قاراپ ئۆي بېقىپ قالاتتىم.نەچچە ياش ۋاقتىم ئىسىمدە يوق،بىر يازدا چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىدە باغلاردىكى پىشىپ كەتكەن ئۈرۈك ۋە گىلاس دىگەندەك مىۋىلەرنى ئۈزۈپ يەپ كۆينىكىمنىڭ ئېتىكىنى شالتاق قىلىۋەتكەندىم.چوڭ ئانام كۆينىكىمنى يۇيۇپ بىرىش ئۈچۈن سالدۇرىۋېلىپ،مىنى ئۆگزىگە چىقىپ گۈلە قاق يەپ چۈشۈڭ دىگەن.مەن ئۆگزىگە چىقىپ يىراقتىن كىلىۋاتقان تاغامنى كۆرۈپ قېچىپ مۆكۈۋالىمەن دەپ تۈڭلۈكتىن چۇشۇپ كىتىپ پۈتۈن ئۆيدىكىلەرنى ساراسىمىگە سېلىۋەتكەن ئىدىم.مىھرىبان چوڭ ئانام تاغامغا خاپا بولۇپ سەن كەلمىگەن بولساڭ ئۇ تۈڭلۈكتىن چۈشۈپ كەتمەيتى دەپ خاپا بولۇپ كەتكەنىدى.كىيىنچە باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ پۇتتۈرۈپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتىم.مانا بۇ چاغلارغا كەلگەندە مىنىڭ چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان ۋاقتىم تېخىمۇ ئازلاپ كەتتى.ئىسىمدىن كەتمەيدىغىنى يەنىلا مىھرىبان چوڭ ئانامنىڭ بىزنىڭ قارىمىز يۈتكىچە ئىشىك ئالدىدا قاراپ تۇرغان ئاشۇ سىماسى.چوڭ ئانامنىڭ قۇچىقىدا بۇرۇنقىدەك ئەركىلەپ ئوينىيالمىغىنمىنى ئويلىسام چوڭ بولمىساممۇ بوپتىكەن دەپ قالاتتىم.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; u% q* K3 k- h  _% K) z" I" n
   مانا ھەش پەش دىگۈچەچوڭ ئانام تۈگەپ كەتكىلىمۇ ئىككى يىلدىن ئاشتى. خېلى ئۇزۇن بوپتىكەن چوڭ ئانام چۈشۈمگە كىرمىگىلى.بۈگۈن ئىشقا ماڭغۇچە كوچا ئاپتىبوسىدا كەينىدىن قارىسا چوڭ ئانامغابەكمۇ ئوخشايدىغان بىر چوڭ ئاناشنى كۆرۈپ ھاياجاندىن كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ بۇ چۈشۈممۇ ياكى ئوڭۇممۇ دەپلا قالدىم.قەدەملىرىم ئۆزۈمگە بويسۇنمايتى.قانداق بولۇپ ئۇ چوڭ ئاناشنىڭ قېشغا كىلىپ قالغىنىمنىمۇ بىلەلمەيلا قالدىم.كۆزلىرىم ئىختيارسىز نەملەشتى.ھەر قېتىم چوڭ ئانامنى ئەسلىگنىمدە چوڭ ئانامنىڭ جاينامازدا تۇرۇپ قىلغان ھەربىر دۇئالىرى قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرايتى.ئاشۇ دەقىقىلەردە چوڭ ئانامنى نىمىشقىمۇ جىقراق قۇچاقلىۋالمىغان،بوينىغا گۈرە سېلىپ ئەكىلىۋالمىغان بولغىيتىم،ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلىرىنى نىمىشقا ئۇنتۇپ قالغاندىمەن دەپ كىتەتتىم.كىچىك ۋاقتىمدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەر قوينىدا چۈشىدىغان بىكەتكە قانداق كىلىپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن.ماشىنىدىن چۈشۈشتىن بۇرۇن چوڭ ئانامغا ئوخشايدىغان ئاشۇ چوڭ ئاناشنى شۇنداق قۇچاقلىۋالغۇم  كېلىپ كەتتى.لىكىن ئۇنداق قىلالمايتىم.ئىچىمدە بۇ چوڭ ئاناشقا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە يەنە كۆرۈشۈش نىسىپ بولا دەپ ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتىم.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: K1 {9 v$ u) e2 Q8 A4 J
مەنبەسى: ئۆزۈم  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-24 09:25 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 a4 p9 H- t- w" Q& R1 b
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 k0 o9 ?1 D" }' Q8 F

ئىچىڭگە تېرىۋالغان ئاداۋەت ئۇرۇقلىرى بىخ تارتىپ كۆكلەپ كەتمىسۇن.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4277
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19823
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2014-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 11:50:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بالىلىقىمنى، بۈزرۈكۋار مۇمامنى ئەسلەپ قالدىم.............

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106202
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2014-4-19
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 03:28:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىنى كۈرۈپ مەرھۇم مومام ئىسىمگە كىپ قالدى

تارزان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش