يىغلىۋالغۇم كېلىدۇ بەزەن
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
يىغلىۋالغۇم كېلىدۇ بەزەن، يۈرەك-باغرىم ئېرىپ كەتكۈچە. ئىسەدەشتىن تىترەپ ۋۇجۇدۇم، سىلكىنىشتىن ھېرىپ كەتكۈچە. يامغۇر كەبى ئاققان ياشلىرىم، ئازابىمنى ئېلىپ كەتكۈچە.
يىغلىۋالغۇم كېلىدۇ بەزەن، چىڭ قۇچاغلاپ يالغۇزلۇقۇمنى. كۈلۈپ تۇرۇپ يۈتكەن چېغىمدا، بۇ ھاياتنىڭ زۇقۇملىرىنى. يىغلاپ تۇرۇپ ئەسلەپ قالىمەن، سېنى مەغرۇر ئۇزاتقىنىمنى.
يىغلىۋالغۇم كېلىدۇ بەزەن، ئاڭلا لېكىن چۈشكۈن يۈرمىدىم. ئۆزگىلەرنىڭ ئالدىدا ئەسلا، نالە قىلىپ،قاپاق تۈرمىدىم. پىنھانلاردا تۆكسەممۇ قان-ياش، دۈشمەنلەرگە ھېچ بىلدۈرمىدىم.
يىغلىۋالغۇم كېلىدۇ بەزەن، يىغلاۋېرىپ قۇشقا ئايلانسام. قالماس ئىدى يۈرەكتە ھەسرەت، ۋىسال پەيزى سۈرۈپ-شادلانسام. كۆز-يېشىمدىن ئاتسا يېڭى تاڭ، مەنزىل تامان كۈلۈپ ئاتلانسام. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 05:32 PM
|