كىتاپخۇمارلار
(ھېكايە)
روزى قادىر
يىل بېشى ناھىيەلىك تەشكىلات بۆلۈمىدىن يېزىلىق ساقچىخانىغا يىڭى باشلىق تەيىنلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇقتۇرۇش ھەپتىلىك چوڭ يىغىندا بارلىق كادىرلارغا ئاڭلىتىلدى ۋە يىڭى باشلىقنىڭ تەرجىمھالى ئوقۇپ ئۆتۈلدى، پىكىرى بولسا ئېيتىشنى تاپىلاپ يىغىننى تاماملىدى.
ئادەتتىكى چاغلاردا يىغىنلارغا ۋەزىپە ياكى يوقلىمىدىن ئۆتۈشكىلا قاتنىشىپ، يىغىننىڭ تىزراق تۈگىشىگە ئۇسسىغان باچكا سۇغا تەشنا بۇلغاندەك تەشنا ئىدى. بۈگۈن يىڭى باشلىقنىڭ گىپى چىقىۋىدى، ھەممىسى شەپە تىڭشاۋاتقان توشقاندەك قۇلاقلىرنى دىڭ قىلىپ، كۆزلىرى نۇرلىنىپ كېتىشتى. يىغىن رىياسەتچىسىمۇ باشقا ۋاقىتلارغا قارىغاندا ئۆزىنى كۆرەڭ تۇتۇپ شوخشىپ سۆزلىدى.
يىغىن ئەھلىنىڭ چېھرىدىن جىلۋە چىقىپ تۇراتتى. ئۇلار «يىڭى باشلىق قانداق ئادەمدۇ؟» دېگەندەك پاراڭلار بىلەن يىغىندىن تاراپ كېتىشتى. ئۇلاردا تەمەننا تويغۇسى ئەكىس ئىتەتتى. ئۇلار بۇ تويغۇسىنى باشقىلارنىڭ بىلىشنى خالىمىغاندەك يۇلىغا تېز مېڭىپ كەتتى .
«ھەر قاچان يىڭى باشلىقمۇ بۇرۇنقى باشلىققا ئوخشاش ئادەمدۇ!» دەپلا باشلىقنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى تۈگىتەتتى كەنىت ساقچىسى ئەكبەر پور.
بۇگۈن ئەتىگەن كادىرلار جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا ئىشقا كەلگەنىدى. ئىشقا كىچىكىپ، ئىزلەڭگۈلۈك قىلدىغان ھالەتلەردىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. تۆنۈگۈن ئېچىلغان يىغىندا يىڭى باشلىق مەركەزگە ئۆگىنىشكە كەتكەنلىكى، كېلەر ئاينىڭ ئاخىرلىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئىشقا چۈشىدىغانلىقىنى يىڭى باشلىق كەلگۈچە ھازىرقى باشلىقنىڭ ئىشلەپ تۇرىدىغىننى ئۇقتۇرغانىدى.
يىڭى باشلىقنىڭ تەرجىمھالى ساقچىخاننىڭ ئۆگىنىش دوسكىسىغا چىقىرىپ قۇيۇلدى. بۇ دوسكا شۇ كۈنى تۆمۈر ماگىنىتنى تارتقاندەك ساقچى، كادىرلارنى ئۆزىگە تارتىۋالغاندى. باشلىقنىڭ تەرجىمھالىنى كادىرلار ناھايىتى قىزىقىپ كۆردى، بۇلۇپمۇ «باشلىقنىڭ قىزىقىشى»غا قاراپ ئولجىغا يولۇققان تۈلكىدەك سەت ھىجىيىپ قۇياتتى. باشلىقنىڭ قىزىقىشنىڭ «كىتاپ ئۇقۇش»، ئائىلە كېلىپ چىقشىنىڭ ۋالىي بىلەن يېقىنلىقىنى بىلىشكەنىدى.
بىر كۈن ئىچىدە بۇ تەرجىمھال قەغىزى كىرلىشىپ يىرتىلىپ كەتكىلى ئاران قالغانىدى، باشقا چاغ بولسا دوسكىغا چاپلانغان ئىلغارلارنىڭ تەجىربىلىرىنى ئايلاپ بىرەر قېتىممۇ كۆرمەيتتى.
تېخى كەلمىگەن باشلىق شۇنداق قىلىپ كادىرلار ئارىسىدا قىزىق نۇقتا بۇلۇپ قالدى. يىڭى باشلىقنىڭ كىتاپ ئۇقۇش قىزىقىشىدىن باشلىقنى ناھايىتى كۆپ بىلىدىغان، ئىلمخۇمار كىشى ھىساپلايتتى. باشلىق كەلگۈچە ئۆزلىرىنى بىلىمدار كۆرسىتىشكە تەييارلىق قىلمىسا، باشلىقنىڭ ئىددىيە قاراشلىرىنى چۈشنىپ، باشلىققا پىكىردە ھەمدەم بۇلۇپ، يىقىنچىلىق قىلمىسا بولمايتتى.
يەكشەنبە كادىرلار دەم ئېلىپ شەھەر ئارلايدىغان ۋاقىت. قۇياش ئىللىق كۈلۈپ زېمىنغا نۇرنى تەكشى تۆكەتتى. ھەممەيلەن ئۆز پىلانلىرى بويىچە بازارغا كىرىپ بىر ئىككى پاقلان ئەكېلىپ كەنىتتىكى تۇغقانلىرىغا بېقىپ بېرىشكە، شەھەردىكى كىتاپخانلارنى ئارلاپ تارىخ، پەلسەپە، ئەدەبىي كىتاپلاردىن سېتىۋېلىشتى. ئۇلارنىڭ نەزىردە باشلىق بۇ كىتاپلارنى ئۇقۇپ بۇلغاندى.
ھەپتە يەنە باشلاندى. كادىرلار ئىش ئورۇنلىرىدا خۇشاللىق بىلەن بىر كۈنلۇك خىزمەتلىرىنى تاماملاپ، ھازىرقى باشلىققىمۇ ياخشى تەسىر قالدۇرۇش ئۈچۈن ئىشخانىسىغا ئەرزىمەس ئىشلارنى دەپ تولا كىرىپ چىقىپ، سۇ چايلىرنى ئالماشتۇرۇپ چىقاتتى. ئىشنى تۈگتىپ تىنىمسىز كىتاپ ئۇقۇيتتى. ئۇلار بۇ كۈنلەردە كىتاپخۇمار بۇلۇپ قالغانىدى .
باشلىق كىلىدىغان كۈنلەر يېقىنلاپ قالدى. ئۇلار شۇ باشلىقنىڭ قىزىقشى ئاساسىدا كىتاپ ئۇقۇشقا كىرشىپ كەتتى. ئوتتۇرا كىچىگىچە كىتاپ كۆرەتتى. شۇنداق ھارغىنلىق ھېس قىلاتتىكى «مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدا كۇتۇپخاندىكى كىتاپلارنى ئوقۇۋالمىغىنىغا، ئەتىدىن كەچكىچە تۇرخانىدىكى كومپىيوتىر تاختىسىنى سىلاپ ۋاقىت ئۆتكۈزىۋەتكىنى»گە ۋايسايتتى.
ھازىرقى باشلىق يىڭى كەلگەندە كەپتەرگە ئىشتىياقى بارلىقىنى بىلىپ، بەسلىشىپ بېقىپ كەتكەنىدى. ئۆيىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي كەپتەرخانا ياسىتىپ بارلىق نەسىللىك كەپتەرلەرنىڭ نامىنى بىلىپ كەپتەرۋاز بولۇپ كەتكەنىدى.
يېزىنىڭ بازار رايونىدا بىر كىتاپ دۇكىنى ئېچىلىپ تىجارەت باشلاندى. دۇكاننىڭ بېزىلىشى ئەتىراپىدىكى دۇكانلارنى خىلىلا چاندۇرۇپ قويدى. ۋىۋىسكىسى پوزور بىزەلگەن، رەڭگارەڭ چىراغلار ئەتراپىغا ئېسىلىپ ئوتتۇرىسىغا سۇلۇس، روقى خەت نوسخىلىرىدا «ئەكبەرجان ئالتۇن بۇلاق» كىتابخانىسى دەپ يېزىلىپ كۆزنى قاماشتۇراتتى.
كىتابخانىنى ساقچىخاندىكى ئەكبەر پور ئاچقانىدى. يېزىلىق ئوتتۇرىدىن دەم ئېلىشقا چىققان ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىسىنى تەكلىپ قىلىپ ئاچقۇزدى. كىتابخانىنىڭ سودىسى قىزىپ كەتتى، كېلىپ كېتىدىغانلار كۆپ بولۇپ، كونا يېڭى ھەرقانداق كىتابنى تاپقىلى بولاتتى.
باشقىلار ئەكبەر پورغا قىزغاندى. ئۇنىڭ يىڭى باشلىق ئالدىدا يۈز تېپىپ كىتىشىدىن ئەنسىردى. ئۇلار ئۈچۈن كىتاپ ھېچقانچە نەرسە ئەمەس، لېكىن يىڭى باشلىققا ياردەچىلىكنى قويۇۋەتكۈسى يوق. ئۆزلىرمۇ ئەكبەر پوردىن قالماسلىق ئۈچۈن ئۆيىگە كۆزگە چېلىقارلىق كىتاپ ئىشكاپىدىن بىرنى ئېلىپ توم- توم كىتاپلارنى تىزدى. كۆڭلىدە «ئەكبەر پور كىتاپخانا ئاچقىنى بىلەن بىرەر كىتاپمۇ ئوقۇمايدۇ، ئۆيىدىمۇ كىتاپ يوق، باشلىق كەلگەندە ئۆيىمىزگە مىھمانغا چاقىرغاندا بۇنى كۆرىدۇ »دەپ ئۆزىنى خۇش قىلىشاتتى. ۋاقىت چىقىرىپ يازغۇچى، شائىر، ئەربابلار قاتناشقان ئىلىمىي سورۇنلارغا چاقىرمىغان مېھمان سۈپىتىدە بېرىپ تۇردى. باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۇچۇن سورۇن ئەھلى بىلەن ئايرىم، كوللىكتىپ رەسىملەرگە چۈشۈپ قويدى. مۇھاكىمە قىلىۋاتقاندا ئۆزى بىلگىنچە سۆزلەپ رەددىيەگە ئۇچۇرسىمۇ مەمنۇن قىياپەتتە ئولتۇردى.
يىڭى باشلىق كەلدى. ئۇنىڭ تەلەتى شۇنداق كۆرۈمسىز ئىدى. يۇغان بېشى سېمىز بوينىغا پېتىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. تاماكا ھاراقنى كۆپ ئىستىمال قىلامدۇ ياكى بىرەر كېسىلى بارمۇ، ئولتۇرسا قوپسا يەر ھەيدىگەن كالىدەك پۇشقىراپلا تىناتتى. باشقىلار باشلىقىنىڭ بۇ ھالىغا يەر تىگىدىن كۈلەتتى. ئۇنى كىتاپخۇمار سىياقىدا ئەمەس، كىتاپ ئۇقۇپ بەرسىمۇ ھاسىراش، پۇشۇلداشلىرى كەلتۈرگەن شاۋقۇندىن ئاڭلىيالىشىمۇ مۇمكىن ئەمەستەك ھېس قىلىپ، قىلغان بىھۇدە ئىشلىرىغا ئەپسۇسلىناتتى. چىرايىغا زورىغا تەبەسسۇم يۈرگۈرتەتتى.
خىزمەت باشلىنىپ كەتتى. كادىرلار باشلىقنىڭ يالغۇز قېلىشىنى ئىزدەيتتى. يالغۇز قالغاندا بولسا پاقلانلارنىڭ مەرىشىنى ئاڭلىتىپ ئۆتۈشەتتى.