مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1696|ئىنكاس: 19

ھولمىس—— قانلىق خەتنىڭ سىرى (پارچە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 12:00:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار، كەمىنە شامالدىن سىلەرگە سالام!
ئارام ئېلىش كۈنلىرى بىكارچىلىقتا كىتاپ كۆرۈۋېتىپ، مۇنۇ روماننى ئۇچرىتىپ قالدىم.  دەرستىن سىرتقى كىتاپ كۆرىدىغان ۋاقتىم قىس بولغاچقا، ئۆزۈم ئوقىغان، ئوقۇرمەنلەرنىڭ زېھنىنى ئېچىشىغا پايدىسى بار دەپ قارىغان بۇ قىسقا بۆلەكنى تەرجىمە قىپ ئەكەلدىم. زېھنىڭلار ئېچىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

(ھولمىس دېلو يۈز بەرگەن ئۆيگە كىرىپ ئۆي ئىچىنى بىر قۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن)

ئۇ بىزگە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئېيتتى: «بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تالانت ئىگىسىنىڭ چوقۇم ئېغىر بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان تالانتى بولۇشى كېرەكمىش. ئەلۋەتتە، بۇ فورمۇلا ئانچە ياخشى چىقىرىلمىغان، لېكىن بۇنى رازۋېدكا ئىشلىرىغا قويغاندا بەلكىم ئازراق ماسلىشىشى مۈمكىن»
گېلىگىس بىلەن لىستىرىد (ساقچى) بۇنىڭغا قىزىقتى. ھەتتا ئازراق ئۆتۈنگەن قىياپەتتە گەپنىڭ ئاخىرىنى كۈتۈپ قاراپ تۇرۇشتى.
«ھولمىس ئەپەندى، سىزنىڭ بۇنىڭغا قارىتا قانداق قارىشىڭىز بار؟ »
ھولمىس: «ئەگەر سىلەرگە ياردەم قىلغان تەقدىردىمۇ، كۆرسەتكەن تۆھپەم سىلەرنىڭ كۆرسەتكەن تۆھپەڭلارنى قىلچىلىكمۇ بېسىپ چۈشەلمەسلىكى مۈمكىن. سىلەرنىڭ ھازىرقى تەكشۈرۈشۈڭلار شۇنچىلىك ئوڭۇشلۇق، شۇڭا مەن بۇنىڭغا قول تىقسام بولماس— دېدى شۇنچىلىك زەردە قىلىپ— ئەگەر سىلەر ماڭا ئۆزۈڭلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېيتىپ بەرسەڭلار، بەلكىم مەنمۇ سىلەرگە ياردەم قىلىشىم مۈمكىن.
مەن ھازىر بۇ جەسەتنى بايقىغان ساقچى بىلەن كۆرۈشمەكچى، ئۇنىڭ ئادىرسىنى ماڭا ئېيتىپ بېرەمسىلەر؟ »
لېستىرد خاتىرىسىنى ئېچىپ ۋاراقلىغاندىن كېيىن دېدى: «ئۇنىڭ ئىسمى يوھان. يونسىن. ھازىر ئىشتىن چۈشۈپ بولدى. سىز ئۇنى كىلىنكىن گۈللۈكى ئوۋدىل  قورۇسى، 46- نومۇرلۇق ئۆيدىن تاپالايسىز. »
«دوختۇر، بىز ماڭايلى، بېرىپ ئۇنى ئىزدەيلى — دېدى ئۇ ماڭا ۋە بېشىنى ئۇلارغا قارىتىپ يەنە سۆزلىدى— سىلەرگە دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى دەپ بېرەي، ئېنىقكى، بۇ بىر قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى، قاتىل بىر ئوتتۇرا ياش، بوي ئېگىزلىكى ئالتە ئېنگىلىز چېس ، بەدەن قىياپىتىگە كەلسەك، پۇتى سەل كىچىكرەك، پۇتىغا ئۇچى چاسا شەكىللىك ئۆتۈك كىيىۋالغان، ھىندىستان سىگارتى چېكىدىغان ئادەم. خاتالاشمىسام، ئۇ ئۆلگۈچى بىلەن بىللە بىردانە تۆت چاقلىق ئات مەپىسىگە ئولتۇرۇپ كەلگەن، بۇ مەپىنى بىر ئات يالغۇز تارتقان، ئاتنىڭ ئۈچ ياقىسى كونا، بىراق ئالدى ئوڭ پۇتىنىڭ تاقىسى يېڭى. قاتىلنىڭ چىرايى قىزىل، ئوڭ قولىنىڭ تىرنىقى ئۇزۇن .يۇقارقىلارنىڭ سىلەرنىڭ دېلونى يېشىشىڭلارغا پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس. »
گېلىگىس بىلەن لىستىرىد بىر - بىرىگە قارىشىپ،چىرايىغا  ئىشەنمىگەنلىك چىقىپ تۇرىدىغان تەبەسسۈمنى يۈگۈرتىشتى.
لىستىرىد سورىدى: «سىز ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن دېدىڭىز. ئۇنداقتا ئۇ قانداق ئۆلتۈرۈلگەن؟ »
«زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن—  دېدى ھولمىس ئاددىيلا قىلىپ ئىشىك سىرتىغا ماڭغاچ—  ھەراست، يەنە بىر نۇقتا لىستىرىد،  راچ  (RACHE)دېگەن بۇ گەپنىڭ گېرمان تىلىدا قىساس دېگەن مەنىسى بار، شۇڭا ئەقلىڭىز بولسا ۋاقتىڭىزنى زايە قىلىپ «راچىر خانقىز» نى ئىشلەپ يۈرمەڭ» .
   ٭    ٭    ٭
(يولدا)
«سىز مېنى راستلا ھاڭ—  تاڭ قالدۇرۇپ قويدىڭىز ھولمىس—  دېدىم مەن—  سىز بايا ئۇلارغا دېگەن گەپلىرىڭىزدىكى ئىنچىكە نۇقتىلارنىڭ راس يالغانلىقىنى ئۆزىڭىزمۇ جەزىملەشتۈرەلمەيسىزغۇ دەيمەن ھە؟ »
«ماڭا ئىشىنىڭ، ئېيتقانلىرىمدا قىلچە خاتالىق يوق - دېدى ئۇ جاۋابەن - ئۇ يەرگە بارغان چېغىمدا، مەن يول بويىدىن ئىككى دانە ئات مەپىسىنىڭ چاق ئىزىنى بايقىدىم. سىز بىلىسىز، تۈنۈگۈن يامغۇر يېغىشتىن ئىلگىرىكى بىر ھەپتە ئىچىدە ھاۋا ئوچۇق ئىدى. شۇڭا ئۇ ئات مەپىسى  ئېنىقلا ئۇ يەرگە تۈنۈگۈن كەچتە بارغان؛
ئۇنىڭدىن سىرت، سىز يەنە ئاتنىڭ ئىزىغا دىققەت قىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئات ئىزىنىڭ  ئارىسىدا بىر تاقىنىڭ  ئىزى قالغان ئۈچ تاقىنىڭكىدىن خېلىلا ئېنىق ئىكەن. دېمەك بۇنىڭدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى ئۇ تاقىنى تېخى يېڭىدىن ئالماشتۇرغان. ئۇنىڭدىن سىرت، گېلىگىس نىڭ ئېيتقانلىرى  بىلەن قوشۇپ تەھلىل قىلساق، ئەتىگەندىن تارتىپ بۇ يولغا ھېچقانداق ئات نەپىسىنى كېلىپ باقمىغان. دېمەك بۇ چوقۇم تۈنۈگۈن كېلىپ ئۇ يەردە توختىغان مەپىنىڭ ئىزى. دەل  مۇشۇ مەپە تۈنۈگۈن ئۇ ئىككەيلەننى ئۇ ئۆيگە ئاپارغان. »
«ئاڭلاپ كەلسەك، بۇلارنى قىياس قىلىش تولىمۇ ئوڭاي ئىشكەن.  - دېدىم مەن - ئۇنداقتا سىز ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ بوي ئېگىزلىكىنى قانداق ئۇقتىڭىز؟ »
«بۇ بەكلا ئاسان ئىش، بىر ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇ ئادەمنىڭ قەدەم ئارىلىقىغا ئاساسەن ئۆلچەپ چىققىلى بولىدۇ. بۇنى ھېسابلاشمۇ تەس ئەمەس. لېكىن ھازىرچە سىزگە ئۆگىتىپ قويغىنىمنىڭمۇ كۆپ پايدىسى يوق. مەن بايا ئۆينىڭ سىرتىدىكى توپا بىلەن ئۆي ئىچىدىكى چاڭ توپىدىن ئۇ ئادەمنىڭ قەدەم ئارىلىقىنى ئۆچەپ چىقتىم. بۇنىڭغا ئۇلاپلا، مەن يەنە ئۆز نەتىجەمنىڭ توغرىلىقىغا ئىسپات تاپتىم، يەنى، ئادەتتە ئاساسەن ھەممە ئادەملەر تامغا خەت يازغان چاغدا تەبىي ھالدا ئۆزىنىڭ كۆرۈش سىزىقى بىلەن تەكشى ئورۇنغا يازىدۇ. بايىقى تامغا يېزىلغان خەت يەر يۈزىدىن ئالتە ئېنگىلىز  چېس  ئېگزلىكتىكى ئورۇندا ئىكەن. شۇڭا بۇ قىياسنى چىقىرىش خۇددى بالىلار ئويۇنى ئوينىغاندەكلا ئاسان ئىش»
«ئۇنداقتا ئۇنىڭ يېشىنى قانداق ئۇقتىڭىز؟ »
«ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر بىر ئادەم قىلچە كۈچىمەيلا تۆت ئېنگىلىز چېس  ئۇزۇنلۇقتا قەدەم ئاتلىيالىسا، ئۇ چوقۇم بىر ياشانغان ئادەم بولمايدۇ. گۈللۈكنىڭ قېشىدىكى يولدا كەڭلىكى شۇنىڭدىن قېلىشمايدىغان بىر كۆلچەك بار ئىكەن. ئېنىقكى، ئۇچى چاسا ئۆتۈك كىيىۋالغان كىشى ئۇنىڭدىن بىر قەدەمدىلا ئاتلاپ ئۆتكەن. ئەمما ئۆلگۈچە بولسا ئايلىنىپ ئۆتكەن .شۇڭا بۇنىڭمۇ ئۇنچە سىرلىق يېرى يوق .
يەنە باشقا چۈشەنمىگەن يېرىڭىز بارمۇ يە ؟ ».
«ئۇنىڭ چەككەن سىگارتىچۇ؟ »
«كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، تامدىكى خەتنى بىر ئادەم كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى قانغا مىلىپ  يازغان. مەن ئۇ خەتلەرنى لوپا ئەينەك بىلەن كۆزىتىپ، تامنىڭ بەزى جايلىرىنىڭ سىركىسىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم. ئەگەر بۇ ئادەم تىرنىقىنى ئالغان بولسا، چوقۇم مۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىگەن بولاتتى. ئۇنىڭدىن سىرت، مەن يەنە يەردىن ئازراق چېچىلىپ كەتكەن سىگارت كۈلىنى بايقىدىم. ئۇلار كاللەكلىشىپ قالغاندىن سىرت، رەڭگىمۇ بەكلا قېنىق ئىكەن. مېنىڭ بىلىشىمچە، پەقەت ھىندىستان سىگارتىنىڭ كۈلىلا مۇشۇنداق بولىدۇ. بەلكىم بۇ نۇقتىنى سىز بىلمەسلىكىڭىز مۈمكىن، مەن ئىلگىرى مەخسۇس تاماكا كۈلىنى تەتقىق قىلىپ باققان. ھەتتا يەنە تېخى بۇ توغرىلىق ئىلمىي ماقالىمۇ ئېلان قىپ باققان. ئۆزۈمنى ماختاپ ئەمەس، مەيلى قانداق ماركىدىكى سىگارت ياكى تاماكىنىڭ كۈلى بولسۇن، مەن ھەممىسىنى بىر قاراپلا ئاساسىي جەھەتتىن پەرق ئېتەلەيمەن. »
مەن پېشانەمنى سىلاپ ئازراق ھاڭۋاققان قىياپەتتە دېدىم: «ھازىر راستلا بېشىم قايغاندەك بولىۋاتىمەن ھولمىس. قانچە ئويلىسام شۇنچە سىرلىق تۇيۇلىۋاتىدۇ. مىسالەن ئېيتايلى: ئەگەر راستلا ئىككى ئادەم بولسا، ئۇلار ئۆيگە قانداق كىرگەن؟ ئۇلارنى توشۇغان ھارۋىكەشكە نېمە بولغان؟ بىر ئادەم قانداق قىلىپ يەنە بىر ئادەمنى زەھەر ئىچىشكە قىستىغان؟ خەتنى يازغان قان نەدىن كەلگەن؟ ئۇ ئايالنىڭ ئۈزۈكىمۇ نەدىن كەلگەن؟ بۇ دېلو مال - دۇنيا سەۋەبلىك ئۆلتۈرۈش دېلوسى بولمىسا، قاتىلنىڭ ئەسلى مەقسىدى زادى نېمە؟ ئەڭ مۇھىمى،قاتىل نېمىشقا تامغا «قىساس» دېگەن خەتنى يېزىپ قويغان؟
راستىمنى ئېيتسام مەن بۇ سوئاللارنى پەقەتلا بىر - بىرىگە ئۇلىيالمىدىم. »
ھەمراھىم ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئېيتتى: «ناھايىتىمۇ ياخشى دېدىڭىز، سىز دېلونىڭ غەيرى جايلىرىنى تولۇق تەكىتلەپ چىقتىڭىز. گەرچە مەن ھازىر دېلونىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى ئاساسەن  تولۇق قىياس قىلىپ چىقىپ بولغان بولساممۇ، يەنە قىسمەن نۇقتىلارنى چۈشەنمىدىم.
لىستىرىدنىڭ بايقىغان ئۇ خېتىگە كەلسەك، ئۇ پەقەتلا بىر قىلتاق خالاس. پەقەتلا بىزنى «بۇنى قانداق بىر مەخپىي گورۇھ قىلغاندۇ؟ »دەپ ئويلاتقۇزۇپ بېشىمىزنى قايدۇرماقچى. بىلىشىڭىز كېرەككى، ئۇ خەتنى ھەرگىزمۇ گېرمانىيىلىك ئادەم يازمىغان. دىققەت قىلدىڭىزمىكىن، ئىچىدىكى A ھەرىپىنى شۇنداق ئوخشىتىپ يېزىپتۇ. لېكىن يەنە شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز كېرەككى، ھەقىقىي گېرمانىيلىكلەر ئادەتتە لاتىن يېزىقى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا بىز ھازىر شۇنى جەزىملەشتۈرەلەيمىزكى، بۇ خەتلەر ھەرگىزمۇ گېرمانىيلىك كىشىلەرنىڭ قولىدا يېزىلمىغان. بەلكى بىر ئۇستا تەقلىدچىنىڭ قولىدا شۇنچە ئوخشىتىپ يېزىلغان.
دوختۇر، بۇ دېلو ئۈستىدە سىزگە يەنە ئارتۇق دەپ بېرىشنى خالىمايمەن. چۈنكى سىزمۇ بىلىسىز، سېرىكچىلەرمۇ ئۆزىنىڭ قانداق قىلغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويسا، ھەرگىزمۇ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭا مەن سىزگە ھەممىنى دەپ بەرسەم، سىزمۇ ھولمىسمۇ پەقەتلا بىر ئادەتتىكىچە ئادەم، ۋاي دېگۈچىلىكى يوقكەنغۇ دەپمۇ قالماڭ»
مەن جاۋابەن ئېيتتىكى: «خاتىرجەم بولۇڭ ، مەن ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن. رازۋېدكا خىزمىتى ھامان بىر كۈنى تەرەققىي قىلىدۇ، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، سىز مەخسۇس  بۇ كەسىپنى قۇرسىڭىز بولغىدەك. »
شېرىكىم بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خۇشاللىقتىن يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى. مەن بۇنى بۇرۇنلا ھېس قىپ يەتكەن،يەنى ئەگەر  بىرەرسى ئۇنىڭ تالانتىنى ماختىغاندا، ئۇ شۇئان خۇددى قىزلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى ماختىغانلىقىنى ئاڭلىغاندەك ھاياجانلىنىپ كېتەتتى.
ھولمىس داۋاملىق ئېيتتى: «سىزگە يەنە بىر ئىشنى دەپ بېرەي، ئۇچى چاسا شەكىللىك ئۆتۈك كىيىۋالغان ئادەم بىلەن ئۆلگۈچى ئىككىسى بىر مەپىگە ئولتۇرۇپ كەلگەن، ئۇنىڭدىن سىرت ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى يامان ئەمەس ئوخشايدۇ، ئۇلار ئۆيگە بىر بىرى بىلەن ياندىشىپ كىرىشكەن. ئۇلار ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئۆي ئىچىدە توختىماي ئۇياق - بۇياققا ماڭغان ، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆلگۈچى جايىدا مىدىرلىماي تۇرغان، ئۇچى چاسا شەكىللىك ئۆتۈك كىيىۋالغان ئادەم توختىماي ئۇياق - بۇياققا ماڭغان. بۇلارنى پولۇ ئۈستىدىكى توپا - چاڭلارنىڭ ئىزىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.ئېنىقكى، ئۇ قەدەمنى تولىمۇ چوڭ ئالغان ، دېمەك ئۇ ئىنتايىن ھاياجانلانغان.
قىياسىمچە بولغاندا، ئۇ بىر تەرەپتىن ماڭغاچ بىر تەرەپتىن توختىماي سۆزلىگەن، ئاخىرىدا سۆزلەپ ھاياجانلىنىپ (غەزەپلىنىپ) بۇ پاجىئە نى چىقارغان»
       مەنبە:  ھولمىس توپلىمى (福尔摩斯全集1,血字的复仇)
ئۆز تەرجىمەم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-24 12:21 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 12:09:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىسمەن ئىملا خاتالىقلىرىدىن خالىي بولالمىدىم، توغرا چۈشەنگەيسىلەر ھە ..

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 02:31:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ھولمېسنىڭ دېلو رازۋىت قىلىشى›› دىگەن كىتابنى بىر نەشىر قىلغانچە قايتا نەشىر قىلمىدى، مۇشۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى نەدىن تاپقىلى بولىدۇ؟ مۇنبەرداشلار بىر مەسلەھەت بەرسەڭلا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-24 02:33 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 03:01:32 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
UYGRAF يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 02:31 PM
‹‹ھولمېسنىڭ دېلو رازۋىت قىلىشى›› دىگەن كىتابنى بىر نە ...

بۇ كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچىسىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئۇقمايدىكەنمەن دېسە ....بولسا ماڭىمۇ دەپ بەرسەڭلا

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ھەقىقەت رەھىمسى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12923
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8675
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1726 سائەت
تىزىم: 2010-10-6
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 03:24:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم شامالجان. ئىمتاھانىغا بىر ئايلا قالدىيا ئەينا ،تەييارلىقلار پۈتۈپ قاغاندۇ؟
ھولمىس دەپ ئۇيغۇرچىسىمۇ بار

ئەخلاق دىلدا ئەمەس ھەركەتتە ئىپادىلەنسە ئاندىن ھەقىقىي ئاخلاق بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 03:33:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
9bulak يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 03:24 PM
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم شامالجان. ئىمتاھانىغا بىر ئايلا ق ...

ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام.
ھەئە، 43 كۈن قالدى ئەينا.
ئۇيغۇرچىسىنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىم يوقكەن جۇمۇ، تەتىلدە كىتاپخانىلارنى تەپسىلىيرەك قېزىۋەتمىسەم بولماپتۇ .

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3114
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 509 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 06:43:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xamal1124 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 03:33 PM
ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام.
ھەئە، 43 كۈن قالدى ئەينا.
ئۇيغۇرچ ...

قارىغاندا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوخشايسىز ئۇكام،،مۇنبەرنى ھازىرچە بىز ئويناپ تۇرايلى،سىز ياخشى ئۆگىنىش قىلىڭ جۇمۇ،،باشقۇرغۇچىلار،بولسا ماۋۇ بالىنى ئىمتىھان تۈگكىچە چەكلىۋېتىپ تۇرساڭلار بوپتىكەن،ئىمتىھاندىن كىيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويساڭلار،،،،،،،چاقچاق ھە،،،غەلبە يار بولسۇن!

دۇنيادا ھەممە ئازاپقا چىدايمەن،لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشقا ھەرگىز چىدىمايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 07:09:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dilnaz911 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 06:43 PM
قارىغاندا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوخ ...

رەھمەت جۇمۇ. كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە. كۆڭلۈم شۇنچىلىك سۆيۈندى.
تىلىكىڭلارنى يەردە قويماسلىققا تىرىشىمەن.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 07:25:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xamal1124 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 07:09 PM
رەھمەت جۇمۇ. كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە. كۆڭلۈم شۇنچىلىك سۆيۈ ...

ئۇكام، سەنمۇ مۇنداق نەرسىلەرنى يوللاپ يۇرگىچە دەرس تەكرار قىلساڭ ياخشى بولاتتى، بۇ نەرسىلەرنى ئىمتىھاننى بېرىپ بولۇپ تەرجىمە قىلىپ يوللىساڭمۇ بولاتتى ئەمەسمۇ؟  ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن.

kanjahun بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 07:51:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش