مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2282|ئىنكاس: 17

ئانا يۇرت رومانىدىكى تەبىئەت تەسۋىرلىرى پارچىلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يامغۇر تامچىسى ...

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48968
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5349
تۆھپە نۇمۇرى: 487
توردا: 555 سائەت
تىزىم: 2011-7-24
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 11:02:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئانا يۇرت رومانىدىكى تەبىئەت تەسۋىرلىرى پارچىلار



... يېرىم كېچىدە بۇ يېزا شۇنچىلىك جىمجىت، جانلىقلار ئۇيقۇدا، مەھەللىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئۆستەڭلا تۈگىمەس ناخشىسى بىلەن تەبىئەتنى مەدھىيىلەپ شارقىرايدۇ. پاكار ئۆيلەر باغلارنىڭ سوقما تاملىق قورۇقلىرى ئارقىلىق بىر–بىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۆگزىلىرى يانداش ئۆيلەر بۇ يەردە يوق. بۇ يېزىنىڭ مال–ماران، توخو–غازلىرىمۇ ئۆز ئۆيلىرىنىڭ ئالدىدىكى بوشلۇقتا تۈنەيدۇ، ئۇلارنى چۆچۈتىدىغان سۈرلۈك ئاۋازمۇ، قوپال قىلىقلارمۇ بۇ يەردە يوق، بۇ يەر ئادەتتە ئەنە شۇنداق خاتىرجەم ۋە كۆڭۈللۈك. ... 1–قىسىم 1–بەت

.

... مىڭبېگىنىڭ قورۇ–جايى كاتتا دەرۋازىلىق، ئۆيلىرى تۈڭلۈڭلۈك، ھويلا ئىچى تال باراڭلىق، قۇچاق يەتمەيدىغان چوڭ تۈۋرۈككە چىرايلىق، لېكىن مايلىشىپ كەتكەن چىراغپاي مىخلانغان، سول تەرەپكە ئات ئېغىلى ۋە ئامبار سېلىنغان، ئوڭ تەرەپتە باغقا كىرىدىغان ئىشىك كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇدۇلغا قارىسىڭىز، ئۆيگە كىرىدىغان ئىشىك كۆزىڭىزگە تاشلىنىدۇ. قوش قاناتلىق دالان ئىشىكىدىن كىرگەندە ئوڭ تەرەپكە چوڭ سۇپا جايلاشقان، قارىغاي لىم، تۈۋرۈكلەر، چاقماق كۆزلۈك تۈڭلۈك پەنجىرىسى، باغقا قارايدىغان چاقماق سالاسۇنلۇق بىر جۈپ پەنجىرە، دالان سۇپىسى ئۈستىگە سېلىنغان گۈلسىز قارا كىگىزلەر، كىگىزلەرگە سېلىنغان كۆرپىلەر، تىزىلغان ياستۇقلار، ئۈچ پەلەمپەيلىك ساراي ئىشىكى، سولدىكى ئاشخانا ئىشىكى... ساراينىڭ تۈڭلۈك پەنجىرىسى، نەقىشلەنگەن تام–تورۇسى، لىمتاق، ئويۇقلار، ئۆي ئىچىگە سېلىنغان ئاجايىپ چىرايلىق ئانار نۇسخىلىق، ئىران نۇسخىلىق خوتەن گىلەملىرى، يىپەك زىلچىلار بۇ يۇرتتىكى باشقا ئۆيلەردە يوق.... 1–قىسىم 12–بەت

.

... مىڭبېگىنىڭ بېغى ئەجەبمۇ كۆڭۈللۈك. قېلىن قارىياغاچلىقلار، قۇچاق يەتكۈسىز تېرەكلەر شاخلىرىدىكى قاغىلارنىڭ تولىلىقى، خۇددى دۇنيادىكى ھەممە قاغىلار شۇ يەرگە توپلانغاندەك. سوپسوپىياڭلارنىڭ، گۇگۇكلارنىڭ يېقىملىق ئاۋازلىرى، يۈگۈرۈشۈپ يۈرگەن ياۋا توشقانلارچۇ تېخى؟ بۇ باغ رىۋايەتلەردىكى سىرلىق ئورمانلىققا ئوخشايدۇ. باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆستەڭچۇ تېخى. ئۇنىڭ بويلىرىدىكى قاپاق تېرەكلەر بۇ قاشادىن –ئۇ قاشاغا يېتىۋالغان، ئۇ ھەم كۆۋرۈك، ھەم ئىلەڭگۈچ. غولى كاۋاكشىغان تېرەكلەر ئارىسىدىكى ئاق ئۈجمىچۇ؟ ئۇ بەلكى نەچچە يۈز يىلدىن بېرى مېۋە بېرىپ كېلىۋاتقاندۇر. قويۇق ئالمىلىقلار ئارىسىدىكى چىمەنلىك تېخىمۇ كۆڭۈللۈك، ياتساڭ كۆرپە، موللاق ئاتساڭ مامۇق، ئوڭدا يېتىپ ئاسمانغا قارىساڭ بىر سىرلىق دۇنيا... 1– قىسىم 19–بەت

.

... ئېگىلگەن سۆگەت شاخلىرى چېچەك سۈيى بىلەن تولۇپ، شوخلىنىپ ئېقىۋاتقان سارغۇچ سۇنى تويماي سۆيمەكتە. بۈك دەرەخلەر ئارىسىدىكى گۇررىدە كۆتۈرۈلگەن قۇشقاچلار ئۇلارنىڭ بېشىدىكى قېرى قارىياغاچ شېخىدا بەس–بەستە ۋىچىرلاشماقتا، ئاشىقىنى تولا چىللاپ چارچىغان زەينەپ «كاككۇك كا...كا...كاككۇك» دەپ ھارغىن ئاۋازدا نالە قىلماقتا. مانا نەدىدۇر ئايغىر ئەسەبىيلىك بىلەن كىشنىدى، تېرەكلەر تۆپە شاخلىرىدىكى غورالداي، قۇرغۇي، كۆكىنەكلەر چۇرقىراشتى، كەپتەرلەر كۆپكۈك ئاسمان قەرىدە گۈل چىقىرىپ پەرۋاز قىلىشتى. ئىيۇل ئېيىنىڭ ھەممە گۈزەللىكى گويا شۇ دەقىقىدىلا ئۆزىنى كۆرسەتتى، ئىنسانغا راھەت–پاراغەت بېرىشكىلا ئۆزىنى بېغىشلىغان ئۇلۇغ تەبىئەت ئۆز پەرزەنتلىرىنى نېمىشقىدۇر پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن ئالقىشلىدى... 1–قىسىم 19–بەت

.

... ئۇ ئالدىدىكى سار تاغنىڭ قارلىق چوققىلىرىغا، قاپتاللىرىدىكى قارىغايلىقلىرىغا، ئىلى دەرياسىنىڭ نېرىقى قىرغىقىدىكى چەكسىز دالا، قىرلارغا شائىرانە ھېسسىيات بىلەن تويماي نەزەر سالدى... 1–قسىم 22–بەت

.

... سېسىق پۇراق، زەي يەر بۇ يەردە يوق. ئېتىزنىڭ ئىشى ئېغىر بولغىنى بىلەن ئۆزى گۈزەل، نەگىلا قارىساڭ بۆدۈنە «ۋىت–ۋىلىق» قىلىپ تۇرغان، ھەممىلا يەر گۈل–چېچەك. قارا، زىغىر–قىچا، تىكەنلىرىمۇ گۈل بۇ يەرنىڭ، بۇ يەردە بەدىنىڭ چارچىغان بىلەن روھىڭ ياشىرىپ تۇرىدۇ... 1–قىسىم 26–بەت

.

... ھەركۈنى مۇشۇ مەھەللە چۈشۈمگە كىرىدۇ. ئاۋۇ ئۆستەڭ، مۇنۇ كارىز، چىغىرتماقلىق، كوركىرىشپ تۇرغان پاقىلار، ئاۋۇ قىزىلگۈل ئارىسىغا ئۇۋا سالىدىغان بۇلبۇل چۈشۈمدىن چىقمايدۇ... 1–قىسىم 26–بەت

.

... سەھرا بالىلىرى تەلۋىلىكتىن نېمىلەرنى قىلمايدۇ. ياش ئەر–خوتۇنلارنىڭ دېرىزىلىرىدىن مارىشىۋاتقان، خەقنىڭ باغلىرىغا، قوغۇنلىقلىرىغا ئوغرىلىققا چۈشۈۋاتقان ... 1–قىسىم 27–بەت

.

... بۇغدايلار ئارىسىدىكى چوڭقۇر تۇغانلىق ئېرىقلار، چىغ–تېۋىلغىلار ئارىسىدىكى ھەرە ئۇۋىلىرى، ھېلىدىن–ھېلىغا ئۈركۈپ قاچىدىغان ياۋا توشقانلار، ھاڭگىت، قاقىرلار بىلەن ئوينىشىپ يۈگۈرۈپ مېڭىش ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭۈللۈك ئەمەك بولدى. ئۇ ئىككى قىرغىقى ياپيېشىل چىمەنلىق ئېرىقتىن دۈم يېتىپ سۇ ئىچىپ، ئالىقانلىرىغا تايىنىپ ئورنىدىن تۇردى–دە، مەھەللىسىدىن شەھەرگە ماڭىدىغان يولغا قارىدى... 1–قىسىم 32–بەت

.

... ئەرلەر يەر–زېمىن سېتىپ مۇشۇ مەھەللىنى بىنا قىلغۇچە مەشرەپ–پېرە ئويناپ كۈنلىرىنى كۈلكە بىلەن ئۆتكۈزۈپتۇ. خوتۇن–قىزلارچۇ؟ يىغا–زاردىن، غەم –غۇسسىدىن باشقىنى كۆرمەپتۇ. رەيھانگۈل ئون بەش يېشىدا زىياۋدۇنغا ياتلىق بولغاندىن بېرى غەم–قايغۇ، كۆز يېشىدىن باشقا نېمە كۆردى. يازىچە ئەرلەر بىلەن تەڭ ئېتىز ئىشىنى قىلىدۇ. سۆرەمگە ئات مىنىدۇ، چۆنەك تارتىدۇ. چىغ ئۆرۈپ باغلىق ئېتىدۇ، باغ باغلايدۇ، خاماننىڭ ئاخىرقى قوشقاۋاقلىرى ئۆيگە توشۇلۇپ بولغۇچە ھەردان ئاشلىق، ھەرباغ چۆپ–بېدە، پاخال–توپانغىچە رەيھان غەم قىلدۇ. موزاينىڭ ئىچى سۈرۈپ قالسا ئۇخلىماي بېشىدا ئولتۇرۇپ تاڭ ئاتقۇزىدۇ. ئۆينىڭ ئىشى: تېزەك چاپلاش، كۈكۈم يېيىش، توخۇغا ئۇۋىلىق سېلىش، نان ياقسا يوغان تەڭنىدە لىڭشىتىپ خېمىر يۇغۇرۇش، نان يېقىش ئۈچۈن ئۆيمۈ ئۆي كىرىپ كۆك سۈت تىلەش، تونۇرنى كۈكۈم، سامان بىلەن قىزىتىش، نان راسلاش، ھەتتا بىر ھېجىر شاكاراپ، يەڭلىك، لاخشىگىرلەرنىمۇ تونۇر بېشىغا توشۇش، تونۇرنىڭ تۇرخۇنىنى ئېتىش... ھەممىنى ئۆزى يالغۇز قىلىدۇ. ئوغۇللار بۇ ئىشلارغا ئېگىلىپمۇ قويمايدۇ، ھەممە ئىش ئانىنىڭ. ئۆي ئىشىمۇ، ئېتىز ئىشىمۇ ئانىنىڭ. ئانىلار يىغلاشقا، ئەجىلىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىشكە يارالغان. ئەرلەر كۈلۈشكىلا، بەخىرامان ئويناشقىلا يارالغان. ئاھ، ئانا بولماقنىڭ تەسلىكى ... 1–قىسىم 38–بەت

.

... بۇ كىچىككىنە مەھەللىدە كۈن بىلەن تۈننىڭ، ھەپتە–ئايلارنىڭ ئالماشمىقىمۇ تېز ۋە ئاسان. يازىچە نەلەرگىدۇر ياۋايىلىشىپ كېتىشكەن توخۇلار غازاڭ بىلەن تولغان باغلاردىن پاخال ۋە سامان دۆۋىسىگە ئايلانغان ھويلا–ئېغىللارغا ياتسىراپ بوجۇيۇپ كېلىشىدۇ. بەس–بەس بىلەن چىللىشىۋاتقان، تاجىلىرى قىپقىزىل، يېڭىدىن جالا چىقارغان چۈجە خورازلار يازدىن بېرى ئەگەشتۈرۈپ، قانىتى ئاستىدا پەپىلاپ ئۇخلىتىپ باققان ئانىلىرىنى تونۇمىغاندەك ... 61–بەت

.

... ئاچا يول بېشىدىكى دۆڭدە تۇرۇپ ئوڭ ياقتىكى يولغا قارىدى. بۇ يول چوڭقۇر جىلغىلاردىن ئۆتۈپ، ئىلى دەرياسىنى ياقىلاپ شەرققە مېڭىپ موڭغۇلكۈرە، تېكەس، توققۇزتارا، كۈنەسلەرگىچە، ھەتتا شوتىدىن ئۆتۈپ مۇز داۋاندىن ئېشىپ، باي، ئاقسۇلار بىلەن قەشقەر، خوتەنلەرگە كېتىدىغان چوڭ كارۋان يولى. بۇ كولدۇرمىلىق تۆگىلەر، ئېشەكچىلەر، بورا، شاخ – شۇمبا سايىۋەنلىك ھارۋىلار، كارۋانلار توپا توزۇتۇپ توختىماي مېڭىپ تۇرىدىغان يول. ئۇ دەريانىڭ ئۇ قېتىغا قارىدى: ئاشۇ تاغنىڭ تۆۋىنىدىكى سارغۇچ ئېدىرلار، چەكسىز كەتكەن بېدىلىك، ئۇ يەر – بۇ يەردە قارا–قۇرا كۆرۈنگەن تارانچى يېزىلىرى ئۇنىڭغا تونۇش: سوپۇنبۇلاق–خونىخايدىن چاپچالمازارغىچە جاغىستاي، قاينۇق، يالغۇز ياغاچ، قوغۇنچى يېزىلىرى مەشرەپ ۋە چاقچاقنىڭ كانى، دېھقانلار ئۆيلىرىدىكى جىنچىراغ يورۇقىدا كۆڭۈللۈك ئوينىشىپ قاراڭغۇ قىشنى ئۆتكۈزىدۇ... ئۇدۇلىدىكى تۈزلەڭلىك – مۇشۇ توغراقتىن تارتىپ ياماتۇغىچە بولغان كەڭ زېمىن ئۇلارنىڭ مىڭبېگىلىكى ... 79–بەت

.

... ئالدىدىكى يېزا رۇسلار جايلاشقان توغراق يېزىسى. ئۇلار تۈگمەن بېقىپ، بېلىق تۇتۇپ، ھەسەل ھەرىسى قىلىپ غۇلجىنىڭ سۇ ياقىلىرى، بۈك دەرەخلىك جىلغىلىرىغا ئۆگىنىپ قېلىشقان. 1881–يىلى ئۇلار يۇرتلىرىغا قايتىپ كېتىشكەنىدى، لېكىن چار پادىشاھى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلىغا يەنە قېچىپ كېلىشتى. ھازىر ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بۇ ئىككى يېزىنىڭ قەنتىنى چاقماقتا. بۇ يەرلەردە تاۋۇز شۇنداق ئوخشايدۇكى، پىچاق بىسى تېگەر –تەگمەيلا يېرىلىدۇ، يېسەك تىلنى يارىدۇ... 1–قىسىم 80–بەت

.

...ئېڭىشىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئادەم – ساھىبخان قاسىم مىراب ئىدى. قارا ساقال، ئاق يۈز، گەۋدىلىك كەلگەن بۇ ئادەم غۇلجا ۋادىسىدىكى ئارا ئۆستەڭ، بايتوقاي ئۆستەڭ، كوسۇن ئۆستەڭلىرىگە خوجايىنلىق قىلىدىغان؛ ئەتىيازدا چاپتۇرۇپ، لاتقىلىرىنى تازىلاتقۇزۇپ، چېچەك سۈيى كېلىشتىن بۇرۇن قاش دەرياسىغا بۇقا قويغۇزۇپ، تۈرمەل ئەكىرگۈزۈپ، سۇ باغلاتقۇزۇپ ھەممە يۇرتنىڭ غول ئېرىقلىرىغا باراۋەر سۇ بېرىشكە كېپىللىك قىلىدىغان ئادىل مىراب مانا مۇشۇ ئىدى... 1–قىسىم 83–بەت

.

...كارۋىنىغا قېتىلىپ ياماتۇغا قاراپ شەرققە يول ئالدى. كېيىنچە ئىلى دەرياسىنىڭ شۈرمەل ئېقىپ تۇرىدىغان كېچىكىدىن ئاتقا مىنىپ ئۆتۈپ شارغوجا (سارۇچىن)، تەمتە يېزىلىرىنى بۇلاپ ماڭغان ئالامادىن قالماستىن، بىردە پىيادە يۈگۈرۈپ، بىردە ئۆكۈزگە مىنىپ ئۆچكىلىك تېغىنىڭ قارلىق، قارىغايلىق داۋانلىرىدىن ئېشىپ تېكەس بازىرىغا كەلدى... 1–قىسىم 90–بەت

.

... ئىلى دەرياسى ئەجەپ كەڭ، ئەجەپ گۈزەل دەپ ئويلايتتىم، ئەمدى ئۇنىڭ تارىيىۋاتقانلىقىنى، بۇلغىنىۋاتقانلىقىنى بىلدىم... 1–قىسىم 99–بەت

.

... ھەممە يەرنى ئاپئاق قار قاپلىغان، ھارۋا چاقىدىن چىقىدىغان «غاچ–غاچ»بارغانسېرى كۈچەيمەكتە، قۇياش تۇمان ئىچىدە توڭلاپ قالغاندەك، ئىلى دەرياسى ياقىلىرىدىكى قويۇق ئورمانلار قېتىپ قالغاندەك، نېرىدىكى بۈيۈك تاغ قارىغايلارنى قۇچاقلاپ ئۇخلاپ قالغاندەك، گويا دۇنيادا ئىككى ئات قوشۇلغان دېھقان ھارۋىسىلا تۆمۈر تارتىلغان ئىككى چاقى بىلەن قارلىق، كاتاڭلىق يولنى غىچىرلىتىپ كېتىپ بارغاندەك... 1–قىسىم 102–بەت

.

...

ئويمان بايتوقاي سازى،

ئۆردەكتىن تولا غازى.

بايتوقايدا يارىم بار،

ئۆلتۈردى ئۇنىڭ نازى!

... 1–قىسىم 105–بەت

.

... ئۇ ئەتراپىدىكى قار بىلەن چۈمكەلگەن ئۆيلەرگە قارىدى، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېزىسى غۇۋا ئاي يورۇقىدا ئۆزىنىڭ قەلبىدەك غەمكىن، سۇلغۇن كۆرۈندى. جىمجىت مەھەللە ئېغىر ئۇيقۇدا. بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى ھاياتتىن گويا ئاق نان، ئەتكەنچاي، شېرىن ئۇيقۇدىن باشقىنى تىلىمەيدۇ...

... مانا ھازىر پۈتۈن يېزا ئۇيقۇدا، ئۇلار ئۈچۈن ئۇيقۇ بىر لەززەت. ئۇلار ھازىر دۇنيادا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، بىلىشنىمۇ خالىمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن دۇنيا دېگەنمۇ مۇشۇ يېزا، مۇشۇ جىمجىت مەھەللە. بايلىق، يەر، بەخت، تاماق بىلەن بالا... ئىلى ۋادىسىدا نەچچە ئون ئاتا ياشىغان يەرلىك تارانچىلارمۇ... بايلىقىڭ نېمە دېسەڭ يەر بىلەن قوي دەپ جاۋاب بېرىدۇ... 108–بەت

.

... ھەي بالىلار، قەلبىڭلار باھار قۇشلىرىغا ئوخشايدۇ، باغلاردا يېشىل ياپراقلار پەيدا بولسىلا، مەڭگۈ غازاڭ پەسلى، زىمىستان پەسلى بولمايدۇ دەپ ھاياتنى كۈيلەيسىلەر، سىلەر كېپىنەكلەرگىلا ئوخشايسىلەر: گۈللەر ئېچىلسىلا دۇنيانىڭ ھەممە يېرى ھەمىشە شىرنە دەپ قاناتلىرىڭلارغا بەخت پەيلىرىدىن كۈچ بېرىپ توختىماي پەرۋاز قىلىسىلەر... بالىلار كۈلكىسى ئاڭلانغان يەر ئەڭ گۈزەل، بالىلار شادلىقى ھايات شادلىقى، بالىلار بەختى ئىنسان ئارزۇسى ... 1–قىسىم 113–بەت

.

... مۇزات داۋىنىدىن ئېشىپ ئىلى ۋادىسىغا يېتىپ كېلىدۇ. چەكسىز يايلاقلار گۈللەر بىلەن چۈمكەلگەن، تاغ قاپتاللىرى ياپيېشىل، رەت–رەت قارىغاي، ئاتۇشتىكىدەك نە كۆيۈك ئاپتاپ، نە چاڭ–توزان يوق. تاغ سۇلىرى ۋىلىقلاپ كۈلۈپ، ئويناپ – سەكرەيدۇ، ئوت–چۆپلىرى قارامتۇل، توق يېشىل رەڭلەردە مايلىغاندەك يالتىرايدۇ. يىگىت تۆگە–قېچىرىنى ئاجايىپ يوغان قارىغايلاردىن ياسالغان سالغا سېلىپ شوخ ئىلى دەرياسىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ بۇنداق دەريا، بۇنداق سالنىمۇ ئاتۇشتا كۆرمىگەن. ئۇ ئاخىر سۇلتانى ئۇۋەيىس مازىرىغا كېلىدۇ. مازار نەچچە كىشىنىڭ قۇچىقى يەتمەيدىغان تېرەك، قارىياغاچلارنىڭ ئارىسىدا ئىكەن. ئۇ يەردىمۇ ھېلىقى شوخ سۇ، ھېلىقى ئىپار ھاۋا. يىگىت يەرگە – زېمىنغا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ...

... بۇلۇكەي، بورۇسۇن، قۇلۇستاي دېگەن ئۈچ ساي، ساي سۈيىنى پاناھ قىلىشقان ئۇيغۇر دېھقانلىرى بار ئىدى. ئۇ سايلارنىڭ سۈيىنى بوزغا باشلاپ ئۆستەڭ چېپىپ، بورۇسۇن، ئارۋۇز يېزىلىرىنى بىنا قىلىدۇ... 148–بەت

.

... مۇختەر باي مۇشۇنداق قىش پەسلىدە ئات، كالا، دۈگدىيىشىپ يۈرگەن ئاچ توخۇلار، ئات–كالا، توخۇلاردىن يەم تالىشىپ ئۇچۇشۇپ يۈرگەن كەپتەرلەر....قىغ، تېزەك، دۆۋە–دۆۋە قاتتىق ئوتۇن، سامان–توپان، چۆپ –بېدە... بۇ يەردە ئۇۋىقىمۇ تېپىلمايدىغان دېھقان بايلىقى بىلەن تولۇپ كېتىدىغان يوغان ھويلىسىنى ئەسلىدى. ئۇنىڭ بېغىمۇ بۇنداق قېلىن قارلىق قىشلاردا توشقان ئۇۋىسىغا ئايلىنىدۇ، نەچچە يۈز يىللىق قېرى قارىياغاچلارنىڭ كاۋاكلىرى، بۈك چاتقاللارنىڭ ئاستى توشقانلارنىڭ مېھمانخانىسى. توشقانلار بۇ يەرلەردە ئۆزىنىڭ ياۋايى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئۇ يەرلەردە بەزمە، توي قىلىشىپ، قۇرۇق شاخ، قورايلار بىلەن ھۇزۇرلىنىپ ئوزۇقلىنىدۇ... 156–بەت

.

... ھەممە ياق قېلىن قار، شەھەر كوچىلىرى ھارۋا، چانىلار بىلەن تولغان. تاشلەپكىدە يەنىلا دۇكانلار ئېچىلغان، بازاردا ئادەملەر مىغ–مىغ. خىتاي بازىرىدا يولنىڭ چېتىگە داق يەردىلا كۆمۈر چوغى دۆۋىلەنگەن. ئۇ يەردە جۇل–جۇل كورەك جۇۋا، كىگىز پايپاق، پۈرمە چورۇق كىيىشكەن، تىزلىرى ئوچۇق نامراتلار دۈگدىيىشىپ ئولتۇراتتى... ئۇلار بىر كۈندە بىر قاتتىق نانغا ئىگە بولالىسا ھاياتتىن رازى. ئۇلار كەچتە بۇ شەھەرنىڭ قارادۆڭ، تاقىچى دېگەن مەھەللىلىرىدىكى ئەرزان دەڭلەرنىڭ قۇرۇق بورا سېلىنغان ياتاقلىرىدا تىقىلىشىپ، سىغىلدىشىپ يېتىشىدۇ... بۇلار گۇناھلار ئەمەس، ئاقكۆڭۈل ئەمگەكچىلەر. ئۇلار نە–نەلەردىن «غۇلجا دېگەننىڭ بىر ئېرىقىدا ئالتۇن، بىر ئېرىقىدا كۈمۈش ئاقارمىش» دەپ ئاڭلاپ، ئۇزاق يولنى پىيادە مېڭىپ، دېڭىز يۈزىدىن يەتتە مىڭ سەككىز يۈز مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇزات داۋانلىرىدىن ئېشىپ بۇ يەرگە بەخت ئىزدەپ كەلگەنلەر... 1–قىسىم 160–بەت

.

قاراڭغۇ قىشنىڭ ئۇزاق كېچىلىرىنى غۇلجا ئۇيغۇرلىرى مەشرەپ بىلەن كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن. يېزىلاردا، شەھەرلەردە، بايلارنىڭ، كەمبەغەللەرنىڭ مەشرەپلىرى ئۈزۈلمەيدۇ... بۇ مەشرەپلەدە ھەممە ئىلى خەلق ناخشىلىرى ئېيتىلىدۇ. ئۇسسۇلچىلار ھۈنەر كۆرسىتىدۇ، چاقچاقچىلار قىزىق–قىزىق چاقچاقلىرى بىلەن غوجامنى كۈلدۈرۈپ ھاياتنىڭ كۆڭۈللۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. غوجام بۇ خىل مەشرەپلەردە ھۆكۈمەت، سىياسەت ۋە جەمئىيەتتىكى چوڭ ئىشلار توغرىسىدا گەپ قىلىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ. ناخشا، ئۇسسۇل، چاقچاق، يېيىش–ئىچىش مانا بۇ مەشرەپنىڭ بارلىق مەزمۇنى... 1–قىسىم 163–بەت

.

... ناخشا بىلەن ساز قىزىماقتا، غوجام بېشىنى ساڭگىلىتىپ باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، ئۇزۇن بارماقلىرى بىلەن يۇمشاق خۇرۇم ئۆتۈكىنىڭ قونجىغا ئاستا چېكىپ پۈتۈن ئىشقى بىلەن ئىلى ناخشىلىرىنى ئاڭلىماقتا. زىكرى ئەلپەتتانىڭ دۇتارى، ئابدۇۋەلى جارۇللا دېگەن يىگىتنىڭ ئاۋازى، ھەرقانداق بىر جان ئىگىسىنى ئېزىۋېتىدۇ:

ئۆستەڭنىڭ تېگى لايدۇر،

چاپسا كەتمەن ئۆتمەيدۇ،

زالىم تۇڭچىسى بەگلەر،

بېشىمىزدىن كەتمەيدۇ

... 1–قىسىم 166–بەت

.

... قىزا، كاۋاپ، قىمىز مېھمانلارنىڭ ئىشتىھا، ئىلھامىنى قوزغىدى. ئۇلار كۈلكە–چاقچاق بىلەن ھېلىدىن–ھېلىغا پىيالىلىرىنى ئوتتۇرىدا ئولتۇرۇپ قىمىزنى سورۇپ قۇيۇپ بېرىۋاتقان كىشىگە سۇنۇشاتتى... 1–قىسىم 169–بەت

.

... مانا داستىخان يىغىلىپ يەنە ساز–ناخشا باشلاندى. زىكرى ئەلپاتتا ئىسىملىك قارا قاش، ئاق يۈزلۈك يىگىت كۆڭلەكچان بولۇۋېلىپ، دۇخاۋا بۆكىنى كەينىگە سۈرۈپ قويۇپ «راك» مۇقامىنى باشلىدى. مۇقامنىڭ سۆزلىرى مەزمۇنى تىرەن يېزىلغان نەۋائىي غەزەللىرى. ئاڭلىغۇچىلار ئۇقمايدىغان گەپلەرمۇ كۆپ. لېكىن ئۇلار خۇددى خۇداغا ئېتىقاد باغلاپ ئىبادەتتە ئولتۇرۇشقاندەك جىم، ھەتتا پۇتلىرى تالىدىغانلىرىمۇ مۇقام تۈگىگىچە مىدىر قىلىشماي پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن بۇ سىرلىق، مۇقەددەس ناخشىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن. ئۇلار ئۈچۈن ھازىر مۇشۇ مۇقام بەخت ھەم ئېتىقاد. ئۇلار ئۈچۈن دۇنيادا ئۇنىڭدىن يېقىملىق، جانغا ھۇزۇر ناخشا ياكى قىرائەت يوق. مۇقام ئۇلۇغ بىر روھنىڭ چىللىغۇچىسى، بىر گۈزەل تۇيغۇنىڭ ئويغاتقۇچىسى، بىر گۈزەل كېلەچەكنىڭ بېشارىتى...... ئاخىر «بى–بى–بى» بىلەن مۇقام ئاخىرلاشتى. ئۇنىڭغا ئۇلاپلا زىكرىنىڭ يېقىملىق، بومراق ئاۋازىغا ئابدۇۋەلىنىڭ جاراڭلىق يۇقىرى ئاۋازى قوشۇلۇپ، ئىلى مەشرىپىنىڭ ناخشىلىرى باشلىنىپ كەتتى. جالالىدىن ئۇسسۇلچى ئورنىدىن تۇرۇپ پۇت، قول، بەل، قاش، كۆز، ئېغىزلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئۇسسۇلغا چۈشتى... 1–قىسىم 169–بەت

.

... يېڭى قاردا توشقانلار چۆپ ئىزدەپ چىغ تۈۋىلىرىدىن، تېۋىلغىلار ئارىلىرىدىن چىقىپ سەكرىشىپ ئىز قالدۇرۇشىدۇ، ئوۋچىلار ئۇلارنى تېپىۋېلىپ قېلىن قاردا ئىتلىرى بىلەن قوغلايدۇ. قېلىن قاردا بىچارە توشقانلار كۆزلىرىنى چەكچەيتىشىپ، جېنىنىڭ بارىچە يۈگۈرۈشىدۇ. قار بولمىغىنىدا ئۇلار ئاتلىق ئادەمنى تۈگۈل ئالغۇر تايغانلارنىمۇ يەتكۈزمەيتتى. قاردا تەس، ئۇلار ھىيلە ئىشلىتىپ قار تېگىگە مۈكۈۋالىدۇ. لېكىن دېھقان چومىقى ئۇنىڭ قار بېتىدە بىلىنىپ تۇرغان دۈمبىسىنى چەنلەپ ئۇرۇشنى ئۇ نەدىن بىلسۇن. ياكى ئىت ئۇنى بوغىدۇ، ياكى چوماق تېگىدۇ، ئۇ بىچارە پۇتلىرىنى تېپىرلىتىپ جەك–جەك قىلىدۇ، دېھقان پىچىقى ئۇنىڭ قېنىنى ئېقىتىپ، ئاۋازىنى ئۆچۈرىدۇ... 1–قىسىم 187–بەت

.

... ئۇلار تۇمشۇق بايتوقايدىن ئۆتۈپ يۇقىرىغا ئۆرلىگەندىن كېيىن، جەنۇبتىكى مەنزىرە ئۇلارنىڭ مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز شېئىر مىسرالىرى بولۇپ تىزىلدى: چەكسىز سازلىق، قويۇق ئورمان، مۇز ئاستىدا قالغان دەريا، ئۈست تەرەپتىكى ئاپئاق، كۆزنى چېقىپ تۇرىدىغان پايانسىز ئېدىرلار ۋە تۈپتۈز زېمىن. يۇقىرىسىدىكى كەچكى شەپەقتە قىزغۇچ كۆرۈنىدىغان بۇلۇتلارغا تاقاشقان ئاپئاق چوققىلار، ئۇلارنىڭ ئاستىدىكى قارامتۇل كۆرۈنىدىغان قارىغايلىقلار..... ئويمان بايتوقاينىڭ يۇقىرىسى تۈزلەڭ، چانا بۇ تۈزدە بىر خىل تەۋرىنىپ ماڭدى... چانا ئاخىر گۈزەل تۈزلەڭنى تۈگىتىپ، ھارۋىكەشلەر چۈشۈپ تاماق يەپ، چاي ئىچىدىغان، مۆرىتى كەلسە سارايلىرىدا قونۇپمۇ قالىدىغان، دائىم ئاۋات تۇرىدىغان گۈركىرەتمە ناملىق مەھەللىگە كەلدى... 1–قىسىم 201–بەت

.

... زىياۋدۇن يامانيار دەپ ئاتىلىدىغان كەڭ سايغا چۈشتى. ساينىڭ ئىچىدە شىمالدىن چۈشىدىغان سۇدىن پەيدا بولغان تىك ئەت توپىلىق جىرالار، جەنۇبىدا قېلىن مۇز ئاستىدا دەريا، دەريانىڭ نېرىسىدا قويۇق ئورمانلىق بار ئىدى...1–قىسىم 206–بەت

.

— نەسۇھا داموللىنىڭ:

قەدىردانىڭ بولمىسا قەدرىڭنى بىلمەس ھېچ كىشى،

قەدىر بىلمەس ئادەمنىڭ سەن بىلەن نېمە ئىشى.

دېگەن ئىككى مىسرا شېئىرى بار. قەدىر بىلمەسلەر غەمسىز بولىدۇ. ... 227–بەت

.

... ئەتراپ ياشىرىشقا باشلىغان، قىرلار كۆكەرگەن، سۆگەتلەر جالا سالغان، تورغايلار چىۋىلدىشىپ، مۇڭلۇق سايرىشىپ ئاسمان قەرىگە كۆتۈرۈلمەكتە... 1–قىسىم 255–بەت

.

... قاش دەرياسىدىن باشلىنىدىغان ئاقئۆستەڭ، ئارا ئۆستەڭ، بايتوقاي ئۆستىڭى، كوسۇم ئۆستىڭى مانا مۇشۇ كۈنلەردە ئاۋاتلىشىدۇ، ئۇنىڭ باغرى ناخشا، چاقچاق، قىزغىن ئەمگەك بىلەن يىلدا بىرقېتىم بايرام كۆرىدۇ. دېھقان ھەممە خۇشاللىقىنى ئەمگىكىدىن تاپىدۇ، ئۇنىڭ ھالاۋىتىمۇ، غۇرۇرىمۇ، سەنئىتىمۇ ئەمگەك... 1–قىسىم 262–بەت

.

... ئاتلار يورغىلاپ — ئۆكىرەڭ تاشلاپ، ئېرىقلاردىن چاققان سەكرەپ، تېخى قار نەمى كەتمىگەن، قىرلىرىدىكى قويۇق چىغ ۋە تېۋىلغىلىرى بىلەن ھەيۋەت كۆرۈنىدىغان كەڭرى دالا قوينىدا گويا چەكسىز كائىناتتا پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشلاردەك ئەركىن، رىتىملىق يۈگۈرۈشۈپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى... 1– قىسىم 267–بەت

.

... ئۇ ئۇدۇلىدىكى مەھەللىگە قارىدى، ئۇ يەردە ياربېشى، ياپيېشىل سازلىق، ئادەم پۇتىنى سۇغا چىلىسا پۇتنى چىشلەيدىغان ئۇششاق بېلىقلار، سۈپسۈزۈك، مۇزدەك سۇلۇق بۇلاقلار، نەچچە يۈز يىللىق قېرى قارىياغاچلار بار... 1–قىسىم 267–بەت

.

... قايماقلىق ئەتكەنچاي، ئاق نان بۇ يەرنىڭ ئېسىل تامىقى ... 269–بەت

.

... جەنۇبتىكى قارلىق چوققىلار، ياپيېشىل قارىغايلار، يېيىلىپ ئېقىۋاتقان ئىلى دەرياسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قويۇق ئورمانلار گويا غوجامنى قوغلاپ، خوشلىشىشقا كېتىۋاتقاندەك بىلىندى... 272–بەت

.

...كۈزنىڭ يامغۇرى ھەممىلا ئادەمنى ئۆيگە سولىغان، نامرات دېھقان ئۆيلىرىدىن يامغۇر ئۆتۈپ، ئادەملەر پاناھ ئىزدەپ مەسچىتلەرگە كۆچۈپ كىرىۋالغان كۆڭۈلسىز كۈنلەردە... 284–بەت

.

... ھېۋىزباينىڭ ئۆيى يار بېشىدا — بۈك دەرەخلىك ئارىسىدا. چوڭ دەرۋازا جەنۇبقا قارىغان، ئالدى كەڭ سەينا، تۆۋەن تەرىپى چەكسىز كەتكەن سازلىق، نېرىسى قويۇق ئورمان، ئورمان ئارىسىدا ئىلى دەرياسى. دەريانىڭ ئۇ قېتى پايانسىز تۈزلەڭ، ئۈستى قارلىق ئۆچكىلىك تېغى. قورۇنىڭ ئورنىمۇ، مەنزىرىسىمۇ گۈزەل، تۇرمۇشقا ئەپچىل. سازلىق مال بىلەن تولغان، قاراسۇ سازلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتكەن، ئۇنىڭ دەرياغا قۇيۇلۇش ئېغىزىغا ئىككى تاشلىق تۈگمەن ياسالغان، تۈگمەن ئەتراپى قويۇق تاللىق، جىغانلىق، — قىرغاۋۇل، توشقان–جەرەنلەرنىڭ ماكانى. بۇ قاراسۇدا بېلىقلار شۇنچە كۆپ، يازدا پۇتۇڭنى چىلاپ ئولتۇرساڭ، ھەر–ھەر چاربېلىقلار كېلىپ ئوينىشىپ پۇتۇڭنى چىشلەپ باقىدۇ. تېخى سۇ چاشقىنى، قامىلارنىڭ كۆپلۈكىچۇ؟ ھېۋىزباينى باي قىلغان مۇشۇ يەر. ئوت–چۆپى، ئوتۇن–ياغىچى، سۈيى، ياۋايى ھايۋانلىرى بايغا ئولجا... 300–بەت

.

... مۇختەر باي بۇ تويغا ئالاھىدە ياسىنىپ، ساقال–بۇرۇتىنى چەكتۈرۈپ، چىبەرقۇت پەشمىتىنى كىيىپ، بېلىگە قارا پوتا باغلاپ، مەسكاپ ئۆتۈكىنى قوي يېغىدا مايلاپ، تۆپىسىنى كۆزىگە كىيىپ، قىزىل دۇخاۋا بۆكىنى گەجگىسىدىن چىقىرىپ قويۇپ، ئاتتا تىك ئولتۇرۇپ مەھەللە ئەرلىرىنىڭ ئالدىدا ئېتىنى ئوينىتىپ يېتىپ كەلدى.... 301–بەت

.

... ئون پۇتلۇق گۈرۈچ يەيدىغان قازاندىن ئالتىسىدە پولۇ تەييارلانغان، قازان بېشىلىرىدا ئادەملەر پالتىلار بىلەن دۆۋە–دۆۋە كالا–قوي گۆشلىرىنى پارچىلاشماقتا. چەبدەس يىگىتلەر لېگەن–تاۋاقلارنى كۆتۈرۈشۈپ يۈگۈرۈشۈپ يۈرمەكتە. تەرەپ–تەرەپتىن توپ–توپ ئاتلىقلار، ھارۋىلىقلار ئۈزۈلمەي كېلىشمەكتە، قورساقلىرى تارتىلىپ كەتكەن بەيگە ئاتلىرىنى سوۋۇتۇپ چىرايلىق، چەبدەس كىيىنگەن بالىلار ئەتراپتا يۈرۈشمەكتە. ئادەملەرنىڭ كۈلكە–چاقچاقلىرى، ئاياللارنىڭ يازلىقى تېرەك بېشىغا قونۇپ قاقىلداشقان توقۇناق قاغىلاردەك چۇكۇلداشلىرى، ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى ئاچچىق شامالنىڭ ھۇۋلاشلىرىنى بېسىپ كەتكەن، ئادەملەر قار ئارىلاش يېغىۋاتقان يامغۇرنىمۇ ئۇنتۇشقان... 302–بەت

.

... دەريا بويىدا چۆرگىلىمە چېپىشىش ئۈچۈن مەيدان ھازىرلانغان. سازلىق–چىمەنلىك، تۈپتۈز يەرنىڭ ئۇيەر–بۇيېرىگە تۇغلار قادىلىپ يول بەلگىسى ئۈچۈن تۇغلارنىڭ باشلىرىغا ياغلىقلار چىگىلگەن. ھەربىر ئەگمىدە مەخسۇس ئاتلىق قاراۋۇللار قويۇلغان. بۈگۈنكى بەيگىگە ئەڭ تاللانغان يىگىرمە سەككىز بەيگە ئېتى تەييارلانغان. ھەربىر ئات ھەربىر يۇرت–مەھەللىنىڭ غۇرۇرى، شان –شەرىپى. شۇ ئات شۇ يۇرت كاتتىلىرىنىڭ يە بېشىنى تىك قىلىدۇ، يە يەرگە ساڭگىلىتىدۇ. بىر ئايدىن بېرى تاڭ ئاشۇرۇپ تەييارلانغان ئاتلار بىر–بىرىدىن كۆركەم، خىيالچان كۆرۈنىدۇ. ھەقىقىي بەيگە ئېتى بەيگە ئالدىدا خىيالچان، شۈك بولۇپ قالىدۇ. تېپىچەكلەپ، ئېغىزدۇرۇق چايناپ، يەر چاپچىپ ئالدىراۋاتقانلىرى دېھقان تىلى بىلەن ئېيتقاندا، بىر دەمگىلا يۈگۈرىدىغان ساپساپچى ئاتلار. مەيداننى بىر ئايلىنىش بەش مىڭ مېتىر. مان شۇ بەش مىڭ مېتىرلىق ئايلانمىنى يىگىرمە ئايلىنىش كېرەك. ئۇزۇنغا چېپىش بولغان بولسا شەھەرنىڭ ئۇ تەرىپىگە — تەلكە ئېغىزىغا چېپىپ بارغان بولارىدى، بۇنداق يۈز كىلومېتىر ئۇزۇنلۇققا ئاتنىڭ ئېتى چىدىمىسا كۆرگەنلا ئات ياراۋەرمەيدۇ–دە!... 304–بەت

.

... ھەممە ئادەمنىڭ كۆزى پەللىدە. مانا، ئاتلار قاتار تىزىلدى، مانا، پاختا بەن مىلتىق ئېتىلدى، ئاتلار قويۇپ بېرىلدى... مانا، ئاخىرقى ئىككى ئايلىنىش، بالا بەيگىچىلەر ئاتلىرىنىڭ تىزگىنلىرىنى قويۇۋەتتى، ئاتلارنىڭ قەدەملىرى شۇنچىلىك تېز، تۇياقلىرى كۆرۈنمەي قالدى. قۇلاقلىرى يوپۇرۇلغان، ئىككى ئالدى ئايىغىنى تۇمشۇقىنىڭ بىقىنلىرىدىن چىقىرىپ يۇگۈرۈۋاتقان ئاتلار ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ماھارىتىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى... مانا، ئاخىرقى ئايلىنىش، ئاتلار ئۇچماقتا. تەرەپ–تەرەپتىن ياندىغۇچىلار چىقىپ بەيگە ئاتلارغا ياندىشىپ ئاتلارنىڭ پىشانىلىرىنى سىيپاپ، يېنىك قامچىلاپ قويۇپ، بەزىلىرى چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ يېتىلەپ چېپىپ ئاخىرقى پەللىنى تالاشماقتا... 305–بەت

.

... تەرەپ–تەرەپتىن «ئوغلاق، ئوغلاق!» دېگەن قىقاس كۆتۈرۈلدى. شۇ زامان مەيدانغا يوغان ئالا تېكە كەلتۈرۈلدى. قاسساپلار ئۇنى مەرىتىپ ياتقۇزۇپ پۇتلرىنى تاڭدى–دە، «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ كانىيىغا پىچاق سۈردى. كاللىسى، ئىچ–قارنى ئېلىغان تېكە چىمەنلىككە قويۇلدى، بىلەكلىرى تۈرۈلگەن، چاققان كىيىنگەن ئوغلاقچىلار تەرەپ–تەرەپتىن ئات دېۋىتىپ كېلىپ يەرگە ئېڭىشىپ بىر قولى بىلەن تېكىنى ئېلىپ باقتى، ھېچكىم ئۇنى يۇلۇپ تېقىمىغا باسالمىدى، ئالدىغا ئالالمىدى. بوز ئات مىنگەن زىياۋدۇن پىششىق ئۇلاڭ ۋە قوشلاپ چىۋ ئۇلاڭ تارتىلغان قاۋۇل ھارۋا ئېتىدىن ئىككى قولى بىلەن ئوغلاققا ئېڭىشتى. ئۇ باشقىلاردەك بىر قولىدا ئات يايلىنى تۇتۇپ، بىر قولى بىلەن تېكىنىڭ كەينى پۇتىدىن تۇتماستىن، ئىككى قولى بىلەن تېكىنىڭ ئىككى كەينى پۇتىدىن تۇتۇپ پۇتلىرى بىلەن ئۈزەڭگىگە چىڭ تىرەپ تۇرۇپ، كۆتۈرۈپ ھەش–پەش دېگۈچە ئۆزەڭگە باغنى تېكىنىڭ قورسىقى ئۈستىگە قويدى، ئاندىن تۆۋەنگە قارىتىپ چىڭ دەسسەپ ئىككى قولى بىلەن تېكىنىڭ ئىككى كەينى پۇتىنى چىڭ تۇتۇپ ئاتنى دېۋىتتى... 308–بەت

.

... تالادا لەپىلدەپ قار ياغماقتا، تۆت ئېغىزلىق ئۆيدە لىق ئادەم. بالىلار سىرتتا قاڭتۇرۇلغان ئاتلارنى سوۋۇتۇپ يۈرمەكتە. ئۆيلەردە كۈلكە، ناخشا–ساز. گويا بۇ خەلقنىڭ غېمى يوق، گويا بۇ خەلققە قايغۇ يوقتەك، ھەممىلا چىرايدا كۈلكە، ھەممىلا كۆڭۈل شادلانغان. ئۇلارنىڭ شادلىقى گوياكى تاغ سۈيى، بەئەينى يايلاق گۈللىرى. ئۇلارنىڭ قەلبى نارەسىدىدەك ساپ، شەبنەمدەك يالتىراق. شەھەر ۋەھىمىسى بۇ يەردە يوق، ھوقۇق زوراۋانلىقى بۇ يەرگە كۆلەڭگە تاشلىمىغان. بۇ يەردە ناخشا، خۇشلۇق ۋە كۈلكىدىن باشقا ھېچنىمە يوق... 310–بەت

.

... ھايات شۇنداق: خۇشاللىق، خاپىلىق، ئامەت، پاجىئە، رەسۋاچىلىق، مەردلىك بىر–بىرىنى قوغلىشىپ يۈرىدىغان بۇ چوڭ زېمىن نى–نى شادىمان كۈنلەرنى كۆككە ئۇچۇرۇۋەتكىنىگە ئوخشاش، پاجىئە ۋە ئار – نومۇسلۇق چاغلارنىمۇ يۇتۇۋېتەلەيدۇ...

... لېكىن ئىنسان ئۇنداق ئەمەس، ئۇ زېمىندەك كەڭ قورساق، مەردانە ئەمەس. ئۇ بەزىدە قۇياشنىمۇ، ھارارەتنىمۇ، ھەتتا قەھرىتان زىمىستاننىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ. بەزىدە ئۇنىڭغا يەر يۈزىگە قۇياش كۈلۈپ قارىمايدىغاندەك، زېمىن يارىلىشىدىنلا گۆرىستان بولۇپ يارالغاندەك، دەسسەپ تۇرغان بۇ زېمىندا نالە – پەريادتىن باشقا ھېچنىمە يوقتەك بىلىنىدۇ... 315–بەت

.

... غۇلجا شەھىرىنىڭ قارادۆڭ كوچىسىدا يېزىلىقلار ھارۋىلىرى بىلەن كېلىپ چۈشىدىغان نۇرغۇن سارايلار بار. سارايلارنى دېھقانلار «دەڭ» دېيىشىدۇ. بۇ دەڭلەرنىڭ ھويلىلىرى ھارۋىلار، ئېغىللىرى ئاتلار بىلەن تولۇپ كېتىدۇ. ساراينىڭ مەش قويۇلغان، بورا سېلىنغان سۇپىلىق ئۆيلىرىگە ئادەملەر تىقىلىشىپ، ئاچچىق موخوركا چېكىشىپ، ئاچچىق چاي دەملىشىپ، خۇرجۇن–قاچىلىرىنى باشلىرىغا قويۇشۇپ راھەتلىنىپ يېتىشىپ جاھاننىڭ چوڭ گەپلىرىنى قىلىشىدۇ... 331–بەت

.

... مۇسابايوف زاۋۇتى غۇلجا شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ زاۋۇت. بۇ زاۋۇتنىڭ ماستىر، تېخنىكلىرى خەلق ئىچىدە ھۆرمەتكە ئىگە. «مۇسابايوف زاۋۇتىنىڭ بوغالتىرى» دېسە كىشلەر ئۇ ئادەمگە ئۆزلۈكىدىن ھۆرمەت بىلەن قارايدۇ. گەرچە بۇ زاۋۇتتا چەم، تۈرلۈك رەڭلىك كاژۇل، چىگرىن، بولغارا، پالۋال، مەسكاپ، ئات تېرىسىدىن ئىشلەنگەن ئانىنا، گامبورك، شاۋرۇن قاتارلىق تېرە مەھسۇلاتلىرى ھەم مەسكاپ، چىگرىن، سېرىق پالۋالدىن تىكىلگەن ئۆتۈك، چېتىك، سەندەل، بالىلار كىيىملىرى؛ برىچكا ھارۋا، پوچتا ھارۋىسى، كالاسكا ھارۋىلارنىڭ خامۇت–شىلىيەلىرى، ئېگەر–جابدۇق، ھەرخىل رىمۇنلار(تاسما پوتىلار) ئىشلەپچىقىرىلسىمۇ، بۇ مەھسۇلاتلار شۇ يىللاردىكى تۇرمۇشنىڭ يېڭىلىقلىرى ھېسابلىناتتى. بۇ مەھسۇلاتلارنى قەشقەر، خوتەن، يەكەن، قاغىلىق، گۇما، مارالبېشى، ئاقسۇ، كۇچا، شىخو، ئالتاي، ماناس، چۆچەك قاتارلىق شەھەرلەردە مەخسۇس موسابايوفلارنىڭ تىجارەت شىركەتلىرى بازارغا سالاتتى. كېيىنچە مۇسابايوفلار شىركەتلىرى ئۇ ماللارنى قازاقىستاندىكى قارا يەرمەنكىسى، سىمپالاتىنسكىي يەرمەنكىسى، سىبىرىيىدىكى ئومىسكى، بارناۋۇل يەرمەنكىلىرى، نىژنى نوۋىگورت، موسكۋا، پېتربۇرگ، قازان، ئۇفا، تاشكەنت، ئالمۇتا، بىشكەك شەھەرلىرىدىمۇ بازارغا سېلىپ چەت ئەلدىن رەخت، ماشىنا ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئەكىرىدىغان بولدى... 341–بەت

.

... لېكىن نۇرىنىڭ قەلبىدە يەنىلا بوران ھۇۋلىماقتا، قەھرىتان چىرقىرىماقتا. ئۇ دادىسىنى، ئۇكىلىرىنى، قېلىن قارىياغاچلىق بېغىنى، تورغايلار ماكانى—كەڭ ئېتىزلىرىنى، قېلىن چىغ–تېۋىلغىلارنى، چوڭقۇر توغانلىرى، يۇمشاق–يۇمران چىمەنلىرى بىلەن كىشىگە شېرىن ھېسسىيات ھەدىيە قىلىدىغان ئېرىق قىرلىرىنى، قۇلىقىغا كاككۇك گۈلى قىستۇرۇپ ياۋاش كالىلارغا مىنىۋېلىپ، ناخشا ئېيتىپ كالىلارنى ئوتلاققا ھەيدەپ ماڭىدىغان پادىچىلارنى، كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى، ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى، تايلارنىڭ قىيغىتىشلىرى، قوي–قوزىلارنىڭ سەكرەشلىرى، خورازلارنىڭ تاجىلىرى بۆلەكچىلا قىزىرىپ، قىن–قىنىغا پاتماي چىللاشلىرى... باھار بىلەن پەيدا بولىدىغان يېزا يېڭىلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يۈرىكى ئېچىشىپ، كۆزىگە ياش كەلگۈدەك ھالەتتە سېغىنماقتا ئىدى... 342–بەت

.

... قىزلىرى كونسۇلخانا ئالدىدىكى مۇسابايوفلار ئاچقان قىزلار ھۈنەر–سەنئەت مەكتىپىدە ئوقۇپ قوشۇمچە كىيىم تىكىش، يۇڭ شارپا، پوپايكا، پەلەي قاتارلىق نەرسىلەرنى توقۇش، رېشىلىيە، گىلادىيە، شىتىيە، كىرژۇژا، كوكلاشكا، كانىۋا ئىشلەش دېگەندەك قول ھۈنەرلىرىنى ئۈگىنەتتى... 346–بەت

.

... قويۇق قارىغاي بىلەن قاپلانغان غوللار، كۈمۈش مارجانلارنى چاچرىتىپ، ئويناقلاپ ئاقىدىغان شوخ تاغ سۇلىرى، باھار شامىلىدا يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان يايلاق مايسىلىرى، قىيغىتىشىپ يۈرۈشكەن تاي –قوزىلارنى كۆرۈپ... 348–بەت

.

... ھەممە يەردە باھار يېڭىلىقلىرى، يالغۇز خىتاي بازىرىنىڭ توپادەڭگە ماڭىدىغان ۋە تەختىيۇنمەھەللىگە چىقىدىغان كوچىلىرىدا قويۇق، ھارۋا مېيىدەك قارا پاتقاق لۆمشىپ تۇراتتى... 351–بەت

.

... ھايات شۇنداق، ساپلىق بىلەن ساختىلىق خۇددى كېپەك ئالتۇن بىلەن قۇمدەك بىر–بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەن. ساڭا بىرى لازىم بولسا يەنە بىرىمۇ بىللە قولۇڭغا چىقىدۇ. قاسساپ پاكىز قولىدىكى پىچاق بىلەن تىرىك جاننىڭ جېنىنى ئالىدۇ، شېرىن مېۋىلىك دەرەخ نىجاسەتنى ئوزۇق قىلىدۇ...

... تۇرمۇشنىڭ مەنتىقسى شۇنداق. ھالال ئىشقا ھارام نىيەت ئارىلىشىۋالىدۇ. مۇتلەق ساپ ياكى مۇتلەق سەت نەرسە مەۋجۈت ئەمەس... 354–بەت

.

... ياشاشنىڭ يولىنى ھاياتتىن ئىزدەۋاتقان ياش يىگىت توخۇ بازىرىدىن لەڭزىبېشى دېگەن يەرگە كەلدى. ئۇ يەر چىمەنلىك، قومۇشلۇق، سۆگەتلىك. بۇلاق باشلىرى مەستلەرنىڭ كۆڭۈللۈك ماكانى. باشلىرىنى بىر يەرگە قىلىۋېلىشىپ، چىمەنلىكتە بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇۋېلىشىپ دۇتارغا ئەگىشىپ ناخشا ئېيتقانلار غەم–قايغۇ ئالىمىدىن ئاللىقاچان ھۇزۇر–ھالاۋەت ئالىمىگە كېتىشكەن، ئۇلار ئۈچۈن «ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا»... 354–بەت

.

.... لەڭزىبېشى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ چىمەنلىك ئۇلار ئۈچۈن ھەم جەننەت، ھەم دوزاخ. ئۇلار بىر رومكا ھاراق بىلەن ھاياتنى مەدھىيىلەپ، بىرپارچە نان زارلىقى بىلەن ھاياتنى ھاقارەتلەشكە ئادەتلەنگەن، ئاڭ، غايە ۋە ئىرادىدىن مەھرۇم بولۇشقان بىر توپ سۆزلىيەلەيدىغان مۇردىلار، ئۇلار ئۆزلىرىدىن بىر قېتىممۇ «نېمىگە يارالدىڭ؟» دەپ سوراپ باقمىغان. ناۋادا بىرى «ياشاشتىكى مەقسىتىڭ نېمە؟» دېسە، ئۇلار ئىككىلەنمەي: «يەپ–ئىچىپ ئويناش!» دەپ جاۋاب بېرەلەيدۇ. نۇرى مانا مۇشۇلارنىڭ پۇشتى، بىر ئەزاسى... 355–بەت

.

... ئەمما تاغ ھاياتى باشقىچە، بۇ يەرنىڭ شاماللىرى، سۇلىرى، ھەتتا گۈل–گىياھلىرىمۇ شوخ، جانلىق ۋە شېئردەك ھېسسىياتلىق. بۇ يەردە ھەممىلا نېمە كۈلۈۋاتقاندەك، ھەممىلا نېمە خوجايىندەك، ھەممىلا نېمە غەمسىزدەك...

... بۈك قارىغايلىقلار بىلەن قاپلانغان بەللەردىن كۆۋرەپ چۈشۈۋاتقان قار سۈيى يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان ياشلاردەك قىن–قىنىغا پاتماي ئويناقلايدۇ. يامغۇردا تولا يۇيۇلغان توق يېشىل ياپراقلار مۇھەببەت سەۋدالىقىدىكى قىزلارنىڭ كۆزلىرىدەك نۇرلۇق. ھەممىلا يەردىن ئىپار–ئەنبەر پۇرىقى كېلىدۇ، بۇ يەرنىڭ قۇشلىرى سايرىمايدۇ، سۆزلەيدۇ. سەھەر تۇرۇپ تاغ قىرغاۋۇللىرىنىڭ دورە بولۇپ ئويناشلىرىنى كۆرسەڭ ئۆزۈڭنى ئۇنتۇلغۇسىز بىر مەشرەپنىڭ ئىشتراكچىسى ھېسابلايسەن؛ خورىزى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ يېشىل چىمەن ئۈستىدە قاناتلىرىنى كېرىپ، بويۇن جالالىرىنى كۆپتۈرۈپ پىرقىراپ سايرىغىلى تۇرغاندا، ئۇنى چۆرىدەپ بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ تەقەززالىق بىلەن تۇرۇشقان ئالا، سېرىق، كۆك مېكيانلار خۇشاللىقتىن قاقاقلىشىدۇ، مەست خوراز مۇھەببەت سەۋدايىلىقىنى ھەرىكەت بىلەن ئىپادىلەيدۇ، تاغ جانىۋارلىرىمۇ مۇھەببەتكە تەشنا ئايغىرلاردەك ئۆرىدەپ توۋلىشىدۇ، بۇقىلار مۇنبەت قارا تۇپراقنى مۆڭگۈزى بىلەن تۈرتۈپ دۈمبىسىگە تاشلايدۇ، بۆرىلەر قانجۇقلىرىنى چىللاپ ھۇۋلىشىدۇ،بورسۇقلار چىمەنلىكلەرنى تىلغاپ نەسىل ئۈچۈن ئالدىرىشىدۇ... 388–بەت

.

...نېرىدا تايلار قوشاغدالغان. بىر ئايال چاناشتىكى قىمىزنى نوغۇچ بىلەن ئىلەشتۈرمەكتە. بېشىغا تۆت بۈرجەك قارا بۆك كىيگەن كەكە ساقال بىر ئادەم بىر پاقلاننى مۇشتلاپ تېرىسىدىن ئاجراتماقتا، ئىككى ئىت ئۇنىڭغا تىكىلىپ ياتماقتا، ساماۋەر قاينىماقتا، نېرىدا قويلار ئوتلىماقتا، بىر قىز ئات چاپتۇرۇپ قارىغايلار ئاستىدا چىمەنلىكتە كۆڭۈللۈك ئوينىماقتا... بۇ خاتىرجەملىك بىلەن تولغان گۈزەل يايلاق مەنزىرىسى... 392–بەت

.

... ئۇلار ئۆيگە كىردى. شىرداقلار سېلىنغان كىگىز ئۆينىڭ كەرگىلىرىگە كەشتىلىك پەردىلەر (چىمىلدىقلار) تارتىلغان. داستىخانغا بوغۇرساق، كۆمبە، قايماق، قۇرۇتلار يېيىلغان. بىر ئادەم زوقى بىلەن دومبىرا چىرتىپ ئۆلەڭ ئېيتماقتا، يەنە بىرى ئالقىنىغا بېشىنى قويۇپ سۇنايلىنىپ ياتماقتا... 392–بەت

.

... ئاز–ئازدىن دەملىنىپ، تىنىمسىز سۇنىلىدىغان قازاق چېيى تولىمۇ لەززەتلىك...

.

... نەدىندۇر كەچتە ئۆلەڭچىلەر كېلىشتى. قىمىز ئىچىش، گۆش يېيىش، ئىپارھىد ساپ تاغ ھاۋاسىدا نەپەسلىنىپ ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ ناخشا –ئۆلەڭ ئېيتىش، ئاياللار بىلەن ئەرلەر ئېيتىشىپ ئاۋۋال بىر–بىرىنى ماختىشىپ، ئارقىدىن بىر–بىرىنى چۆكۈرۈپ قىزىق قوشاق توقۇپ بەسلىشىش نۇرىغا تولىمۇ كۆڭۈللۈك تۇيۇلدى... 397–بەت

.

... ناخشا –ئۆلەڭ ئېيتىلماقتا. گويا پۈتۈن تاغ، قارىغايلار جور بولماقتا، قاراڭغۇ چۈشۈپ، تاغنىڭ سوغۇق ھاۋاسى ئادەملەرنى كىگىز ئۆيلەرگە ھەيدەۋاتقان بولسىمۇ، شادلىق، خۇشاللىق مەستلىكى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە ئىدى... 398–بەت

.

... نۇرى سۆزلەيتتى، غېنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلايتتى، ئاي قارامتۇل قارىغايلار ئۈستىنى ئاقۇچ نۇر بىلەن سۆيۈپ، يىراقتىكى تىك، مۇزلۇق چوققىلارنى غىل–پال يورۇتۇپ، سۈزۈك ئاسماندا ئاستا ئۈزەتتى. شەرقتىن چىقىۋاتقان سوغۇق، مۇزدەك تاغ شامىلى ھەسەل ھەرىلىرىمۇ ئېغىز تېگىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن پۇراقلىق گۈللەرنىڭ ھىدلىرىنى ئەكېلىپ گۈزەل ئارزۇدا تېپىچەكلىگەن قەلبلەرگە ھەدىيە قىلاتتى. نەدىدۇر بۇغا ھۆركىرىمەكتە، ئايغىر كىشنىمەكتە، چارۋا ئىگىلىرىنىڭ ئەڭ راھەتلىك كۈنلىرىنى ھايات خاتىرىسىگە ناخشىلىرى بىلەن قالدۇرماقچى بولۇشقاندەك مالچىلار تېخىمۇ قىزىپ ئۆلەڭ ئېيتىشماقتا، كۆيۈۋاتقان قارىغايلار چاراسلىماقتا، مەززىلىك قوي گۆشى پۇراق چاچماقتا، ئىشتىھاسى ئېچىلغان ئادەملەر توختىماي يېمەكتە، ئىچمەكتە، كۈيلىمەكتە، كۈلمەكتە ئىدى... 401–بەت

.

... نىلقا شەھىرى قاش دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان تولىمۇ گۈزەل، يېقىملىق، كۆڭۈللۈك شەھەر. بولۇپمۇ ياز ئايلىرىدا ئاساۋ ئاتتەك بەڭۋاش دەريانىڭ كۈيلىرى كۈچىيىپ، نە–نەلەردىكى شېرىن ئۇيقۇلارنى قاچۇرىدۇ. بۈك ئورمانلار قېيىنلارنىڭ ئاپئاق غوللىرى پەسىل شادلىقىدا مەغرۇرلىنىپ يالت–يۇلت قىلىپ يىراقتىن كۆزنى چاقىدۇ. شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان چوڭ كوچا ۋە دەريا بويىغا سازلىقنى ئارىلاپ كەتكەن چىغىر يوللاردا خىلمۇخىل كىيىنگەن ئۇيغۇرلار، قازاقلار، تاتارلار، تۈركلەر، موڭغۇللار، رۇسلار ۋە سۈرلۈك چېرىكلەر ئۆزلىرىنى يۇرت غۇرۇرى بىلەن مەغرۇر تۇتۇپ گىدىيىپ ماڭىدۇ. كونا بازار، تۈرك مەھەللە، سار مەھەللە ۋە دەريا بويىدىكى شائىر ل.مۇتەللىپ مەھەللىسى بولغان چىغلىقمەھەللە، دۆربىلجىن مەھەللىلىرى ھەممىگە تونۇش. چۈنكى بۇ يەردىن مەردلەر چىققان–دە!... 423–بەت

.

... بۇ ئورۇسنىڭ بال فېرمىسى قالتىس،— دېدى پاتىخ ئىۋاننى غېنىغا تونۇشتۇرۇپ، — چادىرتالدا پۈتۈن بىر غولنى بۇنىڭ ھەرىلىرى ئىگىلەپ بولدى. يىلىغا تۆت يۈز تۇڭ ھەسەل ئالىدۇ بۇ ئورۇس... 438–بەت

.

... قاش دەرياسى باتۇرلۇقنىڭ، پاكلىقنىڭ سىمۋولى. ئۇ قانچە–قانچە چوققىلاردىكى قارلاردىن ئېرىپ چىققان سۇ، ئۇ قانچىلىغان ئىنسان ئايىغى باسمىغان جىرالاردىن سىرغىپ چىقىپ قوشۇلۇپ، چوڭىيىپ، بۈك قارىغايلارنى، تىك غادايغان قورام تاشلارنى، تەكەببۇر قويۇق توقايلارنى ھەيران قالدۇرۇپ تاشتىن–تاشقا، غولدىن–غولغا سەكرەپ ئۆتۈپ باتۇرلۇق بىلەن چوڭايغان تاغ سۈيى. شۇڭا ئۇ باتۇرلۇقنىڭ سىمۋولى. ئۇ ئۆتمىگەن توسۇق يوق، ئۇ كەينىگە يانغان ئەمەس، ئۇ قىيىنچىلىق ئالدىدا شۈمشەيگەن ئەمەس، ئۇ بىر تەڭدىشى يوق قەھرىمان. ئۇ ئەڭ ئېسىل گۈللەرنىڭ ھىدى، ئەڭ شىپالىق ماددىلارنىڭ تەمى، ئەڭ پاكىز دۇردانە تامچىلارنىڭ يىغىندىسى. شۇڭا ئۇنى ئىچسەڭ تېنىڭ يايرايدۇ، جېنىڭ روھلىنىدۇ، ھۇجۇدۇڭ چەكسىز راھەتلىنىدۇ. ئۇ تاغ ھاۋاسىدەك، بوۋاقنىڭ قەلبىدەك ساپ–پاكىز... 433–بەت

.

... ئاھالىسى يىگىرمە مىڭدىن سەل–پەل كۆپرەك كونا بازار، چىغلىقمەھەللە دېگەن كونا مەھەللىلىرى ۋە سوۋېتتىن قېچىپ كەلگەن تاتار، رۇس، تۈركلەر پەيدا قىلغان دۆربىلجىن، تۈرك مەھەللە دەيدىغان تۆتلا مەھەللىسى، بىر قانچە ئۇششاق كوچىلىرى بار بۇ يۇرت شەھەر دېسە شەھەر، يېزا دېسە يېزىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ جەنۇب ۋە شىمال تەرەپلىرى تاغ. دەريا ياقىلاپ شەرققە ماڭىۋەرسىڭىز قارىغاي، سامىرسىن ۋە تاغ تېرىكى، ئارچا تاللاردىن ھاسىل بولغان ئاجايىپ تەبىئىي توقايلىقلارنى، دەريا ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولۇپ قالغان ئاجايىپ گۈزەل ئورمانلارنى كۆرىسىز. تاغلاردىن دەرياغا ئېقىپ چۈشۈۋاتقان سۇلارنى بويلاپ جەنۇبقا ماڭسىڭىز، ئاجايىپ چىرايلىق غول–سايلىقلارنى كۆرىسىز. ئۇ يەرلەردە يازدا مال–ۋاران، كېيىك، بۇغا، ئارقارلار دۈمبىلىرى ئارانلا كۆرۈنىدىغان چۆپلۈك ئارىسىدا ئوتلىشىپ، قېلىن قارىغايلارنىڭ سايىلىرىدە راھەتلىنىپ يېتىشىدۇ. قاش دەرياسىنىڭ بويىدىكى قويۇق ئورمانلىقلار يېنىدىكى يېشىللىقلارغا ئاپئاق چېدىر ۋە كىگىز ئۆيلەر تىكىلگەن. يازنىڭ بۇ ئايلىرىدا ئۇ ئۆيلەردە ھۇزۇر –ھالاۋەتتىن باشقا نەرسە يوق... 442–بەت

.

... كوچا سەيلىسى تولىمۇ كۆڭۈللۈك. گۇگۇم ۋاقتى، كىنوخانىنىڭ ئالدى ئادەملەر بىلەن تولغان، گازىر–پۇرچاق، موخۇركا، قىمىز ۋە كاۋاپ بىلەن ھاراق، بوزا ساتقۇچىلار ۋارقىراشماقتا. تىنچ ھايات قانداق كۆڭۈللۈك – ھە، بولۇپمۇ گۇگۇم ۋاقتىدا... 444–بەت

.

... قەدىمكى مەھەللە –ئانا يۇرت ئۇلارغا تولىمۇ ئۆز. ئۇلار ھەربىر ئۆي، ھەربىر باغ، ئوي–چوڭقۇر ۋە تاغۇ–تاشنىڭ ئۇجۇر–بۇجۇرلىرىغىچە بىلىدۇ. مانا ھازىر چەكسىز ئېتىزلار، يىراقلاردىن قار بىلەن چۈمكىلىپ سۇس قارا بوز بولۇپ كۆرۈنىدىغان مەھەللىلەر ئۇلارغا سەھەرلىك سالىمى بىلەن يېقىنچىلىق بىلدۈرمەكتە. ساقىيۈزى، تاھىريۈزى، بورچى، ئاختام، قاش دەرياسىنىڭ نېرىسىدا سامىيۈزى، تۇردىيۈزى، ئاۋاكتۈزى، بەختىيار يۈزى، ئەشرەپيۈزى...

...ئۇلار شۇنداق مېڭىپ تۈگمەنبېشى، كۈزلەك، يېڭىمەھەللە، كوسومبويى يېزىلىرىدىن ئۆتۈپ تاھىر يۈزىنىڭ باش تەرىپىگە يېتىپ كېلىشتى. ئالدى تەرەپ چەكسىز سازلىق، قارا سۇلاردىن ھور كۆتۈرۈلمەكتە، باشقا يەرلەر قار ئاستىدا ئۇيقۇدا. ئۇلار ماڭا–ماڭا چۈشكە يېقىن ئېتى تەرلەپ، ئۆزلىرى قىروغا مىلىنىپ قاش دەرياسىنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ نېرىقى قاتقا دۆڭگە ياماشتى... 454–بەت

.

... ھاۋا ئېچىلدى، پۈتۈن قاشلىق ئوۋغا ئاتلاندى. ئالدىمىز جاڭگال، كەينىمىز تاغ، تۈزلەڭ. توشقان، تۈلكە دېگەن قىم–قىم، ئېڭىشسەڭلا قولۇڭغا چىقىدۇ. قاشلىقنىڭ سوقۇمى توشقان، چىقىپ ئوۋلايمىزمۇ يە؟ ...

... زىياۋدۇن بۇنچە جىق ئادەمنىڭ ئوۋغا چىققىنىنى كۆرمىگەن. يار بېشىدىن تۆۋەنگە قارىساڭ تاكى كۈنەس دەرياسى بويىدىكى ئورمانلىق، شىمال تەرەپكە ئاۋرال تېغى يوتىلىرىغىچە چوماق ئويناتقان ئادەملەر، تىنىمسىز ھاۋشىۋاتقان ئىتلار... 469–بەت

.

... قارلار ئېرىدى، تاغ قاپتاللىرىدا ياپيېشىل چىمەنلەر كۈن نۇرىدا يالتىرىدى، قارىغاي ئارىلىرىدا بۇغا –ماراللار، كېيىك، تۈلكىلەر مەست بولۇشۇپ چۇقان سېلىشتى. غۇلجا باغلىرىدا باھار شادلىقىدا مەست بولۇشقان قۇشلار بەس –بەس بىلەن سايراشتى... 473–بەت

.

... ئۆستەڭ بويى، ياپيېشىل چىمەنلىك، ئالما–شاپتۇل، ئۆرۈكلەر چېچەكلىگەن، قۇشلارمۇ بۇ باغقا توپلىنىشقان. ئۇيغۇر بەزمىسى، دۇتار چېلىنماقتا، سەيدۇللا رەخمىتوللايوف غۇلجىغا تۇنجى بولۇپ ئەكىرگەن ئىسكىرىپكىمۇ ھازىر ئۇيغۇر مۇزىكا ئەسۋابى بولۇپ قالغاچقا ئۇمۇ ئادەملەرگە مۇڭ بەرمەكتە ئىدى. ئويۇن باشلىنىپ كەتكەن... غۇلجىنىڭ كاتتا سازچىلىرى روزى تەمبۇر، زىكرى، داڭلىق ناخشىچىلىرىدىن ئابدۇۋەلى جارۇللا، جانى قاتارلىقلار غۇلجا ناخشىلرىغا ئۈنىنىڭ بارىچە ۋارقىراشماقتا... 491–بەت

.

... سەلكىن شامال، ئىللىق قۇياش، ياپيېشىل جاھان، مۇڭلۇق ناخشا، كۆڭۈللۈك چاقچاق، كاۋاپ، سامسا، قورداق، مېۋە–چېۋە، مەززىلىك گۆشلەر بىلەن ئېچىلغان ئىشتىھا مېھمانلارنىڭ ياشاش، ھالاۋەت كۆرۈش ۋە لەززەتلىنىش ئارزۇسىنى كۈچەيتىپ، روھىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە قانائەت ۋە پەخرىلىنىش تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتماقتا ئىدى... 493–بەت

.

...............

كەل ئەي دىلبەر، بايان ئەيلەي ساڭا بىر–بىر جۇدالىقنى،

نىھايەت رەھىم ئېتىپ ئالدىڭ ئۆزۈڭگە ئاشنالىقنى.

تامامۇ خانۇ–مانىمدىن كېچىبا بىر سېنى دېدىم،

ئۆزۈڭدىن ئۆزگە بىلمەيدۇ، ئۆزۈڭ سالغان جۇدالىقنى

.......

روزى تەمبۇرنىڭ «مۇشاۋىرەك» مۇقامى ھەممە دىلغا ھوزۇر، مۇڭ ۋە سېغىنىش ئوتىنى ياقتى. ئادەملەر كىمنىدۇر سېغىنماقتا، يۇرىكى كىمگىدۇر تەلپۈنمەكتە. ئەلۋەتتە ھەممىلا ئادەم ھايات مۇساپىسىنىڭ بىر بېكىتىدە شېرىن چۈشتەك بىر سەرگۈزەشتكە ئېرىشكەن بولىدۇ. بۇ سەرگۈزەشت ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ مەخپىي سىرى، ئەڭ شېرىن ئەسلىمىسى ۋە ئەڭ سېغىندۇرىدىغان خاتىرىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ شۇ بېكەتتە يۈرىكىنىڭ نازۇك رازىلىقى بىلەن مەست بولغان ياكى مەڭگۈلۈك جۇدالىق قارا تامغىسى بېسىلغان بىر پاجىئەنىڭ بىردىنبىر شاھىدى بولغان بولىدۇ، ياشلىقىڭدا بىرىگە كۆيگەنسەن ياكى شۇ كۆيۈك ۋىسال تېپىپ سەن ھايات لەززىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چوققىسىغا يامىشىپ چىققانسەن ۋە ياكى ھەممە ئىش ئارمان بولۇپ قالغان بولىدۇ. «ئاۋازىنى بىر ئاڭلىۋالسام!» دېگەن قىز ئىلتىجاسىغا قانچە كېچىلەر، قانچە سېغىنىشلار ۋە قانچىلىك كۆز يېشى سىڭگەن–ھە! ئۇنى مۇقامدا ئېيتىلغاندەك ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ–دە! ... 496–بەت

.

... مانا مۇقام ئاخىرلاشتى. ئەمدى ئومومىي ناخشا باشلاندى. ئۇيغۇر ناخشىلىرىنىڭ ھەممىسىگە خەلقنىڭ يۈرەك ساداسى ئارىلىشىپ كەتكەن ئوخشايدۇ. مانا غۇلجا كوچا ناخشىلىرى ئېيتىلۋىدى، ئەنۋەر ئەپەندى ناخشىنىڭ ھەر بىر مىسراسىنى ئەگىشىپ تەكرارلىغىلى تۇردى. ناخشا ئەمەس، گويا خەلقى ئۇنىڭغا ھال ئېيتىۋاتىدۇ. بۇ زېمىندا ناخشا بىلەن خەلق مۇڭى، ھەتتا دەريا–ئۆستەڭلەر شاۋقۇنى بىرلىشىپ كەتكەندەك... ناخشا بۇ زېمىننىڭ ئانا تىلىغا ياكى ھەممە ئىشلار خاتىرىلەنگەن چوڭ يىلنامىسىگە ئايلىنىپ كەتكەندەك... 497–بەت

.

... ياپيېشىل ئورمانلار، تۆپىلىكلەر، تۇرۇپ–تۇرۇپ ھۆسىن كۆرسىتىدىغان قاش دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىدىكى قىيا تاشلار، بۇژغۇنلۇق دولقۇنلار، قارىغاي، ئارچىلار ئاستىدىكى چىمەنلىكلەرگە تىكىلگەن ئاپئاق كىگىز ئۆيلەر ئۇنىڭ نازۇك ھېسسىياتلىرىنى قوزغاپ، قەلبىدە تىل بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان غىدىقلىنىشلار پەيدا بولماقتا. ئويناقلاپ تۇرىدىغان بىر جۈپ شوخ قارا ئات تۆت چاقلىق ھارۋىنى يېنىك ئوينىتىپ بىردە چىمەنلەر ئۈستىدە، بىردە چاڭ–توزانلىق تاشلىق سايلار ئىچىدە ئېلىپ ماڭماقتا... 518–بەت

.

... تاغ ھاۋاسى تولىمۇ سىرلىق، بايىلا كىشىنى ئۆمۈر بويى ياشىسام – ھە، دېگۈزگەن گۈزەل قاپتاللار بىردەمدىلا كىشىگە مىنۇت تۇرغۇسىز بىزارلىق تۇيغۇسى تەقدىم قىلدى، سۈپسۈزۈك، تاشلارنىمۇ مەرۋايتقا ئايلاندۇرۇپ ئوقچۇپ ئېقىۋاتقان شوخ سۇلىرى مانا بىردەمدىلا بوتقىدەك قويۇقلىشىپ سۈرلۈك ئاقماقتا، ھەممىنى يۇتۇۋېتىدىغاندەك ھەيۋە قىلماقتا. رەڭگارەڭ تاغ گۈللىرى سالپايغان، چىمەنلەر شۈمشەيگەن، يوللاردا تاشقىن ئاقماقتا... 521–بەت

.

... سەبىخە چاي بىلەن ئىسسىپ كىگىز ئۆيدىن چىقىپ بۈك قارىغايلىق چوققىلارغا قارىدى: گويا بۇ بۈك قارىغايلىق چوققىلار بىر–بىرى بىلەن بوي تالاشماقتا، گۈزەللىك تالاشماقتا. كەچكى شەپەق تاغ قاپتاللىرىدا سەيلە قىلىپ يۈرگەن ئاپئاق بۇلۇتلارغا ھەل بەرگەن، قارىغايلار يامغۇردا يۇيۇنۇپ تېخىمۇ گۈزەللەشكەن، سېرىق، قىزىل، كۆك، سىۋەسرەڭ تاغ گۈللىرى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ ئادەملەرگە كۈلۈشۈپ قارىشىپ، كەچكى تاغ شامىلىدا رىتىملىق تەۋرەنمەكتە. گۈزەللىك يەنە تاغقا كۆچكەن، كىشىنىڭ بۇنداق يەرلەردە بىر ئۆمۈر ياشىغۇسى كېلىدۇ... 525–بەت

.

... مەھەللىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆت يۈز يىللىق قېرى قارىياغاچ يازنىڭ تومۇزلىرىدا يىگىرمە توققۇز ئۆيلىك تارانچى مەھەللىسىگە سايىۋەن، دېھقانلار سەھەر تۇرۇپ چىغ، تېۋىلغا ئېلىپ، ئېتىزلىرىنى ئايلىنىپ قايتىپ كېلىدۇ–دە، ئاتلىرىنى ئۆستەڭنىڭ بويىدىكى قېرى سۆگەتلەرگە باغلاپ قويۇپ، ئاشۋاختىلىق ئەتكەن چايلىرىنى ئىچىشىپ، شامىلىرىنى چاينىشىپ قېرى قارىياغاچ ئاستىغا كېلىدۇ. پۇتلىرىنى سۇنۇپ، بېشىنى بورتۇپ چىققان يىلتىزلارغا قويۇشۇپ ئوڭدا يېتىپ پاراڭغا چۈشىدۇ. شەھەردىن يېڭى خەۋەر ئاچىققانلىرى ئاغزى–ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيدۇ–دە، يىللاپ–يىللاپ شەھەر يۈزى كۆرمىگەنلىرى ھەيران بولۇشۇپ: ... 559–بەت

.

... ئاتنى ئوتقا باغلاپ قويۇپ يۇمشاق چىمەن ئۈستىدە دۈم ياتتى. ئۇنىڭ باش تەرىپى يار بېشى، ئاياغ تەرىپى قاراسۇ، قويۇق جىغانلىق. ئوڭ يېنىدا يار ئاستىدىن چىقىدىغان مۇزدەك بۇلاق سۈيى. بۇلاق سۈيى بىلەن قاراسۇ قوشۇلغان يەردە ھازىرمۇ چار بېلىقلار قىزغۇچ كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ ئويناپ يۈرەتتى...

... ئۇ جىغانلىقتىن قاراسۇ بويىغا كەلدى. قاراسۇدا بېلىقلار ئوينىماقتا. سۈپسۈزۈك بۇلاقلار قوشۇلۇپ ئادەمنى ئەندىكتۇرگىدەك مۇزلىغان قاراسۇغا تىزغىچە كىرىپ جىم تۇرغان چار بېلىققا ئىككى قولى بىلەن تاشلاندى، لېكىن تۇتالمىدى، سۇ لېيىدى، بېلىقلار ئۈركىدى...

... ئۇ جىغاننى يېرىپ چىشى بىلەن بىر ئۇچىنى ئۇچلاپ نەيزە ياسىدى. تىنچ، راھەتلىنىپ ياتقان بېلىقنىڭ بېشىغا نەيزىسىنى... سانجىدى. سۈزۈك سۇدا قان رەڭگى پەيدا بولدى. مانا ھوشسىز بېلىق سۇ بېتىدە لەيلىدى. ئۇ بېلىقنىڭ قارنىنى ياغاچ بىلەن ياردى–دە، دۆڭدە كۈنگە قاقلىنىپ چوغقا ئايلانغان تاشقا چاپلىدى. بىردەمدىن كېيىنلا بېلىقنىڭ قېنى قاچتى. ئۇ ئىشتىھا بىلەن يېدى... 567–بەت

.

... كەچقۇرۇن ئۇ دەريا بويىدىكى ئورمانلىققا كەلدى. ئورماندا قىرغاۋۇل خورازلىرى چۇرقىرىشاتتى، مېكيانلىرى ۋاكىلدىشاتتى، قۇشلار نەغمە–ناۋا قىلشاتتى. جەنۇبتا چارچىماس ئىلى دەرياسى دولقۇن ياساپ، كۆۋرەپ ھەيۋەت بىلەن ئاقاتتى. قىرغاقلاردىكى مەجنۇنتاللار ھېلىدىن–ھېلىغا ئېگىلىپ تەزىم بىلەن دەريانى سۆيەتتى. دەريانىڭ ئاق دولقۇنلار سەكرىشىپ تۇرغان ئوتتۇرىسىدا بۇنداق سۆيگۈ يوق، نەلەردىندۇر، يىلتىزلىرى بىلەن قومۇرۇلغان دەرەخلەر ئېقىپ كەلمەكتە....

...ئۇ قاراسۇدىن تۇتۇۋالغان بېلىقلىرىنىڭ قارنىنى تاشتىن ياسىۋالغان پىچاق بىلەن يېرىپ تال شاخلىرىغا ئېسىپ قويۇپ، زىرە، بۆلجۈرگەن، قاراقات ۋە ياۋا ئالمىلاردىن ئېتەك–ئېتەكلەپ تېرىپ كەلدى... 569–بەت

.

... ئۇ بىكارچىلىققا ئادەتلەنمىگەن: شاخلارنى تاش پىچاق بىلەن قىيىپ تاللاردىن سېۋەت توقۇدى، چىمەنلىككە كەپە ياسىدى. يۇمشاق چۆپلەر بىلەن ئۇنى ياپتى... ئۇ دەريا بويىدا سەھەرنى كۈتۈۋالدى... بۇ كېچە راھەتلىنىپ ئۇخلىدى، ئۇنى دەريا پەپىلەپ ئۇخلاتتى، قۇشلار نەغمىسى ئويغاتتى، تەبىئەت، ياپيېشىل جاھان قۇچاقلاپ ھۇزۇرلاندۇردى... 570–بەت

.

... قۇچاق يەتمەس قارىغايلار تاغنىڭ كۆركى ئىدى. مانا ئەمدى ئادەملەر ئۇلارنى يىقىتىپ، كالىنىڭ بۇرنىدىن چۈلۈك ئۆتكۈزگەندەك بېشىدىن تېشىپ بىر–بىرىگە قوشاقداپ چېتىپ سۇدا ماڭىدىغان چانا قىلىۋالغان. بېشىدا بىر پالاقچى، قۇيرۇقىدا بىر پالاقچى پالىقىنى قىمىرلىتىپ بەرسىلا بۇ جانىۋار ھارۋا ئېتىدەك يولدىن چىقماي ماڭىدىكەن. سال بىلەن مېڭىۋەرسە ئالەمنىڭ چېتىنى كۆرۈمدىكىن كىشى... 572–بەت

.

... شەھەر باشقىچە بىر ھايات. ھاجىبولۇس مەھەللىسى، دۆڭمەھەللە، شەھەر ئىچى، ئوردا مەھەللە، ھەتتاكى تېرەكمازار، تاقىچىلىق.... ھەممىلا كوچىلاردا ئادەملەر كوچىلارغا سۇ چېچىۋاتقان. كوچىنىڭ ئىككى چېتى ئېقىن سۇ، سۇۋادان تېرەكلىك، ئۇلۇغ ئېچىلغان دەرۋازا، يان ئىشىك ۋە يالغۇز ئىشىكلەردىن گۈللەر بىلەن تولغان پاكىز ھويلىلار، پاكىز كىيىنگەن شەھەرلىكلەر كۆرۈنىدۇ. يەلپۈنۈپ تۇرغان پەردىلەر، چىرايلىق سىرلانغان سالاسۇنلار، سىلىق مېڭىپ ئەپكەشتە سۇ ئەكىرىپ كېتىۋاتقان خىزمەتچىلەر... 572–بەت

.

... چۇلۇقاي غولى تاغدىن چۈشىدىغان كاتتا ئۆستەڭ بىلەن كۆكلەيدىغان ھاۋالىق، مەنزىرىلىك جاي. بۇ يەرنىڭ ئالما، ئۆرۈك، شاپتۇللىرى ئۈششۈك، قۇرت ۋە قۇرغاقچىلىق كېسەللىرىگە يولۇقمايدۇ. شەرىقى شىمالدىكى مۇنبەت ئېدىرلىقلار، جەنۇبتىكى كەڭرى، قارامتۇل تۇپراقلىق تۈزلەڭلىك ھەرقانداق گۈل–گىياھ، مېۋە–ئاشلىقنى بالادىن ساقلايدۇ. بۇ يەردە غۇلجىنىڭ باشقا سازلىق يەرلىرىدەك پاشا–چىۋىنلارمۇ شالاڭ... 576–بەت

.

خەلپىتىم ئۇلاقچىلىققا ماھىر، كەتمەن بىلەن ئېرىق–چۆنەك ئېلىپ تەر تۆكۈشكە ئامراق. ئۇ ئادەم بۇلتۇر ئەتىياز چىقىپ بىر نەچچە تالىپنى يانداپ قورۇق چۆرۈپ، چۆنەك تارتىپ تاللانغان ئالما، ئۆرۈك، شاپتۇل كۆچەتلىرىنى تىكتى، بۇ يىل ئۇلىدى، مان ھازىر ئون خولۇق يەر مېۋىگە كىرمىگەن بولسىمۇ چىرايلىق باغ بولدى. چۆنەك ئارىلىرىغا قوغۇن تېرىۋىدى، مانا ھازىر قوغۇن –تاۋۇزلىرى پېلەك ئارىسىدا شۇنداق قويۇق، سۈزۈك، ساينىڭ تېشىدەك ياتماقتا... 576–بەت

.

... تاغ سۈيى شارقىراپ ئاقماقتا. ئۇلار يۇمشاق چىمدىن قىلىنغان ياستۇقلىرىغا باشلىرىنى قويۇپ ئوچۇق دالىدا ئاسمانغا قاراپ يېتىشىپ مۇڭداشماقتا...

... يۇلتۇزلار تىنىق ئاسماننى بېزىگەن. ئەنە ئاۋرال تېغى ئۈستىدە تولۇن ئاي پەيدا بولدى. خۇدايىم بەندىلىرىنى دەپ بۇ مۆجىزاتلىرىنى، ئوتلۇق قۇياشنى ياراتقان. لېكىن ئىنسانلار ئۇلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن باشقىلارنى ئۆلتۈرمەكتە، سولىماقتا، قىينىماقتا ...582–بەت

.

... چۇلۇقاي غولى يازدا ئىلى بايلىرىنىڭ سەيلە –تاماشا قىلىدىغان جايى. مانا بۇ يەرنىڭ شېرىن مېۋىلىرى پىشىدىغان چاغ يېتىپ كەلدى. باغلاردىن كېچىلىرى دۇتار–تەمبۇر، ناخشا ئاۋازى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدۇ. ھېكىمبەگ غوجامنىڭ بېغى بۇنداق ياز كۈنلىرىدە ھەركۈنى دېگۈدەك قىزىپ كېتىدۇ. سويۇلۇۋاتقان قوي، توشۇلۇۋاتقان قىمىز، مېۋە–چېۋە، ناخشا، كۈلكە ۋە مۇڭلۇق ساز كىشىگە دۇنيادا غەم–قايغۇ يوق ئىكەن دېگەن تەسراتنى ھەدىيە قىلىدۇ، ھەرقانداق غەملىك دىللاردىمۇ ياز كۈنلىرىدە ھايات شادلىقى پەيدا بولىدۇ... 583–بەت

.

... قىپقىزىل گىلەملەر ئۈستىگە كۆرپىلەر سېلىنغان، مامۇق ياستۇقلارغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇشقان شەھەر بايلىرىنىڭ ئالدىدىكى ئاپئاق داستىخان پاقلان گۆشلىرى، كاۋاپلار، قاتلىما، پېتىر توقاچ، قايماق، ھەسەل ۋە مېۋە–چېۋىلەر بىلەن تولغان. مېھمانلارنىڭ يۈزلىرى يالتىراپ، كۆزلىرى چاقناپ، يىپەك كۆڭلەڭلىرىنىڭ ياقىلىرى ئېچىۋېتىلگەن. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئالتۇن ئۈزۈكلەر، بىلەكلىرىدە سائەت، پۇتلىرىغا كىيگەن پايپاقلىرىمۇ يالتىراپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يالاغ ئاياغ، جۈدەڭگۈ، كىيىملىرى جۇل–جۇل ياكى ياماق چۈشكەن بىرمۇ ئادەم يوق. تەمبۇرچى بىلەن دۇتارچى قارىمۇ قارشى ئولتۇرۇۋېلىپ باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ ساز چالماقتا. باشقىلار «مۇڭ» ئالماقتا ئىدى. سەپەرنىڭ نەزىرىدە بۇ ئادەملەر «مۇڭ»نىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتى. مۇڭ تۇرمۇشتىن كېلىدۇ–دە، ئۇلارنىڭ قەلبىدە جاراھەت يوق، قوللىرىدا قاداق يوق، يۈرىكىدە قىساس ئوتى يوق. بۇ خىل ئادەملەر «مۇڭ»نى سىرتتىن ئىزدەيدۇ، لېكىن مۇنۇ ئۆمىلەپ كەلگەنلەرنىڭ يۈرىكى «مۇڭ» بىلەن تولغان... 1–قىسىم 586–بەت

.

... ئەتىگەنلىكى بولكا، سۈت، ۋارىنىلەر، چۈشتە ماكارۇن (قولداما)، ۋېرشىل (ئۈگرە ئاش)، كاتلىت، بورش (كاپۇستا شورپىسى)، سۈپ (كۆكتات شورپىسى) دېگەن تاماقلار بىلەن ئوزۇقلىنىش بەشبۇلۇڭ يېزىسىدا نان بىلەن غىزالىنىپ كۆنۈپ قالغان بالا ئۈچۈن بىر كارامەت ئەمەسمىدى؟ سىم كارىۋات، يوتقان–كۆرپىلەر، ھەپتىدە بىر يۆتكىلىپ تۇرىدىغان پراستىنا، كىرلىكلەر، كىيىملىرىنى ھەقسىز يۇيۇپ بېرىشلىرىچۇ؟... 2–قىسىم 590–بەت

.

... ئىلى گىمنازىيىسى تۆت كوچىنىڭ تۆت دوقمۇشىغا جايلاشقان. غەربكە كەتكەن يولى نورۋىگورد، يەنى 1920–يىلىدىن كېيىن رۇسلار، تاتارلار ۋە ئۇيغۇر–ئۆزبېك بايلىرى تەر تۆكۈپ بەرپا قىلغان مەھەللە، بۇ كوچا ۋاڭ قادىر بېغىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. سادىروف مۇشۇ يول بىلەن باغچىغا بېرىپ ھەركۈنى ئەتىگەنلىكى يۈگۈرۈپ چېنىقىدۇ. گىمنازىيىنىڭ شەرقى، ياغاچ كۆۋرۈكتىن ئۆتسىڭىزلا غۇلجىدىكى ئەڭ چوڭ زاۋۇت– شېك شىسەي پايچىكلارغا تايىنىپ سالدۇرغان ئۇن زاۋۇتى بىلەن ئېلېكتر ئىستانسىسى. گىمنازىيىنىڭ جەنۇب بىقىنىدا ئىلى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز كۇلۇب بار... 593–بەت

.

... ئىككى تەرىپى قويۇق تېرەكلىك، كوچىلار پاكىز سۇپۈرۈلۈپ سۇ سېپىلگەن، ئۈستى قاڭالتىرلىق، دېرىزىلىرى كوچىغا قارىغان، قاپقىلىق ھويلىلارغا كەڭرى ئېچىلغان سىرلانغان دەرۋازىلاردىن قارىساڭ، ھويلىدىكى باغ، گۈللەر كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان تولىمۇ چىرايلىق تاتار بايلىرىنىڭ ئۆيلىرى ئۇنىڭ زوقىنى قوزغايتتى. ئۇ بايلارنىڭ ئۆيلىرى ئالدىدىن ئۆتكەندە، دەرۋازا يېنىدىكى بەندىڭلەردە ئولتۇرۇشقان سېرىق چاچ قىزلار، مەغرۇر يىگىتلەر ئۇنىڭغا ئۆز پاراغەتلىرىنى كۆز –كۆز قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى... 599–بەت

.

.... ياز پەسلىدە زايومكىدا تاماشا قىلىش غۇلجا ياشلىرى ئۈچۈن كۆڭۈللۈك مودا. دەريا بويىدىكى ئورمانلىق، يۇمشاق چىمەنلىك، ئارال ۋە ئويناقشىپ تۇرغان دەريا ياشلاردا ھېسسىيات، ياشلىق غۇرۇر پەيدا قىلىدۇ، قىز–يىگىتلەر بىرگە بولسا تەبىئەت قوزغىغان ھېسسىيات بىلەن خۇدىنى يوقىتىپ، قېلىن ئورمانلار ئارىسىدا ياشلىق لەززىتىگە بېرىلىپ، بىر ئۆمۈرلۈك تاتلىق ياكى ئاچچىق خاتىرىلەرگە ئىگە بولۇپ قالىدۇ.

.... ئۇ يەردە قازان ئېسىپ ناخشا–ساز، ئويۇن –چاقچاق بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر كۈننى غۇلجا ياشلىرى ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرە سۈپىتىدە بىر ئۆمۈر ئەتىۋارلايدۇ. ئەڭ كۆڭۈللۈك چاغلىرىنى تىلغا ئالغاندا: «زايومكىدىكى ھېلىقى چاغ–ھە» دەپ لېۋىنى تامشىپ قويىدۇ.

بۈگۈن تاتار، رۇس قىز–يىگىتلىرى گارمون چېلىپ جىر جىرلاپ «پاڭ–پاڭ» ئېتىلىدىغان غۇلجا پىۋىسى بىلەن مەست بولۇشۇپ، كىيىملىرى بىلەنلا سەكرىشىپ ئۈزۈپ ئويناشتى.... 603–بەت

.

..... ھارۋا سېپىل سىرتى بىلەن جەنۇبقا–ئالدىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاپئاق قارلىق چوققىلىرى ئەتىگەنلىك كۈن نۇرىدا چاقناپ تۇرغان تاغقا قاراپ يەڭگىل تاراقلاپ، توپا توزۇتۇپ يۈرۈپ كەتتى. مانا چەكسىز بىنەملىك...... بەل خەلقى بۇ يەرلەرگە ئاشلىق تېرىپ خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن «تاشقا چاچ، بەختىڭدىن كۆر» دەپ ياشايدۇ، يامغۇر ياغقان يىللىرى شېڭغا تاغارلاپ ھوسۇل تاپشۇرىدۇ، قۇرغاقچىلىق بولسا دان تۇرماق سامانمۇ يوق. بۇ يىل ھۆل–يېغىن ياخشى، بۇغدايلار تاختا بولاي دەپتۇ، دېھقان كۈلىدىغان يىلكەن. بىراق.......... يول بىردە ئۆرىگە، بەزىدە پەسكە ماڭغاندەك قىلغان بىلەن ئىلى دەرياسى بويىدىن تاغ قاپتىلىغا قاراپ ئۆرلىمەكتە............. 608–بەت

.

.......................................

خونىخاي مازارىغا مەن زار ئىدىم،

كىم زىيارەت ئەيلىسە مەن يار ئىدىم.

«يۈسۈپ سەككاكى قىزىل گۈل بولسا،

مەن گوياكى بۇلبۇلى شەيدا ئىدىم».

–– نەسۇھا داموللام .1920–يىلى

.

..... چىڭگىزخان ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا قول ئاستىدىكى يەرلەرنى تۆت ئوغلىغا بۆلۈپ بەرگەن. ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا (تەختتە ئولتۇرغان ۋاقتى 1227–يىلىدىن 1241–يىلىغىچە) شەرق تەرەپتىن ئىلى دەرياسى ۋادىسىغىچە، جەنۇب تەرەپتىن ھازىرقى قارا شەھەرنىڭ غەربىدىكى رايونلار، غەرب تەرەپتىن تا ئامۇ دەرياسىغىچە بولغان جايلارنى بۆلۈپ بەرگەن. بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلار خېلى يۇقىرى مەدەنىيەتكە ئىگە ئىدى. مەۋلانە يۈسۈپ سەككاكى ئاشۇ مەدەنىيەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئىدى. ئۇ كىشى 1160–يىلى تۇغۇلۇپ 1229–يىلى 69 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇ كىشى بىلىملىك ئادەم ئىدى. ئۇ زاتنىڭ «مىفتاھىل ئولۇم»دېگەن ئەسىرى مەندە بار. بۇ گەپنىڭ مەنىسى ئىلىملەر ئاچقۇچى دېگەن بولىدۇ. چاغاتاي ئۇ زاتنىڭ بىلىملىك ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆز ئوردىسىغا چاقىرتىپ كېلىپ ئىلمىي مەسلىھەتچى قىلىۋالغان. بۇ ئىش ئوردىكى مەنسەپدارلارنىڭ ھەسەتخورلىقىنى قوزغىغان. ئوبولغازى باھادىرخان دېگەن ئالىم «شەجەرەئى تۈرك» ناملىق ئەسىرىنىڭ 5–بابىدا بۇ توغرۇلۇق مۇنداق يازغان: «موللا سەككاكى دېگەن زات خاننىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى. چاغاتاي خاننىڭ بىر ۋەزىرى بولۇپ ئۇ سەككاكىغا دۈشمەن ئىدى. ئۇ بىر كۈنى پۇرسەت تېپىپ سەككاكىنى خانغا يامان كۆرسىتىپ زىندانغا سولاتتى، خۇدادىن تەقدىر ئېرىشىپ ئۇ شۇ زىنداندا ۋاپات بولدى. » مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر «تارىخىي رەشىدى»دېگەن ئەسىرىدىمۇ سەككاكىنى تىلغا ئالغان ھەم ئۇنىڭ مازىرى مۇشۇ خونىخاي مازىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇ زاتنىڭ دېيىشىچە، بۇ يەر ئۆز ۋاقتىدا شەھەر ئىكەن، ئاھالىسى ئۇيغۇرلار ئىكەن. جامال قارشى ناملىق ئالىمىمىزمۇ سەككاكى ۋاپاتىدىن بىر يىل كېيىن، يەنى 1230–يىلى ئالمالىقتا تۇغۇلغان، 1315–يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ كىشىمۇ تىل، مەنتىقە ۋە باشقا ئىلىملەردە يېتىلگەن زات ئىدى. بالىلىرىم، بۇ ۋادىدا ئاجايىپ–ئاجايىپ ئادەملەر ئۆتكەن. بىز ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مۇشۇ يەردە ياشاپ، مۇشۇ يەر ئۈچۈن قان –تەر تۆكۈپ كەلگەن. بۇ يەر بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىز............... 611–بەت

.

....يېرىم كېچە، ئاسماندا يۇلتۇزلار جىمىرلايدۇ، ئۇلار سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، لېكىن ساڭا خائىنلىق قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ يېرىم كېچىدە تارانچى ئۆيىنىڭ چاقسىسىنى ئاستا ئېچىپ، مەھەللىنىڭ غەربىگە – تاشلىق سايغا چۈشىدىغان يولنىڭ بېشىغا ئالدىراپ–ھۇدۇقۇپ چىققىنىنى يۇلتۇزلاردىن باشقا ھېچكىم سەزمىدى......... 612–بەت

.

......... يازدا تەبىئەتنىڭ قوينى راھەت، شار–شار يامغۇردا قارىغاي ئاستىدا يىلتىزغا باش قويۇپ، توقۇمنى ئاستىمغا سېلىپ ئۇخلىسام لەززەتلىنىمەن. لېكىن قىشلاۋ قىشلىرى، تەر، ماي پۇراپ تۇرىدىغان، پەنجىرىسىز، كىچىككىنە ئۆيدە ئون نەچچە كىشى پىتلار بىلەن جەڭ قىلىپ ياتماق قانچىلىك ئازاب؟ ئايلاپ–ئايلاپ مۇنچا ياكى بىر چېلەك ئىلمان سۇ كۆرمەيمەن، ئات گۆشى بىلەن قېزا ماڭا ئۆيۈمنىڭ قاتتىق نانلىرى بىلەن چامغۇر، پۇرچاق سېلىپ ئەتكەن سۇيۇقئاشلىرىنى تۇتىيا قىلىۋەتتى. ئۈچ ۋاخ گۆش يەيدىغان بۆرە ئەمەستە بىز....................................... 619–بەت

.

..... ياشلىق ھاياتىم نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ھايات باھارىدىن. لېكىن بۇ باھار مۇز بىلەن قاپلانغان. بەزىدە بىرىگە ئەركىلىگۈم كېلىدۇ، لېكىن مېنى ئانا تۇپراق، ئۇلۇغ تەبىئەتتىن باشقا ھېچكىم ئەركىلەتمەيدۇ. مەن بۇ ئەزىم تاغنىڭ قارىغايلىرى بىلەن تىك چوققىلىرىغا ئەركىلەيمەن................... 621–بەت

.

..... مانا ھاۋا گۈلدۈرلىمەكتە، پۈتۈن تاغلار تىترىمەكتە، يېقىنلا يەرگە چېقىلغان چۈشتى..........

.

....سايدىن –سايغا، بۇ غولدىن–ئۇ غولغا قاترىشىپ ئۆتۈشۈپ ئاخىر مانا كەڭ، ئوتتۇرىسىدىن تاغ سۈيى ئېقىپ چۈشىدىغان، ئىككى چېتى تىك چوققىلار تىزمىسى بولۇپ كۆرۈنىدىغان گۆرساي ئېغىزىغا كەلدى.................................. 622–بەت

.

.... كۈنەسنىڭ گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ كېتىدىغان، ئوتلىرى ئات قارنىغا كېلىدىغان چەكسىز يايلىقىدا، توققۇزتارانىڭ بۈك قارىغايلىق تاغلىرىنىڭ شېرىن چۆپلۈك قاپتاللىرىدا ئەركىن ئوتلاپ، قىيغىتىپ يايلىغان بۇ ئاتلار ئۆز ئانا يۇرتلىرىدىن تولىمۇ يىراقلاپ، نېمە ئۈچۈن مۇنۇ غول بىلەن شىمالغا ئۆرلەپ تاغ ئېشىپ يەر – يەرلەرگە بارغۇدەك؟.................................. 623–بەت

.

..... بىردىنلا مىڭمارال چوققىسدا قارا بۇلۇت پەيدا بولدى. ھاۋا گۈلدۈرلەپ، قاراسلاپ چاقماق چېقىپ شارقىراپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. ئاتلار يۇقىرىغا قاراپ يورۇتۇپ ماڭماقتا، ئاتچىلار كېپىنەك تونلىرىنى كىيىشىپ، تېيىلغاق، قورام تاشلىق غول ئىچىدە يۇقىرىغا ئۆرلىمەكتە. مانا يامغۇر بىردىنلا قارغا ئايلاندى. 7–ئايدىمۇ قار ياغىدىغان ئىش مۇشۇ گۆرسايدىلا بار. شۇڭا بۇ يەرنى «گۆر»– دەيدۇ–دە. بۇ يەرنىڭ جۇدۇنلىرىدا، قار كۆچلىرىدە تولىمۇ جىق مال، ئادەملەر يورۇق دۇنيا بىلەن خوشلاشقان. شۇڭا بۇ يەر «گۆر»دە. قار بىردىنلا لەپىلدەپ يېغىپ ئەتراپ زىمىستانغا ئايلاندى. ئاتلار قار بىلەن زىننەتلەندى، جانىۋارلار باشلىرىنى تۆۋەن قىلىشىپ ئۆرلىمەكتە، ئۇلار غولدىن چىقىشقا ئادەملەردىنمۇ بەكرەك ئالدىرايدىغان ئوخشايدۇ..................................... 625–بەت

.

..... بىر دەمدىن كېيىن ئاتلارنى قارىغايلىق ئاستىغا توپلىۋالدى. ئاتلار بىر–بىرىنى پۇرىشىپ، سۇ بويىدا جىم تۇرۇشتى..................................

..... شىۋىرغان ھۇۋلىماقتا، دەرەخلەر غاراسلىماقتا، شۈمشىيىپ غۇژمەك بولۇشۇپ قۇيرۇق تەرىپىنى شىۋىرغان ئۇرغان تەرەپكە قىلىۋېلىشقان ئاتلار خۇددى تاغنىڭ قورام تاشلىرىدەك مىت قىلماي تۇرۇشاتتى.................... 630–بەت

.

بايلىق، مەنسەپ ھاياتلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولسىمۇ بەختنىڭ مەنبەسى ئەمەس، نامرات ئائىلىدە بەخت بولىدۇ، ئۇنى مىليون دوللار بىلەنمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، كاتتا ئائىلىدىمۇ بەختسىزلىك بولىدۇ، ئوخشاشلا ئۇنى پۇل ۋە ھۆكۈمەت كۈچى بىلەن يوقاتقىلى بولمايدۇ. بەختنىڭ مەنبەسى قەلب، بىر –بىرىنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدىغان جانلار بىر ئۆيگە جەم بولسا، ئۇ ئۆيدە بەخت دەريا بولۇپ ئاقىدۇ. تەمەلىرى ھەرخىل، بىر–بىرىنى شوتا قىلىش كويىدىكى ئادەملەر بىر ئۆيگە جەم بولسا، ئۇ ئۆيدە بەخت تامچىسىمۇ بولمايدۇ، بالايىئاپەت كەلكۈن بولۇپ ئاقىدۇ، مانا بۇلار نۇرىنىڭ تۇرمۇش توغرىسىدىكى قاراشلىرى. شۇڭا ھايات، بەخت دېگەنلەر ھەم مۇرەككەپ، ھەم ئاددىي چۈشەنچە، مۇرەككەپلىكى ئېرىشمەكنىڭ تەسلىكى، ئوڭايلىقى ئۇنىڭ كونكرېت ئىكەنلىكى........... 634–بەت

.

.... ئۇلارنىڭ كۆڭۈللۈك مەھەللىرى باشلاندى. كىگىز ئۆيلەر، مەززىلىك چاي، بوغۇرساق، كۆمبە، سېرىقماي، خام قايماق بىلەن تولغان قازاق داستىخىنى، ئىللىق شامال، شېرىن ئۇيقۇ............. 636–بەت

.

...سايرام بويىغا چېدىرلار تىكىلگەن، بۇلۇتسىز ئاسمان پارچىسىدەك كۆرۈنىدىغان سايرام كۆلى تىنماي داۋالغۇپ، نۇرىنىڭ يۈرىكىدەك ئويناپ تۇرۇپتۇ. كۆلنىڭ بۇچېتى بۈك قارىغايلىق تاغقا، شىمال تەرىپى پاكار–پاكار ئېدىرلىقلارغا تۇتاشقان. كۆلنىڭ بېرىقى قىرغىقىغا يېقىنلا يەردە بىر ئارال تۇرۇپتۇ. «قالماق بۇتخانىسى بار» دېيىشتى ئادەملەر ئۇ ئارالنى كۆرسىتىپ......

.... ياپيېشىل قارىغايلار يېنىغا ياسالغان چېدىرلار، كىگىز ئۆيلەردە غۇلجا، بورتالا ھەتتا چۆچەك بايلىرى يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈشىدۇ، غۇر–غۇر ، سالقىن شامىلى ئۆكسىمەيدىغان؛ پاقلان، قىمىزلىرى تولىمۇ لەززەتلىك، مۇنبەت، مەنزىرە گۈزەللىكى تەنگە داۋا بولىدىغان بۇنداق جايلاردا غەمسىزلەر، پۇشايمان ۋە ئارزۇلاردىن خالىيلار راھەتلىنەلەيدۇ....... 636–بەت

.

....غۇرۇلداپ تاغ شامىلى ئۇرۇپ تۇرىدىغان چېدىرنىڭ ئۈستى يېپىق. يانلىرى ئوچۇق، گىلەم ئۈستىگە تاشلانغان كۆرپىلەر، مامۇق ياستۇقلاردا بايلار ئېغىنىشىپ يېتىشقان........... 638–بەت

.

...... ھويلىدىكى يوغان ئۈجمە دەرىخىنىڭ ئاستى پاكىز سۈپۈرۈلۈپ، يەرگە سۇ سېپىلگەن، ئۈستەلگە سېلىنغان داستىخانمۇ ئاجايىپ چىرايلىق: ئاق خەسىگە گۈللەر ۋە گۈللەر ئارىسىدىن بىر نېمە ئىزدەۋاتقان كېپىنەك كەشتىلەنگەنىدى........................ 656–بەت

.

... يەرلىرىمىز مۇنبەت، كەڭرى، مال–چارۋا دېگەننى قانچە قىلىمەن دېسەڭ شۇنىڭغا ئىمكان بار، مېۋە–كۆكتات، دەل–دەرەخ، ئالتۇن–كۈمۈش، نېمە دېسەڭ شۇ بار، لېكىن خەلقى نادان، ھورۇن، كەمبەغەل، بىچارە!............................ 667–بەت

.

.... مەن نىلقىدا قوزغىلىمىز دېسەم، ئۇ خۇشال بولۇپ: قالتىس جاينى تاللاپسىلەر، ئۇ يەر ئارقىلىق كۈنەس، توققۇزتارالارنى ئىگىلىمەك ئاسان، ھۇجۇمغا ئۆتمەكمۇ، مۇداپىئە قىلماقمۇ ئاسان. كۈنەسنىڭ نارات دېگەن يېرىدىن ئۆتۈپ خوشۇت، قارا شەھەرلەرنى ئالغىلى بولىدۇ. توققۇزتارادىن ئۆتۈپ تېكەس، موڭغۇلكۈرەلەرگە تاغ ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىپ ئۇ يەرلەرنى ئېلىۋالساڭ، مۇزات ئارقىلىق ئاقسۇ، قەشقەرلەرگە كىرگىلى، شوتا ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم ئالغىلى بولىدۇ. شىمالدا ئاچالدىن ئۆتۈپ جىڭغا كىرگىلى، غۇلجا–ئۈرۈمچى تاشيولىنى ئۈزۈۋەتكىلى، بورتالا–شىخولارنى ئالغىلى بولىدۇ، دېدى. ئۇ بىزنىڭ تاغلىرىمىزنىڭ يوللىرىنى بەش قولدەك بىلىدىكەن....... 689–بەت

.

......................

مالغا تولغان يايلىقى، ئالەمگە مەشھۇر بايلىقى،

سۈيى مول تۇپرىقى مۇنبەت، بۈك دەرەخزار تاغلىرى.

توققۇزى تەل، ئابى كەۋسەر ئىلى دەريا سۇلىرى،

بۇلبۇل سايراپ كەتمەس ئۇنىڭ بېھىش كەبى باغلىرى....700–بەت

.

...شەھەر ئىچى – مەدرىسە جامەسى ئادەملەر بىلەن، جامە پېشايۋىنى، مەسچىت دالىنى كالاچ، پوپۇچلار بىلەن تولغان...... كوچا–كوچىلاردىن ئادەملەر توپ–توپ بولۇپ مەسچىت تەرەپكە–كۈنچىقىشقا قارىغان ئۈستى پەشتاقلىق، كۆك خىش بىلەن ياسالغان دەرۋازىغا قاراپ ئاقماقتا، شەھەر ئىچى، سۇ دەرۋازا، دەڭدەرۋازا، توغرا كۆۋرۈك پۇقرالىرى ئۆز مەھەللە مەسچىتلىرىگە كىرمەي مەدرىسىگە ئاقماقتا......... خوتەن مەسچىت، ئاقسۇ مەسچىت، خانىقا، قازانچى، ھەرەمباغ، قارادۆڭ، توپادۆڭ، ئايدۆڭ، دۆڭمەھەللە، ئۈچدەرۋازا، ئالتىشوئار مەسچىتلىرىدىمۇ مەدرىستىكىدەك چوڭ داغدۇغا............ 722–بەت

.

......... ئۇنىڭ ماكانى يەنە شۇ ئۇلاستاي — موڭغۇل، قازاق، ئۇيغۇرلار ئارىلىشپ ئولتۇراقلاشقان تاغقا يېقىن ئېدىر باغرىدىكى يېزا....................... 745–بەت

.

.........جىمجىت، قار بىلەن چۈمكەلگەن يېزا ئۇلارنىڭ ئانا يۇرتى، تۇغۇلغان، تۇنجى يۇيۇلغان، بۆشۈككە بۆلەنگەن، پىڭىلداپ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ چوڭ بولغان ماكانى....................... 746–بەت

.

.... چىغلىقمازار — نېزەرخان غوجامنىڭ مەھەللىسى، جەنۇبى، شەرقى ياپيېشىل سازلىق، تۆپىلىكتىن سازلىققا چۈشىدىغان جايلار غۇچچىدە بۇلاق، بۈك قارىياغاچ، مازار يېزىنىڭ شىمالىدا......... ........... 750–بەت

.

.... ئۇلارنىڭ كۆڭۈللۈك كۈنلىرى باشلاندى، ئەتىگەنلىكى، مىلتىقلىرىنى بەتلىشىپ يەتتە–سەككىز ئاتلىق غېنىنىڭ باشچىلىقىدا قاش جاڭگاللىرىغا كىرىپ توشقان ئوۋلىدى، قىرغاۋۇل، كەكلىك ئاتتى، ئاۋرال تېغىغا چىقىپ تاغ تېكىسى، ئارقار، ئىلىك ئاتتى. كەچتە ئاتلىرىغا ھەرخىل ئوۋلانغان ھايۋانلارنى ئارتىپ قايتىش، كەچتە خىلمۇخىل گۆشلەر بىلەن مېھمان بولۇشۇپ يوغان ئۆينىڭ سۇپىسىدا كىگىز ئۈستىدە سۇنايلىنىپ يېتىش تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى. ئاۋاكىيۈزى، تۇردىيۈزى، سېپىل، سامىيۈزى قاتارلىق ئەتراپتىكى يېزىلاردىن ناخشىچىلار، داپچىلار، دۇتارچىلار كېلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاچتى، ئۇلارنى ئۆيلىرىگە مېھمانغا چىللاشتى................ 755–بەت

.

..... كۆكقامىر تېغىنىڭ كۈنگەي باغرىدىكى ئۇلاستاي يېزىسىغا ھېچقاچان بۇنچىلىك كۆپ ئادەم توپلانمىغان، جالىنغول، جارتۇغان يېزىلىرىدىمۇ قوراللىق ئادەملەر كۆپەيگىلى تۇردى.......

...... ئۇلاستاي غولىدىكى مالچىلارمۇ يايلاقتىن بۇ يىلقىدەك بالدۇر يانمىغان. غول قوي، كالىلار بىلەن تولغان. سۈپسۈزۈك غول سۈيى بويلىرىدا، ياپيېشىل چۆپلۈكلەر ئارىسىدا مالچىلارنىڭ كىگىز ئۆيلىرى كۆپەيگەن. قاتتىق ئوتۇن ئىسى چۆپلۈك ئارىسىدىن تىك كۆتۈرۈلۈپ، سوزۇلۇپ–تارىلىپ كۆك ئاسمانندا ئاخىر سۇس ئاق داكىدەك يېيىلىپ يوقىلىپ كەتتى...... 817–بەت

.

....... شادلىق دولقۇنى قاش دەرياسىنىڭ بۇژغۇنلۇق دولقۇنلىرىنى بېسىپ چۈشكەن، كۆڭۈللەردىكى ئۆچمەس خاتىرىلەر قاپتال قارىغايلىرىغا ئوخشاش مەڭگۈلۈك ھايات ئابىدىسى ئورناتقاندەك........................ 826–بەت

.

ئۆكتەبر ئاخشاملىرى بۇ تاغ قاپتىلىدا قىشنىڭ ھەيۋىسى ئاچچىق سوغۇق شاماللىرى چاتقاللارنىڭ ياپراقلىرىدىن سېرىق چۈشەك پاياندازلارنى پەيدا قىلىدۇ. تاغ سۈيى بويىدىكى سارغايغان چۆپلەر ئۈستىگە توقۇملىرىنى سېلىپ، ئېگەرلىرىنى ياستۇق قىلىپ، كۆك ئاسماندا جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا قاراپ ئوڭدا يېتىش گوياكى بىر رومانتىك قەسىدە، لېرىك ھېسسىيات بىلەن تولغان گۈزەل شېئىرغا ئوخشايدۇ. بولۇپمۇ ئۇلۇغ مەقسەت ئىگىلىرى ئۈچۈن شۇنداق.. 827–بەت

.

....يىراقتا قاش دەرياسى ئاستا شارقىرىماقتا. تاغ سۈيى تاشتىن–تاشتىن ئۇرۇلۇپ، بۇژغۇن ياساپ ھاياتنى مەدھىيلىمەكتە. ئاچچىق سوغۇق شامال دەرەخلەرنى چىۋ–چىۋ قىلغۇزۇپ، سارغايغان يوپۇرماقلارنى ئۇچۇرۇپ سۇ بېتىگە چۈشۈرۈپ ئۇسسۇلغا سالماقتا، ئۇلارنىڭ يېنىدىكى نازۇك تال شېخى ھېلىدىن–ھېلىغا ئېڭىشىپ ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى سىيپىماقتا. ھايات كۈلمەكتە، گويا سوزۇپ ئېيتىلغان قازاق ئۆلەڭلىرىدەك، موڭغۇل مالچىلىرىنىڭ كۈيىدەك، ئىۋاننىڭ گىتارىدەك.. 829–بەت

.

.... قار لەپىلدەپ ياغماقتا، ئۆگزىلەر، دەرەخلەر كۆمۈلمەكتە. يېزا جىمجىت، خۇددى ناماز ئوقۇۋاتقاندەك، مۈگدەۋاتقان، ھارغىن ئاتتەك، نامازشامدىن كېيىنكى دەرەخ شېخىدا قەھرىتانغا جەڭ ئېلان قىلىپ دۈگدىيىپ ياتقان ئاق مېكىياندەك.............. 877–بەت

.

..... ئەتىگەنلىك قۇياش ئاۋرالنىڭ كەينىدىن ئاستا باش كۆتۈرۈپ، بۇ دەردمەن يېزىغا سوغۇق نۇرىنى چاچتى. مەھەللىنىڭ چېتىدىن مۇڭلۇق يىغا ئاڭلانماقتا. بۇ يىغا بىر ئۆمۈر يەرگە ئىشلەپ ھالال تەر تۆككەنلىكى ئۈچۈن دەھشەتلىك ئۆلتۈرۈلگەن دېھقاننىڭ پۈتۈن ھاياتىنى قوشاق بىلەن بايان قىلماقتا، ئۇ يىغا ئەمەس، داستان، مۇسىبەت ئەمەس، ھايات ئادالەتسىزلىكى ئۈستىدىن قىلىنىۋاتقان شىكايەت ئىدى........................ 883–بەت

.

..... مانا غۇلجا بايلىرى، ھېچنېمىدىن غېمى يوق ئۆزىنىڭ مەشرىپىنى ئوينىماقتا. بىر يەردە يىغا، بىر يەردە قۇرئان، بىر يەردە ناخشا، يەنە بىر يەردە چىرايلىق سۆزلەر...... مانا بۇ غۇلجا شەھىرىنىڭ كارامىتى! ................ 903–بەت

.

........... قېزا باسقان پولۇغا، قىرغىز نېرىنىغا، خام قايماق، مايلىق توقاچ، ھورلۇقنان، تۇخۇم پوشكىلى......ھى–ھى–ھى.............كاتلېتلىرىڭ، پېتىر مانتا، سامبۇسا، چۆچۈرىلىرىڭ..... تۇتىيا بولۇپ كەتتى................ 915–بەت

.

......... ئىلىك، بۇغا، ئارقار–تېكە، كەكلىك، قىرغاۋۇل، بۆدۈنە، غاز–ئۆردەك، ئۇلار گۆشلىرى.... ئاپئاق توقاچلار، سېرىقماي، ھەسەل، مېۋە–رىشالىلەر....نەلەردە قالدى، كىملەرگە قالدى؟!.... 915–بەت

.

...زەيتۇنە – كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان، ئېلىپتەك بۇرنى ئاستىدىكى كىشىنىڭ قارىسا قارىغۇسى كېلىدىغان ئوماق لەۋلىرىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان، سۈتتەك ئاق يۈزىگە قاپقارا قاشلىرى، ئۇزۇن كىرپىكلىرى ھۆسىن قوشۇپ، ھەرقاندىقىنى ئۆزىگە قارىتالايدىغان، ئۇزۇن چاچ، زىلۋا بوي، يازدا يىپەك كۆڭلەكلىرى بىلەن، قىشتا ھازىرقىدەك قاما ياقىلىق سوكنا پەلتۇ، مۇسابايوف زاۋۇتىدىن چىققان قىزغۇچ ئۇزۇن قونچ توپلەي ۋە بېشىغا چىرايلىق فرانسۇز شىلەپىسى كىيىپ يۈرىدىغان بۇ قىز ھېچ ئىش بولمىغاندەك، ھېچكىمگە ئازار بەرمىگەندەك، كۈندە ئىككى قېتىم ئىككى ئارغىماق قوشۇلغان كالاسكىدىن ئىرغىپ چۈشۈپ يۈرىۋېرەتتى.............. 941–بەت

.

.....كۆكۈرچىنگە بېرىش ئۈچۈن جىلىيۈزىدىن ياكى پەنجىمدىن توغراسۇغا باردىغان يول بىلەن شىمالدىكى توغراسۇ غولىغا كىرىپ شەرققە مېڭىش كېرەك. نۇرغۇن بەل، غوللاردىن ئۆتۈپ سول تەرەپتىكى قاپتالدا ئاچا بىلەن جىڭدىن كېلىدىغان........................... 946–بەت

.

..... كۈن ئولتۇرۇشقا ئاز قالدى. ھويلا قىزىل شەپەق بىلەن نۇرلاندى. كەپتەرلەر، قاغىلار، پاختەك، قۇشقاچلار پىشايۋان، شاخلاردا شاۋقۇن كۆتۈردى................ 957–بەت

.

..... ئاددىي پۇقرالار خۇشال بولغان چاغلىرىدا، ھامان ئارمانغا يېتەلمىگەن يېقىنلىرىنى يادلاشقا ئادەتلەنگەن. لېكىن كاتتىلار ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئارمانغا يەتكەن چېغىدا تېخىمۇ چوڭ ئارمان ئۈستىدە ئويلايدۇ...................... 969–بەت

.

... ئۈستەل ئۈستىگە خىلمۇخىل بولكا، پىرەنىكلەر، ھەرخىل ۋارىنا–كۋاسلار، كاتلېت، توخۇ گۆشى، كاۋاپ، بېلىق ۋە ئىكرا، ياۋروپانىڭ سەرخىل پىۋا، ۋېنولىرى...... تىزىلغان.... 974–بەت

.

...سۇس ئايدىڭ، دەرەخلەر ئاپئاق قىرو بىلەن ئېگىلگەن، يولمۇ ئاپئاق قار، قار ئۈستىدە قاتتىق سوغۇقتا غاچ–غاچ ئاۋاز چىقىرىپ مېڭىش تولىمۇ كۆڭۈللۈك................. 978–بەت

.

...خۇشخۇي، ئۈمىدۋار غۇلجا خەلقى «ۋاز كېچىش» دېگەن سۆزنى ئاڭلىسا يەرگە قارايدىغان، ئاھ–ۋاھ دەيدىغان نامەردلەرگە تولىمۇ ئۆچ................... 987–بەت

.

...ھەرەمباغ، لياڭشاڭ، ئايرودروم سوقۇشلىرىدا ھەركۈنى ھەربىر مەھەللىدە ئون–يىگىرمىلەپ قۇربانلارنىڭ نامازلىرى چۈشۈرۈلۈپ تۇردى. ئاق پوتا باغلىمىغان ئاتا، ياغلىق تاڭمىغان ئانىلار قالمىدى....................... 987–بەت

.

....1871–يىلى چار رۇسيە غۇلجا شەھىرىنى بېسىۋېلىپ، گېنېرال كالپاكوۋىسكىينى غۇلجىنىڭ گوبىرناتورى قىلىپ بەلگىلىگەندە پەيدا بولغان بۇ بۈك دەرەخلىك باغ، شەرق تەرەپتە سوۋېت كونسۇلخانىسىغا يانداش، غەربتە بولسا ئايرودرومغا كېتىدىغان، ساي سۈيىنى بويلاپ ماڭىدىغان چوڭ يولغا چېگرا. باغنىڭ شىمالىدا مۇسا گۇڭدىن باشلانغان ئىلى ۋاڭ–گۇڭ–تەيجىلەرنىڭ قەبرىستانلىقى«ئالتۇنلۇق» دېيىلىدىغان دۆڭلۈك، بۇ دۆڭلۈك ھەرەمباغ بىلەن تۇتىشىدۇ.................... 997–بەت

.

...سانائىتى بولمىغان، قالاق يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىللەتلەردە دىنىي ئۇقۇم ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدۇ....................... 1006–بەت

.

.... قامىر تېغىنىڭ كۈنگەي قاپتاللىرى ياشىرىشقا باشلىغان، نىلقا بازىرىدىن يىگىرمە كىلومېتىر بېرىدا — غەربتە تاغ سۈيىنى پاناھ تارتىپ پەيدا بولغان ئۇلاستاي يېزىسى جاغالاستاي (ياقا ئۇلاستاي) ، تاۋلاستاي (تاغ ئۇلاستاي) دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.................. 1011–بەت

.

.... ئاخىر خوتۇنلارنىڭ قوشاقلىرى ئاخىرلاشتى، يىغىلىرى توختىدى. ساماۋاردىن چاي قۇيۇلۇپ، خام قايماق پىيالىلەرگە ئاز–ئازدىن سېلىنىپ مەززىلىك قازاق چېيى تارتىلدى، داستىخاندا توغرالغان كۆمبە، بوغۇرساق، قۇرۇت ۋە توغرالغان قېزا، قايماق، سېرىقماي، ھەسەل، جېنتلار پەيدا بولدى........................... 1013–بەت

.

...ئۇلار كەچتە نىلقا بازىرىدا چىغلىق مەھەللە بىلەن دۆربىلجىن مەھەللىسىدە ئۆتكۈزدى. دۆربىلجىن مەھەللىسى تاتار، رۇسلار پەيدا قىلغان مەھەللە. جەنۇبىي سازلىق — نېرىسى قاش دەرياسى، دەريانىڭ ئۇ چېتى ئاۋرال تېغى. سازلىق غازغا تولغان، دەريا تولىمۇ شوخ، تاغ بولسا غەمكىن — گويا سۇنايلىنىپ ياتقان گىگانت شىرغا ئوخشايدۇ.............................. 1014–بەت

.

.... غۇلجا كوچىلىرىدا ئىسپانكا، گىمناستوركا، گەلەپى شىم، ئۆتۈك كىيىپ بېلىگە رىمۇن باغلىغان، تېتىك، تېمەن ھەرمىللەت يىگىتلىرى ھۆكۈمەت مۇنتىزىم ئەسكىرىي نامى بىلەن كاكار، پاگون تاقاپ مەغرۇر يۈرۈشتى...................... 1024–بەت

.

.... ئۇ ياۋروپاچە ياسانغان، بويۇن، قوللىرى يالت–يۇلت ئالتۇن، ئەترەڭ، پەي پۆپۈكلۈك چىرايلىق فرانسىيە شىلەپىسىنى سىڭايان كىيگەن، ئەنگلىيە سارجىلىرىدىن تىكىلگەن تار يوپكا بىلەن بەدىنىگە يىپىشىپ تۇرىدىغان مودا چاپىنى ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان، ئاپئاق مەڭزىلىرىدە ئويناپ تۇرىدىغان قارا كۆزلىرىنىڭ كىرپىكلىرى سايە تاشلاپ، كۈلۈمسىرىگەندە چىرايلىق لەۋلىرى ياقۇتقا، سەدەپتەك چىشلىرى ئاق مەرۋايىتقا ئايلىنىپ، ھەرقانداق بىر جان ئىگىسىنى زوقلاندۇراتتى................ 1026–بەت

.

غۇلجا ئوغلانلىرى بىلەن مەغرۇر، غۇلجا كەلگۈسى ئۈچۈن جانبازلىققا تەييارلانغان ئەزىمەتلىرى بىلەن بەختلىك!............................. 1026–بەت

.

....1945–يىل 8–ئاپرېل غۇلجا ئاسمىنى سۈزۈك، كۆپكۈك كەپتەرلەر ئاسماندا پەرۋاز قىلماقتا..... غۇلجا تارىخىدا مۇنداق تەنتەنە بولۇپ باقمىغان..... شەھەر خەلقى كوچا–كوچىلارغا پاتماي شەھەرنىڭ غەربىگە — مۇراسىم بولىدىغان باغقا قاراپ ئاقماقتا........ مانا قاراڭ، ئەسكەرلەر زېمىنى بىلەن — ئانا يۇرتنىڭ باغرى بىلەن مەغرۇر. ئۇلار ئۆز يېرىنى ئۆز روھىنى نامايەن قىلماقتا. ئانا تۇپراق ئۇلارنى ئەركىلەتمەكتە، سۆيمەكتە. ئۇلار بىلەن سۆيۈنمەكتە. خەلق ئۆز ئوغۇللىرى بىلەن پەخىرلەنمەكتە. مۇشۇ زېمىندىن ئۈنۈپ چىققان، لېكىن ئۆز ئانا تۇپرىقىدا زادىلا كۈلەلمىگەن، كۈن ئالالمىغان خەلقنىڭ ئوغۇللىرى ئەنە ھازىر كۆكرەك كېرىپ مەغرۇر ماڭماقتا. ئۆز يېرىگە خوجا بولۇش باشقا چوڭ–چوڭ مىللەتلەر ئۈچۈن ھېچقانچە خۇشاللىق ئەمەس، لېكىن مۇنۇ ئانا يۇرت خورلۇقى بىلەن يۈرەكلىرى پۇچۇلغان خەلقلەر—مىللەتلەر ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈن ئاشىق–مەشۇقلارنىڭ مۇراد–مەقسەتلىرىگە يەتكەن كۈنى، جۇدالىق ئازابىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئانا–بالىلار دىدارلىشىپ مۇراد تاپقان كۈن ياكى ئۇزۇن مەنزىلگە ئاتلانغان يالاڭ ئاياغ سەيياھنىڭ قارارگاھىغا يەتكەن كۈنى.........

.... بۇنداق بايرام غۇلجا تارىخىدا زادىلا كۆرۈلمىگەن. ھەربىر دىلدا خۇشاللىق، غۇرۇر ۋە قەسەم يادلانماقتا: ئۇلار ئۇلۇغ كەلگۈسىنىڭ ياراتقۇچىلىرى، ئانا تۇپراقنىڭ خوجىسى بولغان ئۆز خەلقىنى مۇراد–مەقسەتلىرىگە يەتكۈزگۈچى ئۇلۇغ كۈچ، بۇ كۈچ ئۇلغىيىدۇ، مەۋج ئۇرىدۇ — خۇددى چېچەك سۈيى بىلەن تولىدىغان ئىلى دەرياسىدەك!....... 1028–بەت

.

.... مارش–ناخشا–قەسەم! بۇ قەسەمگە تەلكە تاغلىرىنىڭ بۈك قارىغايلىرى قوشۇلماقتا. كىيىكلەر تىك چوققىلاردا شىڭتىيىپ قاراپ زوقلانماقتا. سايرام كۆلى داۋالغۇپ ئاپئاق بۇژغۇنلىرىنى قىرغاقلارغا چاچرىتىپ جور بولماقتا. تەشنا دىللارنىڭ قەسمى تەبىئەتنى ئويغاتماقتا. گۈل–گىياھ، چەكسىز چىمەنلىك ۋە قۇم –يۇلغۇن باسقان چۆللەر ئۇلارنىڭ قەدەملىرىگە پايانداز!...... 1031–بەت

.

...شىمالدىكى بۈك قارىغايلىق قاپتاللاردا يالت–يۇلت ئوتلار كۆرۈنمەكتە. يېنىدىكى سايرام كۆلى داۋالغۇپ، قىرغاقلارغا ئۇرۇلۇپ بىر خىل رىتىمدا شاۋقۇنلىماقتا، ئەتراپ جىمجىت، ھارغان ئەسكەرلەر نېپىز يوتقان–كۆرپىسىنى چىمەنلىككە سېلىپ يېشىنمەيلا ئۇخلاشماقتا.... 1034–بەت

.

...سۈزۈك ئاسماندا يېشىل رەڭلىك، «لائىلەھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلىللا» دېگەن ئەرەبچە يېزىق يېزىلغان، ئوڭ تەرىپىگە يۇلتۇزنى ئوراپ تۇرغان ھىلال ئاي چۈشۈرۈلگەن ئارمىيە بايرىقى لەپىلدىمەكتە................. 1039–بەت

.

...جەڭچى — ئۆلتۈرگۈچى، ئۆلگۈچى. ئۇنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى دۈشمىنىنى ئۆلتۈرۈش، دۈشمىنى ئۆزىدىن ئۈستۈن كەلگەندە، ئاخىرقى تىنىقى قالغۇچە ئېلىشپ جان بېرىش، ھەرگىز قاچماسلىق، باش ئەگمەسلىك، يېلىنماسلىق، پۇشايمان قىلماسلىق.......... 1042–بەت

.

....سۆيگۈ، ھۆرمەت ئىنسان بەدىنىدە يوشۇرۇن ياشايدىكەن، سەن كىمنى ياخشى كۆرۈپ، كىمنى يامان كۆرۈشۈڭنى ئۆزۈڭ بەلگىلىۋالالمايدىكەنسەن، ئۇنى ھايات ساڭ تاڭىدىكەن!...... 1047–بەت

.

...كۈن ئاتلاپ، بەزىدە ھەپتىلەپ توختىماي ياغىدىغان يامغۇردىن كىشى بىزار، قارا توپىلىق يېرىنىڭ نەرىنىلا دەسىسەڭ پۇتۇڭ قارا پاتقاق، بۇ يەردە نە ياسانغىلى، نە بىرى بىلەن مۇڭداشقىلى، نە كەتكەن ئادىمىڭنى كۆرگىلى، ئەسلىگىلى بولمايدۇ. دائىملا سۇس تۇمان ئىچىدە قارا يېشىل بولۇپ كۆرۈنىدىغان بۈك قارىغايلار قاچانلا قارىساڭ بىر خىل، سىزىپ قويغان رەسىمدەك تۇرغىنى تۇرغان. تاغلار، قارلىق چوققىلار ئاسمانغا قارىغىنى قارىغان، ياغاچ ئۆيلەرنىڭ توپىلانغان ئۆگزىلىرىمۇ ئادەم چۆككۈدەك ئوت–چۆپ بىلەن تولغان. قارىغاي، بۇلۇت، يامغۇر ۋە گۈزەللىكى ئاستا–ئاستا ئادەمنى زېرىكتۇرۇشكە باشلىغان ھەيۋەتلىك تاغلار قىز قەلبىگە نە يېڭى ھېسسىيات، نە تەسەللى، نە زوق ۋە خۇشاللىق بېرەلمەيدۇ................ 1061–بەت

.

... قاراكۆز، سۈتتەك ئاق يۈز، سارغۇچ، ئۇزۇن چاچ، ئىسپانكىسىنى چۈشۈرۈپ كىيسە ئىنچىكە، ئەگمە قاشلار ئاستىدىكى يوغان، قاتلىرى تولۇق يارىشىملىق كۆزلىرىدە ئۆز–ئۆزىدىن زوقلىنىش ھېسسىنىڭ ئۇچقۇنلىرى چاچراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ چىرايلىق، كىچىككىنە، تۆشۈكلىرى تولىمۇ كىچىك بۇرنى ئاستىدىكى خۇددى ئالۇچا پاتۇرۇپ قويغاندەك كۆرۈنىدىغان ئوماق لەۋلىرىدە كۈلكە ئوينايتتى....................

يىگىتنىڭ ئېگىز، كەڭ يەلكىلىك، قاملاشقان قامىتى، كەڭ پېشانە، قاڭشارلىق، قاش–كۆزى تولىمۇ جەلپ قىلارلىق، چىرايلىق بۇرۇتى، يىگىتلىك سۈپىتىگە زىننەت بېرىپ تۇرىدىغان چىرايى قىز خۇشاللىقىنى نەلەرگىدۇر توزىتىۋېتەتتى.......................... 1063–بەت

.

...موڭغۇلكۈرە بىر ياپيېشىل دۇنيا، سۈپسۈزۈك جاھان. ئەتىگەنلىكى ئوچۇق ھاۋادا ئۇنىڭ پاكلىقى، گۈزەللىكى ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ. قاپتاللار، چەكسىز يايلاق، بازار كوچىلىرى، باغلار ياپيېشىل، ياپراقلار بېتىدە قىلچىمۇ كىر يوق. سۇلىرى ئويناق، سۈپسۈزۈك، سۇ تېگىدىكى تاشلارمۇ گويا مەر–مەردەك سۈزۈك. شوخ سۇلار تاغلاردىن گويا ساغلام، خۇشال گۆدەكلەردەك بىقىلداپ كۈلۈپ، قىيغىتىپ چۈشىدۇ، ئۇنىڭ بۇژغۇنلىرى كىشىگە كۈمۈشتىن ئاق، پاختىدىن ئاق، سۈتتىنمۇ ئاق كۆرۈنىدۇ................................. 1067–بەت

.

...غول تەبىئەتنىڭ يەرمەنكىسى. ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا قارلىق داۋاندىن چۈشۈۋاتقان شوخ تاغ سۈيى ئويناپ، تاشتىن–تاشقا ئۇرۇلۇپ ئاقىدۇ، ئۇنىڭ بۇژغۇنلىرى ئاق قاشتېشىدەك سۈزۈك، يالتىراق. ئىككى قاپتال رەڭگارەڭ گۈللەر ماكانى. قاپتالنىڭ تاغ تېكىلىرى شىڭتىيىپ قارىسا، قېلىن چۆپلەر ئارىسىدا كىيىكلەر توپى بەخىرامان ئوتلاپ يۈرىدۇ. بۇرغىسىغا كىرىپ مەست بولغان بۇغىلار ماراللىرىنى تۆۋەنگە قوغلاپ تاغنى جاراڭلىتىپ ۋارقىرايدۇ..... جانلىقلار مۇھەببەت سەۋادالىقىدا، تەبىئەت مەست ... 1071–بەت

.

...تاغ كەپتەرلىرى چۆچۈپ ئۇچۇشتى، چاتقال ئارىسىدىن توشقانلار قېچىشتى، ئۇنىڭ كۈلكىسى تەمبۇر ئاۋازىدەك زىل، تاغ سۈيىدەك سۈزۈك، كۈمۈش قوڭغۇراقتەك جاراڭلىق ئىدى ... 1071–بەت

.

... ئۇلار ئاشۋاقتى بىلەن قېلىن قارىغايلىقلارنى پەستە قالدۇرۇپ، تىك چوققىلارنىڭ باغرىدىكى تار، شېغىللىق يول بىلەن ئۆرلەۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كىگىزچىلىك بىرپارچە قارا بۇلۇت كېلىۋىدى، يامغۇر شارقىراپ يېغىشقا باشلىدى ... 1073–بەت

.

... تۆۋەنگە قارىسىڭىز باش قايىدىغان قاراڭغۇ ساي، قارىغايلار نەلەردە قالغان، تۆپە قېلىن قار بىلەن قاپلانغان تىك چوققا. يول شۇ قېلىن قارنىڭ ئاستىدىلا. قار ئاتتىنمۇ ئېگىز، ناۋادا يۇقىرىدىن قار سىيرىلىپ چۈشسىلا، ... 1074–بەت

.

... ئۇلار شىمالدا تار، تىك قاپتاللىرى بىلەن قېلىن قارىغاي بىلەن قاپلانغان، ئوتتۇرىسىدا شىمالغا قاراپ تاغ سۈيى ئاقىدىغان غولنىڭ بېشىدا يەنە ئاتلاندى. يامغۇر توختىغان، ياپيېشىل تاغلار، يوپۇرماقلار ئۈستىدىكى مەرۋايتتەك تامچىلار، تاغ قۇشلىرىنىڭ ناۋالىرى، جاڭگال دۇمباقچىسىنىڭ توك–توكلىرى تەبىئەت گۈزەللىكىنى يەنە كۆرگەزمە قىلماقتا .... 1077–بەت

.

....غۇلجا شەھىرى گويا ئۇنى ھاياتقا، بەختكە ۋە كۈرەشكە چىللاۋاتقاندەك بىلىندى ...

.

قىز كۆڭلى بىر دەريا، بۇ دەريادا ياپيېشىل، يىلتىزلىرى بىلەن قومۇرۇلغان قارىغايمۇ، سېسىپ چىرىگەن كۆتەكمۇ ئاقىدۇ. قىز قەلبى ئاجىز، لېكىن ئۇ كەچۈرۈش، رەھىم قىلىشتا تەڭداشسىز ...

.

... ئەزىم دەريا شارقىراپ–ۋاژىلداپ، قىرغاقلىرىغا سۈرلۈك ئۇرۇلۇپ دولقۇن ياساپ، ئۆز پەرزەنتلىرىنى سىناۋاتقاندەك تېخىمۇ ھەيۋەتلىك مەۋج ئۇرماقتا ... 1082–بەت

.

... يەنە شۇ يېزا يولى، جىرغىلاڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئالدىدا ئىككى يول تۇراتتى. بىرى، يار ياقىلاپ توغراق يېزىسى تەرەپكە باراتتى. يەنە بىرى، ئوڭغا بۇرۇلۇپ يارغا چۈشۈپ كېتەتتى. ئۇ ئويناقلاپ تۇرغان ئېتىنىڭ ئۈزەڭگىسىگە چىڭ دەسسەپ، ئوڭ تەرەپتىكى ئورمانلىق، مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان ئىلى دەرياسى، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى چەكىسز بىنەملىك، يۇقىرىدا ئاپئاق چوققىلار ئاستىدا قارىيىپ كۆرۈنگەن بۈك قارىغايلىق غوللىرى بىلەن ئۆزىنى جاھانغا تەنتەنە قىلىپ تۇرغان ھەيۋەتلىك دىلمۇك تاغلىرىغا قارىدى. ئۇنىڭ قەلبىدە بىردىنلا غۇرۇر ۋە مۇھەببەت ئۇرغىدى. ئۇ شىمالغا قارىدى. نېرىدا يەنە ئاقۋاش تاغلار، تاغ تۆۋىنىدە چەكسىز بىنەملىك، قاپتاللاردا بۈك–باراقسان دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان يېزىلار كۆرۈندى ... 1088–بەت

.

...«يامانيار» — قويۇق توپىلىق، ئىككى چېتى تىك توپا قىرغاقلىق سۈرلۈك يول ...

.

ھېزىۋەكتام، گۈركىرەتمە، ئاندىن كېيىن تۈز، مۇنبەت لېكىن سۇسىز چۆل ... ئۇ ھەممىگە قىزىقاتتى، ھەممىلا نېمە ئۇنىڭ قەلبىدە ھاياجان پەيدا قىلاتتى ... 1089–بەت

.

...تۇمشۇقبايتوقاي يېزىسىدىن ئۆتكەندە، ئۇ يەنە ئاچا يولغا دۇچ كەلدى. ئوڭغا ماڭسا نۇرىلارنىڭ مەھەللىسىگە، سولغا ماڭسا يېڭىتام، بورچى يېزىلىرىغا بارىدۇ ... 1091–بەت

.

...غۇلجا شەھىرى ئاۋغۇست ئېيىدا ئۆز گۈزەللىكىنى تولۇق كۆرسىتىدۇ: كوچىلارنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى سۇۋادان تېرەكلەر ئەتىگەنكى ئىللىق قۇياش، سالقىن شامالدا يوپۇرماقلىرىنى كۈمۈش تەڭگىلەردەك يالتىرىتىپ ئاستا ئىرغاڭلايدۇ. تېرەك ئاستىدىكى ئېرىقلاردا ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇ، گۈللەر ۋە ئالمىلار بىلەن ھۆسىن كۆرسەتكەن خۇش پۇراقلىق ھويلىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە شىۋىرلاپ رەھمەت ئېيتىدۇ. سۇ چېچىلغان كوچىلار، قورۇلارنىڭ ئالدىلىرىدا دۇنيادىن غەمسىز قاراكۆز بالىلار پىخىلداپ كۈلۈشۈپ بىر–بىرىنى قوغلىشىدۇ، ھايات لەززىتىدىن بەھرىمەن بوۋاي–مومايلار يۈزىدىكى قورۇقلىرىنى كۆپەيتىشىپ كۈلۈشۈپ، بىر–بىرىگە قارىشىپ قويۇپ ئۈنسىز سۆزلىشىپ ئىچ–ئىچىدىن شادلىنىدۇ، ئىسسق نان، سۈت–قايماق ساتقۇچىلار بۈك–باراقسان، سالقىن كوچىلاردا رېتىملىق ۋارقىرىشىپ ئالدىرىماي مېڭىشىدۇ. بازارغا، دۇكان ئېچىشقا كېتىۋاتقان تىجارەتچىلەر بىر–بىرىگە ئالدىراپ سالام بېرىشىدۇ–دە، ئاياغلىرىدىن مودا بويىچە غاچ–غاچ چىقىرىپ، قىزىل مانچىستىر بۆكلىرىنى بىردە كۆزىگە، بىردە گەجگە تەرەپكە سۈرۈپ قويۇپ نېمىلەرنىدۇ ھېسابلاپ مېڭىشىدۇ. بالىلار توپ–توپ بولۇشۇپ ۋارقىرىشىپ، نېمىلەرنىدۇر تالىشىپ مەكتەپكە ماڭىدۇ، كالاسكىدا مەكتەپكە بارىدىغان باي بالىلىرى ھارۋىدا ئارغىماق ئاتلىرىدەك غادىيىپ ئولتۇرۇپ، زوقلانغۇچىلارنى ئىزدەپ ئىككى تەرەپكە پات–پات قاراپ قويۇشىدۇ ... 1132–بەت

.

... نوغايگورد، ئۈچدەرۋازا، توغرىكۆۋرۈك كوچىلىرىدا ئاخشاملىرى نوغاي، ئورۇس ياشلىرى گارمون تارتىپ جىر–جىرلىشىپ ئوينىشىۋاتقان، ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ بالىلىرى ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان ... 1132–بەت

.

... باغ قورۇ بۇ يىل تېخىمۇ گۈزەللەشكەن. ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر بېيىنىڭ بۇ قورۇسىنىڭ ياپيېشىل ئالما، سىدە، تېرەكلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرىمۇ ئالاھىدە مايلاشقان، پاكىز ھاۋادا نازۇك شاخلارنىڭ تولغىنىشلىرى يۇمران بەدەن، غۇبارسىز قىزلارنىڭ ئۈسسۇللىرىدەك جىلۋىلىك. شەرىقى شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا ئاققان سۈزۈك ئۆستەڭ سۈيىنىڭ بېتىگە دەرەخ، ئاسمان ۋە قۇش كۆلەڭگىلىرى ئاجايىپ سىرلىق، گۈزەل رەسىملەرنى سىزغان، كىشى ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا تەلپۈنىدۇ. ئەتىرگۈللەر ئەتراپىدا ئوينىشىپ يۈرگەن خىلمۇخىل رەڭدار كېپىنەكلەر گۈزەل يازنىڭ تەشۋىقاتچىلىرى. ئۇلار ئادەملەرگە ھايات قەدرىنى تەسۋىرلەيدۇ: ئادەممۇ بىزگە ئوخشاش قىسقا ئۆمۈرلۈك. پەرقىمىز ئىنسان ئۆز ھاياتىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ، سوقۇشىدۇ، تىللىشىدۇ، بىز ئەكسىچە، مۇھەببەتتىن باشقىنى بىلمەيمىز... مانا بۇ ئۇلارنىڭ كۈيى ... 1146–بەت

.

باغ قورۇغا كىرگەن مەرتىۋىلىكلەر سالقىن يوللاردا كېتىشىۋېتىپ، يېڭىدىن ھاۋا رەڭدە سىرلانغان رېشاتكا، كۆۋرۈك، ئىشىك–دېرىزە ۋە راۋاقلارنى كۆرۈپ ياز گۈزەللىكىدىن زوق ئېلىشتى ... 1146–بەت

.

... ئاپئاق، كەشتىلىك لۆڭگىلەرنى مۈرىلىرىگە سېلىشقان، ئوخشاش كىيىنگەن چىرايلىق بالىلار مىس چىلاپچىلارنى ھەربىر مېھماننىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، ئاۋۋال ئېگىلىپ سالام بېرىپ ئاندىن قوللىرىغا سۇ قۇيۇشماقتا ... 1146–بەت

.

... نەزىر–چاي تولىمۇ داغدۇغىلىق، كۆڭۈللۈك ئۆتتى. پاييېشىل چىمەنلىككە قىپقىزىل گىلەملەر، يىپەك كۆرپىلەر سېلىنغان، ئاپئاق مامۇق ياستۇقلار تاشلانغان. سالقىن شامال گۈللەر ھىدى بىلەن ھەربىر مېھماننى تەبرىكلەپ يۈزلىرىنى سىيپاپ، ئادەملەرنى راھەت–پاراھەتكە، ئىنسانلارغىلا مەنسۈپ بولغان شېرىن ھېسسىياتقا ئۈندىمەكتە ... 1147–بەت

.

... بۈك قارىغايلىق تاغ، ياپيېشىل تاغ، ياپيېشىل يايلاق، كۆپكۈك، داۋالغۇپ، سوزۇلۇپ تۇرغان سايرام كۆلى تۆرەمنىڭ ھارغىن بەدىنىدە خۇددى پەپىلىگەندەك، مېھرىبان ئانا بولۇپ يەلپۈگەندەك سەزگۈ پەيدا قىلدى ... 1153–بەت

.

... كەرگىلەردىن گۈركىرەپ سالقىن شامال كىرەتتى. قازاندا پاقلان گۆشى پىشماقتا. چىمەن ئۈستىگە قىلىنغان تاختاي سۇپا ئۈستىگە قات–قات گىلەم، كۆرپىلەر سېلىنغان، داستىخان يايلاق يېمەكلىكلىرى ۋە شەھەر مەھسۇلاتلىرى بىلەن تولغان ... 1153–بەت

.

... يايلاق ھاياتى تولىمۇ كۆڭۈللۈك، غۇلجا بايلىرى يازنىڭ بۇ ئايلىرىنى يايلاقتا ئۆتكۈزۈۋالمىسا ئۆزلىرىنى ھەرگىزمۇ كەچۈرمەيدۇ. ئىپارھىدلىق ھاۋا، قىمىز بىلەن قوزا ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، بەدەننى، روھنى ياشارتىدۇ، بۇ ئىسپاتى بار ھەقىقەت. شۇڭا بايلارنىڭ تېنى ساغلام، روھى ئۈستۈن، كەيپى خۇش ... 1154–بەت

.

... ئايدىڭ كېچە تولىمۇ گۈزەل، تەبىئەت گويا مۇنۇ ئىنسان گۈزەللىكىنىڭ نامايەندىسى بولغان قىز بىلەن بەسلەشكەندەك، قارىغايلارنىڭ كۆلەڭگىسى، يېشىل دۇنيانىڭ چېچەك–غۇنچىلىرى، سۈزۈك كۆلنىڭ كۈيلىرى ۋە كۆك ئاسمان، چەرخ يۇلتۇزلارنىڭ سىرلىق سېھرىي كۈچىنى بىراقلا ئادەملەرگە كۆرسەتمەكتە ئىدى ... 1159–بەت

.

... باغ گۈزەللىكى يايلاقنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. بولۇپمۇ تاغ باغرىدىكى مېۋىلىرى داڭلىق چۇلۇقاي باغلىرى كىشىنى مەست قىلالايدۇ: قۇشلار تاغ شامىلى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ سايرىشىدۇ، مېۋىلەر شاخلىرىدىن پىدائىيلاردەك سەكرىشىپ چۈشىدۇ. تاغ سۈيى قورام تاشلارغا ئۇرۇلۇپ مەرۋايىت چېچىپ ھاياتنى كۈيلىشىدۇ، گۈللەر كېپىنەكلەرنى چىللىشىدۇ، ئادەملەر ھايات لەززىتىنى چۈشلىرىدىمۇ كۆرۈشىدۇ ... 1159–بەت

.

... داڭلىق ئىلى ناخشىچىلىرىدىن زىكرى ئەلپەتتا، ئابدۇۋەلى جارۇللا، جانى بوغاز، غوپۇر دىڭخۇلۇ، تۇرسۇن خور–خور دېگەن ئادەملەر بەس –بەس بىلەن ھۈنەر كۆرسەتمەكتە ...

... دۇتار–تەمبۇر، ئىسكىرىپكا يۈرەكلەرنى تىترىتىدۇ، ناخشىلار يۈرەكنى ئېزىدۇ. ئىنسان روھىنىڭ نازۇك سىرلىرىنى تىل چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگىنى بىلەن، مۇزىكا ۋە ناخشا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىكەن. سېغىنىش، ئېچىنىش، كۆيۈش، پۇشايمان، تەقەززالىق دېگەنلەر ھەممىنىڭ بېشىغا كەلگەن. لېكىن ئۇلارنى ناخشا بىلەن ساز تېخىمۇ سىرلىق ئىپادىلەيدىكەن. يارىنى، بالىسىنى، يۇرتىنى، قېرىنداشلىرىنى، دوستلىرىنى سېغىنمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. لېكىن ئۇنى ئىنسان تىلىغا قارىغاندا كۆز يېشى بىلەن تىنىقى تەسىرلىك ئىپادىلەيدۇ ... 1160–بەت

.

... ئىلى ئەزىمەتلىرى كۆز يېشىنىمۇ، يەلكىسىدىكى تاغدەك غەم–قايغۇنىمۇ چاقچاق، كۈلكە بىلەن ئىپادىلەشكە ئادەتلەنگەن. 1162–بەت

.

... يەنە چاقچاق، يەنە ساز، ناخشا، چۇلۇقاي غولىدىن چىققان تاغ سۈيىنىڭ شاۋقۇنىمۇ توختىغان، مەھەللە ئىتلىرى تولا ھاۋشىپ چارچىغان، مەھەللىنىڭ چىراغلىرى تامام ئۆچكەن، تاغ شامىلىمۇ باغلار ئارا شىۋىرلاشنى توختاتقان، مەھەللىنىڭ خورازلىرىلا يېڭى بىر كۈننىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن بەس–بەس بىلەن چىللاشماقتا ... 1162–بەت

.

... لەززەت بىر خىل بىھوشلۇقنىڭ بەلگىسى. ئۇ ئەقىل ۋە جاسارەتنى رەت قىلغۇچى ئاپەت، ئۇنىڭغا مەستانە بولغۇچىلار ياراتقۇچىلار قاتارىدىن ئۆزىنى قاچۇرغۇچىلار. بىر ئىنسان لەززەت بىلەن مەست بولۇۋاتقان شۇ پەيتتە، يەنە بىر ئىنسان قەلبىدە نەپرەت يالقۇنى ئۆرلىگەن بولىدۇ ... 1162–بەت

.

... خەلپىتىم ئۇنىڭغا يىراقتىن قارىدى: ئاق كۆڭلىكىنىڭ دولىسىغا كۆك ماتادىن ياماق چۈشكەن. ئاق ماتا ئىشتىنى تىزىغىچە تۈرۈلگەن، پۇتى يالاڭ ئاياغ، ساقال –بۇرۇتى ئۆسكەن، روھى تولىمۇ چۈشكۈن، شۇ تاپتا ئۇ بىر ئاتنىڭ يايلىدىن قېرىقىزنى چىقارماقتا ئىدى. ئۇ قىرىق نەچچە يىللىق ھاياتىدا تەقدىم قىلىشتىن باشقا نېمىلەرگە ئېرىشتى. دېھقان تەقدىم قىلىدۇ، ھۆكۈمەتكە، بايلارغا، تەبىئەتكە، ھەرگىياھ، ھەردەرەخكە بېرىدۇ. ئۇنىڭ قوللىرى، پۇتلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن تىنىمسىز. لېكىن ئۇ ھەق، مۇكاپات ۋە ياخشى جاۋاب تەلەپ قىلمايدۇ، ئۇنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ، ئويلاشنى نومۇس بىلىدۇ، ئىنسان ئەخلاقى مانا مۇشۇلارنىڭ بەدىنىدە كۆكلەيدۇ. ئېچىنارلىقى شۇكى، ئۇلار شۇ مەردلىكى ۋە ساداقىتىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. نامرات دېھقانلارنىڭ تىلىكى ئۆز ئارامى ئەمەس، بالىلىرىنىڭ ياخشى كۈنى، بالىلىرى ئۇلارنىڭ يۈرىكى، ھاياتى. ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىنىڭ مېغىزى ... 1165–بەت

.

... ئەتىگەنلىك خۇشخۇي قۇياش شەھەرلىك مېھمانلارغا كۈلۈپ، دەرەخلەر ئارىسىدىن ئاستا باش كۆتۈردى. يوپۇرماقلار شىلدىرلىشىپ قۇياش نۇرىدا يالتىرىدى. قىزارغان ئالمىلار قويۇق شاخلار ئارىسىدىن نومۇسچان قىزلاردەك سىڭايان قاراشتى. چۇلۇقاي سەھىرى تولىمۇ سالقىن، پۇراقلىق، بۇنداق ھاۋا شەھەردە يوق. تاغ گۈللىرى ۋە نەچچە يۈز يىللىق قارىغايلارنىڭ يىلتىزلىرىنى سۆيۈپ كەلگەن شوخ تاغ سۇلىرى گوياكى شەربەت. ئادەمنىڭ ئىچسە ئىچكۈسى كېلىدۇ. خام قايماق، ھەسەل –شەربەتلىك مېۋىلەر ئىشتىھا ئاچقۇچى ئاچقۇچ. ئادەمنىڭ يېسە يېگۈسى، كۈلسە كۈلگىسى كېلىدۇ ... 1166–بەت

.

... باش كۈز يېزا يوللىرى توپىلىق، ئېرىق سۇلىرى يامرىغان، ئەرلەر ئورمىدا، چۈجە خورازلار بەس–بەستە چىللىشىدىغان مەزگىل. بۇ چاغنىڭ ھاۋاسى تولىمۇ جانغا ئارام، توپىلىرىنى دېمىسە! ... 1171–بەت

.

... سېنتەبرنىڭ ھاۋاسى جانغا راھەت، تەبىئىي ئورمانلىقتا ھۇقۇش ھۇۋلايدۇ، نەلەردىدۇر ئىتلار ھاۋشىيدۇ، ئەمما جاھان جىمجىت، ھاۋا ئوچۇق، ئاسماندا يۇلتۇزلار جىمىرلايدۇ، ئايسىز ئاسماندا ۋەھىمىدىن دېرەك يوق، ۋەھىمە يەردە، مۇنۇ چەيپەيزىنىڭ چېتىدە ئورمانلىقتا ... 1176–بەت

.

... ئاسماندا يۇلتۇزلار جىمىرلىماقتا، ئىللىق شامال يۈزلەرنى سىيپىماقتا، گۈزەل تەبىئەت قۇچىقىدىكى بالىلىرىنى مېھرىبان ئانىدەك پەپىلەپ ئۇخلاتماقتا. بەرا قېرى ياغاچلار بىلەن تولغان بېغىنى، كېچىلىرى شارقىراپ مەھەللىنى ئۇخلىتىدىغان شوخ ئۆستەڭنى، ئىشىكى ئالدىدىكى چىغىرتماقلىق، توپا ئېلىپ پەيدا بولغان ئازگاللارغا تولغان سۇ، پاقىلار، قۇمچاقلار، ئۆيىدىكى سېغىزخان ئۇۋىسىدا ئانىسىغا ئىنتىلىپ تىللىرىنى چىقىرىپ چىرىلداشقان قالىغاچ بالىلىرى، قېلىن قارىياغاچلىق ئارىسىدا تۇخۇمدىن چىقىشقان، كىچىككىنە تۇرۇپلا ياۋىلىشىپ كەتكەن چۈجىلەرنىڭ سادىن قورقۇپ چۆپلەر ئارىسىغا شۇڭغۇشلىرىنى ... ھاياتلىق ئۈچۈن بولۇۋاتقان ئىنتىلىشلەرنىڭ ئۆزى بىلىدىغان مەنزىلىرىنى بىرمۇبىر ئەسلىدى. 1181–بەت

.

... جەڭ مانا مۇشۇنداق سېكۇنتلىق خاتا ھەرىكەت ھېسابىغا بىر جان ھاياتلىق بابىدىن مەڭگۈ ئۆچۈپ كېتىدىغان، بىر مىنۇتلۇق خاتا بۇيرۇق بىلەن نەچچە يۈزلىگەن ئەزىز جانلار مەڭگۈلۈك تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىدىغان، جان بىلەن ئوينىلىدىغان بىر خىل تەلەي سىناش پائالىيىتى ... 1188–بەت

.

ئۇرۇشمۇ بىر خىل تۇرمۇش. ئۆلۈم، قان تۆكۈش بۇ تۇرمۇشنىڭ بىر مەزمۇنى، ئۇ خۇددى تېنچ ھاياتتا دېھقان ئېتىزىغا غىڭىشىپ ناخشا ئېيىپ بېرىپ كەچتە ھېرىپ، ئېتىغا سامان ياكى چۆپ ئارتىپ كەلگەندەكلا ياكى كاسىپلار دۇكانلىرىنى يىغىپ بالىلىرىغا بازارلىق ئېلىپ قايتقىنىدەكلا بىر ئىش. جەڭچى ھايات يۈردىغان مۇردا، ئۇ ھەرقاچان ئۆز ئەكسىگە قايتىدۇ، جەڭچى ئۆلگۈچى، ھايات بىلەن مەڭگۈلۈككە خوشلاشقۇچى. ھەربىر قورال تۇتقۇچى بۇ قانۇنىيەتنى بىلىدۇ، شۇڭا ئۆلۈمنى مەقسەت قىلمايدۇ، لېكىن ئۆلۈم ئۆزىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بىلىپ تۇرۇپ خەتەرگە ئۆزىنى ئاتىدۇ ... 1205–بەت

.

... ھايات شۇنداق. ئىنسان كۆمۈلىدۇ، ئۇلۇغ غايىسىنى مەھكەم قۇچاقلاپ توپا ئاستىدا ياتىدۇ. ئۇ غايىسىنى ئەكېتىدۇ، غەم–قايغۇسىنىمۇ ئەكېتىدۇ. ئۇنىڭ جىسمى توپىغا ئايلىنىدۇ. لېكىن غايىسى، قىساسى ۋە غەم –قايغۇسىنى تۇپراق سىغدۇرمايدۇ. ئۇ يەر ئاستىدىن چىقىۋېلىپ، يوقالغان جىسىمنىڭ مىراسخورلىرىنىڭ باشلىرىغا كېلىپ قونۇۋالىدۇ ... 1209–بەت

.

ھايات قانۇنىيىتىنى تەستە ئۆزگەرتسە كېرەك: ھايات ئۈچ ۋاخ تاماق، ئۇيقۇ، يىغا، كۈلكە ۋە غەم – قايغۇ، پۈتمەس–تۈگىمەس پىلان، ئارزۇ –ھەۋەسلەرنىڭ يىغىندىسى بولغاچقا، بۇ ئېغىر يۈكنى يۈدۈۋالغان ھايات كارۋىنى ئاستا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىسە كېرەك! ... 1212–بەت

.

... يازنىڭ ئىسسىقلىرىنى قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا بىردە قانلىق جەڭلەر بىلەن، بىردە تەرگە پىشىپ ھەربىي مەشىق قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن قەيسەرلەرنىڭ كۈنلىرى ئۇلارنىڭ ئارزۇ–ئۈمىدكە باي يۈرەكلىرىگە ئۆچمەس، ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى يېزىپ قالدۇردى. بۇ خاتىرىلەر قۇملارغا چۈشكەن ئىزلاردەك تېزلا يوقىلىپ كەتمىسۇن. بۇ خاتىرىلەر ھېچنېمە دېيەلمەي مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمغان جەڭچىنىڭ ئارمانلىرىدەك ئۆلمىسۇن، يۇلغۇن دالىسىدا قەبرىسى قالغان بۈيۈك ئىرادە ئىگىسىنىڭ جەسىتىدەك دېرەكسىز يوقالمىسۇن! يۈرەكلەر توختايدۇ، توختىمايدىغان يۈرەك يوق، لېكىن بەزى يۈرەكلەر توختاپ قالسىمۇ سۆزلەپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنى بولسا چۆل شاماللىرىلا ئاڭلايدۇ. چۆلدە ماڭغان مۈگدەك ھارۋىكەش ياكى ئېشەكچى، تۆگىچى كارۋانلار قۇم بارخانلىرى يېنىدىن ئۆتۈپ توغراق، يۇلغۇن شاخلىرىغا باغلانغان ئاق لاتىلارنى كۆرۈپ قالغاندا، تولىمۇ يىراقتىن ئاڭلانغان ئاجايىپ جەڭلەر توغرىسىدا ھېكايە ئاڭلايدۇ، بۇ ھېكايىلەرنى قەھرىمانلار، قاچقۇنلار، خائىنلار ياراتقان ... 1215–بەت

.

... جەڭ دېگەندە ئىنسان خاھىشى ئەسقاتمايدۇ، پەم–پاراسەت، تەلەي ئىگىلىرىلا ئامان قالالايدۇ. ئوقنىڭ كۆزى يوق، ئۇ ساڭا ھېچنېمىنى ئەسكەرتىپ ئولتۇرمايدۇ ... 1233–بەت

.

قۇرغۇيۇم كەتتى ئۇزاقلاپ تەلمۈرۈپ قالدىم قاراپ،

دىل يارا، كۆزۈم تۇمان، نەئىلاج قەلبىم كاۋاپ.

سۈپسۈزۈك ئاسمان بىلەن ياپيېشىل تاغلار بىلەن،

ساپ يۈرەك سالغان جۇدالىق ئەيلىمەس بىزنى خاراب.

.

... سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا غۇلجا شەھىرى تېخىمۇ گۈزەل، ئاۋاتلىشىپ كېتىدۇ. شەھەر خەلقى ھەر سەھەر كوچىلارغا چىقىپ غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ سۇ چاچىدۇ، يېڭىدىن مودىغا ئايلانغان كاستۇم –بۇرۇلكا يىگىتلەر ئارزۇسى، قىزلار بولسا چىلان رەڭ تىرىكە ۋە لەستىكلەردىن ئۆرە ياقا، بەل پۇرۇم كۆڭلەك كىيىپ، چاچلىرىغا ئاق بانتىك تاقاپ كوچا ئايلىنىشقا ئامراق. مېۋە–چېۋە، قوغۇن–تاۋۇزلار تۆكمە، پاڭ–پۇڭ ئېتىلدىغان پىۋىلار تولىمۇ خېرىدارلىق. ئاشپۇزۇللار باس–باس، دېھقان ھارۋىلىرى كوچا–كوچىلاردا تۇرۇشقان، قازاقلارنىڭ مال بىلەن تولغان جۇرجۇنلىرى ئارتىلغان ئاتلىرىمۇ كوچا–كوچىلاردا باغلاقلىق. خادىكلاردا مەست يىگىتلەر ۋارقىرىشىپ ئاتلارنى ئۆكىرەڭ تاشلىتىپ، كۆرۈنگەن قىز–چوكانلارغا تاشئالما بىلەن «ھۇجۇم » قىلىپ ۋارقىرىشىدۇ. لەڭزىبېشىدا خوراز سوقۇش سالدۇرۇۋاتقان، يالىڭاچ بولۇپ مۇشتلىشىۋاتقان، چىمەنلىكتە توپ بولۇشۇپ دۇتار–تەمبۇر بىلەن ۋارقىرىشىپ ناخشا ئېتىۋاتقانلارنىڭ ۋاڭ–چۇڭلىرى خېرىدار چاقىرىشتا بىر–بىرى بىلەن بەسلىشىۋاتقان ئاشخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ سۈرەنلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، باش–ئاخىرى يوق تۈگىمەس خور پەيدا قىلغان ...

... غۇلجا بىر غەمسىز بايۋەچچىگە ئوخشايدۇ. گويا ئۇ دۇنيادا نېمىلەر بولغىنىدىن خەۋەرسىز، گويا بۇ كوچىلاردا كۆز يېشى ۋە قان ئاقمىغان، گويا بۇ شەھەر مەڭگۈ مۇشۇنداق باياشات، غەمسىز، ۋاڭ –چۇڭ بىلەن ياشايدىغاندەك ... 1253–بەت

.

... ئۇيغۇرنى تونۇتىدىغانلار ئىلى ئەھلى ... مېنىڭ ئارزۇيۇم مىللىتىمنى دۇنياغا تونۇتۇش. ئەركىنلىك، ھۆرىيەت بىزگە زۆرۈر، ئەمما ئۇ چەكلىك، دۇنياغا تونۇلغان بىر ئادىمىمىزدىن كېلىدىغان شان–شەرەپ چەكىسز! ... 1265–بەت

.

... باغ بىلەن كەڭرى ھويلا سالاسۇن بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىكەن. كۈنگەيگە قارىغاندا، كۈنچىقىشقا قارىغان ئۆي دېرىزىلىرىنىڭ قاپقىلىرى ئېچىلغان، پېشايۋانغا تامام گېلەم سېلىنغان، يىپەك كىيىم، بويۇن–قوللىرى ئالتۇن بىلەن تولغان زىلۋا، سۈتتەك ئاق، تالدەك ئەۋرىشىم خوتۇن گىلەم ئۈستىدە زىياۋدۇنغا ئېگىلىپ سالام بېرىپ، ئۇزۇن كىرپىكلىرىنى لەپ قىلىپ كۆتۈرۈپ، ئۈنچىدەك ئاپئاق چىشلىرىنى كۆرسىتىپ ... 1267–بەت

.

... ئىلى ئاسمىنى كۆپكۈك، سۈپسۈزۈك، ئۇياقلار قانداقكىن. غۇلجا كوچىلىرى سالقىن، يوپۇرماقلىرى شوخ، گۈللىرى پۇراقلىق، ئۇ يەرلەر قانداقكىن؟ مۇنۇ كىشىنىڭ يۈزىنى سۆيۈپ جاننى راھەتلەندۈرىدىغان ئىللىق شامال ئۇ يەرلەردە بارمىكىن؟ باغلاردىن كېلىۋاتقان چىرايلىق كۈلكە، ئەتىگەندىلا باشلانغان ئاجايىپ ناخشا، شاخلادىكى دۇنيا غېمىدىن خالاس قۇشلار ئۇياقلاردا بارمىكىن ... 1268–بەت

.

... بالىلار ئۇلارنى ئورىۋېلىشتى. ئەتىگەنلىك قۇياش سەبىيلەرنىڭ ھەممىگە ئىنتىلىدىغان ھۇجۇدىنى سۆيمەكتە. ئۇلارنىڭ يۈزلىرى پۈرۈشكەن، كۆزلىرى قىسىلغان، بۇ كۆزلەر زىياۋدۇنغا تىكىلگەنىدى ... 1270–بەت

.

... ھايات شۇنداق، سەن كۆرمەيدىغان، چۈشەنمەيدىغان بىر كۈچ سېنى ھەيدەپلا يۈرىدۇ. سەن نېمىگە، نەگە ئالدىرايدىغىنىڭنى بىلمەيسەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتنىڭ لەززىتى چەكسىز، شۇڭا ئادەملەر قايغۇ –ئەلەملىرىنى تېز ئۇنتۇپ، لەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتىلىۋېرىدۇ. بۇ ئىنتىلىشنىڭ چېكى يوق، ھەممىلا ئادەمنى كۈتۈپ تۇرغىنى پاجىئە بولسىمۇ گەرچە ... 1273–بەت

.

...تاغلاردىن چۈشۈۋاتقان ئاپئاق، سۈزۈك شارقىراتمىلار، قاتار–قاتار، خۇددى تىزىلغان ئەسكەرلەردەك تۇرۇشقان قارىغايلار، يۇپيۇمىلاق كۈرۈنىدىغان مەڭگۈ يېشىل ئارچىلار، بىزنى ئۇزىتىپ مەرىشىۋاتقان قويلار، قىيغىتىپ يۈرۈشكەن قوزا، ئوغلاق، تايچاقلار ئادەمگە ھايات قەدرىنى تەكرار–تەكرار ئەسكەرتمەكتە. تاغ قۇشلرىمۇ بۇرۇن ياشاشنىڭ قىممىتىنى يېڭىدىن –يېڭى كۈيلىرى بىلەن چۈشەندۈرمەكتە. كېچىچە ئىسكىرىپكا، داپ، راۋاپلارنى چېلىشىپ ناخشا ئېيتىشقان يىگىتلەرنىڭ شادلىقىمۇ تەبىئەتنىڭ تىلىكىنى تەكرارلىدى ... گۈزەل تەبىئەت قوينىدا سەيلە قىلىپ مانا بۈگۈن قارىغايتاش دېگەن قوندۇق. تىك تاش چوققىلار قارىغايلاردەك جىق. تەبىئەتنىڭ ھەممە كارامىتى بۇ تاغلاردا ئوخشايدۇ. نېمانچە جىق، ئېگىز تاش چوققىلار بۇ–ھە؟ بۇ يول سۈرلۈك، ئالدىمىز ئېچىلىدۇ، كەينىمىز يېپىلىدۇ. ھەيۋەتلىك تاغ جىرالىرى سۈرلۈك، مەن يايلاقنى سېغىنماقتىمەن. ئەمما ھاۋا بەك راھەت، كىشى سۈمۈرۈپ قانمايدۇ. بۇ يەر مۇز داۋان دەپ ئاتىلىدىكەن ... 1278–بەت

.

... شۇنداق، ئادەملەر ۋەھىمە، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىمۇ كۈلەلەيدۇ، خۇددى تويىدا يىغلىيالايدىغان قىزلاردەك! ... 1300–بەت

.

... باش كۈز پەسلى – بۇ يەرگە كېلىۋاتقان قىش پەسلىنىڭ ئەلچىلىرى قىرو، ئاچچىق شامال ۋە دەرەخلەردىن تۆكۈلۈۋاتقان سېرىق يوپۇرماقلارنى ھەدىيە قىلغان ... 1357–بەت

.

... ماناس دەرياسىنىڭ غەربى توغراقلىق، چۆل ۋە تاشلىق. جەنۇبتا تاغ، شىمالدا يەنسىخەي، ئورمانباغ. چەكسىز چۆللۈككە كۈز پەسلى ئاچچىق شامال، سېرىق يوپۇرماقلارنى ھەدىيە قىلغان، بۇ سوۋغىلار ئۇلۇغ ئىشلارغا ئۆزىنى بېغىشلىغانلار ئۈچۈن كۆڭۈلسىز خاتىرىلەرنىڭ سوۋغىسى ... 1361–بەت

.

... ئىنسان ئۈچۈن مەقسىتىگە يېتەلمەسلىك ئازابنىڭ مەنبەسى. ھاياتىنى ئالقىنىغا ئېلىپ ئۇلۇغ ئىشلارغا ئاتلانغانلار ئۈچۈن ھەربىر قەدەم قىممەتلىك ھايات سەھىپىسى، بۇ سەھىپىلەرنىڭ جۇغلانمىسى ئۇنىڭ ھايات قامۇسى. مەنىسىز ئۆتكەن كۈنلەر بۇ ھايات قامۇسىدىن يىرتىلىپ تاشلانغان بەتلەر ... 1361–بەت

.

... ئىنساپ–ئەخلاق بىلەن ھېسسىيات ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە قايسىسى غالىب چىقسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن پاجىئە. ئىنساپ–ئەخلاق بىرخىل ئوڭايلىقچە ئۈزگىلى بولمايدىغان پولات ئارغامچا. ئۇ سېنىڭ پۇت–قولۇڭغا چۈشىدىكەن، سەن ئۇنىڭدىن ئوڭايلىقچە قۇتۇلالمايسەن. ھېسسىياتچۇ؟ ئۇ سېنىڭ ئەقلىڭ، ھۇجۇدۇڭغا چۈشكەن ئوت يالقۇنى. ئۇ تىنىمسىز ئۆرتەيدۇ، سېنى بىھوش قىلىدۇ، مەست قىلىدۇ، ئارزۇ–تىلەڭلىرىڭنى نابۇت قىلىدۇ، سەن ئۇنىڭ كۈچى بىلەن ئەخلاق–ئىنساپ كىشەنلىرىدىن تېنىڭنى قۇتۇلدۇرالايسەن ... 1362–بەت

.

... يەنە شۇ تونۇش يېزىلار، تاغ باغرى، چەكسىز ئېتىزلار، پۇراقلىق باغلار، ئانا زېمىن باغرىدىن ئۈنۈپ چىققان گىياھتەك شۇ يەرگە مەڭگۈلۈك باغلانغان، ئۈمىدى تولىمۇ ئاددىي، ئارزۇسى ئۆزىگىمۇ ئېنىق ئانچە ئېنىق ئەمەس دېھقانلار ۋە ئۇلارنىڭ توپىدا ئېغىناپ چوڭ بولغان يېلىڭ–يالىڭاچ بالىلىرى، كۆكرەكلىرىنى ئېچىپ بالا ئېمىتىۋاتقان، چاچلىرى چۇۋۇق دېھقان خوتۇنىنىڭ كۈلكە بىلەن پەيدا بولغان قورۇقلىرى ... 1374–بەت

.

... بىز تەقدىرىمىزنى باشقىلارنىڭ بەلگىلەپ بېرىشىگە كۆنۈپ قالغان خەلقكەنمىز. مەن شۇ ئەۋلادلارنىڭ پۇشتى. قانۇن بولۇپ شەكىللىنىۋاتقان تەقدىر–پېشانە ئەقىدىسى مېنى ياشاش ئۈچۈن گۈزەل ئارزۇلاردىن ۋاز كېچىشكە قىستىدى ... 1381–بەت

.

... ھېلىقى سەپەرلىرىمىز، يېزىلار، دەريا بويى، بۈك ئورمانلىق باغ، قاش دەرياسىنىڭ بويىدىكى چادىرتال دېگەن يەردىكى قارىغايلىقلار دائىم چۈشۈمگە كىرىدۇ. مەن شېرىن چۈش، تاتلىق ئەسلىمىلىرىم بىلەنمۇ بەخىتلىك بولالايمەن! ... 1381–بەت

.

... سۈتتەك ئاق يۈزى، يوغان، قاپقارا كۆزلىرىنى تېخىمۇ كۆركەملەشتۈرۈپ تۇرىدىغان تال–تال، ئۇزۇن، قويۇق كىرپىكلىرى، كىشىنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە تارتىدىغان تولىمۇ چىرايلىق لەۋلىرىنىڭ كۈلۈمسىرەشلىرى، كۈلۈمسىرەش بىلەن بىللە پەيدا بولىدىغان كۆزلىرىنىڭ خۇمارلىشىشى، مەڭزىدىكى زىناقلىرى، سەدەپتەك چىشلىرى ... 1382–بەت

.

... سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئاچچىق كۈز شامىلى سېرىق ياپراقلارنى شاخلاردىن قېقىپ چۈشۈرۈپ، قۇملارنى ئۇچۇرۇپ نېمىگىدۇر نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان ئانا تۇپراقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتماقتا ئىدى. ئانا تۇپراق ئۆز ئوغۇللىرىنىڭ پىغان بىلەن تولغان يۈرەكلىرىگە ۋەكىل بولۇۋالغاندەك، مىلتىق ئاۋازى، پورۇخ پۇرىقى، ھۇررا ساداسىنى سېغىنغاندەك تاغ –دەريا ۋە چەكسىز دالىلارنىڭ ئەلەملىك كۆز ياشلىرىنى جاھانغا چېچىۋاتقاندەك، كۆڭۈللىرىدىكى نەپرەتلىرىنى چىقىرىپ بولالمىغان ئىنسان بالىلىرىنىڭ تۈرمە ئىچىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئاچلىق ئازابىدىن چىقارغان چىرقىراشلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىلتىجالىرىنى ئاڭلىتىۋاتقاندەك، گويا يەنە قىش پەسلى كەلسىلا زېمىن توڭلايدۇ، ھەممە نېمە، شۇ قاتاردا داۋالغۇپ تۇرغان سىياسىي ھاۋامۇ، جەمئىيەتمۇ توڭلايدۇ دەپ ئادەملەرنى ئاگاھلاندۇرۇۋاتقاندەك، سىرلىق، مەنىلىك ۋە ھېسسىياتلىق بىلىنمەكتە ئىدى ... 1396–بەت

.

... ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا قاپىقى يامان، ئاقساپ ماڭىدىغان، گېپى ئاز، قارا بۇرۇت، قارا ساقال، بېشىغا ئالتاي قازاقلىرىنىڭ كەينى يەلكىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان قۇلاقچىسىنى كىيگەن بىر ئادەم كەلگەندەك بولدى ...

... ئۇ ئاق ئېڭەك، ئۇزۇن تۇمشۇق، قىزىل ئۆڭ، يوغان كۆز، قويۇق چاچ، بومبا ساقال، قاۋۇل، بەستلىك چىراي–تۇرقى بىلەن ئەل ئاغزىغا چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ جەسۇر پالۋان ئىكەنلىكىنى مەغلۇبىيەتتىن كېيىن تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىدى ... 1399–بەت

.

... تارىخ – مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، قەھرىمانلارنىڭ تارىخى، تارىخنى نامى ئۆلمەسلەر ياراتقان، دېگەن سۆز توغرا ئىدى ... 1401–بەت

.

ھايات يېڭىلىنىشى كېرەك، ھەممىلا ئادەم–مەيلى ئۇ قانداق مىللەت بولسا بولسۇن بەختكە ئېرىشىشى، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى ۋە قەدىر–قىممىتىگە ئۆزى خوجا بولالىشى كېرەك. مانا بۇ ئىنسانلار تەلپۈنىدىغان ھەقىقەت ... 1400–بەت

.

... پەرىخەنىڭ يېڭى ئېچىلغان غۇنچىدەك لەۋلىرى تىترىدى، خۇمارلىشىپ تۇرىدىغان دۈگىلەك قوز كۆزلىرىدە ياشلار غىدىرلىدى، سۈتتەك ئاق يۈزىنىڭ قىزغۇچ مەڭزى قىسمىدا ئۈششۈك مېۋىسىدەك كۆپ پەيدا بولدى ... 1403–بەت

.

... تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چۆچەك ئىسىملىك بۇ مەركىزىي شەھىرى نۇرىغا يېقىپ قالدى. ئۇيغۇر، قازاق، تاتار، رۇسلىرى بىرلىشىپ چۆچەك تىلىنى پەيدا قىلىۋالغان. ئادەملىرى سوۋېت پاسونىدا كىيىنىپ، سوۋېت مودىسى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن ... 1406–بەت

.

... قىرىقتىن ئاشقان تەمبەل ئادەم–ئېگىز، گەۋدىلىك، ئىنچىكە قارا بۇرۇت قويغان، پەگەز قاپاق، كىچىكرەك كەلگەن كۆزلىرىدىن ئوۋچىلارغا خاس سەزگۈرلۈك بىلىنىپ تۇرغان، قارا سوكنىدىن شىم–تۇجۇركا، بېشىغا قارا رۇس شىلەپىسى كىيىۋالغان ئادەم مېھمانخانا زالىدا مېھمانلارنى كۈتۈپ ئۆرە تۇراتتى. بۇ كىشى دەلىلقان سۇگۇربايوف ئىدى ... 1418–بەت

.

.... تاشقورغاندا ئىسھاقبېك، غۇلجىدا پاتىخ، جىمىنەيدە موللا ئىسلام ۋە ئالتاي–كۆكتوقايدا ئوسمان بىر ۋاقىتتا قوراللىنىپ شېڭ شىسەيگە قارشى ئىسيان كۆتۈردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرلا ئوسمان –دەلىلقان باشچىلىق قىلغان قوزغىلاڭلا غەلىبە قازىنالىدى ...

ئىسھاقبېك، دەلىلقان، پاتىخ ئوخشاش قورال بىلەن يول ئىزدىگۈچىلەر بولسۇن، ئەخمەتجان، ئابدۇكېرى، ئابباسوفقا ئوخشاش سىياسەت بىلەن يول ئىزدىگۈچىلەر بولسۇن، ھەممىسىلا سوۋېت ئىتتىپاق، سىتالىننىڭ غەمخورلىقى بىلەن بۈگۈنكى نىجات بولىنى تاپالىدى ... 1424–بەت

.

... چەكسىز يايلاق، سايلار سارغايغان، دەل–دەرەخلەر ياپراقلىرىدىن ئايرىلىپ خۇددى بىرى بىلەن ئېلىشىشقا يالىڭاچلانغان ئەزىمەتلەردەك شامال بىلەن قەھرىتانغا ھومايماقتا. جۇڭغارنىڭ ئاچچىق شاماللىرىدا قېلىن جۇۋىلارنى كىيىپ، تۈلكە تۇماقلىرىنىڭ ئارقىسىنى يەلكىسىگە چۈشۈرۈپ چۆكۈرۈپ كىيىۋالغان، ئۆكۈزلەرگە كىگىز ئۆي، كەرگە، جاڭغىراقلىرىنى ئارتىپ، يۈك ئۈستىگە مەڭزى قىپقىزىل، جىيەكلىك كىيىم كىيگەن بالىلارنى ئولتۇرغۇزۇپ قويغان چارۋىچىلار ماللىرىنى ئاستا ھەيدەپ ئۈزۈلمەي ئۆتۈشمەكتە. پەسىل ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكەن، ۋاقىت ھايات شەكلىنى يەڭگۈشلىگەن، خۇددى نۇرىغا جىددىيلىك ئورنىغا ئىچ پۇشۇقى تەقدىم قىلغىنىدەك ... 1428–بەت

.

... سايرام كۆلىنىڭ قۇياشى بۈگۈنكى تۇنجى سۈبھى نۇرلىرىدا يالتىرىدى، دولقۇنلار، شاۋقۇنلار، ئاسماندىن چۈشۈۋاتقان ئۇچقۇنلار بۇ يەرنىڭ يېڭىلىقى. تەلكە چوققىلىرىنى قار بېسىپتۇ، لېكىن كەڭساي قارىغايلىرى باھار شادلىقىدا. ھايات شۇنداق، خىيال شۇنداق. ھەممىنىڭ ئانىسى ۋاقىت! ۋاقىت خۇددى تەقدىردەك سىرلىق ... 1431–بەت

.

... ئادەم دېگەن بىر سىرلىق خەزىنە ساندۇقىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا نېمىلەر يوشۇرۇنغىنىنى بىلمەك قىيىن. ئادەمنىڭ سۆز ۋە ھەرىكىتى بۇ ساندۇقنىڭ ئاچقۇچلىرى ئەمەس. سۆزىگە ئىشىنىپمۇ، ھەرىكىتىگە ئىشىنىپمۇ ئالدىنىسەن، ھەتتا يىگىرمە–ئوتتۇز يىللىق قەدىناس دوستۇڭمۇ سەندىن سىر يوشۇرىدۇ. شۇڭا ئەڭ يېقىن دوستۇڭ ئەشەددىي دۈشمىنىڭگە، ئەشەدددىي دۈشمىنىڭ جانىجان دوستۇڭغا ئايلىنالايدۇ. بەزىدە يېقىن ھېسابلانغان ئادىمىڭ دوستلۇق بەلگىسى قىلىپ يۈرىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئەمما بەزىدە بۇ يۈرۈك بىر پارچە گۆش بولۇپ چىقىدۇ. سېنى ئۆمۈر بويى تىللىغان ئادىمىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ سېنىڭ ئەڭ كۆيۈمچان دوستۇڭ بولۇپ قالىدۇ..... ئىنسان سىرلىق، ئىنسان بىر ھېكمەت—تېپىشماق! ... 1439–بەت

.

... ئۇلار خىتاي بازىرىدىن ئۆتتى. قوغۇن–تاۋۇز، ئاشلىق، سامان–بېدە باسقان ھارۋىلار قاراچىلان توپىلىق يوللارغا تولۇپ كەتكەن. تاختاي بىلەن يېپىلغان قاراسۇ گۈركىرەيتتى، دۇكانلاردىن خېرىدار چاقىرغان ئاۋازلار يەنە شۇ بۇرۇنقى پەدىدە كەلمەكتە. دۇكاندارلار، يايمىچىلار، ئېلىپ–ساتارلار، قول–ھۈنەرۋەنلەر، ساپايە سوققان دىۋانىلەر، مەدداھلار، مەستلەر، ۋاسىكىچىلار، ۋاپۇرۇشلار، يالىڭاچ بالىلار، قوتۇر ئىتلار ۋە قول سوزۇشقان دىۋانە –مەجرۇھلار.... ئادەملەرنىڭ چىرايلىرىدىن توپا ياغاتتى، كۈلكە چىرايلار يوقنىڭ ئورنىدا، غەملىكلەر ماڭدامدا مىڭ ئىدى. مەدىكارلار كەتمەنلىرىنى مۈرىلىرىگە سېلىشىپ، جۇل–جۇل كىيىم ئىچىدە دۈگدىيىشىپ تۇراتتى. نۇرى ھەممىلا ئادەمنىڭ غەمسىز، خۇشال –خورام، تېتىك، روھلۇق بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. لېكىن ئۇنىڭ كۆرۈۋاتقىنى ئارزۇيىنىڭ تەتۈرى ... ئۇ ھەممىلا ئادەمنىڭ چىرايىدىن تەبەسسۇم ئىزدەيتتى، لېكىن ئادەملەر ئۇنىڭغا ئالىيىپ، ھومىيىپ قارىماقتا. گويا ئادەملەرنىڭ بۇ ھالىغا نۇرى سەۋەبچىدەك ياكى ئادەملەرنىڭ غەملىك چىرايلىرى نۇرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك ... 1440–بەت

.

.... ئۇلار چۈشلۈك چايغا ئۈلگۈرۈپ مەھەللىسىگە چىقتى. كوچىلارنى غازاڭ، سامان باسقان، ئېرىقلارمۇ غازاڭ بىلەن تىنغان، كۈز پەسلى بۇيەرلەردە سۈپسۈزۈك سۇلار ئىگىسىز–يايلاق ئاتلىرىدەك ھەممە يەردە قىيغىتىپ ئوينايدۇ. چۈجە خورازلار مېكيان قوغلاپ، چىللىشىپ، ھەممىگە قانات سۆرەپ، قىسقا ھاياتنىڭ بەڭۋاش چېغىنى باشلىۋالغان، ئۆگزە–ئۆگزىلەرگە بېدە بېسىلغان، كاۋا–قاپاقلار ئاپتاپقا سېلىنغان، تېرەكلەردە قاغىلار قاقىلداشماقتا.... يېزىنىڭ بۇ مەنزىرىسى ھەريىلقىدەك جىمجىت، كوچىلاردا توخۇلار بىلەن موزايلاردىن باشقا ئادەم جىسمى يوق، كۈز پەسلى ئۆز گۈزەللىكىنى مانا مۇشۇ جىمجىتلىق، چۈشۈۋاتقان سېرىق ياپراقلار ۋە سۈزۈك سۇلار، قۇشلارنىڭ شاۋقۇنلىرى بىلەن كۆرسەتمەكتە ... 1441–بەت

.

ئەتىگەنلىك چايدىن كېيىن ئۇ مۇھاپىزەتچى بىلەن چالغا–ئورغاق ئېلىپ زىغىر چېپىشقا ئېتىزغا چىقتى. زىغىر ئوخشىغان، ئۈستىگە مالخاي تاشلىسا يەرگە چۈشمەيتتى. ساپسېرىق مۇنچاقلىرى كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى. ئۇ قېقىلىپ كەتمىسۇن دەپ چالغا سالمىدى. ئورغاق بىلەن دادىسى، مۇھاپىزەتچى ئۈچى زىغىرچىلاپ، چۆپلۈك يەرلىرىنى بېدىچىلاپ چاپتى... 1443–بەت

.

... كەنت، يېزا، شەھەر، پۈتۈن شىنجاڭ مىللەت، يۇرت، قەبىلە، گۇرۇھ زىددىيەتلىرى بىلەن تولغان. بۇ زىددىيەت ئادەملەرنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىلىرىغىچە سىڭگەن. نۇرى ئالتايدا قازاق، ئۇيغۇر دەيدىغان زىددىيەتنى، غۇلجىدا ئۆزبېك–ئۇيغۇر دەيدىغان زىددىيەتنى، يېزىلاردا بولسا تارانچى، قاشقالىق، چېلەكلىك دەيدىغان زىددىيەتنى كۆردى. بۇ زىددىيەتلەر ھەل بولىدىغاندەك ئەمەس، مۇرەسسە، سۆھبەت بۇلارغا ئاقمايدۇ. بۇ ئادەملەر ئەڭ زىددىيەت نېمە ئىكەنلىكىنى ئويلىمىسا كېرەك، خۇددى ئوسمان باتۇر ۋەتەن دېگەننى ئويلىمىغاندەك ... 1448–بەت

.

... كالاسكا توپا–چاڭ، مەڭگەن–سامان بىلەن تولغان ئېتىز يولىدا ئاپئاق چاڭ توزۇتۇپ ماڭماقتا. زەيتۇنە ھاياتىدا بۇنداق چاڭ ئىچىدە قالغان ئەمەس، ئۇ كىگىز قاققان يەرلەرنى بىر چاقىرىم يىراقتا كۆرسە بۇرنىنى ئېتەتتى، ئۇنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى مۇشۇ چاڭ–توزان ئىدى. كىرپىگىگە توزان قونمىغان شەھەر قىزى چاڭ ئىچىدە قاقاقلاپ كۈلمەكتە. تاشقىن سۇلار يوللارنى باسقان، ئويناق ئاتلارنىڭ تۇياقلىرىدىن، چاقلاردىن ئۇچۇپ چىققان لاي–چالمىلار ئۇنىڭ فرانسىيە پاسونىدا تىكتۈرگەن ئەنگلىيە سارجىسىدىن قىلىنغان ئېسىل كىيىملىرىگە كېلىپ تەگدى، بۇ پاسكىنا نەرسىلەرمۇ ئۇنىڭغا تەۋەررۈك بولۇپ تۇيۇلدى. ئۇنىڭغا بۇ يوچۇن سەھرانىڭ توپىسىمۇ، يەردە دەسسىلىپ تۇرغان سېرىق ياپراقلىرىمۇ ئورۇلۇپ بولغاندىن كېيىن قايتا يېتىلگەن قىر چۆپلىرىدەك گۈزەل كۆرۈندى. چۈجە خورازلارنىڭ بوۋاقنىڭ گۇڭرىشىدەك قىسقا چىللاشلىرىمۇ، قېرى خورازلارنىڭ ھۇرۇن مەزىننىڭ ئاۋازىدەك بوغۇق –خىرىلداق چىللاشلىرىمۇ، قاغىلارنىڭ تېرەك شاخلىرىنى ئېگىپ تىپىرلاپ چۈرۈكلاشلىرى ۋە كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى، مەست بۇقىنىڭ يەر تىلغاپ ھۆركىرەپ –ئازناشلىرى، يېزىدىكى ھەممە ئاۋاز، ھەممە كۆرۈنۈش خۇددى پارىژ تىياتىرخانىلىرىنىڭ سەھنىلىرىدىكى مۇزىكا ئاۋازلىرىدەك، بىتخوۋېن، چاپكوۋېسكىي، موزارت، باخلارنىڭ گۈزەل سىمفونىيە، مۇزىكىلىرىدەك يېقىملىق–سىرلىق بىلىندى. بۇغدايلىرى ئورۇۋېلىنغان ساپسېرىق، كۈن نۇرىدا ئالتۇن يالىتىلغاندەك كۆرۈنىدىغان چەكسىز ئېڭىزلىقلار رىپىننىڭ دۇنياغا داڭلىق رومانتىك رەسىملىرىدىمۇ ئىپادىلەنمىگەنىدى. قىز ھاياجانلاندى، ئۇ كىيىملىرىنىڭ پاسكىنا بولغىنىنى، يۈز–كۆزىنىڭ بۇلغانغانلىقىنى ئۇنتۇدى، ئۇنىڭغا ھەممىلا نېمە گۈزەل، سىرلىق–يېڭى تۇيۇلماقتا. ئۇ بىلىدۇ، مۇھەببەتنىڭ ئىنكاسى، بۇ يەرلەر ئۇنىڭ ئىككى يىللىق تاللىشىنىڭ مېۋىسى بولغان، نەتىجىسى ھېسابلانغان سۆيۈملۈك يىگىتىنىڭ يۇرتى. ئۇنى مۇشۇ تۇپراق، مۇشۇ سۈزۈك سۇلار ۋە چاڭ –توزان ئۆز قوينىدا بېقىپ چوڭ قىلغان. ئۇ بۇ يەرنى قىزغا تەقدىم قىلغان مۇھەببەت ھېسسىياتى بىلەن سۆيىدۇ. ئۇ مۇشۇ تۇپراق ئۈچۈن جېنىدىن كېچىشكە تەييار، ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈنلا زەيتۇنەنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئورۇن ئالالىغان ... 1461–بەت

.

... كۈن غەربكە قىيسايغان، شەرقتىن– يېقىنلا يەردە غايەت زور دۈملەكلىك قازاندەك كۆرۈنىدىغان ئاۋرال تېغى تەرەپتىن گۈرۈلدەپ شامال ئۇرماقتا. خاماندا ئىككى تۇلۇقتا زىغىر تېپىلمەكتە، بىر چەتتە قوشاق كالا بىلەن چابۇغداي چەيلەنمەكتە. كالىلارنىڭ ئاغزى تال بىلەن باغلانغان، بىچارىلەر موما ياغاچ ئەتراپىدا خۇددى تۈگمەن تېشىدەك ئايلانماقتا يۇمشىغان چانى زىياۋدۇن گۈرجەك بىلەن بىر چەتكە يىغىپ مەيىن شامالدا سورۇماقتا. ئۇ ھەرقېتىم شامال يۇقرىسىغا توپا ئاتقاندا، دانە–دانە دانلار بىر يەرگە چۈشسە، قوغان–سامان قىبلىگە ئۇچۇپ ئېڭىزغا چۈشۈپ چىرايلىق پرامىدا مودېللىرىنى ياسىماقتا ... 1463–بەت

.

... قېتىق قوشۇلغان، ئاشكۆكى، پۇرچاق، كۆكۋاش قوناق سېلىنغان سۇيۇقئاش تولىمۇ ئىچىملىك ئىدى ... 1465–بەت

.

... يەنە شۇ يېزا يولى، يەنە شۇ سېرىق ئېتىزلار، تاشقىن سۇلار، يېشىل قىرلار ۋە چاڭ –توزان ئۇلارنىڭ كۆڭۈل قاتلاملىرىغا ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرىلەرنى يازماقتا ... 1468–بەت

.

... كوچىلار سېرىق يوپۇرماقلار بىلەن تولغان، دەريالار غەمكىن، ئاستا–شاۋقۇنسىز ئاقماقتا، باغلار نامرات بالىلىرىدەك يالىڭاچلانغان، غۇلجا ئاسمىنىدا ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرقى يادناملىرى: ئاچچىق شامال، سىم–سىم يامغۇر ماھارەت كۆرسەتمەكتە. ئۇ— شامال بىلەن يامغۇر نامرات ئۆيلىرىنىڭ پاخاللار بىلەن چۈمكەلگەن ئۆگزىلىرىنىمۇ، بايلارنىڭ قورۇلىرىنىڭ قاڭالتىر ئۆگزىلىرى ۋە دېرىزە قاپقاقلىرىنىمۇ چېكىپ–سىلكىپ ئادەملەرگە كېلىۋاتقان يېڭى پەسىل—قىش پەسلىنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزمەكتە ... 1471–بەت

.

... غۇلجا شەھىرىنىڭ شىمالىدىن كېلىپ جەنۇبقا—ئىلى دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان تاغ سۈيى ئەتراپىنى ساي بويى دېيىشىدۇ. شۇ ساي بويىنىڭ غەربىدىكى مەھەللىدە ئۈچ ئېغىزلىق(بىرى تاختايلىق، ئىككىسى خىش) كۆتۈرۈپ سېلىنغان ئۆيى بار ھويلىدىن تاڭ سەھەردە پۇتىغا ئۆتۈك، ئۇچىسىغا گىمناستۇركا كىيىپ، بېلىنى تاسما پوتا بىلەن چىڭ باغلاپ، تەربىيە كۆرگەن كونا ئەسكەرلەردەك چەبدەس ماڭىدىغان ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت چىقىدۇ–دە، سايدىن ئەپكەش بىلەن ئۆيىگە سۇ توشۇيدۇ، ئىشىك ئالدى، ھويلىلىرىغا سۇ چاچىدۇ، ئاندىن كېيىن ئالدىراپ چاي ئىچىدۇ–دە، ئالىي ھەربىي كومىسسىيە جايلاشقان چوڭ باغ قورۇغا ماڭىدۇ. ئۇ تولىمۇ ئالدىراش، خۇشخۇي، سىلىق سۆزلۈك يىگىت بولغاچقا، ھەممىلا ئادەم ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپ، ئەھۋاللىشىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. مانا شۇ قارا بۇرۇت، بۇغداي ئۆڭلۈك يىگىت كىشلەر مەدھىيلەۋاتقان ئەخمەتجان قاسىمى ئىدى ... 1473–بەت

.

... غۇلجا شەھىرىدە ئۆكتەبىر گۈزەللىكىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى تېرەكلىك كوچىلاردا ياشلارنىڭ جۈپ–جۈپ، توپ–توپ بولۇپ سەيلە قىلىشلىرى، كوچىلارنىڭ ئىككى چېتى سۈزۈك سۇلۇق ئېرىقلار ۋە ئاسمان–پەلەك سۇۋادان تېرەكلەر بىلەن كۆزگە تاشلىنىدۇ. كەچقۇرۇن باشلىنىدىغان شەرق شامىلى، جەنۇبتىكى دىلمۈك تېغى بىلەن شىمالدىكى ئالاتاغ قارلىق چوققىلىرىنىڭ ئاي يورۇقىدىمۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇشى بۇ يەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى. بۇ شەھەردە كۈز پەسلى گۈزەللىكى كامالەت تاپقان. بۇ شەھەر ئازادلىق، ئەركىنلىك، مىللىي باراۋەرلىك ئۈچۈن قوزغالغان بۈيۈك ئىنقىلابنىڭ بۆشۈكى. بۇ شەھەرلىكلەر شۇ نام بىلەن پەخىرلىنىدۇ ... 1474–بەت

.

چىن سۆزۈم: چىن ئۆلكىسىدە ئىلى ياخشى جاي ئىرۇر،

دېھقانا، چارۋىچىلىقتا ئىلى ياخشى جاي ئىرۇر

قوينى كەڭ، تۇپرىقى مۇنبەت، تۆت تەرەپ تاغ ئارىسى،

شارقىراپ كەۋسەر ئاقادۇر، ھەرتەرەپ كەڭ ساي ئىرۇر... 1477–بەت

.

... تۈن، غۇلجا گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدىغان ئۆكتەبىر تۈنلىرى ئايدىڭ ۋە بەزىدە يامغۇرلۇق ...

.

... تۈن، ئايدىڭ كېچە، ئۇ ئۈچدەرۋازا ئىككىنچى كوچىنىڭ ئاغزىدىكى قىبلىگە قارىغان دەرۋازىسىدىن ئىككى قاسنىقى بۈك تېرەكلىك كوچىغا چىقتى. كوچا جىمجىت ھاۋا ئوچۇق، شەرقتىن ئاچچىق كۈز شامىلى ئۇرۇپ تۇراتتى ... كوچا جىمجىت، قويۇق تېرەكلەر سايىلىرى بىلەن بېزەلگەن، ئىككى چەتتىكى ئېرىقلاردا ئېقىۋاتقان سۇلار شىۋىرلىشاتتى، سۇلار گويا ئۇزۇن بىر ھېكايىنى سۆزلەۋاتقاندەك ... ئاسمان غۇچچىدە يۇلتۇزلار بىلەن تولغان، ئاي غەربكە قىيسايغان، ھەممە ياق خۇددى كۈندۈزدەك يورۇق، گۈزەل، سىرلىق ئىدى ... 1487–بەت

.

... غۇلجا شەھىرىنىڭ كۈز كېچىلىرى پەسىل قايغۇسىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى نامايەن قىلماقتا: ئېرىقلار سېرىق يوپۇرماقلار بىلەن تولغان، يازىچە توختىماي يالتىراپ–ئىرغاڭلاپ، چۇرۇقلىشىپ ھاياتنى كۈيلىگەن ياپراقلار ھازىر دەسسەلمەكتە، سۈپۈرۈلمەكتە، كوچىلارغا چېچىلىپ شەھەر بېتىگە ماي بولۇشقان ئېرىق سۇلىرىمۇ قارايغان، غەمكىن ... بۈگۈن ھېلىقى تولۇن ئايمۇ يامانلاپ قالغان، ھاۋا تۇتۇلغان، سىمىلداپ يامغۇر ياغماقتا، كوچىلار جىمجىت، ئادەمسىز... 1501–بەت

.

... ئىنسان ئۈچۈن بىر ئىشقا ئىرادە باغلاش غەلبىنىڭ بېشى. كۈچ، پىلان ۋە تەدبىر ئىرادىدىن تۇغۇلىدۇ ... ئىرادە، ئىشەنچ ئىنسان بالىسىغىلا خاس كۆرۈنمەيدىغان قانات، سەن شۇ قاناتقا ئىگە بولالىساڭلا، ساڭا مۇشكۈلچىلىك ۋەھىمە ۋە جەبىر–زۇلۇم يېقىنلىشالمايدۇ، سەن ھاياتىڭنىڭ ھەقىقىي قەدىر–قىممىتىنى ئەنە شۇ چاغدىلا چۈشىنەلەيسەن! ... 1534–بەت

.

ئۇ كېچە–كۈندۈز يولىغا قارىغان قىممەتلىك ئادىمى بىلەن بۇنداق يەرگە قاراپ، ئوڭ پۇتى بىلەن سول پۇتىنىڭ دۈمبىسىنى سىيپاپ، ئۈن–تىنسىز كۆرۈشمەسلىكى لازىم ئىدى— ئۇ بۇ يىگىتكە ئۆزىنى ئېتىشى، مۈرىسىگە بېشىنى قويۇپ يۈرەك سوقۇشىنى تىڭشاپ بېقىشى، يالغان دومسىيىپ«ئەسكى!» دەپ قويۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇ قىز ئۇنداق قىلمىدى. گىمنازىيىدە ئوقۇپ تەربىيە كۆرگەن ئاق سېرىق، چىرايلىق قىز خۇددى يېڭى تويى بولغاندەك نومۇسچان ئىدى ... 1536–بەت

.

... ئەي غۇلجا ياشلىرى، تەبىئەتكىمۇ، خۇشلۇق بىلەن چىللايدىغان كۈلكەڭ، ناخشاڭ، قىقاس–چۇقانلىرىڭ بىلەن كاۋاكشىغان يۈرەكتىمۇ باھار يېشىللىقى پەيدا قىلىسەن! ... 1548–بەت

.

... خاھىش دېگەن بايلىق ئەمەس، خۇددى ئارزۇ–ھەۋەس قانات بولمىغىنىدەك— ياخشى تىلەكمۇ كۈچ –قۇۋۋەت ئەمەس، گويا تەمەخورلۇق بىلەن باي بولغىلى بولمىغىنىدەك، ياخشى نىيەتنى چۈشەندۈرمەك يەر تېگىدىن ئالتۇن ئالماقتەك تەس. ھايۋانلار ھېچنېمىنى ئارزۇ قىلمايدۇ، قۇياش نۇرى بىلەن كۆكەرگەن يەر، تاغ شەربىتى ئېقىن سۇ بولسىلا ئۇ بەختلىك. ئىنسان بولماق نېمانچە تەس، بولۇپمۇ بىر غايىگە ئۆزىنى بېغىشلىغان پىداكار ئىنسان بولماق تولىمۇ تەس، گويا قاناتسىز ئۇچماققا ئۇرۇنغاندەك! ... 1555–بەت

.

... قار لەپىلدەپ ياغماقتا، بۇ نويابىر سوۋغىسى. تۇنجى قار، دەرەخ شاخلىرىدا لىرىكا بىلەن يۇغۇرۇلغان تىل سەنئىتىنىلا ئىپادىلەيدىغان قار گۈللىرى پەيدا بولدى ... 1564–بەت

.

... ئۈرۈمچى شەھىرىدە باھار ئالاھىدىلىكى ئۇلانباي قارىياغاچلىقىدا ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ. قەدىمكى قارىياغاچلار ياپيېشىل شاخلىرى بىلەن كۆك ئاسمانغا غۇلاچ يايغان، تاغ سۈيى تاشلارغا ئۇرۇلۇپ، چۇقان سېلىپ ئويناپ ئاققان، ياپيېشىل چىمەنلىك ئىنسانلارغا تەبىئىي پايانداز، سالقىن ھاۋا جانغا راھەت! گىلەملەر سېلىنغان چىمەنلىكتە مېھمانلار كۈتۈلمەكتە ... 1605–بەت

.

... كۆكتوقاي، چىڭگىل ناھىيىلىرى— بۇ يايلاقلىرى بىلەن مەشھۇر جايلار ياز باشلىنش بىلەنلا ياپيېشىل ئوت ئارىسىدا ئېچىلغان قىزىل، سېرىق، كۆك، بىنەپشە رەڭ، ئاق گۈللەر بىلەن تولىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ.كۆكتوقاي يايلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇۋئۆي يايلىقى بۇنداق ياز پەسلىدە ئۇ يەرگە بارغان ئادەملەرنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرىلەرنى قالدۇرىدۇ ...

... نېرىدا قارىغايلىققا يېقىن كۆكۈچ، سۇس تۇمان ئاستىدا توپ–توپ ئاتلار چەكسىز تىنچ دېڭىزدا لەيلەپ يۈرگەن بېلىقچى كېمىلىرىدەك، چۆپ ئىچىدە ئۈزۈپ ھايات بىلەن تەبىئەت بىرىكمىسىدىن گۈزەل خاتىرە سۈرەت پەيدا قىلغان ... خام قايماق، سېرى ماي، بوغۇرساق ۋە توغرالغان كومبەنانلار بىلەن داستىخان ئەتراپىدا ھېلىدىن–ھېلىغا قۇيۇلۇۋاتقان قىزىق–تەملىك چاينى ئىچىشىپ، يازنى خالىمىغاندەك قېلىن كىيىملىرىنى يەڭگۈشلىمىگەن بىر نەچچە ئادەم يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇۋېلىپ ... 1611–بەت

.

... ھايات شۇنداق، سەن سېغىنغان ئادەملەر ساڭا قىسقا ئەسلىمە قالدۇرۇپ قويۇپلا غايىپ بولىدۇ. سەن ئۇلارنى زۆرۈر بولغاندىلا يادىڭغا ئالىسەن ... 1636–بەت

.

... قورغاس دۆلەت چېگراسى، ئىلى دەريا بويلىرى، كەڭساي، سايرام بويلىرىدىكى زىيارەت–زىياپەتلەر، توققۇزتارا، نىلقا، سۈيدۈڭ ناھىيىلىرىدە ئۇچرىغان ھەرخىل مىللەتلەر، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش–ئادەت ئۆزگىچىلىكلىرى جاڭ بۇجاڭنىڭ دۆلەت ۋە مىللىي غۇرۇرىنى ئويغاتتى ... 1639–بەت

.

... 1946–يىلى ئاخىرلىشىشقا ئاز قالدى. جاھاننى قار ئۇچقۇنلىرى قاپلاپ، پەسىللەر سەپرالىقىنىڭ بەلگىسى بولغان قىش پەسلى ھاياتنى ئۆزگەرتىۋېتىش ئۈچۈن تەبىئەتكە ھۇجۇم باشلىدى. كېچىك–ئېقىنلار توڭلىدى، دەريالاردا شۈرمەل ئاقتى، دەل–دەرەخلەر يالىڭاچلىنىپ ئىرغاڭلاشتى. يازىچە قوزىلار، تايلار قىيغىتىشىپ ئوينىغان كەڭرى يايلاق قېلىن قار ئاستىدا قالدى. قارىغايلىقلار ئارىسىدا ئاچ بۆرىلەر ھۇۋلاشتى ... 1640–بەت

.

... بىرلا ئاشقازان ھەزىم قىلىش بەزلىرىدىن باشقا ئورگانلىرىنىڭ ھەممە ئىشىنى باشقىلار قىلىپ بېرىدىغان بۇ خىل ھايات نۇرىغا غەلىتە، كېيىن يات ۋە ھەتتا يىرگىنچلىك تۇيۇلۇشقا باشلىدى. ئۇ يۇمشاق لۆم–لۆم كارىۋاتتا يېتىپ كىيىملىرى بىلەنلا مۇز ئاستىدا، بورانلىق قۇم دۆۋىلىرى يېنىدا، ھەتتا پاتقاقلىق سازلىقتا كىيىم–كېچەك بىلەن يېتىپ دىر–دىر تىتىرىگەن چاغلىرىنى، مەھەللىسىدىكى گۈللىرى ئۆچكەن، يىرتىق كىگىزنىڭ يېرىمىنى ئاستىغا سېلىپ، يېرىمىنى يېپىنىپ، قەغەزلىرى يىرتىلغان شالالىق پەنجىرىگە يەڭلىكنى نوغۇچ بىلەن تىرەپ قويۇپ ئاچچىق قىش شاماللىرىدىن داداقايدىغان دېھقانلارنى، خىتاي بازىرى، تەختىيۇن مەھەللىلىرىدىكى ئاشخانىلارنىڭ ئالدىدا ئۆچكەن قوقاسقا مەيدىسىنى قاقلاپ، جۇل–جۇل كىيىملىرى ئىچىدە بەدىنىنى قاساپ ئارام بەرمەيۋاتقان بەدەن پاسكىنچىلىقىنىڭ مەھسۇلى بولغان پىتلىشىشىنىڭ دەستىدىن ھېلىدىن–ھېلىغا تولغىنىپ، قىمىرلاپ ئولتۇرۇشقان يېتىمچىلارنى، قەھرىتان قىشتا يىرتىق–يالاڭ ئىشتىنى بىلەن يوغان، ئەسكى پىيما–چورۇقلارنى سۆرىشىپ ئىككى تال دەپتىرى بىلەن ئىككى تال ئوتۇننى قولتۇقىغا قىسپ ئالدىراپ مەكتەپكە كېتىۋاتقان نامرات دېھقان بالىلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. شۇ مۇشەققەت بىلەن ئېلىشىۋاتقان بىچارىلەرنىڭ ھەممىسىلا راھەت، غەمسىز باياشات ھاياتقا ئىنتىزار. ... 1650–بەت

.

... قالاق–قەدىمىي تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىنىڭ جاپالىقلىقى، قالاقلىقى، پىكىر قىلىشنىڭ ئاددىيلىقى، تۇرمۇش شەكلىنىڭ قاتمال، چەكلەنگەن، ياۋايىسىمان بولۇشى ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ. بىز ئويغانغان ھەربىر ۋىجدان ئىگىلىرى شۇ رېئاللىقنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىمىساق، ھاياتىمىزنى مۇشۇ قالاقلىقنى ئۆزگەرتىش كۈرىشىگە بېغىشلىمىساق بىزنىڭ ياشىغىنىمىزنىڭ قىممەت–ئەھمىيىتى نېمە بولىدۇ... 1654–بەت

.

... ئۇلار موسكۋانى چارچىغۇچە كۆردى. كۆرگەنسېرى نۇرىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى. چۈنكى ھەربىر يەر، ھەربىر خۇشال–خۇرام پۇقرا ۋە ھەربىر زامانىۋى ئىلىم–پەن نەمۇنىسىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ يادىغا ئاشۇ يىراقتا — ئىلى دەرياسى بويىدىكى جىمجىت، شاۋقۇن–سۈرەنسىز يېزىلاردا سامان–مەڭگەن، ئوت–چۆپ بىلەن ھەپىلىشىپ كورەك جۇۋا، ياماق چەكمەن، پۈرۈم چورۇق بىلەن تامغا يۆلىنىپ، تەپتى ئاجىزلاشقان قۇياشتىن لەززەت ئېلىش كويىدا ئولتۇرۇشقان دېھقانلار كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھاياتتىن قىلىدىغان تەمەسىمۇ ئۇچىسىدىكى كىيىملىرىدەك ئاددىي: ئاچ قالمىسىلا، توڭلاپ قالمىسىلا، تاياق ۋە ھاقارەتكە يولۇقۇپ قالمىسىلا ئۇلار ئۆزلىرىنى بەختلىك ھېسابلايدۇ. «كەمبەغەلنىڭ بىر تويغىنى باي بولغىنى»، «دۈمبىسى ئاپتاپ كۆردى» دېگەن سۆزلەرنى شۇلار ئىجاد قىلغان. ھايات ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان بىر ئېتىزغا ئوخشاش بوز يەر دېسە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ، يارىلىش–يارالمىش ئۇلارنىڭ ئىشى ئەمەس، ئىلاھىي كۈچلا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا، تەقدىرىگە كېپىللىك قىلالايدۇ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بىرلا—ھاياتنىڭ مۇشۇ تۇرقىنى، ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ ئورنىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىش، مەيلى نامراتلىق، ئاچارچىلىق بولسىمۇ، ھەتتا ئاسماندىن تاش–توپا ياغسىمۇ دەسسەپ تۇرۇۋاتقان ئانا تۇپراقنى مەھكەم باغرىغا بېسىپ، ياراتقان ئىگىسىگە رەھمەت ئېيتىش، ھاياتقا شۈكرى قىلىش، چەكسىز چىداملىق، قانائەت ۋە شۈكرىچانلىق ئۇلارنىڭ پەزىلەت–گۈزەللىكى، روھىي بايلىقى، مەيلى ئۇلار بىرىگە قۇل بولۇپ قالسىمۇ ئاشۇ بايلىقى بىلەن ئۆزىنى مەغرۇر تۇتىدۇ، غالىب ۋە خوجايىن ھېسابلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇنيا گۈزەللىكى ئۆز ئانا يۇرتى تۇغۇلغان يېرى، دۇنيادا ئۇنىڭ مەھەللىسىدەك گۈزەل ماكان يوق. مەھەللىسىلا كەم كۈتىسىز، تەلتۆكۈس ئورۇن، باشقا يەرلەرنىڭ بىر يېرى كەلسە بىر يېرى كەمتۈك، ھامان بىر يېرى شۇ مەھەللىسىگە يېتەلمەيدۇ. ھايات شۇ مەھەللە، گۈزەللىك شۇ ماكان، غايە— شۇ ماكاننى قۇچاقلاپ يېتىش! ... 1656–بەت

.

... قىش پەسلى مەشرەپ، ئولتۇرۇش پەسلى، يۇقىرى–تۆۋەن، باي–گاداي ئۆز خىللىرى بىلەن «قاراڭغۇ قىش» نى مەشرەپ بىلەن ئۆتكۈزمەكتە... 1658–بەت

.

... ھەرقانداق ئىشقا چاقچاق ئارىلاشتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن غۇلجا ئادەملىرى ئۈچۈن كۈلكىگە چەكلەنگەن جاي يوق ئىدى... 1667–بەت

.

... نۇرى مەھەللىسىگە تەقەززا. ئۇ يەردە ئۇنىڭ بالىلىق خاتىلىرى، ئۆچمەس ئىزلىرى، ئوتلۇق ھېسسىيات پەيدا قىلىدىغان قىش مەنزىرىسىنىڭ ئانا بۆشۈكلىرى بار. ئۇ شۇ يېزىغا چىقىپ بۇنىڭدىن كېيىن ماڭىدىغان ئۇزاق ھايات سەپىرىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىشى، خەلقىگە يۈرەك–باغرىنى ئېچىپ كۆرسىتىدىغان ئالدىدىكى پۇرسەتلەر ئارقلىق ئۆزىنىڭ كىم ئۈچۈن ياشىغانلىقى، كىملەرنى سۆيۈپ، كىملەرگە نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشى، مۇشۇ ئانا تۇپراق بېتىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان جەڭگىۋار ئەزىمەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۇزۇن، ئەگرى–توقاي ھايات يولىنىڭ جاپا–مۇشەققەتلىرىگە تەييارلىنىشى كېرەك... 1670–بەت

.

... قاراڭغۇ چۈشكەندە چانا قار ئۈستىدە غىچىلدىغان ئاۋاز چىقىرىپ ئاپئاق قىرو بىلەن قاپلانغان دەرەخلىك تار كوچىغا كىردى. بۇ مەھەللىنىڭ چېتىدىكى ئىككى چوڭ باغ ئوتتۇرىسىدىكى كوچا. كوچا ئۇنىڭغا ئانا قۇچىقىدەك ئىللىق بىلىندى. گەرچە فېۋرال سوغۇقلىرى زەھەرلىك ھەرىدەك چېقىپ تۇرسىمۇ... 1671–بەت

.

... سۈزۈك ئاسمان، جىمجىت يېزا، قۇياش نۇرى ئۆگزىگە بېسىلغان ئوت–چۆپ، قەدىمىي قارىياغاچلار شاخلىرىدىكى ئاپئاق قارلارنى كۈمۈش رەڭ يالقۇنغا چۆمدۈردى. گۈزەل يېزا گۈزەل قەلبلەردە گۈزەل ئارزۇلارنى ئويغاتتى... 1678–بەت

.

... ئەخمەتجان ماشىنىنىڭ ئۈستىگە چىقتى. ئۇ خەلققە قارىدى. ياش بىلەن يۇيۇلغان، خۇشاللىقتىن پۈرۈشكەن، سوغۇقتا كۆكىرىپ، قارايغان چىرايلار ئۇنىڭغا تىكىلگەن. بۇلار ئۇنىڭ خەلقى. دۇنيادا خەلق ئوغلى بولۇشتىنمۇ پەخىرلىك، شەرەپلىك ئىش بولامدۇ؟... 1688–بەت

.

... خەلققە ۋەكىللىك قىلماق تولىمۇ تەس. بۇنىڭ ئۈچۈن شەخسىي غەرەزدىن ۋاز كېچىشكە، ئۆزىنىڭ پايدا –زىيانلىرىنى ھېسابلاپ تۇرۇشتىن ۋاز كېچىشكە، ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ۋاز كېچىشكە، ھەتتا ئىسسىق قان، شېرىن جېنىدىنمۇ ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ. ... 1690–بەت

.

... ئادەم شۇنداق مۇرەككەپ نەرسە: ئىككى ئادەم دوست بولۇشىدۇ، خۇددىكى يۈرىكى بىردەك بىرخىل سۆزلەيدۇ، بىر خىل قەدەم باسىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يەنە بىر–بىرىدىن يوشۇرىدىغان سىرلىرى بولىدۇ. يۈرەك خەزىنىسىنىڭ بەزى سىرلىق ساندۇقلىرى مەڭگۈ ئېچىلمايدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ... 1691–بەت

.

... ئۇنىڭ قەلبىدە ھاياجان، ئانا يۇرت غۇرۇرى، ھېسى خۇددى چېچەك سۈيى بىلەن تولغان ئىلى دەرياسىدەك دولقۇنلىدى. بولۇپمۇ ئايروپىلان بىلەن تەڭرىتاغدىن ئاشقاندا، قارلىق چوققىلار قۇياش نۇرىدا كۆزنى چاقىدىغان ئاپئاق، نۇرلۇق ھەيۋەتلىك كۈمۈش دۆۋىسى بولۇپ كۆرۈنگەندە، ئۇ ئىختىيارسىز: «سەندەك گۈزەل، سەندەك ھەيۋەتلىك تاغ دۇنيانىڭ خېلى–خېلى جايلىرىدا يوق، پاھ نېمانچە ھەيۋەتلىك—كۈمۈش نۇرلۇق يالقۇن چاچىدىغان تاغ بۇ –ھە ؟!...» دېدى. چەكسىز قۇملۇق–چۆللەر قوينىدا خۇددى كۈمۈش ئارقاندەك ئەگرى–بۈگرى سۇنايلىنىپ ياتقان تارىم دەرياسىچۇ تېخى! ئۇ يەر–بۇيەرلىرىدىلا ئىنسان ياشىيالايدىغان يېشىللىقلار كۆرۈنىدىغان پايانسىز، سىرلىق چوڭ تەكلىماكان جىمجىت ئۇخلىماقتا. ئۇنىڭ سىرلىق قوينىدا نېمىلەر بار، ئۇ نېمىلەرنى قۇچاقلاپ ياتىدۇ، بايلىقمۇ، سىر–ھېكەتمۇ ياكى ئاتا–بوۋىلارنىڭ يادىكارلىقلىرىمۇ؟ ئەجداد ئىزى ئۆچمەيدۇ، مەيلى قۇملار كۆچسۇن، چۆل توغراقلىرى زېرىكىپ ھاياتلىقتىن ۋاز كەچسۇن، قۇملۇق تىك دۆڭلەر ئۈستىدىن ياشىرىپ تۇرغان توغراقلار مەيلى نەچچە يىلدا ئۆزگىرىپ–يېڭىلىنىپ تۇرسۇن، ئاتا–بوۋىلارنىڭ ئىزلىرى كۆمۈلمەيدۇ، ئۆچمەيدۇ. دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ چۆللۈك، ئۇنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ قەبرىگاھى، بۇ مۇبارەك جاي ھازىر جىمجىت ئۇخلىماقتا. لېكىن تارىخ بەتلىرىگە ئۇنىڭ ئىنسانىيەت ئويغىنىشى، گۈللىنىشىنىڭ ئىسپاتلىرى ئۆچمەس سىياھلار بىلەن يېزىلغان. ئۇنىڭ ئىسمى «تەركىي ماكان»، يەنى تاشلانغان زېمىن. ئېنىقكى، ئۇنىڭ تېگى شەھەر، پەن–مەدەنىيەتنىڭ بۆشۈكلىرى ساقلىنىۋاتقان، قەدىمكى ئاۋات شەھەرلىرى، گۈزەل باغلىرى، ئەمگەكچان، ئىجادچان، ئاقكۆڭۈل، مەرد–قەيسەر خەلقى بىلەن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە كەڭ تونۇلغان، ھازىرقى سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكىدەك ياكى قەدىمىي ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى دۆلەتلىرى بولغان تاڭ سۇلالىسى، ھىندىستان، مىسرلاردەك مەشھۇر بىر ئۇلۇغ يۇرت. ئۇ ئۇلۇغ ئۇيغۇر يۇرتى مانا مۇشۇ چۆلنىڭ ئاستىدا. ئەنە قەدىمىي كۈچا، ئەنە كروران ئۆز ئوغلىغا ئۈمىدلىك كۆزلىرى بىلەن قارىماقتا. قاراخانىيلارنىڭ بۈيۈك ئوغۇللىرى–سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۆلمەس «قۇتادغۇبىلىك»نى ئۆز قولىدا يېزىپ قالدۇرغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەقىل–پاراسەت جەۋھىرىنى ئەۋلادلىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ مىللىي غۇرۇر ئابىدىسىنى مەڭگۈلۈككە تىكلەپ بەرگەن مەھمۇت قەشقەرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇزىكا خەزىنىسى ئون ئىككى مۇقام، نەۋائىي، بابۇرلاردىن تارتىپ ھازىرقى ھايات شائىر نېمشېھت ئارمىيە داموللىغىچە بولغان يۈزلىگەن داڭلىق شائىرلار قالدۇرغان ئۆلمەس داستانلار، قول سانائەت، رەسساملىق–نەققاشلىق، ھەيكەلتىراشلىق، چىۋەر قوللار ياراتقان تۇرمۇش شەكلى، ئىنساپ –دىيانەت بىلەن پەيدا بولغان ھايات پەلسەپىسى ۋە گۈزەل ئۆرپ–ئادەتلەر، ئاجايىپ باغلار، شېرىن مېۋىلەر، تائام، شارابلار، ئابىكەۋسەرلەر... شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرمۇ مۇشۇ خەلققە مەنسۈپ. ئەنە شۇنداق بىر ئۇلۇغ خەلق ھازىر خورلۇقتا... بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خەلق ياشىماسلىقى كېرەك، مۇشۇ گۈزەل ئانا تۇپراقتىكى ھەممە نېمىنى تاپشۇرۇپ بېرىپ مۇنۇ گۈزەل ئانا تۇپرىقىنى باشقىلارغا بېرىۋېتىشى كېرەك ... 1706–بەت

.

... ھەممە كوچىلارنىڭ ئىككى قاسنىقى قويۇق تېرەك. تېرەكلەر شادلىنىپ بېتى قارامتۇل يېشىل، كەينى كۈمۈش رەڭ يوپۇرماقلىرىنى پىلدىرلىتىپ كۆككە ئۆرلىگەن شاخلىرى شوخ ئويناقلاپ شىۋىرلىسا، تېرەك تۈۋىدىكى ئېرىقلاردا ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇلار پىچىرلىشىدۇ. تېرەكلەر ئازادلىق لەززىتىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان غۇلجا خەلقىنىڭ كۈيچىسى، تىنچ، باياشات تۇرمۇشنىڭ ئېلانچىسى ... «ئىلى بەخت بۆشۈكى»، «ئېھ، غۇلجا سەن ھىراتتىن ياخشىسەن»، «سېنىڭدەك ياخشى جاي قايدا.... »دېگەندەك سۆزلەرنىڭ خەلق تىلغا ئايلىنىپ كېتىشى غۇلجا تىنىقلىرىنىڭ ئىنكاسى ... 1714–بەت

.

... ئاخشاملىرى كوچا–كوچىدا ناخشا بىلەن قىقاس–كۈلكە، ئۆيلەر ۋە باغلاردا مەشرەپ. ئىلى دەريا بويلىرىدىكى مەنزىرىلىك جايلار، چۇلۇقاي، تۇرپانيۈزى، جىليۈزى ئوخشاش تاغ باغرىدىكى ھاۋالىق، سالقىن شاماللىق جايلار شەھەر تاماشىچىلىرىنىڭ مۇشۇنداق ياز ئايلىرىدا قونۇپ–تۈنەپ كۆڭۈل ئاچىدىغان سەيلىگاھى. بۇنداق «تاڭ ئاتار» ئويۇنلار شەھەر بايلىرى، زىيالىيلىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۈچۈن ماختىنىدىغان، قىزىق پاراڭلارغا مەزمۇن بولالايدىغان مودىغا ئايلانغان تېما — غۇلجا كۆڭۈل ئاچقۇچىلار ئۈچۈن كۆڭۈللۈك يايلاق، گويا خەلقى بۇ يايلاقتا قىيغىتىپ يۈرگەن تاي ... 1715–بەت

.

... دېھقانلار باشاقلىرى يېتىلگەن، قارامتۇل ياپراقلىرى بىلەن سالقىن ئاۋرال شامىلىدا يەلپۈنۈپ– تەۋرىنىپ تۇرغان بۇغدايلىقلىرىنىڭ قىرلىرىدا تۇرۇپ، خۇشلۇقتىن ئورما ناخشىسىغا غىڭشىيدۇ. زوق بىلەن قازان بېشىدا سۈت سورۇۋاتقان دېھقان خوتۇن ئېتىزدىكى ئېرىگە قاپاق بىلەن چاي توشۇشقا ئالدىرايدۇ. ئەتكەنچاي بىلەن ئاق نانغا شۇنىڭ ئۈچۈن دېھقان خۇمارى كۈچلۈك، ئۇنىڭسىز ھەرقانداق كاتتا زىياپەتمۇ بىر تىيىن... 1715–بەت

.

... بىر ئادەمنىڭ قەدىر–قىممىتى ئېرىشكەنلىكىدە ئەمەس، تەقدىم قىلغانلىرى بىلەن ئۆلچىنىشى كېرەك. ئىنساننىڭ روھىي تەلپۈنۈشى بىلەن جىسمانىي تەلپۈنۈشى مەڭگۈ چىقشالمايدىكەن، بولۇپمۇ ۋىجدان ئىگىسىنىڭ ... 1720–بەت

.

... بۈك تېرەكلىك كوچىلار، ئالمىلىق باغلار، قىزىلگۈل–ئەتىرگۈللەر بىلەن تولغان ھويلىلاردا بۇنداق ياز كۈنلىرى قىسقا يەڭ كۆڭلەك كىيگەن قارا چاچ، سېرىق چاچ، قارا كۆز، كۆك كۆز قىزلار خۇددى تەمبۇر چېكىلگەندەكلا چىقىدىغان جاراڭلىق، يېقىملىق ئاۋازلىرى بىلەن كۈلىدۇ، ئويناقلاپ تۇرىدىغان ئاتلىرى بىلەن يايلاقتا ئاۋۋال قىدىرىپ، قىمىز ئىچىپ، پاقلان يەپ، ئىككى مەڭزى ئاپورۇت ئالمىسىدەك قىزارغان ھاللىق ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى بىر–بىرىگە رۇسچە سالام بېرىشكە ئادەتلىنشىكەن. بۇ كىچىككىنە شەھەردىن غەرب بىلەن شەرقنىڭ ھەممە مىللەتلىرى تېپىلىدۇ. ئۆي ئاقلاشنى كەسىپ قىلغان سېرىق چاچلىق ئاياللار چوتكىلرى بىلەن چېلەكلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ مەدىكار بازارلىرىغا كەلگەندە ، ھەممىسلا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىدۇ. لېكىن ئۇلار: رۇسلار، ئۇكرائىنلار، بېلورۇسلار. دوختۇرخانىلارنىڭ سېسترالىرى، كوچىلاردىكى مەستلەر ئىچىدە ياۋروپالىقلار كۆپ. بۇ شەھەر ياۋروپالاشقان شەھەر! تاماقلىرى ئىچىدىمۇ ياۋروپا يېمەكلىكلىرى خېلى كۆپ. كاتلىت يېيىش شەھەر بايلىرىنىڭ مودىغا ئايلىنىۋاتقان ئادىتى بولماقتا. كاستۇم–بۇرۇلكا كىيىش، گالسىتۇك تاقاش... چاچلىرىنى تۈرمەللىۋېلىش... 1721–بەت

.

ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاينىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كېچە–كۈندۈز جان كۆيدۈرۈپ، ئۆز خەلقىگە بەخت يارىتىش، ئانا يۇرتىنى باي، ئاۋات، مەڭگۈلۈك بەخت بۆشۈكى قىلىش ئۈچۈن تىرىشپ ئىشلەپ، خەلقى ئارىسىدا ئاجايىپ قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى پەيدا قىلغان بۇ ئەل رەھبەرلىرى ئائىلە خۇشاللىقىنىڭ ھاياتتىكى ئورنىنى ياخشى چۈشىنەتتى... 1756–بەت

.

... غۇلجا ئاسمىنى ئەخمەتجان، ئىسھاقبېك، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، دەلىلقان سۇگۇربايوف، لوجىدەك چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلىرىدىن ئايرىلدى. غۇلجا ماتەم قايغۇسىدا ھۆڭگىرەپ يىغلىدى، ئىلى دەرياسى قەھرى بىلەن ئۆركەشلىدى...

.

گويا تۆكۈلگەن قانلار پاجىئەنى مەقسەت قىلغاندەك، ئەزىز قۇربانلار تىرىكلەرنى يانلىرىغا چىللاۋاتقاندەك، ھەممىلا ئادەمنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقۇسى كەلگەنىدى. لېكىن قويۇق ئورمانلار كەينىدىن — كۈنچىقىشتىن ئاستا باش كۆتۈرۈۋاتقان قۇياش ئىنسانلارنى ھاياتقا، ياشاشقا — بەختكە چىللىماقتا ئىدى!

––––––––––––––––––––––––––––

زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت»رومانىدىن ئېلىندى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sakra0999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-24 11:03 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uytag + 11 ماختاشقا تېگىشلىك
mihribanmm + 155

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 166   باھا خاتىرىسى

تىمنى ئۆچۈرسەڭمۇ سەۋەبىنى دەپ ئۆچۈرشە ۋاي ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 990
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4106
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 11:25:28 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر دېگەن ھامىنى نادىر دە.....

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36920
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3397
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 11:34:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل توپلام بوپتۇ بۇ، بالىلارغا دەرس ئۆتكەندە مىسالغا ئېلىشقا ئەجەپ ياخشى بوپتۇ...جاپا چېكىپسىز...

مېھرىبان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36920
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3397
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 11:34:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل توپلام بوپتۇ بۇ، بالىلارغا دەرس ئۆتكەندە مىسالغا ئېلىشقا ئەجەپ ياخشى بوپتۇ...جاپا چېكىپسىز...

مېھرىبان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36920
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3397
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 11:34:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل توپلام بوپتۇ بۇ، بالىلارغا دەرس ئۆتكەندە مىسالغا ئېلىشقا ئەجەپ ياخشى بوپتۇ...جاپا چېكىپسىز...

مېھرىبان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 11:40:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئانا يۇرت دىگەن رومانى، ئوقۇغاندا كۆزۇمدىن ياش تۆكۇلۇپ كەتكەن. ئاشۇ كىتاپنى 2قاتا قولۇمغا ئالسام يۇرۇكۇم يىغلايدۇ،مۇشۇ كىتاپنى يازغان زوردۇر سابىر ئۇستازغا چەكسىز دۇئاللار بولسۇن. ۋە كىشلەرنى ھەق يولغان باشلاپ يۇرەكلىرى قان يېغلاپ ئۆلەپ كەتكەن. مەرھۇم دادامىز ئېلخان تۆرەمنىڭ ياتقان جايى جەنئەتتە بولسۇن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-24 11:42 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
taxna5746 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

تۈمەن ئۆركىشى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 2318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19883
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10612 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 11:46:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aa0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 11:40 AM
مەن ئانا يۇرت دىگەن رومانى، ئوقۇغاندا كۆزۇمدىن ياش تۆك ...

دۇرۇس .كاتتا رۇمان بۇ . .. يىراقنى كۆرەر زاتكەنتۇق .

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2117
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 651 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 01:29:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ‹‹ ئانا يۇرت ›› ‹‹ ئويغانغان زىمىن›› قاتارلىق تارىخى رومانلارنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ، ئۆز ۋاقتىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خوجانىياز ھاجى ، ماجۇڭيىڭ ، شېڭشىسەي ھەمدە 3 ۋىلايەت ئىنقىلابىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئادەمنى خىلمۇ-خىل ئويلارغا سالىدۇ.....
   
  تۆۋەندىكى ماقالىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقسا، بۇ رومانلارنى ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى چۈشۈنۈشكە پايدىسى خېلى زوركەن.
     
http://www.uyghurmail.com/Tarih/archives/1278

بۇ ماقالىدا 1930-1940 يىللاردىكى سېتالىن ، سوۋېتنىڭ ئاتوم بومبىسى ۋە شىنجاڭدىكى ئۇران كانلىرى، شۇنداقلا شۇ ۋاقىتتا رايۇنىمىزدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر نىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئىنچىكىلىك بىلەن بايان قىلىنىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 776
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3114
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 509 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 01:53:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز،،رەھمەت

دۇنيادا ھەممە ئازاپقا چىدايمەن،لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشقا ھەرگىز چىدىمايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14947
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 09:39:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئەستايدىللىق بىلەن كۆپ ئەجىر قىپىسز ئۇكام . مەنمۇ نۆۋىتىدە مەزكۇر روماننىڭ 1-قىىىم 463-بېتىدىكى ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىم تىلىدىن بېرىلگەن بۇ شېئرنى كەلتۈرۈپ قوياي :
  بىر بۇرۇن سانسىز ئەيىپنى ھەممدىن تاپتى پۇراپ ،
يەتتە قات يەردىن قۇسۇر ،كۆكتىكى ئايدىن گۇناھ .
دېدى تاغ ماڭمايدىكەن ،دەريا پەقەت تىنمايدىكەن ،
كۈن نېچۈن ئۆلمەيدىكەن ،تاپتى ئۇ سايدىن گۇناھ .

نەئۈچۈن ئوغۇل تۆرەلدى بۇقوساقتا ،ئەي ئانا ؟
نەئۈچۈن ئۇيغۇر ياراتتىڭ بۇ جاھانغا، ئەي خۇدا ؟
نەئۈچۈن بەردىڭ ئۇنىڭغا شۇنچە كەڭرى يەر-زېمىن ،
مەن پۇراپ تاپتىم ئۇنىڭدىن يەرگە سىغماس چوڭ گۇناھ ...

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش