ئەسسالام ئەلەيكۇم تورداشلار، تۆۋەندىكىسى مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ قىزىققشى بويىچە قەلەم تەۋرىتىپ باققان ئىككى قسىملىق كىنو سېنارىيەرىمنىڭ مەلۇم بۆلىكى،مەن تېخى بۇ ساھەگە ئەمدى قىزىقىپ كىرگەن ئاددىي بىر ھەۋەسكار بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن بەزى بىر خاتالىقلاردىن ساقلىنىشىم تەس، شۇڭا بىلىدىغانلارنىڭ مەندىن پىكىر تەلەپلىرىنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەممىنى بىراقلا يوللىمىدىم ، تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى شۇنداقلا سېنارىيەرمگە قىززىققۇچىلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، رەھمەت
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 }& T8 N( ~. Z& o/ i# P/ j/ n
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 |: |0 C9 l% }' z( u2 @- L0 ~! G
3-مەيدان : گۈلشەننىڭئۆيى ،سەھەر
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ `: ?$ Y/ w$ ^% x" sلەۋ سۇرىخى قېلىن كالپۇككا ئاستا سۈرۈلىدۇ،قىزارغان لەۋلەر بىر يۇمۇلۇپ بىر ئېچىلىدۇ،كۆرۈنۈش تارتىلغاندىن كېيىن بىز ئۇنىڭ 30 ياشلار چامىسىدىكى ئايال –ھەنىپىخان ئىكەنلىكىنى بىلىمز ،ھەنىپىخاننىڭ ئۈستىگە كىيىۋالغىنى يارىشىملىق مودا كىيىملەر چىرايىدىن ھازازۇللۇقى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدۇ ، ئۇ گىرىمىنى قىلىپ بۇلۇپ ئەينەككەقاراپ ئۆزىدىن رازى بۇلۇپ كۈلۈمسىرەپ قويىدۇ، كۆرۈنۈش ئاستا ئاستا يانغا سۈرۈلۈپ6-7 ياشلار چامىسىدىكى ھويلا سۈپۈرۋاتقان ئوماق ئەمما چىرايى غەمكىن گۈلشەنگەكېلىپ توختايدۇ ئۇپات پات ئەينەك ئالدىدىكى ھەنىپىخانغا ئۈمىد ئىچىدە قاراپ قويىدۇ ، بۇنى سەزگەن ھەنىپىخاننىڭ ئەينەكتىكى مەسخىرە ئارلاش چىرايى كۆرۈنىدۇ .
19-مەيدان: بازارنىڭ يەنە بىر چېتى ،كۈندۈز
ھەنىپىخان كىيىم كېچەك بازىرىنى ئايلىندۇ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭغان گۈلشەن بولسا ئەتراپىغا ھەم ھەيرانلىق ھەم قىزىقىش ئىچىدە قارايدۇ،ئايلىنىپ ئۇيۇنچۇق بازىرىغا كەلگەندە گۈلشەننىڭ قەدىمى ئىختىيارسىز توختاپ ئۇيۇنچۇقلارغا قىزىقىش ئىچىدە قارايدۇ ،ھەنىپىخان بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قاچماقچى بۇلىدۇ .
ھەنىپىخان : -گۈلشەن ، ئۇيۇنچۇق ئالغۇڭ كېلىۋاتامدۇ ؟
گۈلشەن :- ھەئە، (تېزلا بېشىنى چايقايدۇ ) ياق ياق ....
ھەنىپىخان : -ھېچقىسى يوق ئالغۇڭ بولسا دەۋەرگىن قېنى تاللىغىن قايسىنى دېسەڭ شۇنى ئېلىپ بېرىمەن ،
گۈلشەن: - راسما ؟
ھەنىپىخان:- ئەلۋەتتە راس ،مەن قاچان سېنى ئالدىغان، قورىقماي تاللاۋەرگىن ھە ؟
گۈلشەن:- رەھمەت ئاپا.
ھەنىپىخان گۈلشەن ئۇيۇنچۇق كۆرىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالىدۇ
گۈلشەن :- ئاپا ،مەن بۇ قونچاقنى ئالىمەن ، ماڭابۇنى ئېلىپ بېرەمسىز ؟
(قىز قونچاقتىن بىرنى تاللاپ بولغان ھەنىپىخاننىڭ يوقلىقىنى سېزىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى ئىزدەيدۇ )
گۈلشەن:- ئاپا؟ ئاپا؟
خوجايىن :- ھەي نەگە ئاپىرىسەن قونچاقنى ؟ئەكەل ....
گۈلشەن :- ياق ، بەرمەيمەن ، بۇنى ماڭا ئاپام ئېلىپ بېرىدۇ
خوجايىن :- ئۇنداقتا ئاۋال ئاپاق كېلىپ پۇلنى تۆلىسۇنئاندىن بېرەي، ئەكەل قونچاقنى ..
گۈلشەن :- ياق بەرمەيمەن ،
كىشلەر بىر بىردىن يىغىلىشقا باشلايدۇ ،ياندىكىيايمىدىن ئوغلى ئۈچۈن تاپانچا سېتىۋالغان ئەخەت ئاكا گۈلشەننى تۇنۇپ دەرھال قېشىغابارىدۇ ، بۇ چاغدا خوجايىن ئايال گۈلشەننى ئىتتىۋېتىپ قونچاقنى تارتىۋالىدۇ گۈلشەنيەردە ئولتۇرغىنىچە يىغلاپ كېتىدۇ
خوجايىن ئايال :- ۋۇ بېشەم شۇم ،كىچىككىنە تۇرۇپ ئادەم بوزەكقىلىمەن دېگەن ،مەن سېنى.....
خوجايىن ئايال شۇنداق دېگىنىچە گۈلشەننى ئۇرماقچى بۇلىدۇ .
ئەخەت ئاكا :- قولىقىزنى تارتىڭ ، كىچىككىنە قىزنى نېمىشقا ئۇرىسىز؟ ئېلىڭە ،ماناقونچاقىنىڭ پۇلى يېتىدىغاندۇ؟
گۈلشەن:- ئەخەت تاغا ....(ئەخەت تاغىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتىدۇ)
ئەخەت تاغا :- بولدى يىغلىما قىزىم ، تۇرئورنۇڭدىن .
(قىزنىڭ كىيىملىرىنى قېقىشتۇرىدۇ )
ـ قىزىم قېنى ئېيىتقىنا ، قانداق بۇلۇپ بۇ يەرگەكېلىپ قالدىڭ؟ ھەنىپىخان قېنى ؟ ئۇقەيەرگە كەتتى ؟
گۈلشەن :- بىلمەيمەن بايا تېخى ماڭا قونچاق ئېلىپ بىرىدىغان بولغان بىردەمدىلا يوقاپ كەتتى .
ئەخەتئاكا بىر نېمىنى چۈشەنگەندەك بولدى .
- ھە مۇنداق دېگىن ، ھە بولدى قىزىم يىغلىمابۈگۈنچە بىزنىڭ ئۆيگە قايىتقاچ تۇرايلى ھە، قېنى يۇر قىزىم كېتەيلى.
68-مەيدان :-گۈلشەننىڭ ياتىقى
كىتاپ كۆرىۋاتقان گۈلچېھرە. تۇيۇقسىز ئۈستەل ئۈستىدىكى گۈلشەننىڭ تېلفۇنى سايرايدۇ،
گۈلچېھرە :- كىمنىڭ تېلفۇنىدۇ؟ گۈلشەننىڭ تېلفۇنىمۇ نېمە ؟ ھې ھې، راسلا شۇنىڭكىكەنغۇ دائىم نەرسىلىرىنى ئۇنتۇپلا يۈرگەن ،،،
تېلفۇن ئەنزەردىن كەلگەن ئىدى، ئۇ بىر ئاز ئىككىلەنگەندىن كېيىن تېلفۇننى ئالىدۇ،
گۈلچېھرە :- ئەسسالام ئەلەيكۇم، ئەنزەر ئاكا،مەن گۈلچېھرە، گۈلشەن چىقىپ كەتكىلى خېلى بولدىغۇ تېخى كۆرۈشمىدىڭلارمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( [1 n% r& E( ?& z& p
69-مەيدان:- مەكتەپ ئالدى، كۈندۈز
ئەنزەر؛- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، نېمە ؟مەن ئۇنى چاقىرىپتىمەنما؟ مەرداننىڭ .....ئورنىنى سىزگە دېدىمۇ ؟ ھە بىلدىم ، ياقەي ھېچ ئىش يوق ئەنسىرمەڭ.....
ئەنزەر تېلفۇننى ئەنسىزچىلىك ئىچىدە قويدى ۋە قولىدىكى بىردەستە ئەتىرگۈلنى تاشلاپلا تاكسىغا يۈگۈردى.
72-مەيدان:- مەرداننىڭ ئۆيى، كۈن
ئاشخانائۆيدىن ئىككى ئىستاكان ئىچىملىك ئېلىپچىققان مەردان پۈتۈن دىققىتى بىلەن كىنو كۆرۈۋاتقان گۈلشەنگە تەڭلەيدۇ،
مەردان :-قېنى گۈلشەن ،ئىچىملىك ئىچىڭ،
گۈلشەن:- رەھمەت
سەندەك جاھىللارنىمۇ شۇنداق بابلاش كېرەك دەيدۇ مەردان ئىچىدە، ئۇ بارا بارا ھوشسىزلىنۋاتقان گۈلشەنگە قاراپ مەغرۇر كۈلۈپ قويىدۇ.
74-مەيدان:- مەرداننىڭ ئۆيى ،كۈندۈز
ئىشىك ئەنسىز ئېچىلىپ ئەنزەر ‹گۈشەن ›دېگىنىچە كىرىپ كېلىدۇۋە ئۇنى ئىزدەيدۇ، ئۇ مەرداننى كۆرۈپ بەكمۇ ئاچچىقى كېلىدۇ
ئەنزەر :- گۈلشەن قېنى ؟ ئۇنى نېمە قىلدىڭ؟
مەردان:- گۈلشەن ؟ گۈلشەن مېنىڭ ئۆيۈمدە نېمەقىلىدۇ؟ بۇ يەردە ئۇنداق ئادەم يوق .
ئەنزەر:- بۇ ياققا ئۆت
ئۇ مەرداننى زەردەبىلەن ئىتتىرۋېتىپ ياتاق ئۆيگە كىرىدۇ، گۈلشەن كارۋاتتا چاچلىرى چۇۋۇلغان بىھۇش ھالەتتە ياتىدۇ،
ئەنزەر:- ھۇ ئىپلاس ....
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە مەرداننى بىر مۇش ئۇرىدۇ ،مەردانمۇ بوش كەلمەي ئەنزەرگە بىر مۇشقايتۇرىدۇ ، ئەنزەر ئۈستەلگە سەنتۈرلۈپ كېتىدۇ ۋە ئۈستەل ئۈستىدىكى ھاراقبۇتۇلكىسىنى ئېلىپلا ئۆزىگە ئېتىلىپ كېلىۋاتقان مەرداننىڭ بېشىغا سالىدۇ،مەردانھوشسىزلىنىدۇ،سىرىتتىن كىرگەن نەفىسە يەردە ھوشسىز ياتقان مەرداننى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىدۇ ۋە ‹مەردان ›دېگىنچە قېشىغا كېلىدۇ .
نەفىسە :-مەرداننى نېمە قىلدىڭىز؟
ئەنزەر:-نېمە قىلدىڭىز؟بۇنى مەن سىزدىن سورىسام بۇلار؟ گۈلشەننى ئالداپ بۇ ئىپلاسنىڭ
قېشىغائەكىلىپ نېمە قىلماقچىتىڭىز؟ دەڭە؟ سىزگە دەپ قوياي نەفىسە،گۈلشەنگە بىرەر
كېلىشمسلىك كىلىدىغان بولسا سىزنى ھەرگىز بوش قۇيۇۋەتمەيمەن .
نەفىسە كارۋات ئۈستىدە ھوشسىز ياتقان گۈلشەننى كۆرۈپ ھەممنى چۈشىندۇۋە قورقۇپ كېتىدۇ.
نەفىسە :-ئەنزەرماڭا ئىشىنىڭ ،مەرداننىڭ بۇنچە ئىپلاسلىقىنى بىلمەپتىمەن، مەن ئەسلى بۇنداق بۇلىشىنى راسلا ئويلىمغان ،ئەنزەر مەن راس دەۋاتىمەن ئاۋۋال چۈشەندۈرشىمگە قۇلاق سېلىڭ بۇلامدۇ؟
نەفىسە شۇنداق دېگەچ گۈلشەننى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلۋاتقان ئەنزەرنىڭ قولىغا ئېسىلدۇ.
ئەنزەر:- نېرى تۇرۇڭ،
ئەنزەر نەفىسەنى زەردە بىلەن ئىتتىرىدۇ،ئۇ گۈلشەنى كۆتۈرگىنچە چىقىپ كېتىدۇ، نەفىسە بولسا يەرگىلا يىقىلىپ چۈشىدۇ ۋە قاتتىق يىغلايدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- y; n6 ^. Q4 ~3 Y. ] بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زېلال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 01:35 AM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ t9 f. p1 Z# d( P8 }# \# m" `- Y1 v
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. f0 @9 e# ?& W- j* |