يىگىت قەلبى گوياكى بىر دېڭىز
ئۇپۇققا چەكسىزكى تۇتاشقان ھامان
ئىنتىلگەن قىرغاققا ئوتلۇق يۈرەكلەر
دولقۇنلار شىددەتلىك ئېقىنلار ھامان
ھاياتتا ئېگىلمەس تىك تۇرار قەددى
مۇجەسسەم قىلغاچقا غۇرۇرنى ھەردەم
پايغانە ئەيلىسە دۈشمەنلەر ئۇنى
ئۆلۈشكە رازىدۇر پۈكۈلمەي بەردەم.
گەر يىگىت بولسىمۇ شىر كەبى ئەزمەت
ۋە دەيدۇ كىم تۆكمەس ئۇلار ياش
نەمدىلەر كۆزلەر گاھىدا ھەسرەتتىن
بولمىغاچقا يىگىتلەر يۈرىكى تاش
ئۆرتىنەر ۋۇجۇدى ئاچچىق ھەسرەتتە
ۋاقىتسىز ئۈزۈلگەچ تاڭدىكى غۇنچە
ئالدىغاچ بىراۋلار پاك تۇيغۇسىنى
ھەم تۆكۈلەر بۈركۈت كۆزلەردىن ئۈنچە
تامار يۈرەكتىن گويا ئۈنچە مارجان
قان بىلەن گۈشلەردىن پۈتۈلگەچ بۇ جان
كۆرمەس ئەمما ئاددىي كۆزلەر ھېچقاچان
ئاققىنى چۈنكى ياش ئەمەس بەلكى قان
كىم دەيدۇ يىگىتلەر يىغلىمايدۇ دەپ
تۆكەر ھەم ئۇلارمۇ يامغۇر كەبى ياش
ۋە پۇچىلىنار ئازابتىن قەلىبلەر
ئەمما لېكىن ئېگىلمەس ھېچقاچان باش
دەيمەن شۇڭا ئەمەس يىگىت تاش يۈرەك
ۋە ئويلىماڭ ئۇلار ھەرگىز يىغلىماس
چىققاچ ياشلار يۈرەك قاتلىمىدىن
زەردىسى قەلىبنىڭ مەڭگۈ بېسىلماس.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زېلال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 01:15 AM