ئەسسالام ئەلەيكۇم قىرىنداشلا !ئۆتكەندە مۇنبەردە ‹‹كوچىدا قالغان قىز ››ناملىق ھىكايەمنى يازغان ئىدىم،بەزى دوسلا نۇرغۇنلىغان ياخشى باھالانى بەرگەن بولسىمۇ بەزى دوسلا ھىكايىنى راس ئوخشايدۇ دەپ مىنى ئەيىپلەپلا كەتتى.شۇڭا شۇ
ئەسەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ۋە ئالدى كەينىدىكى ئىشلانى ھەرقايسىڭلاغا ئىچىپ بىرىش ئۈچۈن ‹‹قىشلىق تەتىلدىن باشلانغان ئىشلار››ناملىق بۇ پوۋسىتنى يىزىشنى ئويلاپقالدىم.بەلكىم بۇ قىشلىق تەتىلدىكى ئىشلارنى يىزىپ بولسام ،يازلىق تەتىلدىكى ئىشلارنىمۇ ئۇلاپلا يىزىشىم مۇمكىن....كۆپرەك قوللاپ بىرىشىڭلانى،شۇنداقلا باشقۇرغۇچىلانىڭ ئەسىرىمنى قوللاپ ، پۇرسەت بىرىشىنى سورايمەن.ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەزى جايلاردا توقۇلما ۋەقەلىك،بەدىئىي ۋاستىلەرنى قوللۇنۇشۇم مۇمكىن.بۇيازمام قوبۇل قىلىنىپ قالسا ئاخىرىنى ئىنكاس ئارقىلىق يوللايمەن. ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىددىيىسى سىلەرگە ئازراق ھۇزۇر بىغىشلىيالىسا مەن شۇنىڭغا خوش،رەھمەت دوسلا ھىكايىگە كۆز يۈگۈرتكەيسىلە!
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
1.نۇردۇننىڭ قىشلىق تەتىلى
پوۋسىت
ئاپتورى:نۇردۇن تۇرغۇن
ئىلىمسىز مىللەت ــــ نادان مىللەتتۇر،
ئىلىمگە تىرىشقان مىللەتتىن دۇنياۋى ئالىملار يىتىشىپ چىقىدۇ.
ـــــ ‹‹مەھبۇبۇل-قۇلۇب››دىن.
ئىمتاھانمۇ تۈگىدى،ئەتە ئۆيگە ماڭىدىغىنىنى ئويلاپ 3يىلدىن بىرى مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ئويۇن -تاماشا ، زىرىكىشلىك تور ئويۇنلىرى ۋە ياتاققا بىكىنۋىلىپ ئۇخلاشلاردىن زىرىككەن نۇردۇن ئەمدى بۇتەتىلنى چوقۇم مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنى كۆڭلىگە پۈكتى دە قىشنىڭ سوغ كەچلىرىدە ياتاقتا يىتىپ مەنىلىك تەتىلىنى ئويلاپ تاتلىق خىيالغا غەرىق بولۇپ ئۇيقۇغا كەتتى.
نەچچە كۈنلۈك ئىمتاھان ئالدىراشچىلىقىدا ھاغىنلىق ھىس قىلغان نۇردۇن ئاخشام شۇنداق ئىغىر ئۇخلىغان ئىدى،ئەتىگەندە تۇرۇش ئۇنىڭغا ئىغىر كەلگەن ئىدى.سەھەر قوپمىسا بىكەتتە ئۆچرەت يەتمەي بىلەت ئىلىشتا قىينىلىپ قالاتتى.ئۇ يۈك-تاقلىرىنى بۇرۇنلا ئۆيگە سىلۋەتكەچكە قۇرۇق قوللا ياتاق نىناسىدىن چىقتى.مەكتەپ قوروسى ئاپئاق لىباس بىلەن ئورالغان بولۇپ ئۇنىڭغا ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ مەن ئاق بايراق ئەمەس دىگەن شېئىرىدىكى كۆككە تاقاشقان مەغرۇر بوغدا چوقىسىنى ئەسلىتەتتى.
مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ تاكسىدىن بىرنى توستى دە،پاساژىرلار بىكىتىگە قاراپ يول ئالدى.توۋا شۇنچە بۇرۇن كەلگەندەك قىلسىمۇ بىكەت ئالدى ئادەملەر بىلەن تولغان ئىدى.ئۇمۇ شۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئۆچرەتكە كىردى.
ـــــ نۇردۇن!ھەي نۇردۇن!
تونۇش ئاڭلانغان بۇئاۋازدىن نۇردۇن ئارقا تەرەپكە قارىدى،ئەسلىدە يۇرىتداش ئاغىنىسى مامۇت ئىدى.
ــــ ھە ئداش سەنمۇ بۈگۈن ماڭغانما؟ئەجەپ ئۇقماپتىمەن دىسە.
ــــ ھە بۈگۈن ماڭغان ئاداش ،بىلەت ئالمىغانسەن؟دىدى مامۇت نۇردۇنغا قاراپ.
ــــ ياق تىخى ئالامىدىم.
ــــ ھە ئەمىسە ياخشى يۈر مەن بىر كىچىك ماشىنىنى كۆتۈرە ئالغان شۇنىڭدا كىتىمىز.
بۇغۇ ياخشى ەەپ بولدى لىكىن بۇنداق قار كۆپ ياققان قىشتا كىچىك ماشىنا ئانچە بىخەتەر ئەمەس ئىدى.بۇنىسى
نۇردۇننىڭ كۆڭلىگىمۇ ئايان.
ـــ بولمايدۇ ئاداش ئەڭ ياخشىسى بىز چوڭ ماشىنىدا ماڭىلى،سەل بىختەر شۇنداق ئەمەسمۇ؟
ـــ دىگىنىڭغۇ توغرا ئاداش،لىكىن مەن پۇلنى بىرىپ بوپتىمەن،ياندۇرۇپ بەمەسمىكى.دىدى بىر جاۋاپ كۈتكەندەك نۇردۇنغا قاراپ.
ــــ يۈرە مەن دەپ باقاي پەقەت بولمىسا ئازراق تۇتۋىلىپ قالغىنىنى ياندۇرۇپبىرە.دەپلا مامۇت بىلەن شوپۇرنىڭ يىنىغا يۈرۈپ كەتتى نۇرۇن.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتتى.............
مامۇت بىكەتكە نۇردۇننىڭ مۈرىسىگە شاپاللىغانچە قاقاقلاپ كۈلۈپ كىرىپ كەلدى،
ــــ بولىدىكەنسۇن جۇمۇ ئاداش تولۇق قايتۇرۋالدۇق پۇلنى.ئەمدى مەن ئۆچرەت تۇراي سەن ئارام ئاغاچ تۇر.
دەپلا ئۆچرەتكە كىرىپ كەتتى.ئالا -ھەزەل 20مىنۇتتىن كىيىن ئىككى تال بىلەتنى ئىلىپ كەلدى .ئىككىيلەن ماشىنىغا
چىقىپ يۈرۈپ كەتتى.
يولوچىلار دىققەت ماشىنا ھازىر بىكەتكە كىرىدۇ!يۈك -تاقاڭلانى يۇغۇشتۇرۇپ ماشىنىدىن چۈشۈشكە تەييارلىنىڭلا!
شوپۇرنىڭ بۇ گىپىدىن خۇشاللىقتا ئويغۇنۇپ كەتكەن مامۇت ،نۇردۇننى ئويغاتتى ‹‹ئاداش!ئاداش،تۇر ئورنۇڭدىن ئۆيگە
كەلدۇق.نۇردۇن كۆزىنى ئىچىپ دەرىزىدىن سىرىتقا قارىدى،گەرچە ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولمىسىمۇ يۇرتى يەكەندە خىلى ئۆزگۈرۈش بولغان ئىدى.
مەنبە:ئۆز قەلبىم.
داۋامى بار......................
نۇردۇننىڭ تەتىلى زادى قانداق بولا؟ئۇنى زادى قانداق ئىشلا كۈتۈپ تۇرغاندۇ؟
دۋامىنى ئىنكاس ئارقىلىق كۆرگەيسىلە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا NURDEN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 12:39 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-4-24 03:40 PM):
2. بىر ئائىلە جەم بولۇش
بىكەت ئالدى بالىلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن سوغۇقتا دىر-دىر تىترەپ تۇرسىمۇ لىكىن پات-ئارىدا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جەم بولىدىغان خوشلىقىدا چىھرىدىن تەبەسسۇم يىغىپ تۇرغان ئاتا-ئانىلار بىلەن تولغان ئىدى.مامۇتنىڭ ئۆيى يىزىدا،
نۇردۇن بولسا ھەرقىتىم ئۆيدىكىلىرىنى كەگىلى قويماي ئۆزى قايتىپ كۆنگەچكى پەقەت مۇشۇ ئىككەيلەننىڭلا ئاتا-ئامىسى كەلمىگەن ئىدى.
ــــ بۈگۈ بىزنىڭ ئۆيدە قونۇپ ئۆيۈڭگە ئەتە چىكەت،ئانام ئوخشىۇتۇپ لەغمەن ئىتىپ بىزنى ساقلاۋاتىدۇ.دىدى نۇردۇن مامۇتنىڭ قولىدىكى كىچىك سومكىنى ئالغاچ.
ـــ بولدى رەھمەت ئداش مەن ئۆيگە چىقاي ئۆيدىكىلەنى بەكلا سىغىندىم،تەتىلدە كىرەمەن ۋاقىت بولغاندىكىن. دەپ ئۆزرىخاھلىق ئىيتىپ نۇردۇننىڭ قولىدىكى سومكىسىنى ئالدى دە خوشلۇشۇپ كاچۇڭ بىكەت تەرەپكە كىتىپقالدى.
دىمىسىمۇ مامۇت كەسىپكە چىققاندىن كىيىن جاپالىق مەشىق قىلىپ ھەقىقىي تەنھەركەتچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشقان ئىدى.
ئۇ ھەتتا كەيىپ-ساپادىنمۇ كەسپىنى دەپ قول ئۈزگەن ئىدى.شۇڭا نۇردۇن دائىم ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشىنى ياخشى كۆرەتتى،چۈنكى نۇردۇنمۇ قەلبىدە تاماكا تاشلاش ئۈچۈن ئاللىقاچان تەييارلىق كۆرۈپ بولغان ئىدى.
ــــ داڭ!داڭ!داڭ!......ئانا!دادا!.نۇردۇن بىرتەرەپتىن دەرۋازىنى ئۇرغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆيدىكىلەنى چاقىرغىلى تۇردى.
ئىشىكنى ئانىسى ئاچقان ئىدى.‹‹كەلدىڭمۇ جىنىم بالام؟››دوپلا ئانا بالىنى باغرىغا باستى دە،مەڭزىلىرىگە سۆيۈپ كەتتى.
بىر پەرزەنىت ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ چوڭ مۇكاپات بولمىسا كىرەك.نۇردۇن كىچىكىدىن بۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەن ئىدىمەيلى مەكتەپكە ماڭسۇن ياكى ئۆيگە قايتىپ كەلسۇن ئۇ بۇ سوۋغاتتىن قىسى قالمايتتى.ھەتتا ئىنىسى يالقۇنمۇ بۇ ئانا بالىنىڭ ئامراقلىقىدىن ناگان-ناگان ھەسەت قىلىپ:‹‹ئانا مەن سىنىڭ ئۆگەي بالاڭمۇ ؟››دوپ سوراپقوياتتى يۇ،ئاكىسىدىن قورقۇپ
توختاپقالاتتى.چۈنكى ئۇ ئاكىسىنى بەكلا ھۆرمەيتلەيتتى،ئاكىسى كىچىكىدىن ئۇنى يۈدۈپ يۈرۈپ ھىچكىمگە بوزەك قىلماي باققان ئەمەسمۇ؟يالقۇن بۇنى ئىتراپ قىلماي بولمايتتى.
بىر ھازا دىدارلىشىشتىن كىيىن بالا ئانىسىغا ئەگىشىپ مۇھاببەتكە تولغان بۇئائىلىگە يەنە قەدەم باستى.ھويلا شۇنداق رەتلىك ھەم پاكىزە تازلانغان ئىدى.ھويلىنىڭ چىتىگە جايلاشقان نۇردۇن ئۆزقولى بىلەن بەرپا قىلغان كىچىك باغچە خۇددى رەھمەتلىك مومىسىنىڭ ئاق لىچىكىدەك لىچەك ئارتىپ‹‹خۇش كەپسەن ئوغلۇم.››دىگەندەك قىلاتتى.ھويلىنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە ئىنىسى يۈگرەپ چىقتى دە:ئەسسالام ئەلەيكۇم ئاكا››دەپ قۇچاغلىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتى.ئۇلار ئۆيگە كىرگەندە
دادىسى ‹‹بالام كەلدىڭمۇ›› دەپ ئورنىدىن تۇرماقچى بولۋىدى نۇردۇن بىرىپ دادىسىنى توسۇپ :ئولتۇرىۋىرىڭ دادا.دەپ قۇچاغلىۋالدى يۇ تىزلا قويۋەتتى.چۈنكى دادىسىدىن بەكمۇ ئەيمىنەتتى ھەم بەك ھۆرمەتليتى.ئۇنىڭ ھىلىمۇ ئىسىدىن چىقمايدۇ.ئۇ تۇنجى ئۇنۋىرسىتتىقا ئوقۇشقا ماڭغاندا دادىسى ئۇنى ئۇزاتقىلى چىققان ھەم ئۇنىڭغا قىيماي يىغلاپ تاشلىغان ئىدى.بۇ نۇردۇننىڭ دادىسىنىڭ تۇنجى قىتىم يىغلىغىنىنى كۆرۈشى ئىدى.دادا بالىدىن ئەنسىرەيتت،چۈنكى نۇردۇن تا شۇ چاغقىچە يۇرتىدىن ئايرىلىپ باقمىغان ئىدى.
شۇنداق قىلىپ بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولدى.بۈگۈنكى بۇ بىر ۋاخ تاماق باشقا كۈندىكىدىن بەكرەك ئوخشىغان ئىدى چۈنكى بۇنىڭغا بۇبىر ئائىلە كىشىلىرىنى جەم بوڭلۇش شاتلىقى ۋە مۇھاببىتى يۇغرۇلغان ئىدى.
داۋامى بار.................