|
|
|
|
4- ئاپرېل قارلۇق مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى زالىدا، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدە «چوڭ ئەيسا» بولۇپ كېلىۋاتقان ئۆزىنىڭ تەبىئىي رول ئېلىش سەنئىتى بىلەن تونۇلغان داڭلىق ئاكتىيورىمىز خالمۇرات ئۆمەر سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
«خالمۇرات ئۆمەر سەنئەت كېچىلىكى» 24- ۋە 25- مايلاردا خەلق سارىيىدا كەڭ تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشمەكچى، بۇ قېتىملىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولسا، داڭلىق ئاكتىيورىمىز خالمۇرات ئۆمەر بەش مەيدان ئېتۇت ئويناشتىن سىرت، دۇتتار، تەمبۇر چېلىپ، خەلق ناخشىلىرى ئورۇندىماقچى. بۇ قېتىملىق سەنئەت كېچىلىكىگە ئەڭ يېقىن دوستى، مەكتەپداش، كەسىپداش بولغان ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ھەمكارلىشىپ، ئۆز-ئارا مەدەت بېرىشىپ كېلىۋاتقان ئابدۇللا ئابدۇرېھىم باش رېژىسسورلۇق قىلىپلا قالماستىن يەنە رىياسەتچىلىك قىلماقچى، بۇ قېتىملىق سەنئەت كېچىلىكىگە خەيرىگۈل ھەسەن، قۇندۇزئاي تاش، ھۇشۇر قارى قاتارلىق تونۇلغان ئاكتىيورلىرىمىزمۇ قاتناشماقچى.
بۇ قېتىملىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ كىشىنى تېخىمۇ سۆيۈندۈرىدىغان تەرىپى شۇكى، كېچىلىكتىن قىلىنغان كىرىمنىڭ بىر قىسمى ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلمەكچى بولغانلىقىدىندۇر.
مەنبەسى:ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تور بېكىتىhttp://abdullaabdurehim.com/?p=1634
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Kerammusic تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 12:30 AM
|
|
|
|
|
|