|
|
|
|
ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 23-ئاپرېل خەۋىرى؛ ئۈرۈمچى ۋاختى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، 2014-يىللىق مەملىكەتلىك ياشلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنىڭ سانجى مۇسابىقە رايۇنىدا، شىنجاڭ گۈاڭخۈي ياشلار كوماندىسى 113-82 نەتىجە بىلەن رەقىبى 1-ئاۋغۇست ياشلار كۇماندىسىنى زور نۇمۇر پەرىق بىلەن مەغلۇپ قىلدى. بۇمەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپلا مۇتلەق ئۈستۈنلىككە ئىرىشتى، يىقىندا دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللانغان، شىنجاڭ گۈاڭخۈي ياشلار كوماندىسىنىڭ ئەزاسى جوچىنىڭ مەيداندىكى رۇلى ئالاھىدە كۈرۈنەرلىك بولدى، ئۇ ئاران 20مىنوت مۇسابىقىگە چىققان بولسىمۇ 24 نۇمۇر، 6 گاردىن قايتقان توپ، 2 قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلىشتەك ياخشى نەتىجە ياراتتى. 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىدىن ئادىلجاننىڭ ئوغلى ئارىسلان 11 نۇمۇر ئالدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يەنە تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى شىنجاڭ گۇاڭخۇي ياشلار كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئابدۇسالام ئابدىرىشىت مەيدانغا چىقىپ ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى نامايەن قىلدى. ئابدىسالام ئابدىرىشىت ئۇيغۇر، 1996-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇغۇلغان، بەدەن ئىغىرلىقى 83 كىلوگىرام، بوي ئىگىزلىگى 2 مىتىر، ئالدى سەپ ھۇجۇمچى، 14-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
سۈرەتتە؛ 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىدىن ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئارىسلان ئادىلجان
سۈرەتتە؛ شىنجاڭ گۇاڭخۇي ياشلار كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئابدۇسالام ئابدىرىشىت ( 14-نۇمۇر )
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php
|
|
|
|
|
|