مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5108|ئىنكاس: 20

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مۇتلەق مەخپىي پىلان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80084
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3808
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2012-5-13
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 09:05:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مۇتلەق مەخپىي پىلان

                              

              

       2012 - يىل8 -ئاينىڭ15  - كۈنى ،(ئەينەك گېزىتى)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرىپتىكى كۆپ قىسىم تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،ئەنگىلىيە كاردىف ئونۋېرستىتىنىڭ پىروفېسسورى بىروئۇن فورت كۆپ يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابى(مەخپىي قورال :2-دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلبە قىلىشتىكى پەن –تېخنىكا ۋە مۇسابىقە)تۇنجى قېتىم مۇنداق مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلىدى، يەنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەنگىلىيە ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسى ئانىلىق ھورمون ئارقىلىق گېتلېرنى مۇلايىم ئايالغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ تەلۋىلىك قىلمايدىغان قىلىپ ، ئۇرۇشنى بالدۇرراق ئاياغلاشتۇرۇش پىلانىنى تۈزگەن . بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان كۆمۈلۈپ قالغان ئۇرۇش تاكتىكىسىنى خەلق ئالەمگە ئاشكارلاپ بەردى.


غەلىتە سۇيقەستنىڭ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىشى

   1939-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى تاڭ سەھەر ، گېرمانىيەنىڭ دۆلەت باشلىقى ئەدولف گىتلېر (چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇش )دەپ ئاتىلىدىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى تۇيۇقسىز قوزغاپ ،2000دىن كۆپرەك ئايروپىلان چىقىرىپ ،قوشنا دۆلەت پولشانى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىشغال قىلىۋالدى ، بۇنىڭ بىلەن 2-دۇنيا ئۇرۇشى رەسمىي پارتىلىدى.  

   ئارقىدىنلا گىتلېر دېڭىز ،قۇرۇقلۇق ،ھاۋا ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ،چاقماق تېزلىكىدە بىر نەچچە ئاي ئىچىدىلا دانىيە، نورۋىگىيە ، گوللاندىيە، بېلگىيە، لىيۇكسىمبۇرگ، فىنلاندىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلىۋالدى. گېتلىر بۇنىڭلىق بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي ،1940-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەنگىلىيەگە تاجاۋۇز قىلىش بۇيرۇقى (دېڭىز شىرى پىلانى)نى چۈشۈردى. گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسى ئەنگىلىيەنىڭ شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى . ئەنگىلىيە ئارمىيىسى غالجىرلاشقان گېرمانىيە ئارمىيىسىگە تاقابىل تۇرالماي ئارقا –ئارقىدىن مەغلۇپ بولدى.

   باش ۋەزىر چېرچىل قارشى تەدبىر بەلگىلەش ئۈچۈن ئىچكى كابېنتتىكىلەرگە جىددىي يىغىن ئاچتى، يىغىن ئۈچ كۈن ئېچىلدى، ئىچكى كابېنت ئەزەلىرى بىردەك ئالدى بىلەن تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ،گېتلىرنىڭ كۈچىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە فاشىست گېرمانىيەگە قارشى تۇرۇش كېرەك دەپ قارىدى.1942-يىل 1-ئاينىڭ1-كۈنى ،جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا (ب د ت خىتابنامىسى ) ئىمزالاندى ، بىراق گېرمانىيەمۇ ئىتالىيە ،ياپونىيە قاتارلىق فاشىست دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەنىدى ،ئۇلارنىڭ كۈچ تەسىرى ناھايتى چوڭ ئىدى . تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، 1943-يىلنىڭ بېشىدا ، گېتلىر ئۇرۇش مەيدانىدا باكتىرىيە بومبىسى ئىشلىتىپ ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنى زور زىيانغا ئۇچراتتى.

   1942-يىلى 5-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ،ئەنگىلىيە ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ۋاقتىنچە ئۆتەۋاتقان شىمىس چېرچىل بىلەن مەخپىي كۆرۈشۈپ، ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ گىتلېرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش پىلانىنى تۈزىۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلدى . ئەينى ۋاقىتتا ،گىتلېر فىرانسىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن بۇلۇپ ، فىرانسىيىنىڭ شىمالى نەچچە ئون ئاز سانلىق مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي ئىدى .گىتلېرغا بىر نەچچە مىللەتنىڭ تىلىنى بىلىدىغان تەرجىمان لازىم بولغاچقا ،ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسى ياش ھەم چىرايلىق بىر ئىشپىيوننى ئەۋەتىپ ، پۇرسەت تېپىپ گىتلېرنى جايلىۋەتمەكچى بولغان . چېرچىل شىمىسنىڭ بۇ پىلانىنى تەستىقلىغان ھەم بۇ پىلاننى قەتئىي مەخپى تۇتۇشنى تاپىلىغان . شىمىس بۇ ۋەزىپىنى ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ 6-باشقارمىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنىدى.

   ئەنگىلىيە ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ قارمىقىدا  19 باشقارما بار بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 6- باشقارما 1909- يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان . بۇ باشقارما مەخسۇس ئەنگىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ، ھەربىي ئاخباراتلىرىغا مەسئول بولىدىغان بولۇپ ئامىرېكىدىكى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ فۇنكىسىيىسىگە ئوخشايدىغان ئىشپىيونلۇق تەشكىلاتى ئىدى. شىمىسنىڭ ئۆزى بىۋاستە رەھبەرلىك قىلىشى بىلەن، 6  - باشقارما  ۋىسلى ئىسىملىك 22 ياشلىق يەھۇدىي قىزنى بېرلىنغا مەخپىي ئەۋەتتى. ئويلىمىغان يەردىن گېرمانىيەلىكلەر ئالدىنئالا ھوشيار تۇرغاچقا ، ۋىسلى گىرمانىيە ژاندارمىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قالدى.

   بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ، شىمىس گىتلېرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئالدىنقى سېپىنى تەكشۈرۈشكە بارىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى .ئۇ يەنە ئامال قىلىپ ، ئىككى نەپەر يەھۇدىي قىز پىدائىينى تېپىپ ، ئۇلارنىڭ كۆكسىگە سۇيۇق ھالەتتىكى بومبىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن ، ئۇلارغا ئامال قىلىپ قارشى ئالغۇچى ئاممىنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ ، گېتلىرغا يىقىنلاشقاندىن كېيىن ، بومبىنى پارتىلىتىپ گىتلېرنى ئۇجۇقتۇرىۋېتىشنى تاپىلىدى . ئويلىمىغن يەردىن گېرمانىيە ژاندارمىلىرى گىتلېرغا بولغان قوغداش خىزمىتىنى ناھايتى پۇختا ئىشلىگەن بولۇپ ھەتتا ئاياللانىڭ كۆكسىدىنمۇ داپىئەلىنىشنىمۇ چىڭ تۇتقانىدى . ھېلىقى ئىككى نەپەر يەھۇدىي قىزمۇ تۇتۇلۇپ قالدى.

   ئىككى قېتىملىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، شىمىس گىتلېرنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، گىتلېرنىڭ مىجەز –خاراكتىرىنىڭ زىددىيەتلىك بۇلۇپ ، زەربەبېرىشكە ئامراق ، تۇغما ئۇرۇشخۇمار ئىكەنلىكىنى بايقىغان .غەلىتە يېرى شۇكى ، گىتلېر ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسى باۋرانىڭ مىجەز –خاراكتىرى روشەن پەرقلىنەتتى ، يەنى باۋرا ئىنتايىن مۇلايىم ئىدى . باۋرانىڭ ساۋاقدىشىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ، باۋرا ئۇتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىدا بىر قىز ساۋاقدىشى يۈزىگە تۈكۈرگەندە ، باۋرا يۈزىنى تۇتقىنىچە يىغلىغان پېتى ئۆيگە يۈگۈرۈپ كەتكەن . ئەينى ۋاقىتتا تەجرىبە ئارقىلىق ھورموننىڭ ئادەمنىڭ مىجەز –خاراكتىرىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى كىشىلەرگە تۇنۇش ئىدى ھەم بىر قىسىم داۋالاشلاردا ئىشلىتىلگەنىدى . شىمىسنىڭ كاللىسىدا تۇيۇقسىز گىتلېرنىڭ مىجەز –خاراكتېرنىڭ زەربە بېرىشكە بۇنداق ئامراق بولۇشى ، بۇنىڭدا ئەرلىك ھورموننىڭ زىيادە كۆپ ئاجرىلىپ چىقىشىدىن بولغانمۇ قانداق ؟ بىز گىتلېرنىڭ يىمەكلىكىگە ئۇزاق مۇددەت مەخپى ھالدا ئانىلىق ھورمون سېلىۋېتىپ ،ئۇنى بارغانسېرى ئاياللىق مىجەز –خاراكتېرگە ئىگە قىلىپ ، ئۇنىڭ رادىكاللىقىىنى ئۆزگەرتىپ ، ئۇرۇشخۇمارلىقىنى تىزگىنلىيەلەيمىزمۇ – يوق ، دەيدىغان بىر غەلىتە ئوي پەيدا بولدى.

خىلمۇخىل تەجرىبىلەرنىڭ بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىقىشى

   ئىنچىكە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، شىمىس بۇ پىلاننى ئىجرا قىلىش مومكىنچىلىكىنى ناھايتى چوڭ دەپ قارىغان . چۈنكى گىتلېرنىڭ قوغدىنىش دەرىجىسى ناھايتى چوڭ بۇلۇپ ،ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭغا يېقىن بارالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . يېقىن بارغان تەقدىردىمۇ ، ئادەتتىكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش پىلانىنى ئىجرا قىلىش ناھايتى تەس ئىدى .ئەنى ۋاقىتتا . ئەنگىلىيە ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا گىتلېرنىڭ يېنىغا كۆپلىگەن جاسۇسلارنى ئورۇنلاشتۇرغان بۇلۇپ، ھەتتا گىتلېرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئاشپەزلەرمۇ ئەنگىلىيە ھەربى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى ئىدى . بىراق گىتلېر ناھايتى سەزگۈر بولغاچقا ، قانداق ئىش بۇلۇشتىن قەتئىنەزەر تاماق يىگەندە ئاۋال باشقىلارنى يىگۈزۈپ بېقىپ ئاندىن ئۆزى يەيتتى، ئەگەر تاماققا زەھەر سېلىنغان بولسا ، تاماقنى يەپ باققۇچىلار جېنىدىن ئايرىلاتتى – دە، گىتلېرغا ھېچ ئىش بولمايتتى.

   ھالبۇكى ھورمون بۇنىڭغا قەتئىي ئوخشىمايتتى . ئۇنىڭ رەڭگى ، تەمى يوق بولۇپ تاماقنى ئاۋال يەپ باققۇچىلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيتتى ، يەنە كېلىپ بۇ نەرسىنى داۋاملىق بىر نەچچە ئاي ھەتتا ئۇزاق مۇددەت ئىستىمال قىلغاندا ، ئاندىن ئاستا – ئاستا ئۈنىمىنى كۆرسىتەتتى ، ئۇنى يىگەن ئادامدە ئىنكاسمۇ روشەن بولمايتتى، ئادەمنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىۋىتەتتى.

   مەسلە بۇخىل ئۇسۇلنىڭ نەتىجىسى قانداق ؟ ئۇ گىتلېرنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ-يوق؟دېگەندە قالغانىدى. شىمىس بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس(ئېكىس پىلانى )دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئالاھىدە ھەركەت گۇرۇپپىسى قۇرغان بۇلۇپ ، ئۆزى گورۇپپا باشلىقى بولغانىدى ، ئۇ ئالدى بىلەن بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بىر نەچچە ھايۋان ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بارغان .

   شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان قۇملۇقتىكى زەربە بېرىش خاركتېرى ناھايتى كۈچلۈك بولغان يىلانلارنىڭ بىر تۈرى بۇلۇپ ، ئۇ ناھايتى ئاسانلا غەزەپلىنىدۇ ، ئەگەر ئۇ چوڭ تىپتىكى ھايۋانلارنىڭ ، جۈملىدىن ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە يېقىنلاشقانلىقىنى بايقىغاندا ، ئالدى بىلەن غەزەپلىك ئاۋاز چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن يىراق تۇرمىسىڭىز ، ناھايتى تېزلىكتە سىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇجەھەتتىن ئىلىپ ئېيتقاندا ، ئۇ گىتلېرغا ناھايتى ئوخشايدۇ . سۈنئىي بېقىلغان بىر شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلانغا قارىتا ئانىلىق ھورمون ئىشلىتىپ ، ئۈچ ئايدىن كېيىن شىمىس بۇ شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلاننىڭ بۇرۇنقىدىن خېلىلا مۇلايىم بولۇپ قالغانلىقىنى ،ئەسلىدە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئىككى –ئۈچ مىتىر يېقىن كەلسىلا ئاۋاز چىقىرىدىغانلىقىنى ، بىراق ھازىر ئۇنىڭغا بىر مىتىر يېقىن ئارلىقتا تۇرۇپ تەگمىسىلا، جىم تۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان ، بىراق يىلان تۈرىدىكىلەر تۈۋەن دەرىجىلىك بولغانلىقتىن ئالىي دەرىجىلىك ھايۋانلاردىن پەرقلىنەتتى ، ھەممىگە ئوخشاش قاراشقا زادىلا بولمايدۇ.

   شىمىس بۇنى ھېس قىلىپ ، يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بارماقچى بولدى. ئۆي ھايۋانلىرى ئادەملەر تەرىپىدىن كۆندۈرۈلگەن بولغاچقا، ئۇلار ئاللىبۇرۇن ياۋايى مىجەزىنى يوقاتقانىدى. پىلاننى مۇۋاپپىقىيەتلىك ئەمەلگەئاشۇرۇش ئۈچۈن ،ئۇ ئەنگىلىيەگە ئەركەك ھىندىستان يولۋىسىدىن بىرنى تۇتۇپ كېلىش ئۈچۈن ھىندىستانغا ئادەم ئەۋەتتى . كەلتۈرلگەن يولۋاس ناھايتى تېرىككەك بولۇپ، بىرەر شەپە ئاڭلاپ قالسىلا چىشلىرىنى ھىڭگايتقىنىچە ھۆركىرەيتتى . ئۇنىڭغا ئۈچ ئايلىق ئانىلىق ھورمون ئۇرۇپ سىناق قىلدى ، نەتىجىدە بۇرۇنقىدىن خېلىلا مۇلايىملىشىپ قالدى.

   بىراق بۇ يولۋاس دالادىن تۇتۇپ كىلىنگەن بولۇپ ، بىر نەچچە ئايدىن بۇيان بۇ يەرنىڭ مۇھىتىغا ئاستا–ئاستا ماسلاشقاندىن كېيىن ، مۇشۇنداق مۇلايىملىشىپ كەتكەنمۇ قانداق ؟بۇ تەجرىبە توغرا بولۇشى ناتايىن. ئاخىرىدا شىمىس .ئۆزىنىڭ ئىتى پېتنى ئېسىگە ئالدى.

   پېت شىمىسنىڭ ئامراق ئىتى بولۇپ ، شىزاڭدىن كەلتۈرۈلگەن ھەقىقى ئەركەك ئوۋ ئىتى ئىدى .ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 40 كىلوگىرم كېلىدىغان بولۇپ ، ئىنتايىن ياۋۇز، بىراق ئىگىسىگە ناھايتى سادىق ئىدى . ئۇ ئىت شىمىس ۋە ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقىلار بەرگەن يىمەكلىكنى قەتئىي يىمەيتتى ، مۇبادا باشقىلار ئۇنىڭ چىشىغا تەگسە ياكى بىرەرسى يالغاندىن شىمىس بىلەن . ئۇرۇشسا ، ئۇ ھەتتا بوينىدىكى تۆمۈر زەنجىرنى ئۈزۈپ، ھۇجۇم قىلغۇچىغا جىنىنى تىكەتتى . گەرچە شىمىس بۇ ئىتقا قەتئىي چىدىمىسىمۇ ، ئەمما گىتلېرنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ، ئىتنى تەجرىبە قىلىشنى قارار قىلدى .ئۇ خىزمەتكارىغا ھەر كۈنى ئىتقا يەم بەرگەندە ، قەستەن ئىتنىڭ يىمىغا ئانىلىق ھورموننى ئارلاشتۇرىۋېتىشنى بۇيرىدى . كۆزىتىش ئارقىلىق ، شىمىس ئىتنىڭ يېمەكلىكە ئارلاشتۇرىۋېتىلگەن ئانىلىق ھورموننى بايقىيالمىغانلىقىنى ، ئەكسىچە ناھايتى مەززە قىلىپ يەۋاتقانلىقىنى بايقىدى.

   كېيىن شىمىس (يات جىنىسلارنىڭ بىر-بىرىنى جەلىپ قىلىدىغانلىقى)نىڭ سەۋەبىنى بىلىۋالدى ، يەنى ھورمون مۇھىم رول ئوينايتتى ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ئەركەك ھايۋانلارنىڭ يىمەكلىكىگە ئانىلىق ھورمون قوشىۋېتىلسە ، ئەركەك ھايۋان بۇنى ياقتۇرمايلا قالماستىن ، ئەكسىچە تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كېتىدۇ ، چىشى ھايۋانلارنىڭ يىمەكلىكىگە ئاتىلىق ھورمۇن قۇشىۋېتىلسە ، بۇنىڭ ئۈنىمىمۇ ئوخشاش بۇلىدۇ.

   ئۈچ ئايدىن كېيىن پېتنىڭ مىجەز-خاراكتېرىدە ناھايتى چوڭ ئۆزگۈرۈش بولدى ، ھەتتا ئۇ ئۈنلۈكرەك قاۋىمايدىغان بولۇپ ، ئۇخلاشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ كەتكەنىدى. ئەگەر بۇرۇن بولىدىغان بولسا ، بىرەرسى ئۇنىڭغا تىگىپ قويسىلا ، ئۇ ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ جېنىنى تىكەتتى ، بىراق ھازىر ناتونۇش بىرسى ئۇنىڭ دۈمبىسىگە يېنىككىنە ئۇرۇپ قويسىمۇ ، ئۇ ئېرىنچەكلىك بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ ئۇيقۇسىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ . شىمىس بۇنىڭدىن ھەم قايغۇردى ھەم خۇشال بولدى . ئۇ ئەركەك ئىتنىڭ (خېنىم مىجەز) ئىتقا ئايلىنىىپ قالغانلىقىدىن قايغۇرسا ، بۇ پىلان ئارقىلىق گىتلېرنى بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت ئامالنى تېپىپ چىققىنىدىن خۇشال بولغانىدى.

   1944-يىلى 12-ئاي شىمىس ئۆزى باش بولۇپ (ئېكىس پىلانى)نى يولغا قويدى.

   گىتلېر بىلەن ئۇنىڭ ئاشنىسى ئېيۋا بىروئۇننىڭ جەمئىي بەش ئاشپىزى بار بولۇپ ،ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى ئەنگىلىيە ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئادىمى ئىدى. گىتلېر بەش ئاشپەزنى نۆۋەتلىشىپ تاماق ئېتىشكە بۇيرۇيتتى ، كونكېرت ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا ھەربىي لاۋازىم كونستاتتىن مەسئۇل بولاتتى ، كونستاتتىن بولسا ئەنگىليە ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئادىمى ئىدى. كونستاتتىن بۇيرۇقنى تاپشۇرىۋېلىپ تۇنجى قېتىم گىتلېرنىڭ تامىقىغا ئانىلىق ھورمون ئارلاشتۇرغان ۋاقىتتا ، جىددىيلەشكەنلىكتىن يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس قالغانىدى ، چۈنكى گىتلېر بىرەر شەپىنى سېزىپ قالغان ھامان ئاشپەز ۋە ئۇنىڭ جنىنى ئامان قويمايتتى.

   گىتلېرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ، ھەر بىر قېتىم ئاشپەزلەر تاماق ئەتكەندە تاماقتىن ئىككى كىشىلىك تەييارلايتتى ، ئالدى بىلەن تەكشۈرگۈچى مۇلازىم تاماقنى بىر قۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن ، بۇ ئىكى كىشىلىك تاماقنىڭ خالىغان بىرىنى ئاشپەز ۋە كونستاتتىن ئاۋال يەپ باقاتتى ، ئاخىرىدا ئېيۋا ئۆز قۇلى بىلەن گىتلېر ۋە ئۆزى يەيدىغان تاماقتىن ئازراق كېسىپ ئېلىپ ، تېتىپ باققۇچىلارغا يىگۈزۈپ 20 مىنۇتقىچە بىرەر ئىش بولمىسا ئاندىن ئۆزلىرى يەيتتى . تەكشۈرگۈچى مۇلازىم تاماقتىن ئەۋرىشكە ئالغن ۋاقىتتا كونستاتتىن جىددىيلەشكىنىدىن تەرلەپ كەتتى ، ھېلىمۇ ياخشى تەكشۈرگۈچى مۇلازىم ھېچنىمىنى بايقىيالمىدى . ئەينى ۋاقىتتا ئىتالىيە تەسلىم بولغان بولۇپ، پۈتكۈل ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئەھۋال گىتلېرغا بارغانسېرى پايدىسىز بولۇۋاتاتتى، ئۇ خۇددى تېرىككەك شىرغا ئوخشاش تاماق يىگەچ باشقىلارنى تىللايتتى ، تاماقتىن بىر-ئىككى كاپپام يىگەندىن كېيىن ئۆيگە ئۇرۇش پىلانى تۈزگىلى كىرىپ كىتەتتى. ئېيۋامۇ تاماقتىن ھېچقانداق غەيرىيلىك بايقىمىغاندىن كېيىن ، تامىقىنىڭ بىر قىسىمىنى ئىتقا بېرەتتى . بۇنداق ۋاقىتتا كونستاتتىننىڭ يۈرىكى جايىغا چۈشەتتى. شۇنداق قىلىپ ھەش-پەش دىگۈچە ئىككى ئاي ئۆتتى ،(ئېكىس پىلانى )ئۈن – تىنسىز ھالدا ئوڭۇشلۇق كېتىپ باراتتى . شىمىس گىتلېرنىڭ ھەر – بىر سۆز ھەركىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۈلۈپ ، بىرەر مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتتى .


        ئۇرۇش تەلۋىسىنىڭ ئۆزگىرىشى

   ئەمەلىيەتتە ، پەقەت شىمىسلا گىتلېرغا دىققەت قىلىپ قالماي ، ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى كاتتا شەخىسلەرنىڭ دېققىتىمۇ گىتلېرغا مەركەزلەشكەنىدى.

   ئەڭ ئاۋال ئامېرىكىلىق مۇخبىر سىتراۋ گىتلېردىكى غەيرىيلىكنى بايقىغانىدى. سىتراۋ ئىلگىرى دۇختۇر بولغان بۇلۇپ ، گىتلېرنىڭ يېقىندىن بۇيانقى، بولۇپمۇ نۇتۇقلىرىدىن غەيرىيلىكنى بايقاپ ، بۇ ھەقتە ماقالە يېزىپ گىتلېرنىڭ مىجەز-خاراكتىرىنىڭ زىددىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ، پىسخىكىسىدا مەسلە بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان . سىتراۋ ئاساسلىقى ئىككى تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىنى ئىسپاتلىغان، بۇنىڭ بىرى گىتلېرنىڭ گەرچە بىر ئاشنىسى بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ بىرمۇ پەرزەنتى يوق، بۇ ئۇنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىنىڭ يوقلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ ، ئۇنىڭ كۆپ ئاشنا تۇتىشى ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىدىن بولغان ، چۈنكى ئۇ كۆپ ئاشنا تۇتۇش ئاقىلىق ئۆزىنىڭ ئەركەك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان . يەنە بىرى، گىتلېر نۇتۇق سۆزلىگەندە، بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچە ئاي ئىچىدىكى سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدا ، ھەر قېتىم ئەسەبىيلىشىپ ، يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىغان ۋاقىتتا ، ئاۋازى زىللىشىپ ، قەدىمكى جۇڭگودىكى ئاغۋاتلارنىڭ ئاۋازىغا .ئوخشاپ قالغان .

   سىتاۋنىڭ بۇ ماقالىسى ئەينى ۋاقىتتا ناھايتى چوڭ تەسىر قوزغىغانىدى. گىتلېرنىڭ كىسىلىنى كۆرگەن ، كېيىن سوۋىت ئىتتىپاقىغا قېچىپ بېرىۋالغان دوختۇر كوزدامۇ ناھايتى تېزلىكتە ماقالە يېزىپ مۇنداق دىگەن :( مەن گىتلېرنىڭ نورمال ئادەم ئەمەسلىكىنى بۇرۇنلا ھېس قىلغانىدىم ، فىزولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئاران 1.56 مېتىر بولۇپ ، ياۋروپا قىتئەسىدىكى ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئىگىزلىكىدىن خېلىلا پاكار تۇرىدۇ ، ساغرىسى كەڭ ھەم چوڭ بولۇپ، ئىككى مۈرىسى كىچىك ، مۇسكۇللىرى بوش ، ئىككى پۇتى قىسقا ھەم كىچىك بولۇپ ئۇرچۇققا ئوخشايدۇ . ساغرىسىنى ئۇزۇن قونجىلىق ئۆتىكى بىلەن كەڭ ئىشتىنى توسۇپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيانقى ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيالدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ يول مىڭىشى بارغانسېرى ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدىغان بولۇپ ، قەدەم ئېلىشى ناھايتى نەپىس ، ھەر بىر قەدەم ئالغاندا ئۇنىڭ مۈرىسى ئەسەبىيلىك بىلەن مىدىرلايتتى ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ، سول پۇتىنى ئالدىغا يۆتكەيتتى . ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىدە يەنە ئىڭىكىنى، لېۋىنى يۇقىرىغا قارىتىۋالىدىغان بىر خىل ئادەت بار ئىدى. مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئەسەبىي مىجەز –خاراكتىرگە ئىگە بولغاندىن باشقا ، فىزولوگىيە جەھەتتىن ئەركەك ئەمەسلىكىدىن گۇمانلىناتتىم ، يەنە ئەگەر ، ئۇ ئايالغا ئايلىنىپ قالسا ، يەنەشۇنداق تەلۋىلىك قىلارمۇ دەپ ئەنسىرەيتتىم )

   گىتلېر تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن سابىق ئاشنىسى ئامرېكا مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىن قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دىگەن :(ئادولفتىن ئايرىلىپ كېتىشىمنىڭ سەۋەبى ئېيۋا بىلەن جەڭگى –جىدەل قىلماسلىقنى ئويلىغاندىن باشقا ، يېقىندىن بۇيان ئۇ ماڭا مېھرىبان دادامغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئۇ ياش چىرايلىق ئاياللارغا ناھايتى ئامراق ، ئەمما ئۇنىڭ ئامراقلىقى بارغانسېرى شەھۋانىيلىق تۈسىنى ئالماي قالغانىدى. ئۇ ئاياللار بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى ، بىراق بۇنداق ئىشقىۋازلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقاتتى. ئۇ ئاياللار بىلەن ئۇچرىشىشتىن بىزارئىدى.)

   خىلمۇ خىل ئەپقاچتى گەپلەر بىردەمدىلا ھەممە يەرنى  قاپلىغان بۇلۇپ ، بۇلارنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى . ھەر كىم ھەر خىل پەرەز قىلىشتى . چېرچىل بىلەن شىمىس بۇنداق ئەپقاچتى گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، كۆڭلىدە خۇشال بۇلۇشتى ،چۈنكى بۇنداق گەپلەر قانچىكى كۆپ بولسا ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ پىلانىنىڭ شۇنچە ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.

   بۇنىڭدىن باشقا ، جەڭدە گىتلېرنىڭ زەربە بېرىش ئىپادىسى بارغانسېرى ئاجىزلاشقانىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا ،گىرمانىيەنىڭ ھەربىي كۈچى خېلىلا زور ھېسابلىناتتى ، بىراق ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ قۇرۇقلىققا چىقىش پىلانىنى توسۇش يېغىنىدا جاسارىتى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ كەلگەن گىتلېر ئۇخلاپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بۇ ئۇيقىسى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ قۇرۇقلىققا چىقىش ئورنىغا ھۆكۈم قىلىشقا دەخلى يەتكۈزدى. بۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداش ئارمىيە 1944-يىلى6-ئىيۇن نورماندىيىدە ئوڭۇشلۇق ھالدا قۇرۇقلۇققا چىقتى.

   گىتلېر دەرھال كىلوگنى گىرمانىيە ئارمىيەسى غەربىي سېپىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەپ ، ئىتتىپاقداش ئارمىيەنى توسماقچى بولدى. كىلوگ 14دېۋىزىيىگە قوماندانلىق قىلىپ ، سېنا دەرياسى ئېغىزىدىن كومموندىكى 1-لىنيەگىچە مۇداپىيەدە تۇردى. ئون دىۋىزىيە كوممىنىدىن بىرىتونىس دېڭىز بۇغۇزىغىچە مۇداپىئەدە تۇردى ، ئىككى دىۋېزىيە بىرىتونىس يېرىم ئارىلىنى ساقلاپ تۇردى. ئويلىمىغان يەردىن ئىتتىپاقداش ئارمىيە قاتتىق زەربە بېرىپ ، كىلوگ يالغۇز قالغاچقا بەدەر قاچتى.

   كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان يېرى شۇكى ، بۇنداق مۇھىم پەيتتە قاچقان گېنرالنىڭ جېنىنى ئالىدىغان گىتلېر بۇ قېتىم ھېچنىمە دىمەستىن قۇلىنى يىنىككىنە پۇلاڭلىتىپ قۇيۇپ كىلوگنى چىقىرىۋەتتى .

   1945-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بېرلىنغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى . گىتلېرنىڭ ئاشنىسى ئېيۋا بىر نەچچە قېتىم ئۇنىڭغا توي تەكلىپى بەرگەن بولسىمۇ ئەمما گىتلېر ئۇنىڭغا ماقۇل بولمىغانىدى . ئويلىمىغان يەردىن ، ھەممە يەردە بومبا پارتىلاۋاتقان شۇ پەيتتە گىتلېر ناھايتى سىپايىلىك بىلەن ئېيۋاغا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى ئېيتتى . مۇراسىمدىن كېيىن ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۋالدى. گىتلېرئۆلىۋىلىشتىن بۇرۇن ، ئىز باسارى كارىل دېنتىزگە مۇنداق دىگەن :( مېنىڭ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىۋەرگىم يوق ، بۇ دۆلەتنى ساڭا تاپشۇردۇم ، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلغۇڭ بولسا شۇنداق قىل.)

   بۇ ئشتىن بەزىلەر تەھلىل قىلىپ ، گىتلېرنىڭ مىجەز-خاراكتىرىدىن قارىغاندا ، ئەگەر باشقا سەۋەپ بولمىسا ، ئۇ چوقۇم ئۇرۇشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇ ناتسېست گىرمانىيەسىگە شۇنداق سادىق . ئۇ ئۆمرىدە ھوقۇقنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ ، ئۇ قولىدىكى ھوقوقتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ ، بولۇپمۇ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدىغان ئىشلارنى قەتئىي قىلمايدۇ. قانداق سەۋەبنىڭ ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، دەپ قارىغان

   ئەلۋەتتە ، بۇ نۇقتىمۇ چېرچىلغا ئايدىڭ ئىدى، بىراق شىمىسنىڭ(ئېكىسپىلانى)نىڭ ئۇرۇش مەيدانىدا قانچىلىك رول ئوينىغانلىقىنى چېرچىلمۇ ئېنىق بىلمەيتتى، پەقەت بۇ پىلاننىڭ بەلگىلىك رول ئوينىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولاتتى. شۇڭاچېرچىل ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاشكارا ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، كىچىك كۆلەمدىكى ئوردىن تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ، فاشىستلارغا قارشى تۇرۇش (ئالاھىدە ئۇرۇش سېپى)دىكى كىشىلەرنى تەقدىرلىدى، شىمىس بولسا ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئالاھىدە دەرىجىلىك چەۋەنداز ئوردىنىغا ، يەنى ئەنگىلىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئوردېنىغا ئېرىشتى.

   بۇ ئىش بىر قەدەر سەزگۈر بولغانلىقتىن ، ئەنگىلىيە ھۆكمىتى ئىزچىل سىر ساقلاپ كەلگەنلىكتىن ناھايتى ئاز ساندىكى كىشىلەر بۇ ئىشتىن خەۋەردار ئىدى.2009-يىلدىن باشلاپ 2-دۇنيا ئۇرۇش ۋاقتىدىكى بىر قىسىم ئارخىپلارنىڭ سىرى ئېچىلىشقا باشلىدى . ئۇرۇش تارىخى مۇتەخخەسسىسى ، ئەنگىلىيە كادىف ئونۋېرستىتىنىڭ پىروفىسسورى بروئۇن فورد بىر توننىدىن ئارتۇق ماتېريالنى ئاختۇرۇپ ھەم ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ پېنسىيىگە چىققان 100گە يېقىن خادىملارنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئاخىر (مەخپىي قوال :2-دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلبە قىلىشتىكى پەن تېخنىكا ۋە مۇسابىقە) ناملىق بۇ كىتابنى يېزىش ئارقىلىق كىشىلەرگە بۇ مەخپىيەتلىكلەرنى بايان قىلىپ بەرگەن .


        (شىنجاڭ ياشلىرى)ژۇرنىلىدىن ئېلىندى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbaxikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-23 11:35 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1878
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2250
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3063 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 11:20:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىمەكلىك تەكشۈرۈتە پەن-تېخنىكا ئىشلەتسىمۇ ئاز مىقتاردىكى ھورمۇننى بايقاش تەس...

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14963
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 11:30:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇرۇشنىڭ توققۇزى رەڭ بىرى جەڭ دىگەن شۇدە .
مۇھىم بىر تارىخىي ۋەقەدىن خەۋەردار قىلغنىڭىزغا رەھمەت .

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!
kanjahun بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 11:44:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5431 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 11:45:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ، جاسوسلارنىڭ كۈچى ئاجايىپ ئىكەن ھە، گىتلىرنىڭ يېنىدا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ تولىسى ئەنگىلىيەنىڭ جاسۇسلىرى ئىكەنغۇ، گىتلىرنىڭ جىنسىغا تاجاۋۇز قىلىپ ئۇرۇشنى تۇسمىغان  بولسا بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ خوجىسى گىرمانىيە بۇلاتتىمىكىن دەپ قالدىم.

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99964
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 366
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2013-11-23
ئاخىرقى: 2014-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 11:55:48 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
هه ي گىتلىر

سۇيۇش ئۈچۈن ساق قالسۇن يۈرەك.

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36033
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6387
تۆھپە نۇمۇرى: 104
توردا: 728 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 12:17:05 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گېتلىرنىڭ ئاشپەزلىرى ئەنگىليىلىك جاسۇس بولسا گېتلىر بۇنى بىلمەي قالغاندىمۇ

كەچۈرۋىتىش مۇمكىن بولمىسىمۇ ئەمما كەچۈرۈم سورىماي كىتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس..........

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10306
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2982 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 12:28:18 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گىتلىر توغرىسىدا نۇرغۇن تالاش تارتىشلار بار ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇنداق بىر قاراش بىر قەدەر ئىشەنچلىك:گىتلىر قوش جىنىسلىق ئادەم بولىشى مۇمكىن
گىتلىرنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە سالامەتلىك تەكشۈرتكەن بىرمۇ خاتىرىسى يوق ،ئۇنىڭ پەرزەنتىمۇ يوق ، ئۇنىڭ ھەركەتلىرى بەزى ۋاقىتلاردا بەئەينى بىر ئايال كىشىنىڭ ئۆزى ،

قارىغاندا يۇقىرقى قاراش تېمىدا دېيىلگەن مەخپى پىلان بىلەن مۇناسىۋەتلىككەندە

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92652
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4984
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1121 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 12:37:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمى دىگەن يامان ھېلى مىكىر .ئادەمدەك يامان مەخلۇق يوقتە.................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66149
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3358
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 08:48:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گېتلىر ..................................

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش